ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: ساغلاملىق ئۈگۈتلىرىكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

ئاپېلسىن يېيىشتىكى تۆت چوڭ پەرھىز

ئاپېلسىن چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئاشقازاننى ئىللىتىپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلسىن يېسە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى قارىشىچە، ئاپېلسىننىڭ ئېتى، پوستى، تالاسى، مېغىزى، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسى جۇڭيى دورىسى ئىكەن. ئەمما، ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ئالاھىدە پەرھىز قىلىش كېرەك:

[تەپسىلاتى]

كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاقراق ئولتۇرغاندا رادئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىرەر ئىستاكان قەھۋە ياكى ئۈرۈك مېغىزى يەپ قويۇڭ! يەنە بىرسى كومپيۇتېر يېنىغا بىرەر تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويۇڭ. كاكتۇسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رادىئاتسىيە سۆمۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە ئەتراپتىكى رادىئاتسىيەنى سۆمۈرۈپ ھاۋانى پاكىزلاشتا دۇنيادا كاكتۇسنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. ئون نەچچە سائەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلار يېنىدا كاكتوس گۈلى قويۇپ قويسا، كومپىيوتېردىن چىققان زىيانلىق رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىدۇ. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى جايلاشقان يەرلەرگە ئالىملار كاكتۇس ئۆسۈملۈكى تېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كومپيۇتېر

بۈگۈنكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىدە كەچ يېتىش ئومومىيۈزلۈك ئادەتكە ئايلاندى. كەچ ياتقان ئىكەن تېخىمۇ كۆپ چارچىغان تەنلەر كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگىچە ئۇخلايدۇ، دە تېرىكلىك نىشانى بولغان ئويغاقلىقنىڭ، تېرىكچىلىك ئاساسى بولغان كۈندۈزنىڭ بەركىتىنى يوقىتىدۇ.

يېزا-سەھرالاردىكى بوۋا-مومايلارغا قاراپ بېقىڭ - مەڭزىلىرى توغاچتاك جۇلالىق، يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، تېتىك ھالەتتە كۆرىسىز. بۇلار كۈندۈزلىرى ئېتىز-ئېرىقلاردا، مال-ۋارانلىرىنىڭ ئەتراپلىرىدا تېنىمسىز ئىشلەپ يەنە ئەتتىگىنى خورازنىڭ چىللىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ ناماز-ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىپ روھىي كۆتۈرۈلگەن، قەلبى ئارام تاپقان ھالەتتە يېڭى بىر كۈنلۈك رېسقى ئۈچۈن ئاللاھدىن بەركەت تىلەپ بىسمىللا بىلەن كۈندىكىدەك تېرىكچىلىك مەشغۇلاتلىرىغا تۇتۇش قىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۇيقۇ ئۇيغاقلىق

ساغلاملىق ئۈگۈتلىرىدىن تەرمىلەر

& ﻣﯧﯖﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯰﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﯰﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ، ﻫﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻨﻰ ﺳﻮﻏﻮﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﺴﺎ ﻛﺎﻟﻼ ﺳﻪﮔﯩﭗ ، ﯴﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯴﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .
ﯬﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻨﻰ ﺳﻮﻏﻮﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﺎﻥ ﺗﯘﻣﯘﺭﻻﺭ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ ،ﻗﺎﻥ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﯪﺳﺘﯩﻼﻳﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﯰﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﯮﻛﺴﯩﮕﯩﻨﻼﺭ ﯬﻛﺴﯩﭽﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯪﺯﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ؛ ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﻫﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻧﯧﺮﯞﯨﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎ ، ﯪﺳﺎﻧﻼ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

& ﯰﺯﯗﻥ ﯮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺑﻮﻟﺠﯘﯓ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﯰچراپلا  ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻰ . ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ساغلاملىق

سەل قارىلىدىغان ناچار ئادەتلەر

1. ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان يىغىش.

2. ناشتا قىلماسىلىق .

3. تاماق يەپ بۇلۇپلا كەمەرنى بۇشتىش.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئادەت

مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار

1.تولا ئاچچىقلىنىش، روھىي چۈشكۈنلۈك، ھەسەتخورلۇق، ئىشق-مۇھەببەت، ئاشىق- بىقارارلىق، شەھۋانىي فىلىم ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار مېڭىگە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، ئۇ مېڭىدىكى قۇۇۋۋىتى شەۋقىيە(ئىنتىلدۈرگۈچى قۇۋۋەت) بىلەن قۇۋۋىتى مۇتتەخەييىلە( خىيال قىلش قۇۋۋىتى) نى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. نەتىجدە ئادەمنى ئۆز-ئۆزىگە ئاچچىقلايدىغان، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدىغان،جۇنۇن قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىپ قويىدۇ.
2. بىر كۈنلۈك خىزمەت جەريانىدا ئادەم مېڭىسىنىڭ سەرىپ قىلىدىغان قۇۋۋىتى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ھەم چارچارشمۇ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، نەتىجىدە مېڭىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ، شۇڭلاشقا يېتەرلىك ئۇخلاپ، مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش، مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.
3. ئاز ھەرىكەت قىلىش ۋە ھورۇنلۇق قىلىش يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى، گومان قىلىش- قوغدىنىشقۇۋۋىتى ۋە ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى قاتارلىقلار ئاجىزلاپ، مېڭىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەقلىي تەپەككۇرى ئاجىز، ئىنكاسى سۇس بولۇشتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، شۇڭالاشقا مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇرۇش بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ئۈچۈن پايدىلىق، ھەممىگە مەلۇم بولسۇنكى ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى ئادەمگە ناھايىتى زىيانلىق.<<ھەرىكەت دىمەك بەرىكەت دىمەكتۇر>> ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن چۇقۇم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم.
4.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: مېڭە

ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺷﯘ ﺋﻪﺯﺍﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺭﻩﺋﯩﺲ ( ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ) ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ھەكىم سۇلتان ئەلى قۇۋۋەتلەرنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ ئايرىم ھالدا تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ يورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشتا ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﻲ، ﭘﺎﺭﯨﺴﯩﻲ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. تۆۋەندە قۇۋۋەتلەرنىڭ تەپسىلىي بايانلىرى:
1. ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ

2. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ (ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ)

3. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قۇۋۋەت جىنسىي

بەدەن گۈزەللىكىنى قوغلىشىش نوقۇل قىز-چوكانلارنىڭلا ئارزۇسى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەرلەرنىڭ قاملاشقان فىگۇرا، زىلۋا بەدەن قىياپىتىگە ئىگە قىز-چوكانلارغا مەپتۇن بولۇش خاراكتىرى قىز-ئاياللاردا تەبئىيلا سېمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەش ئەندىشىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئورۇقلاپ جەلىبكار ئايال بولۇش ئىھتىياجىنى پەيدا قىلغان. بۇ خىل ئىھتىياج تۇغدۇرغان كۈچلۈك ئارزۇ قۇرۇق خىيال ياكى قالايمىقان ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش، ئۆزىنى قىيناپ ئاچ قويۇش دېگەندەكلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. سىز ساغلام ھەم گۈزەل بەدەنگە ئىرىشىمەن دەيدىكەنسىز نەپسىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىپ ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتىشىڭىز، ھورۇنلۇقنى تاشلاپ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىدەك  تېنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. ھەر قاچان ئىنچىكە بەل، نازۇك، ئەۋرىشىم بەدەن ھالىتىڭىزنى ساقلىماقچى بولسىڭىز ھەسەل ھەرىسىنى ئېسىڭىزگە ئىلىڭ! ئۇنىڭ شۇنداق ساغلام بولىشى داۋاملىق ساغلام ھەم چىرايلىق ئاۋاق بولۇش ئۈچۈن بىلىنى مەھكەم باغلاپ تېنىمسىز ھەركەت قىلغانلىقىدا. بۇ قائىدىنى ھەم ياش تۇرۇپلا بىر چىرايلىق قورساق سالغىلى تۇرغان يېگىت بۇرادەرلىرىمىزنىڭ دېققىتىنى تارتسىكەن دەيمىز.
______________ بىرزات
تۆۋەندە << ئورۇقلاش جېڭى ۋە سېمىرىشتىن بىر كەلىمە سۆز>> دېگەن تېما دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئورۇق سېمىز ئورۇقلاش سېمىرىش

كالتىسىي ئوكسىالات، چۆپ كىسلاتاسىغا ئوخشاش ماددىلار سۈيدۈك يولى ئىچىدە نۇرمىدىن ئارتۇق توپلۇنۇپ، سۈيدۈك زىيادە تويۇنغان ئېرىتمە ھالغا كىلىپ كىرىستاللاشسا بۇ بۆرەك تېشى پەيدا بولىدۇ. بۇ تاشلار سۈيدۈك يولى بىلەن يا سىىتقا چىقىپ كىتىدۇ ياكى بۆرەك، جۈملىدىن سۈيدۈك يولىنىڭ مۇئەييەن بىر يېرىگە يېپىشىپ تۇرۇپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.

بۆرەك تېشى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بۆرەك تېشى، تاش

سىلەر قانداق بەدەن چىنىقتۇرسىلەر؟

ھازىر ياشبالىلار 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بىر چىرايلىق قورساق سىلىپ ئولتۇرۇپ قوپقىچە پۇشۇلدايدىغان، چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا ئولتۇرۇپ قالسا پۇتى قولىشىپ قىمىرلاپ بىر ئىزىدا ئولتۇرالمايدىغان، دوختۇردا تەكشۈرتسە قان قويۇق، جىگەرنى ماي قاپلىغان دەپ دىئاگنۇس قويۇلغان. ھازىرقى ياش باللا پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتقا ئوخشاش نازۇك، ئاجىز دەپ قاقشاپ قويىدۇ چوڭ ئاقساقاللار. دېمىسىمۇ توقچىلىق بولىۋاتقان زامانىمىزدا ئوبدان يەپ، ئوبدان ئۇخلاپ بەدىنىمىزگە زىيادە ماي توپلاۋاتىمىز. دۇكىنىمغا مۇشۇ سېمىزلىكتىن، قان قويۇقلۇقتىن قاقشاپ كىرگەن ياشلارنى بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىپ زىرىكمەيمەن. لىكىن مۇشۇ بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئىلمى ئۇسۇلى ھەققىدە تۈزۈك ساۋادىم يوق. ئۆزۈمغۇ پىيادە يول يۈرۈپ قويىمەن. لىكىن پىيادە يول مىڭىش ياشلاردىن بەكرەك ياشانغانلارغا ماس كىلىدىغان ئۇسۇل. قارىسام ئۆزۈمنىڭمۇ بەدەن ئېغىرلىقىم ئۆلچەمدىن سەل ئىشىپ كەتتى.  بىر يۈرۈش تەنتەربىيە سايمانلىرى، بىرەر قۇر داڭلىق ماركىلىق تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىلىپ ئىككى كۈن باغچىغا چىقىپ تىلىم ساڭگىلاپ كەتكۈچە پەي توپ ئويناپتىمەن. 3-كۈنى مۇسكۇللىرىم ئاغرىپ بىر كۈن چىقماي قويدۇم،

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بەدەن چىنىقتۇرۇش، تەنتەربىيە

پەي_ يۇمىلاق ياكى ياپىلاق ئۇزۇن كەلگەن مەلۇم سۇزۇلۇشچانلىققا ئىگە بولغان تارىمۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆت مۈچە، ئومۇرتقا ۋە بەدەننىڭ ھەرىكەتلىنىش ئەزالىرىغا تارقالغان. پەي ئادەم بەدىنىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆت مۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە مۇسكۇل ۋە سۆڭەككە ياردەم بېرىدۇ. قول-پۇتنىڭ يىغىلىپ-سوزۇلۇش ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدۇ، پەي ئۆزىنىڭ قىسقىراپ -سوزۇلۇشچانلىق رولى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى نوقسانسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق.

پەيگە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى:
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پەيگە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى:

تىرناق-زىچ مۈڭگۈزلەشكەن ئېپىتېلىيىدىن تۈزۈلگەن، قولۋە پۇت بارماق ئۇچىنىڭ ئۈستى تەرىپى ياپىلاق، ئىككى تەرەپكە ئىگىلگەن، يېرىم سۈزۈك ھالەتتە بولىدۇ.
تىرناق-تىرناق پىلاستنكىسى ۋە تىرناق يېلتىزىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تېرىدىن سىرتىغا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسىمى تىرناق پىلاستنكىسى، تېرە ئىچىدە كۆمۈلۈپ تۇرغان قىسىمى تىرناق يېلتىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق پىلاستنكىسىنىڭ تۈۋىدە يېرىم ئاي شەكىللىك ئاقارغان رايۇن بولۇپ، تىرناق يېرىم ئايى دەپ ئاتىلىدۇ، قول تىرنىقىنىڭ ئۆسۈشى پۇت تىرنىقىنىڭكىدىن تېز بولۇپ،كۈنىگە0.1 مىللىلىتىر ئۆسىدۇ.تىرناق بەدەن شەكىلىگە گۈزەللىك بېرىش، تېرىنى قوغداش، بارماق ئاخىرىقى ئۇچلىرىنى بېسپ تۇرۇش ئارقىلىق بارماق ئۇچىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
تىرناققا زىيانلىق ئامىللار

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تىرناق

1.چاچ تازلىقغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك، يۇقۇملىنىش ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش قۇرغاق سوپۇننى تاللاپ ئىشلىتىش، لازا-ئاچچىقسۇ، ھاراق-تاماكا، كالا گۆشى قاتارلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق يېمەك -ئىچمەكنى مىزاجىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش، مۇۋاپىق مىقتدردا مامىرانچىنى، رەۋەن، كاۋاۋىچىن، پىرسىياۋشان قاتارلىق دورىلارنى بىرلىكتە قاينىتىپ، باشنى يۇيۇش كىرەك ياكى ھۆل زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى توغراپ سۈينى چىقىرىپ باشقا چىپىش لازىم.......

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چاچ

چاچقا زىيانلىق ئامىللار  Causes of Hair Loss

ئادەمدىكى چاچ_ تۈكلەر تۆرەلمىنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن پەيدا بولىدۇ. ھامىلە تۆت ئايلىقتىن ئاشقاندا باش ۋە يۈزگە چىقىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. ئادەتتە چاچانىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.

چاچ_ مايلىق چاچ، مايسىز چاچ( قۇرغاق چاچ)، ئارلاشما چاچ(نېتىرال چاچ) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. چاچ خالتىسىدا چاچ ئانا پوستلىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قارا پېگمېنت ھۈجەيرىسى بولىدۇ، چاچ خالتىسىدا قارا رەڭ پېگمىېنت ھۈجەيرىسى ئازلىغاندا چاچنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ ھەم چاچنىڭ مىزاجىمۇ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چاچ

ئاشقازان ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى
ئاشقازاننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجىرىتىپ چىقىرىش ۋە لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتىن ئىبارەت .
ئاشقازانغا زىيانلىق ئامىللار
1.زىيادە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازاننى سوۋۇتۇپ، قۇۋۋىتى ھازىمە، قۇۋۋىتى ماسىكەنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، قۇرۇتسىمان لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەي-تارامۇشلارنى بوشاشتۇرۇپ ، تاماق سڭمەسلىك، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

[تەپسىلاتى]

كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسق بولۇپ، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ:
1.كۆزگە كۆرۈنىدىغان شەئىيلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئەينى بويىچە كۆرۈپ، مېڭىگە ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرۈپ بېرىدۇ.
2.ئادەمنىڭ ھۆسنىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
3. ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەينىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىسياتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
كۆزگە زىيانلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۆز

ئەزالارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭغا زۆرۈر ئوزۇقلۇق، ئاسىراش چارىلىرىنى ياخشى بىلگەندە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندە ئەرلىك ئەزاغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرلىك

قۇلاقنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ:
1.سىرىتتىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، مېڭىگە يەتكۈزىدۇ.
2.ئاڭلاش سېزىمىنى باشقۇرىدۇ.
3.بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قۇلاق

پات-پات يۇيۇنۇش- ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ
ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ،ئەنگىلىيىكلەر بىر يىل ئىچىدە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا 99مىليون فوند ستىرلىڭ سەرپ قىلغان. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يۇيۇنۇش ھۆسۈننى تۈزەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.ئوخشاش بولمىغان يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

خۇش پۇراق ئىچىدە يۇيۇنۇش نىرۋىنى تىتىكلەشتۈرۈش ،جىددىلىكنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۇيۇنىدىغان سۇغا بىر قىسىم خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى قوشۇۋەتسە زور دەرەجىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.قۇرغاق تېرىلەرگە سۇ تولۇقلاپ نەمخۇش قىلىدۇ،تېرە سىلېقلىنىدۇ. تېرە خۇش پۇراق پۇرايدۇ.ناھايىتى راھەت ھىس قىلىدۇ.
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يۇيۇنۇش

رامىزان ئېيىدا ئىبادەتلەرنى جايىدا تولۇق ئورۇنلاپ، تولۇق ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندە تەن ساقلىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەۋسىيەلەرنى بېرىمىز. چۈنكى تەن ساقلىق ئەڭ مۇھىم مەسىلە. تەن ساق بولمىغاندا ئىبادەتلەرنى تولۇق ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئاينىڭ شاراپەتلىرىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تەن ساقلىقىنى ساقلاش پرىنسىپلىرىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

تۆۋەندە رامىزاندا تەن ساقلىقنى ساقلاش ھەققىدە 20 تەۋسىيە بايان قىلىمىز:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: رامزان تەۋسىيە

1-جىگەرنىڭ تۈزۈلىشى:
جىگەر بەدەن ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بەز ۋە مۇھىم ماددا ئالماشتۇرۇش ئەزاسىدۇر. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرى تەخمىنەن 1500-1200گىرام يەنى بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ 40/1 ياكى 50/1  قىسىمغا تەڭ كېلىدۇ. ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ جىگىرى قۇرامىغا يەتكەنلارنىڭ جىگىرىدىن ئېغىرراق بولۇپ بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ 20/1 ياكى 16/1  قىسىمغا تەڭ كىلىشى مۇمكىن. جىگەرنىڭ سىرىتقى شەكلى شىنا شەكلىدە بولۇپ، سىرىتقى يۈزى دۇمباق ۋە پاقىراق، ئاستىنقى يۇزى ئويمان كېلىدۇ پۇتۇن جىگەر ئاساسەن ئوڭ ۋە سول جىگەر ياپراقلىرى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئوڭ ياپرىغى چوڭ ۋە قېلىنراق، سول ياپرىقى ياپىلاق نېپىزرەك كېلىدۇ. چوڭلار جىگىرىنىڭ ئوڭ ياپرىغىنىڭ ئېغىرلىغى سول ياپرىغىنىڭ ئېغىرلىغىنىڭ تەخمىنەن ئالتە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىگەر


5. شەھۋانىي فىلىمللەرنى كۆررۈش،جەلەق ( ئانانىزىم) ، جىمانىڭ كۆپ بولۇشى كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار ئۇرۇقداننىڭ كۈچەپ ئىشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
6. سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي مەنىي كەملىك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ھەۋەسنى كۈچەيتكۈچى ۋە باھنى قۇۋەتلىگۈچى ھەرخىل خىمىيىلىك ۋە ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇرۇقداننى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
8. نەشە، ئەپيۇن، تاماكا قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى كۆپ چەككەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ناركوز قىلغۇچى تەركىبلەر ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۇرۇقدان، مەنىي

مەقئەت ئارقا چىقىش يولى كۆتەن ئۈچەينىڭ سىرتىغا چىقىرىش ئاغزى بولۇپ،كۆتەن ئۈچەي(تۈز ئۈچەي)نىڭ سوڭغىچە بولغان قىسىمى2~3 سانتېمېتىر كېلىدۇ.
مەقئەت مۇسكۇل، ئەسەب، شىللىق پەردە، قان تومۇر ۋە پەيلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەقئەتنى كۆتۈرگۈچى مۇسكۇل،مەقئەت پۈرمە مۇسكۇللىرىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم.كۆتەن ئۈچەي ۋە مەقئەت شىللىق پەردىسىدە ئۇششاق ئارتېرىيە ۋە ۋېنالار ناھايىتى مول.
مەقئەتنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ،ئاساسلىق خىزمىتى:ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى ۋە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش سالاھىتى بولمىغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ قۇۋۋىتى دافىئە(ھەيدەپ چىقىرىش)نىڭ ياردىمى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ.
مەقئەتكە زىيانلىق ئامىللار

[تەپسىلاتى]

ئادەم بەدىنىمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر قىزىقارلىق ئوقۇشلۇق ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىلا قىزىقارلىق، مول مەزمۇنلۇق كىتاب بولالايدۇ. قان بىلەن گۆشتىن تۈزۈلگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچىگە ئاجايىپ-غارايىپ(مۇرەككەپ)ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان.ئادەم بەدىنىنىڭ ھېكايىسى ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس بولۇپ، سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ(بۇنى يەنىلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز، ئەلۋەتتە) .

[تەپسىلاتى]

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆزنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1.كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ۋاقىتىدا ھەر20~30 مىنۇت كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن بىر قىتىم دەم ئېلىش، يەنى يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا قاراپ بېرىش كېرەك ھەم يۇقىرىقى زىيانلىق ئامىلدا سۆزلەنگەن ناچار ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.
2. كۆزنىڭ تەبئىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوغداش كېرەك. يەنى بوران-چاپقۇن، ئىس0تۈتەك،قۇم بورانلاردىن توساش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقىۋېلىش، ئەگەر ئۇ بولمىغاندا كۆزنى قالايمىقان ئۇۋلىماستىن لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ( ئىلىمان سۇدا) كۆزنى يەڭگىل ئۇۋلاپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
3. كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇپ بېرىش يەنى دائىم سىرتلارغا چىقىپ يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا، ئاسمانغا قاراپ بېرىش، كۆپ خەت يېزىپ كۆپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن5~10 مىنۇت كۆز گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش كېرەك.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۆز، ئاسىراش

ھەر قانداق ئەر كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم مەزمۇن بار

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بۆرەك

يۈرەككە زىيانلىق ئامىللار


70 ياشقىچە ياشىغان بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى175 مىليۇن لىتىر قان سىقىپ چىقىرالايدۇ. بۇ قانلار ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر، چوڭقۇرلىقى 2.5 مېتىر كېلىدىغان كۆلدىكى سۇنىڭ مىقدارى بىلەن باراۋەر. ئادەمنىڭ ھاياتىدا يۈرەك توختاۋسىز قىسقىرىپ-كېڭىيىش ئارقىلىق شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى قان سۈيۈقلۇقىنى ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن بەدەننى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي، ساغلام ياشاي دەيدىكەنمىز، مۇشۇ ھارماس ئەزا يۈرەكنى ياخشى ئاسراش ھەممىدىن مۇھىم.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يۈرەك