بۇ كېسەللىكنىڭ كۆپ قىسمى بەدەننىڭ ئوچۇق تۇرىدىغان باش، يۈز، بۇرۇن، قول قاتارلىق ئەزالاردا پەيدا بولىدۇ. بۇ كېسەللىك رەڭلىك ئىرق- قارا تەنلىك، سېرىق تەنلىك كىشىلەردە ئاز ئۇچرايدۇ. بېلىق قاسرىقىسىمان ھۈجەيرە راكى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىش، رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش، تېرە قايتا-قايتا زەخمىلىنىش، ھەر خىل مايلار بىلەن ئۇچرىۋېرىش، تېرە يارىسىنىڭ ئۇزاققىچە ساقايماسلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇق پەيدا قىلغان ئاقما ۋە كامار، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك رەڭدار قۇرغاق تېرە كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىمۇ پەيدا بولىشى مۇمكىن.

" /> تېرە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە about skin cancer[تېبابەت بىلىملىرى] - 80 خالتا بلوگى

تېرە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە about skin cancer[تېبابەت بىلىملىرى]


كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى:
بۇ كېسەللىكنىڭ كۆپ قىسمى بەدەننىڭ ئوچۇق تۇرىدىغان باش، يۈز، بۇرۇن، قول قاتارلىق ئەزالاردا پەيدا بولىدۇ. بۇ كېسەللىك رەڭلىك ئىرق- قارا تەنلىك، سېرىق تەنلىك كىشىلەردە ئاز ئۇچرايدۇ. بېلىق قاسرىقىسىمان ھۈجەيرە راكى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىش، رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش، تېرە قايتا-قايتا زەخمىلىنىش، ھەر خىل مايلار بىلەن ئۇچرىۋېرىش، تېرە يارىسىنىڭ ئۇزاققىچە ساقايماسلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇق پەيدا قىلغان ئاقما ۋە كامار، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك رەڭدار قۇرغاق تېرە كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىمۇ پەيدا بولىشى مۇمكىن.
كېسەللىك ئالامەتلىرى: تېرىدە مونەك ئۆسۈپ، ئاغرىماي، قېچىشماي، تەدرىجى چوڭايسا ، يۈزى يېرىك يارا بولۇپ ، قانلىق، يېرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقسا، بەزىلىرى چېچەكسەيدەك ئۆسۈپ ، بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرسى يارلىنىپ ، گېرۋىكى تومپىيىپ چىقسا ، ئادەتتىكىدەك داۋالىسا ساقايماي ئەكسىچە ئېغىرلاشسا ياكى ئەسلىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا، ئاقما قانىلى، ئاق داغ ياكى تاتۇقتا مونەك بولۇپ ، يېقىندىن بۇيان ئۆسۈشى تېزلەشسە، بۇ ھالدا ئاۋۋال تېرە راكىدىن گۇمان قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، دىئاگنوزنى ئېنىقلىتىش لازىم.

داۋالاش ئۇسۇلى:دوختۇرخانىلار دەسلەپكى دەۋردە ئوپراتسىيە قىلىپ ياكى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالىسا
95% تىن ئارتۇق كىسەل پۈتۈنلەي ساقىيىدۇ . شۇڭا دوختۇرغا تىز كۆرۈنۈش ، كىسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئالامەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش ۋە كىسەللىكتىن مۇداپىئەلىنشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم . تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە دااۋالاش ھەم ئىەتەرسىز بولىدۇ ھەم تەلتۈكۈس ئۈنۈم بېرىدۇ .

1) راكنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان مۇرەككەپ سەراتان مەجۈنىدىن بىر خىلىنى تاللاپ ، كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تەييارلاپ ئىككى ئاي ئۈزۈلدەرمەي ئىشلەتسە ۋە 10 توخۇنى مەخسۇس دورىلىق يەم (بۇ ھەقتە تور بېتىمىزنىڭ رېتسىپلار سەھىپىسىدە دورىلىق توخۇ بېقىش دېگەن تېمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ ) بىلەن بىر ئاي بېقىپ ، ھەر 2-3 كۈندە بىرنى ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگەتسە ، بۇ كىسەللىك تۇلۇق ساقىيىدۇ .

2) تىرە ساھەسىدىكى قالدۇق راك ھۈجەيرىلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىماب تەركىبلىك مەلھەمنى ھەر كۈنى بىر قېتىم تېرە راكى پەيدا بولغان ئورۇننى دائىرىلەپ ياغلاپ بەرسە ، بەش قېتىمدا كىسەللىك تەلتۈكۈس ساقىيىدۇ .
مەلھەم تەركىبى : سىماب كۈلى ( كۇشتىسى ) سارغايتىلغان كىرپە تىكىنى ، چاچ كۈلى ، سارغايتىلغان زەمچە 30 گرامدىن ، يىپەك كۈلى 20 گرام ، توخۇ سۆڭىكىنىڭ كۈلى ، زەھەرسىز گۈڭگۈرت ، موزا 30 گرامدىن ، ئۇچقۇر پاقا 50 گرام ، يۇقىرىقىلارنى تۇلۇق تەييارلاپ سوقۇپ ، يۇمشاق تالقانلاپ ئەلگەكتىن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ ، ئېرىتىلگەن توخۇ يغى بىلەن سۇيۇق ئۇماچتەك مەلھەم تەييارلايمىز .
ئىشلىتىلىشى : كىسەللىك پەيدا بولغان تېرە يۈزلىرىگە سۈركىلىدۇ .
خۇسۇسىيىتى : ساقايمىغان جاراھەتلەرنى ساقايتىش ، زەخمىنى پۈتتۈرۈش ، مىكروبلارنى ، بۇزۇلغان تىرىلەرنى ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىپ ، يېڭى ساغلام ھۈجەيرىلەرنى ئۆستۈرۈش رولى بار . بۇنداق تۇلۇق تەركىبلىك
مەلھەم بىلەن ھەر قانداق كونا يارىلارنى تامامەن ساقايتىشقا بولىدۇ .

 مەنبە : مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ < جاھىل خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى داۋالاش> ناملىق كىتابى .




[Birzat بۇنى 2010-08-16 02:07 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تېرە راكى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.