تاغدىن-باغدىن پاراڭ سىلىشمايلىما! [تاغدىن-باغدىن]


پاراڭ سىلىشمايلىما؟!!


ئىككى كۈن بولدى ئادەمدە تاقەت قويمىغۇدەك ھاۋا ئىسسىپ كەتكىلى. بۇ يىل قەشقەرنىڭ ھاۋا كىلىماتىدا ئۆزگىرىش چوڭ. مۇشۇ ئىككى كۈن بولغۇچە ھاۋا كۈندە نەچچە خىل ئۆزگىرەپ تولا يامغۇر يېغىپ چاپان سالغۇزمىدى. كىشىلەرنىڭ سەزگۈرلىكى ئىشىپ سىرتقا چىقسىلا كۈنلۈك كۆتۈرىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا  دىھقانلارنىڭ بالدۇر پىشىدىغان چىلگە قوغۇنلىرىمۇ مۇشۇ خىل غەلىتە كىلىمات سەۋەبىدىن بالدۇرلا پىلەكلىرى سارغىيىپ قۇرۇپ تۈگەپتۇ. بەزى تەجىربىلىك دېھقانلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا يامغۇرنىڭ ئاچچىق سۈيى قوغۇن پىلەكلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. 3 -4 مو يەرگە قوغۇن تېرىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى خىلىلا تۆۋەن. قوغۇن تېرىسا چىقىم كۆپ كېتىدىغان، ئەمگەك كۈچى ئۇندىن ئىشىپ كېتىدىغان جاپالىق بىر جەريان. بۇ ھال دېھقانلارغا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر تۇيۇلىدۇ. <<قانداق قىلىمىز، يالغۇز بىزنىڭ چىلگىلەرلا قۇرۇپ تۈگەپتىكەنمۇ، قالغىنىغا خۇدايىم بار، بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە خۇدايىم كىمنى ئاچ قويۇپتىكەن، ھەممە ئەدەمنىڭ شۇنداق>>، دەپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بىرىشىدۇ.
ئىككى كۈن بولدى ئادەمدە تاقەت قويمىغۇدەك ھاۋا ئىسسىپ كەتكىلى.
ئىچىم قىززىپ كەتكەندەك بولۇپ ئىچكىدەك مۇزدەك بىرنەرسە يوق، قارىسام دۇكاندارنىڭ مۇزلاتقۇسىدا پەپسى كولا سەل سوغۇقراق ئىكەن. ماۋۇنى ئىچەيمۇيا دېسەم دۇكاندار سىلى بۇنى ئىچسىلە بولمايتتى، دەپ كۆزۈمگە مەنىلىك قاراپ قويدى. <<موللىنىڭ دېگىننى قىل، قىلغىننى قىلما >> دېگىنى مۇشۇمىكى يا، بۇنى ئىچكىنىم بىلەن مىجەزىمنى قانداق تەڭشەشنى ئۆزۈم بىلىمەن دەپ كۈلۈپ قويۇپ بىرنى ئىچىپ قويدۇم. بلوگىمدا باشقىلارغا ئانچە - مۇنچە ساغلاملىق ھەققىدە مەسلەھەت بىرىپ تۇرغاچقىمىكىن، ئەتراپىمدىكى تورغا چىقىپ تۇرىدىغان بەزى كىشىلەر تەبئىي ھالدا مېنىڭ ئوزۇقلىنىشمغا. يۈرۈش-تۇرۇشۇمغا دېققەت قىلىدىغان ئەھۋاللارنى ھېس قىلىپ تۇرىمەن. ئۆتكەندە تاماقخانىدا باچكا شورپىسى ئىچىپ ئولتۇرسام بىر ياش يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ << سىلى باچكا شورپىسى ئىچكەنگە قارىغاندا ، بەك پايدا قىلامدۇ نېمە بۇ؟!!>> دەپ سورىۋېدى، سىلىمۇ ئىچىپ قويسىلا، سوغۇقنى ئالىدۇ، ئاشقازان، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ قويدۇم.
بەزىدە مايلىق تاماق يەپ سالغان بولسام ئانچە-مۇنچە تۇرۇپنى كۆپرەك سىلىپ لەڭپۇڭ يەپ قويىمەن. مېنى لەڭپۇڭخانىدا كۆرۈپ قالغان لەڭپۇڭغا ئامراق بەزى تورداشلار << تېۋىپمۇ لەڭپۇڭ يەمدا، سىلى لەڭپۇڭ يېگەنگە قارىغاندا بىزمۇ يەپ قويساق زىيان قىلماس ھە! >> دەيدۇ. سىلى تېۋىپ ئەمەس تۇرۇپمۇ لەڭپۇڭ يەيدىكەنسىلە ئەمەسما. مەنغۇ تەڭشەپ تۇرۇپ يەيمەن، دەيمەن. ئىشقىلىپ سىلە باچكىخانىنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ لەڭپۇڭ-راڭپىزا، سوغۇق ئىچىملىك ساتىدىغانلارغا زىيان سىلىۋاتىلا جۇما ، ئۇلار ئۈستىلىرىدىن ئەرىز قىلمىسۇن يانا، دەپ چاقچاق قىلىدىغانلارمۇ بار. شۇ ئەشۇلار ئەرز قىلىپ قالمىسۇن دەپ -ئاز بولسىمۇ زېيىنىنى يەڭگىللىتەي دەپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ بەزىدە لەڭپۇڭمۇ يەپ قويىمەن مانا دېسەم سىلىگە گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمىغۇدەك زادى دېيشىدۇ. ئابدىكىرىم ئابلىزدەك << قۇرۇپ كەتكەن دەريانىڭ سۈيى>> نىلا ئىچىپ ياشىغىلى بولمايدۇ. قېتىق بىرسىگە پايدا قىغان بىلەن بەزىلەرگە زەرەر قىلىشى مومكىن. ھەر كىم ئۆز مىزاجىغا لايىق غىزالىنىشى، مىزاجىنى بۇزىدىغان، سالامەتلىكىگە زەرەر يەتكۈزىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن ئۆزىنى تارتسا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بەزىدە سوغۇق سۇ، لەڭپۇڭ، قېتىقمۇ دورا بولۇپ قالىدۇ. ھەر نەرسە ئۆز ۋاقتى، ئورنىنى تاپقاندا ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ.
ھاۋا بەك ئىسسىق، تۈنۈگۈن ئىسسىقلىق چاي دەملەپ تەرلەپ ئولتۇرۇپ بىر قانچە چەينەك چاي ئىچىۋېتىپتىمەن. شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ ئاشۇ دورىلىق چاينىڭ تەسىرىدىن كۆڭلۈم پەقەتلا سوغۇقلۇق تارتمىدى. كەچقۇرۇنمۇ ئۇسسىماپتىمەن. ئادەم چىدىماسلىق قىلىپ دوغ ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ قويسا ئۇسسۇلۇقىنى بىسىش تۈگۈل بەدەنلىرى بوشاپ، ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەي قالىدىكەن. بەزىدە قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ قويۇپ بىر-ئىككى قوشۇق ھەسەل سىلىپ ئىچىپ قويىمەن. بۇمۇ ئۇسسۇلۇقنى ئوبدانلا باسىدۇ. كەيپىياتىم جانلىنىپ تېتىكلىشىپ قالىمەن.
يەنە ھاۋا تۇتىلىۋاتىدۇ، ھىلىغىچە يامغۇر ياغارمىكىن...



[Birzat بۇنى 2011-04-21 10:30 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تاۋۇز، بۆرەك، ۋېيگى قاۋۇلئاكا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 24 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماdolkun731[2010-06-22 08:20 PM | del]
تۆۋە خۇدانىڭ قۇدىرتى ئاجاتيىپ جۇمۇ ، بۇرۇب مۇشۇ ۋاقىتلاردا يۇرتۇمدا ھاۋا شۇنداق سالقىن بۇلىدىغان ئاڭلىسام ئۇ يەردىمۇ كۈندە يامغۇر يېغىۋاتامىش........................ قېيىشقاندەك ئۈرۈمچىدە مۇشۇ كۈنلەردە ئىسسىقنىڭ دەردىدە تۇغما بۇلىۋالغىلى تاس قېلىۋاتىمىز ، ياقلىرىمىزنى ئېچىپ قۇيۇپ ئوغرى بىلەن كارىمىز بولماي يېتىۋاتىمىز ........  تۆۋە ،تۆۋە .
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-22 08:40 PM | del]
2001-يىللىرىمىكى ئۈرۈمچىدە ياز كۈنلىرى ئىسسىققا چىدىماي باغچىغا چىقىپ ياتقىنىمىز ئىسىمدە. لىكىن ئوغرىدىن ھۇشيار بولمىسا ئاياغ-پاياغلارمۇ ئامان قالمايتتى.
回复قايتۇرماmihman[2010-06-22 09:02 PM | del]
تۈنۈگۈن بىر  دىھقان بىر ھارۋىغا لىق توڭ چىلگە بېسىپ ئەكەپتىكەن ۋاي نىمە بولدى تاغا توڭ نەرسىنى ئەكىرىپلىغۇ دەپ كىتىپتىمەن ،شۇ كىسەل تىگىپ پىلىكى قۇرۇپ كەتتى شۇڭا سېستىۋەتكىچە كىچىك بالىلار بولسىمۇ ئوينا،ياكى خالىغانلار قىژىپ ئىچە دەپ ئەكىردىم دىدى،دانىسىنى بەش موچەندىن سېتىپتىكەن تۆتنى ئاران قولۇمغا جايلاشتۇردۇم ،يېرىمىنى قىژىپ ئېچىپتىكەنمەن شۇنداق ھوزۇرلاندىم،قالغىنىنى باشقىلارغا تارقىتىپ بەردىم،كەچتە ئۆيگە قوغۇن ئېلىۋالاي دىسەم كىلوسى بەش كوي ئىكەن كىچىككىنە قوغۇن يەتتە كويلۇق كىلىۋىدى ئەشۇ توڭ چىلگىلەردىن ئۆيگىمۇ ئىلىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم،
ئۇكىللىرىم ىەر بىرسى بىردىن قىژىپ ئىچەركەنتۇق....؟ ئىشقىلىپ تۆت تال توڭ چىلگىنىمۇ شۇ دىھقانغا قاتتىق ھىسداشلىق بىلەن زىينىغا ئىچىم ئاغرىپ ئالدىم جۇمۇ،مانا بۈگۈن بۇ يەرگە كىرىپ ئۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇمىلىق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
回复قايتۇرماmihman[2010-06-22 09:08 PM | del]
لەڭپۇمۇ بەزىدە راسلا پايدا قىلىپ قالامدۇ نىمە ؟مانا بۇگۇن چۇشتە بۇرمۇنچە تاماق بىلەن بىر قاچا لەڭپۇنى قوشۇپ يەپتىكەنمەن ،بىردەمدىن كىيىنلا  قوسۇقۇم ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى ،قوساققا پايدا بولغان بىلەن يانچۇق زىيان بولۇۋاتىدا ھا ھا ھا
回复قايتۇرماjanan[2010-06-22 09:10 PM | del]
قەشقەرنىڭ كىلىماتى راسلا غەلىتە بۇ يىل. ھاۋا بىردەمدە قىززىپ تونۇردەك بولۇپ كەتسە يەنە بىردەمدە شامال چىقىۋاتقان، ئارقىسىدىن ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر شاقىراپ قۇيۇۋەتكەن. يولدا سۇ ئاققاننى كىنولاردىن،تېلىۋۇزۇردىن كۆرەتتۇق. بۇ يىل قەشقەردە كۆردۇق. 7-ئاي بولاي دەپ قالدى كوچىلاردا ھىچبىر چىلگە ساتقان دېھقاننى كۆرمىدىم مەن. بىچارىلەرنىڭ چىلگەقوغۇنلىرى ئۆلگەن بولسا راس چاتاق بوپتۇ. ئاللاھ باشقا زىرائەتلىرىگە بەرىكەت بەرگەي!
回复قايتۇرماassadulla[2010-06-22 09:34 PM | del]
تور دۇنياسىدا شۇنچە يىل يۈرۈپ ھەجەپ بىلمەپتىمەن- دىسە. بەكياخشى تېمىلار باركەن ئەمەسمۇ؟
回复قايتۇرماBAHET[2010-06-22 10:52 PM | del]
ما بىز تەرەپتىكى يامغۇلا نەگە كەتتىكىن دىسەك ئەسلى سىلىنىڭ يۇرتقا كىتىپتىكەندە يە؟ لىكىن يامان بولغىنى بۇغداي پىشىقىغا يىقىن سىلىمۇ زىرىكىپ يەنە ئىۋەتىۋىتىپسىلە ما يامغۇنى  2كۇن بولدى يىغپ توختاپ دىگەندەك موڭغۇلكۈرەنىڭ ھاۋاسى بولدى بۇيە ..ئىباي تىخى بىر چىرايلىق كۇن چىققان بىردەمدىلا شار-شار يامغۇ ...قىز كۆچۇرۇپ ماڭغانلا نىم بوپ كەتكەندۇ بۇ يامغۇدا؟؟؟؟
回复قايتۇرماYuksel[2010-06-22 11:07 PM | del]
ئىسسىقتا پاراڭمۇ تېتىماس بولۇپ قالىدىكەن كىشىگە، بىر ھەپتە بوپتۇ ئۈرۈمچىدە ھاۋارايى ئۆزىنىڭ خۇدىنى بىلمىگۈدەك قىزىتىپ قالغىلى، مانا شۇ تاپتا ئەزىمىتى ئۇلۇغ ئاللاھ يەرنىڭ قىزىتمىسىنى تۆۋەنلەتكىلى شىپالىق يامغۇرىنى ئېۋەرتتى. ھاۋا سالقىنداپ مۇڭداشقۇدەك كەيپىيات ھازىر بولدى.
80 خالتا بلوگىنى ۋاراقلاپ يۈرگەندىن بېرى، ئاڭسىز رەۋىشتە ئۆز سالامەتلىكىمىزگە زەڭ سېلىپ، ئۆزىمىزچە تومۇرىمىزنى تىڭشاپ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ تېۋىپلىق قىلغۇمىز كەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بىر زات ھەكىمنىڭ يازمىلىرىدىن چالا ئوقۇۋالغىنىمىز بويىچە ئۇ پايدا قىلىدۇ ، بۇ زىيان قىلىدۇ دەپ ، يۈردۇق. بۇلار يەتمىگەندەك چالا تېۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر دەپ، نەچچە  دوست - بۇرادەرلىمىزنى << ئەزايى تۇرقىڭىزدىن قارىغاندا، سوغىڭىز ئېشىپ، بۆرەك مۇزلاپ، سەپرا ئۆرلەپ، سەۋدا يوقاپ كېتىپتۇ ، كۆزلىرىڭىزنىڭ ئاستى كۆكىرىپ، رەڭگىڭىز ئۆڭۈپ كېتىپتۇ، ئالەمەتلەردىن قارىغاندا ، سىزدە ئىشتىياقى ئانالىزىم كېسىلى بارئىكەن >> دەپ دەككە - دۈككىگە سېلىپمۇ يۈردۇق، بەزىلىرى تېخى دەل تاپتىڭ دەپ، مەسىلىسنى تاپشۇرغانمۇ بولدى....
مەنمۇ شۇ قاتاردا، سوغۇق ئىچىملىك، لەڭپۇڭ ، سېرىق ئاش دېگەنلەردىن بەش كۈنلۈك نېرىدىن قاچىدىغان، كاۋاپ ، گۆش دېگەنلەرگە چۆلدە ئاچ قالغاندەك ئۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئاز - تولا پايدىسىنى كۆرگەن بولساقمۇ، ھەر نەرسە نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتسە ھامان بىر يەردىن تېشىپ چىقىدىغىنىنى ھېس قىلدۇق.
ئىلگىرى پەپسىي كولا دېگەنگە ئۆلگۈدەك ئامراق ئىدىم . قاچانكى <<  كالا سۉيدۉكى ۋە پەپسىي كولا >> دېگەن تېمىنى يازدىم، شۇندىن بېرى پەپسىي ئىچكەن ئادەملەرگىمۇ قاراپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەمما، يازدا ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرۇشتا ئۆزگىچە خۇمارىم بار. ئۇ بولسىمۇ تاۋۇز يېيىش. كۈنىگە تازا يوغان تاۋۇزدىن بىرەرنى يەپ قويىمەن. يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرستىلىشىچە، ئەرلەر ھېلىقى قاۋۇلئاكا ( ۋېيگې ) دېگەن دورىنى يەپ ئاۋارە بولغۇچە كۈنىگە مەلۇم مىقداردا تاۋۇز يەپ بەرسىلا ، كۈنىگە نەچچە تال ئاۋۇ قاۋۇلاخۇننى يېگەننىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىدىكەن. بۇ نەتىجىگە بىر زات ھەكىمنىڭ قانداق ئۆزگىچە قارىشىنىڭ بارلىقىنى بىلمىدۇق، ئەمما، تورداشلارغا يامان رېتسىپتىن بىرنى دەپ سالدۇق.
گەپنى يىغسام، 80 خالتا بلوگى تورداشلارنى ساغلام ھاياتقا يېتەكلەشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى ئېتىۋاتىدۇ. بىز كەبىي تورداشلار بىرزات ھەكىمگە قانچە ھەشقاللا ئېيتساقمۇ يەنە كەم بولۇشى ئېنىق.
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-22 11:40 PM | del]
كۈندە بىر تال تاۋۇز يېسە نەچچە تال <<قاۋۇل ئاكا>> (ۋېيگى) يېگەندىن بەلەن دېگەن رېتسىپنى بۈگۈن سىلىدىن ئاڭلاپتىمەن. تاۋۇزغۇ سىلىدەك (ئوت) ئىسسىق مىجەز باللانىڭغۇ سەپرا، بەل-بۆرەك، مەزى بېزى ئەتراپىدىكى زەھەرلەرنى تازىلاپ ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلىشىغا قىل سىغمايدۇ. شۇڭا چوڭلىرىمىز قىش كۈنلىرىمۇ تاۋۇزنى مۇزلىتىپ قويماي ساقلاپ يەپ كەپتىكەن. لىكىن سوغۇق، ھۆل مىجەز ئادەملەر بۇ رېتسىپقا ئاساسەن سىلىدەك كۈندە بىر يوغان تاۋۇز يەپ قويۇپ ئاخىرىدا سىيگەك بۇلۇپ تورمۇزنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالمىسىلا بولغىنى ...
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-23 00:09 AM | del]
ئوخشاش بولمىغان ئىقلىملاردا ياشايدىغان ھەر خىل مىزاجدىكى ئادەملەرگە ئوزۇقلۇقلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تاۋۇز، قېتىق قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستىمال قىلىنسا ئىسسىق مىزاجلىقلاردا سۈيدۈك ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇپ جېگەر، بۆرەك، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. لىكىن سوغۇق مىزاج كىشىلەردە ئۇ خىلدىكى سوغۇقلۇقلار كۆپ ئىستىمال قىلىنسا پەيلەرنى بوشۇتۇپ مىجەزنى سۇسلاشتۇرىشى، بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ لەقۋا قىلىشى ئىنىق. خوتەن، قەشقەرنىڭ قۇرغاق ھاۋا ئىقلىمىدا ياشىغۇچىلارغا  پايدا قىلىدىغان سوغۇقلۇقلار ئۈرۈمچىدەك ھۆل سوغۇق ئىقملىمدىكى ئادەملەرگە زەرەر قىلىشى مومكىن. شۇڭا تېبابىتىمىزدە كىشىلەرنى مىزاجىغا قاراپ ئوزۇقلىنىش، مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلارنى ئىشلىتىش ئاساسىي مىزان قىلىنغان.
回复قايتۇرماkimmik[2010-06-23 12:12 AM | del]
ئەرلەر ھېلىقى قاۋۇلئاكا ( ۋېيگې ) دېگەن دورىنى يەپ ئاۋارە بولغۇچە كۈنىگە مەلۇم مىقداردا تاۋۇز يەپ بەرسىلا ، كۈنىگە نەچچە تال ئاۋۇ قاۋۇلاخۇننى يېگەننىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىدىكەن.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
دېھقانچىلىق مەيدانىغا لىققىدە تاۋۇز تېرىغان بىرسىنىڭ تارقاتقان گېپىمۇ نېمە، غۇلجىلىق چاقچاقچىلارنىڭ پولىرىمۇ زەي بىسىپ قالغۇدەك ما پونىڭ ئالدىدا. تەتقىقاتچى دېگەننىڭمۇ سەل-پەل كاللىسىنىڭ سۈيى بارمىكىن دەيمە. ئاشۇ تەتقىقات ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسا بىر كۆرۈپ بىزمۇ تەتقىق قىلىپ باققان بولساقق.
回复قايتۇرماmihman[2010-06-23 12:22 AM | del]
يۈكسەل ئۇ رىتسىپنى دىيىشكە چىدىماي تۇرۇپ ئاران دەپتىكەنتۇق ،ھەممەيلەن مەندەك ئات بوپ كەتمىسۇن دەپ قورقۇپ ھە؟ ئەمما سوغۇق مىجەز ئادەملەر ئەمدى مىنى ئۆزەڭ داۋالاپ ساقايىت دەپ ئىزدەپ بېرىۋالمىسىلا بولغىنى........................
回复قايتۇرماgheyur[2010-06-23 12:33 AM | del]
بىرزات ئۇستامنىڭ گېپى ئورۇنلۇق.
بەزى ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئىسسىقتىن بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ قالىدۇ، بۇ ھالدا تاۋۇز، سۈت، قېتىق دېگەنلەر بۆرەك مىزاجىنى تەڭشەپ ئەرلىك ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما ھۆل-سوغۇق مىزاجلىقلار تاۋۇز سۈت قېتىقلارنى جىق يىسە پەيلىرىنى بوشۇتۇپ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان لەقۋا قىلىدۇ. قان سوۋۇپ ھىسياتىمۇ ئاجىزلاپ كىتىدۇ. لەڭپۇڭمۇ بەزىدە دورا بولۇپ قالىدۇ. يىمەك ئىچمەكلىرىمىز بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى. مايلىق تاماق ھەددىدىن زىيادە ئىشىپ بەدەننىڭ نۇرمال ئىھتىياجىدىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ كىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ياش تۇرۇپلا قان تومۇرلار تارىيىپ، جىگەر، يۈرەك، ئاشقان ئاستى بىزىنىڭ بېسىمى كۈچىيىپ ئەزالاردا ئاسانلا چارچاش ئۇزۇن ئۆتمەيلا قان قويۇقلۇق، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقۇرى قان بىسىم، دىئابىت دىگەندەك ھەر خىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. يىگەن شۇ تاماقلارغا لايىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ كۆپرەك ھەركەت، ھىچبولمىغاندا پىيادە يول مىڭىش دىگەنلەرمۇ يوقاپ كەتتى. شۇنچە ھورۇنلۇشۇپ كەتتۇقكى كەچلىك تاماقتىن كىيىن ھىچقانداق ھەركەت يوق يىنى يېتىپ تېلۋىزۇر كۆرۈپلا ئۇخلاپ قىلىۋاتقان. ناماز ئوقۇيدىغان كىشىغۇ ھىچبولمىسا خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغۇچە بولسىمۇ ئاز تولا ھەركەت قىلىدۇ.
بىرزات ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا كىرگەندە بىزگە قىلىپ بىرگەن پاراڭلىرىدىن ئىسىمدە قالغىنى شۇنچىلىك ئىكەن.
回复قايتۇرماtetu[2010-06-23 12:43 AM | del]
ياشباللانىڭ سوغۇقى ئىشىپ ئەۋالى قالمايۋاتسا ما باللا مايەدە تاۋۇزنى تەشۋىق قىلغىلى تۇرۇپتىيا. قىززىق گەپ قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ گىپىنى دەپ بىرىپتى: پەيغەمبىرىمىز بويتاق ياشباللانى قىينىلىپ كەتمىسۇن دەپ توي قىلىشقا قۇربىتىڭلار يەتمىسە رامىزان تۇتۇپ شەھۋەتنى كېسىڭلار دەپتىكەن، ئەگەر ما سوغۇقچان باللانى كۆرگەن بولسا كاۋاپ يەڭلا دەر بولغىيمىتى ..
回复قايتۇرماYuksel[2010-06-23 04:36 PM | del]
ھەكىم بۇ يازمىسىدا تاغ بىلەن باغنىڭ پارىڭىنى قىلىشايلى دەپتىكەن، بىز ئەرلىك بىلەن زەئىپلىكنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىپتىمىزغۇ ؟!
يەنىلا لەڭپۇڭ يېگۈلۈكمۇ ياكى ؟ دېگەن باش تېمىغا قايتىپ كېلىلى ...
回复قايتۇرماdidarm[2010-06-23 05:50 PM | del]
بۇلارنى بىلىۋالدىم ،رەخمەت سىلەرگە!
回复قايتۇرماmihman[2010-06-23 08:56 PM | del]
96-يىللاردىن كىيىن باغدىكى توغاچ بىلەن شاپتۇل قۇرۇپ كەتكەننىڭياقى باغقا قىزىقمايدىغان بوپ قالدىم جۇمۇ مەن. ما بىرزاتمۇ بىر چاغدا بىر سىرلىق باغنىڭ گىپىنى قىلىۋاتاتتى ،ئۇنتۇپ كەتتىمۇ قانداق گەپ- سۆز يوق ،راس بولسا ئىزدەپ كۆرۈپ باقساق بولاتتى.ئۇمۇ رىۋايەتكە ئايلانغان باغمىدۇيا؟
回复قايتۇرماkainam[2010-06-24 02:18 AM | del]
90-يىللاردا مەھەللىمىزدىمۇ شۇنداق تەملىك ، ئېغىزغا سالغۇچە ئېرىپ كەتكۈدەك ، توغاچ ، شاپتۇللار بار ئېدى . ئىقتىسادى قۇرۇلۇش بىرىنچى بولغاندىن باشلاپ مىۋىلەرنىڭ سورتلىرىنى قىشتا ساقلاشقا چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاغدىكى ئېسىل مىۋىلەر قۇرۇپ ، كېسىلىپ ، ئۇلىنىپ دېگەندەك بەرپات بولدى .  بازاردىمۇ قارىسا شۇنداق چىرايلىك ئېغىزىغا سالسا سۇ دىدارى يوق مىۋە - چىۋىلەر كۆپىيىپ كاتتى . ئوقۇيمىز دەپ يۇرتنىڭ باغلىرىغا كىرىپ شاختىن مىۋە ئۈزۈپ يەپ باقمىغىلىمۇ خېلى زامانلار بولدى ...  
回复قايتۇرماmihman[2010-06-26 03:08 PM | del]
ئۆتكەندە بىر توي مۇناسىۋتى بىلەن بۇلاقسۇغا چىقساق تامسىز باغلاردا قاتار كەتكەن شاپتۇللار تۇرۇپتۇ
ھەي بۇ شاپتۇللار كۇزدە مىۋە بىرەمدۇ ،خېلى تاتلىقمۇ دىسەم بەك تاتلىق ،بەك ئۆخشايدۇ دەيدۇ.
ئاچچىقىم كىلىپ قويە سىنى نەچچە يىل سالام سائەت قىلىپ مۇشۇنچىلىك باغ ۋە مىۋىلەر بار دىسەڭ بولمامدۇ دىسەم ،ئۆتكەندە چىقايلى دىسەم ئالدىراش دەپ ئۇنىمىدىڭلار شۇنىڭغا قاراپ يىراق سەھرا كۆرۈپ چىقماسمىكى دەپتىمەن دەيدۇ.
ۋاي ماڭە قۇرۇق گەپنى قىلماي..... بۇ يىل كۈزدە مۇشۇ شاپتۇل پىشقاندا باغقا تەكلىپ قىلمىساڭ ئاغىنىدارچىلىقتىن كىچىمەن دەپ قۇيۇپ كىردىم ،دىمىسىمۇ شاختىن ئېغىزغا تېتىغۇدەك شاپتۇل ئۈزۈپ يەپ باقمىغىلى 10نەچچە يىل بوپتۇ ئەمەسمۇ ؟بازاردىكى مىڭ ياخشى بولسىمۇ شاختىن ئۈزۈپ يىگەندىكى ھوزۇرغا ئۆخشامدۇ ،شۇنداقمۇيا؟
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-26 05:40 PM | del]
ئاشۇنداق باغقا بىزنى ئالماي چىقساڭلار ئاغىيىندارچىلىقتىن *****
回复قايتۇرماpari[2010-06-30 07:05 PM | del]
دىمىسىمۇ ھاۋا بەك ئىسىپ كەتتى ، سۇغۇق ئىچىملىك ئىچمىسە ئىسىىققا چىدىمايۋاتىمەن (مەن بىراز سېمىز)، لىكىن ئاشقازان يارىسى باتتى سوغۇق نەسە يىسەم ئاشقازىنىم  ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ قانداق قىلسام بولا دەيمەن، مەسلىھەت بەسەڭلا! ئاللا رەھمەت قىلسۇن
回复قايتۇرماArifa[2011-04-13 01:57 AM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .....
مەن قەشقەرگە 2003-يىلى بارغان ۋاختىمدا بەشكېرەمنىڭ باغلىرىدا مىۋىلەر مەي بوپ كېتىپتىكەن ، ئۆتكەن يىلى بارسام بەشكېرەمدە مىۋىلەر قۇرۇپلا كېتىپتۇ ...............توۋا دىدىم ..........
قارىغاندا قەشقەر خەلقىگە بىر سىناق كەپتۇدە ....ھە !!!!!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.