80خالتا دۇكىنىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھەسەل ئۇچۇرلىرى


ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە 40 كۈن ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇ ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان  بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
80 خالتا دۇكىنىمىزدا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردەن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ <<قولى >> تەگمىگەن ، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ساغلاملىقىڭىزنى ئاسىراپ، چىرايىڭىزنى نۇرلۇق، روھىڭىزنى تېتىك تۇتۇشنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.

تۆۋەندە دۇكىنىمىزدىكى ھەسەل تۈرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ:

تەبئىي قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈمۈلك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل كۆنەكتە ۋايىغا يېتىپ پىشىپ تەييار بولدى. بىزگە دورىلىق ئالىي ھەسەل زاكاس قىلىۋاتقان خىرىدارلار بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!

بۇلتۇر دۇكىنىمىزدا ئۇ ھەسەل پىلانىمىزدىكىدىن 3 ئاي بالدۇر تۈگەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن شۇ ھەسەلنى ئىچىۋاتقانلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئۆزىرىمىزنى بايان قىلغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەنە شۇ قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرى ئېچىلىش پەيتىگىچە ساقلاشقا توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى خىرىدارلىرىمىزنىڭ ھەسەلنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىنكى ئىنكاسى تۆۋەندىكىچە بولدى:
1. ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى زور دەرجىدە ياخشىلاپ دىئابىت بىمارلىرىنىڭ قۇۋۋەت ساقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلىقى بولۇپ قالغان.
2. قاننى جانلاندۇرۇپ يۈرەك، مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان يېتىشمەسلىك ۋە شۇ سەۋەبتىن كىلىپ چىققان روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، زىھنى قۇۋۋىتى چىكىنىپ ئۇنتىغاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرگە ئالاھىدە ماس كەلگەن.
3. سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى ئومومىي بەدەن ئاجىزلاش-جۈملىدىن بۆرەك، پەي-مۇسكۇللار ھەم مېڭىنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەنى تېز كېتىش، سۈيدۈك تامچىلاش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلىقى بولۇپ قالغان.
4. ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالما خىزمىتىنى ياخشىلاپ تۇخۇمدان، بالياتقۇنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، يۈرەك-مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، كەم ماغدۇرلۇق، ئادەت-قالايمىقان بولۇش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بەرگەن .
5.ئۆپكە تىبېركوليۇز ، زېققە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىكى دەم سىقىلىش، يۆتەل، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بەلغەمنى تازىلاپ ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلىغان.

ئۆز سۆزىمىز:

ھەسەل ھەرىنى يايلىتىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن كۆرە ئەمەلىي تەجىربىمىزگە قارىغاندا بۇ دورىلىق ئالىي ھەسەل: ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: دىئابىت كېسەللىرى، بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش،  ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. جۈملىدىن تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 80 يۈئەن
100% ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى؛ بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىمىزدىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. (بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ) ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 60 يۈئەن

باشقا چېچەك ھەسىلى ئارىلاشمىغان ئالىي دەرىجىلىق يانتاق چېچىگى ھەسىلى، ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان -ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىش، زەھەر تازىلاش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، گېمىروي(بوۋاسىر) غا مەنپەئەت قىلىش، چىراينى سۈزۈش، ئىچكى ئاجرالمىلار توسۇلۇش سەۋەبلىك ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 50 يۈئەن

80خالتا كېرەك چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى

مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787  ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)






[Birzat بۇنى 2012-12-07 04:33 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەسەل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 28 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmerdan[2010-06-27 01:02 PM | del]
نەچچە قېتىم دۇكانلىرىغا بارسام تېخى ئۇ ھەسەل كەلمىدى دەپ قۇرۇق قول يولغا ساپتىلە ئاخىرى كەپتۇدە ئۇ ھەسەل. ھەسەل، تاتلىق نەرسە يېگەن بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. دادامغا ئالىيراق ھەسەل ئالغاچ باراي دەپ دۇكانلىرىغا كىرىپ ھەسەلنىڭ تەمى تېتىپ كېتىپ مانا شۇندىن بىرى مۇشۇ ھەسەلگە كۆۈنۈپ قالدىم. باشقا ھەسەل تېتىمايدۇ. دادامغىمۇ بىر نېمە يارىمايتتى، ما ھەسەلنى تولا سۈيلەپ كەتتى. پۇلۇڭ بولمىسا پۇلىسىنى مەن بىرەي دەپ ئادەمنى خىجىل قىلىپ. ئاغىنە باللامۇ ئالماقچى ئىدى. تېخى كەلمەپتۇ دەپ ئالدىنى توسۇپ قويغانتىم. ئەمدى ئۇلارمۇ دۇكانلىرىغا بارسا بولغۇدەك. ھە راس بۇ قېتىم قىممەتلەپ كەتمىگەندۇ؟!! قەشقەدىغۇ بولاپ بەدى ئەمدى گۆش قىممەت بولاپ كەتتى ھاجىم دەپ.
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-29 01:05 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ھەر كىلوگىرامىدا 7-8 يۈئەن قىممەترەك توختاپتۇ ئۆزىمىزگە.
回复قايتۇرماhiridar[2010-06-28 01:30 PM | del]
ھەجەپ يىگۈسى كەلتۈردىڭىز. جىڭ ھەسەل بولسا يەپ قويىدىغان بولاپ كەتتۇق ئۆي بويچە ھەممىمىز. ھەسىلىڭىز يۇقۇردا ئېيتقىنىڭىزدەك ئىسىل بولسا ، پۇلىسى مۇۋاپىقراق بولسا 10 كىلو ئالاي. باشقا شەھەردە بولساق ئەۋەتىپ بىرەلەرسىلەرمۇ؟ سەل بىكار بولغاندا تېلفۇن چالاي.

Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-29 01:04 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئەۋەتىپ بىرىمىز.
回复قايتۇرماAkpar[2010-06-30 01:14 AM | del]
ئۇچۇر بەرگەنلىرىگە رەخمەت تۇرسۇن مۇھەممەت ھاجىم ! مەنمۇ ساپ جىگدە ھەسىلى تاپالماي يۈرەتتىم ، ھىچ بولمىغاندا ئاقسۇدىن تېپبالارمەن دىگەن ئۈمىددىمەن . پىخسىخلىق قىلماي ئەۋەتىپ بىرەلا ھە !
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-30 05:44 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئەۋەتىپ بىرىمىز خۇدا نىسىپ قىلسا.
回复قايتۇرماaziz[2010-06-30 10:47 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ،ھاجىم مۇشۇ ئۆپكە كىسىلىگە پايدا قىلىدىغان ھەسەل بارمىدۇ ؟ئۆپكە كىسەل  يەني سىل كىسەل توغرىسىدا  بىر مەسلەت بەرسىلە بوپتىكەن ، ئاپامنىڭ مۇشۇ كىسىلى بارتى (ئاساسلىقى سوغوقتىن بولغان )، غەرىپچە دورىلار  قەتئي پايدا قىلمايدىكەن ،ھازىرغىچە مىللى تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ،    شۇڭا مۇشۇ كىسەلگە  ياخشىراق دورا  ياكى  ھەسەلدەك نەرسىلەر بولسا  سىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ  سېتىۋالسام
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-30 12:57 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئالدىدا بىر تورداشنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋان يېزىپ كۆرسەتمە بەرگەن ئىدۇق. كۆرۈپ پايدىلانغايلا:
1.ئىبنى سىنا ھەكىم << سىل (تۇبرىكۇليۇز ) كېسىلىگە گېرىپتار بولغۇچىلار گۈلقەنتنى ناننىڭ ئورنىدا يېسۇن>> دېگەن ئىكەن. ئاپتاپتا ياخشى پىشقان قىزىل گۈلقەنتتىن كۈندە 3-4 قېتىم 1-2 قوشۇقتىن يەپ بەرسۇن.
2. 2-3 كۈندە ، بىر كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ بىمارنىڭ دۈمبىسىگە-يەنى ئۆپكىنىڭ ئۇدۇلىغا قېنىنى ئېقىتىپ بىردەم تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئىلىمان سۇ تەڭشەپ لۆڭگىدە سۈرتىۋەتسە بولىدۇ. ئاندىن كەپتە سويۇپ ئارقا تەرپىدىن ياخشى تازىلاپ ، ئىچىگە ناۋات، ئاقلانغان ئۈجمە يېلتىزىدىن 2-3 گىرامدىن سىلىپ تىكىۋېتىمىز. ئاندىن دۈملەپ پۇشۇرۇپ بىمارغا يىگۈزۈپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3.كۈندە بىر ۋاخ ياش پاقلان گۆشىدە-خېمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن يەرگە تېرىلغان چامغۇر، سەۋزە قاتارلىقلارنى كۆپرەك سىلىپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بىرىدۇ.
قۇۋۋەتلىك بېقىلىدۇ، سوغۇقلۇق، يەللىك غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
4. تۆگە سۈتى، ھەسەل، ئاقلانغان بادام مېغىزى، خوما قاتارلىقلارنى يەپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى بار.
دورىلاردىن :
ئەگەر يۆتەل بولسا : سۇپۇپى سۇئال مۇرەككەپ، زۇپا شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچىپ بېرىدۇ. ئاندىن ھەببى مارى بەرەسنى ئۈزمەي بىر قانچە كۇرۇس ئىچىپ بىرىدۇ. بەدىنى ئاجىزلاپ ئورۇقلاپ كەتكەن بولسا مەجۈنى لۇبۇبى سەغىر، لۇبۇبى كەبىر، ھالۋايى بەيزە، ماددىتىل ھايات قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. يۆتەل ئېغىرلاپ يۈرەككە بېسىم چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا ئەبرىشىم شەربىتى قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇنىڭ ھەم ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە پايدىسى بار.
يەنە بىرسى مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىل يازغان << جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش >> دېگەن كىتابتا بىر رېتسىپ تونۇشتۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان. بولۇپمۇ كېسەللىك ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتكەن بىمارلارغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ:
خۇرۇچلار:
قورۇلغان زېغىر، ئاقيەر يېلىنى، ئۇچقۇر پاقا 100 گىرامدىن،
قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى، يۇپقا زەنجىۋىل، توم زەنجىۋىل، تازىلاپ سارغايتىلغان تۇخۇم شاكىلى، بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، يالپۇز، پىننە، قورۇپ قاسرىقى تازىلانغان ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى، ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى 50 گىرامدىن،
ئاقىرقەرھا، قارىمۇچ، ئاقمۇچ، داشاڭ، قەلەمپۇر، كۇندۇر، ئالى بۇغا مۈڭگۈزى تالقىنى، كابۇل ھېلىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، شاقاقۇل، تۇخۇمى خەشخاش (ئەپيۇن ئۇرۇقى)، يانتاق چېچىگى، سۇمبۇل، قاقىلە 30 گىرامدىن،
كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، بوزۇغا، مەرۋايىت، لاچىندانە، جويۇز، كاۋاۋىچىن 20 گىرامدىن،
تولۇق ئۆلتۈرۈلگەن سىماپ، توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى، موزا، زەھەرسىز ئامىلە 15 گىرامدىن،
زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا، زەپە، ئاقاقىيا 10 گىرامدىن،
ئىپار 2 گىرام،
يېتەرلىك ھەسەل جەۋھىرى.
ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: ئىپار بىلەن زەپەنى سالايە قاچىسىدا يۇمشاق ئەزگەندىن كىيىن ھەسەل جەۋھىرىگە تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق تالقان قىلىپ ھەسەل جەۋھىرىگە سىلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
دورىنى كۈندە ئىككى قېتىم (ئەتتىگەن -كەچ) تاماقتىن كىيىن 7-8 گىرامدىن، قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە يىلىڭ يۈرمەسلىك، سۇغا چۈشمەسلىك، سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك لازىم.
پەرھىز تەرتىپى:
يەل-يېمىش، كالا، قوتاز، تۆگە، بېلىق گۆشلىرىدىن، گۈرۈچ، ياڭيۇ، تۇرۇپ، پالەك، جاڭدۇ، جىياڭيۇ، لازا-ئاچچىقسۇدىن پەرھىز تۇتۇپ قوي گۆشى، كەپتە، تۇخۇم، ياڭاق يېيىشى، سۈت قېتىق ئىچمەسلىك، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ساپ ھەسەل (بادام چېچىگى ھەسىلى، دورىلىق قۇۋۋەت ھەسىلى- يۇقۇردا بىز تەۋسىيە قىلغان ھەسەل) ئىچىپ بېرىشى لازىم. بۇ تولۇق دورا رېتسىپى بىلەن ياسالغان بىر قېتىملىق دورىدىلا ئۆپكە قاداق بولغان ، تېشىلگەن، ئۈچەي ئاشقازانلاردىكى يارا-ئۆسمە قاتارلىقلارمۇ تەلتۆكۈس ساقىيىدۇ. (ئاللاھ خالىسا) . بۇ نۇسقىدىكى دورا بىلەن يەنە ئۆپكە ، كاناي ياللۇقى، رېماتىزىم، ھەر خىل ئۇستىخان كېسەللىكلىرى (سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش، سۆڭەك تۇبۇركۇليۇزى)، ئاياللار كېسەللىكلىرى ساقىيىدۇ.
回复قايتۇرماYuksel[2010-06-30 03:18 PM | del]
بۇ ھەسەلنىڭ دورىلىق تەسىرى قويۇپ تۇرۇپ، ساپلىقى ۋە تەمىگە كېلەيلۇق. ئېيتاۋۇر، ئۆتكەن يىلى بىرزات ھەكىم ئۆز خانىدانىغا مۇشۇنداق بىر ئېسىل دورىلىق ھەسەلنىڭ كەلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە 3 قۇتا ( بەلكىم 6 كىلو ) كەلتۈرۈپ ، چوڭلار ۋە ئاكاملارغا بىر قۇتىدىن ھەدىيە قىلغان بولدۇم، ئۆز ئۆيۈمگە 1 قۇتا ئېلىپ كىردىم. ئومۇمەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەسەل ھەققىدىكى تەرىپلىرى ئىنتايىن ياخشى بولدى. خۇشپۇراق، تەمى ئېسىل ، ھەقىقىي ساپ ھەسەل ئىكەن ، دېيىشتى. بولۇپمۇ ئاپامغا بۇ ھەسەل ئالاھىدە ياراپ كەتتى. چۈنكى، ئاپامنىڭ ئەسلىدىن ئاشقازان ياللۇغى بار بولۇپ، ھەسەلنى كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان ئادىتى بار ئىدى، ئەمما، ئىلگىرىكى بازاردىن ئېلىنغان ھەسەللەر گاھىدا ياخشى - گاھىدا ناچار چىقىپ قېلىپ دېگەندەك، ئاپامغا تازا ياراپ كەتمىگەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، بىرزات ھەكىمىنىڭ سەۋەبى بىلەن بۇ ئېسىل ھەسەلگە ئۆگىنىپ قالدۇق، شۇندىن ئېتىبارەت ئۆتكەن يىلى ئۇدا 3 نۆۋەت 3 قۇتىدىن چىقارتقۇزۇپ ئىشلىتىپتۇق. بولۇپمۇ ئايالىم ئىككىقات مەزگىلدە بۇ ھەسەل ئوغلۇمنىڭ ئانسى ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بىرزات ھەكىم كۈندىلىك ئىشلاردا پايدا - زىياندىن، ئادىمەتچىلىكنى، ئىنساپ - دىيانەتنى ئەلا بىلگەنلىكى ، ئىشەنچنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ھەكىمدىن ئېلىپ ئىشلەتكەنلا نەرسە بولسا ھەممەيلەن ناھايىتى خاتىرىجەم ئىشلىتىدىكەنمىز. ئىشلىتىش جەريانىدىكى خاتىرىجەملىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغان تۇيغۇ سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ھەكىم جانابىلىرى تەييارلاپ بەرگەن شىپايى يېمەكلەر كىشىگە بىرخىل ھوزۇر بېغىشلايدىكەن.
بىرزات ھەكىمنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت نىسىپ بولغاي!
回复قايتۇرماbazar[2010-06-30 05:28 PM | del]
ھەسەلنى ئىشەنچىلىك جايدىن، ئىشەنچلىك ئادەملەردىن ئالمىسا ساپ، ئىشەنچلىك ھەسەل تاپماق بەك تەس بولاپ كېتىپتۇ. مەخسۇس << ھەسەل>> ياساپ تىجارەت قىلىدىغان زاۋۇتلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىدۇق. بەزىلەر كۆنەكتىن ئىلىپ بەردى دەپ چوڭ بىلىپ كېتىدىكەن. ئىنسان دېگەن ھىيلىگەرلىكتە بىر يەرلەرگە بىرىپتۇكى شۇ ھەرە كۆنىكىگە ئۇستاتلىق ئىشلىتىپ ئادەملەرنى قارىتىپ تۇرغۇزۇپ ئەپلىۋېتىدىكەن.
بۇرۇنلاردا ھەسەل دىسىلا ھەرە ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھەسەلنى كۆرسىتەتتى، كىيىن ساپ ھەسەل دېگەن ئاتالغۇ ئوتتۇرغا چىقتى، ئۇندىن كىيىنراق ئىشەنچلىك ساپ ھەسەل دەيدىغان گەپ ئوتتۇرغا چىقىپتۇ. ئەمدى بولسا ھەسەل دۇكانلىرىغا ھەقىقى ئىشەنچلىك ساپ ھەسەل دەپ يېزىلىدىغان بوپتۇ. كۈلۈپ كېتىپتىمەن. ساختىلىق ، كاززاپلىق ئەۋج ئىلىپ كىتىپ كىشىلەردە ئۆز ئارا ئىشەنچ يوقىلىۋاتقان بولغاچقا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدىغان سۆزنى ۋەدە قەسەملەرگە تولغان تۆت ئېغىز سۆز (ھەقىقى+ئىشەنچلىك+ساپ+قارا ھەرە+ھەسەل )  بىلەن ئىپادىلەپ ئۆزىمىزنى قىيناپ يۈرۈپتىمىز.
ئەمەلىيەتتە ھەسەلنىڭ ساقلىقىنى ئاسىراش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ھەسەل ئىچىپ تۇرغان كىشىلەرگە مەلۇمكى ھەسەل ئىچىپ بىرىشنى داۋاملىق ئادەت قىلسا  قەۋزىيەتنى، سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلايدۇ. جىگەر، بۆرەك، مېڭە، ئاشقازان، يۈرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق ھىسابلىنىدۇ. قان تومۇرلارنى ئاسىراپ ھەر خىل قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. روھىي كەيپىياتى تىتىكلىشىپ چىرايى سۈزۈلۈپ نۇرلىنىپ كېتىدۇ. ئاسان چارچايدىغان، پۇت-قوللار ماغدۇرسىز ھېس قىلىدىغان ئىشلار تۈگەيدۇ. بۇنى ناشتىلىقىدا 2-3 ئاي ئىزچىل ھەسەلنى ئايرىمايدىغان ئادەملەر رۇشەن ھېس قىلالايدۇ. ئاڭلىسام بىرزات ئۇستامنى ھەسەل بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋاكالەتچىسى ئون نەچچە يىللىق تەجىربىلىك ھەسەلچى بولۇپ ئادىمىيلىكى، مۇسۇلماندارچىلىقى، راستگۇيلۇقى تەرىپلەشكە ئەرزىگۈدەك كىشى ئىكەن.
ئۆتكەندە پاراڭ ئارلىقىدا باللا بىلەن ئولتۇرۇپ مۇشۇ گەپلەر بولۇندى. 80خالتا دۇكىنىدىكى ھەسەللەرنىڭ تەرىپىنى قىلىشتۇق.
راستچىل تىجارەتچىلەر گۈللەنسۇن، ئىشلىرى روناق تاپسۇن. راستچىل تىجارەتچىلەر روناق تاپسا، بەركەت تاپسا كەڭ خەلق ئاممىسى، ئىستىمالچىلارمۇ مەنپەئەتدار بولىدۇ. خاتىرجەم ئىستىمال موھىتىغا ئىرىشەلەيدۇ.
回复قايتۇرماhasal[2010-07-02 07:39 PM | del]
ھەسەلنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كىچىك قاچىغا يېرىم قۇشۇق ھەسەلنى تۈكۈپ ئاغزىنى ئوچۇق قۇيىمىز، بىر-ئىككى كۈن ئۆتكەندىن قاراپ باقساق، ھەسەلگە چۈمۈلە ئولاشقان بولسا راست ھەسەل بولغان بۇلىدۇ، ئولاشمىغان بولسا ھەسەل ئەمەس باشقا نەرسە ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ.
回复قايتۇرماhasalchi[2010-07-02 09:40 PM | del]
نەقىل مەنبەسى hasal نەقىل مەنبەسى hasal
ھەسەلنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كىچىك قاچىغا يېرىم قۇشۇق ھەسەلنى تۈكۈپ ئاغزىنى ئوچۇق قۇيىمىز، بىر-ئىككى كۈن ئۆتكەندىن قاراپ باقساق، ھەسەلگە چۈمۈلە ئولاشقان بولسا راست ھەسەل بولغان بۇلىدۇ، ئولاشمىغان بولسا ھەسەل ئەمەس باشقا نەرسە ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ.


بۇ تازا ئاقمىغان گەپ بوپتۇ. چۈمۈلە دېگەن قەن-ناۋاتنى قويۇپ قويسىمۇ شۇ ئەتراپتا بولسىلا بىردەمدە ئولىشىپ بولىدۇ. يەنە بىرسى ئەگەر جىڭ ھەسەل بار يەردە چۈمۈلە بولمىسا ئۇ ھەسەلنى قويۇپ بىرەر ھەپتە ساقلىسىمۇ چۈمۈلە كەلمىسە بۇ ھەسەلنى ساختا ھەسەل دېيىش كېرەكمۇ؟
回复قايتۇرماakilsiz[2010-10-08 05:11 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .بىرزات ئەپەندىم
مىنىڭمۇ بەل ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ بۇ ھەسەلدىن ئەپسۇس مەن ئالالمايمەن لېكىن ئاتا ئانامغا بولسىمۇ ئەۋەتىپ بىرەيدىگەنتىم قانداق قىلىشىم كىرەك؟؟
回复قايتۇرماErkinr[2011-01-07 01:42 PM | del]
بەك ياخشى ئىكەن،بۇقېتىم قايتاشىدا ئازراق ئالغاچ كەتسەم بولغۇدەك!
回复قايتۇرماتارىم[2011-01-12 03:33 PM | del]
ئۈستىدىكى ھەسەل ھەققىدە قوشاق كەپقوياپتۇ جۇما...
回复قايتۇرمادانىش[2011-02-24 11:48 PM | del]
مەنمۇ ھەسەل ئالاي دىگەن ،بارمۇ؟
回复قايتۇرمامصهمان[2011-03-02 05:55 PM | del]
هةسةللةرنى توردا سىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالغىلى بولمامدۇ؟يەنى تېلىفۇندا كۆرۇشمەي تۇرۇپ......
回复قايتۇرماkareem[2011-04-09 00:58 AM | del]
جۇڭگو بازىرىدىكى ھەسەلىنڭ 80%يالغان ، ھاجىم ئۆچۈرۋەتمەي خاتىرجەم چىقىرىپ قويسىلا ، خا
تالىشىدىغان ئىش بولسا مەن كۆرەي ، ئامال بار ھەسەل باقىدىغانلاردىن ئېلىپ يەڭلار ،ئىچكىردە جىڭ ھەسەلىنى مىليۇن پۇلى بارلارمۇ يىيەلمەيدۇ ، بازاردىكى قوتىلىق ھەسەلىنڭ 80%يالغان ، بولمىسا ۋاڭ يى دېگەندەك داڭلىق توربەتلەرگە كىرىپ ئاختۇرشۇپ بېقىشالا ، ھەسەلىنى پارتيمىز چىشمغاندكىن قورقىماي چقىرىپ قويشىسلا ، خاليىقمۇ كۆرەپ قويشىسۇن جڭ ھەسەلىنڭ قەدرىنى ....
回复قايتۇرماizqil[2011-05-13 10:48 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندىم  سىلەرنىڭ ھەسىلىڭلارنى بەك ئالغۇم بارئىدى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپمۇ سېتىۋالغىلى بۇلامدۇ ؟. بانكا كارتاڭلارغا پۇل ئۇرۇپ بەرسەم ئەۋەتىپ بىرەمسىلەر؟.
回复قايتۇرماderwix[2011-05-20 00:21 AM | del]
ھەسەل ياخشى بىراق يۇقۇرقىدەك جىڭلىرى نەدە ھازىر ھەسەل-ھەرىلىرىنى  شەكەر بىلەن بېقىۋاتسا گۈل چېڭىنى يىمەي شېكەر يەۋاتسا ؟ يىسىڭىز ھەممىسى تاتلىق تۇرسا  پايدا قىلمىسىمۇ زىيان قىلمايدۇ دەپ سېتىۋاتسا ھەسەلگە ئىشەنچىمىز تۆۋەنلەپ كەتتى ھازىر مودا بۇلۇۋاتقان تاڭلوبىڭ بولغانلىغۇئەسلى دەككە-دۈككىدە يىيەلمەيدۇ ؟بوپتۇ سىزنىڭكىنىمۇ يەپباقايلى
回复قايتۇرماtamqi11[2011-05-20 09:04 PM | del]
بوھەسەلنى غولجدمو ساتامدو؟
回复قايتۇرماpalani[2011-06-06 11:54 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم .خاڭجۇدا بولساق ئەۋەتكلى بۇلارمۇ؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2011-08-21 07:32 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئەۋەتكىلى بولىدۇ.
回复قايتۇرماjambaz[2011-07-20 10:20 AM | del]
خۇداغا شۈكرى   .   ھەنىمە بولسىمۇ يىڭى  ھەسەل  كەپتۇ دۇكانلىرىغا ،قارىم  .بىزمۇ ئىلىپ قويارمىز ئەرزان بەرسىلە .باھاسىنى ئۆستۈرۋالمىسىلاجۇما!!!!!!!!!!!
回复قايتۇرماiltebir[2011-08-12 06:42 PM | del]
بۇ ئىچىملىكنى ئەجەپ مەن ئاڭلىماپتىكەنمەن. بولمىسا خېلى بۇلىدىغان ئىچىملىككەن.
回复قايتۇرماteqezza[2011-08-19 07:17 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىرزات ئەپەندىم، مەن دورىلىق ھەسەلدىن ئالاي دەپ ئويلىغان، دورىلىق ھەسەلنىڭ ھازىرقى باھاسى قانچىلىكتۇ؟ ئاقسۇدىن ھەسىلىڭلارنى سېتىۋالغىلى بۇلارمۇ؟ ئەگەر سىزدىن ئاقسۇغا سالدۇرماقچى بولساق قانداق سالدۇرىمىز؟ كىرا قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ ھەسەلدىن جىقراق ئېلىپ ساقلاپ ئىستىمال قىلماقچى بولساق نىمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟
回复قايتۇرماibrahim[2011-09-27 06:36 PM | del]
ئەسسالام بىرزات ئەپەندى ،مەن مەكىتتىن بولىمەن ،سېلىنىڭ ھەھەللىرىگە قىزىقىپ قالدىم ،ئالاي دىگەن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.