خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەللىك How to Stop Snoring
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-20
ئادەتتىكى كىچىك كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماسلىقتەك ئادەت كۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا خەۋپى چوڭ بولغان مۇرەككەپ ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى، لېكىن بىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىرمۇنچە يەڭگىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ، ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. خورەك تارتىش ( 鼾症 ، Snoring ) دەل شۇلارنىڭ بىرى. خورەك تەرەققىي قىلىپ ئېغىر دەرىجىگە بارغاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ.
ئېغىر خورەك تارتىش ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى ( 睡眠呼吸暂停综合症 ، Sleep apnea syndrome ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئوپېراتسىيە قىلىش، ئۇخلىغاندا نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنى تاقاپ يېتىشتىن ئىبارەت ئىككىلا خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ كېسەلنى داۋالاۋاتىدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى 50% ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە 1-2 يىلدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بار، نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ ئۇنى تاقاپ يېتىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق.
ئۇنداقتا بۇ كېسەل قانداق پەيدا بولىدۇ؟
نۆۋەتتە مېدىتسىنا ساھەسىدە بۇ ھەقتە ئورتاقلىققا ئىگە قاراشلار تۆۋەندىكىچە:
- بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ھالەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، يەنى سەمىرىپ كەتكەندە
- گال ئەتراپىدىكى بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشاپ ئېلاستىكلىقى يوقاپ كەتكەنلىكتىن
- نەپەس يولىدا گۆش پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.
بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇخلىغاندا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئېغىرلاشقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئاغرىيدۇ، چارچاش ھېس قىلىدۇ، كۈندۈزى ئاسان مۈگدەپ قالىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ. ئېغىر خورەك تارتىش يەنە مېڭە قان-تومۇرلار توسۇلۇش، يېرىلىش، يۈرەك، ئۆپكە ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورگىنى(NIH)نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامېرىكىدا 17 مىليوندىن ئاشىدىكەن، دۆلىتىمىزدە بولسا 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن.
ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى( ئېغىر خورەك تارتىش) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە: كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىزچىل نورمال ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك ۋە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، ئۇخلىغاندا ئوڭدىسىغا يېتىشتىن ساقلىنىش، ئىمكان بار يانچە يېتىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.
ئەمدى ئېلاننى رەسمىي باشلايمىز:
ئۈرۈمچى سالامەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، دىرېكتورى دوختۇر دولقۇن مامۇت جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سېمىزلىكنى داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، يەنە خەلقئارادا داۋالاش قىيىن مەسىلە دەپ قارىلىۋاتقان ئېغىر خورەك تارتىش كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئارقىلىق، بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە نەزەرىيە سخېمىسىنى سىزىپ چىقتى ھەمدە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھىرىدىن ياسالغان، تەبىئىي تەركىبلىك دورا DLK نى روياپقا چىقاردى. شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىدىكى بىر مەسئۇل خادىم ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە مۇشۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى دەپ باھا بەردى.
نۆۋەتتە ئىلىم-پەننىڭ چېگراسى بولمايدۇ، كىم بالدۇر بايقىسا، ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلسا شۇ تەشەببۇسكارلىق ئورۇنغا ئۆتكەن بولىدۇ، ئېغىر خورەك تارتىدىغان، خورەك سەۋەبلىك سالامەتلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىمارلارنىڭ بۇ دورىنى ئىشلىتىپ، يوشۇرۇن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خورەكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىمكان بەرمىگەنلىك ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ئارزۇسى.
دورا نامى: شىپايى خورەك جەۋھىرى
1. تەركىبى: ئامېرىكا ئادەمگىياھى، قارا ئۇرۇقلۇق چۆپ ئۇرۇقى، بۇرجۈن ئۇرۇقى، نېلۇپەر، پىچەكگۈل، ئىئوۋلېۋا دىنى، دولانا.
2.ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ئېغىر دەرىجىدە خورەك تارتىدىغانلار، سەمىرىپ كەتكەنلەر، يۇقىرى قان بېسىم، قان شېكىرى نىسبىتى يۇقىرى كىشىلەر.
3. ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر: ئۆسمۈر يېشىدىكى بالىلار، ھامىلدار ئاياللار شۇنىڭدەك مۇشۇ مەھسۇلاتقا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر.
4. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى ئەتىگەن – كەچتە بىر كىچىك خالتا (ھەربىر كىچىك خالتا 6 گرام)، تاماقتىن ئىلگىرى قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
5. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، مەزكۇر مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، بۇ نورمال ئىنكاس، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بەدىنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە تېرىسى قېچىشىش، قىزىرىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشنى توختاتسا تېرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ.
[سەھىيە ئىجازەت كېنىشكا نومۇرى] (2006)-650000_000104
[ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرى] 652325010005
[تەستىق نومۇرى] شىنجاڭ سەھىيە ئالاھىدە يىمەكلىك (2007) 127-نومۇر
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-8566887 13609900801
ھەر قايسى جايلاردىكى مەسلىھەت بېرىش ۋە سېتىش ئورۇنلىرى
شايار ناھىيەسىدىن خالقجان گايىت 13119974356
باي ناھىيەسىدىن تۇرسۇنجان تۆمۈر 15109084747
قەشقەر شەھىرىدىن مۇھەممەت تۇرسۇن ( بىرزات)
0998-2820877 15309982787 www.80halta.com
قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787 ، 15309982787
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-8566887 13609900801
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خورەك Snoring
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن پەقەن دوختۇرغىلا دىگىلى بولىدىغان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىمنى ئۇزۇن مۇددەت چەكلىۋەتمەكچى مەن 35ياش ، ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇنىڭ دورىسى بارمۇ ياكى باشقا تىبابەتتە دورىسى بارمۇ
بوسسا تۈركىيەگە ئىبەرتىشنىڭ يۇلىنى قىغان بولساڭلا بوپتىكەن.
ياكى بولمىسا بۇيەردە ۋاكالەتچىدىن بىرنى تۇتۇپ دۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، تۈركىيە بازىرىغا كىرىشنى پىلانلىساڭلارمۇ بۇلاپتىكەن.مەنچە بازار تاپىدۇ.
چۈنكى 1 كىلو ئۇرۇقلىسام ۋەيا سەمىرىپ قالسام دەرھاللام «ۋاي يەنە ئۇرۇقلاپسەن ۋەيا سەمىرىپ كېتىپسەن، جۇما!» دەيدىغان سېمىزلىككە قاتتىق سەزگۈر تۈركلەر ھەم ئۇرۇقلاپ ھەم خورەكنى داۋالاش مەقسىتىدە ياخشى خېرىدا بوپقېلىشى مۇمكىن...
لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى بىرقىسىم قاچاقچى تىجارەتچىلەر خەنسۇلارنىڭ ناچار دۇرىلىرىنى ئەكىلىپ «ئۇرۇقلاش كاپسۇلى» دەپ سېتىپ ، خېلى ئادەملەرنىڭ ئۇرۇقلاپ ئۈلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغاچقا جۇڭگۇدا ئىشلەنگىنىنى بىلسە ئۈركۈپ كېتىشىمۇ تۇرغانلام گەپ!
يەنىلام دۇرىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولسا تۇنۇش بىلىشلەر ئۆز-ئارا تەشۋىق قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرەپ ، ئىشەنچىدىن ئۆتكەندە ئاندىن بۇبازاغا ساساڭلىمۇ بۇلۇتۇ ئەينا!
ئاللاھ س ۋ ت ئۇيغۇرتىبابىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ، ۋىجدانلىق ئىش قىلغان تېۋىپلىرىگە 2 دۇنيالىق بەرەكەت بەرسۇن ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ياخشى تىۋىپلىرىدىن قىلىۋەتسۇن.
ناكەستى ۋە ئۇستا كۆرمىگەن ۋە ۋىجدانسىز تىۋىپلارنى قايسى مىللەتىىن بولسا بولسۇن بىمارلاردىن يىراق قىلسۇن!
شىفا دۇرىدا ئەمەس ، ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ، ئەمما بىز يەنىلام سەۋەبىنى قىلىشقا بۇيرۇلغان!
ئاللاھ بەندىسىگە داۋاسىز كېسەل بەرمەس!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
كىسەللىك ئالامىتى: بىمار 47ياش، ئەر، دىھقان. ئادەتتە پۇت-قوللىرىمنىڭ سۇڭەكلىرى تېلىپ ئاغرىيدۇ،ئىش قىلغاندا، پەشتاقتىن چىققاندا، بىر نەرسە كۈتۈرگەندە، قولنى ئوڭ-سولغا ھەركەتلەندۈرگەندە، ئاغرىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ كىسەللىك ئالامىتى بىلىنگىلى بىر ئاي بولدى. (قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە رىماتىزىم يوقلىقى ئىسپاتلاندى)
بۇ قايسى كىسەللىكنىڭ ئالامىتى؟ قانداق داۋالاش كېرەك؟ قايسى ئىشلار، تاماقلاردىن پەرھىز قىلىمىز؟
مەن سىزدىن بىرئىشتا مەسلىھەت سوراي دېگەن، بىلمىدىم ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلارسىزمۇ ؟
مەندە بىرقانچە يىل بولدى قەۋزىيەت بوپ قالغىلى ،بۇرۇن ناھايتى ياخشى ئىدى .ھازىر مەيلى قانداقلا نەرسە يېسەم ئىشقىلىپ قەۋزىيەت بوپ قالىمەن .دەسلەپ باشلانغاندا ئاز -تولا مېۋە يېسەم ناھايتى تىزلا ئۈنۈم بولاتتى لىكىن ھازىر مىۋە يېسەممۇ ئانچە ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ ،شۇ قەۋزىيەت سەۋەپتىنمىكىن تېخى بوۋاسىر نىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمەن ،مەقىتىم ئەتراپىدا بىر نەرسە پەيدا بوپقالغىلى خېلى بولدى ،قورسىقىمغا داۋاملىق يەل قاپلىشىپلا تۇرىدۇ ،شۇسەۋەپتىن ئوبۇرناغىمۇ بەك كۆپ بارىمەن ،لىكىن ئوبۇرناغا بارسام ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ ....بىلمىدىم مەندىكى بۇ زادى قانداق كېسەللىكتۇ ؟ بۇنى يىلتىزدىن ساقايتىدىغان بىرەر چارە بارمىدۇ ؟ بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ؟رەھمەت ......
ماڭا تۈركىيەگە قانداق ئىبەرتىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاپ بېرىپ بولغۇچە ئاتا-ئاناممۇ ئىستانبۇلغا كەپ قالدىغاندەك تۇرۇدۇ.ئۇلار ئۈرۈمچىدە سىزدىن بۇ دۇرىنى قانداق سېتىۋالالايدۇ؟ بىراز ئۇرۇقلىغانتىم 110 كىلوغا چۈشكەنتىم ھازىر يەنە 115 كىلوغا چىقىپ قالدىم.چۈشلۈك تاماققا سەل كېچىكىپ قالسام شېكىرىم چۈشۈپ قۇلام تىترىگەندەك بۇلۇدۇ.ھەتتا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپۇپ بىراز ماڭسام بېشىم قېىيىپ دۈمچۈشۈدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ، دۇرا يەپ بىراز ساقايدىم.
مۇشۇ سىنۇزىت (بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى) تۈپەيلىدىن بۇرنۇم بىلەن گېلىمغا كېلىۋالغان لاتقىلارمېنى سەل قىيناۋاتىدۇ،بەزەن قۇتۇلاي مۇشۇ ئەزالاردىن دەپ كېتىمەن.(خۇدايىم ساقلىسۇن). بەلغەم بەك كۆپ.
سىز دىگەن دۇرىنى ئۆيدىكىلەر ئالغاچ كەلسە ، شۇ كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بىرىپ قالا ئاللاھىم.
جاۋابىڭىزنى كۈتۈمەن.
ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ.
ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ.
ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ.
ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ.
ياكى سىلىنىڭ دۇكانلىرنىڭ ئىنىق ئادىرسى، نەدىدۇ؟