ھەيران قالارلىق ئىشلار



ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئۇچقۇچىلار يىغلىيالمايدىكەن. چۈنكى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، كۆزىدىن ياش چىقمايدىكەن.

خامىلىيۇننىڭ تىلى ئۆزىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

نورمال ئادەمنىڭ كۆز مۇسكۇلى بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن 15 مىڭ قېتىمغىچە لىپىلدايدىكەن.

ئامرىكىلىقلار چىش كولىغۇچنى دائىم ئىشلىتىدىكەن.

بەزى ھاشاراتلارنىڭ بېشى يوق ھالەتتىمۇ بىر يىل ياشىيالايدىكەن.

داۋىنچى ‹مونالىزا› نىڭ لېۋىنى سىزىشقىمۇ 12 يىل سەرپ قىلغانىكەن.

ئەينەك سۇنغاندا ، ئەينەك سۇنۇقلىرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000مىلغا يېتىدىكەن .

سېغىن كالا مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە ، ئۇنىڭدىن سۈت كۆپ    چىقىدىكەن .

چۈشتىن كېيىن ئۈزۈۋېلىنغان ئەتىرگۈل سەھەردە ئۈزۈۋېلىنغان ئەتىرگۈلگە قارىغاندا ئۇزاققىچە

سولاشمايدۇ.

دوقا ماڭلاي ئاكۇلانىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىلەرنىڭ كەسكىن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلغانلىرى ھايات

قالىدىكەن.

70 قاداقلىق سەككىز ئاياغ تەڭگە چوڭلۇقىدىكى تۆشۈكتىن بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسى يوق .

ئەمەلىيەتتە پېگمىنت ئادەمدىن تىز يۈگۈرەيدۇ.

پاراشۇتنى كەشپ قىلغۇچى پاراشوتتا سەكرەشنىڭ تۇنجى نۆۋىتىنى ئىتىغا بەرگەنىكەن.

ياپونىيە قىسقۇچپاقىسى 12 فۇت چوڭىيالايدۇ.

بالىلار ئەتىياز پەسلىدە تېز ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

شەپەرەڭ بىردىنبىر ئۇچالايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.

كېپىنەك قۇرتىنىڭ تېنىدە 2000 تال مۇسكۇل بولىدۇ.

ئادەم يۈرىكى قاننى 30 گەز ئېگىزلىككە چىقىرالىغۇدەك بېسىم پەيدا قىلالايدۇ.



[kukyal بۇنى 2010-06-23 09:41 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: جەزىرە تور خاتىرىسى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئوقۇپ قويۇڭ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماUZAMDINKURAY[2012-02-13 09:41 PM | del]
وخخو
回复قايتۇرماazgun[2010-07-02 02:30 AM | del]
ۋويجو   !!!!!!!!!!!!!!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.