ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: تاغدىن-باغدىنكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

چوڭلارنىڭ <<كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ >> دېگەن سۆزى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجغا مۇۋاپىق، ھالال، پاكىز بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندىن باشقا چىش پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىش چوتكىسى بولمىغان ئىلگىركى زامانلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك ئىشلىتىپ ئۈممەتلىرىگە موھىم سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان. چىش چوتكىلاش، چىشنى پاكىز تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرىنى كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاساسەن بىلىدۇ.

1. مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنى خۇش قىلىدۇ.

2.ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.

بىر مەزگىللەردە ئەمۋاينىڭ تىجارەتچلىرى ئارقامغا كىرىۋېلىپ بەكلا ئاۋارە قىلىپ كەتتى، ئىچىم ئاغرىپ ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چىش

سىز بۇلارغا ھەق تۆلەپ باققانمۇ؟

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ. كىشىلەر بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ.

قۇياش نۇرى ھەقسىز - ھاياتلىق قۇياش نۇردىن  ئايرىلالمايدۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچكىم قۇياش نۇرى ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.

ھاۋا ھەقسىز- ئۆلۈم ئالدىدا سەكراتقا چۈشۈپ بىر-نەچچە قېتىم نەپەسلىنىشكە زار كىشىلەر ھاۋانىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بەكرەك ھېس قىلالىسا كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كىشى ئاللىقاچان شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىشتىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ. ۋاھالەنكى ھاياتلىق ئالىمىدىكى كىشىلەر ئەلمىساقتىن بىرى ھاۋا ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.

[تەپسىلاتى]

قان تىپى ۋە مۇھەببەت

Oﻗﺎﻥ ﺗﯧﭙﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻻﺭﺩﺍﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻛﯚﺯﺗﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯘﻟﺪﯗ،ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﺭﯗﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ، ﺋﯘﺩﯗﻝ، ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ،ﺭﻭﮬﻠﯘﻕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻪ ﺋﯚﺯﻧﻰ ﺗﯘﺗﯟﯨﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﺮﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﮬﺎﺑﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ،ﻣﯘﮬﺎﺑﺒﻪﺗﻪ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ،ﯞﻩﺩﯨﺴﮕﻪﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯘﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻼ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﻪﻟﻪﻳﺪﯗﮬﻪﻡ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ،ﺭﻭﮬﻰ ﺯﻩﺭﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ.ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قان تىپى ۋە مۇھەببەت

قىزىقارلىق رەقەملەر

فىرانسىيەلىك بىر ئاناتومىيە ئالىمى ئادەم تىنى ۋە كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك بىر گۇرۇپپا قىزىقارلىق رەقەملەرنى توپلىعان . ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسنىڭ پوستلاق قەۋىتىنى كىرىپ ، قاتلاملىرىنى تۈزلەپ سىرىسا ، قىلىنلىقى ئۈچ مېللىمىتىر ، كۆلىمى 90*60 كىۋادرات سانتمىتىر بولغان بولاق پىرەنىككە ئېرىشكىلى بولىدىكەن . ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1424 گرام ، قېرىغاندا بولسا 1395 گرام كېلىدىكەن ، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىق رېكورتى 2049 گرام ئىكەن . توققۇز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېنوزاۋورنىڭ چوڭ مېڭىسى پەقەت ياڭاق چوڭلۇقىدا بولۇپ ، ئېغىرلىقى 70 گرام كېلىدىكەن .

[تەپسىلاتى]

بۈگۈنكى تېببىي ئۇچۇرلار6-29

بېيجىڭ ‹ زوئەن › دۇختۇرخانىسى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىنى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن داۋالاپ ، ئۆمرىنى ئۈچ يىلچە ئۇزارتقان . ئۇلار ھەر خىل تىپتىكى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىدىن 1000نى داۋالىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ %87.8 ىنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزارغان .

+ گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا ، يىڭنە سانجىپ داغلاپ داۋالاش يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلمىگەن بىلەن ، ھەرىكەتتىكى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىگەر راكى ، بالىياتقۇ بوينى راكى ، يۈرەك كىسىلى

بۈگۈنكى تىببىي ئۇچۇرلار6-28

  
    تىببىي ئۇچۇرلار

[تەپسىلاتى]

ھەيران قالارلىق ئىشلار


ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئۇچقۇچىلار يىغلىيالمايدىكەن. چۈنكى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، كۆزىدىن ياش چىقمايدىكەن.

خامىلىيۇننىڭ تىلى ئۆزىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئوقۇپ قويۇڭ

  ئەسنەش ۋە ئۇنىڭ رولى [تاغدىن-باغدىن]


ھايۋانلاردىن، مەسىلەن: ئىت، مۈشۈك، كالا، ئات، توخۇلارمۇ ئەسنەيدۇ. بەزىلەر ئەسنەشنى ھورۇنلۇق بىلەن باغلايدۇ. لېكىن، ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ھورۇن ھايۋان چوشقا بەك ئاز ئەسنەيدۇ، ئىت كۆپ ئەسنەيدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەسنەش ھورۇن

مەن پەقەت ئاددىي بىر كىشى، جەمئىيەتتىكى ئاشۇ ئىشلارنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆزىتىپ تۇرغۇچى، پەرزەنتلىرىمنى جەمئىيەتتىكى ئاشۇ خىل يامان تەسىرلەردىن ئامان ئىسەن قوغداشنى ئىستىگۈچى بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەخسىي تور خاتىرەمدە بۇ ھەقتە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېرىشىپ باقتىم. مېنىڭچە مەن چەكتىن ئاشۇرۋەتكەندەك قىلمىدىم. <<مۇشۇ تور بەتنى باشقا مىللەتلەر كۆرۈپ قالسا مىللىتىمىز يۈزىگە سەت بولمامدۇ؟>>  دېگەندەك پىكىرلەرنى تاشلىغان تورداشلارغا شۇنداق تەكلىۋىم بار: باشقا مىللەتلەرنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى تور بەتلىرىدىن سىز قانچىلىك كۆرۈپ باقتىڭىز، باشقىلارنىڭ جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىلىشىڭىز كېرەككى باشقىلار بۇنى نۇمۇس ئەمەس بىر ئىلىم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.  << ئۇيغۇر تېبابەتىنى جىنسىيەت تېبابىتى قىلىپ قويدۇڭ>> دېگۈچىلەرگە ئېغىر روھىي بېسىم بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تور بېتىمنىڭ نامىنى ھەم خاسلىقى ئۆزگەرتىپ << 80خالتا بلوگى>> دەپ ئىسىم قويۇپ ئۇيغۇر تېبابىتى دېگەن ئىبارىنى ئىلىۋەتتىم. كۆپچىلىككە مەلۇمكى بلوگ دېگەنلىك ئۆزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىنى ، كۈندۈلۈك خاتىرىلىرىنى يازىدىغان شەخسىي تور بوشلۇقى دېگەنلىك بولىدۇ. خالىسام كۈندۈلۈك خاتىرە يېزىپ قويىمەن. خالىسام نەسىرى ئەسەرلەرنى يېزىپ يېزىقچىلىق مەشىقى ئىلىپ بىرىشىممۇ مومكىن. خالىسام كۆپچىلىككە پايدىلىق رېتسىپ، ئۇسۇل-چارىلەرنى يوللايمەن. بەزىدە تورداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ قويۇشۇم، سورىغان سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە جاۋاب يېزىپ قويۇشۇممۇ مومكىن. لىكىن مەن بۇنى ئۆزۈمگە يۈك بىلىپ روھىي بېسىم قىلىۋالمايمەن.

[تەپسىلاتى]

ھازىر بۇنى يەيدىغانلار ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئۆتۈپ قىز سىتۇدىنتلار ئارىسىدىمۇ كۆپمىش. ئاڭلىشىمچە مەخسۇس ئەشۇ سىتۇدېنتلارغا مەجۈن ياساپ بىرىدىغان تېۋىپ سىياقتىكى قىزىل كۆز كىشىلەر بارمىش. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ چىرايىنىڭ نۇرى قاچقان ئاۋاق بالىلار دۇكانغا كىرىپ << ئاكا، مەجۈن بارمۇ؟>> دەپ سورايدۇ. كەيپىم ئۇچۇپ بەزىلىرىگە  قوپاللا، << يوق >> دەپ جاۋاپ بىرىمەن. بەزى باللانى گەپكە سىلىپ قويىمەن. تۇرقى سىياقى ئوقۇغۇچى باللا ئىكەنلىكى بىلىنىپلا تۇرىدۇ. قورساقنى ياخشىراق تويغۇزۇپ يۈرەلمەيدۇ، كىم قويۇپتۇ كەيىپ قوغلىشىپ بۇ ماڭقىلارغا دەپ ئارقىسىدىن ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەپ قالىمەن. سازەندە، ناخشىچى باللامۇ يەپ قويىدىكەن. مەجۈن يەۋالسا ناخشا-مۇزىكا دېگەننى << ئۆلتۈرۋەتكۈدەك>>.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: مەجۈن، كەيىپ، چېكىملىك، نەشە

1942-يىلى 6-ئايدا گىرمانىيە فاشىستلىرى جىك ردىس(捷克利迪策村)كەنتىدە 16ياشتىن يۇقۇرى ئەرلەرنى ۋە بارلىق بوۋاقلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتتى. ھەمدە بارلىق ئاياللارنى ۋە 90نەپەر ئۆسمۈرنى لاگىرغا قامىدى. كەنتتىكى ئۆي ۋە بارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. تىپ-تىنچ بىر كەنەت شۇنداق قىلىپ فاشىستلارنىڭ قانلىق ئاياق ئاستىدا نابۇت بولدى. بۇ دۇنيا ئۇرۇش تارىخدىكى بالىلار ئەڭ كۆپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بىرقېتىملىق ئۇرۇش بولدى. 1949-يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە خەلقئارا دېموكوراتىك ئاياللار ئىتتىپاقى موسكىۋادا يىغىن ئېچىپ،بىگۇنا ئۆلتۈرۈلگەن بالىلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن ھەريىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلەشنى قارار قىلدى.
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن جۇڭخۇا مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى جۇڭگۇنىڭ بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپ گومىنداڭ بەلگىلىگەن4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى بالىلار بايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمى:

[تەپسىلاتى]

دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى (5-31)


بۈگۈن 31-ماي 23-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى» ، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. تاماكا چەككەندە، يۈرەك-مېڭە قان تۇمۇرلىرى كېسەللىكلىرى، راك، ئاستا خاراكتىرلىك ئۆپكە يوللىرى توسۇلۇش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تاماكا چېكىشتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر يۇقىرى قان بىسىمدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە كېسەللەرنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ جىنىغا زالىم بولىدىغان 2-چوڭ قاتىل ھېسابلىنىدىكەن. ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن قولىڭىزدىكى تاماكىنى دەرھال تاشلاڭ!!!
مەنبە: جۇڭگۇ خەۋەرلەر تورى

[تەپسىلاتى]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىلىنىڭ مۇشۇ دورىللىرىنى قانداق مىقتاردا يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدۇ مەسىلەن ھەسەل، ماددىتىل ھايات .......دىگەندەك ،مەن ئادەتتە ھەسەلگە بەك ئامراق ،شۇنداق بولغاچقا ئەگەر كۆپرەك يەپ سالسا سالامەتلىكىمگە تەسىر يىتىپ قالارمۇ ،ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ دورىلارنى يىيىش مىقتارىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا ،ئەگەر مۇشۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسام ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە ؟

جاۋاب:

[تەپسىلاتى]

تېببى ساھەدىكى لەتىپە-يۇمۇرلار


سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش

بىر دوختۇر  دوختۇرخانا قوروسىدىكى دەرەخلىكتە  بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ سۆيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئىتىلىپ بارغىنىچە يىگىتكە كايىپ كىتىپتۇ،

[تەپسىلاتى]

ئامېرىكىدا ئىت زۇكىمى تارقالدى


A تىپلىق H1N1 زۇكىمى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ ساراسىمگە سالغان پەيتلەردە ، يېڭى بىر خىل زۇكام ئامېرىكىدا ئاستا - ئاستا يامراشقا باشلىدى . بۇ خىل زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى %8 كە يىتىدىكەن . بۇ 1918 - يىلى 10 مىليون ئىسپانىيىلىكنىڭ جىنىغا زامىن بولغان زۇكامدىن %2 يۇقىرى تۇرىدىكەن . بىراق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە ، بۇ خىل زۇكام ۋېروسى ۋاقتىنچە پەقەتلا ئىتلارنىڭ تىنىدە تارقىلىدىكەن .

ئالىملار بۇ خىل H3N8 ئىت زۇكىمى ۋېروسىنىڭ 5 يىل ئىلگىرى ئاتنى نەسىللەندۈرگەندىن كېيىن ئىتقا يۇققانلىقىغا ئىشىنىدۇ . بىراق بۇ خىل زۇكام ئەزەلدىن ئىنسانلارغا يۇقۇپ باقمىغانىكەن . ئالدىنقى ھەپتە ، ئامېرىكا يېزائىگىلىك مېنىستىرلىكى بۇ خىل زۇكامغا قارىتا چىقىرىلغان ۋاكسىنىنى تەستىقلىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل زۇكامنىڭ ئامېرىكىدا تارقالغىنىغا بىر مەزگىل ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئىتنىڭ خوجايىنلىرى ۋە مال دوختۇرلىرىدىن باشقا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىدى . ئىت زۇكىمى <ئېغىر ئاپەت بولغان رايون> ھازىرچە فىلورىدا شىتاتى ، فىلادىلفىيە شەھىرى ، نيويۇركنىڭ شىمالى قىسمى بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئاپشاركىلار بۇ زۇكام ۋېروسىدىن يۇقۇملانغان .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىت زۇكىمى


تةتقصقاتتصن بايقصلصشچة ،ئةرلةر جۈرصسص بصلةن بصرياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇخلصغاندا كاشصلصغا ئۇچرايدصكةن ،مةيلص يصقصنچصلصق قصلسۇن ياكص قصلمصسۇن ،ئةتصسص رۇيص ھالصتص بصنۇرمال بۇلۇپ ،چوڭ مصڭصسصنصڭ ئصنكاسص تۈۋةنلةپ كصتصدصكةن ،«يصڭص ئصلصم-پةن »ژۇرنصلصنصڭ ئةڭ يصڭص بصر سانصدا بصسصلغان تةتقصقاتتا دصيلصشصچة ،ئاياللار بۇخصل كاشصلصدصن مۇستةسنا ئصكةن ،ئاياللار ئةرلةرنصڭ ئةكصسچة بصرياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇخلصسا تصخصمۇ بةھۇزۇر ئارام ئالالايدصكةن ،چۈنكص بۇخصل ھالةت ئاياللارنص غةرصق ئۇيقۇ ھالصتصگة كةلتۈردصكةن.
ۋصنا ئۇنۋصرسصتصتصنصڭ پصرۇفصسۇرص خارصت.كارۇچ يصتةكچصلصكصدصكص بصر تةتقصقات گۇرپصسص پةرزةنصت كۈرمصگةن 20نةچچة ياشلصق قصزيصگصتلةر جۈرصلةر ئۇستصدة تةتقصق ئصلصپ بارغان ،تةتقصقاتچصلارئۇلارنص 10كصچة بصر ياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇخلصتصپ ،كصيصن يةنة 10كصچة ئايرصم ئۇخلاتقۇزغان .تةتقصقاتچصلار ئۇلارنصڭ ئۇيقۇ ھالصتصنص جةدصۋةللةشتۈرۈش ۋة قۇل بصلةن باشقۇرۇش كۈزتصش ئةسۋابص ئارقصلصق باھالصغان ،ئةتصسص يةنة ئۇلاردصن ئاددص ئةقصلص سصناق ئالغان ھةمدة ئۇلارنصڭ جصددصيلةشتۈرگۈچص ھۇرمۇن سةۋصيسصنص تةكشۈرگةن ،ئةرلةر جۈرصسص بصلةن بصر ياستۇققا باش قۇيغاندا تصخصمۇ بةھۇزۇر ئۇخلايدصغانلصقصنص ئصيصتقان بۇلسصمۇ ئةمصلصيةتتة ئۇنداق بۇلمصغان ، دصمةك ئۇلارنصڭ چوڭ مصڭصسص ئۇيقۇ جةريانصدا كاشصلصغا ئۇچرصغان .
ۋاھالةنكص ئاياللار جۇپتص بصلةن بصر ياستۇققا باش قۇيغاندا ،ئۇيقۇ سۈپصتص تصخصمۇ ياخشص بۇلغان ،ئةرلةرنصڭكصگة ئۇخشاش ئصنكاس كۈرۈلمصگةن ،ئۇلار ئادةتتة ياستۇققا باش قۇيشص بصلةنلا ئۇيقۇغا كةتكةن ،ئةرلةرگة قارغاندا ئۇيقۇغا تصخمۇ تصز غةرصق بۇلۇپ ،يالغۇز ئۇخلصغانغا قارغاندا تصخمۇ راھةتلةنگةن .

[تەپسىلاتى]

ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدىنىيتى ھەققىدە


تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغىندەك ،  سىزمۇ ئاشۇ  ئالى مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە خاس ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللانغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن.
مەيلى قانداق تەدبىر قوللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، كۈندىلىك تۇرمىشىڭىزدا چۇقۇم چاي ياكى چاي دورىسىدىن ئايرىلالمايسىز.
ئەمگەكچان ،ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىزنىڭ چايخۇمارلىقى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ  بىر تۇرى ھىساپلىندۇ. خەلقىمىز  ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان چاي دورىللىرىنىڭ خاسىيىتى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چاي دورا-دەرمەك

مەسئۇلىيەت زادى كىمدە؟


ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﮬﻪﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺩﻭﺭﺍ-(ﺋﻮﺕ-ﭼﯚﭖ، ﮔﯩﻴﺎﮬﻼﺭ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭ،...ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ) ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ، ﻛﯚﺯﯛﺗﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ (ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ) ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﯦﺮﯨﻴﻪ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 4-5 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﯩﻖ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﻩﻟﯩﻞ-ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺗﻮﻟﯘﻕ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﻣﯘ-ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺯﯦﺖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺧﺎﺗﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ، ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﺎﺧﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ <<ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ>> ﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، كىتابنى تۈزۈپ گۈچىلەرمۇ ياكى خىرىدار بولغۇچىلارمۇ؟ كاللىنى سىلكىۋېتىپ ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىدىغان يەرگە يەتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بىمار كېسەل


يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش
يوشۇرۇن مەزمۇن يوشۇرۇن مەزمۇن
بۇ مەزمۇن ئاپتور تەرىپىدىن يوشۇرىۋېتىلگەن، پەقەت ئەزالارلا كۆرەلەيدۇ كىرىش | تىزىملىتىش









[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يېشىل

    
ئىزدىنىش تورىدا بىر قىز تورداشلاردىن تۇرپانغا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلمەكچى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ جەرياندا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى كىرەكلىكى ھەققىدە يول كۆرسىتىشنى سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا تۇرپان-پىچانلىق ھەم باشقا جايلاردىن شۇ ياقلارغا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلۈپ تەجىربىلىك بولۇپ قالغان تورداشلار كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

بۇ ھەقتە تورداش تەكلىماكان10 نىڭ بايانى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قۇم كۆمۈلۈش