ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئوخشاش بولمىغان سەۋەبىگە قارىتا ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

" /> جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى - 80 خالتا بلوگى

جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى


ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئوخشاش بولمىغان سەۋەبىگە قارىتا ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. شەھۋەت (جىنسىي ئىنتىلىش ) ئاجىز بولۇش؛
2. جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنى تېز كېتىش ياكى ئىشقا كىرىشمەي تۇرۇپ مەنى ئىقىپ كېتىش؛
3.زەكەر قايىم بولماسلىق ياكى بوش قايىم بولۇش؛
4. جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھوزۇر بولماسلىق؛
5. مەنى ئاغرىتىپ كېلىش ياكى قانلىق مەنى كىلىش؛
6. مەنى كەلمەسلىك ياكى تەتۈر ئېقىش

جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئاساسلىق كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. ئومومىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىشتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛
( جىنسىي مۇناسىۋەت زىيادە كۆپ بولۇش، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ھەر قايسى ئەرلىك ئەزالارغا قۇۋۋەت يېتىشمەي جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

2. بەدەندە ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كېتىشتىن بولغان باھ ئاجىزلىقى؛
( ئاچچىق-چۈچۈك سوغۇق يېمەكلىكلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەر، سوغۇقلىقى يۇقۇرى ھۆل مېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلارمۇ قاننى سوۋۇتۇپ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).

3. مەنىي ئازلىقتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛
( جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ بولۇش، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىش ، كۆپ ئىھتىلام بولۇش ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبلىكمۇ مەنى ئازلاپ جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

4. ئۇرۇقدان ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛
( ئۇرۇقدان ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىدە كېسەللىك ئاسارىتى سەۋەبىدىن مەزكۇر ئەزالار خىزمىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ مەنى ئىشلەش، تۇتۇش، چىقىرىش قۇۋۋىتى زەئىپلىشىپ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).

5. مېڭە ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛
( مېىڭىگە قان - قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مېڭىنىڭ بۆرەك ھەم مەنى تۇتقۇچى پەي-نېرىپلار بىلەن بولغان ھەمشىرىكلىك مۇناسىۋېتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ دە، جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

6. بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛
( ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجىغا قارشى ھالدا تەرتىپسىز بولىشى ، سوغۇق ياكى ئىسسىقتىن بۆرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى، بۆرەك ئورۇقلاش، بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، جىنسىي مۇناسىۋەتكە كۆپ بېرىلىش، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق داۋالاپ ساقايتماسلىق سەۋەبىدىن بۆرەكنىڭ سۈزۈش، ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى ناچارلاشقانلىقتىن جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

7. روھىي ئامىل سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛
( كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولىشى، ئۇزاق مەزگىل روھىي جىدديچىلىك، غەم-غۇسسە ئىچىدە ياشاش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن قورقۇش ، دەسلەپكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ جىنسىي ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچنىڭ سۇسلاپ كېتىشى بىلەن بىرگە ئۆزىنى كەمسىتىشتەك نۇرمالسىز پىسخىك ئاجىزلىقمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).

8. سېبلىس، سۆزنەك كەبى يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىك باكتېريىلىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل داۋالىتىلماي جىنسىي ئەزالاردا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ قىلىشىمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشتا ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ھەم بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىنى ئايرىپ چىقىپ دىئاگنۇسنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن مۇناسىپ داۋالاش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

كۆزىتىشىمىزدىن مەلۇم بولدىكى - ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش يالغۇز ئەرلىك ئەزالار خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئومومىي بەدەن ھەم روھىي قۇۋۋەتنى زور دەرىجىدە خورىتىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




[Birzat بۇنى 2010-08-13 12:06 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 13 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsirsiz[2013-06-09 07:20 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى؟
خاپا بولمىسىلىرى مېنى چ چ لىرىغا قوشسىلىرى بوپتىكەن، سىلىدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم.
چ چ : 793537431
回复قايتۇرماheroes[2011-08-25 05:38 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم .مەن سېلېدىن مەسلېخەت سورۇسام بولامدۇ؟
回复قايتۇرماaldost[2011-07-30 10:00 PM | del]
ئەسالام ئەلەيكوم      مېنڭ  زەكرم بەك كچك  بۇ كاندا  ئخۋال؟
回复قايتۇرماxxxxxx[2011-05-20 09:50 PM | del]
جىنسىي ئاجىزلىقنى.بۆرەك ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى.مەنى بالدۇر كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۇن قانداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى.
回复قايتۇرماintizar17[2011-04-16 12:32 AM | del]
ئەسسالام بىرزات ئەپەندىم .....ئۇلۇق ئاللاھ سىزگە ئۇزۇن ئۈمۈر،  ساغلاملىق ئاتا قىلغاي ..
مەن سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراي دىگەن ئىدىم ،قارىسام خەت قالدۇرۇش دەپتىرى ۋاقتىنچە تاقىلىپ قاپتۇ ...شۇڭا مۇشۇ تېما ئاستىغا يازدىم ئېغىر كۆرمەي ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ...
مەن ئۆي ئۇچاقلىق بولغىلى ھازىر 10 يىلدىن ئاشتى بالاممۇ بار، تۇرمۇشىمىز  خېلى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ .
بىراق يېرىم يىلدىن ئاشتى ، جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە  ئەتىسىدىن باشلاپ بىر قانچە كۈن بېلىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى ، پۇتۇممۇ تېلىپ ئاغرىيدۇ ،دۇختۇرخانىدا  ( س ت ) ئاپپاراتىدا بېلىمنى تەكشۈرۈتسەم نورمالكەن  دىدى ھەم بۆرەكنىمۇ رېنتىگگىن ئاپپاراتىدا تەكشۈرىتسەم نورمالكەن ..... بىراق ھەر قىتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، كىيىنكى كۈندىن باشلاپ بىلىم كېچىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى ،پۇتۇممۇ ئاغىيدۇ ، ئاسان چارچايدىغان  بولۇپ قالدىم .. ئۆزەممۇ ئۇ ئىشقا بەكلا  ئامراق ، ئايالىممۇ ناھايىتى قانائەت تاپىدۇ .....ھازىر ئەنچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم  ،ئىككى ھەپتىدە بىرەر قىتىم بولىدىغان بوپ قالدى  ...  بىرىر كىسەللىككە  گىرىپتار بولغاندىمەممۇ  قانداق  .... ئېغىر كۆرمەي مېنىڭ بۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز  ..... ماڭا ياردەم قىلسىڭىز   ........ئايرىم خەت قالدۇرسىڭىزمۇ  بولىدۇ (tirixqan@163.com )

回复قايتۇرماtasawwur[2011-04-04 01:57 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم، 2 كۈندىن بېرى مېنىڭ دۈمبەمنىڭ ئاستىنقى تەرىپى(كەينى بەل) تېلىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، چوڭ كىچىك تەرەت نورمال، ئەر خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا بەكرەك بېرىلىپ كەتكەن ئىدىم، بەلكىم شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ قانداق كېسەل ؟ ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم.
回复قايتۇرماarkzat[2011-03-13 04:08 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك بىرزات ئەپەندىم،مەن بۇيېل 23گە كېردېم توي قىلغاندىن كىيىن جىنسى تۇرمۇشۇم پەقەت كۇڭۇللۇك بولمىدى .جىنسى ھەۋەس تۆۋەنلەپ كەتتى ،مەنى بالدۇر كىتېش قاتارلىق ئىشلار بار،مۇشۇ ئىشتىن تولىمۇ بېشىم قېتىپ سىلىدىن مەسلىھەت سورىماقچى ،قىممەتلىك   ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا .سەۋەبلىرى نىمە؟  قايسى دورېلار نى ئىستىمال قىلسام بولا ؟
回复قايتۇرماmars[2011-03-08 08:01 PM | del]
ئەسسالامۇئەليكۇم! مېنىڭ بىر-ئىككى يىل بولدى، سول بىقىنىم ئاغرىيدۇ، سول بىقىنىمغا ئاسان سوغۇق ئۆتىدۇ، سوغۇق ئۆتكەنسىرى تىخىمۇ تىلىپ ئاغرىيدۇ، دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرتسەم بۆرەكنى رىنتىگىنگە سىلىپ بۆرەكتە ھىچقانداق تاش ياكى سۇلۇق ئىششىق يوقكەن، دوختۇر بەلكىم رىماتىرىزىم خاراكتىرلىك بەل ئاغرىقى ئوخشايدۇ دەيدۇ. مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز سول تەرەپ بىلىمنىڭ ئاغرىشىنىڭ سەۋەبلىرى نىمە؟ مەن قانداق ئەزلارنى تەكشۈرتسەم بولىدۇ؟
回复قايتۇرماasman[2010-11-11 05:37 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىلى ؟مەن قىزىمنىڭ سۆگىلى توغۇرلۇق مەسلىھەت سوراي دىگەن ،قىزىمنىڭ قۇلىغا سۆگەل چىقىپ قالغىلى تۆت يىللار بولۇپ قالدى ،(قىزىم بۇيىل 8ياش )دەسلەپتە بىرتال ئىدى كىيىن قىزىم تاتلىۋېتىپتىكەن ئاۋۇپ كەتتى ،ھازىر تىرنىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۆت -بەش يەردە بار،لىۋىنىڭ ئەتراپىدا بىرتال بار ،پىشانىسىدە بىرتال بار ،قۇلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چىكىم -چىكىم يىلتىزى بار ئىچىگە قاراپ يوغۇنايدىغان سۆگەل ،سۈيى تەككەنلا يەرگە يۇقىدۇ ،قىزىمنىڭ قۇلىنى يالايدىغان ئادىتى بار كۆپ تەربىيە ئىشلىدىم بىز باريەردە يالىمايدۇ ،بىز يوق يەردە مەكتەپلىدە يالىۋالىدۇ ،خېلى بولدى تىرنىقىنىڭ ئۆسكىنىنى كۆرۈپ باقمايمەن ،قۇلى ئارقىلىق يۇقتۇرىۋاتىدۇ ،تېبابەتتە قۇلىنى يالايدىغانغا ئامال بارمۇ ؟سىنىك كام بولسا قۇلىنى يالايدىكەن دەپ سىنىك ئىچتۈرۈپ باقتىم (ئۇنىمۇ كۆپ ئىچتۈرۈشكە بولمايدىكەن )ئۈنۈمى بولمىدى ،سۆگىلىنى دوختۇرخانىدا توڭلۇتۇپ باقتۇق ،كۆيدۈرۈپ باقتۇق ،سۆگەل دورىسى،پىيازنىڭ سۈيى ،ەنجۈرنىڭ سۈيى دىگەندەك ئاڭلىغانكى نەرسىنى سۇگاپ باقتۇق ،يەنەكۆكلەپ چىقىدۇ ،ھەتتا كونىلىق بويىچە سۆگەل غوجام مازىرىغا تۇرپانغا ئاپىرىپ باقتۇق ،سۆگەلنى موللامغا ئوقۇتۇپ كۆچتۈرۈپ باقتۇق ،ئۈنىمى بولمىدى ،ھازىر بىرئاي بولدى مىللىي تېبابەتنىڭ دورىسىنى ئىچىۋاتىدۇ ،سۆگىلى بۇرۇنقىدىن نىپىزلىغاندەك لىكىن چۈشمىدى ،مۇشۇ ئىشتىن تولىمۇ بېشىم قېتىپ سىلىدىن مەسلىھەت سورىدىم ،قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا
回复قايتۇرماTROJAN[2010-11-10 05:01 PM | del]
جىنسىي ئاجىزلىقنى.بۆرەك ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى.مەنى بالدۇر كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۇن قانداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى.
回复قايتۇرماhamra[2010-10-25 05:20 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانانىزىم دىگەن نىمە، بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.
回复قايتۇرماelxat[2010-10-08 03:35 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭ مەزىبىزى ياللۇغى باتتى داۋالاندىم ، لىكىن تۇرۇپ تۇرۇپ ، سۇيدۇكۇمگە مەنى ئارلاشقاندەك ، خۇددى سۈتتەك ئوپپاق كېلىدۇ ، بۇنىمە سەۋەپتىن  مەزى بىزى ياللۇغى سەۋەبىدىن مۇشۇنداقمۇ، مەن تېخى توي قىلمىغان  كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا ئىغىر تەسىر بېرىمدۇ.
回复قايتۇرماustam[2010-08-19 04:36 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك بىرزات ئەپەندىم،مەن قاغىلىق ناھيەسىدىن، بۇيىل 26ياش . مەن توي قىلغىلى بىر ئاي بولاي دىدى ،مەن تا ھازىر غىچەھاراق -تاماكا ياكى قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق  ھېچقانداق كەيىپ -ساپا ئىش قىلىپ باقمىغان مەن ئوزەمنى خېلى ساغلام دەپ ئويلايتىم ، توي قىلغاندىن كىيىن جىنسى تۇرمۇشۇم پەقەت كۇڭۇللۇك بولمىدى جىنسى ھەۋسىم ئىنتاين تىز قوزغىلدۇ ھەتتا ئايالىمنىڭ قېشىدا ئولتۇرساممۇ ھەرقانچە شۇ ئىشنى ئويلىماساسلققا تىرشساممۇ يەنلا ئوخشاش ئەمما جىنسى مۇناسىۋەت جەرياندا مەنى بەك تىز مېڭىپ كىتىدۇ ، بىرىنجى قېتىملىغى ئايالىمنىڭ جىنسى يولغا كىرىپلا مېڭىپ كىتىدۇ ،لىكىن زاكەر شۇنىڭ بىلەنلا بوشاپ كەتمەيدۇ(لىكىن زەكەر باشقىلا دىگەندەك ئۇنداق 16-17سانتىمىتر ئۇزۇن يوغان ئەمەس ھەم ئۇنچىلا بەك قاتتىق قاتمايدۇ) ئىككىنجى ھەتتا ئۈچىنجى قېتىمغىچە داۋملىشىدۇ .ئىككىنجى قېتىملقمۇ ئىككى-ئۈچ مىنۇتقا بارماي چىقىپ كىتىدۇ. لىكىن ئايالىمنىڭ يۇقرى پەللىگە چىقشى بەزىدە ئۇچىنجى قېتىملقىغا ۇدۇل كىلدۇ بەقىدە لەززەتلىنەلمەيدۇ. بۇماڭا بەك ئېغىر بېسىم بولۋاتدۇ، ئايالىم بىلەن ياىشى كۇرشىپ توي قىلغاچقا ھازىرچە ماڭا كۇيۇنۇپ مىنى رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۋاتدۇ شۇنداقتىمۇ بۇماڭا بەك ئېغىر كەلدى.
  مەن 18ياش ۋاختىمدا ئاشقازان كىسلى بىلەن ئاغرىپ نەچچە ئايلاپ دوختۇر خاندا يېتىپ داۋالانغان ،ئاخرى بولماي ئاشقازنىمنى كېسىپ ئېلۋەتكەن. توت يىل ئەتراپىدا يوغناپ خېلى ئەسلىگە كەلدى ،ھازىر خېلى نۇرمال.
  بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن مەندە يۇقىر قىدە ئاجىزلىق مەسلىللىرى بار شۇڭا سىزنىڭ ماڭا ياخشى بىر مەسلىھەت بىرىپ ،ياخشى  ئۇنۇملۇك  دورىللىرىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ مىنىڭ مۇشۇ ئازاپ لاردىن تىزراق قۇتۇلۇپ كىتشىمگە ياردەم بەرگەن بولسىڭز.
  ھە راس مىنىڭ دادامنىڭمۇ كىچكىدىلا چېچې چۇشۇپ كىتپتىكەن، ھازىر قۇلقڭنىڭ ئۇستىدە گەدىندە ئازراقلا چاچ بار .ئۇنىڭدىن باشقا بېشنىڭ ئوتتڭرسدا بىرتالمۇ تۇك يوق،
   شۇنىڭدەك مىنىڭمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى چېچېم چۇشۇشكە باشلىغان ،ھازىر پىشاينامدىن باشلاپ بېشىمنىڭ ئوتتىرسىغا بېرىپ بولدى . ئەمما ئەتراپىدىكى چاچ شۇنچىلىك قۇيۇق ھەم قاپقارا ، مۇشۇمۇ جىنسى ئىختىدار بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.