مەن چوڭ ئانامنىڭ قۇلاق غۇڭۇلداپ ئاغرىۋاتقانلقىغا دوختۇرلاردىن ئامال-چارە ئىزلەپ كىرگەن ئىدىم.
قانداق قىلساق ياخشى ئامالى بۇلار؟ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ دىئاگونۇز قويغان.ئاسما ئۇكۇل قويساقمۇ پەرىقى بولمىدى؟قۇلاقنى قىچىشىپ كولاتقان بىلەنلا بۇ كىسەل پەيدا بۇلۇپ چوڭ ئانامنى ئازابلاۋاتىدۇ،مەن چىداپ بۇلالماي مەسلىەت سوراپ باققۇم كەلدى.رەنجىمەي قانائەتلەنگىدەك جاۋاب بىرىشىڭلارنى تۇۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!كۆك كەپتەر گۇشى يىسە مەنپەئەت قىلارمۇ؟>

" /> قۇلاق ياللۇقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە قانداق داۋالاش مومكىن؟ - 80 خالتا بلوگى

قۇلاق ياللۇقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە قانداق داۋالاش مومكىن؟


مەن چوڭ ئانامنىڭ قۇلاق غۇڭۇلداپ ئاغرىۋاتقانلقىغا دوختۇرلاردىن ئامال-چارە ئىزلەپ كىرگەن ئىدىم.
قانداق قىلساق ياخشى ئامالى بۇلار؟ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ دىئاگونۇز قويغان.ئاسما ئۇكۇل قويساقمۇ پەرىقى بولمىدى؟قۇلاقنى قىچىشىپ كولاتقان بىلەنلا بۇ كىسەل پەيدا بۇلۇپ چوڭ ئانامنى ئازابلاۋاتىدۇ،مەن چىداپ بۇلالماي مەسلىەت سوراپ باققۇم كەلدى.رەنجىمەي قانائەتلەنگىدەك جاۋاب بىرىشىڭلارنى تۇۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!كۆك كەپتەر گۇشى يىسە مەنپەئەت قىلارمۇ؟>

جاۋاب:
ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇقىنى داۋالاشتا ئۆزۈمنىڭ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بىر ئۇسسۇلۇم بار ئىدى، سىناپ باقسىڭىز بولغۇدەك. تېبابىتىمىزدە قۇلاق ياللۇقىنى ئادەتتە ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بولغان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ. قايسى خىل سەۋەبتىن بولغان بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ دورا ئىستىمال قىلىنىدۇ. چوڭ ئانىڭىزغا ئاسما ئوكۇل ئاستۇرۇپمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا بۇنى سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ياللۇقى دەپ ئېيتىش مومكىن.
دورىخانىدىن قوش ئوكسىدلىق قۇلاق تازىلايدىغان سۇيۇقلۇق ئىلىپ پىلىتكۈچ ئىشلەتكەندىن كىيىن قۇلاق ئىچىنى قۇرۇتۇپ ئاندىن يۇمشاق ئىزىلگەن موزىنى كىچىككىنە قەغەزگە قويۇپ قۇلاققا يەڭگىل پۇركۇپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى قۇلاق ئىچى يېرىڭلاشتىن كىلىپ چىققان غوڭۇلداش ، ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
توسالغۇلارنى ئىچىش، ياللۇق قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىچىدىن ئىچىشكە :
ھەببى كېبرىت
مەجۈنى چۆپىجىن
ھەببى قوقىيا
ھەببى قوقىيا
گۈلقەنت دېگەن دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.
قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن بەدەن كۆتۈرەلىگۈدەك ھالەتتە ئانچە - مۇنچە كەپتەر شورپىسى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
يېمەك-ئىچمەكتە سوغۇق، يەللىك، ئاچچىق-چۈچۈكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ بېرىلىدۇ.
بىمار ياشقا چوڭ بولسا كېرەك بۇ خىل ئەھۋالدا ئىمكان بار تېۋىپ-ھەكىملەرگە كۆرۈنۈپ ئاندىن دورا ئىستىمال قىلغان ياخشىراق.
يۇقۇردىكى دورا رېتسىپلار پەقەت پايدىلىنش ئۈچۈنلا يوللاندى.
___________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قۇلاق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsadirjan[2011-05-14 04:32 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك بېرزات ھاكىم، سىلدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا. بىر توي قىلغىلى 4يىلدىن ئاشقان، بىر قېتىم ھامىلدار بولۇپ بويۇمدىن چۈشۈپ كەتتى، ئىككىنچى قېتىم تەييارلىق قىلايلى دېگەن لىكىن تەكشۈرتۈش جەريانىدا يولدۇشۇمنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى تۆۋەن ھەمدە ئىرىمەيدىغان بولۇپ چىقتى بۇ ئەھۋالدا بالىلىق بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇرۇق ئېرىمەيدىغان ئەھۋال بولىدۇ، بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ، قانداق قىلساق بولار، ھەمدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.  
回复قايتۇرماnuriman[2010-12-13 02:34 PM | del]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەتكا ،  ئالدى بىلەن تەنلىرىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭنىڭ كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن . مېنىڭ قۇلىقىمنىڭ ئىچى تۇرۇپ - تۇرۇپ يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىيدۇ، كۈندە ئەمەس تۇرۇپ - تۇرۇپلا ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم ھىچقانداق كېسەللىك يوقكەن ،  قۇلىقىمنىڭ ئىچىدە سۇ باردەك ھىس قىلىمەن ، ئەمما ھىچنىمە يوق ، بەزىدە قۇلىقىم ئىتىلىۋالغاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، بولمىسا گەپ - سۆزلەرنى نورمال ئاڭلايمەن . بۇنىڭ سەۋەبىنى ھىچ بىلەلمىدىم . مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ، جاۋابلىرىنى كۈتۈپ نۇرئىمان .
回复قايتۇرمائادىلجان[2010-08-19 05:35 PM | del]
منىڭ قىزىم بۇيىل 7 ياشقا كىردى ، 2،3يىلدىن بۇيان ھەر ئايدا بىر قىتىم بادام بەز ياللۇغى(ئانىگىنا )بولۇپ كىلۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئاتا مىراس ئۇيغۇر تىبابتدىن شىپالىق دورا بارمىدۇ. كوپچلكنىڭ ياخشى دورللىرنى تەۋسىيە قلىشنى ئومۇت قىلمەن.
回复قايتۇرماBEHLAN[2010-08-18 03:13 PM | del]
ئەساللامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم: مېنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن تونۇشقۇنمغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولدى .ھازىر  خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلكى ئالې تېخنىكومىدا ئوقىۇۋاتىمەن.  نەق گەپكە كەلسەم  ، بىزگە ئۈتۈلگەن دەرىسلىكتە <خېلىت تەلىماتىدا> ئادەم بەدىنىدىكى ئۈزگەرگەن نورمالسىز خېلىتلار توغرىسدا توختۇلۇپ، ھەر بىر ئۈزگەرگەن خېلتنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم چۈشەنچە بىرىلدى . مېنىڭ سېزدىن سورماقچى بولغونۇم ،ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە ، بىمارغا قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا  بېمارنىڭ ئەسلى مېزاجنى ئايرپ،كىسەللىك خېلىت ئۈزگىرشىدىن بولغان بولسا ،ئۇنداقتتا شۇ بېمارنىڭ بەدىنېدىكى ئۈزگەرگەن نورمالسىز خېلىتنى تېپىپ چېققپ شۇنۇڭغا قارتا داۈالاش ئېلىپ بىىلدۇ.  مەسىلەن كېسەللىك نورمالسې سەپرا خېلتىدىن(سارغۇچ سەپرا خېلىتى) بولغان بولسا  بۇ ئۈزگەرگەن خېلىتنى پشۇرۇش مەقستىدە مۇنزىچ بەرگەندە ، سەپرا خېلتنى ئاساس ، قۇشۇلغان سۇيۇق بەلغەم خېلتىنى قۇشۇمچە قىلىپ  مۇنزچ نوسخېسى تەيارللىندۇ . ئۇنداقتا سىزدېن مەسلھەت سورايدېغنىم، رېتسىپ  يازغاندا ئاساسې خېلىت بىلەن قوشۇلغان خېلىتنىڭ نىسبېتنى قانداق بېكتىش تۇغرىسدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز كالامدېكى بەزى بىر سۇئاللار ئايدىڭلىشىپ قالغان بۇلار ئېدى.                پولات      18-8-2010
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.