ئۇيغۇر كاۋاپلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى (ھۈنەر)



تونۇر كاۋىپى

ئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
. قوينى بوغۇزلاپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن چايقاپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن قوينى بىر تال ياغاچقا پۈتۈنلەي تىكلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ قوينىڭ بوينى تۇرغان يېرىگە بىر تال مىخ قېقىپ قويۇلىدۇ (بۇ مىخ قوي گۆشىنىڭ ياغاچتىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىشىنى توساپ تۇرىدۇ). 
2. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوققان زەرچىۋە، زىرە، قارىمۇچ، ئاق ئۇنلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنى گۆشنىڭ يۈزىگە سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ. 
3. تونۇرنى ياخشى قىزىتىپ، چوغلىرىنى ئېلىۋېتىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تەييارلانغان پۈتۈن قوي گۆشىنى بېشىنى پەس تەرەپكە قىلىپ تونۇرغا تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ ھىم ئېتىپ، بىر يېرىم سائەت تونۇرنىڭ ئىچىدە قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. 
گۆشنىڭ پىشقان ـ پىشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ باقىدۇ. ئەگەر ياغاچنىڭ گۆشكە ئۆتكۈزۈلگەن يېرى شورغا ئوخشاش ئاق گەز باغلىغان ھەم گۆش ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەن بولسا، پىشقان ھېسابلىنىدۇ. 
قوينىڭ مۆڭگۈزىگە قىزىل لاتا، ئاغزىغا كەرەپشە چىشلىتىپ، غالتەك ھارۋا بىلەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ. 
پىشقان كاۋاپنى پۈتۈن ھالدا ياكى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ 105-140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.



ياقما كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە مۇۋاپىق، سوققان زىرە ئازراق، ئاق 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم تۆت دانە.
1. گۆشنى ئالىقاندىن كىچىكرەك كەڭلىكتە، بارماقتەك قېلىنلىقتا توغرىلىنىدۇ. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا زەرچىۋە قارىمۇچ، زىرە ئاق ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ، توغرالغان گۆشنى چىلاپ قو
يۇلىدۇ. 
2. تونۇرنى قىزىتىپ، داپخاننى ئېتىپ، تۇز سېپىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تۇخۇمغا چىلانغان گۆشنى تونۇرغا يېقىپ 20 مىنۇت خۇيلىنىدۇ. 
3. پىشقان كاۋاپنى تونۇردىن ئېلىپ، يالپاقلاپ توغراپ تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇزلارنى سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 
لازا بىلەن تۇزنى ئايرىم كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ.

زىخ كاۋىپى

قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250 گرام، پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
1. ياغ بىلەن گۆشنى باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆ
مۈر زىخقا تۆت تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈلسە (500 گرام گۆش 10 زىخقا ئۆتكۈزۈلسە مۇۋاپىق) بولىدۇ. 
2. كاۋاپدانغا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ چوغ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن سوققان لازا، زىرە سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككىنچى يۈزىنى ئۆرۈپ يەنە تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.


شىرى كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سۇ 500 گرام، سوققان لازا ئازراق.

1. گۆش زىخ كاۋاپنىڭكىدەك توغرىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز سېلىپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تال زىخقا بەش تال گۆش ئۆتكۈزۇلىدۇ. 
2. قالغان تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇن، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق شىرە ياسىلىدۇ. ئاندىن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا قويۇشتىن بۇرۇن تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ كاۋاپدانغا قويۇپ، خۇددى زىخ كاۋىپىنى پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. 
دىققەت: ① دورا - دەرمەكلەرنىڭ سېلىنىشى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. زىرە كاۋاپ پىشاي دېگەندە سېپىلسە مۇۋاپىق؛ ② بۇ كاۋاپنىڭ گۆشى شىرىگە چىلانغاچقا، ئوتنى ئىتتىكلەتمەي پىشۇرۇش كېرەك. ئوت ئىتتىك بولسا، تېشى پىشىپ، ئىچى خام قالىدۇ؛ ③ ئاق ئۇن ئورنىغا قوناق ئۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

تاۋا كاۋىپى

قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70 گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.
. گۆشنى سەرەڭگە قېپچىلىك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15-20 مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ. 
2. تاۋىنى ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇنغا مىلاپ تاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 
3. پىشقان كاۋاپقا ئازراق شورپا قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ، شاكال بەدىيان سېلىپ 40 مىنۇت دۈملىنىدۇ.

قىيما كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆش ئىككى كىلوگرام، كالا گۆش پاراشوكى ئازراق، پىياز 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم ئىككى دانە، سوققان لازا ئازراق، سوققان زىرە ئازراق، سوققان قارىمۇچ ئازراق.
1. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. گۆش ماشىنىسى بولمىسا، يۇمشاق چانىسىمۇ بولىدۇ. پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلىنىدۇ. ئاندىن تۇخۇم، تۇز سوققان قارىمۇچ، كالا گۆش پاراشوكى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياساپ، ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ بىر تال زىخقا بەش تالدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
2. كاۋاپدانغا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ چوغ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كۇمىلاچ قىيمىنى كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن سوققان لازا، سوققان زىرە سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككىنچى يۈزىنى ئۆرۈپ، يەنە تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.

قورۇما كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز ئىككى باش، سوققان لازا ئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام).
1. قوينىڭ لوق گۆشىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىنىدۇ. پىيازنى ئۇششاق چانىلىدۇ؛ توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنىنى، تۇز، تۇخۇملارنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ، بىر - بىرىگە چاپلاشتۇرماي ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
3. ياغ يۇقى قازاننى ئېسىپ پىياز، قىزىل لازا سېلىپ تېز - تېز قورۇپلا گۆشنى سېلىپ يەنە قورۇپ، ئاندىن زىرىنى سېپىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسە ياكى نانغا ئېلىنىدۇ.

پوستۇمبا (پوست دۈمبە) كاۋاپ

پوستۇمبا بىر دانە، ئاق ئۇن ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ ئازراق، پىياز بىر باش، زەرچىۋە ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە.
1. ياخشى تازىلانغان پوستۇمبىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئاق ئۇن، تۇخۇم، چانالغان پىياز، زەرچىۋە، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت قو
يۇلىدۇ. 
2. بىر تال زىخقا 5 - 6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ، پوستۇمبىنىڭ ياغلىق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە سوققان لازا، تۇز، سوققان زىرە سېپىپ ئۆرۈمەي قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. 
كاۋاپ پىشىپ، دورا - دەرمەكلەر سىڭىشىپ بولغاندا ئۆرۈپ، ئازراقلا قاقلاپ ئالساق بولىدۇ.

دۈملىمە كاۋاپ



سۆڭەكلىك قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پالەك تۆت تال، سۇڭپىياز ئۈچ تال، جاڭيۇ ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، ھۆل پۇرچاق مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق.





1. قوينىڭ تۆش ياكى قوۋۇرغا گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، زىرە، قارىمۇچ، تۇز، جاڭيۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، چوڭ چىنە ياكى قاچىغا رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە تۆت تال پالەكنى سېلىپ قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم يېپىپ قويۇلىدۇ. 
2. چوڭراق قازانغا سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندا، گۆش سېلىنغان قاچىنى قازاندىكى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ ئىككى سائەت پىشۇرۇلىدۇ (سۇ قاينىغاندا، سۇ قاچىغا كىرىپ كەتمەيدىغان بولۇش كېرەك). بۇ ئۇسۇل قاسقاندا پىشۇرغانغا ئوخشىمايدۇ. 
3. پىشقان كاۋاپنى قازاندىن ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ تەخسىگە دۈم كۆمتۈرۈپ (ئۈستىگە سېلىنغان پالەك ئاستىغا، گۆشلەر ئۈستىگە چۈشۈش كېرەك)، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئۆردەك كاۋىپى

ئىككى كىلوگرامدىن ئۈچ كىلوگرامغىچە كېلىدىغان ئۆردەك بىر دانە، شېكەر شىرىسى (ئاق شېكەر، سۇ، كۈنجۈت، كۈنجۈت يېغى 500 گرام ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ياسىلىدۇ).
ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكىنى يۇڭداپ، پاكىز يۇيۇپ، ئىككى پۇتى ۋە قانىتىنىڭ ئۇچى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئىش تەرتىپى بويىچە ياسىلىدۇ. 
1. يەل بېرىش: بوغۇزلانغان كاناي تۆشۈكىدىن قىزىلئۆڭگەچنى تارتىپ چىقىرىپ، سول بارمىقىمىزنى قىزىلئۆڭگەچنى بويلاپ ئىچكىرگە كىرگۈزۈپ، قىزىلئۆڭگەچ ئىچىدە تۇتىشىپ تۇرغان پەردىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن قىزىلئۆڭگەچنى ئۈزۈۋەتمەستىن ئىچىگە قويىۋېتىلىدۇ، كانىيى ئارقىلىق ناسوس بىلەن ئاستا - ئاستا يەل ئۇرۇپ، ئۆردەكنىڭ ئىچىنى يەل بىلەن توشقۇزىمىز (يەل ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆردەكنىڭ بەدىنىنى تۇتۇشقا بولمايدۇ. پەقەت قانتى ، پۇتىنىڭ سۆڭىكى، بوينىدىن تۇتۇشقىلا بولىدۇ. قولىنىڭ ئىزى قالسا، كاۋاپنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ). 
2. پوكىنىنى ئېلىش: ئۆدەكنىڭ ئوڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىدىن تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاي شەكلىدە تۆشۈك ئېچىپ، ئۆردەكنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆردەكنى قاقلاپ پىشۇرغاندا يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى يەتتە سانتىمېتىر، توملۇقى ئوتتۇرا بارماقچىلىك كېلىدىغان ياغاچنى (قوناق شېخى بەك ياخشى) ئۆدەكنىڭ پوكىنىدىن كىرگۈزۈپ، تۆش سۆڭىكى بىلەن ئارقا ئومۇرتقا سۆڭىكىگە تىرەپ، ئۆردەكنىڭ تېرىسىنى كېرىپ قويۇلىدۇ. 
3. پوكاننى يۇيۇش: زىخچىغا ئۆتكۈزۈش، ئۆردەكنى سوغۇق سۇ بار داسقا سېلىپ، ئوڭ قولتۇقىدىن ئېچىلغان تۆشۈكتىن سۇ قۇيۇلىدۇ، ئوڭ بىگىز قولىمىزنى ئۆردەكنىڭ چىقىرىش ئەزاسىغا كىرگۈزۈپ، چالا قالغان ئۈچەيلەرنى چىقىرىۋېتىپ، سۇنى ئارقا چىقىرىش ئەزاسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق 3-4 قېتىم چايقاپ يۇغاندىن كېيىن، تۆمۈر زىخچىنى ئۆردەكنىڭ مۈرىسىدىن ئۈچ سانتىمېتىر (ئىككى ئىلىك كەلگۈدەك) يۇقىرىسىدىكى گەجگە تېرىسىدىن تېشىپ كىرگۈزۈپ، گەجگىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆردەكنى تونۇرغا سېلىپ قاقلىغاندا، بوينى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ ئۆتكۈزۈش لازىم. قانتىنىڭ يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدىغان بامبۇك ياغىچى ياكى يۇلغۇن يا
غىچىنى قولتۇقى ئاستىغا تىرەپ ئىككى قانىتىنى كېرىپ قويۇلىدۇ. ئۆردەكنى شامالدىتىپ، تونۇرغا سېلىشتىن بۇرۇن بۇ ياغاچ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 
4. تېرىسىنى قايناق سۇغا بېسىش، شىرە چېپىش: قاماققا ئىلىندۇرۇلغان ئۆردەكنى قايناق سۇغا باسساق تۈكىنىڭ ئورنىدىكى تۆشۈكچىلەر كىچىكلەيدۇ. ئاندىن ئىككى چۆمۈچ شېكەر شىرىسى، چۈرۈك، رەڭگىنى پارقىراق، كۆركەم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. 
5. تېرىسىنى شامالدىتىش: ئۆردەكنى قاينا
ق سۇغا بېسىپ بولۇپ شىرە سوۋۇغاندىن كېيىن، شامال ئۆتۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايغا ئېسىپ قويۇپ شامالدىتىدۇ. ئۆردەكنىڭ تېنىدىكى نەملىك شامالدىتىپ قورۇتۇلمىسا كاۋاپ قىلغاندىن كېيىن تېرىسى چۈرۈك بولمايدۇ.
6. ئىچىگە سۇ توشقۇزۇش: قوناق شېخى بىلەن ئۆردەكنىڭ چىقىرىش ئەزاسىنى ئېتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئوڭ بىقىنىدىن ئېچىلغان تۆشۈك ئارقىلىق ئىچىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىغا قاينا
ق سۇ قۇيۇپ توشقۇزۇلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۆردەكنىڭ ئىچى سۇدا پىشسا، تېشى قاقلىنىپ تېز پىشىدۇ، تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئىش تەرتىپلىرىدىن كېيىن، ئۆردەك ھاۋىسى تەڭشەلگەن تونۇر ياكى دوخاپكىغا ئېسىپ قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. قاقلىغاندا، ئۆردەكنىڭ تەن ئەزالىرىنىڭ قاتمال، يۇمرانلىقىغا رەڭ بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆردەكنى پات - پات ئۆرۈپ تۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆردەكنىڭ تۆشى بەك يۇمراق بولۇپ، ئوتقا قاقلاشقا بولمايدۇ. قاقلىسا ئاسان كۆيۈپ كېتىدۇ. پۇتىنىڭ گۆشى تەستە پىشىدۇ. شۇڭا، كۆپرەك قاقلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ چىقىرىش ئەزاسىنىڭ ئاستى نېپىز بولۇپ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ يەرنى كۆپ قاقلاشقا بولمايدۇ. قاقلايدىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى ئۆردەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، سېمىز - ئورۇقلۇقى، ئەركەك - چىشلىقى ۋە ھاۋا كىلىماتى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە 30-40 مىنۇت قاقلىسا بولىدۇ. ئۆردەك گۆشى پورەڭگە كىرگەندە، يەنى ئېغىرلىقى خام ۋاقىتتىكىدىن 175-200 گرامدىن كېمەيگەندە ياخشى كاۋاپ بولغان بولىدۇ. يېمەك - ئىچمەك تەييارلاشنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆردەك كاۋىپى ھازىر توك دوخاپكىلىرىدا پىشۇرۇلماقتا، ئۇنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولغاچقا، 15 مىنۇتتا پىشىدۇ. 
پىشقان كاۋاپنى ئېلىپ، ئىچىدىكى شورپىسىنى قاچىغا تۆكۈپ، گۆشنى تېرىسى بىلەن قوشۇپ ياپىلاق توغراپ داستىخانغا كەلتۈرۇلىدۇ. 
يېيىش ۋاقتىدا نېپىز پىشۇرۇلغان پوشكالنىڭ ئىچىگە ئىنچىكە توغرالغان سوڭپىيازنى ئېلىپ، مەنجاڭ سۈركەپ يالپاقلانغان ئۆردەك گۆشىنى ئېلىپ تۈگۈپ يەيدۇ.

جىگەر كاۋىپى

جىگەر بىركىلوگرام، زىرە 10 گرام، پىياز 70 گرام، سوققان لازا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 70 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق.
جىگەرنى سەرەڭگە قېپىنىڭ يېرىمىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇششاق چانالغان پىياز بىلەن ئېلىشتۇرۇپ، يۇمشاق تۇز ۋە ئۇنغا مىلەپ، بىر زىخقا 5-6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە لازا ۋە زىرە، قارىمۇچ سېپىپ پىشۇرىمىز.

دۈمبە - جىگەر كاۋاپ

جىگەر 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، دۈمبە ياغ (قۇيرۇق ياغ) 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، لازا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق.
1. جىگەر ۋە دۈمبە ياغنى چوڭ بارماقتەك چوڭلۇقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنى تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ ياسالغان تۇخۇم شىرىسىگە 10 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ. 
2. چىلانغان دۈمبە - جىگەرنى ھەر بىر زىخقا بىر تال جىگەر، بىر تال دۈمبە ياغ قىلىپ 5-6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپدانغا قويۇپ <زىخ كاۋاپ> پىشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە پىشۇر
ۇلىدۇ. 
بۇ كاۋاپنى دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.

ئۈچەي كاۋىپى

قوينىڭ ئۈچىيى بىر دانە، لازا مۇۋاپىق، شولتا 250 گرام، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، زىرە ئازراق.
1. قوينىڭ ئۈچىيىنى ئۆرۈپ تازىلاش ئۇسۇلى بويىچە تازىلاپ، 50-60 گرادۇس ئىسسىقلىقتىكى شولتا سۈيىگە 5.1-2 سائەت چىلاپ كۆپتۈرۈپ، ئىلمان سۇدا بىر قېتىم، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ يۇيۇپ بولۇپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ، ئۇششاق چانالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ چىلانغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. 
2. ھەربىر زىخقا 5-6 تالدىن ئۈچەينى ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىدىن تۇز، لازا، زىرە سېپىپ ئۆرۈپ، يەنە دورا - دەرمەك سېپىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.

بېلىق كاۋىپى

ئالتاي ياكى قارا شەھەر بېلىقى ئالتە تال، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئىككى يېرىم كىلوگرام، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، تۇز ئازراق.
. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيىلىدۇ. 
2. بېلىقنى زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، تۇز، كاۋاۋىچىن، چانالغان سۇڭپىياز، سامساقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قويغاندىن كېيىن، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىغا مىلەپ، دوخاپكىنىڭ لىسىغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ.

بۆرەك كاۋىپى

قوينىڭ بۆرىكى 10 تال، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 35 گرام، قارىمۇچ ئازراق.
1. بۆرەكنى ئۆز يېغى بىلەن ئوتتۇرىسىدىن ئىككى پارچە قىلىپ يېرىپ، ئىچىدىكى ئاق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئۈستىگە ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى ۋە ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى تال زىخقا ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە تۇز، لازا، قارىمۇچ زىرە سېپىپ، ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ، يەنە يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ. 

كۆممە كاۋاپ

ئىككى ياشلىق قوي ياكى ئوغلاق بىر دانە، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زىرە مۇۋاپىق، سامساق بىر باش.
1. قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشىنى پاكىز يۇيىلىدۇ. قېرىننىڭ باش تەرىپىدىن كىچىككىنە كېسىپ ئېغىز ئېچىپ، تەتۈر ئۆرۈپ يۇيىلىدۇ، ئاندىن قىزىق سۇغا سېلىپ، قېرىننىڭ ئىچىدىكى تىۋىتىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئىچى ۋە تېشىنى تۇز، شولتا سۈيى بىلەن يۇيۇپ، شىلىشملىق پەردىنى تازىلىۋېتىپ، ئوڭ ئۆرۈپ تەييارلىنىدۇ. 
2. قوينىڭ گۆشىنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوققان زىرە ۋە كاۋاۋىچىن توغرالغان سامساق، پىياز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 
3. ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى تەييارلانغان قېرىنغا سېلىپ قېرىننىڭ ئاغزىنى بوغۇپ، دوخاپكا ياكى قاسقانغا سېلىپ، 2-3 سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. لېكىن ۋاقتى - ۋاقتىدا ئۆرۈپ ئۈستىگە سۇ سېپىپ، يىڭنە سانجىپ ئۆرۈش كېرەك. بۇ تاماق بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا گۈلخاننىڭ قوقاسلىرىغا كۆمۈپ پىشۇرۇلاتتى. شۇڭا <كۆممە كاۋاپ> دېيىلگەن. ھازىر دوخاپكا ياكى قاسقاندا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كۆممە كاۋاپنىڭ شورپىسىنى ئايرىم قاچىلارغا قۇيۇپ، گۆشنى لېگەنگە سېلىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

غاز كاۋىپى

شۇ يىللىق غاز بىر دانە، سۇڭپىياز مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، شاكال بەدىيان ئازراق، ئاچچىقسۇ 35 گرام، ئارپىبەدىيان مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام).
. غازنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، پاكىز يۇيۇپ، پۇت ۋە قانىتى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن غازنى ئۆز بۆلەكلىرى بويىچە پارچىلاپ، تۇزلۇق سۇ، سۇڭپىياز، ئارپىبەدىيان، شاكال بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئاچچىقسۇغا چىلاپ يېرىم سائەت قويۇلىدۇ. 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5 ـ 6 دەرىجە قىزىتىپ، چىلاپ قويۇلغان غاز گۆشىنى سېلىپ داغلاپ ئېلىپ، چوڭقۇر لېگەن ياكى لىسقا سېلىپ، سۇ سېپىپ دوخاپكىدا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. 
غاز گۆشىگە پات - پات سۇ سېپىپ ئۆرۈش كېرەك.

توشقان كاۋىپى

ياۋا توشقان بىر دانە، قىچا ئازراق، دارچىن مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، سەتەر ئازراق.
1. توشقاننى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ
ئىچ قارنىنى ئېلىپ، گۆشنى پاكىز يۇيۇپ، سۆڭىكىدىن ئاجرىتىپ 2-3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغراپ سوقۇلغان دارچىن، سەتەر، قىچا قاتارلىقلارنى سېلىپ يېرىم سائەت دۈملەپ تەملەندۈرۈلىدۇ. كېيىن توشقان گۆشىنى زىخلارغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ قاقلاپ، پىشاي دېگەندە سوقۇلغان قارىمۇچ، تۇز، زىرە سېپىپ ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ كاۋاپنى چوڭ - چوڭ پارچىلاپ تونۇرغا ياقسىمۇ، دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.

قوۋۇرغا كاۋاپ

كىچىك پاقلانلارنىڭ قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام، تۇخۇم ئىككى دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق.
1. قوۋۇرغا گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر كەڭ، تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى توغراپ، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى پىياز سۈيى تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. 
2. دوخاپكىنى قىزىتىپ تەييارلانغان گۆشنى لېسقا تىزىپ دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. قوۋۇرغا گۆش پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە تەكشى تىزىپ، زىرە، لازا، تۇز بىلەن زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ.

قوي پۇت كاۋىپى

كىچىك پاقلان ئالدى پۇتى بىر دانە، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، زىرە ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، سوققان لازا ئازراق.
قوينىڭ ئالدى پۇتى گۆشىنى ئېلىپ ئەتراپىدىكى پۇرۇچ گۆشلەرنى ئېلىۋېتىپ تەكشى، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە يېرىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. 
2. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا تۇز، پىياز سۈيى، ھۆل پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە ياساپ، تىلىپ تەييارلانغان پۇت گۆشىنى بىر سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ. 
3. تونۇرنى قىزىتىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ چىلاپ قويغان گۆشنى تونۇرغا ئېسىپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنى لېسقا سېلىپ دوخاپكىدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. پىشقان كاۋاپنى مۇۋاپىق پارچىلاپ، لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلارنى ئايرىم تەخسىدە كاۋاپ بىلەن بىللە زىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.

باچكا كاۋىپى

ئۇچۇرۇلمىغان باچكا بەش دانە، زىرە ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، پىياز سۈيى ئازراق، لازا ئازراق.
1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىزە يۇڭداپ، پۇت ، باش ۋە باشقا ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، بىر باچكىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ، سوغۇق سۇدا پاكىزە يۇيۇپ ئۇنىڭغا پىياز سۈيى، تۇز، پۇرچاق ئۇنى، زەنجىۋىل سۈيى تۇخۇم بىلەن ياسالغان سۇيۇق شىرەگە بىر سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ. 
2. يېرىم باچكىنى ئىككى دانە زىخقا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ، يۇمشاق تۇز سېپىپ بىر مىنۇت پىشۇرۇپ، ئاندىن سوققان لازا، زىرە، سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ، تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرىمىز. پىشقان كاۋاپنى نېپىز نان بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈر
ۈلىدۇ.

تاۋا باچكا كاۋىپى

باچكا بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سوققان زىرە ئازراق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، لازا ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، ياغ ئازراق.
1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ پاكىزە يۇڭداپ، پۇت، باش ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ، سوغۇق سۇدا پاكىز يۇيۇپ، ئۇنى پىياز سۈيى، زەنجىۋىل
سۈيى، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ياسالغان سۇيۇق شىرىگە يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ. 
2. تاۋىغا مەلۇم مىقداردا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، چىلاپ تەييارلانغان باچكىنى سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ داغلاپ، ئۇنىڭغا ئاقمۇچ، زىرە، لازا، تۇز سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ سۈيى باچكىغا سىڭگىچە پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 
3. پىشقان باچكىنى لېگەنگە ئېلىپ، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلار بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.






[Birzat بۇنى 2009-07-02 02:45 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.