گەپنى يېغىپ 80خالتا بلوگىنىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى نادىر بلوگلارنى باھالاشتا چولپان بولۇشىدىكى ئامىللار ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقاي، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تىرىشىۋاتقان ياش دوستلارغا ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار:
1. 80خالتا بلوگىنى كەسپنى ئاساس قىلىپ يېزىپ ماڭغان بولغاچقا ئۆزۈممۇ زېرىكىپ قالمىدىم، ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ قازاندىم، تورداشلارمۇ ئەمەلىي نەپ ئالدى دەپ قارايمەن. ئىقتىسادىي ئۈنۈم دېگەندە بلوگدىن پايدىلىنىپ ئىلان كىرىمى قىلىش مېنىڭچە ئۇنچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لىكىن كەسپىي جەھەتتىن مەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغان، ماڭا خىرىدار بولىدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى تېپىپ بەردى.

" /> بىرزاتنىڭ بلوگچىلىق سەپىرى - 80 خالتا بلوگى

بىرزاتنىڭ بلوگچىلىق سەپىرى


تۆۋەندىكى يازما يۈكسەل بلوگىدا ئىلان قىلىنغان <<ئۇيغۇر Blog چىلىقىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ >> دېگەن ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسىم بولۇپ كەمىنە بىرزاتنىڭ بلوگچىلىق سەپىرىگە قىزىققۇچىلار بولسا كۆرۈپ باققاي!

تېما ئوبدان ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ، ياشلارنى، يېڭىدىن بلوگچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويىۋاتقان تورداشلارنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ئۆز تەجرىبەمنى سۆزلەپ باقاي:

بلوگ يېزىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولىدىكەن. تورداشلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ پەرقلىق بولىدىكەن. شەخسەن مەن بلوگنى شەخىسنىڭ تور يۈزىدە ئۆزىنى ئىپادىلىشى دەپ چۈشەندىم. مېنىڭ بلوگ يېزىشتىكى مەقسىدىم ئەسلىدە مۇنبەرلەردە يوللاپ تۇرغان ئۆز كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك يازما-ماقالىلەر، ھېس-تۇيغۇلۇرۇم، ئويلىغانلىرىم دېگەندەكلەرنى بىر يەرگە جۇغلاپ قوياي دەپلا شۇ ۋاقىتتىكى (2006-يىلىغۇ دەيمەن) ئۇيغۇرچە بلوگ سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى ‹‹ئېلغار›› تورىدىن ‹‹ بىرزات شىپاخانىسى›› نامىدا بلوگ تىزىملىتىپ بالدۇرقى تور يازمىلىرىمنى جەملەپ قويدۇم. پۇرسەت بولسىلا يەنە يېڭىدىن يىزىپ تۇرغانمۇ بولدۇم. بلوگدىكى يازمىلار كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە قىزىقىشىنى قوزغاپ زىيارەت سانىمۇ كۈندىن -كۈنگە ئىشىشقا باشلىدى. تېبابەت، ساغلاملىق، ئوزۇقلىنىش، توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە سۇئال سورايدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. مەنمۇ ئىلگىركى مۇنبەر قىزغىنلىقىمنى بلوگ يېزىشقا قارىتىپ بالدۇرقىدىن تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان بولىدۇم. بلوگنى تىرىكچىلىك يولۇمدىكى مۇئەييەن تەشۋىقات رولىنى ئوينىسۇن دەپ بلوگ باش بېتىدە دۇكان ئادرىسىمنى، تىجارەت دائىرەمنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويدۇم. ئانچە-مۇنچە يىراق يېقىندىن تېلفۇنلار كىلىپ تۇرىدىغان، دۇككىنىمدىكى ھەر خىل تېبابەت مەھسۇلاتلىرىدىن ھەسەل، گۈلقەنت ۋە ھەرخىل دورا-دەرمەكلەرنى زاكاس قىلىدىغان، مەسلەھەت سورايدىغان ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. يېراق-يېقىندىن ئانچە-مۇنچە ئىزدەپ كىلىپ مەن بىلەن پاراڭلاشقاچ دۇكاننى زىيارەت قىلىپ كىتىدىغان تورداشلىرىممۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دېمەك مەن بلوگ يېزىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماڭا مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئۆزى مەندە بىر خىل ئىپتىخارلىق، ئۆز كەسپىمگە بولغان مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. تور يۈزىدە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان ساغلاملىق ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئاممىباب تىل ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەشنىڭ تورداشلارغىمۇ ھەم ماڭىمۇ پايدىلىق بىر يول ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تېخىمۇ سەمىمىي بولۇپ ئىمكان بار باشقىلارنى ئەمەلىي پايدىلىق بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەندە بۇ يولنىڭ تېخىمۇ كەڭرى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. تورداشلارنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى سورىغان سۇئاللىرىغا ئىمكان بار شۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغۇچى ناتوغرا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ۋە يېمەك-ئىچمەكتىكى مىزاجغا مۇۋاپىق بولمىغان ئوزۇقلىنىش، غىزالىنىش ئادەتلىرىنى تەرتىپكە سىلىش، نۇرمالسىز روھىي ھالەت-كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش دېگەندەكلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىدىم. كىتابلاردا بايان قىلىنغان نەزىرىيۋى ئۇسۇل ۋە ئاتالغۇلارنى ئىمكان بار ئىشلەتمىدىم. ئاممىباپ بولۇش، چۈشۈنۈشلۈك بولۇش، پايدىلىنىشچانلىقى يۇقۇرى بولۇش دېگەندەك سەۋەبلەر بلوگىمنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى كۆپەيتكەن بولۇشى مومكىن.

گەپ سەل ئاينىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، ئەسلى سۆزىمىزنى تېپىۋالساق بىرزات شىپاخانىسى نەشىر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي زىيارەت ئېقىمى خىلىلا ئوبدان بولۇپ كۆزلىگەن مۆلچەردىن كۆپ ئىشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋال بلوگنىڭ مۇستەقىل بوشلۇق ھەم نامىنىڭ بولۇشىنى تەبئىيلا تەلەپ قىلاتتى. بۇ چاغدا ‹‹بىرزات شىپاخانىسى ›› نىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان يۈكسەل بۇرادەر ماڭا مۇقىم بوشلۇق ھەم مۇستەقىل تور نامىنىڭ بولىشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن بولدى. شۇ ئارلىقتا كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن بلوگ نامىنى ‹‹80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى ›› غا ئۆزگەرتىپ مۇستەقىل بوشلۇق ۋە تور نامى بىلەن ئىشنى يېڭىدىن باشلاپ كەتتىم. ئۇندىن كىيىن دىيارىمىزدا بىر يىلغا يېقىن تور توختاپ تور بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلار دېگۈدەك ئاقساپ قالدى. تور توختاپ 2-3 ئايلاردىن كىيىن ئىچكىردىكى بوشلۇقنى دىيارىمىزغا يۆتكەپ 80خالتىنى ماڭدۇرىۋەردىم. تور توختاشتىن بۇرۇن بلوگنىڭ كۈندۈلۈك زىيارەت ئېقىمى 6000-7000 ئەتراپىدا بولغان بولسا تور توختاپ ئىچكى قىسىمدا بلوگنى قايتا ماڭدۇرغاندا كۈندۈلۈك چىكىلىش قېتىم سانى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 40000 غا يەتكەن بولدى. بىر بلوگقا نىسبەتەن بۇنى ئادەتتىكى سان دېگىلى بولمايتتى.

بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن ھەر بىر تېمىغا نەچچە ھەتتا ئونلاپ سۈپەتلىك ئىنكاسلار چۈشۈپ بلوگنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. گەرچە بۇ ئەھۋاللارنى بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىت، باشقا بەتلەر تاقىلىپ 80خالتىنىڭ ئوچۇق بولىشى بىر پۇرسەت دەپ قارىساقمۇ لىكىن ئەينى ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاسلارنى يىزىشى، زىيارەت مىقدارىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى بولۇشىدىن 80خالتا بلوگىنىڭ ئەمەلىي پايدىلىق نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە تورداشلارنى جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
كىيىن 2010-يىلى يىل بېشىدىن تاكى تور ئومومىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلگۈچە 80خالتا بلوگى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىچىلالمىدى. بۇ جەرياندا كۈندە نەچچە ئون تورداشنىڭ دېگۈدەك تېلفۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ تۇردۇم. جاھان تىنجىپ، ئىناق-ئىتتىپاق جەمئىيەت ئەسلىگە كىلىپ مۇقۇملۇق خىزمەتلىرى تەرتىپكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن تورمۇ ئەسلىگە كەلدى، بلوگنى يەنە نۇرمال ئىچىۋالدۇق. گەرچە ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىنلىقى ئىلگىركىدەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ 80خالتا بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمى يەنىلا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمدى گەپنى يېغىپ 80خالتا بلوگىنىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى نادىر بلوگلارنى باھالاشتا چولپان بولۇشىدىكى ئامىللار ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقاي، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تىرىشىۋاتقان ياش دوستلارغا ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار:
1. 80خالتا بلوگىنى كەسپنى ئاساس قىلىپ يېزىپ ماڭغان بولغاچقا ئۆزۈممۇ زېرىكىپ قالمىدىم، ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ قازاندىم، تورداشلارمۇ ئەمەلىي نەپ ئالدى دەپ قارايمەن. ئىقتىسادىي ئۈنۈم دېگەندە بلوگدىن پايدىلىنىپ ئىلان كىرىمى قىلىش مېنىڭچە ئۇنچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لىكىن كەسپىي جەھەتتىن مەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغان، ماڭا خىرىدار بولىدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى تېپىپ بەردى. مەن تونۇمايدىغان، كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشىلەر بلوگدىكى يازمىلىرىمغا قاراپ دۇكىنىمدىكى مەھسۇلاتلارنى زاكاس قىلىشىپ بانكا كارتامغا پۇل جۆنىتىپ تۇردى. ئالدىمىزغا كىرگەن خىرىدارغا قانداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، قىممىتى دېگەنلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولسام يىراقتىكى خىرىدارلىرىمغىمۇ شۇنداق ئوبدان مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشتىم. مەن مال ئەۋەتىپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقىلى 4-5 يىل بولغان 8-10 قېتىمدىن ئارتۇق مال ئەۋەتكەن خىرىدارلىرىم خىلى بار. بۇنى 80خالتا بلوگىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ۋە مېنىڭ خىرىدارلىرىمغا بولغان سەمىمىيتىمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
2. ئىمكان بار ئىجادىي، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېمىلار كۆپلەپ يېزىلدى.
3.بلوگ يېزىشتا ئاساسلىقى تور ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان ياشلارغا زۆرۈر مەزمۇنلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈندى. بۇمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ 80خالتا بلوگىنى ياقتۇرۇپ كۆرىشى ھەم بلوگ باھالاش پائالىيىتىدە ئاكىتىپلىق بىلەن 80خالتا بلوگى ئۈچۈن بىلەت تاشلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
4.بلوگ تېمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. مېنىڭچە بلوگنى زىيارەت قىلغان ئادەم ھەر قىتىم كىرگىندە يېڭىلىق، ئۆزگىچىلىك ھېس قىلالىسا كۈندە بولمىسىمۇ 2-3 كۈندە بىرەر قىتىم كىرىپ يوقلاپ باققۇسى، ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ چىققۇسى كىلىپ قالىدۇ. ھەر كىرگىنىدە يېڭىلىق ھېس قىلالمىسا بىرەر ئۆزگىچىلىك، خاسلىق بولمىسا ئۇ تورداش مەزكۇر بلوگ ئادرىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشى مۇقەررەر.
زىيارەت مىقدارى كۆپ بولغان ئىكەن تەبئىيلا تورداشلارنىڭ ھەر خىل پىكىر-سۇئاللىرى يېڭى تېمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى تەقەززا قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن. بەزى تورداشلار دۇكانغا كىلىپ قالسا شۇنداق ھاياجانلىنىپ سوراپ كېتىشىدۇ – 80خالتا بلوگدىكى مەزمۇن-تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى سىلى يازاملا؟ قانداق يېتىشىپ بولالايلا؟ سىلى شۇنداق جان كۆيدۈرۈپ بلوگ يازسىلا سىلىگە بىرەر يەردىن پۇل بىرەمدۇ؟ ئىشقىلىپ بەك ئېسىل، پايدىلىق ئىش قىلىۋاتىلا، سىلى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ سالامەتلىكىم ھەققىدە مۇڭداشماقچى ئىدىم دېگەنلەرنى بىر خىل ئىشەنچ، چوڭ كۆرۈش تۇيغۇسىدا زوق-شوق بىلەن ئېيتىشىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قانچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ بلوگ يېزىپ چارچىغىنىمغا ھاردۇقۇم چىقىدۇ، قىلغان ئەجرىمدىن سۆيۈنۈپ قالىمەن.
5. 80خالتا بلوگىمنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر ئامال – باشقا بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، مۇنبەرلەردىكى ئەھمىيەتلىك يېزىلغان تېمىلارغا كىرىپ سۈپەتلىك ئىنكاسلارنى يېزىپ قالدۇرۇپ ئىنكاس بىلەن بىللە ئىز قالدۇرۇپ مېڭىش، يەنى مۇنبەرگە تېزىملاتقان ئېسىمغا ئىمزا شەكلىدە بلوگ ئادرىسىنى قالدۇرۇش قاتارلىقلار.

قوشۇمچە:

2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. 80خالتا بلوگ تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بىرىشى نەتىجىسىدە 537 بىلەت بىلەن 2010-يىللىق نادىر بلوگلارنى باھالاشتا 1- بولدى. بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى ئومومىي تەپسىلاتلارنى يۈكسەل بلوگىدىن كۆرۈڭ!




[Birzat بۇنى 2011-01-07 12:34 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmihman[2011-01-11 07:54 PM | del]
مۇبارەك بولسۇن ،تېخىمۇ  ياخشى تىمىلار بىلەن  تورداشلارغا نەپ يەتكۇزگەيسىلە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئىلغار بىلوگنى باھالاش پائالىيتىگە ئىشتىراك قىلغان ئادەم سانى ئازمۇ قانداق؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.