يالپۇزنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى كۆپ بولۇپ ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدىغان، تەنەرقى ئەرزان دورا ئۆسۈملىكىدۇر. يالپۇز ئادەتتە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتەينى ئىچىش، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇشنى تۈگۈتۈش،ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆتتىكى يەل-توسالغۇلارنى تارقىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، ئورۇقلىتىش، زەھەر قايتۇرۇش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار.

يېقىندا ئامېرىكا ‹‹ گېزىت –ژۇرنال سەھپىلىرىدىن››ژۇرنىلىدا يالپۇزنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئون خىل پايدىسى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان :

" /> قەۋزىيەت ھەم ئورۇقلىتىشتىكى شىپاسى كاتتا ئۆسۈملۈك - يالپۇز - 80 خالتا بلوگى

قەۋزىيەت ھەم ئورۇقلىتىشتىكى شىپاسى كاتتا ئۆسۈملۈك - يالپۇز


يالپۇزنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى كۆپ بولۇپ ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدىغان، تەنەرقى ئەرزان دورا ئۆسۈملىكىدۇر.چوڭلارنىڭ يالپۇز دېگىنى ئەسلى <<يەلبۇز>> دېگەن گەپتىن ئۆزگەرگەن ئىسىم دېگىنى بىكار ئەمەس. يالپۇز ئادەتتە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتەينى ئىچىش، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇشنى تۈگۈتۈش،ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆتتىكى يەل-توسالغۇلارنى تارقىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، ئورۇقلىتىش، زەھەر قايتۇرۇش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار.

يېقىندا ئامېرىكا ‹‹ گېزىت –ژۇرنال سەھپىلىرىدىن››ژۇرنىلىدا يالپۇزنىڭ ئون خىل پايدىسى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ ئادەم بەدىنىدە كېكىرىش، يۆتىلىش، باش ئاغرىش، چارچاش، زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، گال ئاغرىش ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسا يالپۇز ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان.
يالپۇز يوپۇرمىقىدا چاي دەملەپ ئىچسىمۇ، تۈگرە، چۆچۈرە ئىتىپ يېسىمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا 80خالتا بلوگى يالپۇز ھەققىدە سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ئېغىزىڭىزنى كۈندە چوتكىلاپ تازىلاپ تۇرسىڭىزمۇ يەنىلا ئېغىزىڭىزدىن پۇراق چىقسا، ئۆت ياللۇقى ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى سەۋەبلىك كۆرۈلگەن كۆڭۈل ئىلىشىش، ياندۇرۇش، باش ئاغرىش، قورساق ئىسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قەۋزىيەت بولۇپ قالسىڭىز، بىخەتەر ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز يالپۇزدا چاي دەملەپ ئىچىپ بىرىڭ! ئەگەر كۆپرەك ئىچىپ ئىچىڭىزنى سۈرگىدەك ئالامەت كۆرۈلسە يالپۇز چاينى ناۋات سىلىپ دەملەپ ئىچسىڭىز بولىدۇ.

________ بىرزات

ئەلا سۈپەتلىك يالپۇزغا بىر قانچە خىل توسالغۇلارنى ئىچىپ راۋانلاشتۇرغۇچى ئۆسۈملۈكلەر قوشۇپ تەييارلانغان، مەخسۇس قەۋزىيەت ۋە سېمىزلەر ئۈچۈن ئەكىس تەسىرى بولمىغان تەبئىي چايلىقلىرىمىزغا ھاجىتىڭىز بولسا دۇكىنىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ!

مىزاج ئالاھىدىلىكىڭىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئايرىم تەڭشەپ بىرىمىز!

بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك دۇكىنى

باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات

باش دۇكان ئادرىسى: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.

تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787




[Birzat بۇنى 2012-12-08 12:20 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: يالپۇز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkarwan67[2013-04-25 09:58 PM | del]
ئورۇقلاش نـېڭ ياخېشې ئۇسۇلې بامۇ.
回复قايتۇرمارئزؤان[2013-04-23 05:59 PM | del]
مةن تذغذتتئن كئيئن بةك سةمئرئپ كةتتئم بذنئثغا يالپذزنئ ؛ظچسةم بذلامدذ
回复قايتۇرماatigul[2012-11-25 09:54 PM | del]
ياخشىمۇسىز ؟ مىنىك ئۆتتىمدە تاش بار،ھەم مەن ھازىر بەك سەمىرىپ كەتتىم، بۇ يىل تىخى 30 ياشقا كىردىم ،بىر بالام بار، مەن85كىلوگىرام كىلىمەن. يالپۇز ماڭا ئوخشاش سىمىزلەرنىمۇ ئورۇقلىتالامدۇ. مىنىڭ ئويۇم ئۇرۇمچىدە سىلەرنىڭ ئۇرۇمچىدە سىتىىش نوختاڭلار يوقمۇ. مەندە قەۋزىيەتمۇ بەك ئىغىر .بۇنۇڭدىن باشقا ياخشىراق ئۇنۇمى تىزراق دورىلار بولسىمۇ مەيلى.                                                                         ماڭا بىرياردەم قىلغايسىز  رەخمەت!                                                
回复قايتۇرماak.kaptar[2011-03-03 11:07 PM | del]
اياللاردېكې،كېلېماتېرېيە،كېسەل،الامەتلېرې،قايسېلا
回复قايتۇرماjawlan123[2011-02-05 05:12 PM | del]
بۇ يالپۇز دىگەن بەك ياخشى نەرسە
回复قايتۇرماqemberhan[2011-01-31 10:14 AM | del]
يالپۇز بىلەن پىننە بىرخىل نەرسىمۇ؟
回复قايتۇرماakyol[2011-01-11 05:32 PM | del]
بذرذن ؤاقئت چئقئرالمايتورغا چئقماي يإرإپتئكةنمةن. توردا بذنداق ياخشئ ظذچذرلارنئث بارلئقئنئ هئس قئلماپتئكةنمةن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.