بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتىكى ئاددىي رېتسىپ ۋە پەرھىزلەر
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-07
سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە ئۇنى داۋالاش
بۇ خىل كېسەل ئىرسىيەت ئامىلى ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر، يەنى چاڭ - تۇزان، سېسىق پۇراق، ئىس - تۈتەكلەرنىڭ غىدىقلىشى، زۇكام ۋە بەزى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئاسارىتى، سوغۇق ئۆتۈش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە بۇرۇن ئىچكى پەردىسىنىڭ ئىششىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇرۇن ئىچى قىزىرىش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىدە ئومۇمىي بەدەن قىزىش، دىماغ پۈتۈش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى قېرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
داۋاملىق دىمىغى پۈتۈپ چۈشكۈرىدىغانلار زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. دورا ئىچىش جەريانىدا بۇرۇن كاۋىكى بادام ياكى ۋەرد يېغى بىلەن ياغلاپ بېرىلىدۇ.
ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىغا ياقىدىغان يېمەكلىكلەر. چامغۇر، بادام، نىلۇپەر ئۇرۇقى، پېدىگەن، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى.
2. پەرھىز قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر. (1) ئاچچىق - چۈچۈك، يەللىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قىزىلمۇچ، ئاق مۇچ، قارىمۇچ، خام زەنجىۋىل، پىياز. بۇ يېمەكلىكلەر ياللۇغنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. (2) ھاراق، تاماكىنى قەتئىي تاشلاپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. (3) ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، بولمىسا ياللۇغنىڭ ساقىيىشىنى قېيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. (4) كالا گۆشىنى ئاز ئىستېمال قىلىش، تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
قوشۇمچە:
بۇ ماقالىنى ئەسلى مەن 3 يىل بۇرۇن تەييارلاپ بلوگىمغا يوللىغان، كىيىن شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىغا بىسىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ ماقالىنى ئىسلىتىشتىن بۇرۇن مېنىڭ سەمىمگە سىلىپ قويغان ئىدى. يېقىندىن بىرى بۇ يازما لازىم بولۇپ بلوگىمدىن ئىزدىسەم تېپىلماي قويدى، ئالدىنقى بلوگ ئۇسلۇبىدىكى يازمىلارنى يۆتكىگەندە يۈتتۈرۈپ قويغان بولۇشۇم مومكىن دەپ ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرۇپ گۇگىلدىن ئىزدىسەم پەن-تېخنىكا گېزىتىگە بېسىلغان بۇ كۆتمەك يازما بولسىمۇ تۇرىدۇ. كۆپ قىسقارتىۋەتكەن بولسىمۇ بۇ يازمىنىڭ تېپىلغېنىغا خوش بولۇپ قالدىم. چۈنكى ئاۋۇ رېتسىپنىڭ ئۈنۈمى بۇرۇن ياللۇقى ئۈچۈن خىلىلا ياخشى ئىدى. بۇرۇن ياللۇقىنى داۋالاش ھەققىدىكى يازما <<شىنجاڭ ئاياللىرى>> ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 10-سانىغا (شۇنداقراق ئېسىمدە) بېسىلغان ئىدى. شۇ سان ژورنال قولىدا بارلار يوللاپ قويسا مىننەتدار بولغان بولاتتىم. رەھمەت!
بۇرۇن ياللۇقىدا خاراكتىرىگە قاراپ مەجۈنى چۆپىجىن، ھەببى كىبىرىت، ھەببى شىپا، ئاقيەر يىلان تالقىنى قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۇرۇن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مۇمكىن بولسا، ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ يۇتقۇنچاق ياللۇغى (咽炎) غا قانداق ياخشى رىېتسىپلار بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز، مېنىڭچە بۇمۇ يۇرتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەردە بار كېسەل، جۈملىدىن ئانام بىلەن مەندىمۇ بار. مېنىڭ بۇ يۇتقانچاق ياللۇغۇم بۇرۇن ياللۇغىغا قارىغاندا سەل ئېغىرراق، كۈندە ئەتىگەندە يۈز يۇغاندا، تۈكۈرسەم ئانچە-مۇنچە قان ئارىلاش كېلىدۇ.
رەھمەت.
سامساقنى ئۇششاق چاناپ داكىغا ئوراپ سۈيىنى كۈندە بىر قېتىم بۇرۇنغا تېمىتىپ بېرىدۇ، سامساق سۈيى ئامال بار بۇرۇن ئچىگە پۈتۈنلەي كىرىشى كېرەك. مۇشۇنداق ئۈچ كۈندەك داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ناھايىتى قاتتىق ئېچىشىدۇ. چىداش تەس ئەمما ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى. مەن ئۈچ كۈندە سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن.