كەيپىياتىم تۇراقسىزلىشىپ ئەسەبىيلىشىپ كېتىشىم كېسەللىكتىنمۇ؟(سۇئال-جاۋ


ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم...مەن توربىكىىتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم ھەم ئېنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....سىزدىن بېرقانچە سۇئال سورىماقچى ئىدىم،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!!!!!!
مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،22ياشقا كىردىم،2يىل بولدى،كەيپىياتىم بەكلا تۇراقسىز،ئەڭ يامان بولغىنى ئاچچىقىم بەكلا يامان بولۇپ قالدى ھەم بەك ئاسان ئاچچىقلىنىمەن....ئاچچىقىم كەلسە بەك ئەسەبى بولۇپ كىتىمەن،ھەتتا تاملارغا ئۇرۇپ ،قوللۇرۇمنى چىشلەپ يارلاندۇرۇپ قويىمەن،ياخشى يېرى ئاچچىقىم بەك تىزلا يېنىپ قالىدۇ،كىيىن پۇشايمان قىلىپ قىپقالىمەن  ....مىجەزىممىدۇ دىسەم بۇرۇن قەتتى بۇنداق ئەمەس ئېدىم .....سوراپ باقسام بۇ بىر خىل كىسەللىكمۇ ياكى باشقا بىر سەۋەپ بارمىدۇ؟؟؟
مىھرىبان ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!!!!رەھمەت!!!!!!!!!


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سىزدە كۆرۈلگەن بۇ ئەھۋال خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەسىلە بولۇپ ئاساسلىقى روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇنىڭدا سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقسىز قىلىۋەتكەن سەۋەبچى ئامىللارنى تېپىپ چىققاندا ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بەلكىم بۇ سەۋەبچى ئامىللار يېقىندىن بۇيان روھىيتىڭىزگە، دۇنيا قارىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىشلار، مۇھەببەت مەسىلىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئىستىقبال ۋە ياكى زىيادە ئۈگۈنۈش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر بولغان بولىشىمۇ مومكىن. ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان روھىي بېسىملار ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ  زادى قايسى خىل ئامىلنىڭ سىزنى زىيادە سەپرا مىزاج قىلىپ مىجەزىڭىزنى بۇزۇپ قويىۋاتقانلىقىغا ئەستايدىل دېققەت قىلىڭ! ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېرىڭ. ئەقىلگە توشقان ئىلىمدار كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ تۇرۇڭ! يەڭگىل، سېڭىشلىق، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئوزۇقلۇق-يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىپ بىرىڭ! بۇلارنىڭ بەلكىم ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزدا ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قىلىشى مومكىن.
سەپرانى كىسىپ نېرىپ-ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا-دەرمەكلەردىن رەيھان دەملىمىسى، ھېلىلە مۇرابباسى، ئامىلە نۇشدارى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
تامام
__________________ بىرزات



[Birzat بۇنى 2010-06-06 07:54 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كەيپىيات، روھىي، پىسخىكا، ئاچچىق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 22 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmagrip[2014-02-15 10:36 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم مەندە ئېھتىلام بۇلۇش  ئەھۋالى بەك ئېغىر كۈندە  ۋەياكى ئىككى كۈندە  بىر  دىگىدەك .دورا يەپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش .ئاللا سىلىدىن رازى بولسۇن  .قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدىن ئاجىرتىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا  .      
回复قايتۇرماparxan[2013-04-17 10:09 PM | del]
نەقىل مەنبەسى parxan نەقىل مەنبەسى parxan
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم تىچلىقمۇ؟
مەن ئايالىم بىلەن بىللە بولغاندا جىنسى مۇناسۋەت ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بۇلۇش ئەھۋالى بار ؟بۇنۇڭغا قارتا ئۇنۇملۇك دورنى تونۇشتۇرغان بولسىڭىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللارنىڭ جىنسى يۇلنى كىچىكلىتىشكە ۋە نەملىكنى يۇقۇتشقا قارتا ئۈنۈملۈك دورنى تۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز.ئالدىنقى قېتىم مۇشۇنۇڭغا مۇناسۋەتلىك بىر تىمنى كورگەن ئىدىم ئەمما بۇگۇن پەقەتلا تاپالمىدىم.
回复قايتۇرماparxan[2013-04-17 09:50 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم تىچلىقمۇ؟
مەن ئايالىم بىلەن بىللە بولغاندا جىنسى مۇناسۋەت ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بۇلۇش ئەھۋالى بار ؟بۇنۇڭغا قارتا ئۇنۇملۇك دورنى تونۇشتۇرغان بولسىڭىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللارنىڭ جىنسى يۇلنى كىچىكلىتىشكە ۋە نەملىكنى يۇقۇتشقا قارتا ئۈنۈملۈك دورنى تۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز.ئالدىنقى قېتىم مۇشۇنۇڭغا مۇناسۋەتلىك بىر تىمنى كورگەن ئىدىم ئەمما بۇگۇن پەقەتلا تاپالمىدىم.
回复قايتۇرماABDURAHIM[2011-12-08 07:59 AM | del]
ئە سسالامۇ ئە لەيكۇم قانداق ئە خۋاللرى مە ن سۇ ئا ل سوراي ديگە ن قانداق سورايمە ن ئا نا نيزيمني يوق قيليشنيڭ  ئەڭ ئۇنۇملۇك چاريسي قايسي ؟ كۇندە ئەمەس 3-4كۇندە بير قيتيم بولۇپ قاليدۇ ؟ جا ۋاب بەرگەن بولسيلا  بۇ مينيڭ كيكيۇ نۇمۇرۇم قاچيلاپ كويسيلا كيكيۇدا پاراڭلاشساكمۇ مەيلى 1532984819ئاللا رەخمەت قلسۇن
回复قايتۇرماdilmurat[2011-09-29 06:05 PM | del]
مەن توي قىلغىلى 4يىل بولدى .بىر قىز پەزەنتىم بار .يېقىندا ئايالىم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ يەنە بىر پەرزەنىتلىك بولايلى دىگەن . بىراق بىزنىڭ بەكمۇ ئوغۇل پەزەنىتلىك بولغىمىز بار ئىدى ،ئەمما ھەممىڭلار بىلسىلەر ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى پەقەت ئىككى بالىلىق بولۇشقىلا يول قويدىغان بولغاچقا، بۇ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئاخىرقى پۇ رسەتكەن ،بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن 80خالتا تورىدا قانداق سەۋەپ قىلغاندا قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىق توغرىسدا بىر تېما كۆرگەن ئىدىم،ھەر كۈنى نامىزىمدا ئاللاغا ئىلتىجا قىلۋاتىمەن شۇنداقتىمۇ،سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دىگەن گەپ بار شۇڭا مۇشۇ تېمىنى يەنە بىر يوللاپ بەرگەن بولسىىڭىز ھۆرمەتلىك مۇھەممەت تورسۇن بىرزت ئەپەندىم.
回复قايتۇرماdilmurat[2011-09-07 07:12 PM | del]
مەن توي قىلغىلى 4يىل بولدى .بىر قىز پەزەنتىم بار .يېقىندا ئايالىم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ يەنە بىر پەرزەنىتلىك بولايلى دىگەن . بىراق بىزنىڭ بەكمۇ ئوغۇل پەزەنىتلىك بولغىمىز بار ئىدى ،ئەمما ھەممىڭلار بىلسىلەر ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى پەقەت ئىككى بالىلىق بولۇشقىلا يول قويدىغان بولغاچقا، بۇ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئاخىرقى پۇ رسەتكەن ،بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن 80خالتا تورىدا قانداق سەۋەپ قىلغاندا قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىق توغرىسدا بىر تېما كۆرگەن ئىدىم،ھەر كۈنى نامىزىمدا ئاللاغا ئىلتىجا قىلۋاتىمەن شۇنداقتىمۇ،سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دىگەن گەپ بار شۇڭا مۇشۇ تېمىنى يەنە بىر يوللاپ بەرگەن بولسىىڭىز ھۆرمەتلىك مۇھەممەت تورسۇن بىرزت ئەپەندىم.
回复قايتۇرماmahira[2011-07-25 12:31 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ، مالال كورمەي ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ، مەن توي قۇلغان ، ئىككى بالىلىق بولغان ئايال ، ھەر قېتىم يولدۇشۇم بىلەن بىرگە بولغاندا شۇنداق سوغۇق تەرلەيمەن ، ھەم تېزلا پۇت قولۇمدا جان قالمايدۇ ، ھېسياتىممۇ شۇنچىلىك ئاستا ، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ، قانداق دورىلارنى ئىستىمال قىلىشىم كېرەك ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ، رەھمەت .
回复قايتۇرماگۈلى[2011-07-17 12:36 AM | del]
مىنىڭ بىر بالام بار،بۇ يىل6ياشقا كىردى،يەنە بىر باللىق بولاي دىگەن ئېدىم ،يولدۇشۇم مىللى تېبابەتنىڭ (نېرىپ سېستىمىسىغا پايدا قىلدىغان )دورىلىرىنى ئېستىمال قىلۋاتاتتى،مۇشۇ جەرياندا بويۇمدا قالسا بالامنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلالارمەنمۇ؟ئۇ ئېچكەن دورىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىرى بارمۇ؟
回复قايتۇرماgvlbargi[2011-06-28 10:33 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!مەن زادى نىمە كىسەل ، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز...
مەن بۇيىل 25 ياشقا كىردىم ، تېخى توي قىلمىدىم ، مەندە ئاق خۇن بەك كۆپ ،ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا ئادىتىم بەك قالايمىقان ئىدى ، بەزىدە ھەتتا2-3 ئايدا بىر كىلىدىغان ئىدى .مەكتەپ پۈتتۈردىغان يىلى، بىر كۈنى تۇيوقسىز يۈرەك تەرىپىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، ھەتتا نەپەس ئېلىشىممۇ قىيىن بولدى ، دوختۇرغا تەكشۈرەتسەم ، يۈرۈكتە چوڭ چاتاق يوقكەن 软骨炎 بوپ قاپسىز دەيدۇ ، مەكتىپىم پۈتكەندىن كېيىن ئادىتىم ئىنتايىن نورمال بولدى ، بىراق بۇ ئايدا يەنە يوق...نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تويۇقسىز دوۋسۇن تەرىپىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى ،ئىچىم ئېلىشىپ ، بېشىم قېيىپ، يۈرەك تەرىپىم يەنە ئاغرىپ ئورنۇمدىنمۇ تۇرالمىدىم ،بۇرۇن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى، شۇنداق قورقۇپ كەتتم ، خۇددى ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا ، دوختۇرغا بېرىشتىن قورقۇپ بارمىدىم ، دوۋسۇنۇمنىڭ ئاغرىقى ئۈچۈنچى كۈنى قويۇپ بەردى ، ئويلاپ باقسام ، دوۋسۇنۇم ئاغرىغان شۇ كۈنى ئەسلى ئادىتىم كېلىدىغان كۈنۈمكەنتۇق،بىراق ھازىرغىچە يوق....
مەن دەيمەن بۇ ئىشلار مېنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىق بولىشىمغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟؟؟ مەندىكى بۇ ئەھۋال زادى قانداق ئىش؟؟؟ ھە راست ، مەن بەك ئورۇق ، قانداق قىلسام سىمىزلىگىلى بولىدۇ ؟
مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . رەھمەت!
回复قايتۇرماsudan[2011-01-11 00:12 AM | del]
ياخشىمۇ سىز بىر زات ئەپەندى.سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دەپتىم.ھېس قىلىشىمچە مەندە مەنى بالدۇر كېتىش ئەھۋالى بار ئوخشايدۇ،بۇنىڭغا قارىتا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز،  جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن
回复قايتۇرماaldirax[2011-01-11 00:02 AM | del]
ياخشىمۇسىز بىرزات ئەپەندى مەن سىزدىن مەسلىھەت سوراپ باقاي دەپ كەلدىم.مەن سىزنىڭ بۇ تور بىكىتىڭىزدە نۇرغۇن ياخشى پايدىلىق تېمىلارنى كۆردۈم ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك قان ئازلىقنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە قانداق ئۇسوللار بىلەن داۋاللايدۇ  دەپ بەرگەن بولسىڭىز.يىمەك ئچمەك جەھەتتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك. مۇشۇ تېمىدا بىزنى بىر خەۋەرلەندۈرىدىغان ئىشچان قوللىرىڭىزغا دەت بەمىسۇن.رەخمەت سىزگە.
回复قايتۇرماmamattursun[2011-01-10 07:56 PM | del]
ەرلەردىكي ۇرق پچەك بولۇشقا امال بارمۇ
回复قايتۇرماalmira[2011-01-04 05:44 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
بىرزات ئەپەندىم...مەن توربىكىىتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم ھەم ئېنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....سىزدىن بېرقانچە سۇئال سورىماقچى ئىدىم،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!!!!!!
مھ
مەن توي كىلگىلى 17 يىل بولدى ئككى بالام بار 7 ، 8 يىلدەك بولدى ئاياللا بۇلىمىدا تەكشۇرتسەم بالياتكۇ بوينىدا ئششىك ئېگىركەن دىدى 7 ،8 يىلنىڭ ياكى كىلمىگان دۇرىللىرىم كالمىدى شۇنداك داۋالانساممۇ يانىلا ئوخشاش دۇرا ڭشلاتكەن ۋاختىمدا سەل ياخشىلانگاندەك كىلگان بىلان ناچچا كۇندىن كىيىنلام يانىلام ئاسلىگا كىلىۋالىدىگان ئوخشايدۇ. ئۇزام ئويلاپ بالياتكۇنى سۇەاك ئاپ كاتكان ئوخشايدۇ داپ ئويلاپ كالىمەن بولمىسا شۇنداك تىز ئىششىپ كىتامدۇ  سىزنىڭچە مىنىنڭ ئويلىگىنىم توگرىمىدۇ ؟ سىزنىنڭچا كانداك دۇرا ئەشلاتسەم بۇلا ؟ ماسلىخەت بارسىىڭىز بۇلۇپتىكەن
回复قايتۇرماalmira[2011-01-04 05:27 PM | del]
.ئاياللا كىسەللىگىدىن مەسلەھەت سۇرىماكچىدىم
回复قايتۇرماxahla214[2010-12-27 03:24 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  بىرزت  . مەن توي قىلغىلى بىر  يىل بوپ  ئاشتى.  ئەمما ھازىرغىچە ھامىلدار بولمىدىم. ئۆزۇمنى تەكشۈرتسەم داس بوشلۇقىدا سۇ  بار دەپ  چىقتى. بۇنىڭغا  قارىتا قانداق  داۋالانسام ئۈنۈمى ياخشى  بۇلىدۇ؟ باشقىلاردىن ئاڭلىسام داس  بوشلۇقىدا سۇ بولسا پەقەت  قوساقتا قالمايدۇ  دەيدۇ  .  بۇ  گەپ  راسمۇ؟ماڭا بىر  ياخشى  مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز........
回复قايتۇرماbimar[2010-11-08 10:13 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم...مەن توربىكىىتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم ھەم ئېنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....سىزدىن بېرقانچە سۇئال سورىماقچى ئىدىم،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!
چچ 1099330331
回复قايتۇرماsali[2010-10-04 07:35 PM | del]
[quote=tuman]ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم...مەن توربىكىىتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم ھەم ئېنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن      چ چ   494012917!!!!!!
回复قايتۇرماقەلبىنۇر[2010-10-02 04:48 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟
مەن توي قىلغىلى 11يىل بولدى، ئىككى بالام بار، كۆكسۈم ئىلگىرىلا كىچىكرەك ئىدى، لىكىن ئىككىنچى بالامنى ئايرىغاندىن كىيىن تېخىمۇ كىچىكلەپ ھەم بوشىشىپ كەتتى. جىنسى ھەۋىسىممۇ بەكلا ئاجىز، دائىم يولدۇشۇمغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. تۇرمۇش ئەھۋالىمىزمۇ قەدىر ئەھۋال، لېكىن نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.مومكىن بولسا مۇۋاپىق دورىلاردىن تەۋسىيە قىلسىڭىز، ئاللا سىزگە ساغلاملىق ئاتا قىلغاي!
回复قايتۇرماyusupjan[2010-07-28 09:46 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك مۇھەممەت تۇرسۇن  بىرزات ئەپەندىم..مەن ئادەتتە بەك كۆپ تەرلەيمەن ،سۇ ئىچىش مىقدارىمۇ كۆپ،بۇ ياقتىن چاي ئىچسەم ئۇ ياقتىن تەر چىققىلى تۇرىدۇ،يامان يېرى قىزىم ئالتە ئايلىق بولدى ،ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بەك ئاسان ھەم بەك كۆپ تەرەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. مەن ھۆل سوغۇج مىزاج.ئېغىرلىغىم78كىلو ،ئېگىزلىگىم 1.66مېـتىر ئەتراپىدا.تۆۋەن بەدىنىمنىڭ تەرلىشى مىنىڭچە نورمال ،كۆكرىگىمنىڭ ئەتراپىدىن باشلاپ يۇقىرى بەدىنىمنىڭ تەرلىشى بەكلا كوپ،چاي ئىچمسەم ئۇسسىغان ،ئىچسەم تەرلەشمۇ ماس ھالدا كۆپ،چاي قانچە قىززىق بولسا شۇنچە ئاسان ۋە كۆپ تەرلەيمەن.بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ بىر مەسلىھەت بېرىشلىرىنى سورايمەن.قەشقەرگە بېرىشقا زادى پۇرسەت بولمىدى،بولسا تېلفوندا كۆرۇشسەكمۇ مەيلى،ئۆزلىرىنىڭ بوش ۋاقتلىرى چىققاندا مېنىڭ تېلفونۇمنى سايرىتىپ قويسىلىلا مەن تېلفۇن قايتۇرىمەن(امال بار كەچ ۋاقتىدا)13579378102،18999070172
回复قايتۇرماHERO[2010-06-23 04:46 PM | del]
نەقىل مەنبەسى dilxat نەقىل مەنبەسى dilxat
ياخشىمۇسىز،مەن سىزدىن بىر  پىكىر ئىلىپ باكاي دىگەنتىم،مەن تىخى توي قىلمىغانتىم،لىكىن مەن قىز دوستۇم بىلەن كۈرۈشۈپ ،ئۇنى سۆيۈپ قويساملا مەندىن ئاق دۇيۇقلۇق بەك جىك چىقىپ كىتىدۇ،بۇ نورمال ئەھۋالمۇ يا.
回复قايتۇرماdilxat[2010-06-23 04:11 PM | del]
ياخشىمۇسىز،مەن سىزدىن بىر  پىكىر ئىلىپ باكاي دىگەنتىم،مەن تىخى توي قىلمىغانتىم،لىكىن مەن قىز دوستۇم بىلەن كۈرۈشۈپ ،ئۇنى سۆيۈپ قويساملا مەندىن ئاق دۇيۇقلۇق بەك جىك چىقىپ كىتىدۇ،بۇ نورمال ئەھۋالمۇ يا.
回复قايتۇرماtuman[2010-06-22 05:02 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم...مەن توربىكىىتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم ھەم ئېنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم،سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....سىزدىن بېرقانچە سۇئال سورىماقچى ئىدىم،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!!!!!!
مەن بىر ئوقۇتقۇچى ،يېقىندىن بۇيان سول كۆكرەك تەرىپىم يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىپ (داۋاملىق ئەمەس 2كۈندە بىر قېتىم ) تۇرىدۇ،يۈرەكتە مەسلە بارمىكىن دەپ دوختۇرغا بېرىپ 24سائەت يۈرەك تەكشۈردىغان ئەسۋاپنى ئاستىم ،نەتىجىدە ئەڭ چوڭ يۈرەك سوقۇشى 94،ئەڭ كىچك يۈرەك سوقۇشى 47بۇلۇپ چىقىتى ،دوختۇر سىنىڭ يۈرۈكۈڭ كېچىسى ئاستا سوقۇدىكەن ،يۈرەكتە مەسلە بار دەيدۇ،مەن سىزدىن سوراپ باقسام 24سائەتلىك يۈرەك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا يۈرەك سانجىقى،يۈرەك تىقىلمىسى،يۇشۇرۇن يۈرەك قاتارلىق كىسەللىكلەر چىقامدۇ؟،مىنىڭ يۈرەك سوقۇشۇم 47ئىكەن راستىنلا مىنىڭ يۈرەكۈمدە مەسلە بارمۇ ؟،ئەگەر بار بولسا قانداق ئاماللارنى قىلسام كېچىسى نورماللىشىدۇ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.