قۇلاققا زىيانلىق ئامىللار  ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى


 

قۇلاقنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ:
1.سىرىتتىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، مېڭىگە يەتكۈزىدۇ.
2.ئاڭلاش سېزىمىنى باشقۇرىدۇ.
3.بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
قۇلاققا زىيانلىق ئامىللار
1.زىيادە كۈچلۈك شاۋقۇن-سۈرەنقۇلاقنىڭ ئاۋاز پەردىسىنى تىترىتىش ئارقىلىق قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2.زىيادە كۈچلۈك ۋە قاتتىق ئاۋازلارمۇ قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3.قاتتىق سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى، قاتتىق سوغۇق ھاۋا قۇلاققا تەسىر قىلىپ قۇلاقتىكى قىل قان تومۇرلارنى سىپازمىلاندۇرۇپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇلاققا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ھەرخىل قۇلاق كېسەللىكلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.يامغۇردا قېلىش،يامغۇرنىڭ سوغۇقلۇق كەيپىياتى قۇلاققا تەسىر قىلىپ قۇلاقنىڭ سوغۇقلۇق كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ-دە، نەتىجىدە قۇلاق ئېغىرلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.زىيادە كۈچلۈك ئاپتاپ قۇلاققا تەسىر قىلىسا قۇلاق تېرىلىرى قارىداپ قۇلاقنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6.زىيادە ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايۇنلاردا ياشىغۇچىلاردا سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە سېزىمى مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
7. توڭلاتقۇدا ساقلانغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا تەبىئەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەن بۇ يېمەكلىكلەر قۇلاققا تەسىر قىلىپ، قۇلاقنىڭ سوغۇقلۇق كەيپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، قۇلاق ئېغىرلىقى ۋە گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8.بىر قىسىم ھورمۇنلۇق دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەندە قۇلاقنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قىسىم غەيرىيلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9.بىر قىسىم خىمىيىلىك دورىلارنى ئىشلەتكەندە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىققان قۇلاقنىڭ ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. قۇلاقنى كۆپ كولىغاندا قۇلاق پەردىلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ھەرخىل مودۇر ۋە جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىپ، قۇلاق يولىنى توسۇپ، نورمال ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش

 قۇلاقنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. قۇلاقنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش، يەنى قۇلاققا توشۇپ قالغان قۇلاق كىرلىرىنى تازىلاپ تۇرۇش، لېكىن قالايمىقان كولىماسلىق، قۇلاققا كىر توشۇپ قالغاندا قۇلاقنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تازلىتىش كېرەك.
2.ئاڭلاشقا تېگىشلىك بولمىغان غەيىرىي يۇقىرى ئاۋازدىن ساقلىنىش كېرەك، يەنى قۇلاق تۈۋىگە يېقىن كېلىپ، قاتتىق ۋارقىرىماسلىق ھەمدە كۈچلۈك ئاۋازلاردىن ساقلىنىش لازىم.
3.قۇلاققا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك، يەنى قاتتىق سوغۇق ھاۋادا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش، قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردە سىرتتا قېلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
4. قۇلاقنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5. قۇلاق سۇپىرسىنى بوش ۋاقىت تاپسىلا ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
6.قۇلاقنى ئۈششۇتۈپ قۇيماسلىق كېرەك، يەنى قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق كۈنلىرىدە قۇلاقنى ئوچۇق قويۇپ مۇتسىكىلىت ياكى ۋېلىسپىت مىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
7.پەس ئاۋازدىكى ناخشىلارنى دائىم ئاڭلاپ بېرىش، بۇنداق قىلغاندا قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىگىلى بولىدۇ.
8. قۇلاققا ھاشارەتلەر كىرىپ كېتىشى ۋە ھەرخىل سىرىتقى زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم..
يۇقىرىقىدەك ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى دورىلار بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلسىمۇ قۇلاقنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
1.بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى، تۇققان ئايالنىڭ سۈتىدىن ئاز مىقداردا، كالىنىڭ ئۆتى12مىللىمېتىر، بۇلارنى قوشۇپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئېغىرلىقى ۋە گاسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قارا قوينىڭ يۇڭىنى قۇلاققا تىقىپ قويسا قۇلاقتىن يېرىڭ ئېقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.چۈمۇلە يېغىنى قۇلاققا مۇۋاپىق مىقداردا تېمتىپ بەرسە قۇلاق ئېغىرلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. بابۇنە،سېرىقچىچەك،مەرزەنجۈش ئاقىرقەرھالارنى قاينىپ، ئۇنىڭ ھورىغا قۇلاقنى تۇتسا قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى بىنەپشە، مەتبۇخ ھېلىلە قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ قۇلاقنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

80خالتا بلوگى ئۈچۈن خەدىچە تەييارلىغان
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قۇلاق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماOyayali[2010-08-19 11:32 AM | del]
بۇ توربەت ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تىببى بىلىملەرنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن ، ھارمىغايسىزلەر .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.