جىنسىي ھەۋەس شاش بىر ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇنى بويسۇندۇرۇشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ!


[size=16]ئىلگىرى ئۆتكەن دانالىرىمىز جىنسىي ھەۋەسنى شاش بىر ئاتقا ئوخشاتقان ئىكەن. بۇ يەردىكى شاش ئاتتىن مەنا- باشقۇرماق تەس بولغان شاش ئاتنى ئۆز مەيلىچە تېزگىنسىز قويۇۋەتسەڭ ئۇ سېنى ھالاك قىلىشى مومكىن. ئۇنى ياخشى يۈگەنلەپ ھايات مۇشكۇلاتلىرىڭغا، ھاجەتلىرىڭگە ئىشلەتسەڭ ئۇ ساڭا قانات بولۇپ كۆزلىگەن مەنزىل، مەقسەتلىرىڭگە  بىخەتەر يەتكۈزۈشى مومكىن. تەھقىقكى جىنسىي ھەۋەس ئەنە شۇ شاش ئاتقا ئوخشاش ياكى سىزنى ھالاك قىلىدۇ ياكى كۆزلىگەن مەنزىلىڭىزگە- مۇھەببەتلىك ئىشىق قەسىرىگە خەتەرسىز يەتكۈزىدۇ. ئەمدى ئەنە شۇ << شاش ئات>> نى تىزگىنسىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئاخىرى ھالاك بولۇش گىرداۋىغا بىرىپ قالغاندا قانداق چۈشۈشنى بىلەلمەي قالغان مەلۇم بىرتورداشنىڭ بلوگىمىزغا ياردەم سوراپ قالدۇرغان بىر پارچە مەكتۇبى بار ئىكەن، قاراپ باقايلى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ، ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلغاي .مەخسەتكە كەلسەك، مەن بىر ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىسى، مەن بەش ئالتە يىلدىن بۇيان كەيىپ -ساپاغا بەك بىرلىپ كەتتىم، بۇلۇپمۇ جىنسى تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىم بەك يۇقىرى، بۇرۇن ھەپتىگە بىر ئىككى قىتم ھېىلىقدەك يەرلەگە باراتتتم<پاھشخانا> ،ھازىر جەمىيەتتىكى بەزى كېسەللىكلەرنىڭ يامرىشى بىلەن مەندە بىر خىل ئەنسىزلىك پەيدا بولدى، شوڭا ھازىر مەكتەپتىكى بەزى قىزلار بىلەن ھەپتىدە ،ئايدا ،ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە قۇنۇپ قالدىغان بولدۇم. مەن ئۆزەمنى بۇنداق ئىشلاردىن توسقان بولساممۇ ئەمما ئۆزەمدىكى جىنسى مۇناسىۋەتكە بولغان يوقىرى دەرجىدكى قىزقىشىم مىنى بەك بىئارام قىلۋاتىدۇ . ئاخشىمى بەدىنىم قىزپ ئۇخلىيالمايمەن، ئاشۇنداق ئىش قلغۇملا كىلدۇ، قەتتى ئۆزەمنى تىزگىنلىيەلمەيۋاتمەن. مەندكى مۇشۇ جىنسى مۇناسىۋەتكە بولغان يوقىرى دەرجىدىكى قىزقىشىم ۋە بېرىلىشىم مىنىڭ كىينكى تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟؟؟قانداق قىلسام بۇ ئىشنى ئويلىمايدىغان ،خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان ئۆزەمنى تىزگىنلەيدىغان بۇلمەن؟؟؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

بالاغەت يېشىدىن ھالقىغان بەزى ياشلاردا شەھۋەتنىڭ ئېشىپ كېتىشى نۇرمال ھادىسە بولۇپ شۇ سەۋەبلىك بىنۇرمال جىنسىي تۇرمۇش پاتقىقىغا پېتىپ قىلىش ۋە ياكى ئۈگۈنۈش، بىلىم ئىلىشقا نىسبەتەن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىپ كەلگۈسىنىڭ خىرەلىشىپ قىلىشىدىن خەۋپسىرىگەن ياشلارغا نىسبەتەن شەھۋەتنى كېسىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى تۆۋەندىكىچە:
يۇمغاقسۈتنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىڭ! تاماققا سىلىپ يەپ بەرسىڭىزمۇ ياكى سېقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن كۈندە بىر-ئىككى قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كاۋاپ-پولو، كەپتە ، پاقلان شورپىسى، ياڭاق، خورما دېگەندەك قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇقلارنى ئىمكان بار ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ!
بولسا ئانچە مۇنچە قورساقنى ئاچ تۇتۇڭ! « توي قىلىشقا قادىر بولغانلار ۋاقتىدا توي قىلىڭلار، قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتۇپ شەھۋەتنى كېسىڭلار » دېگەن ھېكمەت بار.
شەھۋەت نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ ئۇنىڭ ھەۋىسىدىن غالىپ كىلەلمەسلىك ئادەمنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئېغىر كۈنلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. كىشىلىك نۇمۇس، قەدرى -قىممەتنى يوقۇتۇپ جاننى ئالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ گېپىنى قىلمىغاندىمۇ شەھۋەتكە بىرىلىش ئادەمنى جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇرلا زەئىپلەشتۈرۈپ تېز قېرىتىدۇ. ھۆسنىڭنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ كۆزۈڭنىڭ ، چىرايڭنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرىدۇ. شەھۋەتكە بىرىلىش ، ھەۋەس قىلىشنىڭ يۈكسەك چوققىسى بولمايدۇ. يەنە قىلساڭ يەنە شۇ. خۇمار قىلغۇچى زەھەر كەبى روھىي جەھەتتە سىنى ئالدايدۇ . جىسمانىي جەھەتتە تېنىڭنى زەئىپلەشتۈرۈپ خارلىق ئالىمىگە تاشلايدۇ. ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ نەپرەتلىك قاراشلىرى، دۇئايى بەدلىرىگە سەۋەب بولۇپ ھېچنىمىگە كارغا كەلمەيدىغان مەجرۇھقا ئايلىنىسەن، ئەقىلى سەگەك چوڭلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا روھىي گادايلىق، بىر پۇلى ئىككى بولمايدىغان يوقسۇزچىلىقتا ياشاش شەھۋەتكە بىرىلگەنلەرنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.
تۆۋەندە سىزگە مەشھۇرلارنىڭ نەپسىنى كونترول قىلىش، نەپسى-شەھۋىتىگە قۇل بولماسلىق ھەققىدىكى ئىككى پارچە ھېكمەتنى ئوقۇپ تۇرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلاي! مۇشۇنىڭ ئۆزى بەلكىم ئۆزىڭىزنى تېزگىنلىيەلىشىڭىزگە تۈرۈتكە بولىشى مومكىن:
"ئىككى پۇتۇڭ ۋە ئىككى كالپۇكۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەزالىرىڭنى ياخشى باشقۇرساڭلا، ھاياتتا ئارتۇقچە مالامەتكە قالمايسەن"
___________ ھەدىس شەرىفدىن

"ھەرقانداق نەرسىگە ياخشىلىق قىلساڭ ئۇنىڭدىن ساڭا ياخشىلىق يېنىشى مومكىن. لىكىن نەپسىڭگە ياخشىلىق قىلساڭ ئۇنڭدىن يامانلىقتىن باشقا نەرسە يانمايدۇ"
_________ شەيىخ سەئىد

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات



[Birzat بۇنى 2013-08-30 11:07 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: شاش، جىنسىي، مەنى، شەھۋانىي، توي، خۇمار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماgetler[2013-06-03 09:57 PM | del]
u zam yaz gan su al ning ja wa bi ni na den kur man mir zat a pan dem
回复قايتۇرماabdull[2012-01-24 01:05 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى سىزنىڭ ياشلار ئۈچۈن ياخشى مەسلىھەت بەرگەنلىكىڭىزدىن تولمۇ خۇرسىن بولدۇم ،ئاللائەجىرڭىزنى بەرگەي !
مەن بۇ يىل 30ياش توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىلمەي جىنسى ھەۋەسنى بقىسقتۇرش ،يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلىشنىڭ ئالىدىنى ئىلىش ئۈچۈن بىلىمەيلا بەش يىل ئەتراپىدا ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ قاپتىمىەن ھازىر توي قىلغىلى بەش يىل بولدى بىر ئوغلۇم بار تۆتكە كىردى ،تۇرمۇشۇممۇ ھەر ھالدا ياخشى ،لىكىن ئايالىم بىلەن بىرگە بولغاندا بەك تىزلا ئىسپىرما چىقىپ كىتىدۇ ،ئۆزۈم بىر خىل خىجللچىلىق ھىس قىلمەن ،لىكىن ئايالىم باشقا گەپ قىلمايدۇ ،لىكىن جىنسى تۇرمۇشقا ھىچقانداق قىزقىش ھەۋەس يوق ،مەن زورلاپ بىرگە بولمىسام ئۆز ئىتىيارلىقى بىلەن تەلەپ قىلمايدۇ، مەن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق بىرگە بولماي قالسام مەندە ئۆزلۈگىدىن شەيتان ئاتلاپ مىنى بئارام قىلدۇ ،يىقىندىن بىرى ئۆزۈمنىڭ سەل ئاجىزلاپ قالغانلىقمنى ھىس قىلۋاتمەن ،لىكىن يىممەك - ئىچمىكىم بۇرۇنقىغا ئوخشاش ،بۇ زادى قانداق ئىش ؟قانداق قىلسام تۇرمۇشم تىخمۇ بەختىلك ،كۈنلىرىم خاتىرجەم ئايالىم ئامراق بولار ؟مەسلىھەت  بەرگەن بولسىڭىز ؟

回复قايتۇرماyawuzi[2011-08-21 02:35 PM | del]
مان بۇ تور بىتىنى تۇنجى كۆرۇپ ، شۇنچە كوپ بىلڭمگە ئىگە بولدۇم .بۇرۇنېراق كورگەن بولسامچۇ ....
بولۇپمۇ بىرزات ئەپەندىنىڭ مەسلىھەتلىرى ،ئوتتۇرغا قويگان پىكىرلىرى مىنى تىخۇمۇ قايىل قىلىپ ،ئۆزىگە مايىل كىلدى .راخمات بىرزات ئەپەندى ،كولىڭىزغا ئاللا دەرت بەرمىسۇن .
回复قايتۇرماsali[2010-10-05 01:49 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم، ئكزلىرى مۇشۇ كۈنلەردە پىشقەدەم دانالاردەك پاساھەت-بالاغەتتە ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىلا جۇما. قوللىرى دەرت كۆرمىسۇن  .
ئىككى پۇتۇڭ ۋە ئىككى كالپۇكۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەزالىرىڭنى ياخشى باشقۇرساڭلا، ھاياتتا ئارتۇقچە مالامەتكە قالمايسەن"
___________ ھەدىس شەرىفدىن
بۇھەدىس نى ئەمدى ئاڭ لىدىم     خو !  
يەنە بولسا يەتكۇزسە بول مىسا سور قى بار جۇما !  
ھارمىغاي سىلا !


回复قايتۇرماnazi[2010-07-05 04:41 PM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، ماڭا تىزراق ھەم ئەستايىدىل مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
مەن 8 ئاينىڭ ئالدىلا قورسىقىمدا ھامىلە ئۆلۈپ قىلىپ ، بالىنى سۈمۈرتۈپ ئالدۇرغان ئىدىم. ھازىر قورسىقىمدا يەنە 9ھەپتىلىك بولغان ھامىلە بار، مەن ئاجىرىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىم سەۋەپلىك بۇ بالىنىمۇ ئالدۇرماقچى بولىۋاتىمەن، ماڭا ئەڭ بىخەتەر بالا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى قايسى؟ سۈمۈرتۈپ ئالدۇرسام  بولامدۇ ياكى دورا ئارقىلىق ئالدۇرامدىم؟
回复قايتۇرما90halta[2010-05-26 11:36 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم، ئكزلىرى مۇشۇ كۈنلەردە پىشقەدەم دانالاردەك پاساھەت-بالاغەتتە ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىلا جۇما. قوللىرى دەرت كۆرمىسۇن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.