80خالتا بلوگ ئەزالىرىنىڭ نادىر ئىنكاسلىرى


تورداش سۇنماسنىڭ قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟ غا يوللىغان ئىنكاسى:
راست،مۈكەممەل ئىنسان بولماق تولىمۇ مۈشكۈل..
مېنىڭچە بولغاندا قىزلار ئاللاھتىن قورقىدىغان،دىيانەتلىك يىگىتلەرنى تاللىغىنى ياخشى چۈنكى دىيانەتلىك،خۇدادىن قورقىدىغان يىگىتلەر ئەگەر ئايالىدىن رازى بولسا ئايالىنى ھۆرمەتلەپ ئىناق ئۆتىدۇ،
ئەگەر ئايالىدىن نارازى بولسا ئايالىغا زۇلۇم قىلمايدۇ،چۈنكى ئۇ زۇلۇمى سەۋەبلىك .ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە
ئۇچراشتىن قورقىدۇ...
ئەمدى ھەممە قىزلارنىڭ دىيانەتلىك يىگىتلەرگە ياتلىق بولىشى ناتايىن،ئۇ چاغدا قىزلار ھە دېسىلا ئۆزىدىن يۇقىرىلارغا قاراپ ئېرىدىن نارازى بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگىمۇ قاراپ شۈكرى قىلىشنى ئۆگىنىۋاسا ۋە ئەپۇچان،كەڭ قورساق بولسا بۇ دۇنيا تولىمۇ گۈزەل....
كىتابلاردا بايان قىلىنىشىچە قىيامەت كۈنىدە بارچە ئىنسانلار مەھشەرگاھقا توپلانغانلىرىدا ئاللاھنىڭ پەرىشتىسى نىدا قىلىپ شۇنداق دەيدۇكى " ئاللاھتا ئەجرى بار كىشىلەر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار"
شۇنىڭ بىلەن ئازغىنە كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىدۇ،بۇلارنى كۆرگەن مەھشەر ئەھلى ئۇلاردىن" سىلەر قايسى ئەمەللىرىڭلار سەۋەبلىك مۇشۇ دەرجىگە ئېرىشتىڭلار " دەپ سورىغانلىرىدا ئۇلار ئاللاھ تەئالا ئۆز
كىتاۋىدا "كىمىكى ئەپۇچان بولسا ۋە ئارىنى تۈزىسە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئەجرى تېگىشلىك بولىدۇ "دەپ ئېيتقان بىز شۇنداق قىلغان ئىدۇق دەيدۇ....
قېرىنداشلار بۇ  تولىمۇ كاتتا ئەجىر سىزلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئاشۇ كاتتا ئەجىرنىڭ ساھىبلىرىدىن بولۇشلىرىمىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سورايمىز.ئامىين.

تورداش غەيۇرنىڭ تاغدىن-باغدىن پاراڭ سىلىشمايلىما! غا يوللىغان ئىنكاسى:
بىرزات ئۇستامنىڭ گېپى ئورۇنلۇق.
بەزى ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئىسسىقتىن بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ قالىدۇ، بۇ ھالدا تاۋۇز، سۈت، قېتىق دېگەنلەر بۆرەك مىزاجىنى تەڭشەپ ئەرلىك ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما ھۆل-سوغۇق مىزاجلىقلار تاۋۇز سۈت قېتىقلارنى جىق يىسە پەيلىرىنى بوشۇتۇپ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان لەقۋا قىلىدۇ. قان سوۋۇپ ھىسياتىمۇ ئاجىزلاپ كىتىدۇ. لەڭپۇڭمۇ بەزىدە دورا بولۇپ قالىدۇ. يىمەك ئىچمەكلىرىمىز بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى. مايلىق تاماق ھەددىدىن زىيادە ئىشىپ بەدەننىڭ نۇرمال ئىھتىياجىدىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ كىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ياش تۇرۇپلا قان تومۇرلار تارىيىپ، جىگەر، يۈرەك، ئاشقان ئاستى بىزىنىڭ بېسىمى كۈچىيىپ ئەزالاردا ئاسانلا چارچاش ئۇزۇن ئۆتمەيلا قان قويۇقلۇق، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقۇرى قان بىسىم، دىئابىت دىگەندەك ھەر خىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. يىگەن شۇ تاماقلارغا لايىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ كۆپرەك ھەركەت، ھىچبولمىغاندا پىيادە يول مىڭىش دىگەنلەرمۇ يوقاپ كەتتى. شۇنچە ھورۇنلۇشۇپ كەتتۇقكى كەچلىك تاماقتىن كىيىن ھىچقانداق ھەركەت يوق يىنى يېتىپ تېلۋىزۇر كۆرۈپلا ئۇخلاپ قىلىۋاتقان. ناماز ئوقۇيدىغان كىشىغۇ ھىچبولمىسا خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغۇچە بولسىمۇ ئاز تولا ھەركەت قىلىدۇ.
بىرزات ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا كىرگەندە بىزگە قىلىپ بىرگەن پاراڭلىرىدىن ئىسىمدە قالغىنى شۇنچىلىك ئىكەن.

تورداش كەھرىۋانىڭ جىنسي ھەۋەسنى قوزغاتقۇچى ساغلاملىق بويۇملىرى نامىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىش زىيانلىقمۇ؟ غا يوللىغان ئىنكاسى:
ياش ياش باللا، ئاشۇنداق دورا ساتىدىغان يەردە چۆگىلەپ يۈرۈيدىكەن دېسە... مانا مۇشۇنداق زىيانلىرىنى بىلسە ئىدى، بىرزات ھەكىم ئېيتقانداق كۆپ بەدەن چىنىقتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل قۇۋۋەتلىك تەبئىي يىمەكلىكلىرىمىزدىن ئىستىمال قىلىپ، زىيادە سوغۇقلۇق، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە شۇنداق بويۇملاردىن ئۆزىنى يىراق قىلسا ، ئانانىزىمغا ئوخشاش ئۆزىنى خورلاشتەك چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ كۆتۈرەڭگۈ ياشىسا ئۇنداق دورىلارنىمۇ ئىزدەپ يۈرمىگەن بولاتتى. زادى قانداق ياشاشنى، ئۆزىنى قانداق ئاسىراشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ ئىشى چاتاق ئىكەن. بىر ناننى تېخى ئىككى قىلالمىغان، ئائىلە بالا-چاقىلىرىنى تېخى خوش قىلالمىغان، ھە دېگەندە سەپرالىشىپ ئۇرۇشقاق بولاپ كەتكەن. ئەرلەردىكى ئۇ خىل زەئىپلىكلەر يالغۇز ئۆزى بىلەنلا تۈگىمەيدىكەن.  تارتقۇلۇق ئايالىغىمۇ بولىدىكەن. ئۇمۇ نۇرمال فىزئولوگىيلىك ئىھتىياجلاردىن بەھرىمان بولىشى كېرەك دە!!.
ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسىرىماي، ئىچىپ-چىكىپ ئويناپ يۈرسىڭىز، ئانانىزىمدەك بولمىغۇرلۇقلار بىلەن ئەرلىك ھاياتى كۈچىڭىزنى بىر پۇل قىلىپ سۆلىڭىز قالمىغاندا بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان، سىزگە بارلىقىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سىلىپ گاھى ئىچىڭىزگە تىنىپ زەئىپانا بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرسىڭىز، گاھى سەپرالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز - قېنى سىزدىكى ئەرلىك كامالەت، ئۇرغۇپ تۇرغان قۇۋۋەت، ئوتلۇق مۇھەببەتلەر؟ قېنى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۇماق پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدىكى سۈلكىتىڭىز؟!!!
ئاياللىرىڭلارنى ئۇنداق تاشلاپ قويماڭلار، بىچارە مەزلۇمە سۈيى يوق كۆلدەك قاغجىراپ يېرىلىپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭمۇ ياشلىق گۈللىرى تولۇق پورەكلىسۇن، كۈچتۈڭگۈر، پالۋان كەبى ئەرلىرىدىن زوقلىنىپ، پەخىرلىنىپ ياشىسۇن!!! باغرى قانسۇن!!

تورداش بىرەيۋېرنىڭ خەتنە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى غا يازغان ئىنكاسى:
مۇنۇ يوللانما ،پاكېت-ئاساسلېرى تولۇق بولۇپ ، يېزېلىش ئۇسۇلى ھازېرقى زامان مىدېتسېناسىدا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان،پۈتۈن دۇنيا ئېتراپ قېلىدىغان  <ئاكېت ئاساس مېدېتسېنا>سىنىڭ تەلىپى بويېچە يېزېلپتۇ. مىنىڭچە ، ھەرقانداق يوللانما پاكېت - ئاساسلىرى تولۇقى بىلەن يوللانسا ،ئىشەنچىلىك بولۇش نېسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ !
قوشۇمچە: پېقىر خەتنىسىنى قىلغان كىشىدىن بىرىنىڭ زەكەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى كورگەنمەن !!! يەنە ئۇستازلىرىمدىن ئاڭلىغىنىمنىڭ سانىمۇ 3-4كە يېتىدۇ!!!  غەرپ تېبابەت ئلمىدا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىر: جىنسىي يولىدا كوپ كورۈلىدىغان ھول سوگەل ، سېفلىس قاتارلىق كىسەللەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشتىن كىيىن يامان سۈپەتكە ئوزگۈرۈشىدىن بولغان دەپ قارىلىدۇ.  

تورداش سۇنماسنىڭ  ھايۋانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى غا يازغان ئىنكاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،پەيغەمبىرىمىز بىزگە دىنىمىزدىكى بارچە ئىشلارنى تولۇق يەتكۈزگەن،قانداقلىكى بىر ئىش ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولسا ئۇنى بىزلەرگە رۇخسەت قىلغان،قايسى بىر ئىش ئىنسانىيەت ئۈچۈن زىيانلىق ۋە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىكەن بىزنى ئۇنىڭدىن توسقان،ھەتتاكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن نېمە دېيىش،چىققاندا نېمە دېيىشتىن تارتىپ تاكى ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارچە ئىشلارنى قالدۇرماي بايان قىلىپ دۇنيادىن كەتتى. ھايۋان بىلەن جىما قىلىش بۇ تولىمۇ قەبىھ يىرگىنىشلىك قىلمىش،پەيغەمبىرىمىز ھايۋان بىلەن جىما قىلغان كىشىنى ۋە شۇ ھايۋاننى قوشۇپ ئۆلتۈرىۋىتىشكە بۇيرۇغان.بۇ قەبىھ قىلمىشتىن يىراق تۇرايلى،نادانلىق قىلىپ قىلىپ قالغانلار تۆۋە قىلايلى،مادا بىلەن قىلىشسا ئانداق پايدىسى بارەي،زەكەرنى مانداق قىلىۋىتىدۇ يەي ....دېگەندەك بولمىغۇر گەپلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ قەبىھ گۇناھنى سادىر قىلىپ سالمايلى،يۇقىردىكى پاجىئەدىن ئىبرەت ئالايلى ''بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئېبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يېشى بىلەنمۇ تولغان''...

تورداش چوغلۇقنىڭ يولدىشىمدىكى بىنۇرمال جىنسىي پىسخىكا نېمە سەۋەبتىندۇ؟ غا يازغان ئىنكاسى:
مىنى نەچچە ئايلاردىن بىرى گاڭگىراشلىرىمغا  تۆۋەندىكى يەكۈنۈم بىلەن خاتىمە بەرمەكچىمەن.
بىرزات ئەپەندىنىڭ " لىكىن ئەرلەرنىڭ تەبئىتىدە ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرسىمۇ ، ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولسىمۇ يەنە باشقا چىرايلىق ئاياللارغا قاراش، جىنسىيەت تەسۋىرلەنگەن كىتاب، كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈش ئىستىكى بولىدۇ. ھەتتا ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مومكىن"
دىگەن جاۋابىلا ماڭا ئەڭ نوقتىلىق ھەقىقەتنى ئېچىپ بەردى.
مەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق،بۇ تىمىنى كۆرگەن  مۇشۇنداق بىر مەسلىگە يولۇققان ئەر-خوتۇنلارنىڭمۇ ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشدىغانلىقىدەك ئىجابى تەرىپىدىن خۇرسەن بولماقتىمەن.
مەن بىر ئايال بولۇش سۈپتىم بىلەن شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، ئېرىمغا كەم-كۈتىسز بىر پەرىشتىگە تەلەپ قويغاندەك، روھى جەھەتتىمۇ ھەر قانداق ئەرلەر قۇتۇلالىشى تەس بولغان ئىشلاردىن ساقىت ھالدا پاك بولۇش تەلىپىنى قويۇشۇمنىڭ ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئادىلسىزلىقىنى ھس قىلىپ يەتتىم.
خۇدا بۇيرىسا، ئېرىمدە بۇ كەمچىللىك ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس،بۇ " كىسەل"نىڭ دورىسى - ئۆز ئېرىمغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاياللىق مۇھەببىتىمنى بىغىشلاش!
ئائىلىمىز بەخىتلىك ئىدى،خۇدا بۇيرىسا بۇندىن كىيىن تېخىمۇ بەخىتلىك بولىدۇ.( ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن!)
ماڭا تا-ھازىرغىچە قاراڭغۇ بولغان ھەقىقەتنى ئەرلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىشىپ بەرگەن بىرزات ئەپەندىنىڭ سەممىي نىيتىگە، ھالال ئەمگىكىگە يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
بىرزات ئەپەندى، مىللەتكە بولغان مىھنەتىسىز تۆھپىڭىز ئاز ئەمەس، سىز خەلقنىڭ دوستى،سىرداشچىسى،ئىشەنچىلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ كىلىۋاتىسىز.
ئاللاھ خالىسا ،بۇ خالس نىيتىڭىز سىزگە تېخىمۇ قۇۋۋەت ئاتا قىلىغۇسى.
تامام!

تورداش خەدىچەنىڭ قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟ غا يازغان ئىنكاسى:
قىزلار قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىنى ئەڭ ئەڭ سۆيىدىغان كىشىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ.

تورداش atir نىڭ ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار غا يازغان ئىنكاسى:
ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ئېھتىياجى مال باھاسىدىنمۇ بەك ئۆرلەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ ھەم ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلەش قابىلىيىتى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ

داۋامى بار
تورداشلارغا يارىغان، كۆڭۈل قويۇپ يېزىلغان ئىنكاسلار بولسا تەۋسىيە قىلغايسىلەر!!!




[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:20 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا بلوگ ئەزالىرىنىڭ نادىر ئىنكاسلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhekim[2012-02-23 10:24 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەندە تۇرۇپ بر ھەپتە بۇلاي دىدى ، ئوڭ مۈرەم تۇرۇپ تۇرۇپلا قىمىر-قىمىر قىلىپ بىرخىل ئىچى سىقىلدىغان ھالەتتە قۇرت ماڭغاندەك سىزىم بۇلىۋاتىدۇ ، قانداق قىلسام بۇلار ، شۇڭا سىلىدىن بىر مەسلەھەت ئالاي دىۋىدىم .(مەندە بۇرۇن ئوت ياللۇغى بار ئىدى)
ئاللاھ ئىشلىرىنى خەيرىلىك قىلسۇن .
回复قايتۇرماdaxxat[2010-11-23 02:50 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئاكا ئالدى بىلەن ئۇلۇغ اللادىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.مەقسەتكە كەلسەم ئاكا  مەندە مۇنداق 2 تۇرلۇك ئالامەت بار ،1.مەنى بالدۇر كېتىش (يېقىنلىشىپ ئىشنى باشلاپ بىرنەچچە سىكۇنىتتىن كېيىن چېقىپ كېتىدۇ.2زەكەر قاتتىق ئەمەس ،ھەم ئورۇق ، پۇتتا كۇچ يوق  .   زەكەرنىڭ  قااتق بولۇش ۋاختى قىسقا .  
  بىرزات ئاكا مەن بۇ يىل توي قىلماقچى ئىدىم  بۇ يىل 27 ياش ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭز ،قانداق دورا ېچىشىم كېرەك . سىز نى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم . رەھمەت سەزگە ئاكا
回复قايتۇرماnuriman[2010-06-29 08:07 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەتكا ، ئالدى بىلەن سىلىگە ئامان - ئىسەنلىك تىلەيمەن .  ئۆتكەن يىلى مىنىڭ قۇلىقىم ئاغرىپ كېتىپ ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ ئوكۇل سالدۇۇرپ ساقايغان ئىدى . بىراق قۇلىقىم بۇرۇنقىدەك ئەمەس ، بىرخىل سۇ باردەك ھەم ئىتىۋالغاندەك سىزىم پەيدا بولىدۇ ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم چوڭ مەسىلە يوقكەن دەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلىقىمدىن ئىلگىرى سېرىق غۇلغۇي چىقاتتى ، لېكىن ھازىر بىر يىل بولدى ئۇنداق چىقمايدۇ ، ئىشقىلىپ قۇلىقىم بىر خىل ئېغىرلىشىۋالغاندەك ھېس قىلىمەن ، بۇ سوغۇقتىن بولغانمۇ ياكى باشقا ئەھۋالمۇ ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا
回复قايتۇرماHERO[2010-06-29 01:32 PM | del]
ئەسسالامۇئەلايكۇم! پەقەت جنسى مۇناسىۋەت كىلمىخانلانىڭ جىنسى ئىقتىدارى چىكىنىش چىكېنىش بولامدۇ؟توي كىچىسى نورمال بولامدۇ؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-29 01:35 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنگىلى بولمىدى.
回复قايتۇرماabduwali[2010-06-29 01:44 AM | del]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ؟  ئالا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن>
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-29 12:57 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !! رەھمەت
回复قايتۇرماbaharhan[2010-06-29 01:00 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات .... ئاللاھ تائاللا ئىگەم ئەجىرلىرىگە چۇشلۇق ئەزىزلىك بەرگەي .....  مەن سورايدىغان سوئالىمنى قىسقىلا سوراي ....
1. مەن سىلىدىن نۇرغۇن گەپنى سوراي دەيمە لېكىن تىزىملىتالمىدىم سىلىنىڭ تور بەتلىرىگە ، قانداق قىلسام دائىملىق ئەزا بولۇپ كىرەلەيمەن ؟
2. مەن 2 - بالامنى ئالىمەن دەپ تەييارلىق كۆرىۋاتسام < بىتەلەي سۇغا چىقسا كۆلگە ئېشەك تېزەكلەپتۇ > دىگەندەك ، تۇيۇقسىزلا ئادىتىم توختاپ قالدى قارىسىلا ، 2 يىلدىن بۇيان مەن كۆرۈنمىگەن دوختۇرلار ئاز قالدى ، ھەممىسىلا تۇخۇمدان ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىپتۇ دەيدۇ  ، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسىدا 2 ئاي يېتىپ داۋالىنىپ كەلدىم ، ئاشۇ داۋالىنىش مەزگىلىدە بىر تەرەپتىن دورا يەپ بىر تەرەپتىن فىزىكىلىق داۋالاش قىلىپ دىگەندەك ئادىتىم نورماللاشقان ، قايتىپ كېلىپلا بىر قانچە ئاي نورمال ئىدى ..... مانا 4 ئاي بولدى يەنە ئادىتىم توختاپ قالدى ، ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2 - دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە بىر خىل دورا بىرىپتىكەن ھورمۇنلۇق دورا ئىكەن ، دوختۇرنىڭ دىيىشىچە شۇ دورىنى يېسەم ئادىتىم كىلەمىش لېكىن سۈت بېزى راك ، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بوپ قېلىش ئىھتىمالى يۇقىرى دەپ ئۇ دورىنى يىيىشتىن قورقۇپ يىمىدىم ، قانداق قىلسام  ئادىتىم نورماللىشا دەپ كاللامغا بەك كىرۋالدى ھەتتا تولا خىيال قىلىپ ئۇخلىيالماس بوپ قېلىپ روھى كەيپىياتىم نورمالسىزلاشقىلى تۇردى ..... ئېغىر كۆرمەي بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ............ ئاللا سىلىگە رەھمەت قىلسۇن ،
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-29 12:56 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
1.سۇئاللىرىغا: بلوگنىڭ ئوڭ تەرەپ سىتونى ئوتتۇردىراق يەردە << ئەزالار مەركىزى >> نىڭ ئاستىدا تېزىملىتىش، كىرىش دەيدىغان يەر بار. شۇ يەردىن تېزىملىتىش دېگەننى بېسىپ كىرىپ كۆرسىتىلگەن ئۇچۇر بويچە ئەزا بولىلا.
2.سۇئالغا نىسبەتەن سىلى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار يېتەرلىك ئەمەس. ھەم سىلىدىكى مەسىلە تور يۈزىدە مەسلەھەت بىرىپلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن. مىزاج ئەھۋالىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ دورا ئىشلىتىش جەريانىدا كۆزىتىپ تۇرۇپ داۋالاشقا توغرا كىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي جاۋاب بىرىشكە ئاجىزمەن.
回复قايتۇرما/udun[2010-06-28 04:53 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزاتكا!!مەن بۇ يىل28ياش، مەن 15يېشىمدىن باشلاپ ئاشۇ نىجىس ئانانىزىمغا ئۈگىنىپ قالغان ئىدىم.2يىل مۇقەددەم سىلىنىڭ شۇ توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئادەتتىن قول ئۈزدۈم.بۇ ئىككى يىل مابەينىدە خېمىرى مەرۋايىت،خېمىرى گاۋزبان،مادىتىل ھايات،لۇبۇبى كەبىر ،قاتارلىق دورىلارنى ئىزچىل ئىستىمال قىلىپ كىلۋاتقاچقىمۇ بەدەن قۇۋۋىتىم ،روھى ھالىتىممۇخېلىلا ياخشى ئىدى.4ئاينىڭ ئالدىدا توي قىلدىم.ئەمما ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت پەقەت ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ.
ھەۋەس يوق دىيەرلىك، ئايالىم بىلەن بىر يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا قايىم بولماي تۇرىۋالىدۇ.بوغدا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم مەزى بېزى،بۆرەك،ئەرلىك ھورمۇن دىگەنلەر ھەممىسى نورمال چىقتى.مىللى تىبابەتتىكى دوختۇرلارغا كۆرۈنسەم لۇبۇبى كەبر بۇيرىدى.1كىلوگىرام ئىستمال قىلدىم،لېكىن مەنپەئەت قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە قورساق قىسمىمنى ئوبدانلا سەمرىتىپ،يوغىنىتىپ قويدى.شۇڭا سىلىگە ئىلتىجا قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.مەسلىھەتلىرىنى ئايمىغايلا،
يەنە سورايدىغىنىم،، مەن سىلنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى يازمىلىرىنى چالا قويماي ھەممىنى كۈرۈش جەريانىدا
مەجۇنى ئىمساك دىگەن دورىنى ئۆزۈمگە ماس كىلەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.مەزكۇر دورىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىستىمال قىلسام بولار؟ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلسام بەدەنگە ەكىس تەسىرى بارمۇ
كىيىنچە دورىغا تاينىىۋېلىش كىلىپ چىقارمۇ؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-29 11:55 AM دە قالدۇرغان جاۋابى

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: تەكشۈرۈشلەردىن بۆرەك، مەزى بېزىدە ھېچقانداق مەسىلە چىقمىغان بولسا ئۇزۇن يىللىق قولىدا لەززەتلىنىش جەريانىدا زەكەردىكى بۇلۇتسىمان تەنچە، توقۇلمىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ ئەرلىك ئەزادا پالەچلىنىش ياكى يىرىم پالەچلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇشى مومكىن. تەجىربەمدىن قارىغاندا بۇ ئەھۋالدا قان - تومۇر، نېرىپلارنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش، ساپ جېگدە چېچىگى ھەسىلىدىن سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا تەڭشەپ داۋاملىق ئۇسسۇلۇققا ئىچىپ بىرىش چارىسىنى 6 ئايدىن بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىلە .
دورىلاردىن : كۆكنۇر بىئو -پەن تېخنىكا شىركىتى ئىشلىگەن تەپتى جۇش تابلىتىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىلا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە تەپتى جۇش تابلىتى ساپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ پالەچنى تۇرغۇزدىغان بىر خىل رېتسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئىكەن. تەپتى جۇش تابلىتىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيتى شەھۋەتنى ئۇلغايتىپ ئەرلىكنى قايىم قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزۇنغا سوزۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار ئىكەن. كۈندە بىر تالدىن ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ 30 كۈن كۆرۈپ باقسىلا. بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن دەسلەپكى ۋاقىتتا بەل، چات ئارىلىق، پاچاقنىڭ پەيلىرى قېتىشىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى مومكىن. ئەگەر ئاغرىق بەكرەك كۈچىيىپ كەتسە بىر قانچە كۈن ئىچىشنى توختىتىپ ئاغرىق قويغاندىن كىيىن ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە قايتا ئاغرىق قوزغالمايدۇ.
ئۇندىن باشقا زەكەر سىرتىدىن بوزۇغا مېيى، ياكى يەرلىك قارا چۈمۈلىدىن چىقىرىلغان مايدا مايلاپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسىمۇ بۇ ئەھۋالغا ئۈنۈم بىرىشى مومكىن!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.