سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولۇشنىڭ جەريانى قانداق بولىدۇ؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەفىيە خانىم : مەن توي قىلغىلى 5 يىل بولدى.قورسىقىمدا قالمىدى.تەكشۈرتۈپ باقسام يۇلدىشىمنىڭ ئۇرۇقى پۇچەككەن ، بۇنۇڭغا ئامال يوق ئىكەن.مەن سۇنئى ئۇرۇق سالدۇرۇشنى ئويلاپ يولدىشىمغا دېسەم ئۇمۇ ماقۇل بۇلدى.
سىزدىن سورايدىغىنىم: سۈنئى ئۇرۇقنى قانداق سالىدۇ؟ خەتىرى بارمۇ؟ ئۇرۇقنى قانداق ئۇسۇلدا تاپمەن؟
مەسلەھەت بەرگەن بۇلسىڭىز؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: سۈنئىي ئۇرۇقنى ئۇرۇق ئامبىرى قۇرغان ئورۇنلاردىن ياكى سۇنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان قارا دوختۇرخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ( چۈنكى ھۆكۈمەت خالىغان دوختۇرخانىلارنىڭ سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئىتىشىنى چەكلەيدۇ) .
ئۇرۇق ئامبىرىدىكى ئۇرۇقلار ياكى ئىسپىرما نەدىن كېلىدۇ؟ قارا دوختۇرخانىلار قانداق تەمىنلەيدۇ؟
ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسلىق ئىسپىرما مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن.
دوختۇرخانا ئۇلاردىن ئېلىنغان ئىسپىرمىنى ئىسپىرما ئامبىرىدا توڭلىتىپ ساقلايدۇ ياكى بولمىسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئايال تىنىگە بېرىشى مۇمكىن. سۇنئىي ئۇسۇلدا قانداق ئۇرۇق سالىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا كەلسەك:
خۇددىي كالا قويلارنى سۇنئى ئۇسۇلدا نەسىللەندۈرگەنگە ئوخشاش ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىنى ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزىدۇ.
سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىسپىرما سالدۇرۇپ ھامىلدار بولۇش نەچچە خىل بولىدۇ؟
ئىككى خىل بولىدۇ : 1- ئۆز يولدىشىنىڭ ئىسپىرمسىدا مەلۇم كېسەللىك بار بولۇپ نورمال ئەر- ئاياللىق ئالاقىدە پەرزەنتلىك بولۇش قىيىن بولسا ، شۇ ئەرنىڭ ئىسپىرمىسىنى سۇنئىي ئۇسۇللار بىلەن ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ ھامىلدار بولۇش .
2- ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى يوق، ياكى ھەممىسى پۈتۈنلەي  ئۆلۈك ئىسپىرما بولغان، ياكى بولمىسا غەرپ دۆلەتلىرىگە ئوخشاش توي قىلمىغان ياكى ئىرى يوق ئاياللارنىڭ ئىسپىرما ئامبىرىدا ساقلانغان ئىسپىرمىنى بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھامىلدار بولۇش،
سۇنئىي ئۇسۇلدا ئىسپىرما سالدۇرۇش دىنىمىزغا توغرا كىلەمدۇ؟
دىنىمزدا 1- خىل ئۇسۇلدا- يەنى ئۆز ئىرىنىڭ ئىسپىرمىسى بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولۇش ، ئەگەر داۋالاش ئارقىلىقمۇ پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەھۋالدا توغرا دەپ قارىلىدىكەن (بۇ جەھەتتە بىلىملىك دوسلىرىمىزنىڭ خاتا بولۇپ قالغان جايلىرى بولسا تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمىز)
2-ئۇسۇلغا نىسبەتەن : گەرچە باشقا يات ئەر كىشى بىلەن جىنسى ئالاقىدە بولمىغان بولسىمۇ ئەمما يات بىرسىنىڭ ئىسپىرمىسى بىلەن پەرزەنتلىك بولىدىغان ئىش بولغاچقا دىنىمىزدا بۇ ئىنتايىن قەبىھ، چەكلەنگەن ھارام ئىش ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن نەسەبلەر ئارىلىشىپ كىتىش، كەلگۈسىدە يېقىن ، نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئىككى ئەۋلات .ئىچىدىكى ئەۋلاتلارنىڭ توي قىلىپ قېلىش ئىھتىىمالى بولغان ئەۋلاتلار غا ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بىر خىل قىلمىش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بىلەنلا ئۇ بالىنى تۇغقان ھالەتتە بالا يولدىشىڭىزغا نىسبەتەن بىر خىل ھا قارەت بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ بالا گەرچە ئايالىدىن تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەمما يات برسىنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالا، ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بالا ، شۇڭا ھازىر قوشۇلغان بىلەن كەلگۈسىدە ئۇ بالىنى قوبۇل قىلالماسلىقى، ھەر قېتىم ئۇ بالىنى كۆرگىنىدە ئەرلىك غورۇرى ھاقارەتلەنگندەك، دەپسەندە قىلىنغاندەك ھىس قىلىپ تۇرمۇشۇڭلاردا كۆڭۈلسىزلىك تۈگىمەسلىكى مۇمكىن.
شۇڭا سىزنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ خىلدىكى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەسلىھەتىم : ئەگەر يولدىشىڭزىدا ئىسپىرما بار بولۇپ پۈچەك بولغان بولسا ئۇنى ئاپتونۇم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ داۋالىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەلكىم شۇ ئورۇندا يولدىشىڭىزنىڭ ئىسپىرمىسىنى سۈنئىي ئۇسۇللار بىلەن پەرزەنتلىك بولالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ سۈنئىي ئۇسۇلدا سىزگە سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمۇ مۇمكىن.
ئەگەر يەنە ئامال بولمىسا جەمىيەتتە بالىلىرىنى ھەر خىل سەۋەبتىن بېقىشتىن قېينىلىپ قالغانلار بولسا بېقىۋالساڭلار بولىدۇ. بەلكىم ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى سىزدەك ئوقۇتقۇچىغا بېرىش بىلەن خاتىرجەم بولۇشى مۇمكىن. ھەم بالىلىق بولىسىز، ھەم بىر كىشىنىڭ بېشىدىكى ئېغىر بىر قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغان بولۇسىز!
_______________________ سەفىيە






[سەفىيە بۇنى 2010-06-01 05:41 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئىسپىرما، ھامىلە، ئۇرۇق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 19 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsuwayba[2014-06-04 05:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!         مەن تويقىلغىلى4يىل بولاي دىدى.بىراق ھازىرغىچە ھامىلدار بولالمىدىم.2يىل بۇرۇن تەكشۈرۈش قىلغان ياخشى چىققان. يولدۇشۇممۇ تەكشۈرۈتتى ياخشى ،ئۇرۇقى 85پىرسەنت.مەن27ياش ،85كىلو كىلىمەن.
回复قايتۇرماتەبەسسۇم[2012-10-31 10:33 PM | del]
ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم مەن توى قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى. توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بالياتقۇ ئىچىكى پەردىدە مۇنچاق گۆش بار دەپ ئاپىراتسىيە قىلدۇرغان، ئاپىراتسىيە قىلىپ بەش ئايدىن كىيىن ئىككى تەرەپ تۇخۇمداندا شاكىلاتلىق ئىشىق ،بالياتقۇدا مۇسكۇل ئۆسمىسى پەيدا بولۇپ قالدى . كىيىن يەنە تەكشۇرتسەم ئوڭ تەرەپ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىىسى چاپلىشىپ قالغان، ئاستا خارەكتىرلىك داس بۇشلىقى ياللۇقى بار ئىكەن. ئۈچ يىلدىن بىرى بىرەر قېتىممۇ بۇيۇمدا قالمىدى، مىنىڭ بەك بالىلىق بولغۇم بار مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن قانداق ئۇسۇلدا داۋالانسام ئاندىن بالىلىق بولۇشقا ئۈمىد بار.
回复قايتۇرماaynurkurban[2012-07-03 06:37 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئاياللار قۇرۇش تالقىنى قانداق سېتۋالمەن ؟مەن ئاقسۇدىن ،ئاقسۇدىمۇ ۋاكالىتەن سېتىش ئۇرنى بارمۇ بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟
回复قايتۇرماmhfeng[2012-06-30 05:41 PM | del]
هأرمةتلئك سةفئية خانئم ياخشئمذ سئز ؟                                                                    
.سئزنئث بئلوگئثئزنئ بةكمذ ياقتذرذپ كأرذپ كصلئؤاتئمةن. ظذزذندئن بذيان سئز دئن مةسلئهةت سوراش نئيئتئم بار ظئدئ.مةن يصقئندا تةكشذرتذش ظارقئلئق ظئككئ تةرةپ توخذمدان هةم تذخذم توشذش نةيچئسئدة چوكئلئ ناثجذث ،خذاثتئ ناثجذث،ناثجذث قايارلئق كصسةللئكلةرنئث بارلئقئنئ بايقاپ ظوپراتسئية قئلدذرغان ظئدئم . مصنئث بةكمذ بالئلئق بولغذم بار ظئدئ يوقارقئ كصسةللئك سةؤةبئدئن بالئلئق بولالماي يذرذپتئمةن . ياخشئ مةسلئهةتئثئز بولسا مةندئن ظايئمئغايسئز هازئر مةن 40 ياشتا ، بالئلئق بذلذش مذمكئنچئلئكئم بارمذ ؟
回复قايتۇرماmifeng[2012-06-30 05:39 PM | del]
.سئزنئث بئلوگئثئزنئ بةكمذ ياقتذرذپ كأرذپ كصلئؤاتئمةن. ظذزذندئن بذيان سئز دئن مةسلئهةت سوراش نئيئتئم بار ظئدئ.مةن يصقئندا تةكشذرتذش ظارقئلئق ظئككئ تةرةپ توخذمدان هةم تذخذم توشذش نةيچئسئدة چوكئلئ ناثجذث ،خذاثتئ ناثجذث،ناثجذث قايارلئق كصسةللئكلةرنئث بارلئقئنئ بايقاپ ظوپراتسئية قئلدذرغان ظئدئم . مصنئث بةكمذ بالئلئق بولغذم بار ظئدئ يوقارقئ كصسةللئك سةؤةبئدئن بالئلئق بولالماي يذرذپتئمةن . ياخشئ مةسلئهةتئثئز بولسا مةندئن ظايئمئغايسئز هازئر مةن 40 ياشتا ، بالئلئق بذلذش مذمكئنچئلئكئم بارمذ ؟
回复قايتۇرماzibagul[2012-06-19 11:19 AM | del]
يۇقارىقى مەزمۇنلارنىڭ جاۋابنى قەيەردىن، قانداق كۇرىمىز
回复قايتۇرماxeyide[2012-03-05 07:05 PM | del]
加一下我的qq号     我需要很多人的帮助    975917539    想要帮我的女士们加一下  不好意思问  有些事事儿
回复قايتۇرماyawagul[2011-05-11 01:02 AM | del]
[[i]i]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مەن سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەن بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم ، توي قىلغىلى بىر يىل ئىككى ئاي بولدى . ئادەت كۆرۈش مەزگىلىم بەك قىسقا ھەم بەك ئاز كېلىدۇ . بەزىدە 3- 2 كۈندە ساقىيىپ كىتىمەن ھازىرغىچە ھامىلدار بولالمىدىم . دەسلەپتە بوغدا دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتكەن ئىدىم . دوختۇرلار بالىياتقۇ ئاغزىدا ئەرلىك ئۇرۇقنى ئۆلتۈرىدىغان مىكروپ بار ئىكەن داۋالانسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز دىدى ، بىر باسقۇچ داۋالانغان ئىدىم ، لىكىن ھىچقانداق ئۈنۈمى بولماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇكۇل سوغۇق كېلىپ كەتتى دەپ قايتا داۋالانماي بۇ ئايدا قىلىپ قالار ، ئۇ ئايدا قىلىپ قالار دەپ مۇشۇ كەمگە كەلگىچە سەۋىر قىلىپ كەلگەن  ئىدىم . لىكىن يەنىلا بويىمدا قالمىدى . يولدىشىم مىنىڭدىن ئاغرىنىپ نىمىشقا بويىڭدا قالمايدۇ ياكى چاتاق مەندىمۇ دەپ ئاغرىنىپ ئۇمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ئىكەن ئۇرۇقنىڭ ئەي بولۇش نىسپىتى %70 ئىكەن . دوختۇرلار سىزدە چاتاق يوق ئىكەن دەپ گەپ ئايالىڭىزدا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا سوغۇقلۇق چۈشتى . ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يولدىشىمنىڭ دىگىنى بويىچە چوڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە سول تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى پۈتۈك ، ئوڭ تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى تۇسۇلغان بولۇپ چىقتى . دوختۇر ئوڭ تەرەپ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنى ماي ماڭغۇزۇپ ئېچىپ ، سول تەرەپ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنى ئاچىمىز دىسەك ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مۇشۇ ھالەتتىمۇ ھامىلدار بولالايسىز ، لىكىن ھامىلدارلىق بولۇش نىسپىتى % 50 بولىدۇ دىدى . بىر ئاي تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەش ئىقدىدارىنى ياخشىلايدىغان ئۇكۇل ئۇردۇرۇپ كورگەن ئىدىم يەنىلا شۇ پېتى تۇرىمەن . يېقىندىن بېرى ئىچىم تولا قىزىيدىغان ، تولا سۇ ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم . مەن قانداق قىلسام ھامىلدار بولالايمەن . داۋالانسام ياخشى بولۇپ كىتەرمەنمۇ ، مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !؟؟؟[/i][/i]
回复قايتۇرماyawagul[2011-05-11 00:49 AM | del]
[[i]i]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مەن سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەن بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم ، توي قىلغىلى بىر يىل ئىككى ئاي بولدى . ئادەت كۆرۈش مەزگىلىم بەك قىسقا ھەم بەك ئاز كېلىدۇ . بەزىدە 3- 2 كۈندە ساقىيىپ كىتىمەن ھازىرغىچە ھامىلدار بولالمىدىم . دەسلەپتە بوغدا دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتكەن ئىدىم . دوختۇرلار بالىياتقۇ ئاغزىدا ئەرلىك ئۇرۇقنى ئۆلتۈرىدىغان مىكروپ بار ئىكەن داۋالانسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز دىدى ، بىر باسقۇچ داۋالانغان ئىدىم ، لىكىن ھىچقانداق ئۈنۈمى بولماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇكۇل سوغۇق كېلىپ كەتتى دەپ قايتا داۋالانماي بۇ ئايدا قىلىپ قالار ، ئۇ ئايدا قىلىپ قالار دەپ مۇشۇ كەمگە كەلگىچە سەۋىر قىلىپ كەلگەن  ئىدىم . لىكىن يەنىلا بويىمدا قالمىدى . يولدىشىم مىنىڭدىن ئاغرىنىپ نىمىشقا بويىڭدا قالمايدۇ ياكى چاتاق مەندىمۇ دەپ  ئۇمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ئىكەن ئۇرۇقنىڭ ئەي بولۇش نىسپىتى %70 ئىكەن . دوختۇرلار سىزدە چاتاق يوق ئىكەن دەپ گەپ ئايالىڭىزدا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا سوغۇقلۇق چۈشتى . ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يولدىشىمنىڭ دىگىنى بويىچە چوڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە سول تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى پۈتۈك ، ئوڭ تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى تۇسۇلغان بولۇپ چىقتى . دوختۇر ئوڭ تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسىنى ماي ماڭغۇزۇپ ئېچىپ ، سول تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسىنى ئاچىمىز دىسەك ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مۇشۇ ھالەتتىمۇ ھامىلدار بولالايسىز ، لىكىن ھامىلدارلىق بولۇش نىسپىتى % 50 بولىدۇ دىدى . بىر ئاي تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەش ئىقدىدارىنى ياخشىلايدىغان ئۇكۇل ئۇردۇرۇپ كورگەن ئىدىم يەنىلا شۇ پېتى تۇرىمەن . يېقىندىن بېرى ئىچىم تولا قىزىيدىغان ، تولا سۇ ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم . مەن قانداق قىلسام ھامىلدار بولالايمەن . داۋالانسام ياخشى بولۇپ كىتەرمەنمۇ ، مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !؟؟؟[/i][/i]
回复قايتۇرماayyultuz[2011-01-07 02:20 PM | del]
ئەسسللامۇ-ئەلەيكۇم،سەفىيە خانىم،تېچلىقمۇ؟
مەن توي قىلغىلى 3يىل بولدى، بۇرۇن بىر قېتىم بۇيۇمدەن ئاجراپ كەتكەن،شۇندىن بېرى كوپ قېتىم داۋالىنىش نەتىجىسىدە بۇيۇمدا قالغان ئوخشايدۇ .(تېخى دوختۇرغا بارغۇدەك بولمىدىم، ئاللا خالىسا بۇگۇن بارىمەن) سىناق قەغىزىدە شۇنداق چىقتى. لىكىن مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم مەن ئالدىنقى ئايدا چىشىمنى داۋالاتقان، ھەم 散列通نى بىر قانچە قېتىم ئىچكەن ئىدىم، ناۋادا راستلا ھامىلدار بولغان بولسام ئەكىس تەسىرى بۇلارمۇ؟
回复قايتۇرماdilfiza[2010-11-22 06:27 PM | del]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم .ئاللانىڭ رەھمىتى سىزلەرگە ۋە بىزلەرگە بولسۇن !
مەن ھامىلدار بولغىلى بىر ئاي دىن ئاشتى . لىكىن دوۋساك تەرىپىم كۈندە ئازراق  ئاغىرىدۇ،خۇددى كىسەل بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاغىرغاندەك  .يەنە ھازىر تاھارەت ئالسام يېرىم سائەتمۇ تۇر مايدۇ ،ئاق خۇن كۆپ..بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟
回复قايتۇرماhanix[2010-10-11 06:42 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم سەفىيە خانىم.مەن بۇ يىل 26ياش،تۇنجى بالامنى ئالدۇرۋەتكەن،ئىككىنچىسىنى تۇغدۇم.ئۆتكەن يىلى بۇيۇمدا بار چاغدا تەكشۇرتسەم يۇكۇملۇق جىنسى يول ياللۇقى،بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەش دىگەن ئىدى.دورا ئىشلىتىشكە بولمىغاشقا داۋالانمىغان،ھازىر تۇغۇپ كۇتۇرۇلدۇم.بىراق يولدۇشۇم بىلەن بىرگە بولسام پەقەت ھۇزۇرلىنىش يوق،يەنە ئاغرىش ئالامىتى بار،ھېسياتىممۇ بەك سۇس.يەنە كىلىپ ئوپراتسىيە قىلىپ تۇققان.ماڭا مۇۋاپىق دورىلارنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز،قانداق قىلسام بۇ كىسەلدىن قۇتۇلۇپ ھەۋىسىمنى يۇقىرى كۈتۈرەلەيمەن؟
回复قايتۇرماkalbinur[2010-10-02 04:37 AM | del]
ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم :
مەن توي قىلغىلى 11يىل بولدى، كۆكسۈم ئەسلىدىلا كىچىكرەك ئىدى، لېكىن ئىككىنچى بالامنى ئايرىۋەتكەندىن كىيىن تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتتى.(12ياشلىق قىزلارنىڭكىچىلىك قالدى)ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا بوشىشىپ كەتتى. جىنسى ھەۋىسىممۇ بەك ئاز، بەزىدە يولدىشىمغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئۇيغۇر تىبابىتىدە مۇۋاپىق دورا ئارقىلىق داۋالانغىلى بولارمۇ؟ (ئىقتىسادى ئەھۋالىممۇ بەك ياخشى دېگۈدەك ئەمەس) قانداق دورىلارنى ئىستىمال قىلسام بولىدۇ؟ بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز، سىزگە كۆپ رەھمەت.
回复قايتۇرماazza[2010-09-29 08:08 PM | del]
سەفىيە خانىم ياخىشىمۇسىز؟مىنڭ ئۇزۇندىن بىرى سىزدىن مەسلەھەت،سوراش نىيتىم بار ئىدى..ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مەسلەھەت بىرەرسىز...مەن توي قىلغىلى 2يىل بۇلاي دىدى،ئەمما مەن يولدىشىم بىلەن زادى بىللە بۇلۇپ باقىمىدىم ،چۈنكى مەندە جىق سەۋەپ بار،مەندە 7 ياشتىن باشلاپ قولدا لەززەتلىنش بار،مەن ھازىرغىچە تاشلىيالمىدىم،يەنە بىرى پىسخىكامدا چاتاق بار،جىنسى مۇناسىۋەتتىن بەك قۇرقىمەن،يەنە بىرى بولسامىنڭ بەك بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزگۈم بار،چۈنكى مەن يولدۇشۇمنى شۇنداق ياخشى كۇرمەن،مەن قانداق قىلاي،مەن ئىلىشىپ قالاي دىدىم،نەچچە قىتىم ئۈزۈمنى ئۆلتۈرۋالاي دىدم،ئەمما ئۇنىڭ مەندىن باشقا ھىچىنىمسى يوق.ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز دىگىنڭىزدەك قىلسام،ئەمما مەن ئانالىزىم دىگەنىنىڭ تەپسىلاتى ۋە كىسەللىك ئىكەنلكىنى ئەمدى بىلدىم ،مەن بۇ ئادەتنى نورمال ئەھۋال دەپ ئويلايتىم.......سىزنىڭ جاۋابىڭىزغا تەشنامەن...
回复قايتۇرماdolana[2010-07-16 10:45 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مەن ئۇزۇندىن بېرى سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . لىكىن كومپىيوتېر بىلمىگەنلىگىمدىن ئالاقى قىلالمىاي ، كومپىيوتېر تەربىلەش مەركىزىدە تەربىلىنىۋاتقىلى 2 ئاي بولدى . ئاران دىگەندە مۇشۇنچىلىك مەشخۇلات قىلغىدەك سەۋيەگە يېتىپ سىز بىلەن پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم . ۋاختىڭىز بولسا ماڭا بىر ياردىمىڭىزنى ئايىماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . مەن توي قىلغىلى  4 ئاي بولدى . ئېرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ خېلى ياخشى ئىدى . مەن ھەر ئايدا كېسەل بولغاندا بىر ياكى ئىككى كۇن كېسەل بولۇپ ساقىيىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىقدارىمۇ شۇنداق ئاز كېلەتتى . يېقىندىن بېرى ئاچچىق - چۈچۈك بىر نەرسىلەرنى يىگىم كېلىدىغان بولۇپ قالدى . قېينىئاناممۇ يولدىشىمغا ھامىلدار بولغانلىغىنى 6 ئايغىچە ئادەتتىكىدەك ئادەت كۆرۇپ بىلمەپتىكەن مەنمۇ  بويىمدا بار ئوخشايدۇ دەپ تەكشۈرتسەم بويىمدا يوق ئىكەن . يولدىشىم بولسا مىنى يېقىندىن بېرى سەن نۇرمالسىز ئىكەنسەن ، نىمىشقا بويىڭدا قالمايدۇ دەپ ئارانلا قىلسا شۇ گەپنى تەگەيدىغان بولۇپ قالدى . مەن يولدىشىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادامنىڭ نەۋرىلىك بولۇش ئارزۇسى بىلەن يولدىشىمنىڭ بالىلىق بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ ھازىر تىزراق بويۇمدا قالسا بولاتتى دەپ تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم .مەن كېسەل بولۇپ ساقايغان ۋاقىتتىن 10 كۈن ئۆتكۈزۈپ يولدىشىم بىلەن بىرگە بولۇپ باقتىم يەنىلا بويۇمدا قالمىدى . ياكى مەن راستىنلا نۇرمالسىزمۇ ؟ مەنمۇ بالىلىق بولالارمەنمۇ ؟ مۇشۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !!!؟؟؟
[face08]
回复قايتۇرماdolana[2010-07-13 09:27 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مەن ئۇزۇندىن بېرى سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . لىكىن كومپىيوتېر بىلمىگەنلىگىمدىن ئالاقى قىلالمىاي ، كومپىيوتېر تەربىلەش مەركىزىدە تەربىلىنىۋاتقىلى 2 ئاي بولدى . ئاران دىگەندە مۇشۇنچىلىك مەشخۇلات قىلغىدەك سەۋيەگە يېتىپ سىز بىلەن پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم . ۋاختىڭىز بولسا ماڭا بىر ياردىمىڭىزنى ئايىماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . مەن توي قىلغىلى 3 ئاي بولدى . ئېرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ خېلى ياخشى ئىدى . مەن ھەر ئايدا كېسەل بولغاندا بىر ياكى ئىككى كۇن كېسەل بولۇپ ساقىيىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىقدارىمۇ شۇنداق ئاز كېلەتتى . يولدىشىم بولسا مىنى يېقىندىن بېرى سەن نۇرمالسىز ئىكەنسەن ، نىمىشقا بويىڭدا قالمايدۇ دەپ ئارانلا قىلسا شۇ گەپنى تەگەيدىغان بولۇپ قالدى . مەن يولدىشىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام بىلەن يولدىشىمنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ ھازىر تىزراق بويۇمدا قالسا بولاتتى دەپ تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم . مەن راستىنلا نۇرمالسىزمۇ ؟ مەنمۇ بالىلىق بولالارمەنمۇ ؟ مۇشۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !!!؟؟؟
回复قايتۇرماسەفىيە[2010-06-16 05:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
   ئادەتتە ئاياللار ھامىلدار ۋاقىتتا بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەيپىياتى تۇراقسىز، ئاسان خاپا بولىدىغان، چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ ھالىغا يېتىشى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنىشى كىرەك ، ھەرگىزمۇ ئايالى بىلەن تەڭ سېزىك تارتىپ ئۇششاق ئىشلاردا تالاش _ تارتىش قىلماسلىقى لازىم . سىزنىڭ يۇقارقىدەك روھى ھالىتىڭىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
  مېنىڭچە يېنىكلىك بىلەن بالىنى ئالدۇرۇۋىتىشكە قارار بەرمەڭ، بەلكىم شۇ بالا سەۋەبلىك تۇرمۇشۇڭلارغا يېڭى مەنە قوشۇلۇپ ، ياخشىلىشىپ كىتىشىڭلار مۇمكىن. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى قەيەردە؟ چىقىشالماسلىقتىكى مۇھىم ئامىل قايسى ئىككىلىڭلار ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ، تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭ. ئاللاھ خالىسا ياخشى بولۇپ كىتەر.
يۇقارقىدەك ئەھۋالدا، بۇ بالىنىڭ ساغلام تۇغۇلۇش ياكى تۇغۇلماسلىقى، چۈشۈرۈۋەتكەندىن كىيىن يەنە ھامىلدار بولالاش ياكى بولالماسلىقنى  كېسىپ مۇنچە پىرسەنت دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا تەۋسىيەرىم: يېنىكلىك بىلەن ئىش قىلماڭ، بەلكىم ئاللاھ سىلەرگە ئوماق تاتلىق پەرزەنت ئاتا قىلىپ تۇرمۇشۇڭلارنى ياخشى قىلىۋەتكۈسى!
  ______________ سەفىيە
回复قايتۇرماqalikux[2010-06-15 12:44 AM | del]
ھۆرمەتلىك سەۋىيە خانىم
مەن توي قىلغىلى 2يىل بولاي دىدى. يىقىندىن بىرى يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولماي، ئاجىراشماقچى بولغاندا، ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم. بۈگۈن 45كۈن بولدى. مەن يولدىشىم بىلەن ئالى مەكتەپتە تونۇشۇپ، ئارىلىشپ توي قىلغان. شۇڭا بۇرۇنلا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ توي قىلغىچە بىرنەچچە بالىنى ئالدۇرغان ئىدىم. 6 ئاي ئىلگىرى بىر بالام قورساقتا ئۆلۈپ قىلىپ ئالدۇرغان 52كۈن بولغاندا. بەلكىم بۇرۇنقى ئالدۇرغانلارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك.
بۇ قىتىم بۇ بالىنى بەكمۇ تۇغۇش ئويۇم بار ئىدى، لىكىن يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يەنىلا ياخشى ئەمەس، ئالدۇرىۋىتەي دىسەم بىرىنجىدىن خۇدادىن، ئىككىنجىدىن تۇغماس بولۇپ قىلىشىمدىن قورقىۋاتىمەن. ھامىلدار بولغانلىقىمنى ئاڭلىدىغان كۈندىن بىرى كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس. ئاخشام ئازراق خۇن كىلىپ قاپتۇ، بۇ خۇننىڭ كىلىشى  كەيپىياتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىمدىنمۇ ياكى بۇ بالىدىمۇ مەسىلە بارمۇ؟
回复قايتۇرماbahitsiz[2010-06-14 07:43 PM | del]
ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم
مەن توي قىلغىلى 2يىل بولدى، مۇشۇ بىر نەچچە ئايدىن بىرى يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولماي ئاجىرىشىدىغان بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم. بۈگۈن 44كۈن بولدى. 6ئاي بۇرۇن ھامىلدار بولغاندا، قورساقتا ئۆلۈپ قىلىپ 52كۈندە ئالدۇرغان ئىدىم. بۇ قىتىم ھامىلداردار بولغانلىقىمدىن پەقەت خوش بولمىدىم. ئالدۇرىۋىتەي دىسەم بۇندىن كىيىن بالىلىق بولالماي قىلىشىمدىن قورقىۋاتىمەن. شۇڭا يولدىشىم بىلەن مۇشۇ بالا ئۈچۈنلا ئۆي تۇتماقچى بولىۋاتىمىز. لىكىن مىنىڭ روھى كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس، مۇشۇنداق ئەھۋالنى بۇ بالىنى تۇغسام بالا ساغلام بولارمۇ؟
تۇنجىسى ئۆلۈپ قالسا، ئىككىنجىسىنى ئالدۇرىۋەتسە ، يەنە كېيىن بالىلىق بولۇش نىسبىتى قانچىلىك؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.