قۇمغا كۆمۈلۈش ھەققىدە پايدىلىق پاراڭلار (سوغۇقچانلار مەرھەمەت!!)


    
ئىزدىنىش تورىدا بىر قىز تورداشلاردىن تۇرپانغا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلمەكچى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ جەرياندا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى كىرەكلىكى ھەققىدە يول كۆرسىتىشنى سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا تۇرپان-پىچانلىق ھەم باشقا جايلاردىن شۇ ياقلارغا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلۈپ تەجىربىلىك بولۇپ قالغان تورداشلار كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

بۇ ھەقتە تورداش تەكلىماكان10 نىڭ بايانى:
قۇمغا كۆمۈلۈپ بولغاندىن كىيىن مونچىغا چۈشمەڭ،ئۆزىڭىزنى ھەرگىز شامالغا تۇتماڭ،يېڭى ئۇزۇن مايكا كىيىپ يۈرۈڭ.
قۇمغا چۈشۈشىڭىز پۈتۈنلەي ئاياغلىشىپ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن ئاندىن مۇنچىغا چۈشۈڭ.
مەن ئۆزۈم چۈشۈپ باقمىدىم،ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە قۇمغا چۈشكەنلەر شۇنداق قىلىدۇ،ھەر كۈنى قۇمغا چۈشۈپ بۇلۇپ ھاۋا گەرچە شۇنداق ئىسسىق بولسىمۇ يېڭى ئۇزۇن مايكىلارنى كىيىۋالىدۇ،ھەرگىز موتسىكلىت ۋە ۋېلىسپىت مىنمەيدۇ،شامالداپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ،قۇمغا چۈشۈشنى توختىتىپ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن ئاۋۋال ئىسسىقلىق قىلىدىغان دورىلار بىلەن مونچىغا چۈشۈشنى باشلاپ،ئاستا-ئاستا بەدىنىنى كۆندۈرىدىكەن.

كەنجىنىڭ بايانى:
قوينىڭ پىتى(سالجا)   بىر ئاغىنەمنىڭ قۇلىقىغا كىركىتىپتىكەن،دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بېرىپتىكەنمىز،ئىلىكتىر يۇرۇتۇپ يۇرۇپ قىسىپ تارتىپ چىقىرۋالدى.. كۇمۇلۇپ ياتقاندا ئەرسەي ياكى پاختا دىگەندەك بىرنەرسىلەرنى تىقىۋېلىڭ.

تۇرپانىلق زېمىستاننىڭ بايانى:

سوغۇقلۇق نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي ھەزەر ئەيلەيسىز ،قۇمغا چۈشكەن چاغدا تەر قانچە كۆپ چىقسا شۇنچە ياخشى ،شۇڭلاشقا كۆمۈلۈش جەريانىدا ئىمكان بار قىزىق چاي ياكى قايناقسۇ ئىچىسىز ،بارغانچە بېرىپ ئىڭەك بىلەن تەڭ كۆمۈلىۋالماڭ ،بولمىسا ئىسسىق ئىچىڭىزگە ئۆتۈپ كېتىپ جېنىڭىزدىن ئايرىلىشىڭىز مۇمكىن (يىلدا بىرەر ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدۇ).پەقەت بولمىسا قۇم ساناتورىيىسىنىڭ يىتەكچى سېستىرالىرى بولىدۇ ،شۇلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە كۆمۈلسىڭىز ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ.  

بىرزاتنىڭ بايانى:
ئاساسەن يۈرەك ئۇدۇلىدىن سەك تۆۋەننى ئاساس قىلىپ كۆمۈلسە بولىدۇ. بويۇنغىچە كۆمۈلۈپ يۈرەككە ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن. قۇمغا بارغاندا ئاياغنىڭ ياخشىراقىنى كىيىپ بىرىڭ! ئىسسىقتا ئىرىپ پاشنىسى، چەمى چۈشۈپ قالىدىغان ئاياقلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ! ئىشتاننىڭ قىلىنراقىنى كىيىڭ! پۇتىڭىز قىززىپ ئولتۇرۇپ سالسىڭىز ساغرىڭىز كۆيۈپ كەتمەيدۇ.

نەچچە يىل ئاۋۋال تۇرپانغا بىرىپ ، مەن قۇمدا يالاڭ ئاياق ماڭىدىغان كىشى دەپ بىردەم مېڭىپتىكەنمە، پۇتۇم كۆيۈپ قىزىرىپ كەتتى، يەنە سەل مېڭىپ پەقەتلا چىداپ بولالماي تۇرسام پۇتۇمغا تىكەندەك بىر نېمە كىرىپ كىتىپتى، قاراپ باقاي دەپ ئولتۇرشۇمغا ...ئاللا كارامەت،،،سەكرەپ كەتتىم. قولۇم ھەم .... قۇم تېرىنى كۆيدۈرۈپ قىزارتقۇدەك شۇنچە قىززىق ئىدى. غەيرەتكە كىلىپ پۇتۇمنىڭ كۆيىشىگە قارىماي ئۇدۇلدىكى دەرەخ سايىسىگە قاراپ ئۇچقاندەك چاپتىم.  قىز باللا ئۇنداق سەكرەپ يۈرسەڭلا ئوبدان بولمايدۇ، شۇڭا ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ بارغىنىڭلار ياخشى.

تەكلىماكان10نىڭ بايانى:
كىچىك ۋاقتىمىزدا بىزمۇ شۇنداق ئوينايتتۇق،ئۇ ۋاقىتلار بىلەن ھازىرقى قۇمغا كۆمۈلۈش قانداقمۇ ئوخشىسۇن دەيسىز،ئەگەر قۇمغا چۈشۈپ بۇلۇپ بەدىنىڭىزنى ئىسسىق تۇتماي شامالداپ قالسىڭىز كېسەللېرىڭىز ساقايماقتا يوق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن تېخى.

قايسى بىر يىلى ئاپام قۇمغا چۈشكەندە،ھەر كۈنى چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن موتسىكلىت بىلەن ئەكىلىۋالغىلى باراتتىم،شامالداپ كېتىپ قاتتىق زۇكام بۇلۇپ كەتكەنتى.

قۇياش ئوغلىنىڭ بايانى:
ئەڭ ئاز دىگەندە بىر ھەپتە كۈمۈلىسىز.ئالدىن ئۆزىڭىزدە يۈرەك كېسىلى، قان ئازلىق دىگەندەك مەلوم كىسەللىكلەرنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر تۇرپان قۇم ساناتورىيىسىگە كەلسىڭىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا كۈمۈۋىتىدۇ سىزنى. پىچان مىللى تىبابەت بىلەن ئالاقىلىشىپ پىچاندىكى قۇمتاغدا قۇمغا كۆمۈلسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ. بازارغا يېقىن، ئىشىك ئالدى ئېقىن. قۇمغا كۆمۈلگەندە ئاۋال سالقىنراق جايغا كۈمۈلىسىز ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىسسىق جايغا چۈشىسىز لېكىن چۇقۇم كۈنلۈككە ئوخشاش سايە چۈشىدىغان نەرسە ئېلىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ بولمىسا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئارلىقتا يەنە باشقا يەرگە ئالمىشىپ كۆمىلىسىز تۆت بەش قىتىم كۆمۈلسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ. سوغاق ئىچىملىك ئىچمەڭ ياخشىسى قاينىتىلغان چاي ئىچىڭ، يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك سۇغا چۈشمەيسىز. بولسا لەپتوپتىن بىرسى بولسا زېرىكىپ قالمايسىز ئىزدىنىشقا كېرىپ بولمىسا ياكى م پ ئۈچ تۆت بەشلەردىن بىرسى بولغىنى ياخشى ياكى بىر يۈرۈش كىتاپ-ژۇرنال ئېلىۋىلىڭ. زادى بولمىغاندا مەندەك سەل كوت-كوتراق مۇڭداشتىن بىرەرى بولمىسا ئىككى پۇتىڭىزنى كۆمىۋىلىپ قىمىرلىماي ئۈچ-تۆت سائەت جاننى قىيناشقا سەۋر قىلىش ھەقىقەتەن ئىرادە سىنايدىغان بىر ئىش. ئاۋۋالىغا تۇرپاننى بىر چاڭ ئايلىنىۋىتىپ ئاندىن قۇلاق تېنچ قۇمغا كۆمۈلۈشنى باشلاڭ. يەنە كېلىپ تۇرپانلىقلار سەل تۈز گەپ قىلىدۇ، قوپال خەقكەن دەپ قالماڭ تىزلا ئۆزلىشىپ كېتىسىز ھەرگىز مۇساپىر بۇلۇپ قالدىم دەپ ئىچىڭىز پۇشۇپ قالمىغاي.سەپىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولغاي! ئۇيقۇلۇقتا ياخشى مەسلىھەت بېرەلمەي قالدىم. قالغىنىنى يەنە مەسلىھەتلىشىۋالارمىز ھە.

سايەنىڭ بايانى:
مېنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىممۇ قۇياش ئوغلى بىلەن ئوخشاش. '

ئەڭ ئالدى بىلەن سىز تۇرپانغا كەلمەي تۇرۇپ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مىللى تىبابەتكە كىرىپ تۇمۇرىڭىزنى تۇتتۇرۇپ بېقىڭ. سىزنىڭ يۈرەك ، قان بېسىملىرىڭىز قۇمغا كۆمۈلۈشكە مۇۋاپىق كىلەمدۇ يوق.
نەچچە يىل ئىلگىرى بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئالتايدىن كەلگەن بىر قازاق ئاغىنىسى تۇرپان قۇم ساناتورىيىسىدە قۇمغا كۆمۈلىمەن دەپ مەيدىسىگىچە كىرىۋاپتىكەن نەچچە مىنۇتتىلا جېنى چىقىپ كەتكەنىدى. كېيىن ئاڭلىسام دوختۇرلار ئۇنىماپتىكەن ئۇنىڭ قۇمغا چۈشىشىنى ، ئۆزى چۈشىمەن دەپ تۇرىۋېلىپ بىر شەخسىنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپلا قۇمغا كىرىپتىكەن.
شۇڭا قۇمغا كىملا چۈشسە بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر دوختۇرلار سىزگە قۇمغا چۈشىشىڭىزنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسىمۇ يەنىلا تۇرپاننىڭ قۇمىنى شىپا تارتىپ بارماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى سايە تاشلاپراق تۇرىدىغان يەرلىرىدە ئاۋال بىرەر كۈن مېڭىپ بېرىڭ.
تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بەك كۆپ ئېلىۋالماڭ. تۇرپان قۇم ساناتورىيىسىدە بازار بار. ئۇ يەردىن شەخىسلەرنىڭ ئىجارە ئۆيلىرى كۆپ سىز ناھايىتى بولسا بىر كارىۋاتنىلا ئىجارىگە ئالىسىز ھەقىچان، باشقا خەقلەرمۇ ھويلىدا ياتىدۇ. خۇددى 90 -يىللاردىكى ھويلا ياتاقلىرىدەك . تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى شۇ يەردىن ئېلىپ، قايتىپ كەلگۈچە تاشلىۋېتىپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۆپ نەرسە كۆتۇرۇپ جاپا تارتماڭ .
تۇرپانغا چۈشمەكچى بولسىڭىز يولۇچىلا قاتناش بېكىتىدىن چۈشۈپلا كىرا ماشىنىسى ئارقىلىق " قۇم ساناتورىيىسى (沙疗所) دىسىڭىزلا " ئاپىرىپ قويىدۇ. مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرا ماشىنىسىغا چۈشۈڭ، تاپماقمۇ ئاسان ھەم شوپۇرغا دىىسىڭىز سىزگە ئىشەنچىلىك ياتاق تېپىپ بېرەلەيدۇ، ئاندىن ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى خاتىرىلىۋلسىڭىز، دەم ئېلىپ تۇرپان شەھەر ئىچىگە كىرمەكچى بولسىڭىز ئالغىلى كىلىدۇ دىگەندەك. پۇل تاپىدىغان بۇنداق مۇلازىمەتلەردە بىزنىڭ تۇرپان شوپۇرلىرى تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان ھەم قىزغىن.
ئەگەر پىچان كەلمەكچى بولسىڭىز، سىز تۇرىۋاتقان جايدا ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز بىۋاستە لۈكچۈنگە قاتنايدىغان ئابتۇبۇسقا چۈشۈپ بارسڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئاۋال پىچانغا كىلىپ ئاندىن يەنە لۈكچۈن قۇم ساناتورىيىسىگە بارىمەن دىسىڭىز 45 كىلومېتر يولنى ئارتۇق باسىسىز. ئۇ يەرگە بارغاندىكى ئىشلارمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا كەلسەك چوقۇم ئاۋال دوختۇرغا بىر كۆرىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىراق تەكشۈرتۈپ بېقىڭ . قىيىنچىلىقلار بولسا بىزلەر بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز سىزگە يول كۆرسىتىمىز . پىچان بازارلىرىغا كىرىپ قالسڭىز قۇمباغ ساياھەت ئورنىغا كىرىشنى ئۇنۇتماڭ .
بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ. تونۇشلار ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىپ بېرىمىز . ياكى ياخشى مەسلىھەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىمىز قىسقىسى ئۆزىڭىزنى مۇساپىر دەپ قارىماي كونا يۇرتىڭىزغا كەلگەندەك كېلىۋېرىڭ. يۇرتىمىز تۇرپان - پىچان سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ .




[Birzat بۇنى 2011-08-01 09:50 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قۇم كۆمۈلۈش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 8 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماзима[2011-08-01 02:49 PM | del]
بەندەننى سوغۇق ئېلىپ كېتشتىن بولغان دىئابىت  كېسىلىگىمۇ ،مۇشۇ  قۇمغا چۈشسە مەنپەئەت قىلامدۇ ؟  مېنىڭمۇ بېرىپ  كەلگىم كېلىۋاتىدۇ .
回复قايتۇرماalma530[2011-05-17 04:10 PM | del]
بۇ تۇز كاڭنىڭ ئۇنۇملۇك مۇددىتى قانچىلىك؟
回复قايتۇرماsakankur[2011-05-14 09:02 PM | del]
مېنىڭ ئاكامدەك كۆردىغان بىر خىزمەتدىشىم بار ئىدى. ئىككى يىلدىن بىرى  ھاراقكەشلا بولۋالدى. نەسىھەت ۋە باشقا ئاماللار زېنھار كار قىلمىدى.  مۇشۇ سەۋەپلىك خېزمەت ۋە ئا ئىلە تۇرمۇشىمۇ پەقەت ياخشى ئەمەس. ئۆزىنىڭ ئىرادىسىمۇ بەك بوش. ھاراق دېگەن نىجىسقا خۇمار بولۇپ قاپتۇ، بىر كۈن ئىچمىسە بېشى ئاغريدىكەن.بۇ ئاكامنى شۇ نىجېستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟
回复قايتۇرماyasinjan,[2011-05-11 03:26 PM | del]
arlardikiki'uruk.ajizlik.puqak.kisiliga,yahxi.dora,barmidu,birzat.apandim
回复قايتۇرماmihman[2010-06-23 09:12 PM | del]
قۇمغا كۆمۈلگەندە يۈرىكىدە مەسىلە بارلار قاتتىق دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ
شۇ جەھىتتىن ئەنسىرەيدىغانلار بولسا ئاۋۋال پۇتىنى بىلىگىچە كۆمۈپ بېقىپ ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا ئۈستى بەدەننى كۆمۈش كىرەك ،بىراقلا تولۇق كۆمۈلۈشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىش كىرەك.
回复قايتۇرماsabiha[2010-05-31 11:40 PM | del]
ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن ،مەنمۇ يازدا قۇمغا كومۇلىشنى ئويلاۋاتاتتىم ،رەخمەت سىلەرگە  .
回复قايتۇرماzinnura[2009-07-28 01:55 AM | del]
مىنىڭ سىڭلىمنىڭ قۇلىقىغىمۇ ۋە مىنىڭ قۇلىقىمغىمۇ سالجا كىرىپ كەتكەن بىر قېتىم،سالجا كىرىپ كەتكىننى ئۇقماي قۇلىغىم قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ دىسەم ئانام قۇشۇقتا ئازراق قوي يېغىنى قىزىتىپ قۇلىقىمغا شۇنداق تېمىتىشىغا سالجا چىقىققانتى شۇنداق قورقۇپ كەتكەن يۇقۇردىكى ئىنكاسنى ئۇقۇپ بېشىمدىن ئۆتكەننى يېزىپ قويدۇم.
回复قايتۇرمائۈمۈدۋار[2009-07-01 12:18 AM | del]
ئۇزۇن يىل شەھەر مۇھىتىدا بەدىنىنى سوغ ئېلىپ كەتكەن، كۈندە مۇزلاتقۇ يېمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلىپ، مۇزلاتقۇ، شامالداتقۇ، سىرتقا چىقسا ئېسل تۇرمۇش ماشىنلىرىنىڭ ئاغرىيدىغان بىمارلار پىچان شەھەر جەنۇبىي ئەتراپىغا جايلاشقان قۇمتاغ باغچىسدا بۇ خىل تەن كېسەللىكلىرىگە تەبئىي شىپا تاپىدۇ.
  قۇمغا كۈمۈلگەندە  بەدەنگە چاپلاشقان قۇم قانچە كۆپ بولسا، قۇم شۇ ئادەمگە شۇنچە مەنپەئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ( ئادەتتە خەلق ئارىسىدا شۇنداق قارىلىدۇ).
قۇمغا كۈمۈلۈش جەريانىدا بەدەندىن كۆپ مىقداردا تەر چىقىدىغان بولغاچقا ۋاقتىدا قىزىق چاي ئىچىپ بەدەندىكى كاملىغان سۇنى تۇلۇقلاش لازىم.
پىچاندىكى قۇمتاغ باغچىسىدا بىر يىللىق قۇمغا كۈمۈلۈش كارتىسى بىجىرىلسە ئەرزان بۇلىدۇ. سىرتتىن كەلگەن ساياھاتچىلەر بىر قىتىم باغچىغا كىرسە 30 يۈەن، يىللىق كارتا بىجىرسە بۇنىڭدىن كۆپ ئەرزان بۇلىدۇ.  ئادەتتە پىچان يۇلۇچىلارنى تۇشۇش بىكىتىگە كەلگەندىن كىيىن 1-يولغا چۈشسىڭىز ئاخىرىقى بېكەت شۇ قۇمتاغ باغچىسىدا توختايدۇ. قاتناش بەك قولايلىق.

                      
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.