بۈگۈنكى تېببىي ئۇچۇرلار6-29


بېيجىڭ ‹ زوئەن › دۇختۇرخانىسى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىنى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن داۋالاپ ، ئۆمرىنى ئۈچ يىلچە ئۇزارتقان . ئۇلار ھەر خىل تىپتىكى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىدىن 1000نى داۋالىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ %87.8 ىنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزارغان .

+ گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا ، يىڭنە سانجىپ داغلاپ داۋالاش يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلمىگەن بىلەن ، ھەرىكەتتىكى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .

+ ئىگىلىنىشىچە ، بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان جانغا زامىن 2 – چوڭ راك كېسىلى بولۇپ ، ئاياللار    HPV   تەشەببۇسكارلىق بىلەن     تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىپ تۇرسا

بۇ خىل راك كېسىلىنى بالدۇر  بايقىغىلى بولىدىكەن . بۇ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاتسا %95 تىن كۆپرەكى ساقىيىپ كېتىدىكەن .

+ ئامرىكىدىكى ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ ، ئۆپكىنى قايتىدىن يېتىلدۈرۈش  ساھەسىدە  زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى .

+ سۇلۇ يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك غىزالىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەن ، ساپ سۇلۇ يۈرەككە پايدىلىق ئىكەن .

+ ئاچچىق كاۋىنىڭ بەدەندىكى خەيرىي خىلىتلارنى تازىلاش ، چارچاشنى تۈگىتىش ، يۈرەكنى ياشارتىپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، بۆرەكنى كۈچەيتىپ ، ماغدۇر بېرىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، ئۇنىڭ سۈيى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن .



[Birzat بۇنى 2010-06-29 01:47 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: جەزىرە تور خاتىرىسى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىگەر راكى ، بالىياتقۇ بوينى راكى ، يۈرەك كىسىلى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.