قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسىنى ئىشلىتىسىز؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2012-02-19
چوڭلارنىڭ <<كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ >> دېگەن سۆزى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجغا مۇۋاپىق، ھالال، پاكىز بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندىن باشقا چىش پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىش چوتكىسى بولمىغان ئىلگىركى زامانلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك ئىشلىتىپ ئۈممەتلىرىگە موھىم سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان. چىش چوتكىلاش، چىشنى پاكىز تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرىنى كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاساسەن بىلىدۇ.
1. مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنى خۇش قىلىدۇ.
2.ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.
مىسۋاك ـ «سالۋادورا پېرسكا» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ ياش نوتىسدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياغاچتىن بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى 1 ياكى 2 سانتىمېتىر ئۇچلاپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ. مىسۋاك سۇدا يۇمشىغاندىن كېيىن خۇددى چىش چوتكىسىدەك پۇرشىلىق ھالغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان مىسۋاك دەل بۇ دەرەخنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ دەرەخ شەرقىي ئافرىقىدىن، ھىندىستانغىچە بولغان مەملىكەتلەردىن چىقىدۇ. تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئېغىزدا چىشلار تولۇق بولمىغاندا پسخولوگىيىلىك سەلبىياتلارمۇ كۆرىلىدۇ. چىشلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى چىشلارنىڭ ئارىلىقىدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرىدىن توپلانغان باكتېرىيەلەردۇر. ئېغىز، چىش ۋە چىشلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۆشلەرنى باكتېرىيەلەردىن ساقلاش ئۈچۈن چىش چوتكىسىنى قوللىنىش ئەھمىيەتلىكتۇر. بىراق چىش چوتكىسى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىلىرى (ياگولار) نورمالدىن ئارتۇق تەملىك بولغاچقا، ئۇ، ئېغىز تەمىنى بۇزىدۇ. ئەمما مىسۋاك ئۆزىنىڭ نورمال پۇرىقى ۋە ياخشى تەمى بىلەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تەمىنى بۇزمايدۇ. شۇڭا چىش چوتكىسىدىن مىسۋاكنىڭ ئەھمىيىتى كۆپتۇر دەپتۇ.
ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە مىسۋاك ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ئىدىم، لىكىن سەل ئەپسىز ھېس قىلىپ يەنە چىش چوتكىسىغا ئۆتىۋالدىم، چاتاق بولغىنى مۇسۇلمانلارغا ماس كەلگۈدەك ھەم پاكىز ھەم چىشنى ھەقىقى تۈردە ئاسرىيالىغۇدەك چىش پاستىسى تاپماق سەل تەس بولدى. 2000-يىللىرى تۈركىيەنىڭ چىش پاستىسىلىرىنى ئىشلىتىپ يۈردۈم، بۇ ھەر ھالدا خەنزۇچە ماركىدىكى چىش پاستىسىلىرىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرى بىر-بىرلەپ بازارغا كىرىشكە باشلىدى، بىر قانچە ئۇيغۇرچە ماركىلىق چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، لىكىن مىسۋاك ئىشلەتكەندىكى ياكى تۈركنىڭ پاستىسلىرىنى ئىشلەتكەندىكىدەك ھېس قىلالمىدىم. بىر مەزگىللەردە ئەمۋاينىڭ تىجارەتچلىرى ئارقامغا كىرىۋېلىپ بەكلا ئاۋارە قىلىپ كەتتى، ئىچىم ئاغرىپ بىر تال چىش پاستىسىنى ئىلىپ ئىشلەتكەن بولدۇم. بۇمۇ بەك ياراپ كەتمىدى. ئۇندىن كىيىن بىرسى <<ئىپار>> نىڭ چىش پاستىسىنى تەۋسىيە قىلىپ قالدى. ئىشلىتىپ كۆرىۋىدىم، ئۇنىڭ پۇرىقى، چىشنى پاكىز تازىلىشى ماڭا ياراپ قالدى. مانا 3-4 يىلدىن بىرى <<ئىپار>> شىركىتىنىڭ چىش پاستىسىغا كۆنۈپ قالدىم. ئاڭلىسام بۇلار ئۆزلىرى ياسارمىش. ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرىغا بولغان ياراتماسلىق قارىشىم ئۆزگەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى <<ئىپار>> شىركىتىنىڭ چىش پاستىسىدا <<ئىپار>> دېگەن ماركىدىن باشقا ھەممە خەتلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس. بەلكىم بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى ئۇيغۇر رايۇنىدا ئىچىشنى ئويلىمىغان بولىشى مومكىن.
چىش پاستىسى تاللاشتا نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك، ھازىر قايسى ماركىدىكى چىش پاستىلىرى ياخشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ دېگەندەكلەر ھەققىدە تورداشلارنىڭ قاراشلىرىنى بىلىپ باقاي دەپ ئۇيەر-بۇيەردىن سۆز ئىچىپ ئولتۇردۇم. ئېيتىڭلارچۇ تورداشلار، سىلەر ھازىر قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چىش
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يولدىشىم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولغىلى ئون يىلدىن ئاشتى .كېسەللىك ئەھۋالى باشتىن ئاخىرى ئوخشاشلا يەنە شۇ جايىدا(شىياۋسەنياڭ).بۇ كېسەللىككە زادى دەۋا يوقمۇ ؟ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرى مەنپەت قىلامدۇ ؟نىمىلەردىن پەرىز تۇتىش كېرەك ؟بىر مەسلىھەت بەرسىلە بوپتىكەن ؟
ئاڭلىسام مۇشۇ ئاشخانىلاردا ۋە ناۋايخانىلاردا ئىشىلتىدىغان بەزى چوتكىلارنىڭ قىلى چوشقىنىڭ تۈكىدىن ياسىلدىكەن، لېكىن بەزى ناۋايلار دىققەت قىلماي ئىشىلتىۋىردىكەن. ماۋۇ چىش چوتكىسىنىڭ قىلى قانداق ماتىرياللاردىن ئىشلىنىدىغاندۇ؟
سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!
مىنڭ چىشىم ئۇزۇن بولدى ھەرقانداق سوغۇق نەرسىنى يىيەلمەيمەن، سۇغۇق نەرسە تەگكەن ھامان شۇنداق ئاغرىپ كىتىدۇ، ھازىر چىشىم بەك سەزگۈر بوپ كەتتى ، شامال تاتىپ ئاغرىيدۇ، ئازراق غىچىرلىغان ئاۋازنى ئاڭلىسام چىشىم زىڭلداپ كىتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق چارە قوللانسام بۇلىدۇ ؟ قايسى دۇرىنى يىسەم بۇلىدۇ؟ بىر يول كۆرسەتسىلە ،ئاللا رازى بولسۇن !
ئاياللار قاينىتىپ جىنسىي ئەزانى يۇيۇپ، ھوردىلىپ بەرسە بولىدىغان دورا دەرمەكلەر: قەلەمپۇر، خۇلۇنجان، قوۋزاقدارچىن، كاۋاۋىچىن، ئانار پوستى ياكى ئانار چېچىگى...قاتارلىقلار. ئەگەر ياللۇق، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلۇپ كەلسە مامىرانچىنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
مېنىڭ بىلىشىمچە تاھارەت ئالىدىغان سۇغا قويۇلىدىغان تەلەپ: رەڭگى، تەمى، پۇرىقى ئۆزگەرمىگەن ساپ سۇ بولىشى كېرەك. ئىسسىقلىق دورا قاينىتىپ ئومومىي بەدەننى يۇيۇنىدىغانلار يۇيۇنۇپ بولۇپ ساپ سۇ بىلەن بەدىننى چايقىۋەتسە بولىدۇ.
ھە راس بىرزات ئەپەندىم ، مىنىڭ چىشىم بەك قانايدۇ ، چىشىمنى چوتكىلىغان ۋاقىتتىغۇ ۋەھشى قانايدۇ ، ئادەتتە قاتتىقراق نەرسە يىسەممۇ قانايدۇ ، ۋىتامىن س كەم ئوخشايدۇ دەپ تولۇقلاپ باقتىم ، سۇت ئىچىپ باقتىم ، چىش پاستىلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم ، يەنىلا ئوخشاش، مەندە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئىدى ، شۇ سەۋەبدىنمىكى دىسەم تىخى، سىلىچە بۇ قانداق ئەھۋالدۇ؟؟؟