مەجۈننىڭ پايدىسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ (تاغدىن-باغدىن)


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزاتكا ،قانداق ئەھۋاللىرى؟
بىزنىڭ ياتاقتىكى باللار 1-2ئاي بولدى <مەجۈن>دەيدىغان بىر نەرسىنى يەيدىغان بولىۋالدى، شۇلارنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ يەپ باقتىم ، ئۇنى يىگەندىن كىيىن ئادەمنى خوش كەيىپ قىلىپ ،بىكاردىن بىكار كۇلىدىغان ۋە شۇ قاتارلىق بىر قاتار كەيىپلەرنى پەيدا قىلىدىكەن ، بۇلانىڭ ھەممىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ سىلى تىۋىپ بولغاندىكىن ھەممىنى بىلىدىلا، ئەمدى ئويلاپ قالدىم ،ئۇ دورىنىڭ تەركىۋى نىمە ،نىمىدە ياسايدۇ،ئادەمگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار، زىيانلىق تەرەپلىرىچۇ؟
يۇقارقى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بىرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن،

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەجۈننىڭ ئاساسلىق تەركىۋى نەشە .
پايدىلىق تەرىپى يوق دېيەرلىك، زىيانلىق تەرىپى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى خۇمار قىلىدۇ، كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئەقىلنى كېمەيتىدۇ، روھىي قۇۋۋەتنى خورىتىپ قورقۇنچاق، زەئىپ قىلىدۇ.
ئىلگىركى ۋاقىتلاردا بىرەر بەگ، دورغىلارغا خۇشامەت قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغان سورۇنلارنى قىززىتىش ئۈچۈن ھەزىلكەش، ناخشا-ئۇسسۇلچىلارغا مەجۈن يېگۈزۈپ تاماشا قىلار ئىكەن. ئۆزىمۇ ھەم پاھىشە خوتۇنلارغا مەجۈن يىگۈزۈپ كەيىپ قىلار ئىكەن.
ھازىر جەمئىيەتتە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى نەشە، مەجۈن، چۇمادۇ دېگەندەك خۇمار قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە دورا ۋە چىكىملىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى يۈزلىنىشىنىڭ ئېغىرلىقى. مېنىڭچە بۇنىڭغا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشلىرى زۆرۈر تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قاپتۇ.
ھازىر بۇنى يەيدىغانلار ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئۆتۈپ قىز سىتۇدىنتلار ئارىسىدىمۇ كۆپمىش. ئاڭلىشىمچە مەخسۇس ئەشۇ سىتۇدېنتلارغا مەجۈن ياساپ بىرىدىغان تېۋىپ سىياقتىكى قىزىل كۆز كىشىلەر بارمىش. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ چىرايىنىڭ نۇرى قاچقان ئاۋاق بالىلار دۇكانغا كىرىپ << ئاكا، مەجۈن بارمۇ؟>> دەپ سورايدۇ. كەيپىم ئۇچۇپ بەزىلىرىگە  قوپاللا، << يوق >> دەپ جاۋاپ بىرىمەن. بەزى باللانى گەپكە سىلىپ قويىمەن. بۇ بالىلارنىڭ تۇرقى سىياقى ئوقۇغۇچى باللا ئىكەنلىكى بىلىنىپلا تۇرىدۇ. قورساقنى ياخشىراق تويغۇزۇپ يۈرەلمەيدۇ، كىم قويۇپتۇ كەيىپ قوغلىشىپ بۇ ماڭقىلارغا دەپ ئارقىسىدىن ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەپ قالىمەن. سازەندە، ناخشىچى باللامۇ يەپ قويىدىكەن. مەجۈن يەۋالسا ناخشا-مۇزىكا دېگەننى << ئۆلتۈرۋەتكۈدەك>>.
مېنىڭچە پەزىلەتلىك تېۋىپلار بۇنداق جەمئىيەتكە زىيانلىق، پاك قەلىبنى ئۆلتۈردىغان زىيانداشنى ياساپ ساتمايدۇ. ئادەمنى بولۇپمۇ ياش بوغۇنلارنى زەئىپلەشتۈردىغانلىقىنى بلىپ تۇرۇپ ئۇنى ياساپ ساتقان  تېۋىپ ھەم پەزىلەتسىز ھېسابلىنىپ لەنەتكە لايىقتۇر.

يۇقۇردىكى تورداش بۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بارمۇ دەپ سورىغان ئىكەن. ئىلگىرى مەجۈن يەپ باققان، <<پايدىسى>> نى كۆرۈپ باققانلار بولسا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دەپ باققان بولسا بەلىكىم بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇقراق بولۇپ قالار!!




[Birzat بۇنى 2011-07-22 10:39 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مەجۈن، كەيىپ، چېكىملىك، نەشە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماباھادىرشاھ[2013-12-23 01:56 PM | del]
مەجۈن يەپ دەردىنى تارتقانلار ئاز ئەمەس، ئەتىراپىمىزدىكىلەرگە نەسىھەت قىلايلى. ياساپ ساتقانلارنىڭ دىلىغا اللاھ ئىنساپ بەرسۇن.
回复قايتۇرماbortala[2011-07-19 01:43 PM | del]
ئادەمنى ئۇچۇرىدىكەن دەپ مەجۈن يەۋىلىپ، ئۇچۇپ بىراقلا ئۇ دۇنياغا كەتكىلى تاس قالغان ۋەقەلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم. مەلۇم دورىلىق قىممىتى بولۇشى مۇمكىن، لىكىن زىيانلىق تەسىرى ناھايىتى ئېنىق. قانۇن-تۈزۈم سەگەك بولمىغان دىيارىمىزدىكى دوستلارنىڭ ئۆزىگە سەگەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
回复قايتۇرماmaslahat[2011-06-17 07:15 PM | del]
بىرزات ئەپەناىم!  مەن  6 - يىللىقتىكى ۋاختىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ كۇنۇپ قاپتىكەنمەن پەقەت ئۆزۇمنى تاتىيالمىاىم!   قايسى كۇنى ئوڭ قولۇم ئىشىىپ قېلىپ ئاغرىپ كەتتى!  كېيىن يەنى ھازىر  كىچىك تەرەت قىستىغانلىقنى سىزەلمەياىغان بۇلۇپ قالدىم ، كىچىكتەرىتىم قىستىسا بېشىم بىلەن بىلەك يوتا تەرىپىم ئاغرىيدۇ ئاندىن تەرەتقىلىشقا كىرىمەن بولمىسا سىزىلمەيدۇ؟؟  بۇ قانداق كىسەل؟؟؟   سىزدىن مەسلىھەت ئالاي دىگەنتىم قانداق قىلسام ئانانىزىمدىن قول ئۇزەلەيمەن!  مەن ھازىر ئالى مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن!    ماڭا ھىساپلاپ باقسام 7 ،8 يىل بۇپ قاپتۇ!  بەك ئېچىنىۋاتىمەن!  ئانانىزىمنىڭ ئاسارەتلىرى مەندە ئىنىق كۇرۇلدى!  داۋالاش سالامەتلىكىمنى يەنى جىنسى ئېقتىدارىمنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش چارىلىرى بامىدۇ؟؟؟    ماڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز !   zakar tuwi kiqik kiska !!  مەندە گۇمانسىراش تۇيغۇسى كۇچلۇك ئۇزۇمنى ئاجىزدەك ھىس قىلىمەن!   مەسلىھەتىڭزنى كۇتىمەن!
回复قايتۇرماmaslahat[2011-06-17 07:14 PM | del]
بىرزات ئەپەناىم!  مەن  6 - يىللىقتىكى ۋاختىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ كۇنۇپ قاپتىكەنمەن پەقەت ئۆزۇمنى تاتىيالمىاىم!   قايسى كۇنى ئوڭ قولۇم ئىشىىپ قېلىپ ئاغرىپ كەتتى!  كېيىن يەنى ھازىر  كىچىك تەرەت قىستىغانلىقنى سىزەلمەياىغان بۇلۇپ قالدىم ، كىچىكتەرىتىم قىستىسا بېشىم بىلەن بىلەك يوتا تەرىپىم ئاغرىيدۇ ئاندىن تەرەتقىلىشقا كىرىمەن بولمىسا سىزىلمەيدۇ؟؟  بۇ قانداق كىسەل؟؟؟   سىزدىن مەسلىھەت ئالاي دىگەنتىم قانداق قىلسام ئانانىزىمدىن قول ئۇزەلەيمەن!  مەن ھازىر ئالى مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن!    ماڭا ھىساپلاپ باقسام 7 ،8 يىل بۇپ قاپتۇ!  بەك ئېچىنىۋاتىمەن!  ئانانىزىمنىڭ ئاسارەتلىرى مەندە ئىنىق كۇرۇلدى!  داۋالاش سالامەتلىكىمنى يەنى جىنسى ئېقتىدارىمنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش چارىلىرى بامىدۇ؟؟؟    ماڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز !  زەكىرىم پەقەت يوغىنىمىدې !!  مەندە گۇمانسىراش تۇيغۇسى كۇچلۇك ئۇزۇمنى ئاجىزدەك ھىس قىلىمەن!   مەسلىھەتىڭزنى كۇتىمەن!
回复قايتۇرما3114[2010-07-02 09:18 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم     بىر زات ئەپەندى ~~~
مەجۇن دىگەن نەر سىنىمۇ يەم دۇ~~؟
ئاللا رەھ مەت كىلسۇن~~~!!!!!!!!  
بىر زات ئەپەندى    مەجۇن نىيەپ كوركۇن چاك بۇلۇپ كالدىم~~~
مەن بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن مۇ شۇگۇللانگان  ~   ماگا بۇكەيىپ بەك تەسىر كىلدى~؟
مەن مۇشۇ مەجۇن سەۋەپلىك  ھەم ئانانىزىم سەۋەپ تىن يۇرەك ئاجىز لىلق.كىچىك تەرەت كوپ كىستاش.مەنى بال دۇر كېتىش. لىكىن مەن ئۇن داك بولفان بىلەن بەدەن ېغرلقىم نورمال.    مەن تېخى65 كىلوكىرام........   ؟؟؟؟؟؟
ئاللاھ  رەھمەت كىلسۇن~!!!!!!       جاۋابىڭىز كۇتىمەن~~؟؟؟؟؟؟؟
回复قايتۇرماmihman[2010-06-23 12:30 AM | del]
بۇنداق ناكەس نەرسىنىڭ پايدىسىنى سۈرۈشتە قىلىپ يۈرمەيلا چەكلەش تەرەپدارىدا بولايلى بولدى.......
مىڭ پايدىسى بولسىمۇ شۇ خامار بولسىلا روھى خۇنۇكلەشكىنى خۇنۇكلاشقان،ئاخىرى نىمە بولماقچى ئەمدى؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-23 12:47 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
<<پايدىسى>> دەپ قوش تىرناق ئىچىگە ئىلىپ قويدۇققۇ. قەشقەلىك بولسىلا ما گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنەتتىلە دە...
回复قايتۇرماhuxtar[2010-06-07 08:37 PM | del]
مېنىڭچە، بۇنداق خۇمار قىلىش خاراكتېرىدىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى قەتئىي چەكلەش كېرەك، بۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىش، نېرۋىلارنىڭ سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش، نېرۋا توقۇلمىلىرى زىيانغا ئۇچراش، قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. مەنمۇ بىر نەچچە ئاغىنىلىرىمدىن بۇ خىلدىكى كەيپ قىلىدىغان دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى كۆپ ئاڭلىغان. شۇڭا ھەممىمىز ئىنسانىيەتكە زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىلدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى قەتئىي چەكلىشىمىز لازىم
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.