پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەر-ئاياللار سەمىگە:


توي قىلىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن بۈيۈك نىمەتلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ھىساپ بېرىدىغان چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.نىكاھ باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن ئەر_ ئايال ئۆزلىرىگە سالىھ ، ياخشى پەرزەنت تەلەپ قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش مەزگىلى:
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئاياللارنىڭ 25ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ھامىلدار بولۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن ھەر قايسى جەھەتتە يېتىلگەن بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى پىشىپ يىتىلگەن ۋاقىت.ھامىلدارلىق يېشى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا ھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىش ، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىش، تۇغۇت قىيىن بولۇش قاتارلىقلار نىڭ نىسبىتى يۇقىرلايدۇ.
ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش پەسلى:
7-ئاينىڭ ئاخىرى ، 8-9- ئايلار ھامىلدار بولۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىل ھىساپلىنىدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىل تومۇز ئىسسىق ئاياغلىشىپ ، ھاۋا سالقىنلاشقا باشلىغان، خىلمۇ- خىل مىۋە چىۋىلەر پىشقان مەزگىل، مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولسا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە بەكمۇ مۇۋاپىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇت ۋاختىمۇ كىلەر يىلى ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ، يازنىڭ باشلىرىغا توغرا كىلىدۇ . شۇڭا مۇشۇ پەسىل مۇۋاپىق پەسىل ھىساپلىنىدۇ.
ھامىلدار بولۇش پەيتىنى ئىگەللەش:
تۇخۇمدان ئادەتتە ھەيزنىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۇخۇم ئىشلەشكە باشلاپ تەخمىنەن 14-15- كۈنلىرى(ھەيز دەۋرىنى 28 كۈن بويىچە ھېساپلىغاندا)تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.تۇخۇم ئاجرىلىپ چىقىپ 24 سائەت ياشىيالايدۇ، شۇڭا مۇشۇ پەيتنى توغرا ئىگەللىگەندە ئاسانراق ھامىلدار بولغىلى بولىدۇ.(ئەگەر ھەيز دەۋرى 28 كۇندىن ئۇزۇن ياكى قىسقا بولغاندا مۇۋاپىق ھالدا كەينىگە سۈرۈش ياكى ئالدىغا سۈرسە بولىدۇ).ئەگەر ئەر ئايال ئىككەيلەن مۇشۇ پەيتنى توغرا ئىگەللىگەندە بەزىدە ھاملدارلىقتىن ساقلانغىىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا ھەيز نىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھىساپلاپ تەخمىنەن 13-، 15- ، 17- كۈنلىرىئەر ئايال بىللە بولغاندا ھامىلدار بولۇشلىرى مۇمكىن.

شۇنداقلا ھەيزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇ كۈنلەردە بىللە بولماسلىق بىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولۇشمۇ مۇمكىن.

ئەمما پەرزەنتلىك بولۇش ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغان ئىش بولۇپ، ئەر ئايال مۇشۇ كۈنلەردە بىللە بولغاندىن سىرت ئاللاھتىن ياخشى پەرزەنت تىلەپ كۆپلەپ دۇئا قىلىشلىرى زۆرۈر.سەۋەبلىرىنى تولۇق قىلىش بىلەن بىللە دۇئانى ياخشى قىلىش كىرەك.

ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
تۇرمۇش ئادىتى ،كەيپيىيات قاتارلىقلارنى تەڭشەش، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كىرەك ، يەنى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش، نەشە -تاماكا چېكىش ، بەك كەچ يېتىپ ۋاخچە ئورنىدىن تۇرۇش، تۇرمۇش رېتىمى بەك جىددى بولۇش، تۇرمۇش بېسىمى، خىزمەت بېسىمى بەك ئېغىر بولۇش ،بىر ئىشلار ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇش ، جىدەل ماجرا قاتارلىقلار ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ ، ھامىلدار بولالماسلىق ، ياكى ھامىلدار بولسىمۇ ئاسان بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، بەدەدندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. كۆپلىگەن كىشىلەر ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كىرەكلىكىنى بىلسىمۇ ، ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋالقى ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا سەل قارايدۇ.ھامىلدار بولۇشتىن بەدەندە ئوزۇقلۇق ماددىلار يىتەرلىك بولسا كىيىنكى ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق.
1- يىتەرلىك مىقداردا كالتىسى تولۇقلاپ تۇرۇش كىرەك. ھەسەل، قىزىل گۈلقەنت، پىننە گۈلقەنت، سۈت ، تۇخۇم سېرىقى ،پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدە كالتىسى مول بولۇپ كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ، بولۇپمۇ سۈت ، ھەسەل ئىچىشنى ئىزچىل داۋام قىلىش كىرەك.
2- يېڭى مىۋە چىۋە ،سەي كۆكتات تەركىۋىدە ھەرخىل ۋىتامىن، سىللوزا قاتارلىقلار بولۇپ، بەدەندە بۇ خىل ماددىلار كەم بولۇپ قالسا ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ ئاسان تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ ، بەزى ۋىتامىنلار(مەسىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىنA،ۋىتامىن E قاتارلىقلار ) كەم بولسا غەيرى ھامىلە ، تۇغما دۆتلۇك، ئەزالىرى كەمتۇك ھامىلە بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭا ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال يېڭى مىۋە- چىۋە ، سەي-كۆ كتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
3-تۆمۈر ، سېنىك قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرۇش كىرەك. بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولسا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان ئازلىقنى ئاسان تولۇقلىغىلى بولمايدۇ،سېنىك كەمچىل بولسا تۇغۇلغان بالا تاماق يىمەيدىغان،تاماق تاللايدىغان ، پاكار بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال تەركىۋىدە تۆمۈر سىنىك مول بولغان يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بېرىش كىرك. مەسىلەن ھەسەل، جىگەر ، بېلىق ، توخۇ گۆشى ، تۇخۇم سېرىقى، كەرەپشە، ئاپلىسىن، موگۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىۋىدە تۆمۈر سىنىك مىقدارى مول ، مۇشۇ يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ئەر ئايال ھەر ئىككى تەرەپ بولۇپمۇ ئايال كىشى ھەرخىل مىۋە -چىۋە كونسىرۋاسى، كالباسا ، چىلىغان سەي قاتارلىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىشى، ئىلاج بار قايناقسۇ ئىچىشى ،قېنىق چاي، قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك.
مىۋە -چىۋە ، سەي كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلغاندا پاكىزە يۇيۇش، تەركىۋىدىكى دىھقانچىلىق دورىلىرىنى تولۇق، پاكىزە يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كىرەك.
ھەر خىل زىيانلىق خېمىيىلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش ، رادىئاكتىپ نۇرلار ، رادىئاتسىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشماسلىقى كىرەك. مەسىلەن: رېنتېگىن نۇرى، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق ماددىلار بار مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، بېزەش ، سىرلاش ماتىرىياللىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش ، دىھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىقلار ئەر ئايال ئىككىلا تەرەپكە بەكمۇ زىيانلىق بولۇپ ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال مۇشۇ خىل زىيانلىق مۇھىتتىن ئايرىلىپ مۇۋاپىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشى زۆرۈر.
ساغلام پىسخىك ھالەتنى يىتىلدۈرۈشى، پەرزەنتلىك بولۇشقا ئالدىراپ جىددىلەشمەسلىكىلىرى، شۇنداقلا ھەر خىل غەيرى ھامىلە بوپ قېلىش كەمتۇك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن ئارتۇقچە غەم يەپ بىئارام بولماسلىقى، سۈپەتلىك تۇغۇمەن دەپ ئۆزىگە روھى يۈك ئارتىۋالماسلىقلىرى كىرەك.
يۇقارقىلاردىن سىرت ئەر ئايال ئىككىلا تەرەپ ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال ئاللاھغا كۆپلەپ دۇئا قىلىش ، ئۆزىگە ساغلام، سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەش، يىمەك -ئىچمەك جەھەتتە شۈبھىلىك، پاكىز بولمىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ئۆزىنى ساقلىشى، ھاراق تاماكا ، قاتارلىقلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈشلىرى زۆرۈر.

سەفىيە




[سەفىيە بۇنى 2010-06-01 05:43 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پەرزەنت، توي، ھامىلە، ئىسپىرما

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 10 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماqimqnzar[2012-09-28 12:58 AM | del]
ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم.سەۋفيە خانىم ياخشمۇ سىز ،سىز دىن ئاياللار كىسەلىكلىرى ھەققىدە مەسلەت سورىساق بۇلارمۇ
回复قايتۇرما布和丽切木[2012-03-25 09:15 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم!مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان 80 خالتا تور بېتىنىڭ سادىق بىر ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر قېتىملىق يېڭىلانغان مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ، پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىم ،يېقىندىن بۇيان مەنمۇ سىلىنىڭ ياردەملىرىگە مۇھتاج بولۇپ قېلىپ سىلىنى ئاۋارە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ ماڭا توغرا يول كۆرسىتىشلىرىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.مەن بۇ يىل 29 ياشقا كىردىم ،توي قىلغىلى 10 يىل بولدى، تۇنجى پەرزەنتىم 7 ياشقا كىردى،شۇنىڭدىن كىيىن 3 قېتىم قورساق كۆتۈرگەن بولساممۇ لىكىن 2قېتىم ئۆزلىگىمدىن بويامدىن ئاجراپ كەتتى، 3- قېتىملىقى 4ئايلىق بولغاندا قۇرسقىمدا ئۆلۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى خوتەن ۋىللايتىگە بېرىپ داۋالانغان ئىدىم ،ئۇلار بالياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كېتىپتۇ، قان
سويۇپتۇ، بەدەننى سوغۇق قاپلاپتۇ، بالياتقۇ يىگدەشكە باشلاپتۇ دەپ 15 كۈن ياتاقتا يېتىپ داۋالاندىم، ھەر كۈنى بالياتقۇغا دورا سالدى، ئۇنۇڭدىن باشقا بەدەننى قۇۋەتلەيدىغان دورا دەپ 27 كۈنلۈك 3باسقۇچلۇق دورا بەردى، بۇدورىلار ئاياللار گۆھىرى،سۆئىلەپ كومۇلىچى،ھاياتى قۇۋۋەت جەۋھىرى،قۇۋۋىتى ئەلا دىگەن دورلاردىن ئىبارەت، ئۇنۇڭدىن باشقا يەنە لەڭپۇ، قېتىق مىۋە-چىۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى يىمەسلىكىمنى تەلەپ قىلدى، مەن شۇ بويىچە قىلىۋاتىمەن ۋە دورلارنى ھەر كۈنى 3 ۋاخ يەۋاتىمەن، مىنىڭ بەكمۇ پەرزەنتلىك بولغۇم بار ئىدى، مەن مۇشۇ داۋالاش بويىچە كۈتۈپ باقسام بولارمۇ ياكى ئۇنۇڭدىن ياخشىراق دورىلار سىلىدە بارمۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.جاۋاپلىرىنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتىمەن.
回复قايتۇرماzubaydahan[2012-02-11 03:08 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مەن سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم ،مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەن بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم ،توي قىلىپ ئاجرىشىپ يانا توي قىلغىلى 3يىل بولدى .باشتىكى يولدىشىمدىن1ئوغلۇم بار.ھازىرقى يولدىشىمدىن2يىرىمغاكىرگەن ئوغلۇم بار،مەن ياناھامىلداربولغىلى 6ئاي بولاشقا ئازقالغان ئىدى.ئەممائاخخۇن بەكجىق ھەم ئاچام بىچوبۆلىمىدا ئشلايتى بىچوغا چۇسسەم بالابەك تۆۋەن ئاي توشقىزمايلا تۇغۇپ قالىدىغان ئوخشەيسەدەيدۇ،قوسقۇمدا قىلىپ 3-4ئىيغىچە خۇن كەلدى.دوختۇرچۇشۇپ كىتىدۇ دىگەن ئىدى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇنچەدورا-ئۇكۇل ئىشلەتسام توختىدى.ھازىرقى ئەھۋالىممۇ پەقەتلا ياخشى ئەمەس،بىلىم-قوسقام ئالدىمنىڭ سۆڭەكلىرى بەك -بەك ئاغرىدۇ،ھازىرتۇغىدىغاندەكلا،تولاسىزلام بولىمە كىچىك تەرىتىم بەك جىق ھەم مەندە قان ئازلىق بار،بەكلاماغدۇرسىزلىنىمەن،ئوغۇللۇرۇمنىمۇ شۇھالەتتە تۇغقان ئىدىم،تۇنجى ئوغلۇمنى باسسۇيى يىرلىپ كىتىپ 7ئايلىق-تۇغۇپ قالغان ،2ئوغلۇمنى ئاي توشقۇزمايلا،تۇغقان ئىدىم،بالدۇر تۇغۇپ ياكى بويۇمدىن ئاجراپ كىتىدىغان ئەھۋال يۇز بىرامۇ،قانداق بىلمىدىم.مەسلىھەت بەرسىلىرى بوپتىكەن خاپا بولماي،بۇمىنىڭ qqنۇمۇرۇم.1527482444.
回复قايتۇرماxahrizat[2011-08-10 07:45 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم سىزدىن پەرزەنتىلىك بولۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دىگەن:مەن  توي  قىلغىلى  9 ئاي بولدى،لېكىن ھازىرغىچە بالىلىق بولامىدىم،توي قىلغان دەسلەپكى ئايدا ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولدۇق.2-ئېيىدىن باشلاپ تۆت ئاي مۇناسىۋەت قىلمىدۇق،سەۋەبى يولدۇشۇم تويدىن بۇرۇن نەشە چىكىدىكەنتۇق ،شۇڭا نەشىنى تاشلىغۇچە بىرگە بولمىدۇق.ھازىر نەشىنى تاشلىدى،ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتمۇ نورمال،لېكىن بالا ئالالمايۋاتىمىز.يەنە بىر ئىش :يولدۇشۇم يىراقتا ئىشلەيدۇ،10كۇندە بىر قېتىم ئۆيگە قايتدۇ.(بىر ئايدا 2قېتىم كېلىدۇ) ئادىتىم ئىككى -ئۈچ ئاي بولدى كەينىگە سۇرۇلۈپ كېلىدىغان بوپ كالدى،6- ئايدا ب چاۋدا تەكشۇرەتسەم   دوختۇر  تۇخۇملار نۇرمالكەن  دىگەن.  يولدۇشۇمىنىڭ بۇرۇن نەشە چەككەنلىكى بالىلىق بولۇشقا تەسىر يېتەمدۇ؟ قانداق قىلساق بالىلىق بولالايمىز؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت.
回复قايتۇرماreyhangul[2011-07-28 07:32 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سەفىيە دوختۇر . مەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم، تېخى توي قىلمىدىم. بىراق ئىككى ئاي بولۇپ قالدى، ھەيىز مەزگىلىم ئارقىغا سوزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ. دەسلەپتە 30 كۈنلەردە كېلەتتى. بىراق ئالدىنقى ئايدا 35 كۈندە كەلدى. بۇ ئايدا بولسا 38 كۈن بولدى ، بىلىم ئاغرىۋاتىدۇ ھەيىز كەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. بۇ بىرەر كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ؟ قانداق قىلسام ياخشى بولىدۇ ؟ بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟ .....
مۇشۇلار توغرىسىدا ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماyawagul[2011-05-19 03:38 PM | del]
ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مىنىڭ سۇئالىمغا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغان بولسىڭىز !!!؟؟؟؟
回复قايتۇرماyawagul[2011-05-11 00:30 AM | del]
[[i]i]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم ياخشىمۇ سىز ! مەن سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەن بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم ، توي قىلغىلى بىر يىل ئىككى ئاي بولدى . ئادەت كۆرۈش مەزگىلىم بەك قىسقا ھەم بەك ئاز كېلىدۇ . بەزىدە 3- 2 كۈندە ساقىيىپ كىتىمەن ھازىرغىچە ھامىلدار بولالمىدىم . دەسلەپتە بوغدا دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتكەن ئىدىم . دوختۇرلار بالىياتقۇ ئاغزىدا ئەرلىك ئۇرۇقنى ئۆلتۈرىدىغان مىكروپ بار ئىكەن داۋالانسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز دىدى ، بىر باسقۇچ داۋالانغان ئىدىم ، لىكىن ھىچقانداق ئۈنۈمى بولماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇكۇل سوغۇق كېلىپ كەتتى دەپ قايتا داۋالانماي بۇ ئايدا قىلىپ قالار ، ئۇ ئايدا قىلىپ قالار دەپ مۇشۇ كەمگە كەلگىچە سەۋىر قىلىپ كەلگەن  ئىدىم . لىكىن يەنىلا بويىمدا قالمىدى . يولدىشىم مىنىڭدىن ئاغرىنىپ نىمىشقا بويىڭدا قالمايدۇ ياكى چاتاق مەندىمۇ دەپ ئاغرىنىپ ئۇمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ئىكەن ئۇرۇقنىڭ ئەي بولۇش نىسپىتى %70 ئىكەن . دوختۇرلار سىزدە چاتاق يوق ئىكەن دەپ گەپ ئايالىڭىزدا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا سوغۇقلۇق چۈشتى . ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يولدىشىمنىڭ دىگىنى بويىچە چوڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە سول تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى پۈتۈك ، ئوڭ تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى تۇسۇلغان بولۇپ چىقتى . دوختۇر ئوڭ تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسىنى ماي ماڭغۇزۇپ ئېچىپ ، سول تەرەپ ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسىنى ئاچىمىز دىسەك ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مۇشۇ ھالەتتىمۇ ھامىلدار بولالايسىز ، لىكىن ھامىلدارلىق بولۇش نىسپىتى % 50 بولىدۇ دىدى . بىر ئاي تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەش ئىقدىدارىنى ياخشىلايدىغان ئۇكۇل ئۇردۇرۇپ كورگەن ئىدىم يەنىلا شۇ پېتى تۇرىمەن . يېقىندىن بېرى ئىچىم تولا قىزىيدىغان ، تولا سۇ ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم . مەن قانداق قىلسام ھامىلدار بولالايمەن . داۋالانسام ياخشى بولۇپ كىتەرمەنمۇ ، مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !؟؟؟[/i][/i]
回复قايتۇرماatike[2011-03-09 01:51 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
  بىرزات ئەپەندىم:
     مىنىڭ قىز پەرزەنتلىرىم بار ئىدى .ئاللادىن ئوغۇل پەرزەنت تىلەۋاتىمەن   پەرزەنت دىگەننىنىڭ جىنسىنى ئاللا  بىكىتىدۇ  .ئاللا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى  ...
ئاللا ئىنسانلارغا ئىنسان بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ....بۇ توغرىسىدا مەن خىلى كۆپ مەلۇماتلارنى ئاڭلىغان ئىدىم . مەسلەن بەدەننى ئىشقارغا مايىل قىلىش  (يىڭى كۆكتات ،مىۋە-چىۋە يىيىش،سۈت -تۇخۇم ،توخو ەۆشى، بىلىق گۆشى دىگەندەكلەرنى كۆپرەك يىيىش دىگەندەك)، ئوڭ تەرەپتىكى تۇخۇمدان ئىشلەپ چىقارغان تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن بىللە بولغاندىن كىيىن ئايال كىشى ئوڭ تەرىپىنى بىسىپ يىتىش دىگەندەك ...
  ئەگەر  سىز ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىلگەن بولسىڭىز ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!!!!  
回复قايتۇرماbirgul[2011-03-04 07:52 PM | del]
چوڭ ئانىللىرىنىڭ نەۋرىسى بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئوخشايلا دە ....
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-03 10:02 PM | del]
بۆشۈككە بۆلۈشتە بوۋاقنىڭ پۇت - قوللىرىنى رۇس تۈزلەپ ياپقۇچ- يۆگەكلىرى بىلەن چىڭ تېڭىپ بەرسە پاچاق، يانپاش سۆڭەكلەرنىڭ مايماق ئۆسۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. بوۋاق بۆشۈكتە ئازادىلىك ھېس قىلسا ئارتۇق يېغلاپ غەلۋە قىلمايدۇ. ئەگەر پۇت -قوللار تۇز تېڭىلماي بوۋاقنىڭ بەدىنىدە بىئاراملىق پەيدا قىلسا بوۋاق يىغلايدۇ ھەم تولغىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ياش ئانىلار بالىنى كۈچەپ تەۋرىتىپ ياكى ئېمىتىش ئارقىلىق يېغىدىن توختاتماق بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئېغىر كۆرمەي بالىنى قايتا يېشىپ شۈمەكنىڭ چات ئارىسىغا توغرا سىلىنغان ياكى ئەمەسلىكىنى، تېڭىلىشتا پۇت-قوللارنىڭ رۇس بولغان ياكى ئەمەسلىكىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. (ھەجەپ چوڭ ئانامدەك گەپ قىلىپ كەتتىم)
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.