توي قىلمىغان قىزلاردىكى دانىخورەك ۋە ئادەت قالايمىقان بولۇشنىڭ سەۋەبى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن بۇيىل 25 ياشقا كىر دىم ( توي قىلمىغان ) ، يۈزلىرىمگە ، دۈمبەمگە دا نىخورەك تولا چىقىدۇ ، دانىخۇرەك يەنە چىقىپ يەنە ساقىيىپ دىگەندەك يۈزۈمدىمۇ دانىخۇرەك چىققان ئورۇن داغ بۇلۇپ قالدى . يەنە ئادەت نورمال ئەمەس ، باشقا دۇسلىرىمدىن ئاڭلىسام ،ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ئايدا نەچچىنچى كۈنى كەلسە كېيىنكى ئېيىدىمۇ شۇنچىنچى كۈنى كېلىدىكەن ،لېكىن مىنىڭ ئۇنداق ئەمەس ، ھەر قېتىم بىرەر ھەپتدەك ئالدىغا سۈرۈلۈپ كېتىدۇ .ھەر قېتىم 5-7 كۈنگىچە ئاغرىيمەن ، ئادەتنىڭ مىقدارى نورمال بولمىسا .
يەنە بىر ئش ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئېغىزىمغا سېسىق سۇ ، بەلغەمدەك نەرسىلەر يىغىلىپ قالىدۇ . چىشىمنى ئەتىگەن كەچتە ئىككى ۋاق چوتكىلايمەن لېكىن يەنىلا ئېغىزىم پۇرىغاندەك ھېس قىلىمەن . بۇ زادى نىمە سەۋپتىن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ ؟ بۇنىڭ داۋاسى نىمىدۇ ؟ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
دانىخورەك چىقىشنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىنىڭ خزمىتى نورمال بولماسلىق، ھورمۇنلار تەڭشەلمەي قېلىش ،تىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى زىيادە ئېشىپ كېتىش ، قاننىڭ بۇزۇلىشى، داۋاملىق ئاچچىق، مايلىق، يەللىك، سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلار.شۇڭا سىز قان تازىلايدىغان تىبابەت دورىلىرىنى يىيىش بىلەن بىرگە يۇقارقىدەك يىمەك ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلسىڭىز ساقىيىپ كىتىسىز .
ئادىتىڭىز نىڭ ھەپتە بۇرۇن كىلىشى پۈتۈنلەي نورمال ئەھۋال قاتارىغا كىرىدۇ. بەزى ئاياللار 35-40 كۈندە بىر قېتىم ئادەت كۆرۈش مۇمكىن، بەزى ئاياللار22-25 كۈندە بىر قېتىم كۆرۈش مۇمكىن، ھەر قېتىم ھەيز كۆرۈش ۋاقتى بەزى ئاياللارنىڭ 2-3 كۈن بولسا بەزى ئاياللارنىڭ 9-10 كۈن بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا سىز بۇنىڭدىن غەم قىلماڭ.
ئېغىز پۇراش بولسا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، چىشنى قۇرۇت يىيىش، ئاستا خاراكتىرلىق بۇرۇن ياللۇغى بولۇش، ئاشقازان قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستىمىسى خىزمىتى ياخشى بولماسلىق دىگەندەك سەۋەبلەردىن بولۇش مۇمكىن. شۇڭا سىزمۇشۇ سەۋەبلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ داۋالانسىڭز بولىدۇ.
مەسلىھەت بەرگۈچى: سەفىيە
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: دانىخورەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەندىمۇ ئەتتىگىنى قوپسام ئېغىزىمغا سېسىق سۇ يىغىلىۋالىدىغان ئەھۋال بار يەنە كېلىپ بەك جىق يىغىلىۋالىدۇ. .
بولمىسا مەنمۇ كۈندە 1 قېتىم بەك بولمىدى دېسىمۇ 2 كۈندە بىر قېتىم ئېغىزىمنى چوتكىلايمەن.
چىشىمنى قۇرۇت يېگەن ئەھۋالمۇ يوق.
شۇ مەندە بۇرۇن ياللۇغى بار. بۇ مۇشىنىڭ تەسىرىمۇ يە باشقا سەۋەپ بارمۇ؟
بۇرۇن ياللۇغىغا ئۈنۈملۈك دورا بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟
مەسلىھىتىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
رەخمەت.
سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەنىدىم. مېنىڭ يۈزۈمدىمۇ دانىخورەك بار، بۇنىڭغا خېلى يىللار بولدى، مەن يۈزۈمگە بار ئامالنىڭ ھەممىنى قىلدىم، ھەرخىل دورىلارنى ئىشلەتتىم، لېكىن دانىخورەك يەنىلا ئۈزۈل - كېسىل ساقايمىدى، لېكىن بۇرۇنقىدىن خېلى ئازىيىپ قالدى، لېكىن شۇ دانىخورەكنىڭ ئىزىگە ئامال قىلالمىدىم، قارا داغ ئىزى قالدى. مەن سىلەرنىڭ بىر يۈرۈش ھەسىلىڭلارغا قىزىقىپ قالدىم، بۇ بىر يۈرۈش ھەسىل راستلا داغلارنى يوقىتالامدۇ؟ يۈز ئەكس تەسىرى يوقمۇ؟ بۇنداق سورىشىمدىكى مەقسەت، سىلەرنىڭ بىر يۈرۈش ھەسىلىڭلاردا يۈزىگە سۈرتىدىغان مەلھەم بارئىكەنغۇ؟ ئۇ يۈزگە ئەكس تەسىرى يوقتۇ؟ دانىخورەكنى جىقايتىۋەتمەيدىغاندۇ؟ مەن ئۈرۈمچىدە تۇرىمەن، سىلەرنىڭ بۇ يەردە ۋاكالەتچىلىرىڭلار بارمۇ؟ شۇ بىر يۈرۈش ھەسەلنى مەن ئىشلىتىپ باقسام بولامدۇ؟ رەھمەت!
مەن بۇ كىسەلنى مۇنداق داۋالايتىم، ئاۋال، بىمارنىڭ باسلىق تۇمۇرىدىن قان ئېلىپ داۋالاش قىللاتتىم ۋە ئامىلە نۇشتارى لولوۋى ،(ھەزىمنى ياخشىلاپ ،ئىچكى ئاجرىراتما تەڭپۇپسىزلىقىنى تەڭشەش، ئېغىز پۇراشنى يوقۇتۇش رولى بار)ئېتىرفىل شاھتەررە ياكى ئتىرفىل ئەفتىمۇن(كىسەللىك ئەھۋالى مىزاجىغا قاراپ بىرىدىغان دورىمۇ ئوخشىمايدۇ) قاتارلىق دورىلارنى بىرەتتىم ۋە بىرزات ئەپەندىم دىگەندەك پەرھىزلەر بۇرۇلۇپ ھەپتدىن كىيىن يەنە باسلىق تۇمۇردىن قان ئېلىنىپ داۋالاش قىلىناتتى ياكى قانلىق لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئېلىپ بىرىلاتتى.