ئۇيغۇر تېبابتىدىكى قۇۋۋەت دورىلىرىنى قانداق ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىلىنىڭ مۇشۇ دورىللىرىنى قانداق مىقتاردا يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدۇ مەسىلەن ھەسەل، ماددىتىل ھايات .......دىگەندەك ،مەن ئادەتتە ھەسەلگە بەك ئامراق ،شۇنداق بولغاچقا ئەگەر كۆپرەك يەپ سالسا سالامەتلىكىمگە تەسىر يىتىپ قالارمۇ ،ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ دورىلارنى يىيىش مىقتارىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا ،ئەگەر مۇشۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسام ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى قۇۋۋەتلەش ھەم داۋالاش خاراكتىرىگە ئىگە دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا بىمار ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، بەدەننىڭ مىزاج ھالىتىگە قاراپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
ماددىتىل ھايات- تەبئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ سوغۇقتىن بولغان بارلىق ساقسىزلىققا، قۇۋۋەتسىزلىككە ، جىنسىي ئاجىزلىققا ، بەل-پۇتنىڭ ئاغرىشى، ئېغىرلىشىشىغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇ دورىنى ئادەتتە ھۆل-سوغۇق موھىتتا ئىشلەيدىغان، بەدىنىدە ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتكەن كىشىلەر كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئومۇمىي بەدەن ھارارىتىنى ياخشى قىلىپ بۆرەك ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، سوغۇقتىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەردىن ئومومىي بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
ئەگەر مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولغان كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى مومكىن.

ھەسەلنى كۆپ ئىستىمال قىلسىلىرى زېيىنى يوق. 12-15 كۈن ئەتراپىدا بىرەر كىلو ھەسەل ئىستىمال قىلسا
مۇۋاپىق. ھەر خىل ئوزۇقلۇق ۋىتامىن ۋە مىنىرال ماددىلارنى تولۇقلاشقا ياردەم بىرىدۇ. بەدەننى تازىلايدۇ.
تامام
مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات





[Birzat بۇنى 2010-05-30 00:29 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.