خوتەنگە سەپەر (خوتەن ھەققىدە خاتىرىلەر)


ئامرىكىدا شۆھرەت قازانغان « شۆھرەت مۇتەللىپ »، « ئەركىن سىدىق » ، « رېشات ئابباس » قاتارلىق دۇنياۋى ئالىملىرىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىش ، سۆيۈنۈش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ئۇلار دىيارىمىزغا كەلگەن پەيتلەردە دىدارلىشىشقا پۇرسەت بولمىدى. خەيرىيەت، مانا بۈگۈن ئامرىكا ئالى ئوقۇللاردا فىزىكا ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوستىمىز تۇرسۇنجان ( Jeck بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ) خوتەنگە قايتىپ يېڭى بىر ھاياتنى باشلىماقچى - توي قىلغىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئاغىينىمىزنىڭمۇ نامى چىقىپ مەشھۇرلاردىن بولۇپ بولغۇچە تويىغا تەكلىپ قىلغان مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇش ، توي خۇشاللىق دەقىقىلىرىنى بىرگە قۇتلۇقلاش ئۈچۈن خوتەندە 2-3 كۈنلۈك ( 6-ئاينىڭ 6-7-8-كۈنلىرى ) سەپەردە بولۇپ قالىدىغان بولدۇم. خوتەنگە بارمىغىلىمۇ بىرەر يىلدىن ئىشىپتۇ. تېبابەت يۇرتى ، قاشتىشى، گىلەم ، يېپەك - ئەتلەس ماكانى نامى بىلەن مەشھۇرخوتەن دىيارىنى 2 - يۇرتۇم دېسەممۇ بولىدۇ. تېبابەت كەسپىنى ئۈگەتكەن ئۇستازىم، ھەمساۋاق ئاغىينىلىرىم بىلەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ياشىغان ئىدىم. خوتەننىڭ تۇزىنى يېگەن ، يورۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن، چۈمۈلگەن. خوتەندىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئاغىينىدارچىلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇلارغا ھۆرمىتىم ۋە تەشەككۈرۈم بار. خوتەنلىكلەرنىڭ تەبئىتىدىكى مىھرىبانلىققا تولغان تولىمۇ ئاددا-ساددا ، تۈز مېجەزىنى ، ھېچ مۇددىئاسىز قىرىنداشلىق يەتكۈزىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى، جاھىل ئۆز سۆزلىكىنى سېغىندىم.
خوتەن ئاجايىپ سىر ھېكمەتكە تويۇنغان شەھىدانە يۇرت. بۇ يەردە كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك ئىستىدات ئىگىلىرىدىن قەدىمدە پەلسەپە ، ئىلىم - ئىرپان ئوچىقى ھېسابلانغان يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن ئەپلاتونغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر ھۆكىما ، « 312 ماددىلىق دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » نى تۈزۈپ ئىنسانىيەت دورىگەرلىك تارىخىغا ئۇل - ئاساس سالغان غازى باينى تېلغا ئالساق
يېقىنقى زامانغا تەۋە ئالىم -ھۆكۈمالاردىن ئىمام ئالاھىدىن خوتەنى، جامالىددىن ئاقسارايى، ھىندىستان تېببى ئۇنۋېرسىتىتلىرى ۋە دۆلەتلىك دوختۇرخانىلىرىدا كاتتا ئىززەت - ئىكرام بىلەن تېبابەتتىن دەرىس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ، ئىلىمدە كامالەت تاپقان ، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولغان ، ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مەنسۇر ھاجى، تۇدى ھاجى ، ئەمەتھاجى، ئابلىمىت يۈسۈپ ھاجى...بىز ئىسمىنى ئاتاشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان شۇ قەدەر كۆپ كاتتىلار ياشاپ ئۆتكەن ئەزىز دىيار بولشىغا قارىماي كۈنىمىزگىچە جاھالەت ، نادانلىققا پېتىپ ياشاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەستۇر.    
ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت پۇرقىغا ئىگە ئىمام ئاسىم قەبرىسى ئەتراپىدىكى ھەر پەيشەنبە ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى سەيلى ساياھەت - مەشھۇرلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش، ھەر يۇرت پالىۋانلىرىنىڭ چىلىشىشىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى كۆرۈش، تۆگە مېنىش، مەدداھلارنىڭ قىسسە - رېۋايەت ئوقۇشلىرى ، كەچلىرى گۇلخان يېقىپ چېچى بىلىگىچە كىلىدىغان دەرۋىش سۈپەت سۇفى-ئىشانلارنىڭ جەررە سىلىپ سەكرەشلىرى، نورۇز ئېشىغا ئوخشاش ھەر خىل خۇرۇچلارنى تاشلاپ ئېتىدىغان تاماقلىرى... زامانىۋېلىقتىن چىڭقىغان نېرۋا-ئەسەبلەرنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ، كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
گەرچە بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىدىن ئۇلۇقلار قەبرىسىگە ئۆزىنى ئېتىپ يېغلاش، ئۇلۇقلاردىن مەدەت تىلەش، قەبرە ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇلۇقلارنىڭ ھەققىدە قۇرئان ئوقۇش دېگەنگە ئوخشاش كىشىنى ئىچىندۇردىغان كۆرۈنۈشلەر، چېچى بەلگىچە چۈشكەن ئاشىق سۈپەت ياپ-ياش دېۋانە - دەرۋىشلەرنىڭ توپا-كىر باسقان مىسكىن سىياقى بىزلەرنى ئىچىندۇرسا ، يانچۇقى تومپىيىپ قالغان بەزى بىر پۇرسەتپەرەس جانباقتىلارنىڭ مۇغەمبىرانە تۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ  مەرىپەت، ئىلىم -ئىرپان نۇر چېچىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىيەت تۇمانلىرىنىڭ تارقاپ كەتمەي  كىشىلەرنىڭ ئەقىل-ئىدراك كۆزىنى توسۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ئەقلى سەگەك كىشىلەرنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.

************************************************************************

جىيا يېزىسىدىن ئۆتۈپ قۇملۇققا ئىچكىرلەپ ماڭغاندا يۇقۇردا بىز تىلغا ئالغان « ئىمام ئاسىم » قەبرىسى بار جايغا بارىمىز. بىر دۆڭلۈكتىن ئۈستىگە چىقىشىمىزغا شامال ئۇچۇرتۇپ كەلگەن سېسىق، تېنجىق پۇراق بۇرۇنغا ئۇرۇلىدۇ. پىيادىلىق، تۆگىلىك ھالدا « ئىمام ئاسىم » قەبرىگاھىغا قاراپ ئېقىۋاتقان ئادەملەر توپى شەكىللەندۈرگەن قۇملۇق يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر قەبرىستانىلىق بار. سول تەرەپتە بولسا تازا ئېگىز قىلىپ سېلىنغان ھاجەتخانا بار.
كىشىلەرنىڭ ھېكايە قىلىشىچە بۇ يەرگە كەلگەن « تاۋاپچىلار » ئوڭ تەرەپتىكى قەبرىستانلىقتىكى ئۇلۇق كىشى قەشقەردىن قوشۇن باشلاپ ئىسلام ئىچىش ئۈچۈن خوتەنگە بارغان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى
بولۇپ شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئالەر قىلىشى، سول تەرەپتىكى ھاجەتخانا ئاستىغا ئەينى دەۋر خوتەن بۇددىستلىرىنىڭ ئەسكەر باشلىقىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن بولۇپ ئۇ جاھىللىق بىلەن ئىسلام قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇشنى توختاتماي نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ غەزەپ -نەپرىتىگە ئۇچرىغان ئىمىش. شۇ سەۋەب بۇ يەرگە كەلگەن ئادەم ئۇنىڭ « بېشى » غا چىقىپ تەرەت قىلمىسا بولمايمىش...

ئەتتىگەندە چۇڭقۇ بازاردا پولو بىلەن قورساقنى بىر ياقلىق قىلىۋېتىپ خوتەننىڭ كوچىلىرنى ئايلانغاچ تويغا ماڭدۇق. كونا چىراي، تونۇش كەيپىيات، قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان خوتەن شېۋىسى، ئوخشاپ كەتكەن گۆش گىردىلەر....
داۋامى يېزىلىدۇ...


ئاۋاز ھۆججىتىنى قويۇش



[Birzat بۇنى 2009-07-02 09:11 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خوتەن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.