بۆرەككە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى


1. زىيادە ئىسسىق ياكى سوغۇق ئامىللار بۆرەككە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، بەل ساھەسىگە زىيادە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى دائىم ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۇ ئسسىقلىق بۆرەكنىڭ ئەسلى سوغۇق مىزاجىنى بۇزۇپ، بۆرەككە زىتادە قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ، بۆرەكنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنىڭ نورمال سۈزۈش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ قويىدۇ. شۇنداقلا شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئىسسىقلىقتىن بولغان بۆرەك ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. بەل ساھەسىگە دائىم سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى ئۇزۇن مەزگىل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىاندا بۇ سوغۇقلار ئەسىلى مىزاجى ھۆل سوغۇق بولغان بۆرەككە ئاسانلا تەسىر قىلىپ، بۆرەكنى تېخىمۇ سوۋۇتۇپ، سوغۇقتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ، چىقىرىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ ھالدا سوغۇقتىن بولغان بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كالتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. قالايمىقان جىنسىي قىلمىشلار، مەسلەن: كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، جەلەق (ئانانىزىم )، شەھۋانى فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش قاتارلىق ناچار جنسىي قىلمىشلار قۇۋۋىتى شەھۋانىيىنى ئاشۇرۇۋىتىپ، بۆرەكنىڭ دائىملىق كۈچىنىپ ئىشلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاسانلا بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
4. سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە بۇ خىل دورىلار بۆرەكنىڭ نورمال چىقىرىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنىڭ يېغىنى ئېرىتىۋېتىپ، ئاسانلا بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى، كۆڭۈلنى ئاچقۇچى ۋى ھەرخىل ھورمۇنلۇق، خىمىيىلىك دورىلارنى كۆپ ۋە قالايمىقان ئشلەتكەندەبۆرەكنى ۋاقىتلىق قۇۋەتلىگەندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاخىرىدا مۇشۇ خىل دورىلارغا كۆنۈكۈپ قېلىش ياكى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلانغاندا بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
7. كىچىك تەرەتنى ۋاقتىدا چىقارماي، قىستاپ يۈرۈۋەرگەندە سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىتونلۇق ماددىلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ، كىتوندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۆرەككە بېسىم كەلتۈرۈپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق، دەم ئالماسلىق، ئەقىلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاخىرى بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ، روھىيى ھايۋانىيغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەكنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9. ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چىكىش ۋە ھاراق ئىچكەندە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ئىسپىرىت بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى بۇزۇپ، بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
10. زىيادە تۇز تەركىبىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بۆرەككە زىيانلىق .

بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى
1. ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كىيىنىش، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئامال بار پوتا باغلىۋىلىش.
2. ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستېمال قىلىپ بېرش.
3. زەيتۇن يېغى، قۇينىڭ كونا دۈمبە يېغى، بۆرەك يېغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بېرش.
4. زىيادە چارچاپ كەتكەندە تۈز يەردە بىر دەم يېتىپ بېرش، پات-پات بەل ساھەسىنى ئۇۋۇلاپ بېرش. 5
. ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇخۇم ئارقىلىق بۆرەككە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرش ۋە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش
6. سەۋزە، چامغۇر، ئەنجۈر، خورما، بانان قاتارلىق مىۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلپ بىرش، ئارىلاپ چامغۇر سەۋزە سېلىنغان شورپا ئىچىپ بېرش.
7. ئەنجۇر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ئۈزۈم شىرنىسى، خورما، لوبۇبى كەبىر ۋە ماددەتۇل ھايات قاتارلىقلار بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
8. ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقدارىدا چېنىقىپ قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەرگەندە بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.
9. ياڭاق، بادام. قىزىل ئۈزۈم، جىگدى چېچىگى ھەسىلى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، سوقۇپ، ئىلشتۇرۇپ سوقماق قىلىپ، ئىستېمال قىلىش بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
10. كەكلىك، بۆدۈنە، باچكا، قۇشقاچ، ئۇلار قاتارلىق قۇشلانىڭ گۆشىنى يەپ بېرش بۆرەككە پايدىلىق.
11. كۈندە ئەتىگەندە بىر قوشۇق ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
12. ياڭاق، بادام، پىندۇق، پىستە قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنىڭ مېغىزىنى سوقۇپ، ناشتىدا چاي سۈتلەپ ئىچكەندە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
13. مۇۋاپىق مىقدارىدا ياڭاق ماتىڭى ئىستېمال قىلىش بۆرەككە پايدىلىق.
14. ھايۋاناتلارنىڭ بۆرىكىنى كاۋاپ قىلىپ، ئىستېمال قىلسا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
15.ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا تەڭشەپ ئىچىپ بەرسە بۆرەكنى ئاسراپ قۇۋۋەتلەيدۇ. (80خالتا بلوگ ئەسكەرتمىسى)

پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:29 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆرەك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماajatman[2011-12-31 06:57 PM | del]
ئەسسالامۇئالەيكۇم؟  مىنېڭيۇز كۈپتىم تولا سەمرېپ كىتىدۇ.  ئادەتتە كۆپرەك ئۇخلىسام. ( ئۆزەمگە نىسپەتەن نۇرمال دەپ ئويلايمەن) يۈزۈم ئىسلىپ سەمرېپ قالغاندەك بوپ قالىمەن.  بۇ نى كۆرگەن دۇككان خوشنىلىرېم بىر كىچىدىلا سەمرېپ قاپلىغۇ؟  ئىسلىپ كىتىپلا....... دەيدۇ. .......بۇكىسەللىكمىدۇ؟  مەسلەھەت بەرگەن بولسىلىرى.
回复قايتۇرماO.O[2011-11-22 10:08 AM | del]
جىنسىي ئاجىزلىقنى.بۆرەك ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى.مەنى بالدۇر كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۇن قانداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى.

ئۆزۈمدە مەنى بالدۇر كېتىش دېگەندەك ئالامەتلەر بارمىكىن دەپ ئويلايمەن ...بەزىدە ئەرلىك ئەزادىن بىرخىل سۇيۇقلۇق ئاقىدىغان ئالامەتلەرمۇ بار! بەدىنىم بىرخىل ماغدۇرسىزلانغاندەك، بېلىم تېلىپ ئاغرىغاندەك ، ئىشقىلىپ ئازراق ئىش قىلساممۇ بېلىم بەكلا تېلىپ كېتىدۇ ...

  تولۇق بىر چۈشەنچە بەرسىڭىزكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن !
回复قايتۇرما1583015[2011-05-11 05:54 PM | del]
توردىن بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ بىر قانچە ئالامەتلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزەمدە بۇ ئالامەتلەردىن بىرقانچىسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم   ھەم ئۆزەمدىن ئەنسىرەپ قالدىم .چۈنكى كۆزئالدىمدا مەن دىمەتلىك
بىر قانچى تونۇشلىرىم بۆرەك زەئىپلىگى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى ...
دىمەكچى بولغىنىم ،بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن،بۆرەك زەئىپلىگى  نىڭ پەرقى ۋە بۆرەك زەئىپلىگىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىنى ھەم ئالدىن بايقاپ بالدۇرراق داۋالىتىش پۇرسىتىگەئېرشىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز كەن............
回复قايتۇرماsabira[2010-09-03 05:01 AM | del]
ياڭاق مۇرابباسىنى قانداق سالىدۇ ؟
回复قايتۇرماdidarm[2010-06-23 06:00 PM | del]
بىرزات +ەپەند+م گە كۆپ تەشەككۈر!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.