<<80خالتا>> جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتامدۇ-قانداق؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار:
بەزىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك تور تاقىلىشتىن ئاۋۋال 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىنىڭ سەلبى ۋە ئىجابى تەسىرلىرى ۋە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە تورداشلار قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەن بولۇپ بەزى مەسىللەردىن چوقۇم دېققەت قىلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. بۈگۈن يەنە بىر تورداشنىڭ قوپاللىق بىلەن يېزىلغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە ئازىراق پىكىر بىرىش ئويىغا كىلىپ قالدىم. خەلقىمىز ئىچىدە جىنسىيەت ھەققىدىكى ساغلام، توغرا بولغان بىلگۈلىرىمىزنىڭ يېتەرسىز بولىشى سەۋەبلىك ياش ئۆسمۈرلەرگە بولغان ساغلام جىنسىيەت تەربىسيسى ئاجىز نۇقتا ئىدى. شۇ سەۋەب ياش-ئۆسمۈرلەر جەمئىيەتتە جىنسىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلىۋېردىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يېتىدىغان ھەر خىل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەيدىز كەبىي ھالاكەتلىك كېسەللەر يامىراشقا باشلىدى.
مەن پەقەت ئاددىي بىر كىشى، جەمئىيەتتىكى ئاشۇ ئىشلارنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆزىتىپ تۇرغۇچى، پەرزەنتلىرىمنى جەمئىيەتتىكى ئاشۇ خىل يامان تەسىرلەردىن ئامان ئىسەن قوغداشنى ئىستىگۈچى بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەخسىي تور خاتىرەمدە بۇ ھەقتە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېرىشىپ باقتىم. مېنىڭچە مەن چەكتىن ئاشۇرۋەتكەندەك قىلمىدىم. <<مۇشۇ تور بەتنى باشقا مىللەتلەر كۆرۈپ قالسا مىللىتىمىز يۈزىگە سەت بولمامدۇ؟>>  دېگەندەك پىكىرلەرنى تاشلىغان تورداشلارغا شۇنداق تەكلىۋىم بار: باشقا مىللەتلەرنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى تور بەتلىرىدىن سىز قانچىلىك كۆرۈپ باقتىڭىز، باشقىلارنىڭ جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىلىشىڭىز كېرەككى باشقىلار بۇنى نۇمۇس ئەمەس بىر ئىلىم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.  << ئۇيغۇر تېبابەتىنى جىنسىيەت تېبابىتى قىلىپ قويدۇڭ>> دېگۈچىلەرگە ئېغىر روھىي بېسىم بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تور بېتىمنىڭ نامىنى ھەم خاسلىقى ئۆزگەرتىپ << 80خالتا بلوگى>> دەپ ئىسىم قويۇپ ئۇيغۇر تېبابىتى دېگەن ئىبارىنى ئىلىۋەتتىم. كۆپچىلىككە مەلۇمكى بلوگ دېگەنلىك ئۆزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىنى ، كۈندۈلۈك خاتىرىلىرىنى يازىدىغان شەخسىي تور بوشلۇقى دېگەنلىك بولىدۇ. خالىسام كۈندۈلۈك خاتىرە يېزىپ قويىمەن. خالىسام نەسىرى ئەسەرلەرنى يېزىپ يېزىقچىلىق مەشىقى ئىلىپ بىرىشىممۇ مومكىن. خالىسام كۆپچىلىككە پايدىلىق رېتسىپ، ئۇسۇل-چارىلەرنى يوللايمەن. بەزىدە تورداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ قويۇشۇم، سورىغان سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە جاۋاب يېزىپ قويۇشۇممۇ مومكىن. لىكىن مەن بۇنى ئۆزۈمگە يۈك بىلىپ روھىي بېسىم قىلىۋالمايمەن. خالىسىڭىز كىرىپ ئوقۇپ قويۇڭ، بەك زىيانلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن دەپ قارىسىڭىز كىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مېنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان <<80خالتا>> جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتامدۇ-قانداق؟ دېگەن تېمىدىكى تالاش-تارتىشقا چىقارغان خۇلاسەم مانا مۇشۇنچىلىك. تورداشلارنىڭ بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ مەزكۇر تېما ھەققىدىكى بەھىس - مۇنازىرىسىنىڭ ساقلىنىپ قالغىنىنى رەتلەپ يوللاپ قويدۇم:
_______________________________________________________________________

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
بىرزات ئەپەندىم -ياخشىمۇسز؟مىنىڭ بۈگۈن بىرىنجى قىتىم سىزگە خەت يوللىشم خاتالىق بولسا كەچۈر گەيسىز.
مەن سىزنىڭ بۇ تورنى ئاچقانلىقىڭىزدىن بەكلا خوش بولدۇم، ھەمدە سىز نىڭ باشقىلارغا بەرگەن تىببى مەسلىھەتىڭىزدىن سىزگە قايىل بولدۇم. ئەمما يىقىندىن بۇيان باشقا تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالدىم .ھازىر بۇ تور بارغانچە ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىتىنى ئۆزگەرتىپ جىنسىيەت ئىشلىرىنى سۆزلەيدىغان تور بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. سىزدىن سورالغان سۇئاللارغا قارىساق كۆپۈنچە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى سورايدىغان سوئاللار كۆپ. بىز ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئەخلاقنى مۇھىم بىلىپ كەلگەن. بىز ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرىقلىندىغان بىردىن بىر ئۆلچىمىز بىز ئىنسانلار ھايانى بىلىمىز!!!ئەجىبا ھازىرقى زامانىمىزدا جىنسىيەتتىن باشقا كىسەل يوقمىدۇ؟ ئويلاپ بىقىڭلار بۇتورغا چوڭلار چىقماسمۇ؟ ئۇيغۇرچە بىلىدىغان باشقا بىر مىللەت كىشىلىرى چىقماسمۇ؟ ئۇلار كۆرسە نىمەدەپ ئويلا؟؟؟؟؟؟؟؟توردا ھىچكىم ھىچكىمنى تونۇمايدۇ-دەپ ھەدىدىن زىيادە قالايمىقان سۆزلەش توغۇرمۇ؟ دۇنيادا تۈلۈك-تۈمەن كىسەللەر بار .ئۇيغۇر تىبابىتى 2500يۇزيىلدىن بۇيان ئۆزئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەرخىل ساقايماس كىسەللىمۇ(ھەرخىل راك كىسەللىكلىرى) ئۇيغۇر تىبابىتى ئارقىلىق ساقىيۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلغان ھەرخىل كىسەللىكلەر توغرىسىدا پايدىلىق مەزمۇنلارنى سۆزلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. كەڭ تورداشلارغا ئېيتىدىغىنىم سىز جىنسى كىسەل بولسىڭىز بىرزات ئەپەندىمگە تېلىفۇن قىلىپ سوراڭ!!!بۇ توردا بەكلا ئەخلاقنى بۇزغىدەك گەپ قىلماڭ!!!جىنسىيەت كىسەللىكىدە ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز ۋە ئەخلاقىڭىز بولمىسا مەيلى سىز قايسى پەيلاسوپنىڭ قىشىغا بارسىڭىزمۇ سىز مەڭگۈ ساقايمايسز!!!توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرسىڭىز سىزنى ھىچقانداق كىسەل بوزەك قىلالمايدۇ!!! بىرزات ئەپەندىم كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ،ئەيىپگە بۇيرىمىغايسىز.
_30ياشلىق دوختۇر ئىلىجان

توردىشىمىز ئىلىجان يۇقۇردىكى پىكىرى ئارقىلىق بىزگە شۇنداق سۇئاللارنى تاشلاۋاتىدۇ: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى بەزى جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتامدۇ-قانداق؟ 80خالتا تورىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى قايسى خىل تەرىقىدە بولىشى كېرەك؟ 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىنىڭ ئەسلى خاسلىقى قايسى ئىدى؟....
بەلكىم بۇ سۇئاللارنى يەنە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سورىغۇسى كىلىدىغاندۇ. بۇ ھەقتە تورداشلار ئويلىغانلىرىنى كەڭ-كۇشادە ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا بىز ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق پىكىرلەر ئوتتۇرغا چىققان بولاتتى. قېنى مەرھەمەت، بۇ يەرگە كىرىپ پىكىر بېرىڭ!  

1.قەشقەردىن تورداش ئەلمۇراتنىڭ ئىنكاسى:
مىنڭچە بۇنداق ياخشى تور بەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىزنىڭ ئەڭ قەدىرلىشىمىز گە ئەرزيدۇ . بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزكېسەللىكلىرى ئۇستىدە باشقىلاردىن ۋە دوختۇردىن بىۋاستە مەسلىھەت سۇراشتىن نۇمۇس قىلىپ ، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە ئۆزىدىكى باشتىلا داۋالاتسا ساقيپ كىتىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاتماي نۇرغۇن پۇشايمانلارغا قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس . ئەلۋەتتە ھازىر بەزى مەزمۇنلار نۇقۇل ھالدا جىنسىەت ۋە ئەر- ئايال دارچىلىق مۇناسىۋەتكە تاقلىدىغان سۇئاللار ئىنتايىن كەڭ تۈردە سورلۇپ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بۇجەھەتتىكى بىلىملىرىنى تولۇقلىسا ، بەزى مەزمۇنلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ۋە ئەخلاق مىزانىمىزغا ماس بولمىغان سۇئاللارمۇ سورالماقتا ، بىز بۇنداق بولۇپ كەتتى دەپ بۇ تۇر بەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋىتىشىمىزنىڭ ھازىرچە ئانچە زۇرۇرىيىتى يوقمىكى دەپ قارايمەن .

2.سۈبھى خانىمنىڭ ئىنكاسى:
80خالتا تىبابەت تورى مىنىڭچە كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا ساغلاملىق، پىسخىكا ساغلاملىقى، روھى ساغلاملىق جەھەتتىن زور ياردەملەرنى بېرىۋاتىدۇ . مىنىڭچە ئىلىجان ئوتتۇرغا قويغان مەسلىنى ئوپلىشىشقا ئەرزىيدۇ. لىكىن بىز يەنە ئوبدان ئويىلىنىپ باقايلى، مەسلە بولغانكەن ئۆزىمىز ئۇقمىغانكەنمىز ئۇنى باشقىلاردىن سوراپ بىلسەك بۇ ئەيىپ ئەمەس، بىلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ئويلىشىپ باقايلى، سورالغان سوئاللارنى (مەن كۆرگەنلىرىمنى ) شۇ شەخىسكە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىدىم. ئەسلى ئەخلاق ئۆلچەم قىلىنىپ پەردىشەپ بىلەن بولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى . لىكىن مەسلە ھامان مەۋجۇت.بىز رىئاللىقتىن قاچالمايمىز. ئەمەليەتتە مەۋجۇت ئىكەن ، بۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولۇشى كېرەك. كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۇم ئاشكارە دىگەن تەمسىل بار. بەلكىم شۇ بىرەيلەن سورىغان سوئال بىلەن بېرىلگەن جاۋاپنى شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كېشى (ئەمەليەتتە ئۆزىدە بارلىقىنى ئۇقسىمۇ، ئەخلاق نۇقتىسىدىن سوراشتىن خىجىل بولغان ) كىشىلەر كۆرۇپ پايدىلىنالىشى مۇمكىن. بىر زات ئەپەندىم كىشىلەرگە پىسخىك مەسلىھەتچىسىدەك پىسخىكا ۋە روھى جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيۇپ ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆز بىلىمىنى ئايىماي ، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ كىشىلەرنى نۇرغۇنلىغان غەم ئەندىشلىرىنى خالاس قىلدى. باشقىلار ئاڭلىسا خىجىل بولىدىغان شۇنداق كېسەللەر باشقا كېسەللەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قوللاشقا ، كۆيۇنۇشكە مۇھتاج. مىنىڭ شەخسى قارىشىم: ئۇلارنى ئەركىگە قويايلى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار روھى بېسىمدىن خالاس بولسۇن.
بۇنداق دىسەم بەلكىم ئەخلاقچۇ ؟ ئۇنى ئويلاشمايمىزمۇ دىيىشىڭلار مۇمكىم .
لىكىن مەن شۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىينىلىۋاتقان شۇ بىر قىسىم كىشىلەرمۇ جەمىيەتتىن مۇناسىپ مەسلىھەتكە ئېرىشىپ، ئىللىقلىقنى ھىس قىلسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە.

3.تورداش نەشتەرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
مېنىڭچە 80خالتا تور بىتىدە جىنسىيەت ھەققىدىكى تىببىي بىلىملەر يىتەرلىك بولمىدى دەپ قارايمەن.
يۇقارقى توردىشىمىز 80خالتا تور بىتىدىكى جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلملەر بەك چىكىدىن ئىشىپ كەتتى(يەنى بەك كۆپ بولۇپ كەتتى )دەپ قارايدىكەن.ئۇنداقتا سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي مەيلى سەكسەن خالتا تور بىتى بولسۇن ياكى باشقا تىببىي تور بىكەتلەر بولسۇن جىنسىيەت ھەققدىكى بىلىملەر يىتەرلىك بولغان بولسا جەمىيتىمىزدە ئانانىزىم،ۋە ھەرخىل جىنسىي كىسەللىكلەر نىمە ئۈچۈن يامراپ كىتىدۇ؟بۇلارنىڭ ھەممسى ياشلاردىكى شۇنداقلار ئوتتۇرا ياشلاردىكى ساغلام بولغان جىنسىي بىلىملەرنىڭ كەمچىل ئىكەنلكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ!
سىز ئەگەردە جىنسىيەت ھەققىدە مەسلىھەت سورىماقچى بولغانلار بىۋاستە تىلغۇن قىلىپلا بىرزات ئەپەندىدىن مەسلىھەت سورىسا بولاتتىغۇ دەپ قارايدىكەنسىز!ئۇنداقتا سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟بەزى ئادەم خىجىل بولمىغان بىلەن بەزى ئادەملەر خىجىل بولۇپ سورىيالماسلىقى مۇمكىن(بولۇپمۇ قىز-ئاياللار).
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرزات ئەپەندىدىن مەسلىھەت سورايدىغانلار يالغۇز جىنسىيەت ھەققىدىكى مەسلىھەتلەرنىلا سورىماستىن بەلكى باشقا تىببىي بىلىملەر ھەققدىمۇ مەسلىھەت سورىشى مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر 80خالتا تور بىتىنىڭ زىيارەت سانى 1972333 قىتىمتىن ئىشىپ كەتتى.دىمەك بىر كۈندە نەچچە ئونمىڭ ئادەم بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىشى،شۇنداقلار نەچچە يۇز،شۇنداقلا نەچچە مىڭ ئادەم بىرزات ئەپەندىدىن مەسلىھەت سورىشى مۇمكىن،بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىملەرنى سورايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەستۇر ھەقاچان،ئۇنداقتا سىز بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىنى تىلغۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت سورا دىگىنىڭىز بەكمۇ بىمەنە بولۇپ قالمامدۇ!
بۇنچە كۆپ ئادەمگە تىلغۇن ئارقىلق مەسلىھەت بىرىش نۇرغۇن زىھىننى ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ.بۇ جەرياندا بەلكىم بىرزات ئەپەندى تىببىي بىلىملەرگە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگۈنۈشتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تور ئارقىلق مەسلىھەت بىرىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل...تىلغۇن ئارقىلىق مەسلىھەت بىرىشنى بولسا قوشۇمچە قىلش كىرەك...
مىنىڭچە يۇقارقى تورداش بەك ئارتۇقچە ئۇيلاپ كىتىپتۇ....بىز تور بەتلەردە جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىملەرنى قانچە يوشۇرغان بىلەن جەمىيتىمىزدە يۇقۇملۇق جىنسىي كىسەللىكلەر(ئەيدىزگە ئوخشاش)شۇنچە كۆپ يامرايدۇ.ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي بىلىملەرنى قانچە يوشۇرساق ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشالماسلقى شۇنچە ئىغىرلاپ ئاجرىشىپ كىتىدىغانلار شۇنچە كۆپىيدۇ.بىز جىنسىيەت تەربىيسىنى ياشلاردا قانچىكى بالدۇر ئومۇملاشتۇرۇپ ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشىغا ئىگە ياشلارنى تەربىيلەپ چىقساق جەمىيتىمىزدە ئانانىزىمدەك ناچار ئىللەتلەرمۇ بارغانسىرى ئازلاپ مىللەتنىڭ ساپاسى يۇقۇرى كۆتۈرلىدۇ.
مەن بىرزات ئەپەندىنىڭ بەزى بىر قىسىم بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيدىغان تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.80خالتا تور بىتىنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىملىرى تىخى ئەمدى يولغا قويۇلدى.بىراق ئۇنى تىخى يىتەرلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ۋە بارلىق ياخشى نىيەتلىك تورداشلار تەڭ كۈچ چىقىرشىمىز كىرەك.

4.قەشقەردىن ئوقۇتقۇچى تورداش ئالىم ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:
80خالتا توربىتى ئۆزىىنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ موللىقى،كىشىلەرگە جىنسىيەت ھەققىدە توغرا بولغان ئوسۇل،داۋالش،،مەسلىھەت بىرىش ..دەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرشىگە مۇيەسسەر بولغان تىبابەت ساھەسىدىكى ئالدىنىقى قاتاردىكى تور بەتلىرىنىڭ بىرى. مەن كىشىلەر بۇتور بەت ئارقىلىق يۈز تۇرانە باشقىلارغا دىيەلمىگەن كىسەللىك ئەھۋاللىرىنى تور ئارقىلىق سوراپ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئرىشىتى دەپ قارايمەن .مىنڭچە تورداش دىگەندەك "بەك چەكتىن ئىشىپ كەتتى " دىيىشىمۇ سەل ئىشىپ كىتىپتۇ،بىز ئەسلىدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ بىمارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان 80خالتا توربىتىدىكى ئۇستازلارغا رەھمەت ئىيىتساق بولىدۇ،لىكىن يەنە بىر قىسمەن تورداشلار كىسەللىك ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان گەپ سۆزلەر بىلەن پىكىر يىزىپ 80 خالتا توربىتىنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ،مەسىلەن .< يىگتىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلسام بولامدۇ-يوق؟ ......دىگەندەك،بۇنداق تايىنى يوق سۇئاللارنى سوراپ بىرزات ئەپەندىمنى ئاۋارە قىلماي ئۆزىنىڭ خالىغىنى قىلسا(ئەسلىدە ئۇلار بۇنداق گەپنى دىيىشتىن خىجىل بولسا بولاتتى)، توربەتتىكىلەرمۇ بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىمەن دەپ ئۆزىنى ئاۋارە قىلمىسا مەن 80خالتا توربىتىنىڭ داۋاملىق ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ بىمارلار ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىشىنى خالايمەن.

5.ئالتايدىن ئورگان خادىمى تورداش دىلشاتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
ۋاي اللا ، بۇندا تۇرغان نىمەگەپ بار ، سىزغۇ چوڭ شەھەردە تۇرىپ "جىنسيەتكە"مۇناسۋەتلىك جىق ىشلارنى بىلشىڭىز مۇمكىن، لىكىن كوپ اداملار سىزگە ۇقشاش بۇىشلارنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق كىسەل يالغۇز ۇيغۇرلاردا ەمەس، باشقا مىللەتلەردىمۇ جىق ، مەن بۇ توربەتنى قوللايمەن. مۇشىنڭىغا ۇقشاش مەسىلەت بەرگەندىلا، نورمال بولمىغان جىنسي مۇناسۋەتنى توسقىلى بولۇدۇ.

6.ئاقسۇ باي ناھىيسىدىن شوپۇر تورداش ئىنساننىڭ ئىنكاسى:
80خالتا تىبابەت تورى مىنىڭچە كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا ساغلاملىق، پىسخىكا ساغلاملىقى، روھى ساغلاملىق جەھەتتىن زور ياردەملەرنى بېرىۋاتىدۇ .مىنڭچە بۇنداق ياخشى تور بەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىزنىڭ ئەڭ قەدىرلىشىمىز گە ئەرزيدۇ . بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزكېسەللىكلىرى ئۇستىدە باشقىلاردىن ۋە دوختۇردىن بىۋاستە مەسلىھەت سۇراشتىن نۇمۇس قىلىپ ، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە ئۆزىدىكى باشتىلا داۋالاتسا ساقيپ كىتىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاتماي نۇرغۇن پۇشايمانلارغا قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس . ئەلۋەتتە ھازىر بەزى مەزمۇنلار نۇقۇل ھالدا جىنسىەت ۋە ئەر- ئايال دارچىلىق مۇناسىۋەتكە تاقلىدىغان سۇئاللار ئىنتايىن كەڭ تۈردە سورلۇپ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بۇجەھەتتىكى بىلىملىرىنى تولۇقلىسا ، بەزى مەزمۇنلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ۋە ئەخلاق مىزانىمىزغا ماس بولمىغان سۇئاللارمۇ سورالماقتا ، بىز بۇنداق بولۇپ كەتتى دەپ بۇ تۇر بەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋىتىشىمىزنىڭ ھازىرچە ئانچە زۇرۇرىيىتى يوقمىكى دەپ قارايمەن .

7.غۇلجىدىن ئوقۇتقۇچى تورداش رۇشەنگۈلنىڭ ئىنكاسى:
توۋۋا! مۇشۇمۇ دوختۇرنىڭ دەيدىغان گېپىمۇ ؟ سىز قايسى كەسپى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن دوختۇر ؟دوختۇر تۇرۇپ تىبابەت ئىلمىگە تىغ كۆتۈرگىنىڭىز ....... بۇ تور بىكىتىنىڭ قۇرۇلغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ . نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگەبولۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ .دوختۇر يولداش ،ئارانلا ساۋادى بارلارنىڭمۇ مەسلەھەت سوراپ خەت يازغىنىنى، ئىقتىسادى تۆۋەنرەكلەرنىڭمۇ كېسىلىگە داۋا سوراۋاتقىنىنى كۆرمىگىنىڭىز نىمىسى؟ ئەخلاق ھەقىقەتەن مۇھىم.ئەخلاقتىنىن چەتنىگەنلەرمۇ بۇ سەھىپە ئارقىلىق يول تاپسۇن ئىمان تاپسۇن . مەن سىزنىڭ <دوختۇر >لىقىڭىزدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم.مەن يەنىلا سىزنىڭ <ئەخلاق> نۇقتىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ،ۋىجدانىمىزنى دەڭسەپ بىقىشقا ئاگاھلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن .ئاللا خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ،ساپ ئەركەكلىك غۇرۇرىڭىزغا مەڭگۈلۈك ۋىجداننى مەڭگۈ يار قىلسۇن. مەندەن خاپا بولماسلىغىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

8.ئۈرۈمچىدىن تورداش تۇمارىس خانىمنىڭ ئىنكاسى:
80خالتا تىبابەت تورى مېنڭچە ناھايتى ياخشى قۇرۇلغان تور بەت. بۈگۈنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى كۈنسىرى يۇقىرلاۋاتقان بۇ جەمىيتىمىزدە بىز 80خالتا تىبابەت تورىدەك،بىزگە پىسخىكا ساغلاملىقى، روھى ساغلاملىق جەھەتتىن زور ياردەملەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان بۇ دوستىمىزغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك.مەن ھەربىر قېتىم بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلغىنىمدابىر زات ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيۇپ ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆز بىلىمىنى ئايىماي ، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ كىشىلەرنى نۇرغۇنلىغان غەم -ئەندىشىدىن خالاس قىلغىنىنى كۆرغىنىمدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.بۇ تور بەتتە بىمالار ئۆزىدىكى كسەللىك ئالامەتلىرىنى ئوچۇق -ئاشكارە ئوتتۇرغا قويالايدۇ ۋە ئۆزىدىكى كەمچىلىك نۇقسانلارنىمۇ قورقماستىن دىيەلەيدۇ ،بەلكىم رىئال تۇرمۇشتا شۇ بىمارلار دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارغاندا بۇ تور بەتتىكىدەك ئوچۇق -ئاشكارە بولالماسلىغى مۇمكىن ،دىمەك مېنىڭچە 80خالتا تور بېتى بۇ جەھەتتە بىمارلارغا كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.................................
ئاخىردا بىرزات ئەپەندىنىڭ خىزمىتگە نەتىجە . قەلىمىگە قۇۋەت تىلەيمەن.

9.تورداش ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
ئالدى بىلەن مۇشۇنداق بىر تور بەتنى ماڭدۇرۇپ بىزگە نۇرغۇن تېببىي بىلىملەر بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان خالىس يىگىتىمىز مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزاتقا كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. 80 خالتا تور بېتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى يۇقىرىدا تورداشلار ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ يەردە قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرماي، مەنمۇ شۇ تورداشلار بىلەن ئوخشاش قاراشتا.
ئەمدى توردىشىمىز ئەلىجاننىڭ پىكرىگە نىسبەتەن، مەن ئەلىجاننىڭ پىكرىنى: "بۇ تور بەتنى ئاچمايلى دەۋاتىدۇ" دەپ چۈشەنمىدىم، "جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى تېلېفون ئارقىلىق سورايلى" دەۋاتىدۇ دەپ چۈشەندىم. شۇڭا مېنىڭ چۈشەنچەم بويىچە بولغاندا قانداق سوئال بولسا (مۇشۇ توربەتنىڭ سەھىپىسىدە تىلغا ئىلىنغان تۈرلەر بويىچە تەن - سالامەتلىك ئائىت سوئاللارنى دېمەكچىمەن) سورالسۇن.
ئەمدى سوئال سوراش مەسىلىسىگە قارىتا: دېمىسىمۇ دىققەت قىلساق سورالغان سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. بۇ بىزدە جىنسىيەتكە بولغان چۈشەنچىنىڭ كەملىكىنى، جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېگەندەك بۇ خىل كېسەللىكلەر، ياكى بۇ ساھە باشقا تېببىي كېسەللىكلەرگە ئوخشىمايدىكەن. يەنى ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ خىل كېسەل مېنىڭ بېشىمغا كەلسە (ئۇلۇغ ئاللا ھەممەيلەنگە ساغلام تەن ئاتا قىلسۇن) مەن قانداق داۋالىنار ئىدىم دەپ ئويلىنىپ باقسا ئاز تولا چۈشىنىپ يىتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى بىر – بىرىمىزدىن سوراشمۇ ئادەمنى خىلى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئىش. بۇنى بەك تەپسىلىي ئەزۋەيلەشمىسەكمۇ تورداشلار تونۇپ يىتەلەيدۇ. شۇڭا مۇشۇ توربەتنىڭ بارلىققا كېلىشى بەك ياخشى بولدى دەپ قارايمەن.
ئەمدى ماۋۇ چۈشۈۋاتقان بىر قىسىم سوئاللارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن سەل چەكتىن ئېشىپ ئەدەپتىن چىقىپ كېتىدىغان، دېسىمۇ – دېمىسىمۇ بولىدىغان گەپلەرنى ئەزۋەيلەپ تەكىتلەيدىغان تەرەپلىرىمۇ خىلى بار(شۇنى نەرسە ئېنىق بولسۇن چۈشۈۋاتقان سوئاللاردا مەسىلە بار، جاۋابتا مەسىلە يوق دېمەكچىمەن. بۇ تەرىپىنى بىرزات ئەپەندىم سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالىنىڭ ئەينەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ سوئاللاردىكى بۇنداق تەرەپلەرنى ساقلاپ قالدى دەپ چۈشىنىمەن). مەسىلەن: قايسى كۈنى بىرەيلەننىڭ سورىغان سوئالىنى ئوقۇسام، ئۆزىنىڭ ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئايدا نەچچە قېتىم، كۈندە قانچە قېتىم بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي سان سىفىرلار بىلەن خىلى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مەن قانداق كېسەللىك توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغاندۇ دەپ ئاخىرىنى ئوقۇسام، كېسەللىك ئەمەس باشقا بىر ئىش توغرىسىدا سوئال سورايدىكەن. دېمەك سوئال سورىغۇچىلاردىمۇ خىلى مەسىلە بار. بەزىلەر بەلكىم ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ، يۈز تۇرانە دېيىشمىگەندىكىن كېيىن بەزى ئالامەتلەر چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ تەپسىلىي دېگەن بولۇشمۇ مۇمكىن.
شۇڭا، ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ شەخسى پىكرىم، ئىلگىرىكى جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارمۇ خىلى يىغىلىپتۇ.(100 نەچچە بەتنىڭ% 80مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن). مۇشۇلارنى ئەينەن ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا، بۇندىن كېيىن سورالغان سوئاللارنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىغا نىسبەتەن بىرزات ئەپەندىم يەنە ئازراق جاپا تارتىپ، ئاشۇنداق بىمەنە، ئەدەپتىن چەتنىگەن، ئاتايىن ئەزۋەيلىگەن تەرەپلەرنى چىقىرىۋېتىپ، چوقۇم تەكىتلىمىسە بولمايدىغان تەرەپلەرنى ئىلىپ قالغان ئاساستا جاۋاب قايتۇرسىكەن دەيمەن. سىلەرچە شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ؟

10.قۇمۇلدىن تورداش مەممەتنىڭ ئىنكاسى:
ھەي تورداشلار سىلەر <<30ياشلىق دوختۇر ئىلىجان>>ننى ئۇنداقلا دەپ كەتمەڭلار ! ئۇنىڭمۇ ياخشى كۆڭلى . ئۇمۇ تېخى يېڭىلا دوختۇر بولۇپ ئانچە كۆپ ئىشلارنى كۆرمىگەندەك قىلىدۇ ، بەزىلىرىمىز بىزنىڭ <<30ياشلىق دوختۇر ئىلىجان>>دوختۇرىمىزغا بەكلا قاتتىق تېگىپسىلەر ......سىزمۇ خاپا بولماڭ ھە <<30ياشلىق دوختۇر ئىلىجان>>.....
ئەمدى مېنىڭچىمۇ يوقىرىدا تورداشلىرىمىز دىگەندەك مۇشۇ جىنسى كېسەللەر جەمىيىتىمىزدە ھەقىقەتەن كۆپىيىپ كەتتى . سەۋەبى : بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزدە بىزدىكى پەردىشەپ تۈپەيلىدىن چوڭلار كىچىكلەرگە جىنسى جەھەتتىكى تەربىيىنى قىلالمايدۇ ، كىچىكلەر سورىيالمايدۇ . ئوغۇللار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بولىۋاتقان بەزى بىر ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق ئىچىدە قارىسا قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە قورقۇنچ ئىچىدە قاراپ تۇرىدۇ . باشقىلاردىن سوراي دىسە <<30ياشلىق دوختۇر ئىلىجان>> دىگەندەك .نەتىجىدە ئۆز ئارا بەزى بىر ناچار بالىلاردىن ئۆگۈنۈش، كۆرۈش ، ئاڭلاش ، دوراش دىگەندەك ئۇسوللار ئارقىلىق بەزىبىر ناچار ئىشلارنى ئۆگۈنىدۇ ....چوڭ بولغاندا ھەر خىل جىنسى كېسەللەرگە مۇپتىلا بولىدۇ . كېسەل يىنىك ۋاختىدا دوختۇر ۋە باشقىلاردىن خىجىل پولۇپ كېسىلىنى ئېيتالمايدۇ ، كېيىن .......
توغرا بىزدە پەردىشەپ ھايا .....دىگەنلەر مېنىڭچە دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن چوڭ بىلىمىز ئەمما ئالدىمىزدىكى ھەقىقەت بولسا شۇ .......
بولسا كەڭ ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە جىنسى تەربىيەنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە مۇشۇ تور ئارقىلىق بولسىمۇ ئەتراپلىق قىلساقمىكىن دەيمەن.........

11.غۇلجىدىن تورداش ئىسمايىلنىڭ ئىنكاسى:
بەزى سوئاللار بەك چېكىدىن ئاشقان، بەك تېتىقسىز، مۇشۇنداق سوئاللارغا تەستىقلانمىسا دەپ ئويلايمەن.
بەزىلەرنىڭ <<بالا ئالغۇم بار ئىدى،يوق ئىدى>> دىيىشلىرى... ئۇيغۇر تىلىدا بالىلىق بولۇش، بولماسلىق بار، ئانا تىلىڭلارغا ھۆرمەت قىلغايسىلەر.
12.خوتەن گۇمىدىن تورداش ئابلىكىمنىڭ ئىنكاسى:
گەپنى قىسقا قىلاي. مىنىڭچە ھازىرغىچە چەكتىن ئىشىپ كەتكەن مەسللەر ،گەپ سۈزلەر يۇققۇ دەيمەن .بەزى مۇرەككەپرەك مەسىىلەرنى سەل تەپسىلى ياكى ئىنىقراق ئىچىپ دىيىشكە تۇغىرا كەلگەندە بەلكىم دىيىشكە يۇللۇق دەپ قارايمان .لىكىن تۇرداشلارمۇ يەنىلا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك.ئامال بار ئىلمى ،پەردە ئىچىدە مەسىىلەر نى ئىنكاس قىلىش ۋە جاۋاپقا ئىرىشىش كۆپچىلىك ھەقىقەەن ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مەسىە بۇ ھەقتىكى سۇئال يەنىلا ئۆز پەيتىدە توغىرا ئوتتۇرغا قويولغان.

13.ئاقسۇدىن دۆلەت مەمۇرى تورداش يالقۇننىڭ ئىنكاسى:
بىرزات ئەپەندىم، ياخشىمۇسىز؟
سىز مۇشۇنداق توربەتنى ۋۇجۇتقا چىقارمىقىڭىز، شۇنداقلا شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تورداشلىرىڭىزنىڭ سۇئاللىرىغا لايىق جاۋاب بەرمىكىڭىز ئاسان ئەمەس، بۇجەھەتتە سىزگە مەن قايىل. بىراق تورداشلار ئېيىتقاندەك بۇرتوربەت جىنسى بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىدىغان توربەتكە ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، بۇمۇ كۆپچىلىنىڭ تاللىشى ھەم سىزنىڭ خالىشىڭىز بۇلىشى مۇمكىن.
مۇمكىن بولسا مىنىڭ بىرقانچە مەسلىھەتىمنى ئويلىنىپ كۈرۈشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن:
1- ھاياتلىقنىڭ قاتىلى بولغان راك كېسەللىكى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمەت بەرسىڭىز ،مەسىلەن: راكنىڭ پەيدابۇلۇش ئامىللىرى، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى،پايدىلىق يىمەكلىكلەر، ھازىرقى تىببىي ئىلىمنىڭ داۋالاش داۋالاش سەۋيىسى، قايسى داۋالاش ئاپاراتلىرى نىسبەتەن ياخشى، داۋالاش مۇمكىنچىلىكى دىگەندەك. داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىدىغانلار ئىچىدە راك كېسەللىكى نىسبەتەن جېق ،شۇنداقلا چىقىممۇ ئاز ئەمەس ، بۇلۇپمۇ بىزنىڭ ئاياللىرىمىزدا مۇشۇنداق كېسەللىك بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىپ ئائىلىسىنى خانىۋەيران، باللىرىنى يىتىم قىلىدىغانلار باشقىلارغا قارىغاندا نىسبەتەن كۆپلىكىنى بايقاپ قالدىم .
2- ئۇمرۇتقا چىقىپ قېلىش كېسەللىكى:
بۇبىر خىزمەتچى خادىملاربىلەن شوپۇرلارنىڭ كەسپىي كېسىلىگە ئايلىنىش ئالىدىدا تۇرۇپتۇ، بىراق ئۇنۇملۇك داۋالاش ئۇسۇلىي تېخىي يوق دىيەرلىك، تەخمىينەن 30% ئادەمدە مۇشۇخىل كېسەللىك باردىيىلسە ئارتۇق كەتمەس ، شۇڭا مۇشۇ ھەقتىكى تىببىي مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىغايسىز، بۇھەم سىز ئۈچۈن تەتقىقات شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۈچۈن پايدىلىق مەسلىھەت بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

14.قەشقەردىن ئاياللار بۆلۈم دوختۇرى - (تور بېتىمىزنىڭ ئاياللار كېسەللىكى بويچە مەسلەھەت بەرگۈچىسى) سەفىيە خانىمنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
بۇ پىكىرنىڭ قالدۇرۇلغىنى ۋە تورداشلارغا ئېچىۋىتىلگىنى بەكمۇ ياخشى بوپتۇ.
ھەقىقەتەنمۇ سورالغان سۇئاللار 90%تىن يۇقىرى ئەھۋالدا جىنسىيەتكە دائىر سۇئاللار. بۇنداق ئەھۋالدا جاۋاپمۇ كۆپىنچە شۇ دائىرىدىن چىقىپ كىتەلمەيدىكەن .
80 خالتا تور بېتىنىڭ ئاياللار كىسىلى بويىچە مەسلىھەت بەرگۈچىسى بولغاندىن باشلاپ ، مەنمۇ بەزىدە شۇنداق تۇيغۇغا كىلىپ قالىمەن، بۇ تور بەت مەخسۇس جىنسىيەت توغرىسىدىكى تور بەتمۇ قانداق؟ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر شۇ دەرىجىدە كۆپمۇ؟ ياكى تور دۇنياسىنىڭ ئاساسى مىھمانلىرى بولغان ياش_ ئوتتۇرا ياش كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىززىق نۇقتىسىمۇ؟ جىنسىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا تور يۈزىدە ھەممە ئادەم كۆرگىلى بولىدىغان ھالەتتە جاۋاپ بېرىشنىڭ كىشىلەرگە بولغان پايدا _ زىيىنى قانچىلىك؟...............
ئۆزەممۇ بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەيلى سۇئاللارغا جاۋاپ يېزىش( ئەلۋەتتە، مەن ئادەتتە ئاساسەن ئاياللار كىسەللىكلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىمەن ) بولسۇن ياكى سورالغان سۇئاللارنى ئوقۇش بولسۇن، بەزىدە شۇنچىلىك بىئەپلىك، بىئاراملىق ھىس قىلىمەن، چۈنكى سورالغان سۇئاللار يۇقىرىدا بىر تورداش ئېيتقىنىدەك چەكتىن ئاشقان، مۇنداقچە ئېيقاندا ھايا، ئەخلاق دائىرىسىدىن ھالقىغان سۇئاللار .... بەزىلىرىگە لايىقىدا جاۋاپ قايتۇردۇم. بەزىلىرى قالدۇرۇلدى.
شۇڭا مېنىڭچە تور بەتنى قايتا لايىھىلىگىلى بولسا ئاياللار كىسەللىكلىرى بويىچە ئايرىم سۇئال _ جاۋاپ سەھىپىسى، ئەرلەر كىسەللىكلىرى ۋە جىنسىيەتكە دائىر مەسىلىلەر بويىچە ئايرىم سۇئال جاۋاپ سەھىپىسى تەسىس قىلىنسا ياخشىراق بولارمىكىن دەيمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا تورداش دوسلىرىمىزنىڭ چەكتىن ئاشقان، بىزنىڭ ئەخلاق، ھايا مىزانلىرىمىزغا خىلاپ سۇئاللارنى سورىماسلىقلىرىنى، سورىغۇچە ئۆزلىرى ئۇيالمىغان بىلەن بۇ سۇئالنى ئوقۇغۇچى بىزلەرنىڭ ئۇيىلىپ نىمە قىلىشنى بىلمەي قېلىشىمىزنى كۆزدە تۇتۇشلىرىنى، قىسقىسى بۇ تور بەتنىڭ خاس جىنسىيەت ھەققىدە مەسىھەت بەرگۈچى تور بەت ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.
يەنە بەزى تورداشلىرىمىز ھەتتا ئالاھىدە < سەفىيە خانىم ! > دەپ ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئەرلەر كىسەللىكلىرى ھەققىدە سۇئاللارنى قالدۇرۇپتۇ. ۋە بەزىدە تېلىفونمۇ قىلىشتى. تورداش دوسلىرىمىزغا شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇن. سەفىيە خانىم ئاياللار بۆلۈم دوختۇرى ، ئەرلەر كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسسى ئەمەس. بۇ قانداق ئۇيغۇر ئەخلاقى؟! بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىچ ھېيىقماستىن، خىجىل بولماستىن ، ھايا قىلماستىن ، بىر ئايال كىشىدىن ئەرلەر كىسىلى، جىنسىيەت بويىچە سۇئال سوراش ؟!
يەنە بەزىبىر قىز_ ئاياللىرىمىزنىڭ ئەخلاق دائىرىسىدىن ھالقىغان، بىزنىڭ كىسەللىك بويىچە م،ەسلىھەت بېرىش دائىرىمىزدىن ھالقىغان، ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش چارىلىرى ھەققىدە بىزدىن سورىماسلىقىنى ، بۇ ئىشلارنى تور يۈزىگە ئېلىپ چىقىشتىن سەل خىجىل بولۇشلىرىنى سورايمەن . مەسىلەن : ئىپپىتىمنى يوقىتىپ قويدۇم؟قانداق قىلىمەن ؟
توي قىلماستىن ئۇنداق بولغان مۇنداق بولغان، ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ دىگەندەك سۇئاللارنى بىزدىن سورىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.
________________ سەفىيە

15.ئۈرۈمچىدىن ئوقۇغۇچى تورداش بۇغرامنىڭ بۇ ھەقتىىكى ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي. بۇ تورنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى بىز ياشلارغا بېرىۋاتقان ئىجابى تەسىرى ھەققەتەن زور .بىراق توردىشمىز ئەلى ئېيىتقاندك بەزى مەسىللەردە پەردەىشەپنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتى مەسلىسىدە مەسلىھەت سوراش ۋە مەسلىھەت بېرىش ۋاقتىدا يەنىلا پەردەشەپ بىلەن بولىشى كېرەك. بولمىسا ئەكىسچە تەسىر پەيدا قىلىپ قويىشى مومكىن. مەسلەن: بىر زات ئەپەندى مەسلھەت بىرىپ قولدا لەززەتلىنىش دىگەن يامان ئادەتنىڭ سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئوقۇشلىقلارنى ئوقۇش ۋە ئاڭلاش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قەيىت قىلىغان ئىدى . ئويلاپ باقساق مۇشۇ توردىكى <توي كىچىسى> ، <قىزلىق پەردىسى > دىگەندەك تىمىلار يۈزى ئېچىلمىغان پەرزەنتىلىرىمىزگە نىسبەتەن شەھۋانىيىلىق بولماي نىمە ؟ بۇ بۇ خۇددى يانچۇقۇمدا بەش كوي پۇل بارلىقىنى ساڭا ھەرگىز دەپ بەرمەيمەن دىگەندەك بىر گەپ. نەدىمۇ بىر بىمارنىڭ كىسەللك ئەھۋالىنى ھەممىگە دەپ يۈرىدىغان ئىش بار. بۇ ھەرگىزمۇ دوختۇرلانىڭ كەسپى ئەخلاق ، ۋە لوگىكىغا يات بىر ئىش. نەدىمۇ كارۋات ئۈستىدىكى ئىشلارنى بىرمۇ-بىر تەپسىلى بايان قىلىپ ،ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئورتاق مۇنازىرە قىلىدىغان ئىش بولسۇن. بىز يەنىلا باشقىچە ، ئۆزگىچە ئۇسۇلدا مەسلىھەت سورغىنىمىز ۋە مەسلىھەت بەرگىنىمىز تۈزۈك. سۆز-ئىبارىلەرنىڭ يەنىلا پەردەشەپ بىلەن ئىشلىتىلگىنى ياخشى. < ئوغول دوستۇم مەن بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قلىسا قانداق قىلىمەن ؟>دىگەندەك چاكىنا، بىئەدەپلىك بىلەن سورالغان سۇئاللارغا بىر زات ئەپەندىمنىڭ جاۋاپ بەرمەسلىكى ياكى مۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىنى تۈزۈك. چۈنكى مۇشۇ سۇئالنىڭ ئۆزىلا بىر شەھۋانىيلىق، چاكىنىلق. بۇنداق سۇئاللارنى سوراشنىڭ ئەھمىيتى يوق . بۇ ئاللىقاچان ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ دائىرىسگە بېرىپ تاقالغان مەسلە. نەدىمۇ توي قىلماي تۇرۇپ بۇنداق ئىشقا يول قويغىلى بولسۇن؟! مەيلى سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ياكى كاپىتالىستىك دۆلەت قانۇنلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئىسلام ئەللىرىدىكى قانۇنلار بولسۇن قايسى بىرىدە قانۇنلۇق نىكاھ قىلماي ـۇرۇپ مۇشۇنداق ئىش قىلىشقا يول قويىدۇ. مىنىڭچە بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندىن بەرمىگەن تۈزۈك. بەزى مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتدىغان سۇئاللارغا يىغىنچاقلاپ جاۋاپ بېرىلسىمۇ بولدىغۇ. يەنىلا بىر ئەپەندىمنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
قالغىنىنى تورداشلارغا قالدۇراي، بىر زات ئەپەندىگە مالاللىق يەتكۈگەن بولسام تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.

16.قەشقەردىن تورداش لەيلا خانىمنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار!
مەن80خالتا ئۇيغۇر تىبابەت تورىنىڭ ئېچىلغىنىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، ھەم بۇنىڭدىن كىيىن بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان بۇ تورنىڭ بىزنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتىمىز ، مەسلىھەتچىمىز شۇنداقلا پىسخىك دوختۇرىمىز بولۇپ بىزگە يىقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن....
مىنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان پىكىرىم، بۇ تورنىڭ سەھىپىلىرىگە يىڭى بىر تۈر قوشۇپ، يوشۇرۇن ھالەتتە بولسا ،پەقەت شۇ سوئال سورىغۇچى بىلەن بېرزات ئەپەندىلا ئورتاق ئىشلىتەلەيدىغان بولسا، باشقا تورداشلارغا بولغان تەسىرىمۇ ئۇنچە چوڭ بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن. بۇ تور باشقۇرغۇچىلارغا سەل تەس توختىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ "ئەلىجان" ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسلىنىڭ ئەمەليەتچانلىقىنى ، ھازىر كۆرۈلىۋاتقان مەسلىنى كۆزدە تۇتۇپ پكىرىمنى ئويلىشىپ باقساڭلار....
ئاخرىدا تورداشلارنىڭ بۇ تورنى يىقىندىن قوللاپ، تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا كۈچ چىقارساق، ئاللاغا ئامانەت، ھەممىڭىزلەرگە ساغلاملىق يار بولسۇن!!!!!!!!!

17.سەھىيە نازارىتىدىن نامەلۇم تورداشنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!!
مەنمۇ 80 خالتا تورىنى كۆرۇۋاتقىلى تىخى 2 ئاي بولدى مۇشۇ ئىككى ئاي جەريانىدا 80 خالتا توربىكىتىنىڭ زىيارەت قىتىمىنىڭ كۆپلىكىنى ھىس قىلدىم!!!
بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئۇقتۇم چۇنكى 80 خالتىدا كىشلەر ئاغزىغىمۇ ئالالمايدىغان مەزمۇنلار بولغانلىقى شۇنداقلا مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا كېشىلەر ئۆزىنىڭ جىنسىيەت دائىرىسىدىكى بىلىملىرىنى تەمتىرىمەي دىيەلىگەنلىكىدىن دەپ قارىدىم!!!
لىكىن ئۇيغۇر تىبابىتى جىنسىيەت تىبابىتى ئەمەس بەلكى بۇ بىر ئىلىم، ئىلىم بولغاندىمۇ نەزەرىيەسى، ئەمەلىي داۋالاش ئەمەلىيتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىبابەت ئىلمىدۇر!
ئەگەر 80 خالتا جىنسىيەتكە مەسلىھەت بەرمىسە تور بىكەتنىڭ تەقدىرىنى 80 خالتا قۇرغۇچىسى پەرەز قىلالايدىغۇ دەيمەن!!!!
يەنە بىر تەرەپتىن 80 خالتىدا دورىلارمۇ سىتىلىدىكەن كۆپىنچە دورىلار جىنسىيەت دائىر دورىلار ئاتايىن بىمارلار ئۈچۇن تەييارلىنىدىكەن!!!!
بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارىساق كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ئىلىنغان دورا نۇسقىلىرى ئىكەن!!!
بۇ رېتسىپلار تەركىبىدىكى دورىلارنىڭ كۆپىنچسىنى بازاردىن تاپقىلى بولمايدۇ بولغان تەقدىردىمۇ ئەسلىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ!!!
بەزىدە 80 خالتا مەسئۇلىنى مەخسۇس جىنسىيەت ئىلمىدە ئوقىغانمىكى دەپمۇ قالىمەن!!!
80 خالتىنىڭ ئاساسلىق جىنى جىنسىيەت. توغرا جەمىئىيتىمىزدە جىنسىيەتكە دائىر مەسىللەر بەك كۆپ لىكىن كۆپ دەپ ھەممىنى ئىچىۋەتسەك بولمايدۇ دە!!!!
ھازىر ئۇيغۇر تىبابىتىنى چۇشەنمەيدىغان ئادەم كىلىپ 80 خالتىنى كۆرسە ئۇيغۇر تىبابىتى ئەمەس سىرىق، شەھۋانىي تىبابەت دەپ قىلىشىتىن يىراق دىگەلى بولمايدۇ!!!
سىز دىگەن مەسىللەرنى بىر ئىككى ئادەم توغرا چۈشۈنۇپ بىلىۋالىغىنى بىلەن نەچچە يۈز ئادەم قانداق چۈشۈنۇپ قانداق قوبۇل قىلار!!!!
ئەگەر بولسا چاي دورا دۇككىنىڭىزنى ئامبۇلاتۇرىيە قىلىپ ئىچىپ كېسەللەرنى بالىنىستا ياتقۇزۇپ داۋالاڭ!!!
جىنسىيەت دائىر كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبىئى روھىي ئامىل ئارقىلىق داۋلاش، بۇنى تۇگەتمىگەندە ماددەتۇل ھايات، لوبوبى كەبىر زەرە قىلسا قىلىدۇكى پايدىسى ئازدۇر!!!!
مەن ئىلىجان دوختۇرنى قوللايمەن!!!
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم!!!
ئىلىجاننى قوللايمەن!!!

18.قەشقەردىن تورداش خەتتابنىڭ ئىنكاسى:
مېنىڭچە بۇپىكىر ناھايىتى ئوبدان ئوتۇرغا قويۇلۇپتۇ.بۇيەردىكى مەسىلە سىزدە ۋەياكى تور بىكىتىڭزدىكى خاتالىق ئەمەس ،بەلكى بىرقىسىم بىھايا ئادەملەرنىڭ تىبابەت كەسپىنىڭ پەردىسى دالدىسىدا ھەرقىسىم ھاياسىز سۆز ۋەپاسكىناقىلىقلىرىنى تەپ تارتماستىن كەڭ خەلىق سورۇن لىرىدا ئوتۇرۇرغا قويۇشقا پېتىنغانلىقىدا.مېنىڭ كۈزتىشىمچە،ئۇلارنىڭ مەقسىدى قىلغان ئەتمىشلىرىگە توۋا قىلىپ،قايتا قىلماسلىق بولماستىن بەلىكى شۇبىر پاسكىنا بۇزۇق قىلمىشلىرى تۈفەيلى بەدىلىگە كەلگەن كېسىلىنىي ساقايتىۋېلش خالاس.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق ئۇلار شۇقىلغان ئىشلىرىنڭ ئەخلاق ۋەئادىمىلىكگە زىت ئىكەنلىكىنى ئەسلى بىلمەي ئەمەس ،بەلكى بىلىپ تۇرۇپ قىلدۇ،تېخى تازا ئوڭۇشلۇق ھەم بىخەتەر داۋاملاشتۇرالمىغاندا،ئاندىن تىبابەت ئارقىلىق ھەل قىلماچى.كونىلاردا كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكار،ھەقنى بىلىش ئۈچۈن شەرمى تەلەپ قىلىنمايدۇ دىگەن گەپ بار.توغرا،بۇيەردە شەرمىھايا قىلماي سورۇلۇۋاتقان كېسەل ۋەئىللەت تەبى ۋە ئوچۇقتىن ئوچۇق جامائەت ئالدىدا دىيىلىدىغان كېسەل بولماي قالدى.بۇلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سورالغان مەسللىرى كەڭ تورجامائەتلىرگە بولغان ھاياسىزلىق،ھاقارەت،كۆزگە ئىلماسلىقلا بولماستىن بەلكى مۇشۇتوربىكىتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان سەبى بالىلارۋەھەمسەپە كىشىلەرگە يول ئېچىپ بىخلاندۇرۇپ قويۇشى ھەم مومكىن. شۇڭىلاشقا مېنىڭ پىكىرم بىرزات ئەفەندىم،سىز كەسىپنىڭ تەقەززاسى دىمەي،مومكىن بولسا بۇنداق بىر قىسىم «لۇتىىلەرنىڭ»مەسىللىرىنى ئۈستەل يۈزىگە ئېچچىقماستىن بەلكى يوللىغان ھامان ئۆچۇرۋىتىشىڭزنى ئۈمۈت قىلىمەن!!ئۇلارغا كەلسەك،ئۇلار شۇ ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئىكەن ،كېسەل بولغاندىن كىيىن ھەم بىرەر تىۋىپ بولامدۇ ياكى بىرەر ئالىمنىڭ قېشىغا بېرىپ يول سوراشقا جۈرئەت ھەم قىپ باقسۇن.بەلكىم شۇنداكېسىلى شىپا تېپىپ قەلبى ھىدايەت تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!ئۇنداق قىلالمايدىكەن،ئەمسە ھەممە ئادەمگە داۋراڭ سالماي ،بېشغا نىمە كېلىشىنى كۈتسۇن!

19.ئۈرۈمچىدىن ئوقۇتقۇچى مىھراينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
يۇقۇرقى پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم، <<دوختۇر ئىلىجان >>دىن باشقا يولداشلارنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاش، بىزدە ئاتا-ئانا ئۆزبالىلىرىغا جىنسىيەت جەھەتتە مەسلەھەت بېرىدىغان ئادەت-قائىدە يوق ، دوست-بۇرادەرلەردىنمۇ مەسلەھەت سوراش تېخىمۇ مۆمكىن ئەمەس، يېقىن دوستلاردىن سوراش مۆمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ،ئاياللارنىڭ ناتونۇش بىر ئەر كىشىدىن تېلفۇندا سورىشى ، ئەرلەرنىڭ ناتونۇش بىركىشىدىن ئېغىزاكى سورىشى مۆمكىنمۇ؟ بىر ئادەمنىڭ سوئالىدىن كۆپ كىشىنىڭ نەپ ئېلىشى يامانمۇ؟ ئەمىلىيەتتىمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇرغۇن شۇنداق كېسەللەر ئەۋەج ئالماقتا ،مەنچە بۇ توربەت بىز ئۈچۈن ساغلام تۇرمۇشقا يۇزلۈنۇش ئۈچۈپ بىر كۆرسەتكۈ...
ئاخىرىدا، بىرزات ئەپەندى سىزنىڭ بىزنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!!!سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن~~~

20.ئاقسۇدىن بانكىر تورداش كۆلتېگىننىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، مەن يوقارقى پىكىرلەرنى كۆرۈپ چىقتىم ، مىللىتىمىز لەنىتى ئاپپاق غوجا باشلىق سۇپى ئىشانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان 300نەچچە يىلدىن بېرى جاھىلىيەتتە ياشاپ،دىن ، مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا، ئىلىم - پەن ، ئەدەپ ئەخلاق جەھەتلەردە ناھايتى زور يوقۇتۇشلارغا دۈچ كەلدى ۋە يوقاتتى ،خەلقىمىزدىكى ئەخلاقسىزلىق ، ئېتىقادسىزلىق ، ھورۇنلۇق، كۆرەلمەسلىك ،مەينەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ ، ئاتا قىزىغا باسقونچىلىق قىلىدىغان، بالا ئاپىسىغا پەسكەشلىك قىلىدىغان ، ئاكا سىڭلىسىنىڭ، ئۆگەي ئاتا،ئۆگەي قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىدىغان ئېشلار موشۇ ئويغۇر نامىدىكى قەۋمنىڭ كۆندۈلۈك تورمىشىدا داۋامىلىق ئوچرايدىغان ئادەتتىكى قىلمىشقا ئايلىنىپ قالدى، نومۇس ، نېمە دېگەن نومۇس، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن تېزرەك قىيامەت قايىم بولسىكەن دەپ!!موشۇ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ، مىللىتىمىزدكى ئەر ئاتلىق ئاتىلارنىڭ ۋە ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى جىنسىيەت ئەخلاقىدا ئوبدان تەربىيلىمىگەنلىكىدە، شونداقلا ئۆزىنىڭ ، شۇ ئۆز پوشتىدىن يارالغان پەرزەنتىگە تەربىيە بەرگىدەك سالاھىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىدا،بىز تەربىيەگە موھتاج! بىز ئىلىم پەنگە،ئېتىقادقا، ئەخلاققا موھتاج! مىللىتىمىز ئىچىدە يۈز بەرگەن بەزى نومۇسسۇزلۇقلارنى قوشنا مىللەتلەر ئاڭلىسا قانداق بولار ؟ ئولار بىزگە قانداق قارار؟ خىجىل بولايلى ، داۋاملىق باشقىلاردىن ئاغرىنماي ئۆزىمىزنى ياخشىراق ئاپراتسىيە قىلايلى !ئۆزىمىزگە ئوبدانراق قارايلى!ئۆزىمىزنى ئوبدانراق تەرەققى قىلدورايلى!ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم قىلايلى !چىن دىلىمىزدىن ئىلىم - پەنگە يۆرۈش قىلايلى!ئۆزىمىزنى ، پەرزەنىتلىرىمىزنى ، قەۋمى قېرىنداشلىرىمىزنى تەربىيلىيەلىگىدەك سالاھىيەتكە ئېرىشەيلى!80 خالتا تور بېتى قورۇلغاندىن بويان مىللىتىمىز ياشلىرى ئىچىدە ساقلانغان بەزى بىر جىنسىيەت ئىلمىدىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى توسۇش جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىغان بولسىىمۇ لېكىن ،ئوتتۇرا ياش ياكى يېڭىدىن ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدا تورىۋاتقان ياش ئەرلىرىمىز،ئاياللىرىمىز ئۆچۈن تېخى كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغىنى يوق. بۇ ۋابانى تۆگۈتۈش ئۆچۈن بالا قورساقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپ خېزمەتنى باشلاش كېرەك،ياش ئاتا -ئانىلار ،بالىسى توغۇلۇپ ،ئوغۇللارغا 4 ياش ، قېزلارغا 3 ياشتىن باشلاپ ، جىنسىيەت ئەخلاقى ۋە جىنسىيەت ئىلىمى توغۇرلۇق تەلىم تەربىيەنى باشلىغاندىلا ئاندىن كەلگۈسىدكى مىللىتىمىز ياشلىرى ئانانىزىم ، قىزلىق پەردە ، ئەيدىز، سىبلىس قاتارلىق تۆرلۈك كىسەللىك ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ ھەقىقى زىيىنىنى تونوپ يېتەلەيدۇ ۋە ئالدىنى ئالالايدۇ، شونىڭ ئۆچۇن،ھۆرمەتلىك مۇھاممەد تورسۇن بىرزات ھەكىم ،سېز تور بېتىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىڭ، تور بېتىڭىزدە مەخسۇس ياش ئاتا - ئانىلارمەكتىپى(مەخسۇس جىنسىيەت ئىلىمىدىن تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان)، ئائىلە ئەخلاقى سەھىپىسى ، تەشۋىق ،پىسخىكا ، كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تورمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر ،مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقىدا ساقلىنىۋاتقان تۆرلۈك نوقسانلارنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئۆز - ئۆزىمىزنى تەنقىدلەش تىپىدىكى قامچىلاش سەھىپىسى ، مىللىتىمىزنىڭ پايدىلىق يىمەك ئىچمەك ،ئوزوقلۇق ئادەتلىرى ،كىيىم كېچەكلىرى، ،جوغراپىيە،ھەر خىل كۆكتات ، گۆش ،توخوملارنىڭ تەبىئىتى ۋە رولى ،ئونۇڭدىن باشقا ياش ئۆسمۇرلەر ئۆچۈن ھەر خىل تەربىيەلەشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئويغۇر خەلىق چۆچەكلىرى سەھىپىسى (بوۋام ئېيتقان چۆچەكلەر) قاتارلىق رەڭدار سەھىپىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ ، ئېلمى ، سېستىمىلىق بولغان تەربىيلەش مەقسىدىگە يېتىش ئۆچۈن تېرىشىڭ ،سالامەت بولۇڭ! خەلقىمىز سېزدەك جاپاكەش پەرزەنتلەرگە موھتاج!!!

21.ئۈرۈمچىدىن كادىر تورداش تۇرۇپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
مىنڭچە مۇھەممەت تۇرسۇن تىۋىپنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئەمگىگى ھەرگىز چەكتىن ئېشىپ كەنكىنى يوق،چۈنكى جىنسىيەت مەسىلىلىرى ئەزەلدىن تارتىپ خىجىل بۇلىدىغان مەسىلىلىەر قاتارىغا تەۋە بۇلۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە بولغاچقا،ئادەم ئۆزىدە مەسىلە چىققانلىقىنى سەزگەن چاغدا كىمگە قانداق دىيىشنى بىلمەي قالىدۇ، ھەتتا تىۋىپ ياكى دوختۇرنىڭ يېنىغا بارغاندىمۇ 10ئېغىز گەپ بولسىمۇ خىجىل بۇلۇپ بىر ئېغىزنى ئادەم يوق چاغدا ئاران تەستە دىيەلەيمىز، ھەمممىزدە مۇشۇنداق بىرخىل پىخسىكا مەۋجۇت. ھەتتا تىۋىپ ياكى دوختۇرلارمۇ گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ئاخىرنى چۈشۈنۈپ،ئۈزىمۇ سۇراشقا خىجىل بۇلۇپ ئاۋۇ دۇرىنى يەپ باقسىلا ،ماۋۇ دۇرىنى يەپ باقسىلا خۇدايىم بۇيرىسا شىپا تېپىپ قالىلا دەپ يولغا سالىدىغان تىۋىپلىرىمىز ۋە دوختۇرلىرىمىز ھېلى ھەم يوق ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن كىسەل بولغان كىشى ئۆزىدىكى كىسەلنى دىيەلمەي قالىدۇ دە كىسىلىگە ۋە مىجەزىگە قارىتا دۇرا يىيەلمەي ۋاقتىدا ساقىيىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قۇيىدىغانلار ئاز ئەمەس، ئۈرۈمچىدە قانداق بۇنى بىلمەيمەن لېكىن جەنۇبى شىنجاڭدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت. ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق بىر تورنىڭ بارلىقىدىن مەن تۇلىمۇ خۇشال ، مەنچە ئۇيغۇر يېزىقىدا 80خالتا تور بىكىتىدىن باشقا تور بىكەتلەردە مۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدىغان تور بىكەتنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم، شۇڭلاشقا ھەممىمىز بىرزات ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك.
مەن بۇيەردە بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي:
توي قىلىشتىن ئىلگىرى دوستلار (جىنسىيەت جەھەتتە تەجىربىسى بارلار)بىلەن پاراڭلىشىپ قالغاندا قىز بالىنى كەينىدىن جىما قىلسا ئۇنداق پەيزى بۇلىدۇ، مۇنداق پەيزى بۇلىدۇ دىگىنىنى ئاڭلاپ قالاتتىم، كىيىن تويمۇ قىلدىم، كۈنلەرنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ مەنمۇ ئاشۇنداق پەيزى قىلىپ باقاي دەپ خۇتۇنغا ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ بىرمەزگىل پەيزىنى سۈرۈدۈم، ئارىدىن 3يىل ئۆتكەندە،خۇتۇن بىركۈنى ئانىسىنىڭ ئۆيگە كىرىپ چىققاندا ئاچىسىدىن تەلىم ئېلىپ كەينى تەرەپتىن ئالاقە قىلسا گۇناھ بۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پەتىۋانى كۈتۈرۈپ چىقتى، كىيىن بىزمۇ دىققەت قىلدۇق، بۇيىل 5-ئايدا تورلارنى ئارلاۋىتىپ ،80خالتا تور بېتىگە كىرىپ، <<جىنسى مۇناسىۋەت ئەدەپلىرى>>دىگەن تىمىنى كۈرۈپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى،چۈنكى ئىلگىرى گەرچە ئاياللارنىڭ كەينى تەرەپتىن قىلسا گۇناھ بولماس دەپ ئويلايتتىم ۋە خۇتۇنغا بىرەر ئاساس چىقىرىپ بىرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ رايىغا باققان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن <<مۇھەممەت ئەلەيھىسالام پەيغەمبىرىمىزنىڭ جىنسى ئالاقە توغرىسىدا دىگەنلىرىنى ئۇقۇپ چىقىپ، ئۆز خۇتۇنلىرىنى بالا تۇغۇدىغان جايىغا قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە قايسى تەرەپتىن قىلسا بۇلىدىغانلىقىنى، پەقەت قۇڭىغا يەنى چوڭ تەرەت قىلىدىغان جايىغا قىلسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى .........>>مەزمۇنلارنى كۈرۈپ چىقتىم. مىنىڭ بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇ 80خالتا تو بېتى بولغاچقا كۆڭلىمىزدىكى چىگىش تۈگۈنلەر يىشىلدى دىگەن گەپ. شۇڭلاشقا مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزاتنىڭ داۋاملىق بىز ئۈچۈن جىنسىيەت توغرىسىدا سۇئاللىرىمىزغا خالىس جاۋاپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

22.تۇرپاندىن شىركەت خادىمى تۇرسۇنجاننىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇ توربىكەتنى بەك ياختۇرمەن .مەنمۇ 5-6 يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇنلانغان .ھەتتا تويقىلىپمۇ بۇ ئادەتنى تاشلىيالمىغانتىم .ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى بىرزات ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن تاشلىدىم ۋە بۇتور بكەتتىن نۇرغۇن ساغلاملىق بىلىملەرگە ئېگە بولدۇم . مەن 80 خالتا تور بېكىتىنى قەتتى قوللايمەن .ئاخىردا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۇن تىنىمسىز تەر اقۇزۋاتقان مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئاكىمىز باشلىق تىۋىپلىرىمىزنىڭ ئېشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

23.چەرچەندىن تورداش مەنزىرگۈل خانقىزنىڭ ئىنكاسى:
مەن يۇقۇرقى پىكىرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. مىنىڭچە بۇنى چەكتىن ئېشىپ كەتتى دىگىلى بولمايدۇ. مىنىڭ بىر دوستۇم مۇشۇ 80 خالتا تور بېتىنى كورۇپ ئۇزىنىڭ كىسىلىگە داۋا تاپتى. دوستۇم يىگىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ كىيىن تاشلىۋېتىلدى. ئۇ مۇشۇ سەۋەپ كىسەلگە چېقىلىپ كەتتى . دوختۇرخانىغا بارالمىغان. كىيىن بۇ سەھىپىلەردىكى دوختۇرلارغا بولغان ئىشنى دىيىش ئارقىلىق دۇرا يەپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. بۇ دۇنيادا ئازمايدىغان ئادەم يوق . ئۇلار دوختۇرخانىلارغىمۇ بارالمىسا بۇ تور بەتنىمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ تۇرىۋالساق ئۇلار مۇشۇنداق داۋالانماي ئۆلۈمنى كۇتۇپ ياتامدۇ؟ ئشقىلىپ مەن بىرىزات ئەپەندى بىلەن سەفىيە خانىمغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن. بولسا بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ بىرەرسىلەر، اللا ئەجرىڭلارنى بېرەر. سەفىيە خانىم سىز بىلەن تىلفۇندا كورۇشەي دىگەن تىلپۇن نۇمۇرىڭىزنى بىلەلمىدىم ،مۇمكىن بولسا دەپ بەرسىڭىز.
24.قەشقەردىن ئانار خانىمنىڭ ئىنكاسى:
بۇ تور بەتنى قوللايمەن ،قىزلىرىمىزغا ئىبرەت بولۇپ ،ھۇشيارلىقى ئىشىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس .

25.ئوقۇتقۇچى تورداش بوسارگۇلنىڭ ئىنكاسى:
سالام ، باشقىلارنىڭ غېمىنى يەپ ، ئۆزگىلەر ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقان تورداشلار !
مېنىڭچە بۇ تور بەت مىللىتىمىزنىڭ بولۇپمۇ نۇمۇسچان ئەر - ئاياللىرىمىزنىڭ قولايسىزلىقىغا قولايلىق يارىتىپ ، باش ئاغرىقىغا شىپالىق پىكىر -مەسلىھەتلەرنى بېرىپ ھەممىنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ . ھەممىگە مەلۇم مەيلى بۇنىڭدىن باشقا قانداقلا ئاغرىق بولسا دوختۇرغا بېرىپ بىمالال كۆرۈنەلىشىمىز ئىنىق ، ئەلمىساقتىن ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ھايالىقلىقى سەۋەپ نۇرغۇنلىرى دوختۇرغا كۆرۈنۈش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ، تىرناقچىلىك ئاغرىق چىچەكلەپ ئاخىرى نۇرغۇن جاننىڭ جىنىغا زامىن بولغان . ھازىرمۇ ھەم بۇ قولايسىزلىقتىن خالىي ئەمەسمىز .
مەيلى قايسى ئەزانىڭ ئاغرىقىدىن سورالغان مەسلىھەت بولسۇن ئىشىنىمەنكى بىر زات ئەپەندى ۋە سەفىيە خانىم ئوخشاشلا بىز بىمارلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدۇ . ھىچكىم بۇ تور بەتتە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ئېلانى بەرگىنى يوق .سۇئال ئىگىلىرى ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق نوقتىسىدىن ھالقىپ كەتكىنى يوق ،مەسىلە ھازىر بىمارلارنىڭ كۆپىرەك مۇشۇ نوقتا ئۈستىدە توختىلىشى بەلكى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھاجىتى بارمۇ يوق ، بارمايمۇ ئۆزى ھەم رىتسىپىنى بىلىۋالغىلى بولسا دىگەن ئاساستا سورىلىۋاتقان بولسا كېرەك . شەخسەن مەن شۇنداق چۈشەندىم .
بىر زات ئەپەندى ۋە سەفىيە خانىمنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولىشىنى ، ئىشلىرىنىڭ روناق تېپىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
ئەڭ ئاخىرىدا سۇئال ئىگىلىرىگىمۇ شۇنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ : ئۇيغۇر تىلى مەناغا باي تىل ، سۇئال سورىغاندا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ،گەپ سۆزلەر سىلىق ، ئىلمىي ۋە ئازىراق كىيىم كەيدۈرۈپ قىلساقمۇ مېنىڭچە دوختۇر بولغۇچى ئۇنى بىلەلەيدۇ ۋە ياكى بۇنىڭغا لايىق قولايلىقلار يارىتىپ بېرىشى مۈمكىن ، مەسىلەن: تىلفۇندا جاۋاپ بېرىش دىگەندەك .... ئۆز تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ، ئەقەللىسى ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى !

26.قەشقەردىن تورداش گۇليار خانقىزنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسلامۇئەلەيكۇم تورداشلار، مىنىڭمۇ پىكىر قاتناشتۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ.
مەن 80خالتا تورىنى بايقىغاندىن تارتىپ ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن.كۆپلىگەن ساغلاملىق ،تۇرمۇش بىلىملىرىنى بىلىۋالدىم.مەسلەن :مەن بىرۋاقىتلادا شۇنداق سەمىرىپ كەتكەن ،لىكىن شۇنداق تىرىشىپمۇ ئورۇقلىيالمىدىم.بىر كۈنى بۇتوربەتنى
ئارىلاۋىتىپ بىر سىنىڭ ئورۇقلاش توغرىلىق سورىغان مەسلەھەتىگە بىرزات ئەپەندىمنىڭ بەرگەن جاۋابى ئىچىدىكى بەدەندىكى ھۆللۆك ئىشىپ كىتىشنىڭمۇ سەمىرىپ كىتىشنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەمدە بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئازايتىپ يىمەك ئىچمەك
كە دىققەت قىلش ھەققىدىكى مەسلەھەتىنى كۆرۈپ ئۇيلىنىپ باقتىم دىگەندەك يىمەك ئىچمەك ئادىتىمدە سوغۇق يىمەكلىكلەر نىڭ ئاساسى .ورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدىم.بىرمەزگىل دىققەت قىلىپ خىلى سىپتا بولۇپ قالدىم. نۇرغۇن قىزلار بولۇپمۇ ياش كىچىك قىزلار راڭپىزا ، بىڭگور، قىتىق قاتارلىق ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى سوغۇق يىمەكىلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.لىكىن چوڭلار بىزنىڭ ئۇنداق نەرسىلەرنى يىمەسلىكنى شۇنىڭ ئورنغا بىر زىق كاۋاپ بولسىمۇ يىۋىلىشىمىزنى ئىيتىدۇ . ئۇخىل يىمەكلىكنىڭ قىزلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زۇر زىيىنى بارلىقىنى بۇلۇپمۇ كەلگۈسى ئانا بولۇشىمىزغا قىيىنچىلىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى.بۇنداق گەپنى چوڭلار بىزگە ئالدىراپ دىمەيدۇ،پەقەت زىيانلىق ئىكەنلىكىنى جىكىلەپ قۇيىدۇ.بىزمۇ ئۇنەرسىلەرنى ئامراق دەپ يەپ سالىمىز ،ئۇنداق زىيىنى بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەيمىز.كىيىن باشقا كەلگەندە كىمدىن كۆرگۈلۈك؟
بىرزات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مىھنەتكەشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا خىلى كۆپ كىشىلەر جۈملىدىن ياشلىرىمىز بەزى نورمال بولمىغان تورمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاسارەتلەر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توغرا جاۋاپقا ئىگە بولۇپ قالدى.مەن 80خالتا تورى ئارقىلىق تورمۇشنىڭ يەنە بىر كارتىنىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.بۇ توردىكى بىزدە بىلمەسلىكتىن ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن .
قىسقىسى ، مەن بىرزات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مىھنەتكەشلەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئىيتىمەن .

27.غۇلجىدىن كەسپىي خادىم تورداش ئالماسنىڭ ئىنكاسى:
ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بار بولىدۇ.گەپ بىزنىڭ ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىشىمىزدا، راسىت بەزى گەپلەر ئوچۇقاراق دىيىلمىسە بولمايدىغان ئەھۋاللار بار. ھەم چۈشۈنىكسىز بولۇپ قالىدۇ. نوۋەتتە. جىنىسى ئاجىزلىق بۇ كىسەل كىشلەردە كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختالغان جايلىرىمۇ بار. لىكىن بۇ توربەتتن پايدىلىنىپ بەلگىلىك نەپكە ئىرىشكەن تورداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس دەپ قارايمەن. ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك كۆپ بىلىم بار. مەن ھەرگىز <<80خالتا>> جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كىتىۋاتىدۇ دەپ قارىمايمەن. گەپ ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە چۈشىنىشىمىزدە.

28.ئۈرۈمچىدىن تىجارەتچى تورداش خالمۇراتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق 80خالتا تورىدىكى ئوقورمەنلەر.يۇقارقى مەزمۇندىكى تالاش تارتىشلارغا،پېقىرنىڭمۇ ئاۋاز قوشقۇم كېلىپ قالدى.بىر بانكىر دوستىمىز، ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ناچار قىلمىشلارنىڭ(بۇلار پەقەت قانۇنچىلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان پاكىتلار)،باللاردىكى جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ ئاجىزلىغىدىن كۆرۈپتۇ؟بىز ئۆچمەس مەدىنىيەت،ئۇزۇن تارېخقا ئېگە مىللەت.بىزدە ئەزەلدىن سىز دىگەن تەربىيە بولوپ باقمىغان.سىز دېگەن بۇ تەربىيە باشلانغاندىن بۇيان،باشلانغۇچنىڭ 6يىللىقىدىكى قىزلار،بىر بىرى بىلەن توي كېچىسى توغورسىدا سۆزلىشىدىغان بولوپتۇ.
مېنىڭچە بۇ خىل تەربىيە قوبول قىلىش شارائىتى،مەدىنىيەت ئۆرپە ئادىتى ئوخشاش بولمىغان رايون،مىللەتلەر ئوتتۇرىدا پەرىقلىق يولغا قويولغىنى ياخشى.ئەگەر سىز ياۋروپا كىنولىرىدەك،باللىرى ئالدىدا خوتوننى قۇچاغلاپ سۆيىۋىرىدىغان شۇ خىل مەدەنىيەتنى،
تەشەببۇس قىلماقچى بولسىڭىز،بۇ تاشنى تاياققا تاڭغاندەكلا بىر ئىش.
ئاخىرىدا ھەققى تېمىغا كەلسەك،كېسەلنى يوشورساڭ ئۆلۈم ئاشكارە،بەزى بىر سوئاللارنى دوختۇرلار بىلەن يۈز تۇرانە دىيىشكىلى بولمىغان ئاساستا،پەقەت بۇ مەۋھۇم بولغان تور يۈزىدە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە شىپاتلىق تاپماقچى بولىدۇ.
مەنچە بۇنىڭ ھېچقانداق سەلبى تەسىرى يوق بولىشى مۇمكىن.چۈنكى ھازىرقىلاردا بۇ دېيىلۋاتقان تېمىدىكى ئاجىزلىق راستىنلا ئەۋجگ ئېلىۋاتقان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن.قايسىدۇ بىر تورداش دېگەندەك ،بىر زات ئەپەندىنى راك،ئومورتقىسى چىقىپ قېلىش قاتارلىق،دۇنيا تىببى ئالىملىرى ئىزدىنۋاتقان تېمىلار ئۈستىدىن قىستىغىچە،مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ داۋالاش قىلىپ بىرىۋاتقانلىقىدىن خۇش بولايلى.

29.ئاقسۇدىن ئوقۇتقۇچى تورداش دىلرۇز خانىمنىڭ ئىنكاسى:
بۇ ھەقتە مەنمۇ ئۇزەمنىڭ كوز -قارشىنى سوزلەپ باقاي .مىنىڭچە بۇ تور بەت بىز ئۇچۇن بەك ياخشى بىر باشلىنىش ۋە ئەڭ ياخشى بىر تور بەت بۇلۇپ قالدى .ئەمما مەنمۇ بەزىبىر ئۇچۇرلارنى ئۇقۇغاندا مىنىڭمۇ كوڭلۇم يىرىم بولدى .مەسلەن(ئالدىنقى كۇنىسى مەن بىر ئۇچۇرنى كوردۇم .ئۇنىڭدا مۇنداق دەپتۇ :مەن توي قىلغىلى پۇتۇشۇپ بولدۇم .بىراق يىگىتىم ماڭا تويدىن بۇرۇن بىرگە بۇلۇشنى ئىيتتى .مەن قانداق قىلسام بۇلىدۇ ؟دەپ سوراپتۇ .نىمە دىگەن تىتىقسىز سۇئال بۇ .ئەجەبا ئۇلار قىزلىقىنىڭ توي كىچىسىلا يولدىشىغا مەنسۇپلىكىنى بىلمەمدىكىنە .شۇڭا مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم بۇنداق تىىتقسىز سۇئاللارنى تەستىقلىمىغان بولسا دەپ ئۇيلايمەن .

30.قەشقەردىن تورداش ياشنار ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇتورنى قەتئى قوللايمەن ، چۇنكى بۇ ياشلارنىڭ مەۋھۇم بولغان پىسخىك بىلىم ئىلىش دۇنياسى..........
شۇنداقلا مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئاكىغا سالامەتلىك ،ئوزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن........
مەيلى كىملا بولمىسۇن بۇنداق مەسلىگە يولىقىدۇ!!!
بۇيەرگە كىرىڭ دەپ بىرەسى زورلىمىدى...
بىلىم ئۆگەنسەڭىز ،بىلمىگەننى بىلەلىسىڭىز ياخشى...
ئىشقىلىپ بۇ تورنىڭ زىينى ئاز ، پايدىسى ئىنتايىن زور...

31.ئاقسۇدىن بانكىر تورداش دېھقاننىڭ ئىنكاسى:
بۇ تور ياخشى ئېچىلدى ، بىراق ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر ئەخلاقىنى دەپسەندە قىلساق بولماس ، ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۇرلىرىمىز بۇ توردىكى جىنسىيەت توغرىسىدىكى بەزى ئەخلاقسىز سوز ئىبارىلەردىن يامان تەسىر ئېلىپ قالماسمۇ ؟ ياكى بۇ تورنى قۇرمىغا يەتمىگەنلەر كورمىسۇن دىيەلەمدۇق ؟ ، مېنىڭچە ھەرقاناق گەپ سۆزلەر ھايا بىلەن دىيىلگىنى تۈزۈك ، يۇقۇردىكى ئىنكاسلاردىمۇ بىر بىرىگە قارمۇ قارشى پىكىردىكىلەر خېلى باركەن ، مەن يۇقۇردىكى 14-،15-20،17،ئىكاسلارنى بەك قوللايمان ،مۇمكىن بولسا جىنسىيەت ئىلمىدىن ساۋات بېرىدىغان مەخىسۇس سەھىپە ئېچىپ 21- ئىنكاستىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلارغا ئاز تۇلا تەلىم بېرىپ قويسىمۇ بولغىدەك.

32.قەشقەردىن ئوقۇتقۇچى تورداش نۇرلان مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسى:
مەن 80 خالتا تور بىتىنى قوللايمەن ، ياخشى مەسلىھەتلەرنى بىرىپ تۈرلىك كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تىزراق ساقىيىپ كىسىلىنىڭ شىپا تېپىشىغا روھى جەھەتتىن بولسىمۇ مەدەت بىرىپ ، روھى بېسىمنى يىنىكلىتىشتە ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ . بىر زات ئەپەندى ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىنى تور ئارقىلىىق تورداشلارغا يەتكۈزىپ ،بىلگەنلىرىنى سېخىلىق بىلەن باشقىلارغا دەپ بىرىپ ، سەھىيە ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىدىن بىلىمگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ ، شۇڭا مەن كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ، تورداشلارنىڭ ياخشى تەكلىپ تەۋسىيىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى مەسلىھەتلىرىنى بىرىشىنى ،21 - ئىنكاستىكىدەك ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا قانداق بىرگە بولۇشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ( ھايۋان جېنىدا ئاڭسىز تۇرۇپ جىما قىلىشسا جايىنى تېپىپ قىلىدۇ ) ۋە باشقىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان تېتىقسىز سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرمەي ياكى " لايىقىدا جاۋاپ "بىرىپ ئۇلارنىمۇ قانائەتلەندۈرشىنى ، توربەتنىڭ سەھىپىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ سەھىيە - ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىدىن نىمىنى ئىزدىسە شۇنى تاپقىلى بولىدىغان ئىسمى - جىسمىغا لايىق << 80 خالتا تور بىكىتى >> قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . بىر زات ئەپەندىنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، بىلىمىنىڭ زىيادە ، ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن .

33.قاراقاشتىن مەمۇر تورداش دولقۇننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئەھلى!
مەن سۆزنى قىسقا قىلاي، بۇ تورنىڭ قۇرۇلىشى ناھايىتى ياخشى بولدى، پايدىسىنى كۆرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس، ياقتۇرمىغانلاردىن ياقتۇرغانلار كۆپ. مېنىڭ تەكلىپىم: ھەممە كېسەللىكككە تەڭ ئېتىبار بېرىلسە، جىنسىيەت مەسىلىلىرىدە بەك ئېچىۋېتىلمىسە، ئىسلام يول قويغان دائىرە ئىچىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلسا. ئۈرۈمچىلىك ئوقۇغۇچى دىگىنىدەك بەزى ئىشلار شەھۋانىيلىق ھىساپلانمىسىمۇ بەزى جىنسىيەت تەپسىلاتلىرى ياشلاردا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. چەكتىن ئاشقان سۆز ئىبارىلەر ۋە تەپسىلاتلار بىلەن سورالغان سوئاللار تەستىقلانمىسا ۋە ئەگاھلاندۇرۇش بېرىلسە. بىلىشىمچە بىرزات جاناپلىرى بىر تەقۋادار مۇسۇلمان، ئەخلاقلىق، ھايالىق، مەسئۇلىيەتچان ياش تېۋىپ.ئۇ ئەلۋەتتەخاتا مەسلىھەت بېرىپ، خاتا ئىش باشلاپ قويسا باشقىلارنىڭ گۇناھىنىڭ بىر كىشىلىكى ئۆزىگە يۈكلىنىپ، قىيامەتتە ئاللاھ ئالدىدا جاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. «21- نومۇرلۇق ئىنكاس» دىكىدەك لاۋزا تەپسىلاتلار تازىلانسا(گەرچە كۆڭلىدىكى تۆگۈن يېشىلگەن بولسىمۇ). «17-نومۇرلۇق ئىنكاس» بەر چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، تور بەتنى قۇرغاندىكىن ئۇنى تەدرىجى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دورا سېتىشقا كەلسەك ، ھىچكىم 80 خالتىنىڭ دورىسىنى ئېلىشقا زورلىغىنى يوق، دورا ئۆلچەملىكمۇ ئەمەس بۇنى يەپ ئۆنىمىنى كۆرگەنلەر بىلىدۇ، تور بەتنى قۇرۇپ، شۇنچە زىھنى، ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئاز تولا پۇل تاپسا نىمە بوپتۇ، باشقىلار جىنسىيەتتىن كۆپرەك مەسلىھەت سورىغاندىكىن بىرزاتمۇ شۇنىڭغا جاۋاپ بېرىدۇ دە، ياخشى باشلىنىۋاتقان ئىشقا سوغۇق سۇ سەپمەي، ياخشىلاش ھەققىدىكى تەكلىپنى كۆپرەك بېرەيلى.

34.ئۈرۈمچىدىن سودىگەر تورداش ئەلىنىڭ ئىنكاسى:
مىنىڭچە بولغاندا بۇ تور بەتكە ئەزا قوبۇل قىلىش ئىختىدارى قوشۇلسا ،ئەزا بولغانلار سۇئال سورىيالايدىغان جاۋابىنى ھەممە ئادەم ئەمەس شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا كۆرىدىغان قىلسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى. ئويلاپ بىقىڭلار دىمىسىمۇ بۇ تور بەتتىكى بەزى مەزمۇنلار بەكلا چەكتىن ئىشىپ كەتتى، مەن مىسال ئالاي، ئىنتايىن دۇرۇس ئىرى بىلەن شۇنداق ياخشى بىر ئايال بۇ تور بەتكە چىقىپ بەزى مەزمۇنلاردىكى مەن ئايالىم بىلەن جىنسى ئالاقىنى ئاندق ئۇزۇن قىلىمەن ،مۇنداق ئۇزۇن قىلىمەن بۇنىڭغا ئايالىم چىدىمايدۇ شۇڭا قانداق قىلسام بولىدۇ .. مىنىڭ ئىرىم بەك يامان ئانچە سائەت قىلىدۇ مانچا سائەت قىلىدۇ ... دىگەندەك تىتىقسىز مەزمۇنلار كۆرسە تۇرۇپلا ئۆز ئىرىدىن رازى بولماي شۇنىڭدەك< نوچى >ئەرلەر بىلەن بىللە بولغىسى كىلىپ قالمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ ؟؟؟
سىلەرنىڭ ئايالىڭلار ، قىزىڭلار يوقمۇ ؟ بۇ بەتتە دىمىسىمۇ بەزى مەزمۇنلار سىرىقلىق دەرىجىسىدىنمۇ ئىشىپ كەتكەن ، ھىچقانداق جىنسى ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئوغۇل قىزلار بۇ بەتنى بىرەر سائەت كۆرسە شۇ ئىشنى قىلغىسى كىلىپ قالىدۇ ، ئۇيغۇر دىيارىدا توي قىلمىغانلار يوقمۇ؟!
ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۇك، ئەڭ ياخشى بىر زات ئەپەندى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۇڭ.

35.ئاقسۇدىن دۆلەت مەمۇرى يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:
يۇقارقى ئنكاسلارنى كۈرۈپ چىقتىپ تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كەلدىم:
بۇتوربەتنى قوللايدىغانلار:
1- ئەخلاقتا چىكىدن ئېشىپ قالايمىقان كېسەك بۇلۇپ خىجىل بۇلۇۋاتقان بىچارىلەر( ئەلۋەتتە شۇئىشلارنى قىلمىسىڭىز كېسىلىڭىز نەدىن كەلدى؟)
2- ئەخلاقتا چىكىدن ئېشىش ئالدىدا تۇرغان،تەمتىرەۋاتقان، ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلار( ئەلۋەتتە پوقىنى توغرا بىرتەرەپ قلىلىش ئۈچۈندە)
3- خىزمىتى ئالدىراش ياكى كۈنلەپ رېستۇراندىن كەلمەيدىغان، پەرزەنىتلىرىگە توغرا تەلىم تەربىيە بېرىشكە ۋاقتى يوق ئالدىراشلار( شۇلارىنڭ پەرزەنىتلىرىنى ھەقىقىي يىتىم دىيىشكە بولىدۇ)
4- دىننىي ئەھكانلاردىن ساۋاتسىز، ئۇيغۇر ئەخلاقىنى ئۇنتۇپ دەپسەندە قىلىۋاتقانلار( بولمىسا شۇ ئەخلاقسىز، گۇناھلىق ئىشلارنى قىلمىغان بولسا نۇرغۇن ئىشلارغا يول قويمىغان بۇلارئىدى)
5- كاللىسى ئاددى ئاق -قارىنى پەرىق ئېتىش ئىقىتىدارى ئاجىزلار ( بۇنداق دىگىنىم : مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يىتەلمەيدىغانلار دىمەكچى)
6- مۇشۇ ئارقىلىق توربېتىنىڭ نامىىنى چىقىرپ، مەلۈم مەقسەدنى كۆزلەۋاتقانلار،،،،،،
قارشى تۇرۇۋاتقانلار
1- مىللىتنىڭ كەلگۈسىنى ئۇمۇمىيۇزلۇك ئويلايدىغانلار( مۇشۇنداق تەرەققى قلسا قانداق ئاقۋەت بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دە)
2- ئىتقادى كۈچلۈك ، ئەخلاقلىق كىشىلەر ( بۇنداقلار تەربىيىنىڭ پەردە شەپ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ)
3- مۇشۇنداق تېتىقسىز پاراڭلاردىن بىزار بولغانلار ( بەزىدە مۇشۇنداق تىمىلارنى كۈرۈشتىىنمۇ ئادەم بىزار بۇلىدۇ)
جەميەتنىڭ شاللاقلىشىپ كىتىشىدىن ، ئەخلاقنىڭ يوقۇلۇپ خاسلىقىمىزنىڭ يقۇلۇپ بېرىشىغا نارازى بولىۋاتقانلار(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)
مىنىڭ پىكىرىم: ئادەم كېسەل بۇلغانكەن چۇقۇم داۋالىنىش كېرەك ( ئەڭ مۇھىمى ئالدىنى ئېلىش كېرەك)،بىراق توردا مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق نىمىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھەرقانداق بىر دوختۇر كېسەلنى كۈرۈپ ئاندىن دېئاگىنوز قويىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن دورا بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ، بىراق بىزنىڭ بىرزاتىمىز توردىلا نۇرغۇن ئادەمنى داۋالاپ كىتىپ بارىدۇ، ھەقىقەتن قالتىس، بەلكىم ئۇيغۇر دورىللىرىنىڭ پايدا قىلمىسىمۇ ئەكىس تەسىرى ئازلىق خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلانغان بولسا كېرەك.
مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا كەلسەك جەمئيەتتە مۇشۇنداق سىزگە مەسلىھەت بېرەلەيدىغان ماتىرياللار ئازمىدى ، شۇخىل ماتىرياللارنى سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز بولمىدىمۇ؟ ئۇمۇ ئازلىق قىلىپ قېلىۋاتسا ئاخبارات ۋاستىللىرى خېلى يىتەرلىككمۇ دەيمەن، مۇشۇ ئۆزڭىزنىڭ ئىشىنى خەلىق ئالامگە سازايى قىلمىسىزىڭىز ساقايمايدىغان شۇنداق كېسەلمۇ ياكى ؟؟؟؟؟
ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماي سىزدىن كىچىكلەرنىمۇ ، ئويلاپ قويۇڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئۇلار ساغلام بولغان تەربىيلەش مۇھىتىغا، ساپ ئەخلاق شەرمى-ھاياغا مۇھتاج
«ھايا ئىمان جۈملىسىدىن» ھەدىستىن. ئاخىرىنى كىيىن يازارمەن، ھازىرسەل ئىشىم چىقىپ قالدى

36.خوتەندىن دۆلەت مەمۇرى ئەركىن ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى:
مىنىڭچە بۇپىكىر ناھىيىتى ئۇبدان قۇيۇلۇپتۇ << 80خالتا >>جىنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كىتىۋاتامدۇ ؟
مىنىڭچە 90%ئادەم ئۇزىدە باربۇلغان كىسەللىكلەرنى دەيدۇ كىسىلىنى يۇشۇرساڭ ئۇلىمى ئاشكارا دەپ چەكتىن ئىشىپ كەتتى دەپ نەلەرگە بارىمىز يۇزتۇرانە دىيەلمىگەن نۇرغۇن سۇئاللار << 80خالتا >>بىلەن ئۆز جاۋابىنى تاپتى شۇڭا ھەرگىز مۇچەكتىن ئىشىپ كەتتى دەپ كەتكىلى بۇلمايدۇ .
تەكلىپىم :
ھازىر تۇر تىزگىنلەگلىك مەزگىز شۇڭا ئاز بىرقىسىم تۇر بەتلىرىلا بار شۇڭا قۇرامىغا يەتمىگەن ياش -ئۇسمۇرلەر بىلىپ بىلمەي كىرىپ قىلىپ ئۇزىنى زەھەرلىشىنى ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ئەزا بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇلسا ، ھەقلىق قىلىپ ئالاھىدە ئەزالار بۇلسا سۇرالغان سۇئاللار تەرتىپ بۇيىچە جاۋاپ بىرىلسە جاۋاپ بىرىلمىگەنلىرىنى ئەسكەرتىش بىرىلسە ، سۇئال سۇرغۇچى جاۋاپ ساقلاپ ئاۋارە بۇلمىسا .
ۋاقىت چەكلىك بۇلغانلىقتىن سەل تاققۇ-تۇققا بۇلۇپ قالدى .
خۇلاسە << 80خالتا >>تىخىمۇ تىرشىڭلار

37.ئاقسۇدىن تورداش سۇلتاننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك تور ئەھلى ؛-مەنمۇ بىر زىيارەتچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن شۇنى ئوتتۇرغا قويغۇم كىلىپ قالدى . مەن بۇ تورنى زىيارەت قىلغىلى قانداقلا بولمىسۇن 1 يىل ئەتراپىدا بۇلۇپ قالدى .بۇ جەرياندا مەنمۇ ھەم مەزكۇر توردىن ئۆزەمگە تىگىشلىك نەپكە(پىسخىكا جەھەتتىن ) ئېگە بولدۇم دىسەم بولدۇ .
مەقسەتكە كەلسەم. يېقىندىن بىرى مەزكۇر سەھىپىدە بەزەنبىر (مۇشۇ سەھىپىگە )ئائىت پاراڭلار ئەۋىج ئالغىلى تۇرۇپتۇ .تۇرۇپلا ھەيران قالدىم .باش بەتتىكى تۇنجى سۇئالنى سورغان يولداش ئېلجاننىڭ بۇ بىر ئىغىز سۇئالى بۇنچىۋالا غۇلغۇل قوزغېۋېتىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن . تېخى تۆنۈگۈن بىر بەت ئىدى . تېخى مەن تۆنۈگۈن ئاۋاز قاتاي دەپ ئويلاپ قاتمىغان . ئەمما بۈگۈن قارسام بۇ ئاللمبۇرۇن 2-بەتكە قەدەم تاشلاپتۇ ،توغرا بۇمۇ مۇشۇ تورنى قۇرغانلار ئۈچۈن (كەڭ تور ئەھلىنىڭ كۆز قارشىنى بىلىپ بېقىش جەھەتتىكى )بىر پايدىلىنش ئوبىكتى .
توغرا تور ئورتاق دۇنيا .كەڭ جامائەتچىلىككە ئورتاق بولغان بىر (جاھاننامە ئەيىنكى) لىكىن ھەممەيلەن كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ مۇشۇ تور بەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارلىقتىكى مۇساپىنى تەپسىلى ئويلاپ باقايلى .يەنە بۇ بىلوگنىڭ ئىسمىنى ئەسلەپ باقايلى .بۇ ئەسلى مۇشۇ 80 خالتا تىبابەت دۇكۇندىكى جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ ئۆزلىرنىڭ بىر پايدىلنىش ئوبىكتى سۈپتىدىكى پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇرغان (ئېلان خاراكتىرنى) ئالغان بىر بىلوگ ئىدى . مانا ھازىر كەڭ جامائەتچىلىككە مەنۋى ئۇزۇق ئاتا قىلدىغان كىشلەرنىڭ روھى ساغالاملىق ئۈچۈن ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلدىغان بىر خالىس تور بېكەتكە ئايلاندى . بىز كىېگىمىز كەلسە كىرەيلى . كىرگىمىز كەلمىسە كىرمەيلى .بۇجايدا خالىس خىزمەت قىلۋاتقان باشقىلارنى ھاقارەتلەشكە ۋە پىتنى - پاسات گەپلەرنى تارقىتىپ باشقىلارنى رەنجىتىشكە بىزنىڭ ھىچقانداق سالاھىتمىز توشمايدۇ ، بىز ئويلغاننى باشقىلارمۇ بىلدۇ . ھەتتا بىزدىن ئارتۇقراق بىلدۇ .ئەمما سورالغان سۇئاللار بەك كۆپ بولغاندىن كىيىن داۋاسنى ئوستازلار بىلگەندىن كىيىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن يەنە شۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرمىز ئۈچۈن ھارماي - تالماي جاۋاپ بېرىپ كىلۋاتدۇ.بىز تېخى ئۇلارغا رەھمەت ئېيىتماقتا يوق تېخى يامانلايمىز. بىلەمسىلە بۇ سۇئالنى ئۇلار ئۆزلىرى ئوتتۇرغا چىقارمىدى . ئەكسىنچە شۇ سىلە بىلەن بىزدەك كەڭ تورداشلار ئوتتۇرغا چىقاردى . ئېھتىمال شۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتوردىن شۇ جەھەتتىكى شىپاسىنى قانائەتلەنگىدەك تاپالدى دەپ قارايمەن .يەنە بىر مەسلە شۇ ئېنىقكى بۇنۇڭغا بالا ئاتىسىغا دىيەلمەيدىغان ئاتا ھەم ئېغىز ئاچالمايدىغان جۈملىدىن بارلىق ئېلىم ئەھىللىرى ئۆگۈتۈشكەئاجىزلىق قىلدىغان (بىلسىمۇ دىيش بىئەپ بۇلۇش يۈزىسىدىن ) دىيەلمەيدىغان بىرقىسىم مەسىللەر بۇلۇپمۇ جەمئىيتىمىزدىكى ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئەۋىج ئالغان ئېغىر تىپتىكى تىپىك مەسەللەر ئوتۇرغا قۇيۇلدى ۋە بۇلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىلدى . گەپنى ئۇچۇق قىلغاندا مەن بۇ تورنى قوللايمەن . داۋاملىق ئىلگىرلسۇن .جىمىكى ئۇتۇق بۇ بېكەتتىكى جاپاكەش ئۇستازلارغا مەنىسۇپ بولسۇن. ئاخىردا مەن باشقا تور ئەھلى نامدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئيىتىمەن .

38.ئۈرۈمچىدىن تورداش كېرەمنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مۇشۇ توربەتنىڭ دائىملىق مىھمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاز بولسىمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ قوياي .
بىزدە نىمە كەمچىل بولسا شۇنۇڭغا بەكرەك ئىھتىياجلىق بولىمىز .بىزدە جىنسيەت تەربىيىسى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن ئەلۋەتتە بۇتەربىيە ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگەئۇچراپ تۇرىدۇ . لىكىن 80خالتا توربىتى بۇبوشلۇق نى تولدۇرۇۋاتىدۇ .شەخسەن مەن بۇ تور بەتتىن كۆپلىگەن پايدىلىق ئۇچۇر لارنى قوبۇل قىلىپ پايدىلاندىم . مەن بىر زات ئەپەندىمنى قوللايمەن . ھەم بۇندىن كىيىن تور بىتىنى تىخىمۇ ياخشى لاھىيەلەپ زىيارەت قىتىم سانىنىڭ كۆپلىك ئەۋزاللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يا رىتىپ (توربەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسات كىرەكتە)،ساغلاملىق مەسلىھەت دائىىرىسىنى كىڭەيتىپ تورداش لارنىڭ ئىھتىياجىدىن تىخىمۇ ياخشى چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ھەم تورداشلارنىڭ 80خالتا تورىنى قوللىشىنى تىلەيمەن.

39.يەرشارىلىق تورداش ئۇچار پەلۋاننىڭ ئىنكاسى:
يولداش يالقۇننىڭ پىكىرى بويچە 80خالتا تور بېتىنى قوللىغانلار ئەقىلسىز ، دۆت، تېگى-تەكتىدىن كېسەلمەن ئاجىزلار، ئەخلاق پەدىشەپنى بۇزۇپ ئۇيغۇر مىللى خاسلىقىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگەنلەر؛ 80خالتا تورىغا قارشى تۇرۇپ بۇ بەتنى تاقىۋېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار مىللەتكە كۆيۈنىدىغان، ئەقىل پاراسەتلىك، <<ھەر قانداق كېسەلدىن خالىي>> پاكىز كېشىلەر.... 80خالتا تورىنى قوللاپ ئىنكاس قالدۇرغانلار ئومومىي ئىنكاسچىلارنىڭ 95% نى ئاساس قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. دېمەك ئاشۇ 95% ئادەمنى دۆت، ئەقىلسىز، ئەخلاق پەدىشەپنى بۇزغان جىنايەتكار كىشىلەر دەپ قاراش كېرەك. پەقەت 5% كىشىلا ئەقىللىق ئىكەن. 95% كىشىنىڭ شۇنچە تىل-دەشناملار بىلەن ھاقارەتلىنىشى ئۇياقتا قىلىپ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئاز، ئەقىلسىزلارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئىچىندۈرىدۇ.
بىرزات ئەپەندىممۇ ھەقىقەتەن ئەركەكچىلىكى بار كىشى ئىكەن. ئۆزىگە قارىشى كۆرەلمەسلەرنىڭ مۇشۇنداق پىت ئىنكاسلىرىغىمۇ ئورۇن بىرىپ بەت يۈزىگە تەستىقلاپ چىقىرىپ قويغانلىقىغا نىسبەتەن ھۆرمىتىم قايتىدىن قوزغالدى. ( ئاپلا، 80خالتا تورىنى قوللاپ مەنمۇ دۆتلەر قاتارىغا تېزىلىپ قالىدىغان بولدۇم دە!)

40.ئۇيغۇرجاننىڭ ئىنكاسى
مەن بىرزات ئەپەندىمنى <<ھورۇن مۈشۈك>> ۋاقتىدىن تارتىپ مۇنبەرلەردە ھەر خىل پەلسەپىۋى پىكىرلەر بايان قىلىپ يازغان تەملىك لىكىن قىسقا يازمىلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئۇزۇندىن بىرى تونۇيمەن. كىيىن ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە بىلوگى (تور خاتېرسى)- بىرزات شىپاخانىسىنى قۇرۇۋالغاندىن كىيىن ئۆز كەسپى دائىرسىدە نۇرغۇن يېڭىلىق مەزمۇنلارنى كەڭ تور ئەھلىگە سۇنۇپ كەلدى. مۇنبەرلەر زامانىسىدا شۇنداق مۇنازىرىلەر داۋام قىلاتتىكى ئاخىرى چىقماس شۇ مۇنازىرىلەر ئاخىرىدا 1000 ئېغىز قۇرۇق گەپتىن بىر قەدەم ئەمەلىي ئىش ئەلا ئىكەن دېگەن يەكۈنلەرنى چىقىرىشقان ئىدۇق. مانا بىرزات بۇرادەر شۇندىن بىرى قەيەر ئىسسىق بولسا شۇ يەردە خورتۇلداپ ئۇخلاپ ياتىدىغان مۈشۈكتەك ھورۇنلىقىنى تاشلاپ <<بىرزات>> قا ئۆزگىرىش ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلىدى. توردا بىرزات شىپاخانىسى قۇرۇلغىلى ئىككى يىلچە بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ 80خالتىسىدا كۈندە 40-50 مىڭ ئەتراپىدا مۇقىم زىيارەتچىلەر قوشۇنى <<ئوزۇق>> ئىزىدىشىپ يۈرۈيدىكەن. بىرزات ئەپەندىم ياشلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلەىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ.
گەرچە بۇ تېما ئوتتۇرغا تاشلىنىپ ھازىرغىچە بىرزات ئۆزى ئوتتۇرغا چۈشۈپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن سۆيۈنىدىغان ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەيدىغان تورداشلار ئوتتۇرغا چۈشۈپ قىزغىن مۇنازىرىلەرنى داۋام قىپتۇ. بىرزات چوقۇم بۇ ھەقتە ھەممە كۆڭۈللەر شاتلانغۇدەك بىر خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تور دۇنياسىدا ئوتتۇرغا چىقارغان تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلىرى بىلەن  تورداشلار قەلبىدىكى ھۆرمەت ئىگە بولۇپ بولدى. داۋامىنى كىيىن يازاي!

41.ئۈرۈمچىدىن رەشىدە خانىمنىڭ ئىنكاسى:
مۇشۇ توربىتىدىكى دوختۇر لار غا ئوتلۇق سالام ؟ ئاللا ئۈمۈرۇڭلەر نى ئۇزۇن قىلسۇن قۇلۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن ؟ مەن بۇتور بېتىنى ئاپامغا دەپ بەرگەندىن كىيىن ئاپام مۇشۇ تور بېتىدىكى مەزمۇنلار نى كۆرۇش ئۈچۈن مەخسۇس كومپىيۇتۇر ئۈگەندى .ھازىر ئاپام ئۆيدە يالغۇز قالسىلا بۇتور بەتنى ئاچىدۇ ..ئاچا-سىڭىل ئىكككەيلەن توي قىلىپ كەتكەن .دادام كىچىك ئالەمدىن ئۆتككەن .شۇڭا ئاپامنى يالغۇز دەپ كۈندە بىر قىتىم كىلەتتۇق .توختىماي ئەھۋال سوراپ تىلفون ئۇراتتۇق .ھازىر ئاپامغا بىزدىنمۇ بەك ھەمرا بۇلۋاتقان بۇ توربەت بۇلۇپ قالدى .رەخمەت سىلەرگە ....

42.ئاقتۇ خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن تورداش قەيسەرنىڭ ئىنكاسى:
بۇ توربەتنى تاقىۋىتىش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس....39 قۇردىكى تورداشنىڭ گىپىنىڭ تىگىدە گەپ باردەك قىلىدۇ. شەخسى كۆز قارشىمنى دەپ باقسام بۇ توربەتتىكى سۇئاللار جاۋاپ بىرىش پەقەت ئامالسىزلىقتىن بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھىلىمۇ ئىسىمدە بىرزات ئەپەندىمىز.. ئەخلاق تىمىسىدىن %100 ئىشىپ كەتكەن تىمىلار ئەينى ۋاقتىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىمىزنىڭ ئالدى دىيارىم، ئۇيغۇر بىز، شەبنەم، قاشتىشى توربەتلىرىگە قايتا-قايتا يوللىغان، بۇ پاراڭ شۇ ۋاقتتىلا توربەتلەردە چوڭ غول-غۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشكە بولىدىكى بىرزات ئەپەندى ئۆزىنىڭ تور بىتىنى تەشۋىق قىلىپ سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بۇرۇنلا پۇقتا تەييارلىق قىلىپ بولغان. مىنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ توربەتنى بىلمەيدىغان ئۇششاق-چوڭ يۇق دەپ ئويلايمەن.
بىرزات ئەپەندى ھەر بىر تىمىسىدا داۋاملىق بىر ئىغىز گەپنى تەكرارلايدۇ،،، سىرىق كىنو، سىرىق تۇسىنى ئالغان فىلىملەرنى كۆرمەسلىك، ئويلىماسلىق،........ۋاھاكىزالار........
نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چوقۇم چۈشەندىڭلار... بۇ تەشۋىقات پەقەت تىرورچىلارنىڭ مومىن پۇقرانى تىرورچى دىيىشى. ئامرىكىلىقلار...نىڭ ئۆزىنى ئۆزى تىللاپ تىرورچى زوراۋانلارنى يوقىتايلى دەپ شۇئار توۋلىغانلىقىغا ئوخشاشلا بىر ئىش...

43.ئۈرۈمچىدىن باغۋەن تورداش بۇلبۇلنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئەھلى،مىنىڭچە ھەر نەرسىگە باھا بەرگەندە ئوبىكتىپ باھا بەرگەن ياخشى !!!
ئەلۋەتتە ھەر نەرسىنىڭ سەلبى ۋە ئىجابى ئىككى خىل تەسىرى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ تور ئىچىلغاندىن بۇيان نۇرغۇن جىنسىيەت توغرىسىدا كىشىلەرگە نۇرغۇن جەھەتتىن بىلىم بەردى (كۇچىنىڭ يىتىشىچە)بۇ بىر ياخشى ئىش. چۇنكى جەمئىيەتتىكى ياش ئوسمۇرلەر ئوتتورسىدىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر، ئەر خوتۇنلار ئوتتورسىدىكى بەزى بىر پاجىئەلەر، ۋە جەمئىيەتتىكى بەزەن بىر بۇزۇقچىلىق ۋەھاكازا قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا كىشىلەرنىڭ مۇشۇ تەرەپتىكى چۇشەنچىسىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدىن (ئەلۋەتتە بۇ مۇتلەق سەۋەب ئەمەس تالاي سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس) كىلىپ چىقۋاتىدۇ.
يۇقارقىغا ئوخشاش ئىشلار ئۇچۇن بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيىمىز يىتەرلىك ئەمەس ،سەۋەب ھازىر بىر پۇتۇن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە مەيلى ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى دىنى جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى ئۆز ئارا مۇئامىلە جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ قانداق بىر قاتلىمىدن بولسۇن پۇتكۇل جەمئىيەت ئورتاق رىئايە قىلدىغان ئىدىئولوگىيە بىرلىكى يوق بۇ ئەمەلىيەت . ( بۇنى كەلتۇرۇپ چىقارغان سەۋەبلەر نۇرغۇن ئەلۋەتتە)
شۇڭا تەربىيە جەھەتتە ھەرخىل ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت، ھەم يىتەرسىز، شۇنىڭ ئۇچۇن مەيلى قاندا بولسۇن جەمئىيەتنىڭ ۋە بىر پۇتۇن ئىجتىمائى توپنىڭ پاكلىقى ۋە ساپلىقى( روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە) ئۇچۇن بۇخىل تىپلارنى يەنى 80خالتىغا ئوخشاش تەربىيەچى تىپلارنى قوللىشىمىز ۋە يۆلىشىمىز كىرەك . بۇ جەھەتتىن بىز بۇ تورنىڭ ھەزىرغىچە قىلغان ئىشلىرىغا ياخشى باھا بەرسەك بولىدۇ، ۋە بىرىشىمىز كىرەك، چۇنكى بىز قىلالمىغاننى باشقىلار قىلدى.
لىكىن بىز يەنە نازارەتچى بولىشىمىز ۋە مەسلىھەتچى بولشىمىز كىرەك ، باشقىلارنىڭ ياخشى ئىشىنى تىخىمۇ ياخشى قىلشى ئۇچۇن ياخشى پىكىر تەكلىپ بىرىشىمىز زۆزۇر.
ئەلۋەتتە 80خالتا نۇرغۇن تور بىمارلىرى ئۇچۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مەسلىھەت بىرىۋاتىدۇ، ھەم ئۇچۇرلار ئاشكارا بولىۋاتىدۇ. مەسلىھەت سورىغۇچىلار ھەممىسى ئۆزى كۆڭۇل بۆلىىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ كىسىلى ھەققىدە سوراۋاتىدۇ. بۇ ئارلىقتا بىزنىڭ مەيلى دىنى ئىتقادىمىزغا بولسۇن مەيلى ئەنئەنىۋى ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزگە يات بولغان بەزى بىر پاراڭلارمۇ ئانچە مۇنچە جەۋلان قىلىۋاتىدۇ. مىسال : 1. مەن ئالدىنىقى قىتىم بىر ئوتتورا مەكتەپ قىزىنىڭ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسۋەت توغرىسدا سورىغانلىقىنى 2. قايسى كۇنى بىرنىڭ ئىرىنىڭ مەيلىنى دەپ بىرگە بولغاندا قىزىل ھاراق ئىچىپ كەيپىياتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بۇ قىلمىشى ئۇچۇن سۇئال سورىغانلىقىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
ئەلۋەتتە بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەنلىك خاتا ئەمەس، گەپ جاۋپ بىرش شەكلىدە . شەكىلدە تور ئۇنىڭغا جاۋەپ بەرگەن بىلەن ماھىيەتتە تور ئاشۇ خىل ئىشلارنى تورنى زىيارە قىلغۇچىلارغا ئاشكارا تەشۋىق قىلغان بىلەن باراۋەر ( شەخسى كۆز قاراش ).
شۇڭا گەپنى خۇلاسىلىسام ھۆرمەتلىك 80خالتا تورى ،<مەسلىھەت سەھىپىسىگە >ئازراق چەك قويغان بولسىڭىز ، تورئۇچۇن ئازراق مەبلەغ سىلىپ چاۋابنى پەقەت سۇئال سورىغۇچى ئۆزى كۆرەلەيدىغان ھەم سورىغۇچى پەقەت ئۆزىنىڭلا جاۋابىنى كۆرەلەيدىغان ھالەتتە قىلسىڭىز . بۇنىڭ ئۇچۇن بەلكىم تور ئۇستىلىرىغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئاخىرىدا تەنلىرىڭىزگە ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن.

44.ئۈرۈمچىدىن دۆلەت مەمۇرى تورداش شاھىزاتنىڭ ئىنكاسى:
ئاقسۇلۇق يالقۇن ئەپەندى سىز قانداقمۇ دولەت مەمۇرى بوپقالغانسىز ؟ 1-قېتىمقى پىكىرلىرڭىزمۇ شۇنداق تېتىقسىز ! قانداق يەردە تەربىيە ئېلىپ قانداق مەكتەپتە ئوقغان بولاتىڭز ئەپەندىم ؟ سىز ئومۇميۇزلۇك قايىل قىلارلىق تەھلىل قىلالمىغاندىكىن غىت قىسىپ ئولتۇرسىڭىزچۇ!~؟
مىنىڭچە ئەقىللىق بولسىڭىز ھەرقانداق يامان نەرسىدىنمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بۇلىدۇ.مەن بۇ تور بەتنى قوللايمەن ،قىز-ئوغللىرىمىزغا ئىبرەت بولدىغان جايلار كۆپ!~
قالغىنىنى تورداشلارغا قالدۇراي، بىر زات ئەپەندىگە مالاللىق يەتكۈگەن بولسام ئەپۇ سورايمەن.

45.ئاقسۇدىن دۆلەت خىزمەتچىسى تورداش بادىر ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:
يۇقارقى چۈشكەن پىكىرلەرنى كۈرۈپ، مىنىڭمۇ بىر قانچە ئېغىز پىكىر بىرىپ باققۇم كىلىپ قالدى.
چۈشكەن ئىنكاسلارنى بىرمۇ-بىر كۈرۈپ چىقىتىم، مەزكۇر تور بەتنى ئەيىپلەۋاتقان تورداشلارنىڭمۇئۈزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار ئىكەن، قوللاۋاتقانلارنىڭمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما، يۇقارقى بىر تورداشنىڭ مۇبارەك قەلىمى ئاستىدا "بۇ تور بەتنى قوللىغۇچىلار، ئەخلاقسىز، دۆت، ئىمانى سۇس كىشلەر"، بۇ تور بەتكە قارىشى تۇرۋاتقانلار" ئەقىللىق، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۈيۈنگۈچىلەر، ئىمانلىق، پاكىز كىشلەر" دەپ سۈپەتلەنگىلىكگە تىڭىرقاش ئىچىدە كۈلگۈم كەلدى.
ئەتىراپىمىزدا بۇلۋاتقان ھاياسىزلىقلار، شەرمەندىچلىكلەرنى"ئەركىنلىك، تەرەققىيات"دەپ چۈشىنىمىزيۇ، ئەجىبا بۇ تور بەتتە دىيلۋاتقان سۆزلەرنى "ئەخلاقسىزلىق، كالۋالىق" ھەتتا ئىمانسىزلىقچە ھۈكۈم قىلىپ ئۈلگۈرىمىز. ئاشۇ ئاتالىمىش"ئەخلاقسزلىقىقا، ھاياسىزلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى" كۈچلۈك بولغانلارنىڭ مۇش-پەشۋا، تىل-ئاھانەت بولمىغان تور يۈزىدە ئەمەس، رىئاللىقتا ئەمىلى ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يۈز بىرىپ بولغان ھەم يۈز بىرۋاتقان مەسىللىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشتا، ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشىمىز زۈرۈر. سورالغان سۇئال بىلەن بىرىلگەن جاۋاپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەپ-نەتىنجە مۇناسىۋىتىگە قاراپ باقايلى. بىراۋ قۇپۇپ، "مىنىڭ قۇلىقىم ئاغىرىپ يىرىڭ ئېقۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟" دەپ سوئال سورىسا، بىر زات ئەپەندى ئەزەلدىن" سىزدە ئانانىزىم ئادىتى ئېغىر ئىكەن، جىنىسى تۇرمۇشقا بەك بىرىلپ كىتىپسىز........." دەپ جاۋاپ بەرمەيدىغۇ؟ بەزىلەرنىڭ ئەيىپلىشكە سەۋەپ بۇلۋاتقان بەزى پىكىرلەرنى كىم ئوتتۇرىغا قۇيۋاتىدۇ؟ بەزى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىلمىسە، "سۇئالىمغا جاۋاپ بەر، بولمىسا تور بەت قۇرىمەن دىگۈچە ئېشەك باق" دىگەن گەپنى كىم قىلۋاتىدۇ؟
سۇرايدىغان سۇئاللارنى ئۆزىمىز سورايمىز، مۇناسىپ جاۋاپ بەرسە توساتتىن بۇ تور بەتنى ئەيىپلەيمىز. ئاجايىپ كىشلەردە بىز.........
مىنىڭ پىكىرىم، پىكىر قاتناشتۇرغان زور كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش، بىز مۇشۇنداق تور بەتنى قوللىشىمىز، سۇئال سوراشتا ئىھتىياتچان، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سورىشىمىز، ھەم ئۇنىڭدىن ئىجابى پايدىلىنشىمىز كېرەك،ئويغۇر تىلىمىزدىكى ئىپادىلەش ئوسلۇبىنىڭ كۆپ، ئاددىي بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ قوپال سۇئالىنى سلىقلاشتۇرۇپ، ئۇچۇق گەپنى غۇۋالاشتۇرۇپ سوئال سورىساق، جاۋاپلارمۇ شۇ تەرىقىدە بولسا بۇ ھەممىگە ياخشى دەپ قارايمەن.

46.غۇلجىدىن پىروگراممىر تورداش كۆكدالانىڭ ئىنكاسى:
مىنىڭچە بىز بەزى ئېشلارغا تۇغرا مۇئامىلە قىلمايمىز،،بىرسى بىر ئېش قىلسا كەينىدىن ئۇنى بۇنى دەيدىغانلار ساماندەك،ئۆزىمىز قىلمايمىز باشقىلارنى قىلدۇرمايمىز ،،ئاغزىمىز قىتشىپ ئۇنى بۇنى دەپ باققىمىز كىلىدۇ، 42-تورداش گىپىگە قارساق ئېلان توغۇرلۇق گەپ بار ،ئېلان تور بىكەت تەرەققىياتنىڭ ئاساسى،پۇل بۇلسا ئاندىن تەرەققىياتدىن سۆز ئاچقىلى بۇلىدۇ،بىرزات ئەپەندى بۇ تور بىكەتدىن مىليۇن پۇل تاپقىنى يۇق،بۇ بىر ناھايتى بىر ياخشى ئىش،بىرزات ئەپەندى تور ساھەسىدە بىر چوڭ بۇشلۇقنى تولدۇردى،بۇنىڭغا ھەممىز رەھمەت ئېيتساق بۇلىدۇ،مەنچە بىرزات ئەپەندى،قىلغاندىكىن ئاخىرغىچە قىلىڭ ،خەق نىمە دىسە دىسۇن ،نىمە چاتقىڭىز.ئەمدى بۇلدى قىلسڭىز زادى بۇلمايدۇ..ياردەم قىلدىغان ئىشلار بۇلسا بىز تەييار ..
ئىت قاۋاۋىردۇ.كارۋان كىتىۋىردۇ ...

47.خوتەن گۇمىدىن تېۋىپ تورداش مەتروزىنىڭ ئىنكاسى:
منىڭچە خۇلاسە چىقىپ بولغاندەك قىلىدۇ.بۇر تور بەتنى قوللايدىغانلار 90%تىن كۆپ ئىكەن.باشقىچە قاراشتا ئىكەنلەر 5%ئىگەن.قالغان 5%نى بولسا پىتنە پاساتچىلار بىلەن ئىغىۋارگەرچىلەر تەشكىل قىدىلىكەن.(مەن ھەممە ئادەمنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ مۇشۇنداق قاراشقا كەلدىم) دىمەك بۇ تور بەت 90%ئادەمگە نەپ يەتكۈزۈپتۇ.قالغان 10%ئادەم بۇ توربەتتىن نەپ ئالغان بولسىمۇ بىراق بۇ تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنىڭ باشقىلارغا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەمىش.(ھەقىقىەتەن ئادەمنىڭ كۈلگۈسى كىلىدۇ)
سىز ئۆزىڭىز نەپكە ئىرىشكەن ۋاقىتتا بۇ تور بەت ياخشى تور بەت.ئەمما باشقىلار بىلىمگە ئىرىشىش تەشنالىقىدا تۇرغان ۋاقىتتا بۇ تور بەت شەھۋانى تور بەت بولۇپ قالغىنى نىمىسى ئەمدى؟!
بۇ تور بەت ئادەمگە ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشىنى ئۈگۈتىدىغان تور بەت.ھەرگىزمۇ سىرىق ھىكايە،ۋە سىرىق كىنولارنى قويۇپ بىرىدىغان شەھۋانى تور بەت ئەمەس...

48.ئالتايدىن ئورگان خىزمەتچىسى دىلشاتنىڭ ئىنكاسى:
مەن تورداش شاھزات بىلەن تورداش بادىر نىڭ كوز قارىشىنى قوللايمەن.
يوقىردا دىلگەندەك، كوچىلاردا قىز-يگىتلەر قۇچاقلىشىپ يۇرسە، باغچىلاردا اداملارنى قارىتىپ قويىپ سۇيشىپ ولتۇرسا، قىز ىزدەپ نەدىكى بىر ياتاققانالاردا يۇرسە مەدەنيلىك بولارمىش. ىەمدە بىر توربەت ېچىپ ۇگەنگەن بىلىملىرى ارقىلىق بازىبىر وتتىرمىزدا بولۋاتقان يامان ادەتنىڭ الدىنى الاي دەۋاتسا ،بۇ نىمە قىلق . اشۇنداق باشقىلارنىڭ خىزمتگە توسالغۇ بولۇپ ،خاقنىڭ كوزىگە توپا چاچىدىغان اداملارنى قيما-چيما قىۋەتسە دەيمەن.
بىرزات دوختۇر، مىنڭچە سىز بىر بىلەت تاشلاش سەيپسنى يولغا قويۇڭ،80خالتا تورىغا چىقىدغان تورداشلار بىر بىلەت تاشلاپ باقسۇن.
خاپا بولماڭلار، مەن وزىم التايدا تۇرغاچقا ،كومپيۋتورىمدىكى تىل تاختا دا ۇيغۇرچە خەت ۇرىش سىتىمسى يوق ، شوڭلاشقا ۇيغۇرچەخەتنى ياخشى يازالمادىم.

49.ئۈرۈمچىدىن ئىشچى تورداش مۇھەممەدجاننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم منىڭمۇ ئىككى ئىغىز پىكىر قاتناشتۇرغۇم كىلىپ قالدى .منىڭچە
1- 80 خالتا تورى جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتقىنى يوق . بۇ تورنىڭ باشقۇرغۇچىللىرى خۇتۇن ئالسىڭىز توي كىچىسى ................ئۇنداق قىلىسز مۇنداق قىلىسىز دىگەندەك گەپلەرنى قىلغىنى يۇق . ياكى ياتلارنىڭ تور بىتىگە ئوخشاش شاھۋانى رەسىملەرنى ، شەھۋانى فىلىملەرنى يوللاپ رەسىملىك .فىلملىك قىلپ چۈشەندۈرگىنىمۇ يوق . پەقەت تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئاغزاكى قىسقا قىلىپ جاۋاپ بىرىپ كىلۋاتىدۇ .
2- ئاددىغىنىسى مەنمۇ بۇ تور بەتتىن پايدىلانغۇچى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئايالىم ھاملىدار بولغاندىن كىيىن مەن ھاملدارلىقنى بىلىپ تۇرۇپ خۇشۇم تۇتسا ئايالىمغا يىقىنچىلىق قىلىۋىرىپتىمەن .كىيىن مۇششۇ تور تورنى كۈرۋىتىپ بىرەيلەن ئايالىم ھاملىدار بۇلۇپ قاپتۇ . باشىقلاردىن ئاڭلىسام ھامىلدار ئايالغا يىقنچىلىق قىلسا بولمايدۇ دەيدۇ. قانداق قىلىشىم كىرەك دەپ مەسلىھەت سوراپتىكەن بىر زات ئەپەندىنىڭ ھامىلدار ئايالغا دەسلەپكى ئۈچ ئايدا ۋە كىيىنكى ئۈچ ئايدا يىقنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ زىيانلىرىنى سۆزلەپ يازغان مەسلىھەتنى كۇرۇپ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئايالمىنىڭ ساق سالامەت يەڭگىۋىلىشى ئۈچۈن ئايالمىغا يىقىنچىلىق قىلشتىن ئۈزۇمنى تىزگنلىۋالدىم .
3- مەنمۇ مۇششۇ تور بەتنىڭ زىيارەت ئىقىمىنىڭ كۆپلۇكىگە ھەيران . شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ تور بەتكە زادى نىمە مەقسەتتە كىرىدىغاندۇ (مەنمۇ نىمە مەقسەتتە كىردىغانلىقمنى ئۈزەممۇ بىلمەيمەن . بولمىسا مەندە ئالاھىدە كىسەلمۇ يوق ئىشقىلىپ ھەر قىتىم تورغا چىقساملا مۇششۇ تور بىكەتكە كىرمەي قالمايمەن . كىرىپ بىكەت يىڭلىقلىرى ۋە مەسلىھەت سوراش دىگەن يەرلەرنى كۇرۇپ يىڭى مەزمۇنلار بولسا كۇرۋىىلىپ چىقىپ كىتىمەن ) ؟ زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ھەرخىل ھەر ياڭزا كىسەلمۇ ؟ ياكى جىنسىيەت مەسىللىرىگە قىزققانلىقىدىن كىرەمدىغاندۇ ؟ ياكى باشقىلارنىڭ كىسەلمەن دەپ يازغانلىرى قىززىق تۇيۇلۇپ كىرەمدىغاندۇ ؟ مىنىڭچىمۇ بۇ تور بىكەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ماڭغا ئوخشاش ئىنىق بىر مۇددا يوقمىكن دەيمەن .
4- <<80خالتا>> جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قارغۇچىلار سىلەر بۇ تور بەتكە نىمە مەقسەتتە كىرسىلەر ؟ ئەگەر <<80خالتا>> جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتىدۇ دە قارىساڭلار بۇ تور بىكەتكە كىرمىساڭلار يىنىڭلاردىكى تۇنۇش بىلشلەرنىمۇ بۇ تور بەتكە كىرشتىن تۇسساڭلار بۇلىدىغۇ؟ مەنغۇ ھىچقاچان بۇ تور بەتنىڭ جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتىقاندەك ھىس قىلمدىم . لىكىن بەزى سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىدىن بىر قانچە قىتىم سەسكىنىپ كەتكەتنىم .
خۇلاسە مەن بۇ تور بەتنى قۇللايمەن . ..........................

50.ئۈرۈمچىدىن تىجارەتچى تورداشنىڭ ئىنكاسى:
بۇ تور بەتنى قوللىغۇچىلار، ئەخلاقسىز، دۆت، ئىمانى سۇس كىشلەر"، بۇ تور بەتكە قارىشى تۇرۋاتقانلار" ئەقىللىق، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۈيۈنگۈچىلەر، ئىمانلىق، پاكىز كىشلەر"
بوپتۇ مەنمۇ ( دۆت)لەر قاتارىدىن ئورۇن ئالاي .....
مەن ئىككى يىلدىن بىرى بىرزات ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن .

51.ئۈرۈمچىدىن ئوقۇغۇچى تورداش ئەلىجاننىڭ ئىنكاسى:
يۇقارقى بەزى كۆز قاراشلارنى كۆرۈ .چىداپ تۇرالمىدىم.توۋا ، بۇ تور بەتلەرنى قۇرغانلاردا نىمە خاتالىق بار؟بەزىلەر تېخى ئۇلارغا تىل تەككۈزۈپتۈ؟ بۇ تور بەتتە داۋاملىق تەكىتلىنىپ كىلىۋاتقىنى ساغلام بولغان تۇرمۇش يۇلىدا مېڭىش .قېنى سىز دەپ بېقىڭ بۇ تور بەتتە ناچار بولغان بىزنى يامان ئىشقا دەۋەتلەيدىغان مەزمۇنلار بارمىكىن .بەزى گەپلەرنى ھەقىقەتەن دۇختۇر بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرۇپ دىيىش قىيىن .ئۇنداق بولغىندىكىن مۇشۇنداق تور بەتلەردىن پايدىلىنىپ كىسىلى شىپا تاپسا ھېچ بولمىسا يامان ئادەتلىرىدىن قول ئۈزسە بۇنىڭ نىمە يامىنى بار.ئەگەر سىز كىچىك بالىڭىزنىڭ يامان يولغا كىرىپ قېلىشىڭىزدىن قورقسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيە قىلىڭ .بالىڭىزنىڭ يوقىرى بولغان پىسخىك ساپا ھازىرلىشىغا ياردەم بىرىڭ ،ئەگەردە بۇ تور بەتتە ناچار ئادتلىرىدىن قول ئۈزەلمەي يامان ئاقىەتكە قېلىپ مەسلىھەت سورىغىچى لارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق ئىش قىلقۇسى كىلىپ قالغان بولسا ئۇ ئادەم ھەممە ئىشنى ئۆزىدىن كۆرسۇن .بۇ تور بىكەتتىن ئاغرىنىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق .35 .نۇمۇرلۇق ئىنكاس يوللۇغۇچىنڭ ئىنكاسى بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن .سىزنىڭچە بىز ئاشۇلارنى ئەسكى دەپ كارىمىز بولماسلىقىمىز كىرەكما ؟ئەگەر ساغلام ئەمەس دەپ قارىسىڭىز بۇ تور بەتكە چىقماڭ ،ئۈزۈمىزنىڭ ناچار تەرەپلىرىمىزنى ئېتراپ قىلايلى .ئۈزۈمىزنى ئىتراپ قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى يولغا ماڭالايمىز .مىنىڭچە بىزدە دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىز ياشلارغا تەربىيە بىرىدىغان بىر تور بىكەتنىڭ بولۇشىنى ئۆمىد قىلىمىز .بىر زات ئەپەندىمنى ئەيىبلەشكە ھېچقايسىمىزنىڭ سالاھىيىتى يوق.چۈنكى ئۇ بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ئەڭ قاراڭغۇ ئەڭ نازۇكتەرەپنى كۆرسۈتۈپ بەردى. بۇ تور بەتكە چىقسىڭىز ھەممىسى ئايان بولىدۇ.بۇ تور بەت ئاشۇ تېڭىرقاپ بىلىپ -بىلمەي يامان يولغا كىرىپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ۋە يامان ئادەتكە ئۆگۈنۈپ قالغانلارغا ياردەم بىرىدۇ.،ئەخلاق،ھايا دەپ ئېغىزىمىزدا جار سېلىۋەرمەي .ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئۇلارغا ياردەم بىرەيلى.يامان يولغا كىرىپ قالغان ياشلىرىمىزغا يادەم بېرەيلى .مانا بۇ تور بىكەت شۇنداق قىلغىانلارنىڭ تىپىك مىسالى . مىنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تور بىكەتنى قوللايدۇ.

52.قەشقەردىن ئوقۇتقۇچى تورداش ئانار خانىمنىڭ ئىنكاسى:
خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە تۇرمۇش بىسىملىرى ئالدىدا داۋاملىق دوختۇرخانىغا بىرىپ كىسەل كورسەتكىلى ياكى بەزى كىسەللىرىدىن خىجىل بولۇپ دوختۇرغا بارالمايدىغان ئەھۋاللار بار ،ئەگەردە سىز ئوزىڭىزدىكى كىسەللىك ئەھۋالىڭىزنى دەپ سوز قالدۇرۇپ قويسىڭىز ،بەزىدە نەچچە سائەتكە قالماي نىمە كىسەللىكىڭىز ۋە قايسى دورىنى ئىستىمال قىلىشىڭىز كىرەكلىكىنى دەپ بىرىدىغان مۇشۇنداق بىر تور بىتى بارلىغىدىن پەخىرلىنىپ خۇشال بولماستا يوق ،تىخى پۇل تىپىش ئۇچۇن قىلغان ،تىجارىتىگە يول ئاچقان دەپ كىتىشلەر ......ئۇنداقتا بىز **مۇتەخەسىس ،ئالى ئۇنۋانلىق دوختۇرلارغا نەچچە سائەت ئوچرەتتە تۇرۇپ كىسەل كورستىشىمىز كىرەكمۇ ؟ يىراقتىكى موللا جىڭ موللا ،يىقىندىكى موللا جا موللىمۇ ؟
ھەممىمىز قۇتقۇزۇشقا تىگىشلىك بەندىلەر ،ئىزىپ قالغان ۋە ئىزىۋاتقان ،تىڭىرقاپ قالغانلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن بۇ تور بىتى بەك مۇھىم ،بىر زات ئەپەندى تىرىشىڭ ،نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز ،نۇرغۇن ئائىللەرئاۋۋال ئاللاھنىڭ رەھمى بىلەن ،ئاندىن سىزنىڭ سەۋەپ قىلىشىڭىز بىلەن قۇتقۇزىشىڭىزغا مۇھتاج !!!!

53.يەكەندىن ناۋاي تورداش ھەسەننىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇتورنى كۆرۈپ ئىزچىل پايدىلىنىپ كېلۋاتقېلى2يېرىم ئايدېن ئاشتى،ئەل-ئاغىنىللىرىمگىمۇ كۆرەپ پايدىلانغانغانـــــــلىقىنى ئېيتىشتى،بېرەرسېنىڭ زېيانلېق تەررېپى بار دىگىنىـــــــنى ئاڭلېمىدىم،،،،، دوسلۇرۇم خەت ئوقېيالىغان بىلەن ئۇيغۇرچە خەت يازاممايدۇ...............بىزبۇتورنېڭ تېخىمۇ كەڭ دائېردە مەسلەھەت بېرىشىنى ئۇمىدقىلىمىز.

54.   <<80خالتا >> تورىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى مەسلەھەتچىسى-ئاياللار بۆلۈم دوختۇرى سەفىيە خانىمنىڭ ئىنكاسى:
مېنىڭچە بۇ تور بەتتىكى چەكتىن ئاشتى دىيىلگەن گەپ سۆزلەر كۆپىنچە شۇ يۇقىرىدا بىر تورداش دوستىمىز تىلغا ئالغان قوللىغۇچىلار قاتارىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىىڭ سورىغان سۇئاللىرىدۇر.
مەسىلەن مەندىن نۇرغۇن قىزلار توي قىلماستىن بۇرۇن خىلمۇ _ خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىپپىتىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ نىمشى قىلىشىم كىرەك؟ يالغانچىلىق قىلسام زىيىنى بولامدۇ؟ دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنى سوراشتى.
يەنە بەزىلىرى ئەر _ ئاياللىق ئالاقىدىن كىيىن يۇيۇنمىسىمۇ بولامدۇ؟ ھەيزدار ۋاقىتتا بىللە بولۇش ئۆرپ ئادىتىمىزدە چەكلەنگەن ئىشلار ئىكەن؟ قانداق زىيىنى بار؟ يولدىشىمدا مەسىلە بولغانلىقتىن سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولسام بولامدۇ ؟ دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنى سوراشتى، دىمەككى تور دۇنياسىنىڭ ئاساسى تەشكىل قىلغۇچىسى بولغان ياش _ ئوتتۇرا ياش كىشىلەرنىڭ دىنى قارىشى، ئىتىقادى كۆز قاراش، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنيا ھاياتىدا قىلىشقا بىجىرىشكە تىگىشلىك مەسئۇلىيەت _مەجبۇرىيەت ئېڭىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى سۇئاللارنى سورىياماي خاتالىشىپ يۈرگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنىي قاراش، تىبابەت جەھەتتىكى پايدا _زىيانلىرى بايان قىلىندى. نىمشى قىلىشنى بىلمىگەن قىزلارنىڭ سۇئاللىرى يەنە شۇنداق ئېزىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغانلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن جاۋاپ بېرىلدى.

55.ئاقسۇدىن ئىزدەنگۈچى تورداش سۇلتاننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !
كەڭ تور ئەھلى ؛-مەن تېخى تۆنۈگۈن بىر ئىنكاس يازغان ئىدىم . بۈگۈن داۋامنى يەنە كۈرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم . تېخى بەزلەر (بۇ تورنى قوللىغۇچلار ئاندىغەي قوللىمغۇچلار ماندىغەي ) دەپمۇ ئۆزلىرى ئۇيالماستىن پىكىر قاتناشتۇرۇپتۇ . مەن بۇ تورنى ئىككى يىلنىڭ ياقى ئۆزلۈكسىز زىيارەت قىلۋاتىمەن ، ھىشقانداق چەكتىن ئاشۇرش ئىھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس . ئۇ ئاكىمىز پەقەت بىزنى دەپ شۇ ئۆزنىڭ دوختۇرلۇق مەجبۇريتىنى ئادا قىلدى خالاس . ئۇنىڭدا نىمە گۇناھ . سورغۇچى ئۇيالماستىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن دوختۇرغا دىيىش ۋە باشقا كىشلەرگە دىيىش بىئەپ بولغان ئۆزدكى مەسىللەرنى دەپ شىپالىق ئىزدەش يۈزىسىدىن سوراۋاتسا .بۇلارنى توغرا تۇرمۇش يۇلىغا باشلاش يۈزىسىدىن جاپالىق ئىزدىنىپ ھەم ئۆز تىرىشچانلىقنى كۆرسۈتۈپ خالس (ھەقسىز ) مۇلازمەت قىلۋاتقان جاۋاپ بەرگۈچىدە نىمە گۇناھ . يەنە سوراپ باقاي دوختۇر بۇلۇش گۇناھمۇ . مۇشۇنداق ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان دوختۇر يەنە نەدە بار ، سىزلەرچە بىلسىمۇ باشقىلارغا قىلچىلىق پايدىسنى بەرمەي ھازىرقى جەمئىيەت ئۈچۈن (پۇل ئۈچۈن ) ئوتتۇرغا چىقىپ كۈن ئۆتكەزسە شۇ ياخشىمۇ ؟ تېخى كىچىككىنە ئىشنى دەپ مىللەت دەپ چوڭ جەھەتتىن ئېغىز ئاچىمىز . شۇنداق دىگۈچلەر ئۆزمىزشۇ مىللىتمىز ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قلالدۇق ، سىزلەرچە زە خەقنى قاقشىتىپ ھارام يەپ كۈن ئۆتكەزسە بۇ ئاندىن ياخشى ئىشما ؟بۇ تور تېخى يېقىندىلا قايتا رەتلەندى . يولداش ھەكىم مۇھەممەت تۇرسۇن ئاكاممۇ بىزدەك زىيارەت قىلغۇچلار ئۈچۈن (بىزنى رازى قىلىش يۇلىدا )ئاز توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرمىدى .توغرىمۇ يا (بېرزاتكا )؟؟؟؟
پەقەت سىز بىلەن بىز مۇنازىرە قىلۋاتقان مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىنكاس ۋە سۇئاللار زىيادە كۆپ بولغاندىن كىيىن بۇنىڭ توغرا يۇلنى ھەكىم بىلدۇ شوڭا شۇلارنى توغرا يولغا باشلاش پەقەت توغرا يولغا كىردۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈنلا تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلدى .!!!!!
بىز خالساق كىرەيلى خالىمساق كىرمىسەك بولدۇ . 98 پىرسەنىت كىشلەر ئۆزلىرگە تىگىشلىك جاۋاپقا ئىرشىپ توغرا يول تاپالدى .
ئەگەر دېمسە بەلكى نەچچىسى مالخۇليا( نېرۋا كېسەل)بۇلۇپ قېلىش مۇمكىنچىلكى بار ئىدى .ئەنە شۇلارمۇ توغرا يول تاپالدى ، ئەجبابۇ يامانما......
بۇ توردا تېخى ھېشقانداق چەكتىن ئېشېپ كىتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس .بىلسەم ھەكىم بۇ زىيارەت قىلغۇچلارنىڭ 20پىرسەنتىنى جۈملىدىن (ئۆزى توغرا يولغا كىرگۈزگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن شۇ سۇئال سورغۇچىلارنى )تۇنمايدىغۇ دەيمەن . بۇپتۇ باشقىلار دىگەندەك دۆت بولساممۇ مەن يەنە ئۆزلۈكۈم بىلەن قوللايمەن .
مۇھەممەت تۇرسۇن اكام بۈگۈن تېخى بۇنىڭ خۇلاسسىسنىڭ مۇشۇ يېڭى يىلدا چىقىدغانلىقنى ئىپادلەپتۇ . بىلسەم ئۆزىمۇ قانداق قىلىشنى ئاللىمبۇرۇن قارار قىلىپ بولدى . چۇقۇم كەڭ دوسلار رازى بولغىدەك جاۋاپ قايتۇردۇ .
ئىشقىلىپ مەن قولللايمەن .

56.قاراشەھەردىن ئىشچى تورداش قەدىرداننىڭ ئىنكاسى:
بىزدە كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۇلۇم ئاشكارە دەيدىغان گەپ بار.
بەزەن بىر بەدەندىكى نۇرمالسىزلىقلارنى ھە دىسە دوختۇرغا بىرىپ سۇراپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يۇق. مۇشۇ يەردىلا سۇرىسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداق بولغانكىن بۇ تور بەت بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاختىمىزنى تىجەپ بەردى دىگەن گەپ . شۇنداق تۇرسا يەنە بۇ تور بەتتىن يامانلايدىغانغا بىرسىمىزنىڭ بىرزات ئەپەندىدە ئىلىشى بارمىتى.
ياقتۇرسىڭىز كىرىڭ،ياقتۇرمىسىڭىز كىرمەڭ.
ئەخلاقلىق بولۇپ سالامەتلىك لازىم بولمىسا ئۇمۇ ئوزىڭىزنىڭ ئىشى .
مەن كىم ؟ مەن باشقىلار ئۇچۇن نىمە قىلىپ بەردىم دىگەننىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.
بولمىسا <غ> + <ى>+<ت>= قىلىڭ...... بولامدۇ؟

57.ئاقسۇ باي سايرامدىن دۆلەت مەمۇرى تورداشنىڭ ئىنكاسى:   47.نۇمۇرلۇق پىكىردىكى خوتەن گۇمىدىن تېۋىپ تورداش مەتروزىنىڭ  يازغانلىرىغا قوشۇلىمەن. بەزىلەر تىخى بىر زات ئەپەندىنى تور بىتىدىكى ئىلان تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ دورا رىتسىپلىرىنى ساتماقچى بولغان دەپ كۆرەلمىگەندەك تىتىقسىز،لاۋزا ئنكاسلارنىمۇ قالدۇرۇپتۇ.
بىر زات ئەپەندى ئۇنداق قىلسا نىمە بوپتۇ.ھازىر تور بەت قۇرغان قايسى بىر ئادەم ئىلان تەشۋىقات ئارقىلىق پۇل تاپمايدۇ.ئىلان تەشۋىقات ئارقىلق ئۆز دورا رىتسىپلىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيتىگە شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ نىمە زىينى باركەن؟!بەزى ئنكاسچىلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا بىرزات ئەپەندى ئۆز دورا رىتسىپلىرىنى پۇلغا ساتماي،ئۆزىگە قاراپ قاش ئاتقانلارغا ياكى كۈلۈپ قويغانلارغا بىكارغىلا بەرسە بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟(توۋا خۇدايىم)
تىتىقسىز لاۋزا سوئاللارنى مۇشۇ تور بەتنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئۆزۈڭلار سوراپ قويىدىكەنسىلەر.بىرزات ئەپەندى بىلەن يەنە بىر ئايال دوختۇر جاۋاپ بىرىشنى بىئەپ كۆرۈپ جاۋاپ خەت قايـتۇرمىسا،يەنە ئنكاس ئارقىلىق ئۇلارنى تىللايدىكەنسىلەر.ئەگەردە تىتىقسىز لاۋزا سوئاللىرىڭلارغا ئۆز لايىقىدا سىلىقلاپ جاۋاپ قايتۇرسا،بۇ تور بەت بالىلىرىمىزنى شۇنداقلا قىز-ئاياللىرىمىزنى بۇزىۋىتىشى مۇمكىن دەپ نەدىكى تۇتامى يوق ئنكاسلارنى يىزىپ قاقشاپ كىتىدىكەنسىلەر....(يەنە بىر توۋا خۇدايىم)
شۇنى سىلەرنىڭ سەمىڭلارغا سىلىپ قوياي:ئەگەردە سىلەرنىڭ خوتۇن بالىلىرىڭلاردا ، قىز-ئاياللىرىڭلاردا،ئاكا-ئىنى،ئاچا-سىڭىللىرىڭلاردا ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشى بولسا،بۇ تور بەتنى ھەرقانچە كۆرگەن بىلەن بۇزۇلمايدۇ.ئەگەردە بولمىسا سىلەر 365كۈن ئۇلارنىڭ قوڭىدا يۇرسەڭلارمۇ بۇزۇلغۇسى كەلسە بۇزىلىۋىرىدۇ...بۇ تور بەتنىڭ ئاخىرقى يەتمەكچى بولغان نىشانىمۇ دەل پۈتكۈل ئۇيغۇرلاردا ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتى شۇنداقلا ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشى شەكىللەندۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت....
بۇ تور بەتنى قوللايدىغانلار90%>10% قوللىمايدىغانلار ۋە باشقىچە كۆز قاراشتا ئىكەنلەر....
ئىشقىلىپ مەن بۇ تور بەتنى قوللايمەن.

58.ئاقسۇدىن ئوقۇتقۇچى تورداش 斯刊得尔 نىڭ ئىنكاسى:
<<80خالتا>> تور بېتىدىكى ھەر خىل ئىنكاسلارنى كۆرۇپ ، غەيرىلىك ھېس قىلمىدىم، چۇنكى ، بارلىق كىشىلەرنىڭ سەۋىيە، ساپا، قاراشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى <<80خالتا>> تور بېتىدىكى تىببى ساۋاتلارنىڭ يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتى زور.

59.قەشقەردىن 22 ياشلىق دوختۇر سادانىڭ ئىنكاسى:
ئەسلى پىكىر قاتناشتۇرماي دىگەن لىكىن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئۇنىمىدى!
جىنسىيەت بىلىملىرى بولغاچقا بۇ تور بەت گۈللىنىپ مۇشۇ كۈنگە كىلەلىدى دىسە ھىچىكىممۇ بۇنىڭغا ياق دىيەلمەيدۇ. چۈنىكى نۇرغۇنلىغان تىبابەت توربەتلىرى ئادەم كىرمەي تاقىلىپ قىلىۋاتىدۇ...سەۋەبى؟ ئەجىبا ئۇلار بىرزات ئەپەندى قىلغاننى قىلالمامدۇ ؟ ھەممىلا ئادەمنىڭ جىنسىيەت ئىڭى ۋە جىنسىي سەرگۈزەشتى بولىدۇ،شۇلار ئارقىلىق باشقىلارنى جەلىپ قىلىش باشقىلارنى زەھەرلەش ئەجىبا پەن ھىسابلىنامدۇ؟بۇمۇ دوختۇر،تىۋىپلارنىڭ ئىستىلىمۇ؟بىرزات ئەپەندىم بۇ بىكىتىنى ئۆزىنىڭ دورا دەرمەكلىرىنى سىتىش ۋە تورداشلارغا شەرمى ھايانى قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەن نومۇسسىز ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىشقا پايدىلىق بىر سورۇنغا ئايلاندۇرىۋاپتۇ.بۇ مەيلى تىۋىپلىق نۇقتىسىدىن مەيلى ئىسلامىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن پۈتۈنلەي خاتا.
مەن مۇنداق بىر مىسال ئالاي:
بىر كۈنى دوسلار بىلەن بازار ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ بىر تىۋىپنىڭ دورا سىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدۇق،يىغىلغان ئادەم كۆپ بولغاچقا بىزمۇ بىرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇق.قارىساق ھەممىسىلا بۆرەك قۇۋەتلەش نامىدا سىتىلىدىغان ھەرخىل دورىلار ئىكەن.تىۋىپ توساتتىن دوستۇمنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى ئىيتتى.ئۇ ماقۇل بولدى،تىۋىپ تومۇر تۇتۇپ بولۇپ :<بۆرەكنى سوغۇق ئىلىپ كىتىپتۇ،دورا قىلىپ بىرەي .>دىدى.بىز ماقۇل بولدۇق،دورا تەييار بولغاندىن كىيىن تىۋىپ بىزگە:<كۈندە بىر قىتىم ،جەمئىي 7كۈن يەپ كۆرسىلە ،ئاندىن كىلىپ ھەقسىز تومۇر تۇتقۇزۇپ تەكشۈرتسىلە >.دىدى.بىز ماقۇل بولۇپ قايتتۇق.دوستۇم دورىنى يىمىدى،لىكىن ئارىدىن ھەتپە ئۆتۈپ تەكشۈرتكىلى بارساق تىۋىپ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ:<سىلىنىڭ كىسەللىرى سەللىمازا ساقىيىپ كىتىپتۇ.....>دەپ ئاغزى بىسىلماي سۆزلەشكە باشلىدى.دوستۇم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن قىزىرىشىپ قالدى ۋە سىتىۋالغان دورىنى ئاغزىنىمۇ ئاچمىغان ھالەتتە تىۋىپنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.........
مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت.
ئىلگىرى مەنمۇ دوسلار بىلەن تىبابەت توغرىسىدا بىر تور بىكەت قۇرۇپ تىببىي مەسلىھەت بىرىش ،كىسەللىكلەر توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە قىلش ھەققىدە مەسلىھەت قىلغان . لىكىن بىزنىڭ خەلقىمىز كۆڭۈل بۈلىدىغىنى ھەرگىزمۇ كىسەللىك ئەمەس بەلكى ناچار ئادەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بۇ تور بىكەتنى قۇرۇشتىن ۋاز كەچتۇق.
گەپنى يىغىنچاقلىسام بىرزات ئەپەندىنىڭ كۆڭلىگە كەلسىمۇ دەۋىرەي،تور بىكىتىڭىزدىكى جىنسىيەت بىلىملىرى چەكتىن ئىشىپ كەتتى.بىزنىڭ بالىلار بۇنداق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تولا كۆرسە ئىنىقكى شەرمى-ھايادىن سۆز ئىچىشقا بولمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قىلىشى مۇمكىن.مەدىنىيەت سەۋىيىسى بەك يۇقىرى تورداشلار بۇ بىكەتتىكى سەرخل جىنسىيەت بىلىملىرىنى بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۈنلۈك ئوقۇپ بىقىڭلار.بۇ لارنى قوبۇل قىلىش ھەرگزمۇ مەدىنىيەت مەسىلىسى ئەمەس.

60.ئاتۇشتىن سودىگەر تورداش ئاقىلنىڭ ئىنكاسى:
بۇتوربەتنى مەن زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتقىلى 6 ئايدىن ئاشتى. مەن ۋەباشىقىلار بۇ توربەتنىڭ پايدىسىنى خىلى كۆپ كۆردۇق. مەن شۇنى دىمەكچى بۇ توربەتنىڭ ھەر بىر كىشىگە ئاز بولسىمۇ پايدىسى بار دەپ قارايمەن .بەزەن بىرقىسىم كەم ئەقىل تورداشلا بۇنى توغرا ھىس قىلالمايقالغان چىغى <خولاسە بۇتوربەت يىشىل توربەت>..

61.ئالتايدىن ئورگان خىزمەتچىسى دىلشاتنىڭ ئىنكاسى:
مەن يەنە گەپ قىستۇراي: مەن 57-تورداشنىڭ پىكىرگە قوشۇلمەن، چۇنكى بىز مىللتىمىزنىڭ تيبابەتچىلكىنى باشقا مىللەتلەرگە ىەتتا پۇتۇن دۇنياغا تونۇتىشمىز كىرەك.
مىنىڭ التايدىكى قازاق دوسلىرممۇ ، بىزنىڭ مىللي تيبابەتچىلىكىمىزگە قايىل. اللا بۇيىرسا قەشقەر، خوتەن، ۇرۇمچى قاتارلىق يەرلەرگەبىرىپ كورىنىپ كەلمەكچى، بۇ بىزنىڭ مىىللي تيبابەتچىلىكمىزنىڭ باشقا مىللەتلەرنڭكىگە قارغاندا خلى تەرەققي قىلغىنى بىلدىرىدۇ. الغا!!! 80خالتا ۇيغۇر تېبابەت تورى.

62.قۇمۇلدىن ئوقۇتقۇچى تورداشنىڭ ئىنكاسى:
ھەممە ئادەمنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ .مەن بۇ تور بەتنى قوللايمەن .ياختۇرمايدىغانلار بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلمىسىمۇ بولىدىغۇ؟ ئۇنچىۋالا سۆزلەپ كىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟

63.خوتەن تىلگىراف شىركىتىدىن تورداش قاھارجاننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !
مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ كۆز قارسىشىنى سۆزلەپ باقاي (ھەم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئاقىلانە بىر چارەممۇ بار)بۇ توربەتيىكى جىنسىيەت مەسىللىرى چەكتىن ئىشىپ كەتكىنى يوق بۇ تور بەتكە قارشى تۇرىدىغان تورداشلىرىمىزگە : ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدە بۇنداق توربەتنىڭ بولمىقى ئاسانمۇ ،بىر زات ئەپەندىمىنىڭ قرىنداشلىرىمىزنڭ سوئاللىرىنى تەپسىلى قىلىپ جاۋاپ بەرگىنىمۇ خاتامۇ ؟توربەتتىن پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان دوسلىرىمىز ئاز ئەمەسقۇ شۇنداقمۇ قېرىنداشلار؟ ئەمدى ۋاي توۋا دەيمىنا !
ئەڭ ياخشى چارە 80 خالتا توربېتىگە قارشى تۇردىغان دوسلىرىمىز بۇ توربەتنى زىيارەت قىلمىساڭلىلا ئىش پۈتمىدمۇ؟ قاندا دىدىم توربەت قللىغۇچى دوسلار ؟
مەن 80 خالتا توربېتىنى قوللايمەن ،بىر زات ئەپەندىمنىڭ خەلقىمىزگە بىلىملىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قلىمەن ،ئۇلۇغ ئاللا تەنلىرىنى ساق _سالامەت قىلغاي !

64.تۇرپان ساياھەتچىلىك شىركىتىدىن تورداش تۇرسۇنجاننىڭ ئىنكاسى:
مەن نىم دىسەم بولا ئھچچىقتىن يىرلىپ كىتەي داۋاتىمىنا 59 قۇردىكى تورداش سىز نىمدىمەكچى سىز ئۇيغۇر تىبابىتىنى ھاقارەت قىلۋاتامسىز .توخرا بەزەن بىر ئالدامچىلار كوچىلاردا ساختا دورا سېتىپ ئۇغۇر تىبابىتىگەداغ چۇشۇرۋاتىدۇ لېكىن بۇ ھەممىگەۋەكىللىك قىلالمايدۇ .سىزنىڭ ئاكىلىڭىز ۋە غەرىپ تىبابىتى ساقايتالمىغان نۇرغۇن بىمارلا ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن ساقىيۋاتىدۇ بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت .باللىرڭىز بىلەن ئولتۇرۇپ ۈنلۇك ئوقۇپ بىقىڭ دەپسىز.بىز باللىمىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ وقۇيدىغانغا ساراڭ ئەمەس بىز، ئۇ گەپلىرىڭىزنى شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئېتانسىغا بىرىپدەڭ. ئاخىردا دەيدىغىنىم يەنە شۇ كىرىپ پايدىنلىغانلا پايدىلانسۇن .چەكتىن ئېشىپ كەتتى دىگۇچىلەركىرمىسۇن .بىرسى سىلەرنىڭ بوينىڭلاردىن باغلاپ ئەكىرمىگەندىكىن..

65.خوتەن چىرىدىن تورداش ئامانجاننىڭ ئىنكاسى:
مەنمۇ بىەزىدە بۇـورگغا كىرىپ قويىمەن مەندە اللاخالىسا ھىچقانداق كىسەللىك يوق كۆرۈش مەقسىدىم باشقىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىنى كۆرۈپ بېقىش شۇنداق بەزىلەرنىڭ سوئاللىرى ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپ كەتتى ئەمما 80 خالتىنى ئەيىپلەش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى سورىغىنىمىز ياخشى سوئاللارمۇ ھايا بىلەن سورالسا جاۋاپمۇ ئىلمى شەرمى ھايا بىلەن بولسا ھەممىمىزگە پايدىلىق قىسقىسى بۇ تورنىڭ بولغىنى بولمىغىنىدىن كۆپ ياخشى مەنمۇ كۆپ سانلىك تورداشلارغا ئوخشاش بەزىبىر چەكتىن ئاشقان ياكى ئاز بىر قىسىملارغىلا خاس بولغان كۆپچىلىك ئۈچۈن زور پايدىلىنىش قىممىتى يوق سوئاللارتوردىن چىقىرىۋېتىلسە ياكى شۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرەگە باشقا ۋاستە ئارقىلىق ئايرىم جاۋاپ بېرىلىپ تور يۈزى ساپلق پاكىزلىقنى ساقلىسا ئىنشائاللا ئاللا ھەممىمىزەگە ئىمان ئىنساپ شەرمى ھايا روشەن كۆز سۈزۈك قەلىپ پاكىز يۈرەك ئاتا قىلسۇن.

66.قارامايدىن دۆلەت مەمۇرى زۇزۇخان خانقىزنىڭ ئىنكاسى:
ئۇف.........
1.بۇ تور بەتنى ياقتۇرمىغانلار ئەنە، ئىشىك ئوڭ تەرەپتە،چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ! باشقىلارنىڭ نېرۋىسىنى تولا قوداڭشىتماي...!
2.مەن شەخسەن بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى،باشقا دوستلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم،ھەممىسى شۇنداق ياقتۇردى.ھېچكىمنىڭ بىر " ۋىجدانىنىڭ،مىللىي غورۇرى"نىڭ قايناپ كەتكىنىنى كۆرمىدىم.دەل ئەكسىنچە،سوفىيە خانىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرۈپ،بىزلەر ئاغزىمىزنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ قالغۇچە كوتۇلدىساقمۇ ئۇنىمىغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا يۇۋاشلىق بىلەن بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردۈم.
3.باشقا تور بەتلەر باشقىلار ئۈچۈن ئېلان بېرىپ خاپۇماي ئىككى چېكىپ قويۇڭلار دەپ سۆزلەپ كەتسە گەپ يوق،ئەمدى مۇنۇ تېۋىپىمىز ئۆزلىرى ئىزدىنىپ ياساپ چىققان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ رەسىمىنى باش بەتكە چىقىرىپ قويسا سىزگە نېمە دەز كەتتى؟؟ ياكى سىزگە ئالمىسىڭىز مەسلىھەت بەرمەيمەن، يوقىلىڭ دېدىمۇ؟ بىڭسىڭىز بولسا سىزمۇ ياساڭ!چىكىلىش قېتىم سانى مىليوندىن ئاشقان تور بەتلەرگە ئېلان بېرىڭ!ھېچكىم سىزنى توسقىنى يوق!بولمىسا نېرى تۇرۇڭ!باشقىلارغا رېئاكسىيە قىلىسىز!
4.بىر زات ئەپەندى،سوفىيە خانىم،ئاللا سىلەرگە يار-يۆلەكتە بولىدۇ،ھەركىم ھەرنېمە دەيدۇ،لېكىن سىلەر ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىككى تۆت تال ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئۈچۈن ئۆزەڭلەرنى ئاۋارە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.بىزلەر مۇشۇنداق ئۆزىمىزنى ئېتىراب قىلىشقا قېرىق خەق بولغاندىكىن،ئەمدى،ئامال يوق،دوقاللار تەبىئىيلا جىق بولىدىغان گەپ.
يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!يېڭى بىر يىلدا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىچە بەخت تىلەيمەن!

67.ئالتايدىن ئورگان خىزمەتچىسى دىلشاتنىڭ ئىنكاسى:
22ياشلىق دوختۇر سادا ۇكام، بىزدە بەش بارماق تەڭ ەمەس دىگەن گەپ بار، يەنە كىلىپ ھەممسنى بىر چىۋىق بىلەن ىەيدەشكە بولمايدۇ دە، سىز وزىڭىز تېبابەتتىن مەسىلەت بىردىغان تورنى قۇرالماغاندىن كيىن باشقىلارنىڭ وزىڭىزدىن ۇستىن بولۇپ كىتۋاتقىنغا چدىيالمىدىڭىزما؟ سىز وزىڭىز بۇ تەرەپتە بىلمىىڭىز جىق بولغىنى بىلەن ،باشقىلار ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ، ازىر قايسى بىر اتا-انا : ەي بالام انانىزىم بىلەن شۇغۇللانما ، جىنسىي كىسەلگە اسان دۇچار بولسەن دەپ اشكارا مەسلەت بىردۇ، سىز ويلاپ باقتىڭىزمۇ . ال بىرزات دوختۇر بولسا شۇنداق سوال سورىغانلارغا توغىرا جاۋاب بېىرىش ارقىلى يامان ادەتتنىڭ الدنى الغىلى ۋاتىدۇ. بەزەنلەر تىخى ،80خالتا تور بىتى شەھۋانى تۇس الغان دەپ ، ۇزلىرنى پاك كورسىتىپ كىتىشلىر، ادامنىڭ نەرۈسىغا تىگىپ ، سۇتتىن اق ،سۇدىن پاك بولساڭلار نىمە ىزدەپ كىردىڭلار، بۇ تورغا . ادام بولۇپ ياشىغاندىن كىېىن ، كېسەل مۇ يانىمىزدا يۇريدۇ. قارپ تۇرسىڭىز ،ازىر يىشى چوڭايغان بوۋايلاردا مەزى بېىز ياللۇغى كوپ ، بۇنىڭ ىەممسى بۇزۇقچىلق قىلغاندىن كەپ چچقان دەپ ۇكۇم قىلساق بولامدۇ . ادام ىەتە وزىنىڭ نىمە بولدىغىنىى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ ۇچۇن چوڭ سوزلىمەسللك كىرەك. بىشڭىزغا كەلسە ھەققي مىللىي تيۋىپ نىڭ الدىغا بىرىپ قىلشىڭىزمۇ مۇمكۇن. ارتۇق سوزلەپ قويسام خاپا بولماڭلار!

68.كورلا چاقلىقتىن ئوقۇتقۇچى تورداشنىڭ ئىنكاسى:
59.قەشقەردىن 22 ياشلىق دوختۇر سادانىڭ ئىنكاسىىغا قارىىتا پىكرىم:
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز مەن قىلمىغان ئىشنى بىرزات ئەپەندىمىمۇ قىلماسلىقى كىرەك.مەن قىلالمىغان ئىشلارنى باشقىلارغىمۇ قىلدۇرمايمەن دىمەكچى ئىكەنسىزدە.مانا بۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئەڭ ئىغىر بولغان كۆرەلمەسلىك يەنى ھەسەتخورلۇق كىسىلىدۇر.
مىنىڭچە سىلەر بۇ ھەقتە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرۋەتمەڭلار...سىلەرگە ئوخشاش مۇتىئەسسىپ،قالاق ئادەملەر بۇ تور بەتنى كۆرۈپ ئەخلاق جەھەتتە بۇزۇلمىغان يەردە بىزنىڭ ھازىرقى كاللىسى ئوچۇق،دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى،دىن بىلەن ئىلىم پەننىڭ بىر-بىرىگە قارشى ئەمەسلىكىنى،شۇنداقلا ئەخلاق بىلەن جىنسىيەتنىڭمۇ بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى،پەقەت ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشىنى شەكىللەندرۈرۈپ بۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا ئومۇملاشتۇرغاندىلا ئاندىن ئەخلاق جەھەتتە بۇزۇلۇش بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن كەڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىرىمىز ھەرگىز بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ.ئەكسىچە ياشلىرىمىز كەلگۈسىدە ئائىلىدە خوتۇنغا قانداق ئەر بولۇش،بالىغا قانداق دادا بولۇشنى ياخشى ئۈگۈنىۋالىدۇ.ئاياللىرىمىزمۇ شۇ يەنى قانداق خوتۇن بولۇش شۇنداقلا قانداق ئانا بولۇش دىگەنلەرنى ياخشى ئۈگۈنۋالىدۇ.
بىر ھازىر قانداق جەمىيەتتە ياشاۋاتىمىز،ھازىر دىگەن پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ كەلگۈسىنى كۆرمىسەك قانداق بولىدۇ دىگەنلەرنى پەقەت ئويلىمايدىكەنسىلەر....
مەن بۇ تور بەتتىكى بەزى ئادەملەرنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ ئاپپاق خوجا دەۋرىدىكى جاھالىيەتنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتقاندەك قىلىمەن.
يەنى دىننى بۇرمىلاپ ئىلىم-پەننى چەكلەش ئارقىلق دىن بىلەن ئىلىم-پەننى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش ئارقىلق بىر پۈتۈن مىللەتنى نەچچىگە پارچىلاپ شۇ ئارقىلق بۇ مىللەتنى يەنە نەچچە مىڭ يىللار ئۇخلاتماقچى بولۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغاندەك...
مەن بىر ئاق-قارىنى پەرق ئىتەلەيدىغان زىيالىي بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ تور بەتنى قوللايمەن...

69.قەشقەردىن سودىگەر تورداش جەۋلاننىڭ ئىنكاسى:
59.قەشقەردىن 22 ياشلىق دوختۇر سادانىڭ ئىنكاسىغا قارىتا: ھاجىمكا!
كىم بۇ تور بەتتىكى ساغلام بولغان جىنسىيەت بىلىملىرىنى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىكنى مەدەنىيەتلىك ياكى ئەمەسلىكنىڭ بەلگىسى دەپتۇ؟!گەپ دىگەننى ئويلاپ قىلغۇلۇق،كاسىمىزغا شاپالداقلام ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرۋەتسەك بولماسمىكىن.
بىزنىڭ بالىلار بۇ تور بەتنى كۆرسە بۇزۇلۇپ كىتىدۇ دەپسىز؟!ئۇنداقتا سىز ئىشىنىەلمەيدىغان بالىلىرىڭىزنى(دوست بۇرادەر،ئاكا-ئىنە،ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنى) دوسكا ئالدىدا ئولتورغۇزۇپ قويۇپ:جىنىم بالام(جىنىم قېرىندىشىم)! ماۋۇ پالانى جىنىسنىڭ پوكونچى يىرى.مۇنداق قىلساڭ ئانداق بولىدۇ.ئۇنداق قىلساڭ مانداق بولىدۇ.ياكى ماۋۇ ئىشىڭ جىنسىي ساغلاملىقىڭغا زىيانلىق.ماۋۇ ئىشىڭ بولسا پايدىلىق......دەپ رەسىمىدىن تارتىپ سىزىپ چىقىپ ئۇلارغا تەلىم بىرىڭ ئەمسە.مۇشۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئۇلار 80خالتا تور بىتىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ سىزدىنلا تەلىم ئالالايدۇ...بىراق 80خالتا تور بىتى تىخى شەھۋنى تۈس ئالغان مەزمۇنلارنى تور يۈزىگە چىقارغىنى يوق.بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى مۇتىئەسسىپلىكنىڭ،شۇنداقلا چۈشۈنۈش ۋە پايدىلنىش ئىڭىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى خالاس. ...

70.ئاقسۇدىن ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى تورداش ئۈمۈدنىڭ ئىنكاسى:
مەن بىرسىدىن <<قىلالمايدىغانلار باھالاشقا ئۇستا>>دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ھەم بۇ سۆزنىڭ ھېكىمىتىنى كۆپ قېتىم ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم.ئۇندىن باشقا يەنە كىشىلەر ئارىسىدا<<ئۇرۇق ئۇيىنىڭ پوقى چوڭ،ئىشتانسىزنىڭ گېپى چوڭ>>دىگەندەك گەپلەرمۇ بار.مۇشۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك نېمە دېسە ئۆزى ھىچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ ئاز-تولا ئەمەلى ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىشىنى توختىماي باھالاش،ئۇلارغا ھەدەپ يۇقىرى تەلەپ قويۇش،تېخى بۇيرۇق قىلىشمىكىن دەپمۇ قالىمەن!بۇ يەردىكى ئەخلاق،پەردىشەپ مەسىللىرىنى ھەرگىز80خالتا تورى ئەمەس بەلكى شۇ يۈزى قېلىن مەسلىھەت سورىغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.بەزىلەرنىغۇ كېسەل ئازابىدىن،ئامالسىزلىقتىن مەسلىھەت سورىدى دېسەكمۇ،لېكىن بەزى ھېلىقىدەك<<ئىپپىتىمنى يوقىتىپ قويدۇم،ئەمدى قانداق قىلىمەن؟>>،<<تويدىن بۇرۇن يىگىتىم بىلەن بىرگە بولغۇم بار،مۇشۇنداق قىلسام بولامدۇ؟>>...دىگەندەك نومۇسسىز سۇئاللارنى سوراۋاتقان بايقۇشلارنى نېمە دىگۈلۈك؟!
80خالتا تورى بەزى تاپتىن چىققان مەسلىھەتلەرگە خەلقىمىز ئارىسىدا ئىبرەت بولۇش يۈزىسىدىن تەربىيە خاراكتىرىدە جاۋاب يېزىپ يوللاپ قويدى خالاس!
80خالتا تورىنىڭ خەلقىمىزگە خالىس نەپ بېرىۋاتقان ئەجىر-تۆھپىسىگە،پەزىلىتىگە ھىچكىم كۆز يۇمالمايدۇ!بىزدىغۇ ئەزەلدىن ياخشى نىيەتلىكلەر،ياخشى ئىش قىلغانلار زەربە يەپ كەلگەن.بىرزات ئەپەندىمنىڭ ئايرىم پىكىرلەردىن ئازار يەپ كەتمەي،ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن يولدا دادىللىق بىلەن ئاداققىچە مېڭىشىنى،80خالتا تورىنى تېخمۇ گۈللەندۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

71.ئارخىكتور تورداش خىيالنىڭ ئىنكاسى:
گەرچە مەن بۇ تور بېتىنى كۆرىۋاتقىنمغا ئەمدى بىر نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تور بېتى مەزمۇنلىرنىڭ سەرخللقى ئەتراپلقلىقى بىلەن مىنىڭ قايللىقىمنى قوزغىدى.بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىز تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى ،ئۈنۈملىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر
بۇنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ھازىر دىگەن ئىلىم-پەن،ئۇچۇر دوۋرى .ھەر قانداق بىر شەيىئى ئۇچۇرسىز تەرەققىي
قىلالمايدۇ.بىزنىڭ تىبابىتىمىزمۇ بىرزات ئەپەندىمدەك يېڭىلق يارىتىش ئېڭىغا باي ،ئۇچۇردىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ،خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىلغارلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا يېڭى-يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولماقتا .ھەم بىزلەرنىمۇ كۆپلىگەن ساغلاملىق ساۋاتلىرىغا ئىگە قىلماقتا.بۇ تور بەتتە ساغلاملىق باش تېما.جىنسىي كېسەلىلكلەر يامراپ كېتىۋاتقان جەميىتىمىزدە مۇشۇنداق بىر ياخشى دەرىسخانىنىڭ بولغىنىدىن خوشال بولماي ئەكسىچە قارشى پىكىرلەرنى قىلشىمىز تازا قاملاشمىغان بىر .ئىىش بولدىغۇ . خۇددى كۆڭەلچەكنىڭ كۆتى ئۇچۇق دىگەندەك !
ئاشۇ پىكىرنى يازغانلار بەلكىم قىلدىغان ئىىش تاپالماي قالغانلار ئوخشايدۇ، بىرزات ئەپەندىنىڭ ساغلاملىق ئۈستىدە داۋاملىق دادىل ئىزدىنىشىنى خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق .ئۇچۇرلىرىنى سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن! 加油

72.بۈگۈردىن دۆلەت مەمۇرى نەشتەر ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇ تور بېكەتنى قۇرۇلغاندىن بېرى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم بولسىلا زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، لېكىن نىمە مۇددىئا بىلەن كىرىدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلمەيمەن. مەن بۇ تور بېكىتىدىن بەكمۇ رازى، داۋاملىق قوللايمەن. مەن بۇ تېما دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندىلا دىققەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن پىكىر يېزىشنى ئويلىمىغان ئىدىم. بۇگۈن 59-رەتتىكى پىكىرنى كۆرۈپ جۇدۇنۇم ئۆرلەپ قالدى-دە بۇ پىكىرنى يېزىپ سالدىم. ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەم، بۇ پىكىرنى يازغۇچى بىر دوختۇرمىش، مۇشۇمۇ دوختۇرنىڭ دەيدىغان گېپىمۇ، تېخى ئىسلامدىن ئېغىز ئېچىشلىرى قالتس، يەنە كەلتۈرگەن مىسالىنى ئوقۇپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. 59-رەتتىكى پىكىرنى يازغۇچى سىزدىن سوراپ باقاي، دىيىشىڭىزچە سىزمۇ بۇرۇن تىبابەتكە ئائىت تور بېكەت قۇرۇپتىكەنسىز، كىيىن تاقىلىپ قاپتۇ، نىمە سەۋەبتىن تاقىلىپ قالدى؟ تاقىلىپ قېلىش سەۋەبىنى شەرھىلىشىڭىزدىن سىزگە چىن دىلىمدىن <<قايىل>> بولماي تۇرالمىدىم. ئۆزىڭىز قىلالمايسىز، باشقىلار قىلسا چاكىنا ئىشنى قىلىپ تور بېكىتىنى ئاۋات قىلۋالدى دەيسىز، مۇشۇمۇ بىر بىلىم ئىگىسىنىڭ سۆزىمۇ؟ بىر زات ئەپەندىم بولسا ئىشلارنى خالىس قلغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنگە كېلەلىدى، ئەگەر سىزگە ئوخشاش ھەر خىل تەمالاردا بولغان بولسا بۇ تور بېكەتنىڭ بۈگۈنگە كېلەلىشىشى مومكىنمىدى؟
ھازىر بىزنىڭ بالىلار نىمىنى كۆرمەيدۇ، نىمىنى قىلمايدۇ دىيەلەيسىز؟ بۇ جاھاندا بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن پەقەت پايدىلىق تەرەپلەرنى سۆزلەپ، زىيانلىق تەرەپلەرنى سۆزلىمىسە سىزچە ھەقىقى بىلىم ئالغىلى بولارمۇ؟ بۇ خىلدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ھەر بىر تورداشنىڭ پايدىلىنىشى ياكى زىيانغا ئۇچىرىشى شۇ ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش.
مەن قارىسام سىزنىڭ دوختۇرلۇق كەسپى ئەخلاقىڭىزدا مەسىلە باركەن. مۇشۇنداق ھەسەتخورلارنىڭ دەردىدە قېرىنداشلىرىمىز يۈرەكلىك ھالدا بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشىمۇ تەسكە چۇشۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ يات تىل-يېزىقتىكى بەت بولغان بولسا بەلكىم سىز تالىشىپ باشقۇرغۇچى بو لۇپ، ئۆزىڭىزنى بازارغا سېلىشڭىز تەبىئى. مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلغاندا قايسى تەرەپلەر ياخشى بولۋاتىدۇ، قايسى تەرەپلەر چەكتىن ئېشىپ كېتىپ قالدى دىگەنلەرنى ئوبدان بىر ئويلاپ ئاندىن پىكىر قىلىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن.ئۆزىڭىز قىلالمىغاننى باشقىلار قىلسا، ئۇنداق قىلىپ كەتتى، بۇنداق قىلىپ كەتتى دىمەي، سىزمۇ تور بېكەتنى قايتىدىن قۇرۇپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا قاتتىق ئېلان بېرىۋىتىپ ئىش باشلاڭ، شۇ ۋاقىتتا كۆرۈپ باقايلى، كىمنىڭ توغرىكەن، باشقىلار كىمنى قوللايدىكەن، بىلۋالمامدۇق.
ئاخىردا مەن بۇ تور بېكەتنى قەتئى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ قويماقچى، ياخشى تەرەپكە بۇراپ پايدىسىنى كۆرسە كۈندە كىرسۇن، بولمىسا غىت قىسىپ ئېشىكىنى باقسا بىزنىڭ گېپىمىز يوق.

73.ئارخىكتور تورداش خىيالنىڭ ئىنكاسى:
گەرچە مەن بۇ تور بېتىنى كۆرىۋاتقىنمغا ئەمدى بىر نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تور بېتى مەزمۇنلىرنىڭ سەرخللقى ئەتراپلقلىقى بىلەن مىنىڭ قايللىقىمنى قوزغىدى.بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىز تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى ،ئۈنۈملىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر
بۇنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ھازىر دىگەن ئىلىم-پەن،ئۇچۇر دوۋرى .ھەر قانداق بىر شەيىئى ئۇچۇرسىز تەرەققىي
قىلالمايدۇ.بىزنىڭ تىبابىتىمىزمۇ بىرزات ئەپەندىمدەك يېڭىلق يارىتىش ئېڭىغا باي ،ئۇچۇردىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ،خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىلغارلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا يېڭى-يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولماقتا .ھەم بىزلەرنىمۇ كۆپلىگەن ساغلاملىق ساۋاتلىرىغا ئىگە قىلماقتا.بۇ تور بەتتە ساغلاملىق باش تېما.جىنسىي كېسەلىلكلەر يامراپ كېتىۋاتقان جەميىتىمىزدە مۇشۇنداق بىر ياخشى دەرىسخانىنىڭ بولغىنىدىن خوشال بولماي ئەكسىچە قارشى پىكىرلەرنى قىلشىمىز تازا قاملاشمىغان بىر .ئىىش بولدىغۇ . خۇددى كۆڭەلچەكنىڭ كۆتى ئۇچۇق دىگەندەك !
ئاشۇ پىكىرنى يازغانلار بەلكىم قىلدىغان ئىىش تاپالماي قالغانلار ئوخشايدۇ، بىرزات ئەپەندىنىڭ ساغلاملىق ئۈستىدە داۋاملىق دادىل ئىزدىنىشىنى خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق .ئۇچۇرلىرىنى سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن! 加油

74.قەشقەرلىك 22 ياشلىق دوختۇر سادانىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇيەردە سىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ جىدەل قىلغىلى كىرمىگەن.پەقەت تىمىغا بولغان ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى ئۇتتۇرىغا قوياي دەپ كەلدىم.بىرزات ھەكىم بىلەن تەڭ بولالمىسىممۇ ئۆزۈمگە چۈشلۇق بىلىمىم بار ئادەممەن. ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئانداق مانداق دەپ تىخى دەرت تۆكۈۋاتقىنىممۇ يوق،مەن پەقەت ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەر تۈپەيلى تىبابىتىمىزنى نوقۇل <ساغلاملىق بويۇملىررى>تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ،جىنسىي كىسەللەرنىلا داۋالايدىغان تىببىي ئىلىم بولۇپ قالمىسۇن دەۋاتىمەن. مەن تىخى جىنسىيەت مەزمۇنلىرى بولسا بولمايدۇ دەپ بىر زات ھەكىمگە رەدىيەمۇ بەرمىدىم. نىمىشقا؟ئۇنىڭ قىلغانلىرى خاتا ئەمەس،لىكىن چەكتىن ئىشىپ كىتىۋاتقان قىسمى بار. ئەلۋەتتە بۇنى مەن دەپ ئولتۇرسام باشقىلاردا باشقىچە ئىنكاس كۆ رۈلىشى مۇمكىن.بەلكىم ئۇقتۇرۇشلاردىن كۆرۈۋاتقانسىلەر،تىبابەت تورى قۇرۇش دىگەن كىچىك بالىنىڭ ئويۇنى ئەمەس،سەھىيە نازارىتى تەستىقلاپ بىكىتىدىغان گەپ.مەن تور بىكەت قورمىدىم چۈنكى مىنىڭ تور بىكەتكە مەزمۇن يوللايدىغان ۋاقتىم يوق.بۇنداق دىگىنىم ھەكىمنى بىكارچى دىگەنلىك ئەمەس.مەكتەپتىن چىقىپلا كىتاپنى ئۇنتۇپ قالساق بىزنىڭ تىببى تىببىي ئىلىمىمىز جايىدا توختاپ قالىدۇ خالاس.كىسەلنى ئاكام داۋالامدۇ ياكى ،دادام داۋالامدۇ ئىشقىلىپ <ئاچا سىڭلىڭىزنىڭ كىسىلىنى داۋالات دەپ يىنىڭىزغا بىرىۋالمىدى>(ھەكىم بۇ گىپىمنى تەستىقلاپ قويۇشلىرىنى سورايمەن.).كىسەل ئۆزىدە بولغاندىكىن نەگە بارسا مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئۇلۇغ ئاللاھ كىمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى.ئىلگىرى جىنسىيەت توغرىسىدا مۇنداق گەپ بولۇنغان:
بەزى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىدا جىنسىيەتنى ھازرقىدەك ئىچىپ كەلگەچكە يىقىنقى يىللاردىن بىرى باسقۇنچىلىق دىلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى،كىشىلەر ئۆزى خالغان كىشى بىلەن ئەركىن توسالغۇسىزمۇناسىۋەتتە بولىۋاتىدۇ،بۇنداق بولغاننىڭ نەرى يامان؟قاچانغىچە ئىمان ئىتىقاد،شەرمىي ھايا دەپ ئۆزىمىزنى چۈشەپ يۈرىيمىز؟باشقىلاردىن كەم تۆرەلمىگەن،باشقىلار بىلەن ئوخشاش ياشايمىز ...................
يۇقارقى پىكىرلەرگە ئوخشاش بىرزات ھەكىم بىلوگىنى زىيارەت قىلغۇچىلار يۇقىرقىدەك كۆز قاراشتىكىلەرمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.بۇنى مەيلى مەن بولاي مەيلى باشقا بىرسى بولسۇن ئويلاپ بىقىشقا تىگىشلىك.....
باشقا پىكىردە بولسىڭىز ئايىماي سۆزلەڭ.......

75.خوتەندىن لودانىڭ ئىنكاسى:
بۇتوربەتنى قوللىمىغانلار بالاباقسا بولماسمۇ بوينېدىن باغلاپ ئەكېرمېگەندېكېن

76.ئاقسۇ شاياردىن تورداش ئەركەمنىڭ ئىنكاسى:
ئەسلامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىزلەر. ئالدى بىلەن مۇشۇ تور بەتنى زىيارەت قىلغۇچى بارلىق قېرېنداشلارنىڭ يېڭى يىلنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېڭى بىر يىلدا يېڭى ئۇتۇق، يېڭى خوشاللىق ھەممىزگە يار بولسۇن .
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك مەنمۇ مۇشۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىپ كىلۋاتقان مۇشۇ تور بەتنىڭ بىر مۇخلىسى . مەن بۇ تور بەتكە كىرىپ زىيارەت قىلغان بىر قانچە ئايدىن بويان زىيانلىق تەرپىنى ئانچە ھېس قىلمىدىم. ھەم قول بىلەن لەززەتلىنىش ،ھەم ئەخلاقسىزلىق ھەم تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشنىپ بۇ ئىشتىن ۋاقتىدا قول ئۈزدۇم(ئۈزۈل كېسىل) .شۇڭا مۇشۇ تور بەت ئۈچۈن ئەجىر قىلۋاتقان بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن . ھەم سەكسەن خالتا تور بىتنىڭ تېخىممۇ روناق تېپىشنى ئۈمۈت قىلمەن .

77.قەشقەردىن ئورگان خىزمەتچىسى مۇراتنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !
مەن بۇ توربەتنى ئىچىلغاندىن بىرى كۆپلىگەن پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن،بەزىلەر خۇددى "ئۆچكىنىڭ قوڭى كۈندە ئوچۇق تۇرسا ھىچ گەپ يوق ،قوينىڭ بىر كۈن ئىچىلىپ ئىچىلىپ قالسا ۋەيت-ۋەيت...."دىگەندەك گەپ قىلىدىكەن ،نەچچە يىلدىن بىرى تىلۋۇزۇردىن ھەر تىتىقسىز جىنسىيەت توغرىسىدىكى ئىلانلارنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ،قۇلىقى قاداق بوپ كەتكىچە ئاڭلاپ قايناپ تاشمىغان "ۋىجدان"لىرى ئەمدى ئوت ئىلىپ كىتىپتۇ دە بايقۇشلارنىڭ.................
"نىيەت ئەلا"دەپتىكەن بىرزات ئەپەندىم.............
ئازساندىكى كۆرەلمەس لەرنىڭ كوتۇلداشلىرىغا پەرۋا قىلمىغايسىز ...........
خالىس خىزمىتىڭىز داۋاملاشقاي.........سىزنى ۋە توربىتىڭىزنى داۋاملىق قوللايمەن!~~~~~~~
ئاشۇ "دوختۇر" نامىدا سۆزلىگەن خۇمسىلارنىڭ دوختۇرلىقىدىن گۇمان قىلىمەن..............
78.كورلىىن دوختۇر يارقىننىڭ ئىنكاسى:
بىرزات ئەپەندى ،سۇفىيە خانىم،ياخشىمۇ سىزلەر؟ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .رەھمەت سىلەرگە..

ئۈرۈمچىدىن ئوقۇغۇچى تورداش كامىلجاننىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇ تور بېتىنى قوللايمەن .چۈنكى، تەن ساقلىق -- زور بايلىق . سالامەتلىك ھەممە كىشى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە . ھازىرقى تور بەتلىرىدە بۇنداق مۇنازىرە بەتلىرى يوق .مەن بۇ مۇنازىرە بېتىنىڭ بۇندىن كېيڭن تېخىمۇ كەڭ ،سەرخىل تېمىلارنى چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

79.كورلىدىن دوختۇر تورداش قاھارنىڭ ئىنكاسى:
مەن بۇ تور قۇرۇلغاندېن باشلاپ ئاساسەن كۈندە دىگۈدەك كۆرۈپ كىلۋاتېمەن...(مەنمۇبىلمىگەنـــــلېرىمنى مۇشۇ توربەتتېن كۆرۈپ كېشىلەرنىڭ سۇئالىغاجاۋاپ بېرىپ كەلدېم). مەنـــــمۇبىر دوخـتۇر مىنىڭچە بۇتوربەتنېڭ زېيانلېق تەرېپى يوق!!!،،،،،،،،،،،، زېيانلېق تەرېپى بــــــــــار دىگەنلەر بىرقىسېم ئۆزدىن بىرەسې ئېشىپ چۇشــــسە چېدىمايدېغانلار،كىشىلەرتەرىپېدىن گەپـــــتاپېدىغانلار، پايدىلېنىدېغاننى پايدېلىنىپ بۇلۇپ قۇسۇر ئىزدەيدېغار خالاس.، مېنىڭچە بـــــــۇ توربەتنى جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئاشتى دىگەنلەر چــــالاساۋات دوخــتۇرلار.، ،،،،مەن بۇتوربەتنى قوللايمەن

80.ئوقۇتقۇچى بەخىت خانقىزنىڭ ئىنكاسى:
ئەسلى پىكىر يىزىپ بىكاردىن-بىكارغا <ئەقىلسىز،دۆت،نادان،ئىمانى سۇس>دىگەن ئاتاققا قالماي دىگەن لىكىن يازماي چىدىمىدىم. چۇنكى مەنمۇ بۇ توربەتنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ تور بەت ئارقىلىق ھەقسىز چۇشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۇچۇن چوقۇم ئۆز پىكرىمنى يىزىشىم زۆرۇر دەپ يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.نەچچە كۇندىن بىرى ئىزچىل مۇشۇ تىما توغۇرلۇق تورداشلارنىڭ بايانلىرىنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن.خەيىر مەنمۇ 90 نەچچە پىرسەنت قىرىنداشلىرىمىزدەك دوت دىگەن قالپاقنى كىيسەم كىيەي. ھۆرمەتلىك( دىنى مۇستەھكەم،ئىتىقات-ئىمانلىق،ئىلمىي،ئەقىللىق،كارامەت...........ھەيييييييييييييي بولدىلا)تورداشلار سەمىگە: بۇ توربەتتىكى مەزمۇنلار سىزگە سەلبىي تەسىر بەرگەن بولسا نىمە ئۈچۈن يەنە داۋاملىق بۇ توربەتتە ئوغرى مۆشۇكتەك تىمىسقىلاپ يۇرىسىز؟ سىزنى بىرزات ھەكىم زورلاپ.قىيىن-قىستاققا ئىلىپ كىر دەپ مەجبۇرلىدىۇ؟ سىزنى شۇ <سەلبىي،ناچار،سىرىق>مەزمۇنلارنى ئوقىي دەپ كۆمپىيۇتىرغا چاپلاپ قويدىمۇ؟سىز ئۆزىڭىز نىڭ ئىدىيىسىدە چاتاق بولغانلىقى ئۇچۇن،<ئىلمىيلىكىڭىز>دەرىجىدىن تاشقىرى بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۇن مەزمۇنلارنى چۇشىنەلمىگەن توغرىسى ھەزىم قىلالمىغان ئوخشايسىز.يۇقۇردىكىلەر دىگەندەك بۇيەردە ھارام ،سىرىق كۆرۇنۇشلەر ياكى رەسىملەر تارقىتىلغىنى يوق.بەلكى بىز تۇرمۇشىمىزدا بىلمىسەك بولمايدىغان تەرەپلەر بايان قىلىنغان.ئەڭ قىسقىسى مەن چۇمادۇ،ئانانىزىم دىگەنلەرنى مۇشۇ يىشىمغىچە ئاڭلاپ باقمىغان.مۇشۇ توربەت ئارقىلىق بۇلارنىڭ يامان نەرسىلەر،ئەسكى قىلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم.مەنمۇ توي قىلىش ئالدا تۇرغان بىر <دۆت>قىز.مۇشۇ توربەت ئارقىلىق كىيىنكى تۇرمۇشۇمدىكى زۆرۇر بولغان نازۇك ئىشلاردىن تارتىپ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرگىچە بىلىۋالدىم.مەن بۇ توربەتكە كىرىپ تىخى<زەھەرلىنىپ>باقمىدىم.پايدىسى تەگسە تەگدىكى تىخى زىيان قىلىپ باقمىدى.شۇڭا بەزەن بىر ئەقىللىقلاردىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىۋىتىپ ئاندىن بۇيەرگە كىرىشىڭىزنى ئۆمۇت قىلىمەن.ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تورداشلا ئاغزىمغا كەلدى دەپ ئىشتاننىڭ ئىچىدىكىنىمۇ ئالا قويماي سورايدىكەن بۇنداقلار سەل دىققەت قىلساق.ئۇيغۇر تىلى بەك سۆزگە باي تىلغۇ توككىدە دىمەي سەل يىپىۋاراق دەيدىغان بولايلى.يەنە بىر پىكىر مۇشۇ توغۇرلۇق ئايرىم بىر سەھىپە قىلساق،بەلكىم يامان ئاتاقلاردىنمۇ قۇتۇلۇپ قالارمىز.يىغىپ ئىتقاندا ھەر بىرىمىز كاللىمىزنى قاتتىق بىر سىلكىۋىتەيلى،بەزى بىر نەرسىلەرگە توغرا،ئىلمىي قاراشتا بولايلى،باشقىلارنىڭ ئەجرىنى ھۆرمەت قىلايلى.ماڭا پايدىسى بولمىغاندىن كىيىن دىمەي بەلكىم پايدا كۆرگەنلەر باردۇ دەپ بىرىمىز بولسىمۇ قوللايلى ..تاما-تاما كۆل بولار.مۇشۇ ئارقىلىق يامان يولدىكىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرايلى ،دوست-بۇرادەر،ئاچىلار سىڭىللارغا،ئاكىلار ئىنىلارغا تەربىيە قىلايلى.يامان كىسەللەر بىزدىن يىراق تۇرسۇن!

81.چۆچەك دۆربىلجىندىن تورداش نايىلنىڭ ئىنكاسى:
مەن بەزى ئنكاسلارنى كۇرۈپ زادى چىداپ تۇرالمدىم!مۇشۇنداق بىر ياخشى تور بەتنى سىلەر سىېرىق تور بەت قاتارىغا چىقىرۋەتكىنىڭلار نىمىسى...
ئەگەردە سىرىق تور بەت بىلەن ساغلام تور بەتنىڭ پەرقىنى بىلەلمىگەن بولساڭلار.ئەمسە سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈپ قوياي!مانا تۆۋەندىكى تور بەتنى ئىچىپ كۆرسەڭلارلا ئىش ئايدىڭ بولىدۇ....تۆۋەندىكىىسى مەخسۇس <<ئاتالمىش ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان ئىلان تەشۋىق قىلىدىغان>>تور بەت.80خالتا تور بىتىنى سىرىق تور بەت دەپ قارايدىغانلار بۇنىڭىدىن كىيىن 80خالتا تور بىتىنى ئىچىپ كۆرمەي ئۇدۇللا ئەشۇنداق تور بەتلەرنى كۆرۈپ ئەشۇ تور بەتتىن خالىغانچە سوئال سوراپ مەسلىھەت ئالارسىلەر ئەمسە....

82.ئۇلۇغچات ناھىيسىدىن دۆلەت خىزمەتچىسى تورداش تۇرسۇنگۇل خانىمنىڭ ئىنكاسى:
ياخشىمۇسىز، بىر زات ئەپەندى.سوفىيە خانىم:
سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلمايدىغان قىسمەن نادان كىشىللىرىمىزنىڭ نامۇۋاپىق پىكىرلىرى ئۇچۇن بىھۇدە رەنجىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۇمۇت قىلمەن.يىقىندىن بىرى سىلەرنىڭ ھىچقانداق كىشىگە دىگىلى بولمايدىغان كىسىللىكلەرگە تولمۇ ياخشى ،قايىل قىلارلىق بىرىلگەن جاۋاپلارنى كۆرۇپ ئۇزۇندىن بىرى ئىزدەپ جاۋاپ تاپالمىغان مەسىلىگە جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم. بۇ تور بىتىگە بۇرۇنراق كىرىپ باقمىغانغا پۇشايمان قىلدىم. << ئاتالمىسا ئوقىدىن ،چىچالمىسا پوقىدىن >> كۆردىغان نادان كىشىللىرىمىزنى ئەپۇ قىلپ خالىس ئىشىڭىزنى ئاخرغىچە داۋاملاشتۇرشىڭىزنى ئىلتىجا قىلىمىز. ھەم داۋاملاشتۇرشىڭىزغا ئىشىنىمىز. ئاللا ھەربىر سۇئال ئىگىسى ئۇچۇن جاۋاپ يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىگەي....... تىنىڭىزنى سالامەت قىلغاي.
ئاخردا قىسمەن تورداشلارنىڭ مەسلھەت سوراشتا بەك چەكتىن ئاشۇرۇپ تور بىتىنى قۇرۇپ چىققانلارنى <توقۇناق بالا ئىلمەك قازاغا> دۇچار قىلپ <ئاش بەرگەنگە ،مۇش بەر>مەسلىكىڭلارنى ، دىققەت قىلشىڭلارنى سورايمەن.

83.دوختۇر ئىلىجاننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسلامۇئەلەيكۇم تورداشلار:
مىنىڭ شۇ يازغان تەكلىپىم بۇنچىۋالا قىززىپكىتە دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن. بەزى تورداشلار مىنىڭ گىپىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتۇ.مەن ھەرگىزمۇ بۇتورنى تاقىۋىتىش ياكى بىرزات ئەپەندىنى بىر نىمە دىگىنىم يوق .مەن پەقەتلا بەزى بىر گەپلەرنىڭ چەكتىن ئىشىپ كەتكەنلىكى توغرسىدا پىكىر تەلەپ قىلغان .بۇ تورنىڭ بولغىنى ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى .ئەمما ئۆز ئۈيۈدىكى گەپلەرنى بۇيەرگە كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئورنى يوقتە.....((توي قىلماي ئۇنى قىلسام بولامدۇ؟..مۇھەببىتىم ئۇ ئىشنى قىلايلى دەيدۇ...))دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش توغرىمۇ؟؟؟؟
بىرزات ئەپەندىم :مەن دەسلاپلا دىگەن .مەن بۇ تورنى ئاشقىنىڭىزدىن راستلا خوش بولدۇم،سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن مەسلھەتىڭىزدىن سىزگە قايىل بولدۇم .مىنىڭ ئالدىنقى قىتىم دىمەكچى بولغىنىم ئەشۇ .....((توي قىلماي ئۇنى قىلسام بولامدۇ؟..مۇھەببىتىم ئۇ ئىشنى قىلايلى دەيدۇ...))دىگەن شۇ سۆزلەرنى يازغان تورداشلارغا دەيدىغىنىم سىز قىيامەتتىن قوقمىسىڭىز نىمە ئىش قىلغىڭىز كەلسە قىلىڭ !!!!!!ئەمما بۇگەپلىرىڭىزنى بۇتورغا چىقىپ ئىلان قىلمىسڭىزمۇ بولىدۇ .
كەڭ تورداشلارنىڭ ئالدىنقى قىتىم يازغان گەپلەرنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!!

84.قەشقەردىن تىجارەتچى ئۆمەرنىڭ ئىنكاسى:
مەن قەشقەرلىك 22ياشلىق دوختۇر سادانىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.ئەمما قوشۇمچە قىلدىغىنىم، دوختۇر سادا دىگەندەك مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقۇرى كىشىلەرنىڭ ھايالىق،ئەخلاغلىق بولۇشى ناتايىن، بۇلارنى جىنسىيەت ئەخلاقىغا نومۇر قويۇشقا تەكلىپ قىلىش بىر ئاز خەتەرلىك،چۈنكى مەن خەنزۇچە توربەتنى زىيارەت قىلىۋىتپ شۇنداق بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم.ئۇنۇڭدا كۆرسىتىلىشىچە،مەيلى تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالى مەكتەپ قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىللىرى ئىچىدە بولسۇن،ۋەياكى جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىداخزمەت قىلىۋاتقان زىيالى ئەر-ئاياللار ئىچىدەبىر-بىرسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاغزىغا ئالىدىغان،جنسى سۇيۇغلىقىنى ئىچىدغانلار ،ۋەباشقا بۇزۇق ھەركەتلەر ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.چۈنكى زىيالىلارنىڭ نەزىرىدە بۇبىر مەدىنىيەت ھەم جنسى ئەر كنلىك دەپ قارايدىكەن.دھقان ۋە ھۆنەرۋەن كاسىپلارغا قارغاندا،زىيالىلار يۇقۇرقىدەك بۇزۇق پاھىشە ئشلارنى قوبۇل قىلىشى تىز ئىكەن.

85.ئۈرۈمچىدىن تورداش ئازغۇننىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،دوختۇرئەپەندىم!
بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى بۇ مەرەز كېسەل خۇددى كومپىيۇتېر ۋېرۇسىدەك ھەممە ئادەمگە يۇقماقتا. بۇ كېسەل بۇ توردىلا بار ئەمەس ،مەن بۇرۇن باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ كۆرگەنىدىم.ئەمدى كېسەلنىڭ نىمىلىكىنى كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟؟
بىز چۇ قىلىدىغانغا ئىش يوق،خەقنى ئەيىپلەشكە ئامراق،نوچى بولسىڭىز سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىنى توربەت قۇرۇپ خەلىق ئالەمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇپ باقمامسىز؟بۇ توربەتتە قۇرغۇچىدا نىم گۇناھ؟؟؟سىزنىڭچە بولسا ئىچىدىكى بىلىمىنى ئىچىدە سېسىتىپ ھۆپۆپنى دورىسا بولامتى؟؟كىچىكلەر زەھەرلەنمىسۇن دېسىڭىز تورخانىغا كىرىشتىن توسۇڭ.كەچتە ئۆيدە يوقلىما قىلىڭ؟!باللىرىڭىز كېچىچە تالادا زەھەرلىنىپ يۈرمىسۇن؟؟؟جەمىيىتىمىزدە جىنسى ساۋاتىنىڭ كەمچىلىكى سەۋەبىدىن بۇزۇلىۋاتقان ياشلار ئازمۇ؟>شەخسەن ماڭىمۇ ئۆيدىكىلەر جىنسىيەت توغۇرلۇق بىرەر ئېغىز تەربىيە ساۋات بېرېپ باقمىغان.....چۈنكى بىزدە دىن ۋە ئەخلاق كۆز قارىشى كۈچلۈك!بىرمەزگىل يامان ئادەتلەر قوينىدا ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىپ يۈرگەن بولساممۇ بۇ توربەتتىكى بەزى ساۋاتلار نى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ قەددىنى رۇسلىۋالدىم.....بولمىسا ئاقىۋىتى قانداق بولماقچىتى>>>،،،،،؟؟؟؟پىچاقنىچۇ ئەقىللىك ئىنسانلار ئاۋال ئۆزۈڭلارغا سېلىڭلار،ئاغرىمىسا باشقىلارغا...!قالايمىىقان سوئال سورىغانغا بىر ئېغىز رەدىيە يوق؟بوپتۇلا ساقىيىپ قالا دەپ مەسلەھەت بەرگەننى ئەيىپلەپ كېتىشلىرى ،،،ئۆرگىلەي!!!!!!ئۇف!!!ئېنىقتىن ئېنىق باشقىلارنىڭ
بىلىمىنى كۆرەلمىگەنلىكقۇ بۇ؟؟؟!!!!توۋا!!!!بىز تۈگۈشۈپتۇق!!!!!!
سورا سورا بىلىم ئاپتۇ! ئويلا ئويلا كىيىن قاپتۇ.......!!!!

86.ئۈرۈمچىدىن ئوقۇتقۇچى ئەلىنىڭ ئىنكاسى:
پۈتۈن تور ئەھلىدىن شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ: ئەگەر سىلەر 80 خالتا تور بېكىتىنى ھەقىقەتەن پايدىلىق دەپ بىلگەن بولساڭلار يۈزى ئېچىلمىغان (قىز) ھەدە-سىڭىللىرىڭلارنى، قىزىڭلارنى، ئۇرۇق تۇغغانلىرىڭلارنى 80 خالتىغاا كىرىش ئۈچۈن دەۋەت قىلىڭلار، ئۇلار ھەر كۈنى ئۇدا 80 خالتا تورىغا كىرىپ ئۇدا بىر يىل كىرىپ باقسۇن. ھەمدە ئاجايىپ گەپ سۆزلەرنى (ئۇ يېرى، بۇ يېرى، ئىچى، تۈۋى......) ھەر كۈنى كۆرسۇن.. (قىمىلداپ تۇرىدىغان ھېسياتلار.. ھەركۈنى ئەۋج ئېلىپ تۇرسۇن..) سىلەرچە بۇنىڭ پايدىسى قانداق بولار؟
ئەمدى سىلەر يۈزى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولغان (ئاللىبۇرۇن كارۋاتقا نەچچە قېتىم چىقىپ بولغان) يۇقارقى جەددۇ جەمەتىڭلارنى يەنە مۇشۇ 80 خالتىغا ئۇدا تەكرار بىر يىل كىرىشكە دەۋەت قىلىڭلار بۇنىڭ تەسىرى قانداق بولار؟ .....
مەن سىلەرگە شۇنداق ئەسكەرتىمەنكى بۇ ھەرگىزمۇ 80خالتىدىكى، بىرزات ئەپەندىدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرنىڭ قېنىدىكى، روھىدىكى مەسىلە، بىرزات ئەپەندى. جىنسىيەتنى پەقەت ماددا شەكلىدىلا ئىزاھلاپ ئۆتكىنى يوق، ماددىۋى جەھەتتە دورا-دەرمەكلەر بىلەن داۋالاتقان بولسا مەنىۋى جەھەتتە غەيرەتلىك، ئىرادىلىك بولۇشقا دەۋەت قىلدى، ئىسلامىي بىلىملەر تەربىيە بېرىپ... دېگەندەك خېلى غەيرەت قىلدى، بۇ خاتا ئەمەس، لېكىن ئەڭ خاتا كەتكىنى بىرزا ئەپەندى ئۆزىڭىزنىڭ 20 ياشلىق چىرايلىق (قىز) سىڭلىڭىزنى مۇشۇ تورغا ھەر كۈنى كىرىپ جىنسىيەت بىلىملىرىنى تەھلىل قىلىشقا دەۋەت قىلمىسىڭىزمۇ ئۇ چوقۇم مۇشۇنداق بىر تورنى بىلسىلا ھەر كۈنى 2 قېتىم كىرىدۇ.. (مېنىڭ ئاچا-سىڭلىممۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشى مۇمكىن..باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق، ئۇ تورغا چىقىشنى بىلسىلا..)
يۈزى ئېچىلمىغانلارغا (ساپ قىز، ساپ يىگىتلەرگە) نىسبەتەن بۇ تور بېكەتتە جىنسىيەت بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش (ئىدىيىسىنى ئويغىتىپ، بىر يەرلىرىنى قوزغىتىپ، تېزرەك كارۋاتقا چىقىش ئىستىكىنى كۈچەيتىش..) بۇ پۈتۈنلەي خاتا.. ئەمەلىيەتتە توردا ئۇنداق قىلماسلىقىنى، ئۇنداق قىلسا قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدىغانلىقىنى توختىماي كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز. لېكىن بۇ گەپلەر قىملداپ كەتكەن ھېسياتلارنى ھەرگىز بېسىپ كېتەلمەيدۇ ھەم تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.بىز ئۇيغۇرلار قۇرئاننى ئاجايىپ چوڭ بىلىمىز. ئەجىبا شۇ قۇرئان بېسىپ كېتەلمىگەن جىنسىي ھېسياتلارنى مۇشۇ تورنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى بېسەپ كېتەلەمدۇ؟ قۇرئانغا پاكت كەتمەيدۇ. (بۇ سۆزگە پاكىت كەتمەيدۇ.. )
بۇ توردىكى ھېلىقىدەك گەپ سۆزلەر(ئىچى، تۈۋى.. ئۇ يېرى، بۇ يېرى، بىللە بولۇش.. ھېسيات... ئۇ.. بۇ دېگەندەك گەپ سۆزلەر)..ھەرقانداق بىر قىز بالىنىڭ ياكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھېسياتىنى قوزغاتسا، قوزغىتىدۇكى ھەرگىزمۇ باسالمايدۇ.. ساپ-ساق قىزلارنى پاھىشە، جالاپ.. قىلىۋەتسە قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ قىز پېتى ساقلىيالمايدۇ، ئىشەنمىسىڭلار بىرىنچى ئابزاس بويىچە سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. ھەرقانداق بىر يىگىتنى (ساق يىگىت) ھېسيات جەھەتتىن ساراڭ قىلسا قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ ساقايمايدۇ، ... ھېسياتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى پەقەت ئىسلام بىلەن، ناماز بىلەن، ھەم ئۆلچەملىك تۇرمۇش ئادىتى،بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت... قاتارلىق ياخشى ھېس-تۇيغۇلار، ئىرادە ۋە غەيرەت بىلەن... ساقايتسا ساقايتقىلى بولىدۇكى ھەرگىزمۇ بۇ توربېكەت بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ.. يۇقارقىلار 80 خالتا تورىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇپ بولغان ھەمدە مىللىتىمىز ئادەملىرىدىكى كېسەلنىڭ جىنسىي كېسەل ئەمەس بەلكى ئەقى پاراسەت كېسىلى، پۈتمەس-تۈگىمەس روھى ئىللەت كېسىلى... قاتارلىقلارنى ئاشكارلىغان تور بېكەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
لېكىن 80 خالتا تورى بولمىسا زادى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ توي قىلغان (كارۋاتقا 1000 قېتىم چىقىپ بىر يەلىرى بى قانداق بولۇپ بولغانلار، ئاللىبۇرۇن ئىپپىتىنى، يىگىتلىكىنى يوقىتىپ بولغان...يەنە بىقانداقلار ).. ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەربىيە بازىسى.. بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى (نۇرغۇنلىرى)ئۈچۈن چوقۇم مەسلىھەتچى، دوختۇر، دورا... قاتارلىق ئامىللار ۋە مەنىۋى ، روھى جەھەتتىكى كۈچلۈك تەربىيە بەكمۇ زۆرۈردۇر... شۇڭا ھەرگىزمۇ 80 خالتا تورىنى يا توغرا قىلدى، يا خاتا قىلدى دەپ ئەيىبلەشكە بولمايدۇ...
80 خالتا تورى ئېچىلسىغۇ ئەسلى بولمايدۇ، لېكىن تاقالسا تېخىمۇ بولمايدۇ...
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسى بار:
سوئال سورىغۇچى سىز چوقۇم ئالدى بىلەن مەزكۇر تور بېكەتكە ئەزا بولۇپ كىرىڭ، ئاندىن سوئالنى سوراڭ، بىرزات ئەپەندىم سىز بۇ سوئالغا ۋاقت چىقىرىپ تەستىقلاپ جاۋاپ بېرىڭ. سوئال سورىغۇچى ئىككىنچى قېتىمدا بېكەتكە كىرگەندە پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئەزالىق نامى شىفىرى بىلەن ئۆزىڭىز سورىغان سوئالنىڭ جاۋابىنىلا كۆرۈڭ، يەنى سوئالنى كىم سورىغان بولسا جاۋابىنى شۇ كۆرەلىسۇن،باشقىلار تور بېكەتكە كىرىپلا ئۇنى بۇنى كۆرىمەن دېيىش ئەمدى تۈگىسۇن (بۇ ئەڭ ياخشى ئامال، بۇنى پروگرامما بىلەن بىردەمدىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.. )
ئەمدى ھەممە ئادەم(چوڭ-كىچىك، قىز-ئوغۇل) ھەممىسى كۆرسە بولىدىغان بىلىملەرنى (ئىسلامى بىلىملەر، تىببىي بىلىملەر يەنى ئەخلاقسىز گەپ سۆزلەر يوق بىلىملەر) نى ھەممە ئادەم كىرىپ كۆرسە بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بۇنىمۇ پروگرامما بىلەن شۇنداق قولاي بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
ئاندىن بېكەتنىڭ ئارقا سۇپىدىمۇ ئالدى سۇپىدىمۇ ئوخشاشلا ئىزدەش سىستېمىسى بولسۇن ، سوئال سورىغۇچى ئادەتتە ئىزدەپ بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولسۇن چۈنكى ئىزدىگۈدەك جىق سوئالمۇ يوللاپ بولالمايدۇ بەرىبىر، لېكىن بىرزات ئەپەندىم ئۈچۈن بىر ياخشى ئىزدەش سۇپىسى بولسۇن، چۈنكى بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابى ياكى سوئاللىرى ئوخشاش بولۇپ قالغاندا شۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپلا كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويسىڭىزلا ئىش تامام. بۇنداق بولغاندا سوئالنى پەقەت سوئال سورىغۇچىلا كۆرسە، جاۋاپنى بىرزات ئاكاش ئارقا سۇپىنىڭ مۇكەممەل ئىقتىدارى بىلەن تەھرىرلەپ، تەستىقلاپ يوللىۋەتسە، 80 خالتا تورىغا كىرىپ قالغانلار پەقەت ئاممىۋى ئۇچۇلارنى (پاكىز، ھەممىلا ئادەم كۆرسە بولىدىغان ئۇچۇرلارنى) كۆرسە.... ھېچكىمىنىڭ پىكىرى چىقمىسا بۇ ئەڭ ياخشى ئامال.. 80خالتىنى ئەڭ مۇكەممەل ھالىتىدە ساقلاشنىڭ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چارىسى شۇ...
بولمىسا ھەممىمىزنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى مېنىڭ بىرىنچى ئابزاس سوئالىمدىن ئىبارەت..

87.غۇلجىدىن تورداش ئابدۇۋەلىنىڭ ئىنكاسى:
مېنىڭچە 80خالتا تورىنىڭ ئېچىلىشى كۆپىنچە بىمارلىرىمىزغا روھى جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن ئىجابى تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى دەپ قارايمەن! ھەم بۇ تور بەتتە بىرزات ئەپەندىممۇ ئىزچىل تۈردە سوئاللارغا ئەخلاقى نۇقتىدىن جاۋاپ بېرىپ كەلدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ھەقىقەتەن مەسىلە بار دېيىشكە توغرا كەلسە ھەقىقەتەنمۇ ئاز ساندىكى بىرقىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيسىدە مەسىلە بار ! چۈنكى بىز بىر ئاڭلىق ئىنسان بولغاندىكىن ھەرقانداق نەرسىنىڭ شاكىلىنى تاشلاپ ، مېغىزىنى ئالالايدىغان بولىشىمىز ھەم ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقىمىزنى دۇرۇس قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن! ئۆزىمىزگە پايدىلىق نەرسىلەر بولسا قوبۇل قىلىپ پايدىسىز بولغان نەرسىلەرنى ئارقىمىزغا تاشلاپ ماڭساق ، ئىشنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق ، ئۆزىمىز پاكىز ياشىساق ، ئۆزىمىز ئەخلاقلىق بولساق ياكى ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتنى ئۆگىنىپ جارى قىلدۇرساق، بۇ توربەتتە بېرىلگەن ياخشى پىكىرلەردىن ئۆزىمىزگە ئۆرنەك ئېلىپ پايدىلانساق مېنىڭچە ئاللا خالىسا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق دەپ قارايمەن!
شۇڭا ئازبىرقىسىم تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى سەۋەبىدىن سورالغان بەزى سوئاللار تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق ئەمدىلا ئېچىلغان ياخشى بىر تور بېتىمىزنىڭ ھەم بىرزات ئەپەندىمدەك بىر ياخشى مەسلىھەت بەرگۈچى ئۇستازىمىزنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرمەسلىكىمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!
ئاخىرىدا بىرزات ئەپەندىمگە چىن كۆڭلۈمدىن سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولغان 80 خالتا تورىنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرىشىنى ھەم قەلىمىنىڭ مەڭگۈ ئاجىزلىشىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!

88.ئاقسۇدىن دېھقان تورداش بانكىرنىڭ ئىنكاسى:
80 خالتا تور بېتىگە كۆپ رەخمەت ، تور بېتىڭىزدىكى كۆرسەتمە بويىچە شاقاقۇل مۇرابباسى ياساپ ئىستىمال قىلىۋاتىمەن ، مىسىرنىڭكىنى تاپالماي دولىتىمىزنىڭكىنى ئىشلەتتىم . ئاددىراق رېتسىپلارنى يوللاپ تۇراسىز .

89.توقسۇندىن ئوت ئوغلىنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسلام ئەزىز تورداشلار. مەن بەزى تورداشلارنىڭ بېرزات ئەپەندىدىن قالماشنىغان سۇئال سوراپ چارچىتىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

90.تۇرپان ساياھەت شىركىتىدىن تۇرسۇنجاننىڭ ئىنكاسى:
قەشقەرلىك 22 ياشلىق دوختۇرساداجان سىزنىڭ قايتا يازغان ئېىكاسىڭىزنى كۆرۇپ .بەك ئاچچىغىم كەلدى.سىزنى بىر ھازاتىللام ئېنكاس يازماقچىمۇ بولدۇم .لېكىن ئويلاپ قالدىم .مەندە بار كۆڭۈل سىزدىمۇ بار،بىرزات ئاكىمىزدىمۇ ھەم بار .گەپ لىرىمنىڭ ئېغىر كەتكەن يەرلىرى بولسا سىزدىن سەمىمى كەچۇرۇم، سورايمەن .بولسا ئېنكاس يازغاندا.دىققەت قىلساق.توربېكەت قۇرۇپ سىز ۋە بىز لەرگە مۇشۇنچىلىك سورۇن ھازىرلاپ ھەقسىز مەسلەھەت بېرۋاتقانلارنىمۇ ئويلاپ قويساق .جىنسىيەت تەربىيەسى بۇ بىزئۈچۇن بىر يېڭى ئۇقۇم. جىنسىيەت تەربىيىسىنى بالىلارغا .ياشلىرمىزغا. قانداق ېلىپ بارمىز، بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە، مەن ئازغان شۇ ئازغانلىرىمنىڭ دەردىنى شۇ نىجىس كىسەللەنىڭ ئازابىنى ھېلھەم تارتماقتىمەن ھەنىم بولسا ياراتقان ئېگەم پەرزەتسىز قويمىدى بىر ئوغلۇم بار ب بۇيىل 3ياشتامەن ئازدىم لېكىن ئوغلۇمنىڭ ئېزىشىغا قەتتى يول قويمايمەن قان قىلمىز قېرىنداشلا .قانداق قىللغاندا بالرىمىزدا ياشلىرمىزدا ساغلام بولغان جىنسىيەت قارشى تىكلىگىلى بولىدۇ .بولسا بۇ توربېكەتنى تېخىمۇ كېڭەتسەك .ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇردىغان سورۇنغا ئايلاندۇرساق . 86 قۇردىكى ئۈرۈمچىدىن ئوقۇتقۇچى تورداش ئەلىنىڭ ئېنكاسى مىنى ئازاراق ئويلاندۇرۇپ قويدى. خەتلىرىم قولاشماي قالغان بولسا مازاق قىلمىغايسىلە مەن ئانا تىل يېزىقىمىزدا ئوقۇمىغان

91.چەرچەندىن كادىر تورداش غېنى مۇھەممەترېھىم ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:
مەن 80 خالتا تىبابەت تورىنىڭ قىزغىن زىيارەتچىسى، يېقىندىن بۇيان قىسمەن بىلىمسىز كىشىلەر ناھايتى يەڭگىللىك ۋە مەمەدانىلىق بىلەن بۇ تور بەتكە ھە دەپ شىلتىڭ ئېتىپ، ئوزلىرىنىڭ تولىمۇ خام، ئاساسسىز خاھىشلىرى بىلەن، تور بەت زىيارەتچىلىرىگە ۋە بىرزات ئەپەندىمگە يولسىزلارچە مالاللىق كەلتۈردى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ "نادان بىلەن گەپ تالاشقاندىن ئىتتىن ئاش تالاشقان ياخشى" دىگەن ھىكمىتىنى ئسىمدە مەھكەم ساقلاپ ھەم ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ھازىرغا قەدەر سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما گومراھلىق ، پىتنە پاسات ۋە جاھالەت ساقىندىلىرىنىڭ، ئەلگە شىرىن مىۋىلەرنى تەقدىم ئىتىۋاتقان بىر ئىلىم بېغىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ، ئادالەت شەمشىرىم سۈكۈت قېنىدىن ئېتىلىپ چىقتى. مەن پىكرىمنى بايان قىلىشتىن بورۇن 86- نومۇرلۇق تورداشنىڭ مۇنۇ بايانلىرىنى دوستلارغا ئەسلىتىپ ئۆتەي.
........بۇ توردىكى ھېلىقىدەك گەپ سۆزلەر(ئىچى، تۈۋى.. ئۇ يېرى، بۇ يېرى، بىللە بولۇش.. ھېسيات... ئۇ.. بۇ دېگەندەك گەپ سۆزلەر)..ھەرقانداق بىر قىز بالىنىڭ ياكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھېسياتىنى قوزغاتسا، قوزغىتىدۇكى ھەرگىزمۇ باسالمايدۇ.. ساپ-ساق قىزلارنى پاھىشە، جالاپ.. قىلىۋەتسە قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ قىز پېتى ساقلىيالمايدۇ، ئىشەنمىسىڭلار بىرىنچى ئابزاس بويىچە سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.......
مەن ئەلى ئىسىملىك بۇ تورداشنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلغىغا ئسىت دەيمەن، يەنە ئاللىقانداق دوختۇرلارغىمۇ ھەم شۇنداق. 80 خالتا تورىدىكى مەزمۇنلاردىن نورغۇن كېشىلەرنىڭ ناھايتى ياخشى نەپكە ئىرىشىپ كېلېۋاتقانلىقىنى تورداشلار ئنىكاسلىرىدىن كۆرۈپ تورۇپتىمىز. بەزىلەر 80 خالتا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ كېسەللىرگە دەۋا تېپىپتۇ، بەزىلەر باشقىلارغا ئېيتالمىغان گەپ - سۆزلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنى بورۇختۇم قىلىپ كېلىۋاتقان قەلىب تۇگۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، غەملىرىگە شىپا تېپىپتۇ، بەزىلەر بىلمىگەنلىرىنى بىلىۋاپتۇ..... ئىشقىلىپ كۆپ سانلىق كېشىلەر ئازدۇر- كۆپتۇر نەپ ئاپتۇ. ئەمما مەزكۇر توردىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەندىن كىيىن، ئاچا - سىڭىل، ئاكا- ئۇكىلىرىمىزدا بىنورمال فىزىلوگىيلىك تەسىرلەرنىڭ ۋە ئاللىقانداق قىمىلداشلارنىڭ پەيدا بولۇپ،شۇ تۈپەيلى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، يامان يولغا مېڭىپ قالغانلىقى توغرىسىدا مەنغۇ ھېچقانداق دادلاشلارنى ئاڭلىمىدىم، بەلكىم باشقا تورداشلارمۇ ئاڭلىمىدى دەپ ئويلايمەن. ئەلى بورادەر يوقۇرقى بايانلىرىدا خوددى ئۆتكۈر پىچاقتا سەۋزە توغرىغاندەك كەسكىن ئوتتورىغا قويۇپتۇ. راستىن شۇنداق بولۇپ كېتەرمۇ؟ ياق ، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، 80 خالتا توردىكى مەزمۇنلاردا بەلكىم قىسمەن توغرا بولمىغان مەزمۇنلارمۇ بار بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تورنى ئىنسان باشقۇرىدۇ. ئەمدى بايانلاردا گەپ سۆزلەرنى قانداق ئىشلتىشكە كەلسەك، ھېلىمۇ بىرزات ھەكىم ناھايتى تىرىشىپ گەپ- سۆزلەرنى ئاممىباب ئوسلۇبتا بايان قىلىۋاتىدۇ، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئېلان قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلار توغرىسدا چەكتىن ئېشىپ كەتتى دىيىشنىڭ ھىچقاندان ئاساسى يوق. گەپ قانداق چۈشىنىپ، قانداق قوبۇل قىلىشتا. توغرا تەرىپىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ. بۇ يەردە ھىسام ئاكىنىڭ شۇنداق بىر چاخچىقىمۇ ئىسىمگە كەپ قالدى < بىر خوتەنلىك ئادەم ھىسام ئاكىدىن سورايدىكەندە:_ ھىسامكا ئۆمەرجان ئالىمنىڭ پەرۋايىم پەلەك دىگەن ناخشىسى بومايتكەنيا ئەينا، ھىسام :- ھەي نەرى بولمايدىكەن ؟ ھېلىقى ئادەم :- پەرۋايىم پەلەك دىگەن ھۆكۈمەتكە پەرۋايىم پەلەك دىگەندەي بولاپ قالىتكەنيا ئەينا. ھىسام:- ھەي، ئو دىگەن ئۆمەرجان ئالىمنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقان يامان نىيەتلىك كىشلەرگە پەرۋايىم پەلەك دىگەن گەپ ، بىر ئىشنى يامىنىغا بورىساڭ ماڭىدۇ، ياخشىغا بورىساڭمۇ ماڭىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، سىنىڭ ئالدى ئارقىڭ يوقما؟>. شۇڭا بىز تۇخۇمدىن تۈك ئوندۇرمەي، ئىجابى مەيداندا تورۇپ، 80 خالتا تورىنى قوللىشىمىز ، ئۇنىڭ مىۋىلىرىدىن بىرلىكتە بەھىر ئېلىشىمىز زۆزۈر.
ئەمدى توردىكى مەزمۇنلار ھېلىقىدەك يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ دىيىش تولىمۇ بىمەنىلىك. چۈنكى، بىرىنچىدىن بىر ئادەمنىڭ يامان يولغا مىڭىپ يامان ئىشلارنى قىلىشى نوقۇل ھالدا 80 خالتا تورىغا باغلىق ئەمەس. جەمئىيەتتە بو تورغا چىقمايمۇھەر خىل پەسكەش ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ساماندەك. ئىككىنچىدىن ، ئىنسانىيەتنىڭ ئوزۇن تارىخى جەريانىدا ئىنسانلار گوناھ - مەئسىيەتلەرنى ئۆزۈلدۈرمەي سادىر قىلىپ كەلدى، ھەتتا لۇت ئەلەيھىسسالام زامانىدا ،بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە يېڭىلا ئەۋج ئېلىۋاتقان چىكىدىن ئاشقان بەچچىۋازلىق قىلمىشلىرى ئەۋج ئالغاچقا ئاللاھ ئولارنى ماكانلىرى بىلەن قوشۇپ دۈم كۆمتۈرىۋەتكەن. شۇڭا ئىنساننىڭ يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشى تۆنۈگۈنكى ياكى بۆگۈنكى ئىش ئەمەس، ھەمدە 80 خالتا تورى ھېچكىمنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشغا سەۋەبچى ئەمەس، ھېچكىمنى يامان يولغا باشلغىنى يوق .ئەلى بورادەرنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىمىزنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشى ياخشى ئىش، ئەمما، يوق يەردىن گەپ تېپىپ، بىرزات ھەكىمگە تۆھمەت قىلىسىڭىز، ياخشى ئىش قىلدىم دەپ گوناھقا مۇپتىلا بولۇسىز، كەڭ تورداشلارمۇ سىزدىن نازارازى بولىدۇ. شوڭا قىلغان گەپلىڭىزنى سەگەكلىك ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقسىڭىز ۋە تورداشلارنىڭ پىكىرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مولاھىزە قىلسىڭىز، بايانلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن توتورۇقسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر سىز بىلىملىك ئادەم بولسىڭىز بىرزات ھەكىمدىن ۋە تورداشلاردىنمۇ ئەپۇ سورىشىڭىز مۇمكىن. گىپىم ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىڭ. سىزگە سالامەتلىك ۋە خوشاللىق تىلەيمەن.

92.يەكەندىن ئىلان-بىزەكچىلىك كەسپىدىكى تورداش مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار: بۇ يەردە شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى بىرزات ئەپەندىم مەسلىھەتنى پۇلغا ئەمەس بىكارغا بىرىۋاتىدۇ. تور بەت ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىشى ئەمەس بەلكى خالىسانە ئىشى. توخۇ يەيدىغان ئىتنىڭ چىشىنى تۆكۈۋەتسىمۇ توخۇ يەيدۇ دەپ بۇ يەردە ئۇنداق جىنسىيەت توغرىلىق مەسلىھەت بەرمىگەندىمۇ نۇرغۇن ياشىلىرىمىز توردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرەتتى . ھەتتا بەزىلەر پىلاستىنكا سېتىش ئورۇنلىرىدىن شۇنداق پىلاستىنكىلارنى سىتىۋىلىپ كۆرىدىكەن. 80خالتا تور بىتىدە ھەممە سۇئال سورىغۇچىنىڭ سەۋىيسى ئوخشاش بولمىغاچقا يىپىۋاراق دىسىمۇ بولىدىغان گەپلەرنى ئېچىپ دەپ قويۇپتۇ. بىراق بىرزات ئەپەندىم شۇنداق ئەدەپ بىلەن جاۋاپ بىرىۋاتىدىغۇ؟ ناۋادا ئوقۇتقۇچى تورداش دىگەندەك قىلىدىغان بولسا بىرزات ئەپەندىمنىڭ ئىشى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتمەمدۇ؟ نۇرغۇن بىمارلار ئۆز كېسىلىگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى كۆرگەندىن كىيىن سۇئال سوراپ يۈرمەيدۇ دە بىرزات ئەپەندىمگە بولغان بېسىممۇ سەل ئازلايدۇ. چۈنكى بۇ توربەتنى بىر سوفىيە خانىم بىلەن بىرزات ئەپەندىملا شۇنداق يۈرۈشتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئاسانمۇ؟ ناۋادا يەنىمۇ مۇكەممەلراق قىلىپ چىقماقچى بولسىڭىز ھەم شۇنداق ئويىڭىز بولسا بىرزات ئەپەندىمگە ياردەملىشىپ تىما تەستىقلىشىپ بىرىڭ! ھەم شۇنداق مەزمۇندىكى تىمىلارنى ئۆزىڭىز ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك بىر تەرەپ قىلىڭ. ھېلىمۇ بىرزات ئەپەندىم شۇنداق سەۋېرچانلىق بىلەن مەسلىھەت بىرىۋاتىدۇ. بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يازغان پىكىر، سورىغان سۇئاللىرىنى سىزدىن سورايدىغان بولسا سىز ئۇنداقلارنى يۈزتۇرانە تىللاشتىن يانمايسىز. ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەلمەيمىز- يۇ يەنە باشقىلارغا تەلەپنى يۇقىرى قويىۋىرىمىز. دۇنيادا ھەر قايسى جەھەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىدەك ئادەم بارمۇ؟ ناۋادا بار دىيىلسە ئۇ ماشىنا ئادەم بولىشى مومكىن . ئۆزىنىڭ شەخسىى ھىسسىياتى بويىچە ئىش كۆرەلمىگەندىكىن. بىرزات ئەپەندىمنىمۇ ئايايلى تورداشلار. قوللىماي قۇسۇر چىقىرىدىغان تورداشلار بولسا كىرمىسىڭىز ھىچكىم سىزنى يوقلىما قىلمايدۇ. ئاۋال ئۆزىڭىز بىرزات ئەپەندىم قىلغان ئىشنىڭ 100دىن بىرىنى قىلىپ بىقىپ، ئاندىن قۇسۇر ئىزدەڭ. ...بولدىلا ئاچچىقىمدا تىللاپ سالماي يەنە.

93.قەشقەردىن 22 ياشلىق دوختۇر تورداش سادانىڭ ئىنكاسى:
گۇماندىن ئىمان قاچىدۇ دەيدىغان گەپ بار.گۇمان قىلغۇچىلار قىلىۋەرسۇن.مەن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى سەل چەكتىن ئىشىپ كەتتى دىسەم ھەممىلا ئادەمنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرامدىمەنكى دىسەم ئەقلى ھۇشى جايىدا تەپككۇر بىلەن ئەقلىنى .سەزگۈسىنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان كىشىللەرمۇ باركەن ئەمەسمۇ،ئاللاھقا شۈكرى.قەشقەردىن ئورگان خىزمەچىسى()مەن سىلىگە بۇ بىكەتكە جىدەل چىقارغىلى ئەمەس بىكەتتىكى نازۈك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز پىكىرىمنى بايان قىلغىلى كەلگەن.بىراق ئۆزلىرى قائىدە ئۇقمايدىغان بىزەڭ تىگى پەس ئادەم ئوخشايلا.بىرزات ھەكىمنى كۆرەلمەيدىغانغا ھەددىم يوق.بىر زات ھەكىم بىلەن ھەسەتخورلۇق قىلىدىغانغا ئۇنىڭ بىلەن قۇرداشمۇ ئەمەسمەن.يىغىپ كەلسەم ئوشۇق گەپ ئىشەككە يۈك.
ئۈرۈمچىدىن ئوقۇتقۇچى ئەلىگە: راس دەيسىز.تىزىملىتىپ كىرىدىغان قىلىش تەكلىپىنى مەنمۇ بىرەي دىگەن،لىكىن بىزنىڭ قىرىنداشلانىڭ ياغدۇرىۋەتكەن گەپلىرىگە قاراپ بەرمىگنىدىم.بۇلارنىڭ نەزىرىچە سىيگۈسى كەلسە ھاجەتخانا تىپىلمىغاندا چوڭ يولنىڭ بويىدىلا تاھارەت قىلسىمۇ بولىدىكەن.(بۇنداق ئىشلارغۇ كەڭرىچىلىك.).
قەشقەردىن تىجارەتچى ئۆمەرگە:دۇرۇس ئىيتتىلا،ئەمما مەيلى گەپ سۆز بولسۇن مەيلى يۈرۈش تۇرۇشتا بولسۇن دىققەت قىلمىسىاق ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن بولغان پەرقىمىز كىچىكلەپ كىتىدۇ،مەيلى دىھقان،ھۈنەرۋەن كاسىپلار بولسۇن ھەممىسىلا ئوخشاش.
سەفىيە خانىمغا:
ئىيتقانلىرى ئورۇنلۇق لىكىن ئامال بار قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە بولسۇنمىكىن ،بۇنداق بولىشى ھەممىلا ئادەمگە ياخشى.ئۆزىدە گۇمانى بار كىشىلەرگە شۇلار ئۆزى كۆرەلەيدىغان قىلىپ جاۋاپ قايتۇرساق.....
بىر زات ھەكىمگە تەكلىپىم:
بەزى پىكىرلىرىم كۆڭۈللىرىنى رەنجتكەن بولسا ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورايمەن.مىنى كەچۈرسىلە.
ئۆزلىرى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرى ،ئەل ئارىسىدا ،ئاغىنە بۇرادەرلەر ئارىسىدا يۈ ئابرويغا ئىگە ئادەم. قىسمەن كىشىلەرنىڭ تىتىقسىز پاراڭلىرىغا تور بىكەت يۈزىدە ئاشكارا مەسلىھەت بەرسىلە بىر قىسىم ياشلارغا ئويۇن بولۇپ بىرىدۇ،بىر قىسىم ئۆسمۈر بالىلاردا بۆلەكچە ھىس تۇيغۇلارنى توغدۇرۇپ قويىدۇ،مۇشۇنداق كىتىۋەرسە تەسىرى ياخشى بولماسمىكىن دەيمەن.بۇ پەقەت شەخسىي كۆز قارىشىم.
80خالتا تىبابەت تورى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە ماقالە ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن.ماڭا بۇ بىكەت يارىمىدى دىگەن گەپنى دەپ باقمىدىم. لىكىن قىسمەن تورداشلار خاتا چۈشىنىۋالدىمۇ ياكى ئويۇن قويۇۋاتامدۇ بۇنى بىلمىدىم ئىزچىل ئىچى تار،ھەسەتخور،كۆرەلمەس دەپ قاراپ كىلىۋاتىدۇ.بەزىلەر تىخى چالا ساۋات دوختۇر دەپمۇ بىقىپتۇ.مىنىڭ ساۋادىمنى چىقارغان يەردە سىلە **** قىلغىلى بارمىغاندىكىن بۇنداق گەپلەرنى قىلمىسىلا.بۇ جىدەل قىلىش ئەمەس بەلكى تىببىي مەسلىھەت بىرىش تورى.

94.قاراقاشتىن دىھقان مەمەتئابلانىڭ ئىنكاسى:

مىنىڭچە كونىلاردا بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ئوگەنمەسلىك ئەيىپ دەيدىغان گىپى بار. بۇ بەتتىكى تىمىلار تۇرمۇشتا كوپ ئۇچرايدىغان ئىشلاركەن . مەنمۇ گەرچە تۇرمۇش قۇرمىغان بولساممۇ خىلى ساۋاتلىق بوپ قالدىىم. بىر زات ھەكىممۇ بىزدەك نادانلىرىمىزگە ياخشى بولسۇن دەپ بۇ تىمىلارنى چىقىرىۋاتمامدۇ ؟ شۇڭا بىزدا يول بىلگەن يولدىن ئازمايدۇ دىگەن گەپ بار . شۇڭا بىز ئوزمىزگە كىرەكلىكىنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ئىسلىۋالمايلى ھەكىممۇ بىزنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ چىقىرىۋاتقىنى يوق تورداشلار ..............
پىكىر يازماقچى بولسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!



[Birzat بۇنى 2011-09-28 05:01 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 20 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماozbek[2013-04-15 01:55 PM | del]
بۇ توربەتنىڭ قۇرۇلغىنى بەك ياخشى ئىش بولدې ،مەنمۇ بەك ياقتۇرمەن،لىكىن بىر تەكلىپىم تېما تەستىقلىغاندا،سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە يۇقىردا دېيلگەندەك دىنى ئىتىقاد،ۋە مىللەتمىزنىڭ ئەخلاق قارشىنى ئويلاشقان ئاساستا،بەزەن بىرناچار تەسېر بىرىپ قۇيۇش ئىھتېماللىقىنىمۇ چەتكە قاقماي ،ئاشۇنداق تېما ،سۇئاللارغا مەخسۇس كوزنەك قىلىپ ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن ،تززىملاپ كىرەمدۇ ياكى باشقا ئۇسۇل بولامدۇ ،ئىش قىلىپ بۇ توربەتكە كىرگەنلام ئادەمنىڭ كوزىگە چېلىقىپ تۇرمايدېغان،شۇ سورغۇچىلار شۇ مەزمۇندا ئىزدەنگۈچىلەر ئەجىر قىىلىپراق كىرىپ كوردېغان قىلىپ قويسا
回复قايتۇرماUy53[2013-04-10 05:36 PM | del]
سىزگە ۋە تور بېكىتىڭىزگە ئەخمەخلەرچە باھا بەرگەن كىشىلەر بىزنىڭ تور بېتېڭىزگە بولگان كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ئاخىرىدا سىزگە سەمىمې تەكلىپ راس ئۈنۈمى ياخشى بولگان رېتسىپلەر بىلەن تەمىنلەپ تور دۇنياسىدا ئۇيفۇر تىبابىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە كوشۇشىگىزنى ئۈمۈد كىلىمىز!!!!!
回复قايتۇرماakdil[2012-01-31 06:59 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ سەكسەن خالتا بىلۇگىنى قۇرغۇنىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ،تىلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيغان بۇلسىڭىز
回复قايتۇرماboys[2011-09-25 10:19 PM | del]
مەنمۇ بۇ تور بەتنى چىن قەلبىمدىن قوللايمەن، "بىرزات" ئەپەندىگە سالامەتلك، ئشلىرىغا ئۇتۇق تېلەيمەن!
回复قايتۇرماتاھىر[2011-09-25 00:51 AM | del]
مىنىڭچە 80خالتا بىلوگى ناھايىتى ياخشى باشقۇرۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ،قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئەزالار سورىغان سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان باشقىلار كۆرەلمەيدىغان قىلىش توغرىسىدىكى پىكرىمۇ ئورۇنسىز،چۇنكى بۇنىڭدا سۇئاللارنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ،80خالتاغا كىرگەنلەر مىنىڭچە ئاۋال ئۆزى سورايدىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابى بارمۇ يوق؟ئىزدەپ بېقىپ تېپىلمىسا ئاندىن سورىشى مۇمكىن،80خالتادا جىنسىيەت توغرىسىكى سۇئاللارنىڭ كۆپ بۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى ئاشۇ قارشى تۇرغۇچىلار بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس،باشقا كېسەللەر توغرىسىدا كىملا بولسا بىلىدىغانلاردىن تارتىنماي مەسلىھەت سورىغىلى بولۇدۇ،كىممۇ جىنسىيەت توغرىسىدا ئۇچرىغانلا ئادەمدىن مەسلىھەت سورىيالىسۇن، كېسەل بولۇپ قالغانلارمۇ دوختۇرغا بېرىشتىن نومۇس قىلىپ داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۇزىۋىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس،ھەتتا مەنمۇ ئايالىم توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دەپ ھازىرغىچە سورىمىدىم،بىزدە جىنسىيەت بىر نازۇك تىما،ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدا پەردىشەپ سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا توغرا جىنسىيەت تەربىيەسى بىرەلمەيدىغان بولغاچقا بالىلاردا جىنسى تەربىيە كەمچىل،مىنىڭچە بۇ بەزى ياشلارنىڭ ئاسان يولدىن چىقىپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى،بالىلارغا توغرا بولغان ئىتىقات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ئېلىپ بېرىشمۇ بەك مۇھىم،80خالتا بۇ جەھەتلەردە بەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ 80خالتىدىكى جىنسى بىلىملەرنى كۆرىشىنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ ،چۇنكى ئۇلار بۇيەردىن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئاتا-ئانىلارمۇ بىرەلمىگەن ساۋاتلارنى بىلىۋالسا بۇنىڭ نەرى يامان؟ئۇلار بۇلار ئارقىلىق كىيىن دۇچ كىلىدىغان جىنسىيەت مەسىلىلىرىگە يۇلققاندا توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىۋالسا ياخشى ئەمەسمۇ،مىنىڭچە بۇئارقىلىق ئۇلاربۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ بەلكى ئۆزىنى قوغداشنى بىلىۋالىدۇ،چۇنكى يامان ئىشلار كۆپىنچە بىلمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ،ئۇلار سېرىق مەزمۇنلارنى كۆرەي دىسە ئىنتېرنېتتا بۇنداق تورلار ئاز ئەمەس،ھەقىقەتەنمۇ بەزى جىنسىيەت توغرىسىدىكى سۇئاللاردا گەپ-سۆزلەر بەكلا يالىڭاچ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان،بۇنداق سۇئاللارغا قارىتا يۇقۇردىكى تورداشلار دىگەندەك سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ يېپىپراق ئىپادىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن ، ئەگەر بىر زات ئەپەندىم جاۋاپ بىرىش ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىسا ئۆچۇرۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،
مەن بۇئارقىلىق قارشى تۇرغۇچىلارنى ئەيىپلىمەيمەن،چۇنكى ھەركىمنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ،ھەرقانداق ياخشى ئىشنىڭمۇ ھەممە ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى مومكىن ئەمەس،80خالتا دىكى جىنسىيەت توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ساغلام ئەمەس دىگۇچىلەر ئەگەر مۇشۇ توغرىسىدا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلسا نەتىجىسىنى كۆرۇپ نىمە دەيدىكىن؟
回复قايتۇرماkerimi[2011-09-24 11:15 AM | del]
ئالەمدىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى -ئول ئىشنىڭ ئەڭ نۇرمال بولمىغىدۇر .
回复قايتۇرماerfan[2011-09-23 06:18 PM | del]
مەنمۇ تاھازىرغىچە <ئاجىز> دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە بويۇن قىسىپ يۈرۈپمۇ ،ئىچىمدىن تېشىمغا چىقىرالمىغاندىم..
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىمەن .بۇ جۈر ئەتنى 80خالتا ماڭا ئاتا قىلدى.
تېخىمۇ گۈللەپ ياشا 80خالتا!!! ئاللا ساڭا يار يۆلەك بولسۇن!!!
مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەر،سىلەرگە رەھمەت!!!
回复قايتۇرماirfan[2011-09-23 06:16 PM | del]
مەنمۇ بۇتوربەتنى بەك ياقتۇرىمەن،    مەنلا ئەمەس  كۆپلىگەن تورداشلار ياقتۇرىدۇ،   ياقتۇرمايدىغانلار  كىرمەڭلار سىلەرنى ھېچكىم زورلىمايدىغۇ؟    
回复قايتۇرماmuz[2011-09-20 08:24 PM | del]
دوختۇر ىلىجان ۆزى كىسەل بومىغاچ شۇندا ويلاپ قاپتۇ،بىر زات ەپەندى ،غەيرەت قىلىڭ!!!!
回复قايتۇرماmajnun[2011-09-20 11:47 AM | del]
مېنىڭچە بۇ تور بېكەتىڭ قۇرۇلغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ.بۇ تور بېكەتتە ھەقىقەتەن جىنسىيەت توغىرىسىدىكى مەزمۇنلار كۆپكەن،بىراق بۇنى ھەرگىز يامان ئىش دېيىشكە بولمايدۇ.ئەكسىچە بۇ بىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كىشلەرگە دېيشكە خىجىل بولىدىغان ئازاپلىرىمىزنى تۆكىدىغان دەردىمىزگە دەرمان بولىدىغان ياخشى شىپاخانا ھەم بىلىم ئالماشتۇرىدىغان سورۇن بوپتۇ.ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە كەلسەك ئۇلارغا نىسبەتەن قارىماققا شەرمى ھاياغا خىلاپتەك كۆرۈنسىمۇ بىراق ئۇلارغا نىسبەتەن پايدىسى بار.بىز شەرمى ھايا پەردىشەپ تۈپەيلى ياش ئۆسمۈرلىمىزگە جىنسىيەت توغرىلىق تەربىيە قىلالمايمىز.شۇڭا ئۇلاردا جىنسىيەتكە نىسبەتەن تەربىيە ئاڭ سەۋىيە يەنىلا تۆۋەن،شۇڭا ئۇلاردا ئۆزدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئالامەتلەرنى بايقاش،ئۇنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىش،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تېخى يېتىلمىگەن بولىدۇ.شۇڭا جىنسىيەت توغراسىدا ياش ئۆسمۈرلەرگە مۇۋاپىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش مۇھىم.بۇ ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق،ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىيەت تەربىيىسى باشقا مىللەتلەر ئارسىدا ئاللىقاچان بىر پەنگە ئايلىنىپ بولدى.بىزدىكى مۇشۇ شەرمى ھايا ۋە پەردىشەپ سەۋەبىدىن ياش ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە قىلالمايمىز.ئەكسىچە مۇشۇ80 خالتا بىلوگىدەك بىزگە بىلىم بېرىدىغان سورۇننى تىللايمىز.مېنىڭچە بىز تىللاش ئەمەس ئەكسىچە قوللىساق بولىدۇ.نېمىشقا دېگەندە بىزدىكى جىنسىيەت تەربىيىسى ۋە تونۇش يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلى مىللتىمىز ئارىسىدا بەزىبىر جىنسىي كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ قالغىلى تۇردى.ياش ئۆسمۈرلىمىز ھاۋايى ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ مەينەت جايلاردا ئۆزىگە نىجىس كېسەللەرنى يۇقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىران ياشلىق دەۋرىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا بىز مۇشۇنداق ياخشى سورۇندىن ياخشى پايدىلىنىپ ۋە قوللاپ ياش ئۆسمۈرلەرگە توغرا تەربىيە ئېلىپ بېرىشىمىز،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىمىز لازىم.ئاخرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئەخلاقى بۇزۇلغان مىللەت زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ!قولىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن بىرزات ئەپەندىم،ھارمىغايسىز!ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
回复قايتۇرماstudent[2011-09-19 09:27 AM | del]
مەن 80خالتا تور بېكىتىنى بۈگۈن بىلگىنىمدىن ناھايىتى ئۆكۈنىمەن .چۈنكى مەن تاھازىرغىچە <ئاجىز> دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە بويۇن قىسىپ يۈرۈپمۇ ،ئىچىمدىن تېشىمغا چىقىرالمىغاندىم..
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىمەن .بۇ جۈر ئەتنى 80خالتا ماڭا ئاتا قىلدى.
تېخىمۇ گۈللەپ ياشا 80خالتا!!! ئاللا ساڭا يار يۆلەك بولسۇن!!!
مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەر،سىلەرگە رەھمەت!!!
回复قايتۇرماtorjan[2010-10-13 08:27 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەنچە جىنسى كېسەلگە ئائىت بېرىلگەن مەلۇماتلار ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتلىرى،ھەمدە داۋالاش مەسلىھەتلىرى بۇيۇنچە ناھايىتى ياخشى توربەت دېيىشكە بۇلىدۇ.
  ئەمما بەزى ھاياسىز تورداشلارنىڭ ئەرخۇتۇنلۇق ۋەيا جىنسى ئەزا توغرىسا سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىۋاستە ئىنكاس پېتى باشقىلارغا ئۇچۇق بوپ قېلىشى ئادەمنى ھېيىقتۇردىغان بىر ئىش.
  مەنچە بۇنىڭ چارىسى ئۇخىل سۇئاللار ئىنكاس ھالىتىدە سۇرالغاندا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە چىقارساق بوممىسا كېسەل كىشىنىڭ ئۈزىگە بىۋاستە جاۋاپ بېرىلسە تېخىمۇ بەلەن بۇلاتتى.گەپ بىرزات ئەپەندىمدە ئەمەس ،ئىنكاس باشقۇرۇشتا دەپ ئويلايمەن.چۈنكى بۇلارنى ئۆسمۈرلەر ئۇقۇپ قالسا زەھەرلىنىش ئېنىق.
  مەنمۇ بۈگۈن بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالدىم ئاللاھ مۇھەممەت تۇرسۇن ھېكىمدىن رازى بولغاي.
回复قايتۇرماxukur[2010-10-10 03:28 PM | del]
ھەي بۇ قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى .....بىلمىگەننى سۇراشمۇ نۇ مۇسمۇ ؟كۇنىلارنىڭ بىلمگەن ئەىيپ ئەمەس سۇ رىمىغان ئەيىپ دەيدىغان گىپى بارغۇ؛؛؛يۇزى قىلىن ئۇياتچانلار كۇرمىسىلا بۇلدىغۇ؟؟؟ئئ؟؟ئ؟ئ؟ئئ
回复قايتۇرماkuyax55[2010-10-10 02:18 AM | del]
بولدى بەس، ئەمدى يىتەر، مېنىڭچە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ جىنسىيەت جەھەتتىكى بىلىمى چولتا، ياكى بولمىسا تۇنۇشى خاتا، بەلكىم بەزى مەزمۇنلار ئۇلارنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ قويغاندۇ. چۈنكى تازنى تاز دىسە ئۆلگىسى كېلىدۇ ئەمەسما! سىز تېلۋىزور ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردە «ئەمرىكا ئەرلىرىدىن قېلىشمايسىز»، «مانچە سانتىر ئوزارتىدۇ، مانچە سانتىر توملاشتۇرىدۇ» دىگەندەك تېتىقسىز ئېلانلارنى كۆرگەن بولغىيدىڭىز، ئۇندىن باشقا خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرىپ ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ بېقىڭ 80خالتىدىكى مەزمۇنلاردىن مانچە ھەسسە ئوچۇق مەزمۇنلار ساماندەك. ئۇلارنى بىزنىڭ ئەشۇ مەسۇمەلىرىمىز كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئۇلارنى نېمە دەيمىز؟ ئۆچكىنىڭ كۈندە ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئۇچۇق قالسا ھۇيت… ھۇيت ما؟
مېنىڭ قارىشىم: مىللىتىمىز توغرا يۆنىلىشلىك جىنسىي بىلىمگە، تەشۋىقاتقا مۇھتاج. شۇنداق بولغاندىلا بىز، بىزنىڭ ياشلىرىمىز بۇ «سىرلىق ئارال»نىڭ سىرىنى بىلىۋالالايدۇ. بولمىسا چەكسىز قىزىقىش ئىچىدە بۇ ئارالغا نادانلاردە قەدەم باسىدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەرنىڭ سوئاللىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق تور بەتنىڭ سۈپىتىگە، مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مېنىڭچە، سوئالنى ۋە جاۋبىنى سورىغۇچىلا كۆرەلەيدىغان قىلىش تامامەن مۈمكىن، بىراق بۇنىڭ ھىچقانچە زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى باشقىلار سورىغاندىن بىزمۇ نەپ ئالىمىز-، ئەمەسمۇ؟
بىراق، مەيلى سوئال، مەيلى جاۋاب بولسۇن ھەممىسى باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بەت يۈزىگە چىقىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. مۇشۇنداق يوسۇندا يىگىتى بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىىشنى بىلمەيۋاتقانلارنىڭ تېتىقسىز سوئالى تور يۈزىگە يوللانمايدۇ، ئۇنداقلارغا مەنلا جاۋاب بېرىۋىتەي. ئاپىڭىزدىن سوراڭ، ئاپىڭىز قوشۇلسا بىللە بولۇۋېرىڭ.
回复قايتۇرماhasanjan[2010-06-16 10:48 PM | del]
بەزى ئادەملەرگە نىمە بۇلغاندۇ بىرزات دوختۇرنىڭ قىلغىننىڭ نەرى خاتا بىز خەق ئۇرا كولاپلا ئوتەمدۇق ھەممە ئىش ئەلى دوختۇر ئىيىتقاندەك بۇلسا دۇنيادىكى جىنسى كىسەل بۇلغانلارنىڭ ھەممىسى دوختۇر بىلەن كۇرشۇپ  بۇلالامدۇ ؟
بىرزات دۇختۇر مەن سىزگە تورداشلار نامىدىن چىن كوڭلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
回复قايتۇرماARKAM[2010-06-10 10:06 PM | del]
مەن بىرزات ئەپەندىنى قوللايمەن ئۇنىڭ بىزنىڭ سالامەتلىكمىز ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز كۈچ چىقراتقىنغا ئاپىرىن
ئوقۇيمەن ۋە ئۇنىڭ تىخمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملرنى ئۈگۈتشنى ئۈمىد قىلمەن!
回复قايتۇرمائايقىز[2010-06-09 12:53 AM | del]
ھورمەتلىك تورداشلار ، مەن يوقۇرىدا قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارنى كۆرۇپ مېنىڭمۇ ئىنكاس قالدۇرغۇم كەلدى. بۇ تور بەتنى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى دىگىلى بولمايدۇ. دوختۇر ئېلىجانمۇ بەلكىم ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندۇ. لىكىن ئۇياق بىر ئىشقا دىققەت قىلماپتۇ. باشقا مىللەتلەرنىڭ جىنسىيەت توغرىسىدا تور بېتى بولۇپلا قالماي ھەركۇنى كەچتە بېيىجىڭ ۋاقتى 11:30دىن 12گىچە بىرىلىدىغان راىئو خەۋرىگە نەزەر قۇلاق سېلىڭ  (خەنزۇچە).ئۇلار رادىئو ئارقىلىق دوختۇرلاردىن مەخسۇس مۇشۇ تىمىدا مەسلىھەت سورايدۇ. سۇرالغان سۇئاللارنى ئاڭلىسىڭىز ئىچىڭىز ئېلىشىدۇ. دوختۇرلار يەنە شۇنداق سۇئاللار بولسىمۇ ناھايىىتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ. بىراق بىزنىڭ ئويغۇرچە رادىئو قاناللىرىمىزدا بەزى كۆز كىسەللىكلىرى ، دىئابىت دىگەندەك كىسەللىكلەرگە مەسلىھەت بىرىش دوختۇرلىرى بار. مەسىلەن بىزنىڭ جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا مەن جاۋاپ بېرىمەن دەپ دوختۇرلارنى چىقتىمۇ دەيلى لىكىن ئۇچۇقتىن ئۇچۇق رادىئو ئاڭلىتىشىدا باشقىلارغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دوختۇردىن مەسلىھەت سورىيالامدۇ. ھازىر بىرزات ئەپەندىم دەل مۇشۇ بوشلۇقنى تولۇقلىدى. خەنزۇچە قابىلىيىتى ياخشى ئويغۇر ياشلىرىمىز ئۇلارنىڭ قىزىق لىنىيىلىك تېلغۇنلىرىغا تېلغۇن قىلىپ سورىيالىغان بىلەن بىزنىڭ يەنە كوپىنچە ئويغۇرلىرىمىز ئۇ شەرتنى ھازىرلىغان ئەمەس . شۇڭلاشقا مۇشۇنچىلىك بىر توربەتنىڭ ئېچىلىغىنىمۇ بىر ياخشى ئىش.
回复قايتۇرماelijan[2010-06-08 06:47 PM | del]
مەن يۇقىرقى پىكىرنىڭ 86 ـ قەۋەتتىكى تورداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن . شۇنداق بولسا ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ .ياكى ھەق ئېلىپ سوئالغا جاۋاپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ . بۇنداق قىلىشنى خالىمىسا ھەركۈنى سوئال سۇرىلىدىغان ئابۇنىتلارنىڭ سانىنى كونتىرول قىلىپ پەقەت ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇيۇڭ .جىنسىيەتكە دائىر بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلارغا پايدىلىق بۇلىشى ناتايىن ، مەسىلەن ۋاقتى ،چوڭ كىچىكلىكى ،،،، دىگەندەك بۇلار قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان قائىدىمىز بۇيىنچە يۇشۇرۇن بولسا ياخشى .
回复قايتۇرماGADAY[2010-06-08 01:57 PM | del]
مىنىڭچە ھەرگىز چەكتىن ئشىپ كەتمىدى .ساغلاملىق ھەمىمزگە مۇھىم . ئەمەلىيەتتە جىنسى كىسەلمۇ سەل قاراشقا بولمايدغان كىسەللىك .  كىسەل توغرلۇق سورىغاننىڭ ۋە جاۋاپ بەرگەنىنىڭ ھىچقانداق خاتا يىرى يوق.
回复قايتۇرماnigara[2010-06-07 04:32 PM | del]
مەنمۇ  بۇ  توربەتنى  بە ك لا يا قتۇ رىمە ن  مىنىڭچە بىزمۇ ئۆ زىمىز گە لازىملىقىنى كۆرۇپ با شقىلىرىغا ئسىلىۋا لمىساقلا بو لمىدىمۇ ئەگە ر كۆرۇشنى خا لىما يدىغا نلا ر بو لسا كۆ رمىسىلا بو لمىدىمۇ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.