يۇرتۇمنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى يومدان (قوناق ئۇنى سۇيۇق ئېشى)



يومدان (قوناق ئۇنى سۇيۇق ئېشى) يۇرتۇم قەشقەردە، بولۇپمۇ قەشقەر كونا شەھەر، يېڭى شەھەر ناھىيلىرىنىڭ جەنۇبى يىزىللىرىدا، يېڭىسار، ئاقتۇ ناھىيلىرىدىكى يىزىلاردا كەڭ ئېتىلىدىغان بىر تۇرلۇك ئەنئەنىۋى تاماق تۇرىدۇر. يومداننىڭ تارىخى 500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تاماق تۇرى بولۇپ، تەييارلىنىشى، خۇرۇچقا قويغان تەلىۋى ئاددى، شىپالىق رولى چوڭ تاماقتۇر. ئادەتتە ھەر قايسى نوپۇزلۇق تېببى ئورۇنلار ئادەتتىكى ئوزۇقلىنىشقا دورىلۇق ئورنىدا بۇيرۇيدىغان، ئەتىۋارلىق تاماقتۇر. ئومۇمى شەكلى خۇيمىيەن بىلەن ئوخشاش.
شىپالىق رولى:
ئسسىق قايتۇرۇش، قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ۋە بەدەندىكى ماينى سېرىش، قەۋزىيەت، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان بەدەندىكى ئاغرىقلارنى تۇگۇتۇپ ھاردۇق چىقىرىش، ئىشتاھا ئېچىش رۇلىغا ئىگە.
ئەكىس تەسىرى:
ھەزىم بولىشى قىيىن، ئاشقازاننى ئېچىشتۇرىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ماتىرىيال تەييارلاش:
ئىشلىتىلىدىغان ماتىرياللار:1.  قوناق ئۇنى (قوناق ئۇنى ئادەتتە ئاق قوناق ئۇنى ۋە سېرىق قوناق ئۇنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، يومدانغا ئامال بار ئاق قوناق ئۇنى ئىشلەتسە ياخشى بولىدۇ)؛ 2. چامغۇر، باش چامغۇر ۋە چامغۇر كۆكى؛ 3. گۆش، ئۇستىخانلىق قوي گۆشى ئالاھىدە تەم ھاسىل قىلىدۇ. 4. پەمىدۇر. 5. يۇمغاقسۇت (ئاش كۆك) ياكى پېننە. 6. تېخمۇ تەم ھاسىل قىلىش ئۇچۇن ئەتىياز ۋە يازدا غورا، كۇز ۋە قىشتا كاۋا ياكى ئۇرۇك قېقى (گۇلە) سىلىۋەتسەك بولىدۇ.
2. ئېتىش باسقۇچى
1. سۇيىنى تەييارلاش. جان سانىغا ئاساسەن قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، سۇغا ئىسسىق ئۆتمەستىلا بادام چوڭلىقىدا تۇغرالغان گۆشنى، سەيگە توغرالغان ياڭيۇ چوڭلىقىدا تۇغرالغان چامغۇرنى ۋە تېخمۇ تەم ھاسىل قىلىش ئۇچۇن ئەتىياز ۋە يازدا غورا، كۇز ۋە قىشتا كاۋا (كاۋىنى چوڭراق بولغان توخۇ تۇخۇمىدەك توغرايسىز، ئۇرۇقىنى ئىلىۋىتىسىز) ياكى ئۇرۇك قېقى (گۇلە) دىن ئادەم بىشغا 3-4 تالدىن توغرا كەلگۇدەك قىلىپ سالىسىز، ئوتتا سۇيى قاينىغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان كۆپۇكىنى سۇزۇۋىتىپ، ئۇششاق چوقۇلغان پەمىدۇرنى سالىسىز، سۇيى ئامال بار پەس ئوتتا ئۇزاق قاينىسۇن.
2. خىمىر تەييارلاش. قوناق ئۇنىدىن جان سانىغا ئاساسەن مۆلچەرلەپ ئىلىپ خېمىر يۇغۇرلىدۇ. (دېققەت: قوناق ئۇنىنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن ۋە ھەزىم بولىشى قىيىن، ئاشقازاننى ئېچىشتۇرىدىغانلىقى ئۇچۇن بۇغداي ئۇنىدىن ئۇچتە بىر نېسبەت بويىچە ئارلاشتۇرلىدۇ) خىمىر يۇغۇرۇلغاندا چوقۇم ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى 40-50سېلسىيە گىرادۇس ئەتىراپىدا بولىشى لازىم، ئەلۋەتتە مۇۋاپىق مىقتاردا تۇز قۇيلىدۇ، خېمىر چىڭ يۇغۇرلىدۇ. (خىمىر سىزگە نىسبەتەن قولاشمىغاندەك تۇيلىدۇ، بۇ نورمال، خىمىرنى ئۇزاق تېندۇرۇشقا بولمايدۇ، يۇغۇرۇپ بولۇپلا كىسىپ،  تەييارلىغان قايناۋاتقان ئاش سۇيىگە سالىسىز) خېمىرنى كەسكەندە ئاۋۋال تۇگرە ئېچشتا ئىشلىتىلىدىغان پوزا ئارقىلىق تاختا ئۇستىگە 0.5 0.3-سانتىمىتر قىلىنققا كەلتۇرۇپ يايىسىز، تەكشى يېيىلغاندىن كىيىن، كەڭلىكى 0.3-0.5 سانتىمىتىر، ئۇزۇنلىقى5 سانتىمىتىر ھالەتتە كىسىز.
3. پىشۇرۇش.
تەييار بولغان ئاش سۇيىگە كىسىلگەن خېمىرنى سىلىپ 13مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە قاينىتىمىز. (دىققەت: خمىرنى تۇزسىز يۇغۇرغان ياكى سوغۇق سۇدا يۇغۇرغان، بوش يۇغۇرغان بولسىڭىز ئىزىلىپ كىتىدۇ) قوناق ئۇنى ئۇزۇندىراق پىشىدۇ،پىشقاندا تۇزىنى تەڭشەپ يۇمغاقسۇت (ئاش كۆك) ياكى پېننە، چوقۇلغان سامساقلارنى سىلىپ، بىر قاينىتىپ ئوتنى توختىتىسز. پىشتى، ئۇسسۇپ ئىچىڭ.......
ئانا تىل مۇنبىرىدىن تاش تەييارلىغان.



[Birzat بۇنى 2009-07-02 11:24 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.