بلوگىنىڭ پىكىر قالدۇرۇش دەپتىرى ئىچىۋېتىلدى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، نەچچە ۋاقىتتىن ئالدىراشچىلىق دېگەندەك بەزى بىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بلوگنىڭ پىكىر-سۇئال قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدۇق. چۈنكى تورداشلار شۇنچە ئەجىر قىلىپ يازغان سۇئاللىرى، ئارزۇ-ئۈمۈتلىرى جاۋابسىز قالسا ئۇلارغا قىلىنغان بىر ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالاتتى. مانا ئەمدى يېڭى يىلمۇ كىرىپ قالدى، تورداشلارنىڭ تەلىۋى، بلوگنىڭ ئىھتىياجى بىلەن پىكىر قالدۇرۇش دەپتىرىنى ئىچىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈشكەن پىكىرلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قالدۇرۇشقا تىرىشىمەن. تورداشلارنىڭ پىكىر دەپتىرىگە سۆز قالدۇرغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن:
1. سىز سورىماقچى بولغان مەسىلىلەرنى ئاۋۋال بلوگنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەپ كۆرۈڭ، تاپالمىغاندا ئاندىن مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدۇ.
2. سورىماقچى بولغان ساقسىزلىق ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەپسىلىي يېزىڭ، باش-ئاخىرى يوق مەزمۇنلارغا جاۋاب يېزىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ.
3.يوللانغان تېمىلارغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس، سۇئاللارنى يازماڭ، بلوگنىڭ سول تەرەپ ئۈسىتىدىكى <<سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى>> دېگەن مەخسۇس ئورۇنغىلا يېزىلغان پىكىرلەرگىلا شەرتلىرى تولۇق بولسا جاۋاب قايتۇرىلىدۇ. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس ياكى سۇئال بولسا شۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يازسىڭىز مەسىلە شۇ جايدا ھەل قىلىنىشى مومكىن.
4. بلوگ خاسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز پىكىر، سۇئاللارغا بىردەك جاۋاپ يېزىلمايدۇ.
5.تور يۈزىدە مەسلەھەت بىرىپ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ كېسەللىك ياكى ساقسىزلىق بولسا جاۋاپ يېزىلمايدۇ. ئەسكەرتىش زۆرۈر دەپ قارالغان سۇئاللارغا ئەسكەرتىش بىرىلىدۇ.
____ بىرزات
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بۇ كېسەلنى ئۈزۈل -كېسىل ساقايتقىلى بولامدۇ؟ئالدىڭىزدىن ئۆتكەن داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمىدۇ؟ مەن كېسەلنى بەك سوزىۋاتماي ۋاختىدا چىڭ تۇتۇپ ساقايتىۋالاي دىگەن .ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز..........
5 كۈندەك بولدى، مىنىڭ ئوڭ يۈزۈمنىڭ خىزمىتى نورمال ئەمەس، ئاغىزىم ۋە كۆزۈم كۈلگەن ، يىگەن ياكى ئىچكەندە بىر تەرەپكە يانتۇر بولۇپ قالىدۇ،دوختۇرغا بارسام يۈز پاراللىچى دەيدۇ،
سوغۇقتىن بولغان گەپ دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىسسىق ئۆتكەزدىم . قەلەمپۇر مېيى سۈردۈم ، ھېچ ئۈنۈمى بولغاندەك ئەمەس، فەلەق- ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ يۈردۈم ، ئۇ جەھەتتىن بولمىغاندەك ،
شۇ ڭا ئۆزلىرىدىن بىر مەسلىھەت بېرىشلىرىنى سوراپ بۇخەتنى يازدىم. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ئوڭ كۆزۈمنىڭ تۆۋەنكى قاپاققا يڭنە ئاسقۇ (بۇنى تىبابەتتە نىمە دەپ ئاتايدىغىنىنى ئۇقمايدىكەنمەن) چىقىپ قالغىلى 2 ئايدىن ئاشتى ھېچبىر يوقىلاي دېمەيۋاتىدۇ، قاتتىق دومباقلا تۇرىدۇ. ئەل-ئاغىنىلەر بىر-ئىككى ھەپتىگىچە يوقاپ كېتىدۇ دېگەن ،كارىم يوق يۈرۈۋېرىپتىمەن. ھازىر ئەنسىرەپ قالدىم مۇشۇنداقلا تۇرۇپ قالارمۇ دەپ. يىرىڭ بولسا چىقىرىپ باقاي دەپ چىش كولىغۇچ بىلەن تېشىپمۇ باقتىم لېكىن جان تاتلىقكەن بەك ئاغرىپ كەتتى. بۇنى يوقىتىشنىڭ بىرە چارىسى بامىدۇ ياردەم قىلىپ مەسلىھەت بەرسىڭىز.
ئەرلەرنىڭ تاشقى جىنسى ئەزاسىنى سەمىرىتىشتە زەيتۇن مېيىنىڭ رولى توغرۇلۇق بىر ماقالىڭز بار ئىدى ، يېڭى بلوگىڭزدىن تاپالمىدىم . مالال كۆرمىسىڭز يەنە بىر يوللاپ قويغان بولسىڭز ،تەشەككۈرلەر ئېيتقان بوللاتتىم ...
ئىشلىرىڭىز بةك ئالدىراش بولغان تةقدىردىمۇ بىزنى نائۈمىتتة قالدۇرۇپ سۇئاللىرىمىزنى جاۋاپسىز قويمىغايسىز!
سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان بىر ئىس بار ئىدى:ئوغلۇم بۇ يىل يىل ئاخىرىدا 12 ياشقا كىرىدۇ،ئەتىيازدا يۈزىگە تەمرەتكە چىقىپ بىردە سۇسلاپ يوقاپ،بىردە قېنىقشىپ دىگەندەك بىر مەزگىل ئۆتكەن،6-ئاينىڭ ياقى تەمرەتكىنىڭ رەڭگى تاتىرىشقا باشلاپ،تازا نورمال كۆرۈنمىدى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللى تېبابەت دوختۇرخانىسىغا كۆرسەتسەك،ئاق دەيدۇ،15-20كۈن داۋالاپ كونتىرول قىلىمىز،ئاندىن ......دەيدۇ.پەقەت يۈزىدە كىچىككىنە تەڭگە چوڭلۇقتا بار،باشقا يەردە يوق،مۇشۇ تەتىلدە چىڭ تۇتۇپ داۋالاپ ساقايتىۋالايلى دىگەنىدۇق،بىزگە مەسلىھەت بەرسىڭىز،مۇشۇ ساھەدە كەسىپلەشكەن ئۈنۈملۈك دوختۇرخانا قايسى؟
مەن يەنە شۇ چۇمادو توغرۇلۇق مەسلىھەت سورايمەن````
مەن يەۈاتقىلى 4-5 يىل بولدى،، ئەزەلدىن قېتىپ قالىدىغان ئىش بولمىغانتى، يېقىندا ھوشۇمدىن كەتتىم، ئۇ چاغدا 60 تال يىگەن، لىكىن دورا تەسىر قىلمىدى، ھىچقانداق كەيپ كۆرمۇدۇم، ئۇ كۇنى 60 تال يەپ دورا تەسىر قىلمىدى دەپ ئاچچىقلاپ يۇرگەنتىم، يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كىيىن ھوشۇمدىن كەتتىم، مەن ھازىر 3 كۇن يىمىسەم بەدىنىم قىززىپ كىتىدۇ،شۇ ۋاقىتتا 20-30 تال يەۋالىمەن، لىكىن دورىنىڭ ماڭا تەسىر قىلغىنىنى بىلمەيمەن، مەيلى 60. ياكى 70 تال يەي پەقەتلام دورا تۇتمايدۇ، ھىچقانداق كەيپ بىلمەيمەن، 50-60 يىگەن كۇنۇم بىر كۇن كىچىك تەرەت قىلالمايمەن، ھاجەتخانىدا 2-3 سائەت ئولتۇرسام ئاندىن كىيىن ئازراق چىقىدۇ، كىچىك تەرەت قىلمىسام سۇيدۇك تاراپ كىتەمدىكىن دەپ ،2-3 سائەت چىداپ ئولتۇرىمەن، 60 تال يىسەممۇ دورا تۇتمايدۇ، مەن باشقىلاردىن تېخى 50-60 تال يىگەننى ئاڭلاپ باقمىغان،،،ئەمدى ھەقىقى تاشلىمىسام بولمايدىغان يەرگە كەلدى،، قانداق ئشلارنى قىلىشىم كېرەك ، ئاز-ئازدىن يەپ تاشلاش كېرەكمۇ ياكى بىراقلام يىمەي تاشلاش كېرەكمۇ، 2 كۇن يىمىسەم ..3 - جى كۇنىگە قەدەم قويغاندا بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىپ بەدىنىم قىززىپ كىتىدۇ، ئۆزۇمگە شۇنداق بىلىنەمدىكىن دىسەم ھەقىقەتەن راس قىززىپ كىتىدىكەنمەن،،، ،
ماڭا ياردەم قىلىپ مۇشۇ مەرەزدىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلغان بولساڭلار

ماڭا ياردەم قىلىپ مۇشۇ مەرەزدىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلغان بولساڭلار~
دۇختۇرخانىدا تەكشۈرتەي دىسەم،تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن خىجالەت بولدۇم.{ ئارقا مەقئەتكە نەيچە كىرگۈزۈپ ئاندىن تەكشۈرەيدىكەن}بۇرۇنلاردا تۇلا ئىچىم سۈرلەتتى.ھازىر مىھرىبان ئاللاھ شىپالىق بەردى.ئۇنداق ئەمەس،بىراق،تۇلا ھاللاردا قۇرساق قىسمىم بىئارام بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ.مۇجۇپ ئاغرىغاندەك،كۆپۈشەش باردەك،بىرخىل يېقىمسىزلىق بار.سىرىتتىن { ئاشخانا-رىستۇرانلاردىن } تاماق يەپ قالسام چۇقۇم ئىچىم سۈرلۈپ كىتىدۇ.سىرىتتىن يىمىسەم ياخشى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىرىتلاردىن قەتئىي تاماق يىمەيمەن.
يۇقارقى ئالامەتلەر بۇيىچە ئالدىڭىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمۇ؟
دۇختۇرنىڭ ئالدىدا { ھايا } تۈپەيلى خار بولغۇم يوق.
مەسلىھەتىڭىزنى كۈتىمەن.
بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟
ماڭا مەزى بىزى كىسلى توغرىسىدا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز.مەزى بىزى كىسلى قانداق كىسەل؟ئالامىتى قانداق؟
ئەرلەر مەزى بىزى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟
رەخمەت.