سىز بۇلارغا ھەق تۆلەپ باققانمۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-02
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ. كىشىلەر بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ.
قۇياش نۇرى ھەقسىز - ھاياتلىق قۇياش نۇردىن ئايرىلالمايدۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچكىم قۇياش نۇرى ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.
ھاۋا ھەقسىز- ئۆلۈم ئالدىدا سەكراتقا چۈشۈپ بىر-نەچچە قېتىم نەپەسلىنىشكە زار كىشىلەر ھاۋانىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بەكرەك ھېس قىلالىسا كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كىشى ئاللىقاچان شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىشتىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ. ۋاھالەنكى ھاياتلىق ئالىمىدە ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كىلىۋاتقان ئادەملەرھاۋا ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.
مىھرىبانلىق ھەقسىز - ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مىھرىبانلىقىغا نائىل بولىدۇ. ھېچقانداق بىر ئاتا-ئانا بالىسىغا << سەن بىزگە پۇل بەرسەڭ، بىز ساڭا مىھرىبان بولىمىز>> دېمەيدۇ.
دوستلۇق ھەقسىز - يالغۇزلۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئېغىر كۈنلەرگە قالغان چېغىڭىزدا سىزگە تەسەللى بەرگەن، ياردەم قىلغان ئادەمنىڭ دوستلۇقى چىن ۋە سەمىمى بولىدۇ.
مۇھەببەت ھەقسىز - سىزنى ھەر ۋاقىت سېغىنىدىغان، سىزگە ھەر ۋاقىت سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق تىلەيدىغان، بەختىڭىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئادەمنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز ۋە ھەقسىز بولىدۇ.
نىشان ھەقسىز بولىدۇ - مەيلى پۇلدار ياكى نامرات بولۇڭ سىز خالىسىڭىزلا ئۆزىڭىزگە نىشان تىكلىيەلەيسىز. نىشانىڭىز ئۇلۇغ ياكى ئادەتتىكىچە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەلەيسىز.
ئىتقاد، ئىرادە، ئۈمۈد، ھايا قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز - ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى، ئۇنى قىلىشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيسىز. مەيىن شامال، سىم-سىم يامغۇر، ئايدىڭ كېچە، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۆك ئاسمان ھەقسىزبولىدۇ. ئۇنىڭغا بېقىشنى خالىسىڭىزلا سىز ئۇنىڭدىن تەبىئەتنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇلار سىزنىڭ باشقىلار تارتىپ ئالالمايدىغان ۋە دەخلى-تەرۈز قىلالمايدىغان بايلىقلىرىڭىزدۇر. بۇلارنى ئەستايدىل بىر ئويلىنىپ كۆرگىنىڭىزدە تەڭرىتائالانىڭ بارچە جاندارلارغا نەقەدەر ئادىل ۋە مىھرىبان ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىسىز.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: