قانداق قىلغاندا كۆرۈش قۇۋىتىنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ؟ [سۇئال-جاۋابلار]




ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم  بىرزات ھەكىم . سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم.
قىزىم بۇ يىل 13 ياشقا كىردى.يېقىندىن بۇيان ئوڭ ۋە سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى 0.7 دە 0.6 بۇلۇپ قاپتۇ.
قانداق قىلغاندا كۆرۈش قۇۋىتىنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ؟ مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشتا:
تەركىبىدە ۋىتامىن A ، ۋىتامىن C ، كالتىسىي تەركىبىي مول بولغان ئوزۇقلۇقلاردىن قوينىڭ مايسىز گۆشى، جىگىرى، يەرلىك توخۇ تۇخۇمى...سەۋزە، كاۋا، پەمىدۇر، كەرەپشە قاتارلىقلارنى چالىراق پۇشۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
تاپالىسا ھېلىلە مۇرابباسىدىن 2-3 ئايغىچە شۈمۈپ بەرسە بولىدۇ.
سەۋزە شەربىتىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا قىزىڭىزنىڭ تەن قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز كۆزىگىمۇ مۇئەييەن مەنپەئىتى بار.
ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ھەسەل، رېيھان گۈلى گۈلقەنتى يەپ بەرسە بولىدۇ.
تېبابەت دورىلىرىدىن داۋائىل مىشكى، ئامىلە نۇشدارى قاتارلىقلارنى ئىچىپ بەرسە ئىشتىھانى ئىچىپ ئومومىي بەدەن ، مېڭە قان-تومۇرلارنى قۇۋۋەتلەش ، زېھنى قۇۋۋەتنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك.
كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا يەنە بىر ئاددىي رېتسىپ بار ئىكەن سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ:
پىيازنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ ، سۇس ئوتتا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ كۈندە 1-2 قېتىم كۆزگە تېمىتىپ بىرىدۇ.
تامام



[Birzat بۇنى 2010-06-23 08:38 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆز، ھېلىلە، سەۋزە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائەقىدە511[2012-06-24 08:14 PM | del]
قىزىم بۇ يىل 6 ياشقا كىرىدى. بىر يىل ئىلگىرى قىزىمنىڭ كۇزىنى تەكشۇرتكەن ئىدىۇق. كۇزىنىڭ نۇرى چېچىلىپ كەتكەن. كۇرۇش قۇۋىتى ئاجىزلاشقان دەپ دىئاگىنوز قۇيۇلۇپ ئايدا بىر قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا تەكشۇرتىۋاتىمىز. بۇرۇنقىدىن سەل ياخشىلىنىش بولدى . كۇرۇش قۇۋىتى ئازىراق يۇقىرىلىدى. بىز غەرىپچە داۋالاش بىلەن مىللىيىچە داۋالاشىنى بىرلەشتۇرسەك ئۇنۇمى ياخشاراق بۇلارمىكىن دەپ ئويلاۋاتمىز. مۇشۇ توغرىدا مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا
回复قايتۇرما911[2011-11-02 05:57 PM | del]
پىيازنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ ، سۇس ئوتتا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ كۈندە 1-2 قېتىم كۆزگە تېمىتىپ بىرىدۇ. دىكى سىركە دىگىنىڭىز بىز ئىچىدىغان ئاچچىقسۇ شۇغۇ دەيمەن.
回复قايتۇرما88halta[2010-07-27 01:45 AM | del]
بۇتوربەتنىڭ قۇرۇلغىنى  ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپتۇ،قولىڭىز غادەت بەرمىسۇن.
回复قايتۇرماguzgl[2010-07-04 01:30 PM | del]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم ، مەن بۇ ساغلاملىق تور بىكەتلىرى ئىچىدە 80 خالتا توربىكتنى زىيارەت قىلشقا بەك ئامراق بىزدەك تىببىي ساھەلەردىن خەۋرى يوق ئادەملەر ئۈچۈن بۇ تور بىكەت بىزگە نۇرغۇنلىغان كسەللەر ئۈچۈن، بىر ئۇقۇتقۇچى بولۇپ نۇرغۇن سۇئاللىرمىزغا جاۋاپ تېپىپ بەردى دەپ قارايمەن ، سىلىگە  كۆپ رەخمەت ، ئاللا سىلىنىڭ ئىشلىرغا ئاسانلىق ئۆمۈرلىگە بەركەت ،ئائلىلىرگە خاتىرجەملىك بەرسۇن .  مىنىڭ سىلدىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار ئىدى ،                                                                        مىنىڭ قىزىم  9ياشقا كىرگىلى ئككى ئاي قالدى قىزىم 4ياشقا كىرگەن يىلى قىزىمنىڭ كۆزدە كۆز قارچۇقىنىڭ ئىچگە قاراپ ئالغايدەك قارغانلىغىنى سىزىپ تەكشۇرتكەن ئىدۇق ، نەتىجىدە قىزمنى كۆز نۇرى چىېىچىلىپ كەتتكەن دەپ دىياگۇنۇز قۇيۇلدى ،ئەينە سەپلەپ بەردى ،بىر كۆزنى لاتادا تۇسۇپ داۋالاشنى ئۇنىڭ بىلەن بىرىگە ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىمۇ ئاساس قىلشىمىزنى ئېيتتى شۇبويچە ئېىلىپ باردۇق  ، بالام كىچىك بولغاچقا بۇنداق داۋالاشنى قۇبۇل  قىلالمىدى ،كۈندە دىگۈدەك يىغلايدۇ ، چوڭلار بالامغا ئىچى ئاغىرپ تاقىمىسۇن ئوڭشلىدۇ ،مىلليىچە بوزۇغا جوزدا ئولايلى دەپ ئەينىسنى ئېلىۋتىپ تاقىغىلى قويمىدى ، بىزمۇ سەل قاراپتىمىز ، قىزم  مەكتەپكە بېرىپ كۆزىدىكى ئالامەتلەر روشەنلىشىپ ،قايتا تەكشۈرتىپ ئەينە سەپلىدۇق ،لىكىن ساۋاقداشلىرى قىزمىنى كەمسىتىپ قارغۇ دەپ تىللاپ قىزىم ئادەملەرنى كۆرسىلا  ئۈزنى قاچۇرۇپ تۇلا يىغلايدىغان بۇلىۋالدى،كۆز لاتىسنى تۇسۇپ ئەينىسكە تىكىپ بىرىپ باقىتىم ئۆيدىن ئەينىنى تاقاپ چىكىتىدۇ ،لىكىن يولغا چىقپلا سومكىسىغا سېلىپ قىلدىكەن ،بۇنى ئۇقۇتقۇچىسىغىمۇ تاپىلاپ قويدۇم  شۇنداق چۈشەندۈرپ تەربىيەمۇ بەردۇق ،بىز بولساق ئەينىسنى تاقايدۇ ،بىز يېنىدا بولمساق يانچۇقىغا سېلۋالىدۇ ،بۇ .ئىش بېشمىزنى بەكمۇ قاتۇرەتتى ھازىر قىزىمنىڭ كۆزنىڭ + 5.00 ds _ 1.0ds _15 .0 ,+7.00  مەن ئۈستۇىكى كۆزدىن سۇرالغان سۇئالغا قاراپ قىزمىنىڭ كىسىە نىمۇ ئۆزلىرگە دەپ باققۇم كەلدى ،ئاللا خالىسا ماڭا مەسلەھەت بەرسىلە ، بەكمۇ خۇش بولاتتىم قىزىم كىچىك ئۇ بىر نارسىدە ئۇنىڭغا ھەر قارسام شۇنداق ئىچىم سىرلىدۇ،قىزىم ھازىر بەكمۇ كەم سۆز ، تاماقىنىمۇ بەك ئاز يەيدۇ ،مەندىن كۆزنىڭ ئاجزلىغىنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ،قىزىم كىچىك بوۋاق چىغىدىمۇ پەقەت ئەمگلى ئۇنىمىغان باشقىلار سۈتىڭ ئاچچىق ئوخشايدۇ دىگەن ئىدى مەنچە ئۇزۇقلۇق يىتشمەسلىكمىكىن ،دەيمەن قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىغىلى بۇلدۇ .ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇنىڭ داۋاسى بارمۇ ؟ كۆپ ۋاقىتلىرىنى ئېلىپ قويدۇم ،ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسىلە،سىلىنىڭ مەسلەھتلىرى بىلەن ئاللا خالىسا ساقايىپمۇ قالار ،
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.