ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا، ھامىلدار ئاياللار بارلىق جاپا-مۇشەققەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ھاياتلىقنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىغا چۈشىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بىئارامسىزلىق بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆڭلىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش كېرەك. مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتسىلا، تۇنجى ئانا بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ بەدىنى شەكىل ۋە ئىقتىدارى ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بەزى ئۆزگىرىشلەر ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تۇغۇشقىچە داۋاملىشىدۇ. بەزىلىرى ھامىلدارلىق ۋاقتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا تېز يوغىناپ، تۈرلۈك سىيىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئالامەتلەر ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەدرىجى پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندە بىز ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دائىم كۆرىلىدىغان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
 

" /> ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك - 80 خالتا بلوگى

ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك


ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا، ھامىلدار ئاياللار بارلىق جاپا-مۇشەققەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ھاياتلىقنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىغا چۈشىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بىئارامسىزلىق بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆڭلىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش كېرەك. مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتسىلا، تۇنجى ئانا بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ بەدىنى شەكىل ۋە ئىقتىدارى ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بەزى ئۆزگىرىشلەر ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تۇغۇشقىچە داۋاملىشىدۇ. بەزىلىرى ھامىلدارلىق ۋاقتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا تېز يوغىناپ، تۈرلۈك سىيىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئالامەتلەر ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەدرىجى پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندە بىز ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دائىم كۆرىلىدىغان مەسىلىلەرنى تونۇشۇتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بىئارامسىزلىنىش
ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە چوڭايغاچقا، تۆۋەنكى قورساقتىكى ئۈچەي يۇقىرىغا ياكى ئىككى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. بەزىدە ئۈچەي سىقىلپ، جىگەرنىڭ قېشىغا بېرىپ قالىدۇ.
بالىياتقۇ چوڭىيىش بىلەن بىرگە، يەنە ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر بالىياتقۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمىلاق سىڭىر، كەڭرى سىڭىرلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەچكە، قورساق تارتىشقاندەك بولۇپ ئاغرىيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا داس بوشلۇقى، بولۇپمۇ دوۋسۇننىڭ ئۈستى بېسىلىپ ئاغرىيدۇ. بۇ بىئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرىگە ئادەتتە چىدىغىلى بولىدۇ. ئۇنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز. كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. ئەگەر بەك قاتتىق ئاغرىپ كەتسە ياكى باشقا ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى مەسىلەن: قىزىش، قۇسۇش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، باشقا كېسەللىك بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.
ئوڭدىسىغا ياتسا قان بېسىمى تۆۋەنلەش ھەم بېشى قېيىش
ھامىلدار ئاياللاردىكى تۆۋەن قان بېسىمى بىلەن يېتىش ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كارۋاتتا ئۇزۇن يېتىپ، تويۇقسىز ئورنىدىن تۇرسا، ۋاقىتلىق خاراكتېرلىك چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بولسا بالىياتقۇ ھەجىمى ۋە ئېغىرلىق زور دەرىجىدە ئاشقاچقا، ھامىلدار ئاياللار تۈز ياتسا ئاسانلا ۋېنا تومۇرىنى بېسىۋېلىپ، ۋېنا تومۇرىدىكى قان ئايلىنىش ئازىيىپ، يۈرەككە قان يېتىشمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەبئىي ھالدا يۈرەكتىن ئېقىپ چىقىدىغان قان تەدرىجى ئازلايدۇ.
ئادەتتە %10 ھامىلدار ئاياللاردا ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىر قەدەر كۆرىنەرلىك بىئارامسىزلىنىش كۆرىلىدۇ.
كونكىرت ئالامىتى: تۈز ياتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك سېلىش، بېشى قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، تەرلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
داۋالاش ئۇسۇلى: دەرھال يېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، بالىياتقۇنىڭ قان ئايلىنىشقا بولغان بېسىمىنى ئازايتىش كېرەك. ئادەتتە سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا، يۈرەككە يېتىپ بېرىدىغان قان كۆپىيىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىكى قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، بالا تۆۋەن قان بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
بالىياتقۇ قىسقىراش
كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللار 30 ھەپتىدىن بۇرۇن كۈچلۈك بالىياتقۇ قىسقىراشنى ھېس قىلمايدۇ. پەقەت تۆۋەنكى قورساق چىڭقالغاندەك بولىدۇ. 30 ھەپتىدىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ھەرىكىتى تەدرىجى كۆپىيىپ، قىسقىراش كۈچى كۈچىيىپ قىسقىراش قېتىم سانى نىسبىي تېزلىشىدۇ. بۇ ۋاقتتا ھامىلدار ئاياللار بالىياتقۇ قىسقىراشنى سېزىش بىلەن بىرگە ھەتتا ئاغرىقنى سېزىدۇ. بەزىدە ھەر 10-20 مىنۇتتا بىر قېتىم تەرتىپلىك بالىياتقۇ قىسقىراش كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى بىر، ئىككى ھەپتىسىدە ئەڭ كۆرىنەرلىك بولىدۇ. مانا بۇ ئادەتتە دىيىلىدىغان يالغان تولغاقتۇر.
يالغان تولغاق بىلەن تۇغۇش ئالدىدىكى تولغاقنى پەق ئېتىش تەس. ئادەتتە يالغان ئاغرىش بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئارام ئالسا ئاستا-ئاستا ئەسىلگە كېلىدۇ. بىراق راستىنلا تولغاق كەلسە، ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىم ئاغرىشتىن تاكى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئاغرىشقا ئكزگىرىدۇ. ھەم قان كېلىش، بالىياتقۇ بوينى كېڭىيىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.
سۇلۇق ئىششىق ۋە ۋىنا تومۇر ئۆسمىسى
نورمال ھامىلدار بولۇش جەريانىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ مىقدارى 6.5 لىتىر كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ لېتىرى ئانىنىڭ قېنىدا، ئەمچىكىدە ۋە بەدەن توقۇلمىلىرىدا ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۈنسىرى يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ پۇتتىكى قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ئامىللارنىڭ ھەممىسى پۇتتىكى سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىق ھەپتە سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالامىتى ئېغىرلىشىدۇ. ھەتتا پۇت ۋېنا تومۇرلىرى ئەگرى-بۈگرىلىشىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بۇ خىل سۇلۇق ئىششىق بىر ئاخشام تۈپتۈز يېتىپ ئارام ئالسا، ئازراق ياخشىلىنىدۇ. بىراق ۋېنا تومۇرى ئەگرى-بۈگرىلىشىش تۇغۇتتىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك. ئېلاستكىلىقى ياخشى پايپاق ۋە راھەت ئاياق كىيىشمۇ پۇت ئاغرىش ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر سۇلۇق ئىششىق كېڭىيىپ كەتسە ھەم ئۈستۈنكى بەدەندە غەيرى ئۆزگىرىش بولسا، دىققەت قىلىش كېرەك. بىراق 38 ھەپتىنىڭ ئالدى-كەينىدە نورمال ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۈز، قول قاتارلىق جايلىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرىنىپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ۋە كۆكرىكى سىقىلش
بۇ ئالامەت ھامىلدار ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ، ئاخىرقى ئۈچ ئايدا كۆكرەك پەردىسىنىڭ ئاستى-ئۈستىدىكى ھەرىكەت چوڭايغان بالىياتقۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر قېتىملىق نەپەسلىنىش چوڭقۇرلىقنى كۆپەيتىشگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىغا ئوكسىگىن يېتەرلىك بولىدۇ. بۇ خىل نەپەسلىنىش چوڭقۇرلىقى ئاشقانسېرى، ئادەمگە نەپەس يېتىشمىگەندەك بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆپ كېزەك ۋە باش سۈيى زىيادە كۆپ ئاياللاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. بالىياتقۇ بەك چوڭىيىپ كەتسە، كۆكرەك بوشلۇقىنى بېسىۋېلىپ، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ھەتتا تۈز ياتسىمۇ نەپەس يېتىشمەي قالىدۇ.
ھەرىكەتنى ئازايتىپ، كەيپىياتنى خۇشال تۇتسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئالامەت ياخشىلىنىدۇ. كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش قاتارلىقلارنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر نەپەس سىقىلىش ئالامىتى تۈز ياتقاندا ئولتۇرغاندىمۇ بەكرەك ئېغىر بولسا ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كەلسە، تۇغۇت تەكشۈرىشىدە بۇنى جەزمەن دوختۇرغا ئېيتىش كېرەك. بەزىدە نەپەس سىقىلىش باشقا كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.
پات-پات سىيىش ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق
بارلىق ھامىلدارلىق جەريانىدىكى ئىككى مەزگىلدە ئاسانلا پات-پات سىيىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بىرىنچى: ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالياتقۇ چوڭىيىشقا باشلىغاندا، ئىككىنچى: ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالا داس بوشلۇقىغا چۈشكەندە كۆرىلىدۇ. بۇ دوۋسۇن بېسىلىپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازايغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داس بوشلۇقى ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ ئورنى نىسپى ئۆزگەرگەچكە، دوۋسۇن ئۇچرايدىغان بېسىممۇ كۆپىيىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئازراق كۈچىسىلا سۈيدۈك يولىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. يەنى سۈيدۈك تۇتالمايدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇغۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. بىراق سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىپ قالسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالامەت كۆرىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ دوۋسۇن تېمى سۇلۇق ئىششىغاچقا، ئاسانلا ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان يۇقۇملىنىپ  قالىدۇ. ھەتتا بۆرەك يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ھاجەتخانىغا كۆپرەك بېرىش، سۈيدۈك يىغالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.
بەل ئاغرىش ۋە قول-پۇت ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش
ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە چوڭىيىپ، ئېغىرلىقى ئاشقانلىقتىن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا يۆتكىلىدۇ. بەدەننىڭ تەڭپۇقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەل مۇسكۇللىرى بەلگىلىك تارتىش كۈچىنى ساقلاپ، يۇقىرىقى بەدەن كەينىگە غادىيىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار ئېگىز پاشىنلىق ئاياق كەيسە، ئومۇرتقىسى ئادەتتىكى چاغدىن تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا ئۇچرايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرقى بەدەن كەينىگە غادىيىش بىلەن بىرگە بەدەنمۇ مۈرە ۋە بويۇننى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈش ئارقىلىق باشنىڭ ھالىتىنى ساقلايدۇ. بۇ خىل بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى باش، مۈرە ۋە بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا مۈرە ئەتراپتىكى نېرۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، قول-پۇت ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرماسلىقى ۋە ئېگىز پاشىنلىق ئاياق كىيمەسلىكى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇسكۇلنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ساقلىشى كېرەك. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ۋە قىسمەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بەل ئاغرىشنى پەسەيتسە بولىدۇ. زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يىنىك ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

مەنبە: ساقلانمىلىرىم




[Birzat بۇنى 2010-12-31 01:26 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھامىلدار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 9 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماrebbani[2012-07-13 08:58 PM | del]
assalamualaykum!   man hamildar bolgili 9 ay boldi 1haptiqa boldi bakla igir zukan tigiwaldi yutalmu bar kandak kilsam zukandin dora yimay sakiyalayman
回复قايتۇرماhalnur[2012-06-02 03:10 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ يىل 23ياشقا كىردىم،ھامىلدار بولغىلى 6ئاي بولدى،مۇشۇ يېرىم ئايدىن بېرى پۇتۇم ۋە ئوشۇقۇم ئىششىۋالدى،يەنە پات-پاتلا سول تەرەپ سۆڭگەچنىڭ ئاستى ئاغرىيدۇ،سوغۇق سۇنى تولا ئىشلەتسەم ياكى سەل يېلىڭراق يۈرسەم قورساققا سوغۇق يەل تۇرۇۋالىدۇ، سەۋەبى نېمىدۇ؟ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار،رەھمەت.
    اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىنداشلىرىم!
回复قايتۇرماbirgul[2011-03-03 02:21 PM | del]
بىرزات ئاكا كەچۈرگەيلا ، سوئالنى توغرا يەرگە يازماي ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلىمىز . ئەمما شۇ قەيەرگە يېزىشنى بىلمىگەندىن كىيىن ئىنكاس شەكلىدە يېزىۋىرىدىكەنمىز ......( ماڭا ئوخشاش )


ھامىلدارلىقتىكى ( 5 ئايلىق ) چوڭ تەرەت رەڭگىنىڭ قارا رەڭدە بولىشى قانداق ئەھۋال ؟ ھامىلە شۇنداق نورمال ، باشقا ھەزىم قىلىش ۋە قىلىنىشمۇ نورمال . ئازراق قەۋزىيەت ئالامىتى بار ، ئەمما بەك ئېغىر ئەمەس . 2 ھەپتىدىن بىرى شۇنداق ، بۇ زادى قانداق ئىشتۇ ؟
回复قايتۇرماuzam[2011-03-01 01:52 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)ئاكا مەن بۇ يىل 19 ياشقا كىردىم مەنمۇ شۇ ئانانىزىم دىگەن بۇ مەينەت ئىش بىلەن بىلمەسلىكىم سەۋەبىدىن 3 يىل شۇغۇللانغان ئەھۋالدىن قارغاندا مەنى تىز كىتىدىغان ئىش بار . بۇرۇن خېلى ۋاقىتقىچە ھەپىلشىپ ئاندىن چىقراتتىم.لىكىن ھازىر بىردەمدە چىقىدۇ. يا كۆنۈپ قالغاندىكىن شۇنداقمۇ.ياكى مەنى راس بالدۇر كىتىدۇ.ھەم بەدىنىم بەك سوغۇق زەكىرىمنى سەل كىچىكتەك ھېس قىلىمەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى روھى كەيپىياتىم بەك تۇراقسىز ھەم مىجەزىم بەك تۈۋەن روھى كەيپىياتىم بەك چۈشكۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈيدىكىلە توي گېپى قىلىۋاتىدۇ . بىلمەسلىكىم سەۋەبىدىن  شۇ قىلىپ سالغان ئىشلىرىمغا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ماڭا بىر ئامال كۆرسەتكەن بولسىلا
回复قايتۇرماziba007[2011-02-08 11:40 AM | del]
مىنىڭ بۇيۇمدا كالغىلى 6ئاي بولدى بۇندىن كېيىن يولدۇشىم بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەك بالىغا ۋە ماڭا تەسىرى بۇلامدۇ يوق؟
回复قايتۇرماsiginix[2011-01-20 02:08 PM | del]
تۇغۇتتىن كىيىن،تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن قورساقنى تاڭسا بولىدۇ..........باشقىلار تۇغۇتتىن كىيىن قورساقنى تاڭسا بالىياتقۇ ياخشى ساقايمايدۇ دەپ مىنى تاڭغىلى قويمىغان،مانا تۇغۇتتىن كىيىن 6 ئاي بولاي دىدى،قورسۇقۇم راستىنلا چىقىپ قالدى ،بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ.....
回复قايتۇرماmaynur[2011-01-09 11:20 PM | del]
ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم سوفىيە خانىم خاپا بولماي ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز مەن توي قىلغىلى بىر يىل بولدى يودۇشۇم ئىككىمىزنىڭ ھازىرچە بالا ئالغۇمىز يوق ئىدى شۇنداق دىققەت قىلساقمۇ بۇيۇمدا قالغان 10ئايدا دوختۇرخانىدا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپرەتسىيەسىنى تاللىغان ئىدىم .بىراق پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىدىكەن ئەكىس تەسىرىمۇ بولدى .ئەمدى يەنە بۇيۇمدا بار ئىكەن تېخى 40كۈنلۈكمۇ بولمىدى سىزدىن سورايدىغان مەسلىھەتىم مېنىڭ ئەمدى ئۇنداق دوختۇرخانىدا ئالغۇزغۇم يوق شۇڭا مەجبۇرى ئادەت ماڭغۇزىدىغان دورىلارنى يىسەم بۇلارمۇ ئەگەر دورا يەپ بالا چۈشكەندىن كېيىن قىرامدۇ قىرمامدۇ شۇنداق دورىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز
回复قايتۇرماguli2[2011-01-03 11:30 PM | del]
مىنىڭ بۇيۇمدا كالغىلى 5ئاي بولدى بۇندىن كېيىن يولدۇشىم بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەك بالىغا ۋە ماڭا تەسىرى بۇلامدۇ يوق؟
回复قايتۇرماyamgur0[2010-12-31 01:04 PM | del]
بىرزات ئەپەندى خالسڭىز چ چ  نۇمۇرىڭىزىنى قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز.  بۇلامدۇ؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-12-31 01:26 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
1521105544
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.