ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مېڭە ئوپېراتسىيىسى [جاھاندىكى ئاجايىباتلار]



(سۈرەت تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز)

مېڭە ئوپىراتسىيىسى دەۋرىمىزدە زامانىۋى مېدىتسىنا تېخنىكا تۈرىگە كىرسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇن مېڭە ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر، رايوندىن تېپىلغان 13 دانە باش سۆڭىكى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بۇ خۇلاسىنى چىقارغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ ئەنگو، بۇ باش سۆڭەكلىرى تۇرپاندىكى قەدىمى قەبرىلەردىن تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لۇ ئەنگونىڭ ئەسكەرتىشىچە، باش سۆڭەكلىرىدە بىردىن بەشكىچە تۆشۈك ئېچىلغانلىقىنى، باش سۆڭەكلىرىنىڭ بىرىدە بولسا 7 دانە تۆشۈك ئېچىلغانلىقىنى، بۇ تۆشۈكلەرنىڭ بەزىلىرى دۈگىلەك، بەزىلىرى تۆت چاسا بولۇپ، لۇ ئەنگو “بۇ تۆشۈكلەر ئۇلار ھايات ۋاقتىدا داۋالاش مەقسىتى بىلەن ئېچىلغان بولۇشى مۇمكىن، ” دەيدۇ. ئۇ، باش سۆڭەكلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىلىرىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا مېڭىسى زەخمىلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان.
لۇ ئەنگونىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئوپېراتسىيىلەر ئەينى دەۋردە تىۋىپلىقمۇ قىلىدىغان شامانلار تەرىپىدىن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن. لۇ ئەنگو بۇ كىشىلەرنى كاپكاز تىپىدىكى خەقلەر، دەيدۇ. لېكىن جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئانتروپولوگىيە مۇتەخەسسىسى خەن كاڭشىن، تۇرپان رايونىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇن ئالتاي تاغلىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.مۇتەخەسسىسلەر تارىم ۋە تۇرپاندىكى قەدىمكى خەلقلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى، دەيدۇ .
مەنبە: ئىنتىرنېت



[Birzat بۇنى 2010-06-22 11:35 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مېڭە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماxahzada[2010-06-22 12:34 AM | del]
ئۇيغۇرلارنىڭ  نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس  جۇمۇ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.