ئۇيغۇر بلوگلىرى XJTV دا
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-07
تېخى يېقىندىلا ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يۈكسەل بلوگىدا باش قوشۇپ، << ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى >> ئۈستىدە ئوي سۈرۈشۈپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. كۈتمىگەندە، بۈگۈن ( 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، پەيشەنبە ) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2 – قانىلى (2 XJTV) << بۈگۈنكى سۆھبەت >> پروگىراممىسىدا مەخسۇس بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى. بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ، سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىن ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ( ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دېروكتورى ) تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالىم ئەھەد ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بلوگ، مىكروبلوگ، مۇنبەر قاتارلىق تور تاراتقۇلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالدى. مەزكۇر سۆھبەتتە يۈكسەل ، 80 خالتا قاتارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى ، پروگىرامما كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ تەدبىركار، يۈكسەل، 80 خالتا بلوگلىرىمۇ تېگىشلىك يەر ئالدى.
بۇ سۆھبەت ئۇيغۇر بلوگچىلىق تارىخىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەزكۇر پروگىرامما XJTV نىڭ بلوگ ھەققىدە ئىشلىگەن تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە جىددىي باش قاشلاۋاتقان پەيتتە، XJTV نىڭ بلوگ ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشى بىز بلوگگىرلارغا يېڭى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى.
بۈگۈن مەزكۇر سۆھبەتنى كۆرەلمىگەن تورداشلار ئەتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكرار قويۇلغان فىلىمنى كۆرسە بولىدۇ.
بۈگۈنكى سۆھبەت پروگىراممىسىنىڭ تەكرار كۆرسىتىلىش ۋاقتى:
XJTV2 دە ئەتە ( جۈمە) سائەت 9:21 دە.
XJTV5 تە ئەتە ( جۈمە ) سائەت 11:00 دا.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: