يەپ تويماسلىق كېسىلى ھەققىدە( شەھۋىتى كەلبى) [تېبابەت بىلىملىرى]



<<شەھۋىتى كەلبى>> دېگەن ئەرەپچە ئىت ئىشتېيى دېگەنلىكتۇر. بۇنداق كېسەلگە دۇچار بولغان ئادەم ھەر قانچە كۆپ تاماق يېسىمۇ تويمايدۇ. ھەتتا يەيدىغان نەرسىلەر ئالدىدا تۇرسىمۇ بىر داستخاندا ئولتۇرغانلار بىلەن تالىشىپ جىدەل قىلىدۇ.
سەۋەبى:
(1) سوغۇق ۋە قاتۇرغۇچى ماددىلار مەيدىنىڭ مىزاجىنى بۇزۇشى-تەشنالىقنىڭ بولماسلىغى مەيدىنىڭ كۆپۈپ تۇرۇشى بىلەن يۇقۇرقى ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. بۇنداقلارنى داۋالاشتا مەيدىنى قىزىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.
مەسىلەن: جۇۋۋىنە، زېرە، رۇمبەدىيان، مەستىكىلەرنى ئېغىزدا چايناپ تۇرۇپ سۈيىنى يۇتۇش ھەم مەيدىگە سېرتىدىن سۇمبۇل قايناتقان سۇغا جويۇز سۈرۈپ چېپىش لازىم. مۇرەككەپ دورىلاردىن جاۋارىش جالىنۇس ئىچىپ بىرىلىدۇ.
(2) بەلغەم ئارىلاشقان سوغۇقلۇق: ئېغىزدىن شۆلگەي كۆپ چىقىدۇ. بۇنداقلارغا ئالدى بىلەن ھەببى قوقىيا ياكى ھەببى ئايارەنج ئىچكەندىن كىيىن جۇۋۋىنە، زېرە، رۇمبەدىيان، مەستىكىلەرنى ئېغىزدا چايناپ تۇرۇپ سۈيىنى يۇتۇش ھەم مەيدىگە سېرتىدىن سۇمبۇل قايناتقان سۇغا جويۇز سۈرۈپ چېپىش دېگەن ئۇسسۇل قوللىنىلىدۇ.
(3) مەيدىگە سەۋدانىڭ كۆپ قۇيۇلىشى: مەيدە بوشىغاندا قاتتىق ئېچىشىش، مەيدە ئېغىزىدا كۆيۈشۈش ئالامىتى بولۇپ ، تاماق يېيىش بىلەن پەسىيىدۇ. بۇ خىلدىكىلەرگە مەتبۇخى ئەپتىمۇن بېرىپ تال ئۈستىگە ھىجامەت قويۇلىدۇ. چۈچۈمەل نەرسىلەردىن ساقلىنىش بىلەن قوي ، كالىنىڭ بۆرەك ياكى چاۋا يېغىنى يېيىش كېرەك. مەجۈناتلاردىن جەۋارىش نارمىشكى ياكى خۇبسىلھەدىد بىرىلىدۇ.
(4) مەيدىگە بەلغەم قۇيۇلۇشى: كۆپۈنچە نەزلىدىن كېيىننەزلە ماددىسى مېڭىدىن مەيدىنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇلىدۇ. چۈچۈمەل كېكرىك چېقىدۇ. ۋە ئاغرىشتىن بۇرۇن زۇكام بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. ماددىنى تازىلاش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا ياكى ھەببى سەبرە بېرىلىدۇ. غىزاسىغا دارچىن، پىلپىل، سۆئىتەر، زېرە سېلىپ توخۇ شورپىسى بېرىلىدۇ.
(5) ئۈچەيدە مەددە قۇرتلىرىنىڭ بولىشى: ئارقا تەرەتتىن مەددە چۈشىدۇ. يەپ تويمايدۇ. بۇنداق ھاللاردا مەددىنى يوقىتىش بىلەن جاۋارىش نارمىشكى بېرىش كېرەك.
پايدىلانغان ماتېريال: مەرھۇم تۇردى مۇھەممەت ئاخۇن يازغان، 1975-يىلى نەشىر قىلىنغان << ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى >> .




[Birzat بۇنى 2010-06-26 06:25 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تويماسلىق، كېسىلى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaltunistaka[2010-06-28 01:33 PM | del]
تۆۋە مۇنداقمۇ كېسەللىك بولىدىكەندە
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.