ئۇيغۇر گۈرۈچ تائام تۈرلىرى ۋە ئېتىش ئۇسۇللىرى (ھۈنەر)



گۆشلۈك پولۇ

گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق، گۆش 140 گرام چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 
2. قازانغا ياغنى قۇيۇپ، قائىدىگە مۇۋاپىق ياخشى داغلىغاندىن كېيىن، گۆش سېلىنىدۇ. گۆش سەل قورۇلغاندىن كېيىن، پىيازنى سېلىپ گۆش بىلەن بىللە قورۇلىدۇ. پىياز سارغايغاندا سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قورۇلىدۇ. 
3. سەۋزە قورۇلۇپ توق سېرىق رەڭگە كىرگەندە، زىرە، قەلەمپۇر سېلىپ سەۋزە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا 60-50 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئوتنى پەسەيتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ سېلىنىدۇ. ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوت تارتىۋېتىلىپ، چوغدا پىشۇرۇلىدۇ. 
سۇ گۈرۈچ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى، گۈرۈچ سېلىغاندىن كېيىن قازان تەكشى قاينىتىلىشى لازىم. تەكشى قاينىمىسا، پولۇ ئالا بولۇپ قالىدۇ. 
4. گۈرۈچ سېلىشتىن بۇرۇن زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشىۋېلىش كېرەك. گۈرۈچ سېلىنىپ بولغاندا، بولۇپمۇ گۈرۈچ سۇنى سۈمۈرۈپ بولغاندا تۇز تەمىنى تەڭشەش قىيىن. 
ئاشنىڭ سۈيى تارتىلىپ بولغاندا، بىر نەچچە يېرىگە تاياقچە سانجىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۈپ قاينايدۇ. ئاستىدىكى ھور ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچنىڭ ھەممە يىرىگە ھور تېگىپ، گۈرۈچنىڭ پىشىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى ئاساسەن تۈگىگەندە ئاش دەملىنىدۇ. 
ئاشنىڭ دەم يېيىش ۋاقتى گۈرۈچنىڭ مىقدارى ۋە سورتىغا باغلىق. ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەتكەندە 25 ـ20 مىنۇت دەملەنسە بولىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن، ئاشنى ياخشى ئۆرۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇش كېرەك. داستىخانغا پولۇ بىلەن بىللە سوغۇق قورۇمىلار كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.

ماش - گۈرۈچ پولۇسى

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، ياغ 500 گرام، يېشىل ماش 500 گرام، گۆش بىر كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 

1. ماش قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچ ياخشى تازىلىنىپ، سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇغا بىر سائەت چېلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. 
2. قازان قىزىپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز قىزارغاندا، سەۋزىنى سېلىپ تېز ئوت بىلەن 15-10 مىنۇت قورۇپ، ئاندىن قايناق
سۇ قۇيۇپ 20 ـ 15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىننى سالىمىز. سەۋزىنى ياخشى پىشۇرۇپ، ماش ياكى نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچ سالىمىز. گۈرۈچ ئۇزۇن چىلىنىپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ پىشقاندا ئاش 25-20 مىنۇت دەملىنىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى كەپكۈر بىلەن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، تاۋاق - لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇبتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى سۈزمە قېتىق قوشۇپ كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

قېزى پولۇسى

گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، پىياز بىر تال، قېزى ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

گۆش سالماي، پىياز سەۋزىنى قورۇپ، زىرە، تۇز سېلىپ زىرۋەك تەييارلىنىدۇ. قازان قايناۋاتقاندا، باشقا بىر قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان قېزىنى زىرۋەك ئۈستىگە سېلىپ، ئاندىن گۈرۈچ سېلىپ ئادەتتىكىدەك پىشۇرۇلىدۇ. پولۇ پىشقاندا، قىزىنى يالپاقلاپ توغراپ، پولۇ ئۈستىگە بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ پولۇ بىلەن بىللە كەلتۈرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تاتلىق پولۇ

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز 70 گرام، ئەبجەش ياغ ئىككى يېرىم كىلوگرام، قىزىل سەۋزە 500 گرام، كىشمىش ئۈزۈم 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. ئۈزۈمنى پاكىز ئادالاپ، ئىسسىق بىلەن يۇيۇپ، ئىلمان سۇغا
چىلىنىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، ئىسسىق سۇغا تۇز قۇيۇپ، 4-3 قېتىم يۇيۇپ، كېيىن ئىلمان سۇغا چىلىنىدۇ. 
2. ياغنى داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قورۇغاندىن كېيىن، قازانغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا كىشمىش ئۈزۈمنى سېلىپ سەۋزە بىلەن بىللە قاينىتىلىدۇ. سەۋزە پىشقاندىن كېيىن، ئوتنى پەسلىتىپ، قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ، گۈرۈچنى تەكشى سېلىپ بولۇپ، گۈرۈچ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ (ئادەتتە گۈرۈچنىڭ يۈزىدىن 1-5.0 سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرسا مۇۋاپىق)، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنى ياخشى پىشۇرۇپ قازاننىڭ سۇيى تۈگىگەندە ئاشنى دەملەش كېرەك.

تۇخۇم باسقان پولۇ

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، ئاقمۇچ مۇۋاپىق، سۇ يېغى 500 گرام، پىياز بىر تال، سەۋزە بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇخۇم ئالتىدىن سەككىزگىچە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چىلىغان ھۆل پۇرچاق ئۇنى (فۇڭمەنزە) 35 گرام.
1. تۇخۇمنى چېقىپ، سېرىقىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلۇقنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا تۇز، پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. 
2. سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. گۈرۈچ پاكىز تازىلانغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلىدۇ. 
3. قازانغا زىغىر يېغى قۇيۇپ ياخشى داغلاپ (زىغىر يېغى پەس ئوتتا ئۇزاق داغلىنىدۇ)، يۈزىدىكى كۆپۈكى يوقىلىپ قىپقىزىل رەڭگە كىرگەندە، ياغقا تۇخۇم شىرىسىنى بىر چۆمۈچتىن 4-3 پارچە تۇخۇم پوشكىلى ياسىلىدۇ. 
4. داغلانغان ياغقا پىيازنى سېلىپ داغلاپ، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، كېتەرلىك تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. سەۋزە قايناۋاتقاندا زىرە، ئاقمۇچ سېلىنىدۇ. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، گۈرۈچنى سېلىپ، تەكشى پىشۇرۇلىدۇ. قالغان ئۇسۇللار <گۆشلۈك پولۇ> پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ئاش پىشىپ لېگەنلەرگە ئۇسقاندا، ئۈستىگە تۇخۇم پوشكىلىدىن ئىككىدىن بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

بېھى پولۇسى

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، گۆش 500 گرام، پىياز بىر تال، ئەبجەش ياغ 500 گرام، سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق، بېھى تۆتتىن، ئالتىگىچە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام.
1. بېھى پولۇسىنى ئېتىش ئۇسۇلى <گۆشلۈك پولۇ>نى ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. 
2. پولۇنى دەملەشتىن ئاۋۋال، بېھىلەرنى ياخشى سۈرتۈپ، تۈكلىرىنى تازىلاپ، ھەربىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇرۇقلىرى ئېلىۋېتىلىدۇ. 
3. پولۇنى دەملەشتە تەييارلانغان بېھىلەر گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە دۈم قويۇلىدۇ.
4. دەم يېگەندىن كېيىن، بېھى بىلەن گۆش ئايرىم ئېلىۋېلىنىدۇ. ئاندىن توغراپ ئاشنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ.

قىيمىلىق پولۇ

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئەبجەش ياغ 500 گرام، ئاقمۇچ مۇۋاپىق، باش پىياز 105 گرام، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، لوق گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۆش گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۇلىدۇ ياكى ئۇششاق چانىلىدۇ. پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاق قارىمۇچ، زىرىلەر ھاۋانچىدا سوقۇلىدۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. 
2. يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ ياڭاقتەك كۇمىلاچ (ۋەنزە) قىلىنىدۇ. 
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، كۇمىلاچلارنى سېلىپ، سىرتى قىزارغىچە قورۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ. 
4. ياغنىڭ قىزىقلىقىنى 8-7 دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇپ، <گۆشلۈك پولۇ>نى ئېتىش ئۇسۇلى بويىچە پولۇ ئېتىلىدۇ. 
5. كۇمىلاچلار تولۇق پىشقان بولسا، پولۇنى دەملەش ۋاقتىدا ئۇلار گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ. يېرىم پىشقان بولسا، خۇرۇچلار قايناۋاتقاندا سېلىپ ئۈستىدىن گۈرۈچ سېلىنىدۇ. پولۇ دەم يېگەندىن كېيىن قىيما كۇمىلاچلارنى باشقا قاچىغا ئېلىۋېلىپ، پولۇ ئۇسقاندا ئۇلار پولۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.

سۈتلۈك پولۇ( شىرە پولۇ)

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر تال، سۈت بىر كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، ياغ 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇرۇب بىر كىلوگرام، سۇ 500 گرام.
1. سۈتنى قاينىتىپ قۇيىمىز. پىيازنى يالپاق، تۇرۇپ (لوبو) قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى 4-3 قېتىم يۇيۇپ ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. 
2. ياغ 7-6 دەرىجە قىزىغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، تۇرۇپنى سېلىپ، بوش قورۇپ، زىرە، تۇزنى سېلىپ ۋە 500 گرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ، تۇرۇپ پىشقاندا، گۈرۈچنى سېلىپ گۈرۈچ سۈيى تارتىلغاندا، قايناتقان سۈتنى قۇيۇپ، ئاشنى دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

بەتتە پولۇ

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 500 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، ياغ 200 گرام، سامساق بىر تال، يېسىۋىلەك (بەسەي) 250 گرام، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، پىنتوزا 140 گرام، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم، سۇڭپىياز 70 گرام، زىرە مۇۋاپىق، پەمىدۇر بىر تال.
1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلىدۇ. 
2. سەۋزىنى قەلەمچە، گۆشنى نېپىز، يالپاق، يىسىۋىلەك (بەسەينى) چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ. پىنتوزا قىزىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. سۇڭپىياز، پەمىدۇر (شوخلا) سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ. 
3. قازانغا 140 ~ 105 گرام ياغ قۇيۇپ، 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، ياخشى داغلىغاندىن كېيىن گۆشى شىلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورۇلىدۇ. كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋېتىپ، پىيازنىڭ بىر قىسمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ. سەۋزە قورۇلۇپ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە، پولۇغا كېتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا زىرە، ئازراق زەرچىۋە سېلىپ، 10 ـ 15 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ
تۇرغۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ، ئوتنى پەسەيتىپ، چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى قاينىتىلىدۇ، ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىلىدۇ. گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ئاش 15 ـ10 مىنۇت دەم يېدۇرۇلىدۇ. 
4. توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازاندىكى 7-6 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ، ئاندىن سۇڭپىيازنى سېلىپ بىر - ئىككى ئېلىشتۇرۇپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن يىسىۋىلەكنى (بەسەينى) سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ. قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، يۇمشاتقان پىنتوزىنى، سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ سەي لېگەنگە ئۇسۇلغان پولۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ. مانا بۇ بەتتە پولۇ دېيىلىدۇ.

سېرىقماي پولۇسى

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، سەۋزە بىر كىلوگرام، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، سېرىقماي 500 گرام، زەرچىۋە ئازراق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۆشنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، قايناۋاتقان تۇزلۇقراق سۇغا سېلىپ 1~5.1 سائەت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 
2. سەۋزىنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، قازاندىكى شورپىغا سېلىپ، يېرىم پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن پاكىز تازىلاپ يۇيۇلغان گۈرۈچنى شورپىغا سېلىپ، ئوتنى تېزلىتىپ، گۈرۈچ شورپىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگىچە پىشۇرۇلىدۇ. شورپا 500 گرام، گۈرۈچقا 240 گرام ھېسابىدا بولىدۇ. 
3. باشقا بىر قازاندا سېرىقماينى ئېرىتىپ، ئاشنىڭ يۈزىگە قۇيۇپ، ئاشنى 40-30 مىنۇت دەملەيمىز. 
4. پولۇنى لېگەنگە ئالغاندا تۇزلۇق سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئۈستىگە بېسىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.

توخۇ باسقان پولۇ

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، تۇخۇ بىر دانە، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم، سەۋزە 500 گرام، سوققان زىرە بىر چىمدىم، ياغ 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، قائىدە بويىچە تازىلاپ، سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 
2. ياغنى 6-5 دەرىجە قىزىتىپ،، تۇخۇ گۆشىنى سېلىپ، كېيىن پىيازنى سېلىپ توق قىزارغىچە قورۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، زىرە، قەلەمپۇرنى سېلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا 40 ـ 30 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. 
3. زىرۋەكنىڭ تۇز - تەمىنى تەڭشەپ، ئوتنى پەسەيتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. 
ئاشنىڭ سۈيى تۈگىگەندە 30 ـ20 مىنۇت دەملىنىدۇ. پولۇ پىشقاندىن كېيىن لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە توخۇ گۆشىنى بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

توي پولۇسى

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، ياغ 280 گرام، زەرچىۋە ئازراق.
1. گۆشنى 100 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سۇدا قاينىتىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 
سەۋزىنى چوڭ - چوڭ قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. 
2. باشقا بىر قازانغا 70 گرام ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇپ، شورپىسىنىڭ بىر قىسمىنى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن سەۋزىنى، گۆشنى سېلىپ قاينىتىلىدۇ ۋە سوققان زەرچىۋە، سوققان زىرە، تۇز سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. شورپا 500 گرام، گۈرۈچكە 260 گرام ھېسابىدا بولىدۇ. 
3. گۆش، سەۋزە پىشقاندىن كېيىن، گۆشنى سۈزۈۋالىدۇ. ئاندىن قازانغا گۈرۈچنى سېلىپ، قالغان شورپىنىڭ لازىملىق قىسمىنى ئۈستىگە قۇيۇپ پولۇ دەملىنىدۇ. 
4. 200 گرام ياغنى باشقا بىر قازاندا 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، پولۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە پىشقان گۆشنى بېسىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.

ئاق ئاش

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە بىر چىمدىم، ياغ 200 كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام.
1. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ 3-2 قېتىم يۇيۇپ، قازاندا قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، بىر قاينىتىپ سۈزۈۋېلىنىدۇ. 
2. گۆشنى 70 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، سۇدا قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ پىشۇرۇپ، پىشقاندىن كېيىن سۈزۈۋالىدۇ. شورپىغا سەۋزە سېلىپ قاينىتىپ، زىرە، تۇز سېلىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن گۈرۈچنى سېلىپ دەملىنىدۇ.
3. كۆرسىتىلگەن 250 گرام ياغنى باشقا قازاندا 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، دەم يېگەن ئاشنىڭ ئۈستىگە چېچىپ، ئاشنى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە گۆش بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


بەقەسەم پولۇ

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 175 گرام)، دورا ـ دەرمەكلەر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، تېتىتقۇ (ۋېيجىڭ) ئازراق.
1. قوينىڭ لوق گۆشىنى ھەجىمى بىر سانتىمېتىر چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. سەۋزىنى قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىنىدۇ. 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ (گۆش بىر - بىرىگە چاپلاشماي پىشىشى لازىم)، قىزارغاندا سۈزۈپ ئېلىپ قويۇلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇلىدۇ. 
3. ياغقا پىياز سېلىپ سارغايتىپ ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ، تۇز، دورا - دەرمەكلەر بىلەن بىللە قورۇغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ 25 ـ 20 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قورۇلغان گۆشنى، گۈرۈچنى سېلىپ پىشۇرۇپ دەملىنىدۇ. 
گۆشنى ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

شادى پولۇ

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سەۋزە 500 گرام، سۇ يېغى 105 گرام، پىياز بىر تال، پوستومبا 250 گرام، زىرە مۇۋاپىق، جىگەر 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. پوستۇمبا بىلەن جىگەرنى كېپەكتەك ئۇششاق چاناپ، پىيازنى يالپاق، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىنىدۇ. 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، پوستۇمبا، جىگەر، پىيازنى سېلىپ قورۇغاندىن كېيىن، سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇلىدۇ. خۇرۇچلار سارغىيىپ پىشقاندا تۇز، سۇ قۇيۇپ
20 ـ 15 مىنۇت قاينىتىپ، يۇيۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، ئاش دەم يېگەندىن كېيىن زىرىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

نوقۇت پولۇ

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، نوقۇت 500 گرام، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق.
1. نوقۇت قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ، يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، تۇزلۇق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سۇغا بىر سائەت چىلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز سارغايغاندا توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ، تېز ئوتتا 15-10 مىنۇت قورۇپ، خۇرۇچلار يېرىم پىشقاندا تۇز قۇيۇپ يەنە قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ 20-15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سېلىنىدۇ. ياخشى پىشۇرۇپ يۇمشىتىلغان نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ بىلەن نوقۇت ئۇزۇن چىلاپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ بىلەن نوقۇت پىشقاندا ئاش 25 ـ 20 مىنۇت دەملىنىدۇ. 
ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇپتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى قېتىق كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئاش مانتا

قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، ئىلمان سۇ مۇۋاپىق، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق.
1. خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، 50 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتنى نېپىز قىلىپ ئېچىپ پېتىر مانتا تۈگۈلىدۇ.
2. پولۇنى گۆشلۈك پولۇدەك تەييارلاپ، دەم يېگۈزۈش ۋاقتىدا تۈگۈلگەن مانتىنى پولۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، پولۇ بىلەن بىللە 25-20 مىنۇت دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

كاۋاپلىق پولۇ

گۈرۈچ 25 كىلوگرام، پىياز ئىككى يېرىم كىلوگرام، قوي ياكى كالا گۆشى يەتتە يېرىم كىلوگرام، زەرچىۋە بىر چىمدىم، سەۋزە 15 كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ياغ بەش كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق.
1. سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، گۆش، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 
گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ ئىسسىق سۇغا تۇز قۇيۇپ، 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. 
2. ياغنى داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قورۇغاندىن كېيىن قازانغا تۇز، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ
پىشقاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ، گۈرۈچ تەكشى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنى ياخشى پىشۇرۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى تۈگىگەندە ئاش 30-20 مىنۇت دەملىنىدۇ. 
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، كراخمالغا ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ ياغدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ياغنى قىزىتىپ، ياغدىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى تۇز سېلىپ قورۇپ، ئېلىش ۋاقتىدا ئازراق زىرە سېپىپ، ئىككى ئۆرۈپلا بىر قاچىغا ئېلىنىدۇ. 
4. دەم يېگەن ئاشنى ئايرىم تەخسىلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئازراقتىن كاۋاپ قوندۇرۇپ
ئاچىقسىمۇ ياكى چوڭ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش كۇمىلىچىنى قوندۇرۇپ
ئاچىقسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۇمىلاچ پولۇ دەپ ئاتىلىدۇ. 
ئۇنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى كاۋاپلىق پولۇغا ئوخشايدۇ.

ئەنجان پولۇ

گۆش بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، سۇ يېغى 500 گرام، چامغۇر بىر كىلوگرام، بىھى تۆتتىن - بەشكىچە، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، ئانار بىر دانە، قېتىق مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۆش، بېھى، سەۋزە، چامغۇر چاقماق قەنتتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 
2. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ. 
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 ـ دەرىجىدە قىزىتىپ، پىيازنى، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇز، سۇ قۇيۇپ چامغۇرنى سېلىپ پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ زىرۋەك تەييار
لىنىدۇ. 
4. زىرۋەكنىڭ ئۈستىگە يۇيۇپ چىلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنىڭ سۈيى تارتىلغاندا بېھىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تىزىپ دۈملىنىدۇ. 
ئۈستىگە زىرە سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئانار چېچىپ، قېتىق بىلەن بىرگە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

يارما پولۇ

كۆممىقوناق يارمىسى ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر باش، گۆش 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام.

1. قوناق يارمىسىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ، قىزىق سۇغا چىلاپ 3-2 سائەت دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ. سەۋزە، گۆشنى قوناقتەك توغر
ىلىنىدۇ. 
2. خۇرۇچلارنى <شاد پولۇ>نىڭكىدەك قىلىپ قورۇپ، زىرە، تۇز سېلىپ، سۇنى كۆپرەك قۇيۇپ، گۈرۈچ ئورنىغا يارما سېلىپ 40-30 مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاش دۈملەنگەندىن كېيىن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەن بىلەن داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

بۇغداي پولۇ

بۇغداي ئىككى كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش 500 گرام، زىرە ئازراق، ياغ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە ئىككى يېرىم كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، پىياز بىر باش.
1. بۇغداينى پاكىز يۇيۇپ، قىزىق سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ.
2. قۇرۇلمىسىنى باشقا پولۇنىڭكىدەك قىلىپ تەييارلاپ، سۇ كۆپرەك قۇيۇلىدۇ. گۈرۈچ ئورنىغا بۇغداي سېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

شويلا

گۈرۈچ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، ياغ 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۆشنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق، پەمىدۇر چوڭ - چوڭ پارچىلاپ توغرىلىنىدۇ. گۈرۈچ ئىسسىق سۇدا 3-2 قېتىم يۇ
يۇلىدۇ 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇلىدۇ، كېيىن پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، پەمىدۇرنى، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. زىرە، كاۋاۋىچىن ۋە زەنجىۋىل سۈيىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، گۈرۈچنى سېلىپ تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئەگەر سۇ يېتىشمىسە يەنە
قايناق سۇ قۇيۇشقا بولىدۇ. ئاشنىڭ سۈيى تۈگەپ گۈرۈچمۇ پىشقاندا، ئوت 15-10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 
3. ئاش تەييار بولغاندا لېگەنگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە يۇمغاقسۈت سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

كۇچا شويلىسى

ئاققوناق بىر كىلوگرام، سوققان زەنجىۋىل مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، ياغ 200 گرام، تۇرۇپ ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر 70 گرام، يۇمغاقسۈت 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. ئاققوناقنى سوقۇپ، ياخشى ئاقلاپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈلىدۇ.
2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى يالپاق، تۇرۇپنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر ئۇششاق توغرىلىدۇ. 
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، گۆش بىلەن پىيازنى قورۇغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاققوناقنى، تۇرۇپنى سېلىپ بىر سائەت قاينىتىلىدۇ. 
قوناق ئېتىلىپ يۇمشىغان ۋاقىتتا پەمىدۇر، تۇز، زەنجىۋىل، قارىمۇچ سېلىنىدۇ.%90 پىشقاندا ئوتنى پەسەيتىپ، چوغدا 15-10 مىنۇت دۈملىنىدۇ. تاماقنى ئۇسۇش ئالدىدا يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.

سۆك شويلىسى

سۆك 500 گرام، پىياز بىر باش، گۆش ئىككى يېرىم كىلوگرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ياكى سېرىقماي 175 گرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە 250 گرام، يۇمغاقسۈت مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
1. سۈيىنى شويلا پىشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە تەييارلاپ، سۇنى كەمرەك قۇيۇپ، پەمىدۇر، زىرە سېلىپ، گۈرۈچ ئورنىغا پاكىز يۇيۇلغان سۆكنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. 
2. پىشقان سۆك شويلىسىغا يۇمغاقسۈت سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ. 
بۇ ئاشقا كېتىدىغان سۇ ئورنىغا سۈت قۇيسىمۇ بولىدۇ. بۇ سۆك بوتقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

سۈتلۈك شويلا

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ئىككى قوشۇق، سۈت بىر يېرىم كىلوگرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق.
1. گۈرۈچنى تازىلاپ 4-3 قېتىم يۇيۇپ، قازانغا بىر كىلوگرامدەك سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندا گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 
2. گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن سۈتنىڭ گۈرۈچكە سىڭىش ئەھۋالىغا قاراپ بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ سۈت قۇيۇلىدۇ. ئاش داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. گۈرۈچ ئېچىلىپ سۈتنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ ئاش 6-5 مىنۇت دەم
يېگۈزۈلىدۇ. 
3. تەييار بولغان تاماققا قوي يېغىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنگە ئۇسۇپ، ئاشنىڭ يۈزىگە ئازراق ئاق شېكەر سېپىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.

ماش - گۈرۈچ ئاش

يېشىل ماش ئىككى كىلوگرام، سېرىقماي 70 گرام، گۈرۈچ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. ماش ۋە گۈرۈچنى تازىلاپ 3-2 قېتىم يۇ
يۇلىدۇ. 
2. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاۋۋال ماشنى سېلىپ، ماش ئېتىلغاندا گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن سېرىقماي بىلەن تۇزنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئوتنى پەسەيتىپ بەش مىنۇت دەم يېگۈزسە بولىدۇ.

ئاق بەتتە (گاڭپەن)

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، بىر قوشۇق قوي يېغى.
1. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ، ئىسسىق، تۇزلۇق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇغاندىن كېيىن، قاچىنىڭ يېرىمىغا گۈرۈچ، يېرىمىغا قايناق سۇ قۇيۇپ، قاسقانغا سېلىپ 40 ـ 30 مىنۇت دۈملىسە بولىدۇ. 
ئەگەر پار قاسقانلىرى بولسا 15 ـ10 مىنۇتتا پىشىدۇ. گۈرۈچنى چۆيۈن قازان ياكى رو قازاندا دۈملىسىمۇ بولىدۇ. 
2. ئاق بەتتىگە (گاڭپەنگە) لايىق قورۇما قورۇلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ بىر نەچچە خىل ياكى بىر خىل قورۇما قورۇسىمۇ بولىدۇ

ئاق بەتتە

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز بىر تال، گۆش 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى دانە، ياغ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن سۈيى ئىككى قوشۇق.
1. گۈرۈچ ئاق بەتتە پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پەمىدۇر، سۇڭپىيازلاريالپاق توغرىلىدۇ. 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، قىزارغاندا
سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇلىدۇ، كېيىن پەمىدۇر، تۇز سېلىپ، كاۋاۋىچىن سۈيى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن دەملەنگەن ئاق بەتتىنى ئۈستىگە سېلىپ قورۇپ ئېلىشتۇرۇپ، ئۈستىدىن ئازراق ياغ چېچىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇلىدۇ. 
تەييار قازاندا كۆكتات شورپىسى، يا تۇخۇم شورپىسى ياكى باشقا بىر خىل شورپا تەييارلاپ، تاماق ئۈستىدىن ئىچىسە، كىشىنى ئىسسىق باسىدۇ.
تۇخۇم قورۇما ئاق بەتتە
گۈرۈچ بىركىلوگرام، سۇڭپىياز بىر تال، تۇخۇم بەش دانە، پەمىدۇر ئىككى تال، ياغ 175 گرام، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن سۈيى ئىككى قوشۇق.
1. گۈرۈچ ئاق بەتتە پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. لازا، پەمىدۇر، سۇڭپىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. تۇخۇمنى چېقىپ تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىغاندا، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان تۇخۇمنى قۇيۇپ، سارغايتىپ، چوڭ تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق پارچىلاپ قويۇلىدۇ. 
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇڭپىياز سېلىپ قورۇپ، پەمىدۇر، لازا، تۇز سېلىپ يەنە قورۇپ، ئازراق كاۋاۋىچىن سۈيى قۇيۇپ، پارچىلانغان تۇخۇم، ئاق بەتتە سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن ئازراق قىزىق ياغ چېچىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەخسىلەرگە ئۇسۇلىدۇ.

شوۋىگۈرۈچ

قوينىڭ لوق گۆشى 140 گرام، سەۋزە ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر بىر تال، قارىمۇچ ئازراق، گۈرۈچ 140 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، يۇمغاقسۈت ئازراق.
. قوي گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يىغىلغان كۆپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۈرۈچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ، تۇز قۇيۇپ قاينىتىپ، گۈرۈچ ئېتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىياز، پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. 
2. پىشقان شوۋىگۈرۈچىنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، ئۈستىگە چانالغان يۇمغاقسۈتنى، قارىمۇچنى سېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.







[Birzat بۇنى 2009-07-02 11:05 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmusaper[2009-07-14 02:39 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىر زات ئەپەندىم ياخشىمۇسز ؟ بىلوگىڭىزنى كورۇپ چىقتىم ،ياخشىكەن لېكىن يەنىلا كونىسىغا يەتمەيدىكەن ،مەن كونا تور بىتىڭىزنىڭ تىزىراق ئەسىلىگە كىلىشنى چىن يۈرۇگۇمدىن تېلەيمەن .
回复قايتۇرماimam[2009-07-05 06:05 PM | del]
سز  بلەن    چ چ  دا    كۇرۇشكلى    بۇلار    مۇ      چ چ   نۇمۇرۇم     461815439     بولسا   سلى  دەپ  بەرسلە    [face72]
回复قايتۇرماxamal999[2009-07-05 01:13 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،بىرزات  ئەپەندى ،سىزنىڭ  كونا توربىتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى   تىزارق  ئەسلىگە كەلتۇرەلەرسىزمۇ ؟ يەنىلا ئەسلىدىكى    توربەت ياخشى ئىكەن ، سىز چوقۇم قىلالايسىز .
    
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.