بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىپ يېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش چارىلىرى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-13
ئادەتتە كىچىك بالىلار 2يېرىم ئۈچ ياشتىن باشلاپلا كىچىسى سۈيدۈكىنى كونترول قىلالايدىغان بولىدۇ، گەرچە بەزەن ۋاقىتلاردا يوتقانغا سىيىپ قويسىمۇ نورمال ئەھۋال دىيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بالا 4 ياشتىن كىيىنمۇ كىچىسى يوتقانغا سىيىپ قويسا سىيىپ قويۇش قېتىم سانى ھەپتىسىگە 3 قېتىمدىن ئاشسا، ۋە 6 ئايغىچە داۋام قىلسا بۇ بىر خىل كىسەللىك ھىساپلىنىدۇ.
بۇ خىل كىسەللىكنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى بەك ئېنىق بولمىسىمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
1- ئىرسىيەت ئامىلى: ئەگەر بالىنىڭ ئاتا_ ئانىسى ئىككىلا تەرەپنىڭ كىچىك ۋاقتىدا كىچىسى يوتقانغا سىيىپ قويىدىغان ئادىتى بار بولسا ئۇ ھالدا تۇغۇلغان بالىنۇىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدا شۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . ئەگەر بىر تەرەپتە شۇنداق ئادەت بولغان بولسا تۇغۇلغان بالىنىڭ يېرىمىدا بۇ خىل كىسەللىك كۆرۈلىشى مۇمكىن.
2- كىسەللىك ئامىلى: بالىدا تۈتۈ قۇرۇت بولغان بولسا، قۇرۇت سۈيدۈك يولى ئېغىزىنى غىدىقلاپ شۇنىڭدىن بولۇشى مۇمكىن، يەنە سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغان بولسا، خەتنىلىك بەك ئۇزۇن بولۇپ ئىچىگە كىر تولۇپ قېلىپ ياللۇغلانغان بولسا، بۆرەكتە مەلۇم خىل كىسەللىكلەر بولغان بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى تولۇق يېتىلمىگەن بولسا، دوۋساقنىڭ سىغىمى كىچىك بولسا ، سۈيدۈك چىقىرىشنى كونترول قىلىش ھورمۇنىنى تولۇق ئاجرىتىپ چىقىرالمايدىغان بولسا . دوۋساقنىڭ كىچىسى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يىتىلمىگەن بولسا .... كىچىسى سىيىپ يېتىشى مۇمكىن.
3- مۇھىتنىڭ تەسىرى: قاتتىق سوغۇق بولغان ياكى ھاۋا ئۆزگەرگەن كۈنلەر بالىنىڭ سىيىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن سىرت ئەگەر بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بالا خېلى چوڭ بولغۇچە ۋاقتى ۋاقتىدا توسۇپ، سىيدۈرۈشكە ئادەتلەندۈرمىگەن بولسا، ئۇزاق ۋاقىتقىچە سۈيدۈك لاتىسى بېكىتىپ كۆندۈرگەن بولسا، كىچىسى سىيدۈرگەندە ئويغىتىپ سىيدۈرۈشكە كۆندۈرمەستىن، بالىنى ئويغاتمايلا سىيدۈرۈپ ئادەتلەنگەن بولسا. ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سوغۇق ئىچىملىك ، تاۋۇز دىگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى يەپ ئىچىپ ئادەتلەنگەن بولسا كىچىسى يوتقانغا سىيىپ يېتىشى مۇمكىن.
ئەگەر يۇقارقى ئەھۋاللاردىن كىسەللىك ئەھۋالى بار بولسا داۋالىتىش زۆرۈر. ئەمما ئەڭ مۇھىم ھالقا دورا ئىشلتىىش بىلەن توغرا ئادەت يېتىلدۈرۈش كىرەك . بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1-ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بالىنى سىيگۈزۈپ ئۇخلىتىش لازىم، ئۇخلاشتىن بۇيرۇن سوغۇق ئىچىملىك ، سۇ بەرمەسلىك كىرەك.
2- ئاتا ئانا بولغۇچى ھەر كۈنى ئاخشىمى بالىغا : كىچە سائەت مۇنچىدە قوپۇپ سىيىۋال! دەپ تاپىلاش ھەم شۇ بالا ئادەتتە سىيىپ قويىدىغان ۋاقىتنى پەملەپ تۇرۇپ بالىنى ئويغۇتۇپ سىيىۋىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم.
3- بالىنى سىيىپ قويغان ۋاقىتتا ئەيىپلىمەسلىك، ئۇرۇپ تىللىماسلىق لازىم، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ پىسخىك بېسىمى ئېشىپ كېتىپ تېخىمۇ سىيىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر بالا سىيىپ قويمىغان بولسا رىغبەتلەندۈرۈش ماختاش ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم قىلىش لازىم .
4- بالا يېتىشتىن بۇرۇن قاتتىق ئويناپ كىتىپ ھېرىپ كىتىشتىن ساقلاش لازىم ، قاتتىق ھېرىپ كەتكەندە ئويغىنالماي قېلىپ سىيىپ قويىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ قالىدۇ. بالىنى كۈندۈزلىرى بىرەر يېرىم سائەت ئۇخلىتىپ ئادەتلەندۈرۈش كىرەك
5- بالىنى كۈندۈزلىرى سىيگۈسى كەلگەندە سۈيدۈكنى تۇتۇۋىلىشقا كۆندۈرۈش، ۋە بۇ ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش ، شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ سۈيدۈكىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كىرەك.
______________ سەفىيە
بىرزاتنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالغا بەرگەن جاۋاپ-رېتسىپلىرى:
بۇ ئاساسلىقى ئومومىي بەدەننىڭ سوغۇقلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بۆرەك، دوۋساق ئەتراپىدىكى تۇتقۇچى پەي-نېرىپلارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن بالىلاردا كېچىسى سېيىپ يېتىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغانلىرىدا كۈندۈزلىرىمۇ سۈيدۈك باشقۇرالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئالدىدا كورلىدىكى بىر قېرىندىشىمزىنىڭ 9-10 ياشلىق قىزىغا مەسلەھەت بىرىپ ئاددىي بىر رېتسىپ ( تۆۋەندىكى1- رېتسىپ ) كۆرسەتكەن ئىدۇق. خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن شىپا تېپىپ ساقىيىپ قاپتۇ. سىلىمۇ شۇ خىل ئۇسسۇلنى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققان بولساڭلار!
تۆۋەندىكى ئۇسسۇللارنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىنى ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىپ بەرسە بولىدۇ:
1. كۈندە 2-3 تال ياڭاق مېغىزنى قوقاستا پۇشۇرۇپ يېگەندىن باشقا ھەر كۈنى كەچتە تەخمىنەن 5 تال ياڭاقنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان نېپىز پاسىلىنى بىر تاۋاق سۇغا سىلىپ بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ بىرىلىدۇ. ( سىناقتىن ئۆتكەن )
2. ئەكەك ياۋا توشقان گۆشىنى ھوردا دۈملەپ پۇشۇرۇپ قورساق تويغۇچە يەپ بىرىدۇ. بولۇپمۇ توشقاننىڭ بېشىنى قوقاستا پۇشۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېڭە قېتىقىنى يەپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك.
( سىناقتىن ئۆتكەن )
3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كۇچۇلا يېغى، تۇخۇم يېغى قاتارلىق مايلاردا دوۋسۇن ، تاپان ، كىندىك ئەتراپى مايلاپ بىرىلىدۇ.
4. قوي بۆرىكىدىن 2 تالنى 50 گىرام ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ كۈندە بىر قېتىم پۇشۇرۇپ يەپ بېرىدۇ.
5. كۈندە بىر قېتىم ئەركەك پاقلان گۆشى بىلەن نۇقۇتتا شورپا قىلىپ ئىچىپ بىرىدۇ.
سوغۇق، ئاچچىق چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن ، مېۋە-چېۋىلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ.
______________ بىرزات
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سىيىپ، سىيگەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يەنە 26 ياشلىق توي قىلغان ئايال ئۈچۈن بالياتقۇ تۇخۇمدان سۇلۇق ئۇشۇق پەەيدا بۇلغان ، بالياتقۇ بوينى ئىشىش ،جىنسى قىزىقىش بولماسلىق ، جنىسى ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىتىش ، بۇ ئەھۋاللارغا ئائىلىدە يەرلىك ئۇسۇلدا دورا ، ياكى باشقا ئۇزۇقلۇق قىممىتى بار نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ،يىيىش ئارقىلىق ئۇنۈمگە ئىرىشكىلى بۇلامدۇ ؟
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .....