مەن بۇ يىل توي قىلغىلى تۆت يىل بولدى. ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئۈچ قېتىم ھامىلدار بولدۇم. لېكىن ھەر قېتىم ھامىلدار بولۇپ ،50كۈنلەر ئەتراپىدا تەكشۈرۈش قىلسام بالا بارلېكىن يۈرەك سوقۇشى يوق چىقىدۇ.يەنە بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرۈشكە كەلسەم بالا ئارقىغا يېنىپ كىچىكلەپ كېتىدۇ ياكى ئۆلۈپ قالىدۇ.نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ باقتىم لېكىن پايدىسى بولمىدى. بۇلتۇر 3-بالام چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن 2- دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەر _ ئايال ئىككىمىز تەكشۈرۈش قىلدۇق. يولدۇشۇمنىڭ ھەممە تەكشۈرۈشلىرى ياخشى چىقتى. مېنىڭ .ئاق خۇن، بالا ياتقۇنىڭ ئېمونىت ئىقتىدارى ياخشى چىقتى لېكىن(染色体(مېنىڭ چاتاق چىقتى. دوختۇر تۇغالمايسەن دەپ دىئاگنوز قويدى .كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. دەسلەپتە يولدۇشۇمغا دىيەلمىدىم. كېيىن ئامال يوق دىدىم . يولدۇشۇممۇ توغرا چۈشەندى.لېكىن شۇ ۋاقىتتا دوختۇر <بالىنىڭ گېنى يولدۇشىڭىزنى تارتسا ، بەلكىم بالىڭىز ئەي بولۇپ قالار> دىگەن. يەنە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن . ئالدىنقى ئۈچ قېتىمدا بەك قىينالدىم. ھازىر پەقەت شۇ خۇدايىم ۋاقتى سائىتى كەلگەندە پەرزەنت بېرە دەپ ئولتۇردۇم .
يېقىندا سىلەرنىڭ مۇشۇ تور بەتنى كۆرۈپ ، ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدەنگۈم كەلدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە مۇشۇنىڭ داۋاسى بارمىدۇ؟ ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار!

" /> خروموسومدىكى غەيرىلىك ۋە ئادەت خاراكتىرلىق بالا چۈشۈش - 80 خالتا بلوگى

خروموسومدىكى غەيرىلىك ۋە ئادەت خاراكتىرلىق بالا چۈشۈش



 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەفىيە دوختۇر:
مەن بۇ يىل توي قىلغىلى تۆت يىل بولدى. ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئۈچ قېتىم ھامىلدار بولدۇم. لېكىن ھەر قېتىم ھامىلدار بولۇپ ،50كۈنلەر ئەتراپىدا تەكشۈرۈش قىلسام بالا بارلېكىن يۈرەك سوقۇشى يوق چىقىدۇ.يەنە بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرۈشكە كەلسەم بالا ئارقىغا يېنىپ كىچىكلەپ كېتىدۇ ياكى ئۆلۈپ قالىدۇ.نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ باقتىم لېكىن پايدىسى بولمىدى. بۇلتۇر 3-بالام چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن 2- دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەر _ ئايال ئىككىمىز تەكشۈرۈش قىلدۇق. يولدۇشۇمنىڭ ھەممە تەكشۈرۈشلىرى ياخشى چىقتى. مېنىڭ .ئاق خۇن، بالا ياتقۇنىڭ ئېمونىت ئىقتىدارى ياخشى چىقتى لېكىن(染色体(مېنىڭ چاتاق چىقتى. دوختۇر تۇغالمايسەن دەپ دىئاگنوز قويدى .كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. دەسلەپتە يولدۇشۇمغا دىيەلمىدىم. كېيىن ئامال يوق دىدىم . يولدۇشۇممۇ توغرا چۈشەندى.لېكىن شۇ ۋاقىتتا دوختۇر <بالىنىڭ گېنى يولدۇشىڭىزنى تارتسا ، بەلكىم بالىڭىز ئەي بولۇپ قالار> دىگەن. يەنە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن . ئالدىنقى ئۈچ قېتىمدا بەك قىينالدىم. ھازىر پەقەت شۇ خۇدايىم ۋاقتى سائىتى كەلگەندە پەرزەنت بېرە دەپ ئولتۇردۇم .
يېقىندا سىلەرنىڭ مۇشۇ تور بەتنى كۆرۈپ ، ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدەنگۈم كەلدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە مۇشۇنىڭ داۋاسى بارمىدۇ؟ ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار!

جاۋاپ:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن بەزى تىببى ئاتالغۇلار ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى توغرا تاپتىم
染色体دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ رولى قانداق؟
(chromosome) خروموسوم بولسا ئىرسىي ماددىنىڭ توشۇغۇچىسى(载体)،يەنى گېننىڭ توشۇغۇچىسى . ئادەتتە DNA ۋە ئاقسىللاردىن تەشكىل تاپقان ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ بىرىش ۋە توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىرسىيەت ماددىسىدۇر.
ئىنسانلارنىڭ نورمال تەن ھۈجەيرىسىدە 23 جۈپ يەنى 46دانە خروموسوم بولىدۇ. ئىچىدە 22جۈپى دائىمى خروموسوم، بىر جۈپى جىنسى خروموسوم.(X ,Y ) نورمال ئەركىشىنىڭ خروموسومىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولسا 46,XY نورمال ئايالنىڭ خروموسومىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى 46XX بولىدۇ.
كۆپىيىش ھۈجەيرىسى يەنى نورمال ئىسپىرما ياكى تـۇخۇم ھۈجەيرىسىدە 23 دانە خروموسوم بولىدۇ. يەنى ئادەتتكى تەن ھۈجەيرىسىنىڭ يېرىمى بولىدۇ. يەنى 22 دانە دائىمى خروموسوم ۋە بىر دانە X ياكى بىر دانە Yخروموسوم بولىدۇ.
تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئىسپىرما بىرلەشكەندىن كىيىن ئاتا تەرەپتىن كەلگەن 23 دانە خروموسوم بىلەن ئانا تەرەپتىن كەلگەن 23 دانە خروموسوم بىرلىشىپ سان كىمەيتىپ بۆلۈنۈش ۋە يىپلىق بۆلۈنۈشلەر ئارقىلىق ئاتىنىڭ ۋە ئانىنىڭ ئىرسىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسسەملىگەن نورمال ھالەتتىكى تۆرەلمە شەكىللىنىدۇ، تۆرەلمىنىڭ جىنسى بولسا ئاتا تەرەپتىكى X,Y لەردىن ئىسپىرما قايسى خىل خروموسومغا ئىگە بولغان بولسا تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكىx بىلەن بىرلىشىپ ياكى ئوغۇل ياكى قىز بولىدۇ. مەسىلەن ئىسپىرما Y خروموسومغا ئىگە بولسا ئانا تەرەپتىن كەلگەن Xبىلەن بىرلىشىپ ئوغۇل بولىدۇ ، ئەگەر ئىسپىرما Xخروموسومغا ئىگە بولسا ئۇ ھالدا تۆرەلمە قىز بولىدۇ. دىمەك كىيىنكى ئەۋلادنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشى پەقەتلا ئەر تەرەپكە باغلىق بولىدۇ.
ئەمدى سىزدىكى خروموسومدىكى غەيرىلىك سەۋەبىدىن بولغان بويدىن ئاجراپ كىتىشكە كەلسەك:
ئەگەر ئەر -ئايال قايسى تەرەپنىڭ خروموسومدا غەيرىلىك بولسا ئۇ ھالدا بۇلارنىڭ بالىلىق بولالىشى ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ، چۈنكى بىر تەرەپتىكى خروموسومدىكى غەيرىلىك سەۋەبىدىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم نورمال بۆلۈنۈش ھاسىل قىلالمايدۇ_ دە ، بويىدا قالغان ھالەتتە 40-50 كۈن ئەتراپىدا بويدىن ئاجراپ كىتىدىغان ئەھۋال بولىدۇ، ناۋادا بويىدىن ئاجراپ كەتمىگەن ھالەتتە ئۇ بالا نورمال ، ساق تۇغۇلمايدۇ، نورمالسىز بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىن ھايات كەچۈرەلىشى ياكى نورمال چوڭ بولالىشى بىر ئىنتايىن قىيىن مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.
سىزدىكى خروموسوم غەيرىلىكى بولسا سىز تۇغۇلغاندىلا شۇ خىل ئالاھىدىلىك بىلەن تۇغۇلىدىغان بولغاچقا گەرچە سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى كۆرۈنۈشتە نورمال بولغان بىلەن ، ئۇ كەلگۈسى ئەۋلات قالدۇرۇشىڭىزغا تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولغان، داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كىسەللىك.
سىزنىڭ يۇقارقى ئەھۋالىڭىزدىن سىزگە نىمە دەپ تەسەللى بېرىشىمنىمۇ بىلمىدىم، سىزگە بۇ بۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان كىسەللىك ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەر بەرگىنىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.
خەير، ئاللاھ سىزگە شۇ خىل كىسەللىكنى بەرگىنىنىڭ ھىكمىتىنى ئۆزى بىلگۈچىدۇر، كۆڭلىڭىزنى بەك يېرىم قىلماڭ، سەبرى قىلىڭ، ئاللاھ سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر، ئاللاھ سەبرى قىلغىنىڭىز بەدىلىگە سىزگە ياخشى ئاقىۋەت ئاتا قىلغۇچىدۇر!
سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم : ئەر ئايال ئىككىلىڭلار ماقۇل كۆرسەڭلار، بالا بېقىۋىلىڭلار.
____________ سەفىيە
 
 

 

 
 

 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خروموسوما

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmaysam[2011-03-22 00:25 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئالتە ئاي ئىلگىرى تۇت ئايلىق بولغان بالام چۇشۇپ كەتكەن ئىدى،بەش ئاينىڭ ئالدىدا ئادەتنىڭ رەڭگى قارامتۇل كىلىپ تەكشۇرتسەم بالاياتقۇ ئىچى يۇقۇملىنىپتۇ دەپ بىرمۇنچە دۇرا بەردى.بىر ئايدىن بىرى ھىچ ئوڭشالغاندەك ئەمەس،بۇنىڭغا بىرەر ئۇنۇملۇك چارە بارمۇ؟ياخشىراق دورا بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز،رەخمەت.
回复قايتۇرماmariya[2010-08-19 08:06 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۆرۈپ مەنمۇ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم .ھازىر مەن توي قىلغىلى 9ئاي بولدى ، بۇ يىل1-ئايدا ھامىلدار بولۇپ ،57 كۈن بولغاندا تەكشۈرۈش قىلسام  بالا بار،لېكىن يۈرەك سوقۇشى يوق چىقىپ ، 3 كۈندىن كېيىن  ئۆزلىكىدىن بويۇمدىن ئاجراپ كەتتى، دوختۇر 6 ئايدىن كېيىن ھامىلدار بولسىڭىز بولىدۇ دىگەن ئىدى ، بىراق يەنە شۇنداق بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن . بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ مەنمۇ ئاۋۋال تەكشۈرۈش قىلىپ باقسام بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم ،سىزدىن سورايدىغىنىم ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاياللار بۆلۈمىدە  قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشىم كېرەك ؟ تەپسىلىي دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . رەھمەت !
回复قايتۇرماarkan[2010-08-14 03:04 AM | del]
مەن ئازىراق سۆزلەپ قوياي.
بۇ خىلدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالىغىلى خوتەن شەھەردىكى تۇرسۇنتوختى ھاجىم بىر قەدەر ئۇستا، تەجىربىلىك دەپ قارايمەن بولسا شۇ ئۇستازغا كۇرۇنۇپ باقسىڭىز، غەرىپ تىبابىتىنىڭ ئۇ كەمكەن، بۇ ئازكەن دىگىنى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ كىسەللىككە بولغان قارىشى تۇنۇشى ئوخشىمايدۇ، شۇ تۇرسۇنتوختى ھاجىم بىر كۇرۇپ باقمىسۇنمۇ.
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-08-14 11:15 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئۇ ئادەم ھازىرمۇ كېسەل كۆرەمدۇ؟
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بەكلا ياشىنىپ كېسەل كۆرگىدەك ھالى يوقتەك كۆرگەن ئىدىم.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.