كۆزنى ئاسراش تەدبىرلىرى [ئەزالارغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇلارنى ئاسىرا


ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆزنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1.كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ۋاقىتىدا ھەر20~30 مىنۇت كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن بىر قىتىم دەم ئېلىش، يەنى يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا قاراپ بېرىش كېرەك ھەم يۇقىرىقى زىيانلىق ئامىلدا سۆزلەنگەن ناچار ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.
2. كۆزنىڭ تەبئىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوغداش كېرەك. يەنى بوران-چاپقۇن، ئىس0تۈتەك،قۇم بورانلاردىن توساش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقىۋېلىش، ئەگەر ئۇ بولمىغاندا كۆزنى قالايمىقان ئۇۋلىماستىن لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ( ئىلىمان سۇدا) كۆزنى يەڭگىل ئۇۋلاپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
3. كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇپ بېرىش يەنى دائىم سىرتلارغا چىقىپ يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا، ئاسمانغا قاراپ بېرىش، كۆپ خەت يېزىپ كۆپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن5~10 مىنۇت كۆز گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش كېرەك.
4.تاماق تاللىماسلىق، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېيىش كېرەك، تۇرۇپ، سەۋزە، يېسىۋىلەك، غول پىياز، تەرخەمەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، كۈنجۈت، جىگەر، تۇخۇم سېرىقى، قارا گۆش، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك.
5. كۆزنى مۇۋاپىق چىمچىقلىتىپ بېرىشمۇ پايدىلىق، يەنى بوش ۋاقىتتا كۆزنى چىمچىقلىتىپ بەرسە كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كۆز مۇسكۇللىرىنى جانلاندۇرغىلى، كۆز ئالمىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرغىلى، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، كۆزنى نەمخۇش قىلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئۇخلاش ئالدىدا2 قولنىڭ ئالقىنىنى تىز سۈرئەت بىلەن بىر-بىرىگە سۈركەپ، قىزىغان ئالقاننى ئىككى كۆزنىڭ ئۈستىگە قويسا كۆز قىسىمىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
7.كۈندىلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ھەمدە باشقا خىزمەت ئۈگىنىش ۋاقىتلىرىدىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.
8. قۇلاققا ھالقا ئېسىۋېلىشمۇ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،چۈنكى قۇلاقنىڭ ئاستىنقى ھالقا سېلىنىدىغان ئورنىدا بىر پەللە بولۇپ، بۇ ھالقا تەسىرىدىن ئۇۋىلىنىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،
9. ھاراق ۋە ھورمۇن تۈرىدىكى كۆزگە زىيانلىق تەركىبلىك دورىلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش كېرەك.
10، كۆزگە سۈرمە تارتىپ بېرىش كېرەك، يەنى تاش سۈرمە، ئەرقى بەدىيان، مەرۋايىت،سەدەپ، مامىرانچىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ( بولسا200گرام كۆزلۈكتىن) كۆزگە تارتىپ بەرسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
11. كۈندە كۆزنى پارلاندۇرۇپ ئېلىنغان سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بەرسە پايدىلىق.
12. بابۇنە يېغى، قەلەمپۇر يېغى، ئامىلە ياغلىرى بىلەن باش ساھەسىنى يەڭگىل ياغلاپ بېرىش كېرەك.
13. سېغىزخاننىڭ ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
14. موگو، سەۋزىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
15. ئارپىبەدىيان 30 گرام، سېرىقچىچەك15گرام، شېكەر ئالتە گرام،سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە ھەربىرى 9 گرامدىن، بۇ دورىلارنى چايلىق تەييارلاپ ئىچشكە بېرىلىدۇ.
16. تۇتىيانى قىرىپ، تالقىنىنى ھەركۈنى بىر قىتىم نەيچە بىلەن كۆز گە پۈركۈپ بەرسە، كۆزدە ئاق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ھەرخىل كۆز ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
17. قارىياغاچنىڭ قوۋزىقىنى سويۇپ، تالقانلاپ، ئۆچكە ياكى توشقاننىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىغا ئارلاشتۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، تاسقاپ، قايناق سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، كۆزنىڭ سرتىدىن سۈركەپ بېرىشنى داۋاملاااااشتۇرسا، كۆزنىڭ قىچىشىپ ياش ئېىقىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
18، مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆك كەپتەر باچكىسىنى شورپا قىلىپ پىشۇرۇپ يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ كۆزنى ئاسراشقا پايدىسى بار.
پىششىق دورىلاردىن ھەببى شەبىيار، ئىترىفىل بەدىيان، سەۋزە مۇرابباسى، ززەنجىۋىل مۇرابباسى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگ ياردەمچىسى بۈخەدىچە
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش



[Birzat بۇنى 2010-06-24 08:17 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆز، ئاسىراش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماatushumud[2011-02-17 05:27 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئىلگىرى زىيارەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن . كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم . مەن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن . مەندە گېمروي كېسىلى بار بولۇپ ، دورا ئىچىۋاتقان بولساممۇ ئانچە ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ . يېقىندىن بىرى چوڭ تەرەت قىلسام ، تەرەتتىن كېيىن ئازراق قان كېلىۋاتىدۇ . بۇنى داۋالاشلنىڭ ئاددى ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمىدۇ ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز ، رەھمەت !
回复قايتۇرما0991[2010-08-24 11:30 PM | del]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم، مەن بىر مەسلەھەت سوراي دېگەن، كۆزگە سېرىق چۈشۈشنى قانداق داۋالىغىلى بولىدۇ؟ مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.