


يېگىتلەر توي كېچىسىدىكى <<مەغلۇبىيەت>> كە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-13
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرىزات ئەپەندى ياخشمۇسىز، سىزىدىن مۇۋاپىق بولمغان بىر سۇئالنى سورىماقىچى بولىۋاتىمەن توغىرا چۈشنىپ جاۋاب بىرشلىرىنى سورايىمەن، ئۆزۈم بولسام 23 ياش، توي قىلغلى بىرئايغا يېقىن بولدى، لىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ئايالىم بىلەن بولغاندا پەقەتلا مۇۋاپىقيەت قازىنالمايمەن، قىلىش ۋاقتىممۇ ناھايتى ئاز، نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، دورا ئىچىپ ھەرىكەت قېلىپ باقاي دەپمۇ ياخشراق دورا تاپالماي قالىدىم ، ئەگەردە مۇشۇنداق بولۇۋەرسە قارىغاندا ئايالمىدىنمۇ ئايىرىلىپ قالىدىغان ئوخشايمەن. قانداق قېلىشنى بىلمەي سىلىدىن مەسلھەت سوراۋاتمەن بولسا مۇشۇ ھەقىتە بىر جاۋاب بەرىگەن بولسڭىز رەھمەت !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تۇنجى قېتىمدا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى بەزى ياشلاردا ئاز بولمىغان پىسخىك مەسىلە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق باردەك، مەزى بېزى ياللۇقى بولۇپ قالغاندەك گۇمانلاردا بولۇپ كەيپىياتى جايىدا بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ دە، جىددىيلىشىپ بىئارام بولۇشقا باشلايدۇ. جىددىيلەشكەنسىرى ئىش تېخىمۇ قاملاشمايدۇ. بەزىلەر شۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە جىددىيلىشىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويىدۇ، دە ھەر قېتىملىق مۇناسىۋەتكە كىرىشكەندە دەسلەپكى تەسىر كاللىسىغا كىرىۋىلىپ ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق ساغلام بىر يېگىتنىڭ جىنسىي كەچمىشى تۇنجى قېتىمدىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىققا قەدەم قويۇپ جىنسىيەتنىڭ سىرلىق قەسىرىگە تۇنجى ئاياق باسقاندا ئۇنچىلىك جىددىيلىشىش نۇرمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى <<مەغلۇبىيەت>> كە توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقۇتۇپ بىر يوللا <<تۈگۈشۈپ>> كەتمەسلىكى كېرەك. قاملاشمىغانچە زورۇقۇپ قىلىۋەرسە تېخىمۇ قاملاشمايدىغان ئىش چىقىدۇ، شۇڭا ئارىلىقتا بىر قانچە كۈن ئوبدان ئارام ئىلىپ ئايال بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ھەرگىزمۇ ئۇ ئىش قاملاشمىغانلىق سەۋەبلىك ئارىدىكى كەيپىياتنى سوغۇقلاشتۇرۇپ ئايال كىشىنى بىزار قىلىپ قويماسلىق كېرەك. سەمىمىيتى بار، كۆيۈمچان قىز بولسا بۇ ئىشقا توغرا مۇئامىلە قىلىپ بىر مەزگىل سەبر قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر كەيپىياتنى تەڭشەپ خىلى بىر مەزگىلگىچىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا يەنى ئەر كىشى قىلالمىسا ۋاقىتنى كۆپ ئۆتكۈزمەي مۇشۇ ساھەدىكى تەجىربىلىك پىسخىك دوختۇرى ياكى ئەرلەر كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا بىۋاستە كۆرۈنۈپ مەسلەھىتىنى ئالسا ئىش ئاسانلا ھەل بولىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە مەسىلە بولىشى مومكىن:
1.پىسخىك توسالغۇ (روھىي ئامىل)؛
2.بەدەننىڭ زىيادە سوغۇقلىقى ئىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بۆرەك ۋە پەي-مۇسكۇللار بوشاشقان، ئاجىزلاشقان (ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت، ھارارەت ئامىلى)؛
3.مەزى بېزى خىزمىتى ئاجىزلاشقان ياكى مەزى بېزى ياللۇقى بولغان بولىشى(كېسەللىك ئامىلى)؛
4. باشقا قوشۇمچە ئامىللار...
بۇ ھەقتە ئىلگىرى يوللانغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ كۆرۈپ باققايسىز:








