بالىلار بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى


1942-يىلى 6-ئايدا گىرمانىيە فاشىستلىرى جىك ردىس(捷克利迪策村)كەنتىدە 16ياشتىن يۇقۇرى ئەرلەرنى ۋە بارلىق بوۋاقلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتتى. ھەمدە بارلىق ئاياللارنى ۋە 90نەپەر ئۆسمۈرنى لاگىرغا قامىدى. كەنتتىكى ئۆي ۋە بارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. تىپ-تىنچ بىر كەنەت شۇنداق قىلىپ فاشىستلارنىڭ قانلىق ئاياق ئاستىدا نابۇت بولدى. بۇ دۇنيا ئۇرۇش تارىخدىكى بالىلار ئەڭ كۆپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بىرقېتىملىق ئۇرۇش بولدى. 1949-يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە خەلقئارا دېموكوراتىك ئاياللار ئىتتىپاقى موسكىۋادا يىغىن ئېچىپ،بىگۇنا ئۆلتۈرۈلگەن بالىلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن ھەريىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلەشنى قارار قىلدى.
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن جۇڭخۇا مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى جۇڭگۇنىڭ بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپ گومىنداڭ بەلگىلىگەن4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى بالىلار بايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمى:
سىنگاپور 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
جۇڭگۇ شاڭگاڭ4-ئاينىڭ 4-كۈنى
كورىيە5-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەنگىلىيە7-ئاينىڭ 14-كۈنى
ياپونىيە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغۇللار بايرىمى،3-ئاينىڭ 3-كۈنى قىزلار بايرىمى.
روسىيە6-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھېندونوزىيە7-ئاينىڭ 23-كۈنى



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.