قانداق قىلىش كېرەك؟ (3) [ئەدەبىي تەرمىلەر]


قانداق قىلىش كېرەك؟ (3)

داۋۇت ئوبۇلقاسىم


ئاللا كارامەت! مەن بىر پاھىشىنىڭ ئىشچى ئەمگىكىنى ساتىدۇ، تەرجىمان تىلىنى ساتىدۇ، خىزمەتچى ۋاقتىنى ساتىدۇ، مەن بولسام ئاياللىقىمنى ساتىمەن، بۇ پەرقسىز، دەپ بىر مەزگىل پاھىشە سالاھىيىتىدە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ فرانسىيىنى قايىل قىلغانلىقىغا ئەمدى ئىشەندىم . چۈنكى، ئالدىدىراق ئويلىغاندا گال ئۈچۈن ھەرقانداق خىزمەت پەرقسىز، مۇرەككەپرەك ئويلىغاندا مۇنداق ئىجادى ھاياتنىڭ ئىجادىلىقى قۇرۇسۇن، ئاتا - بوۋىلىرىمىزدا ئەقىل دېگەن ئەدەپ بىلەنلا بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار، بۇنى زامانىۋىي تىل بىلەن ئېيتساق ئىنتىزامنى ھېس قىلالمىغان كىشىدە ئەقىل نېمىش قىلسۇن، دېمەكتىن ئىبارەت، شۇڭا بىز ئادەتنى بالىلارنىڭ ئەقلى يېتىلمىگەن بولىدۇ، دەپ ئېيتىمىز. ئىش مۇشۇنداق ئىكەن ئەقىلنىڭ تايىنى يوق ئۇ ئىجادىيەت قانچىلىك بولماقچىتى؟ بەلكىم بۇ كامالەتكە بولغان ئىشقى مۇھەببەتنى يادرۇ قىلغان ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇش ئەندىزىلىرىنىڭ قاتمال كىيىملىرىنى يىشىندۈرگەندە پەيدا بولغان لۈكچەكلىك ئامىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن يارىنىڭ ئەمدى چېلىقىشلىق ئېغىز ئېلىشى بولىشى مۇمكىن. توغرا، بىر چاغلاردا مەن ئېينىشتىين، رۇسسىل قاتارلىق 20- ئەسىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىدىغان 20 -ئەسىر پەلسەپە ساھەسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئېرىنسىت كاسسىرئېرنىڭ « ئىنسان ھەققىدە »  دېگەن كىتابىنى سۆيۈپ ئوقۇغان.ئۇنىڭدىن « ئىنساننىڭ تۈپ ماھىيىتى مەڭگۈ تۇرغۇزۇلۇش جەريانىدا تۇرىدىكەن، ئادىمىيلىك تەقلىنىپ بولغان نەرسە ئەمەسكەن، بەلكى ئۇ ئىنسان يارىتىدىغان بىر جەريانكەن ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى ئىنساننىڭ پۈتمەس تۈگىمەس ئىجادىيەت پائالىيىتىنىڭ  ئۆزى شۇ دېگەن تۈزۈككەن » دېگەندەك خۇلاسىلەرگىمۇ كەلگەن، لېكىن ئېرىنسىت كاسسىرئېرنىڭ ئاشۇ يۈكسەك مىخانىك ئەقلى ئۇسلۇبلىرىدا ئويلىغاندىمۇ ئۇ ئېيتىۋاتقان « پۈتمەس تۈگىمەس ئىجادىيەت » بۇلۇڭ پۇشقاقلاردىكى پەسلىكلەرنى توغرا چۈشىنىشكە قارىتىلىپ ئەمەس، كامالەت ئېتىبارىدا ئېيتىلمىغاندىمۇ؟! ئەقەللىيەتتىن نەزەر سالغاندىمۇ ھايۋانلارنىڭ ئېسىلى بولمىش بۈركۈت بىلەن يولۋاس جېنىدا قورسىقىم تويىدۇ دەپلا تاپ يەپ كەتمەيدىغۇ! كۆز ئالدىمدىن ئۇزاق تارىخلار مابەينىدىكى مەشھۇر سىمالار پىروزىلاردىن تارتىپ30 يىللىق رېئال تۇرمۇشۇمدا كۆزۈمگە ئادەمدەك كۆرۈنگەن كىشىلەر بىرمۇ بىر ئۆتۈشكە باشلىدى.ئۇلارنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان جايلىرى نېمىدېگەن ئوخشاش -ھە،  ئۆمۈر بويى ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلدى…  ….ئۇلار قايسى بىر دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپلا يۇقىرىقىدەك سۈپەتلەر ئۈچۈن ئۆزىنى ھاياجانلاندۇرۇپ سۈنئىي كۆرەش قىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ جىسمىدا ئاشۇنداق تەبىئەت ئەسلى بارمىدى؟ ھالبۇكى مەن مۇشۇ ياشقا كىرىپ ئەينى ھۆكۈم خاتا بولمىغانلا بولسا بالىلىقىدا نامەرت بالىنىڭ چوڭ بولغاندا مەرتلىشىپ كەتكىنىنى، بالىلىقىدا مەيدانى يوق بالىنىڭ چوڭ بولۇپ يۈرىشى بار بولۇپ قالغىنىنى، بالىلىقىدا شۇم بالىنىڭ چوڭ بولۇپ سەمىمىيەت ئىچىگە كۆمۈلگىنىنى كۆرمىدىم. ئەكسىچە تەڭ تۈشلىرىمنىڭ بۇرۇن مۆكۈ-مۆكۈلەڭ، پاق- پاق، گاگار ئوينىغاندا بالىلىق مۇئامىلىلەردە، ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئىپادىلەنگەن خاراكتېر سىمالىرىنىڭ ئەمدى چوڭلار ئىجتىمائىيىتىدە ئۆز پېتى ياكى ئۇ بۇ يېپىنچىلاردا، ئۇپا -ئەڭلىكلەر بىلەن ياسىداقراق ئىپادىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.مەن ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلاردىن ۋە كۈندىلىك سۆز ئىستېماللىرىدىن بەزىلەرنىڭ بۇنى خاراكتېر دەپ ئاتىغانلىقىنى يەنە بەزىلەرنىڭ ئىندىۋىدوئاللىق دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمما «جاھىل، ئىلمى، قوپال، سەپرا، قىتىغۇر، مۇلايىم » دېگەندەك سۈپەتلەرنىڭ تېگىدە مۇشۇ ئىپادىلەرنى ئۆزىگە قوندۇرغان يەنە بىر نەرسە يوقمىدۇ؟ ئىنسان ۋۇجۇدىدا ئەشەددى دۈشمەنلەرنى بىر -بىرىگە قايىل قىلدۇرۇۋاتقان، مىجەزى پەقەتلا كېلىشمەيدىغان كىشىلەرنى بىر -بىرىگە ئىجىل قىلىۋاتقان بىر ماھىيەت يوقمىدۇ؟! بار، ياخشىسى يەنىمۇ كۆزىتەيلى! كۆزۈمگە دەسلەپتە چېلىققىنى ئوخشاش بىر ۋەقەنى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بايانىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى بولدى. كېيىنچىرەك ھەتتا چىچەنلىكنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە بېقىپ ئوخشاش بىر بەت خەتنى ئوقۇتساڭمۇ ئوقۇلمىنىڭ تېكىستتىن ھامان پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم. مەسىلەن:  تەبىئىتىچە  بولغان بولسا تەبىئەتچە بولۇپ كېتىۋېرىدىكەن. مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە مۇنازىرىدە شۇ مەسىلىنى چۆرىدىشىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بۇنداق مىساللار كىچىكرەك بولسا ئىملا خاتا بولۇپ، بىر تاۋۇش ياكى باغلىغۇچى ئۇيان-بۇيان بولۇپ قالىدىكەن. چوڭراق بولسا ۋەقەلىكنىڭ جەريانى قىسقىراپ ياكى ئۇزىراپ قالىدىكەن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر نىيەتنى يادرو قىلىپ، قايتا چېتىلىدىكەن. كىشىلەر بالىلارچە ھېسسىيات ئۈستىگە قۇرۇلغان قەھرىمانلىق سىياقلىرىدا، پو ۋە لاپلارنىڭ سايىسىدا ياشايدىكەن. مەلۇم ئىش قىلىنغاندا شۇنداق ئالىي جاناپ مەقسەتنىڭ كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئادەملەر بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ياكى دېتى بار ئىكەنلىكىنى ۋەياكى ئالدىن كۆرەر ئىكەنلىكى ۋەھاكازالارنى نامايان قىلىپ سۆزلەيدىكەن. ئۆتمۈشنى ئۆزىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك تەرىزدە بايان قىلىپ مۇشۇنداق ئويدۇرۇلما رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋېرىدىكەن. بۇنداقلارنىڭ قاراڭغۇلۇق، ئويدۇرمىچىلىق، رەڭۋازلىق، نامەردلىك ۋە بولۇمسىزلىققا بولغان سېزىمى گال كېلىدىكەن. نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ مەرھۇم تېبابەت ئالىمى ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنىڭ مۇنداق بىر گېپىنى ئاڭلىغانىدىم:  ياش ۋاقتىمدا يۇرتنىڭ بەرگەن ئاش -تۇزىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن كېرىيىنىڭ يېزىلىرىدا ئۆيلىرىگە ئۆزۈم بېرىپ نۇرغۇن نامراتلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدىم. خالىس قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىم نۇرغۇن. بىر تىيىن پۇلى يوق سەكراتتىكى كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاپ ساقايتتىم. كېيىن ۋەزىيەت يامانلاشتى. بىزلەرگە قالپاق كىيگۈزۈپ كۈرەش قىلغىلى تۇردى. كۈرەش قىلغانسېرى تىللايدىغان ئادەم جىقلاپ كەتتى. ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى دەل مەن داۋالاپ ئۆلۈمدىن بېرى قىلغان نامراتلار بىر سېۋەتكە تېرەك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئۆرۈك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئالما غازىڭى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇنسۇر ئەمگەكچى خەلقنى ئات -ئۇلاغ ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېيىشكە قىستىغان، دەپ شۇئار توۋلاپ، ئۇرۇپ ھالىمنى قويمىدى. شۇ جىنايەت بىلەنمۇ تۈرمىدە بىر نەچچە يىل ئۇزاق يېتىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىقنىمۇ بىلگۈدەك ئادەمگە قىلىش كېرەككەن دەپ قالدىم. شۇڭا، قارا قورساق، كاللىسىدا ھېچنەرسە يوق ئادەمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن.  راست، ئادەم دېگەن ئۆرە مېڭىپ گەپ قىلسىلا ھېساپ ئەمەس.
ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنى كۈرەش قىلغان نامراتلارغا ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا قايسىدۇر بىر باينىڭ مەلۇم نەرسىسىنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئويلىغۇدەك ھالى يوق بولۇپ، قانداقتۇر بىر نېمىنى ئۆزىگە بەرگىنىلا بەرگۈچىنىڭ مۇتلەق ھەقلىقىنى ئىسپاتلاشما يېتەرلىك ئىدى. ئەمما خەلق نېمىشقا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇ بۇرۇن شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈندىكى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەسكىلىك قىلغۇدەك قابىلىيەت يوق ئىدى. ئەلۋەتتە دۇنيادا ئوبدان ئادەملەر كۆپ. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە بۇ توغرا بايان ئەمەس. دۇنيادا ئوبدان ئادەملەر كۆپ ئەمەس، بەلكى ئوبدان ئادەم بولۇشقا كۆنۈپ جاھانغا غەرق بولۇپ كەتكەنلەر كۆپ. ئۇلارنىڭ ئەجەللىك يېرى ئۆزلۈكنى قورامىغا يەتكۈزەلمىگىنىدە. بۇ قانداق گەپ؟ بارلىق مەنىۋىي پائالىيەتلەردە ئۆزلۈك بىلەن دۇنيانىڭ ئايرىم- ئايرىم ئىككى مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق ھېس قىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئادالىتى، كەيپىياتى، مەزمۇنى ۋەھاكازالارغا قارىتا روشەن ھۇۋۋىيەتكە ئىگە بولالىغان كىشى ھەم ھەر قانداق بىر شەكىللەنگەن ئۆزلۈكنى رەسمى ھالدا مەۋجۇتلۇق ساناپ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئۇيان بۇيانغا ئېغىپ كەتمەي ھەقىقەتنى تۇتۇشنىڭ ئېپىنى بىلەلەيدىغان بولىدىكەن. شۇڭا بالىلاردا ئادىمىيلىك تۇيغۇسى بولسىمۇ، لېكىن ئادىمىيلىك ئىشلىرىنى يەنىلا چوڭلار قىلىدىكەن. لېكىن بۇ گاچا قىزنىڭ  تىلى  ئەسلى شۇ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن قايناپ چىقماي قورساق بېقىشنىڭ قەززاچىلىقىدا ئۆگىنىۋېلىنغان « تىل » بولۇپ قالسا شەكىللەنگەن ئۆزلۈكنى تۇتۇش گويا قۇرۇپ قالغان دەرەختەكلا قاقشال ۋە سوغۇق بولىدىكەن. مەن بۇنداق جاھالەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان پاجىئەسىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سۈننەت ئەھلىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشلىرىدىن تاھازىرغىچە خېلى كۆپ كۆردۈم. ئۇلار ئۆزلۈك ئەھلى بولمىغان ئەھۋالدا سۈننەتنى تۇتۇش شۇئارلىرىنى قەتئىي توۋلاپ، قەيەرنىلا تۇتساڭ سوغۇق بىلىنىدىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى بولۇشىچە ياراتتى. نوپۇس كۆپەيدىيۇ، ئادەملىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى.
  ئادەم ئەسلىدە يالىڭاچ توغۇلىدۇ، كىيىم ئاندىن كىيدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ پەرقلىنىشكە باشلايدۇ. ئىجتىمائىي ئورۇن، كىشلىك مەزمۇن، بىلىم، مۈلۈك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تەدرىجىي پەيدا بولىدۇ. ئادەم ھەرگىز ئىجتىمائىي ئورۇن، بىلىم ۋە مۈلۈك ئۈچۈن ياشىمايدۇ، بەلكى ياشاش ئۈچۈن ئاشۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇنى شۇنداق دەپ قويغانلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. چۈنكى، ھاياتلىقنىڭ ھەربىر تىنىقلىرىدا ئۇلار ئادەم بىلەن تەقەززالىق مۇناسىۋىتىنى پەقەتلا ئۈزمىگەچكە، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئاسانلا ساقسىزلىق كۆرۇلۈپ قالىدۇ. يەنى ئىنسانىي ھېسياتلىرى مەجروھ ياكى تەسلىمچىل روھلار تەقەززالىق قىستاپ كەلگەندە ھاياتنى ئۇنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىز تارىخىمىزدا مۇنداق ئادەملەرنى جىق كۆرگەن. مەشھۇر شاپتۇل داموللام بىر نەچچە ئېغىز گېپى بىلەن لەنەتگەردى بولغانلارنىڭ ئەمەس بەلكى تۈپكىي ماھىيەت جەھەتتە ئۆز ھاياتىنى بىلىم ئېلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرغانلارنىڭ داڭلىق ۋەكىلى. بىزدە شەرىئەتنى مۇكەممەل ياشاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭغا شەرمەندىلەرچە قۇللۇق قىلىش ئۈچۈن ئۆگەنگەنلەر، قۇرئاننى ياشاش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن كۆتۈرۈۋالغانلار ئاز ئەمەس.
  بىر كۈنى ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان بىر كومپىيۇتېرشۇناس  ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىگە مەلۇم ئىش بىلەن بېرىپ قالدىم، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا سۇسىراپ قالغان دەرەختەك كۆرۈنەتتى. بىز كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بىردەم كومپيوتېردىن، بىردەم ئۆزىنىڭ نۇرغۇن بالىلارنى كومپيوتېردا تەربىيىلىگەنلىكى، قايسىدۇ سەۋىيىگە يەتكەنلىكى توغۇرلۇق سۆزلەپ كەتتى. مەن بىرھازا ئۇنىڭ روھىدىن نە بىر ماھىيەتلىك مۇھەببەتنى، نە بىر سىستېمىنى، نە بىر ۋەزىننى ھېس قىلالمىدىم. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ پاسىقلارنىڭ بىلگەنلىرى ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى ئىلىم ھېسابلانمايدۇ، دەيدىغان ھۆكمى ئىختىيارسىز يادىمغا يەتتى. راست، ئۇ ئون نەچچە يىللاپ ئۆگەنگەن بىلىم ئۇنىڭ روھىنى ماھىيەت تۆكۈلۈپ، سىستېمىسى گۈپۈلدەپ، ۋەزنى بىلىنىپ تۇرىدىغان مۇقامغا ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسا، قەلبىدە مۇھەببەت بولمىغان ئادەم قانداقمۇ كەسىپ ئىگىسى بۇلالار؟ كومپيوتېرنى دەرسلىك كىتاپلاردىن ئەمەس گېزىتلەردىن ئۆگىنىش كېرەك دېگەن گەپلىرىدىن ھەش-پەش دېگۈچە ئالا - جۇقىلىقنىڭ بىر ئىلىمنى ئۆگىنىشتە ئاخىرى بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ئىسپاتلانغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ قالدى. ئىچىمدە: ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق ئۆگەنگە چۇشلۇق خەلقنىڭ ئالقىشىغا ۋە ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەلمىسە قانداق قىلار؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئوقۇغاندۇ؟ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۇنىڭ ئۆز نامىغا مۇخالىپ تاقا - تۇقا گەپلىرى ۋە سەبىيلەرچە خۇلق ئەندىزىلىرى، پىكىر رامكىلىرى قەلبىمگە بىرخىل قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كەلدى. تەبىئى ھالدىلا مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئەسلەپ قالدىم: بىر چاغلاردا تىجارەتچىلەر ئارسىدا بىر يۇرتلۇق ئىككى ھاجىم بار ئىدى. ئونىڭ بىرسى دىنىي ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، تا شۇ كەمگىچە بەش ۋاقلىق نامازنى تاشلىمىغان ئىكەن. يەنە بىرسى، نامازغا ئانچە - مۇنچە چىقىپ قويىدىغان ئادەم ئىدى. شۇ يىلى ناماز ئۆتەيدىغان ھاجىمنىڭ تىجارىتى ئوڭغا تارتماي جىق زىيان تارتقان بولدى. ئەمما ناماز ئۆتىمەيدىغان ھاجىمنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ئوبدان بولدى. بىر كۈنى ناماز ئۆتەيدىغان ھاجىم پەرھىز نامازنى ئۆتەپ بولۇپلا مۇنداق ئەسقاتمىغان نامازنى ئۆتىگەندىن ئۆتىمىگەن ياخشى ئىكەن. خەق ناماز ئۆتىمىسىمۇ تىجارىتى ئوبدان بولسا، مەن ناماز ئۇقۇساممۇ بولمىسا.قۇيە بۇنداق نامازنى دەپلا مەسچىتتىن چىقىپ كېتىپ ناماز ئۆتىمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.راست بۇ دوستۇمدىن يەنە بەش يىلدىن كېيىن دۇنيا ئاخىرلىشدىغان بولسا، سەن ھازىر نېمە ئىش قىلاتتىڭ، دەپ سوراپ باقسامچۇ؟ بۇ چاغدا ئۇ ئەمدى كومپيوتېرنىڭمۇ، قايسىدۇر چوققانىڭمۇ گېپىنى قىلماي ناھايىتى تەبىئىلا ھېچ ئىش قىلماي ئوينىمامسەن شۇ، دېدى. خىيال -تەسەۋۋۇرۇم ئۇنى ئىستىراھەت مېھمانخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان سەۋىيىلىك بۇزۇق قىزغا ئوخشىتىپ كېلىپ يەنە ھېلىقى ھاجىمدا توختىدى. بۇ ۋەقەلىكتىكى توغرا-خاتالىق ھەممىمىزگە خېلى ئېنىق. قېنى دەپ باقايلى، رەسمى ئىلىم ئۇقۇغانلارنىڭ ئىچىدە ھاجىمدەك روھى ھالەتتە ئەمەسلەردىن قانچىلىكى بار؟ موشۇنىڭدا ھەقىقەت بار ئىكەن دەپ بىلىپ ئۆگىنىۋاتقانلار ياكى مۇشۇ نەرسە كېرەككەن دەپ ئۆگىنىۋاتقانلار قانچىلىك؟ يېقىنچىلاردا چەتكە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى چىقتى. لېكىن مەن ئاڭلىغان كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە مۇشۇ كەسىپ ھەقىقەتەنمۇ بىزگە لايىقكەن دەپ قارغىغىنىم ناھايىتى ئاز. يەنە كېلىپ مەن ئۇچراشقان چەتكە چىققانلارنىڭ ئىچىدە ئۆز كەسپىدىكى ھەقىقەتكە سۈيۈنۈپ تۇرغانلار يوق دېيەرلىك.ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەسىپنى ئۆزى تاللىغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغىنى ئۈچۈن ئۇقۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بولدى بۇنى ئۆگەنگەندىن ۋاقىت زايە قىلماي ماۋۇنى ئۆگىنەي ياكى ماۋۇ ئىشنى قىلاي دەيدىغانلار نېمىشقا چىقمايدۇ؟ نېمىشقا ھە دېسىلا ئۇنۋان ئۈچۈن بىزگە كېرەككە كەلمەيدىغان كەسىپلەردە ئوقۇيمەن دەپ قان شورىغۇچى ئەزرائىلنىڭ يېنىدىن بېرى بولمىغان  ئادەمدەك سارغىيىپ، قاقشال بولۇپ يۈرگەنلەر ئۇچراپلا تۇرىدۇ.
ئەسلىدە مېنىڭ بۇ ئاغىينەم ئىجتىمائىي قىزغىنلىقى يوق بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنى ناھايىتى تۆۋەن كۆرەتتى. ۋىجىكلىكى تۈپەيلى باشقا بىر ئىشنى قىلىپ جان باقالايدىغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى. ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ناھايتى تۆۋەن بولغاچقا، بالىلىرىغا داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس كىشىلەر ئىكەنلىكىنى،  قوللىرىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ ئۆزلىرى ئامال قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى، ئىنچىكە، ھېسسىياتلىق دەپ تۇراتتى. شۇڭا بۇ بالىلار مەنىۋىي يىلىكلىرى تولمايلا چوڭ بولدى ۋە بىلىپ - بىلمەي  چوققىلاردا ئالتۇن بار، پەقەت شۇلا مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەيدىغان تۇرمۇشنى ئۆزلىرىگە ئۇدۇم قىلدى. مۇنداق ئۇرۇق ھايات تەبىئىكى ئۆزى قوينىدا تۇرغان كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلىۋالماي قالمايتتى. شۇڭا بۇ مۆھتىرەم دوستىمىزنىڭ كومپيوتېرغا ئوخشاپ قالغانلىقىدىن ئەجەپلەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق پاجىئە بولامدۇ؟ ماھىيەت جەھەتتە شاپتۇل داموللامغا ئوخشايدىغان بۇ بۇرادىرىمىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاپتۇل داموللامدىن ساپالىقراق90 -يىللارغا مۇۋاپىق مۇناپىقلىقنى قىلماي قالارمۇ؟
ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا بىزگە ياش بىر ئوقۇتقۇچى ياپونيىدىن يېڭىلا بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىپ دەرس بەردى. ئونىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەر ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ دەرسنى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئەمما ئۇنىڭ دائىم مەست ھالەتتە لاغايلاپ يۈرگىنىنى ئۇچۇرتۇپ قالاتتىم. ئاڭلىسام ئۇ بەك ياخشى ئۇقۇغان ئىمىش. ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇغىنىنى ئىشلىتەلمەي ئىچى پۇشۇپ كەتكەن ئىمىش. لېكىن، شۇ چاغلاردا ئۇنىڭدىكى ئادىمىيلىك ماھىيەت، ئالىي بىلىم ئىگىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ساپا ئۇنىڭدا بار بولۇپ،  ئۇنى ئوڭۇشلۇق ھالدا خەلق ۋە ھەقىقەت چىگەلىگەن بولسا، قىلىدىغان ئىش بەك تولا ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشلارنى كۆرمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگۈلۈۋاتقان بىر چاغلاردا ئون قاپاق پىۋىمىزغا تەڭ شېرىك بولدى. بىرقاتار خۈنىك، چۈشكۈن گەپلەردىن ئۇنى چۈشەندۇق. ئالىي مەكتەپتە قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئويناڭلار، ھەر نېم بولسا ئوينىۋاپتىكەنمەن دەپ قالساڭلارمۇ چوڭ ئىش، دېگەن راستچىل سۆزلىرىدىن  ئىلھام  ئېلىپ، خۇددى ئەخمەتجان ئوسمان دېگەندەك ئۆز شېرىلىرىمىزنى تۇتىۋېلىپ،راسا نۇمۇسىغا تەگدۇق. كېيىن بەڭگىدەك كەيپكە چۈمۈلۈپ ئۇستاز ۋە شاگىرت بىرلىكتە دوڭ كۆۋرۈككە توشقان ئىزدەپ ماڭدۇق. مانا مۇناپىقلىق باشلانمىدىمۇ؟! ئۇغۇ ئۆزىنى يۇپۇرماي كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى دېدى. ئەمما ئەمەل، ئۇنۋان، ئىمتىياز ئۈچۈن يالغان سۆزلەشتىن، ساختىلىق قىلىشتىن ھېيىقمايدىغانلار بىز ئوقۇغان ئاشۇ مەكتەپتە يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭلاشقا ھالى شۇنچىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇشۇنچىلىك سەمىمىيىتىمۇ بىزگە يېقىملىق تۇيۇلغان ئەمەسمىدى؟ شۇنىڭدىن بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بىر تەبىئىي پەن ئاسپىرانتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر -بېسىق، سوغاققان ئىدىكى، ماجاڭ ئويناشتىن باشقىنى خالاپ كەتمەيتتى. تېبابەت نەزىرى بىلەن قارىغاندا يۈرىكىدە ئىسسىقلىق  دەپ بىر نېمە بولمايتتى. ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىدى. لېكىن، بۇ مەخلۇق خۇددى دەسمايە تىجارەتچىنىڭ پۈتكۈل سودا پائالىيىتىنىڭ ماددىي ئاساسى بولغىنىغا ئوخشاش ئاشۇ ئىسسىقلىقنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى مەنىلەرنىڭ دەسمايىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايتتى. ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، روشەن ئىدىكى، ئۇنىڭدىن ئاشۇنداق كېچە -كۈندۈز تاراقشىتىپ ماجاڭ ئوينىغاندىن كۆرە، بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشسەڭ بولمامدۇ دېگەندەك ئىنتايىن تۆۋەن ھايۋانىي ھەۋەسلەردىن ئىمتىھان قىلىنغان تەقدىردىمۇ چوقۇمكى، ئۇنىڭمۇ خوش ياقماس بولۇپ قالغانلىقىنى دېيىشتىن تەپ تارتمايتتى. ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ مەنىسى قالمىغان ئەمەس، يۈرەكنىڭ ئوتى قالمىغانىدى. بارلىق يوقسۇزلۇق، قابىلسىزلىق، بىچارىلىك يۈرەكنىڭ ئوتىنى سۇسلاشتۇغىنى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىش ئىدى. ئاخىرقى ھېسابتا يۈرەكنىڭ ئوتىنى يېلىنجىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق شەكىلدىكى نامراتلىقنى خالىمايتتۇق، قابىلسىزلىقنى ياقتۇرمايتتۇق، يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئىنتىلەتتۇق. خەقتىن قالماي يۈرۈشنى، خەقتىن قالماي كىيىنىشنى، خەقتىن قالماي يېيىشنى ئىستەيتتۇق. لېكىن بۇ مەخلۇقنىڭ 20 يىل ئوقۇپ يەنە مۇشۇنداق پاجىئەنىڭ مىسالى بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟ ئادەم ھاياتىدا كۆرمىگەننى كۆرىدۇ. كۈچ توپلاپ، تەڭپۇڭلۇق تاپىدۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەردىن بۆسۈپ چىقماي قالمايدۇ. لېكىن ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلالمايدۇ؟! بىر چاغلاردا كىملەردىندۇر قارىقاشنىڭ قارا ساي دېگەن يېرىدە ئەمەت داموللام دېگەن كىشىنىڭ يەر ئىسلاھاتى تۈپەيلى كىشىنىڭ ھەققى كىشىگە ئۆتۈپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە مەشھۇر فېقىي ئىمام ئەزەمنىڭ دىيانىتىنى تۇتۇپ، يۇرتتىن چىققان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ھارام ۋە مەكرۇھ ھېسابلاپ، ئۆز بېغىدىكى بىر تۈپ شاپتۇلدىن باشقا يېمەكلىكتىن ئۆزىنى تارتىپ ياشىغانلىقى، ئۆز بېغىغا تېرىغان ئاشلىقى يەتمەي بىر يىلنىڭ خېلى مەزگىللىرىگىچە شاپتۇل ئۈچكىسىنى ئېغىزىغا سېلىۋېلىپ شۈمۈپ يۈرۈپ جان ساقلىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا قاقشال بولۇپ جان تەسلىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم. ئەمدى كاللامدا بۇ نىمجان كىشىنىڭ مەزلۇم تۇرقى سىرلىق رەۋىشتە ئەكس ئەتمەكتە ئىدى. توغرا، ئاللاھەزەل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىلىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمغۇ دەيمەن، كىتابلاردىكى ماركس، ئېنگلسلارنىڭ رەسىمىنى بوۋامغا ئوتلۇق ھېسىياتلار ۋە خانىملار ئۆگەتكەن ياڭراق ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلەپ كۆرسەتكىنىمدە، ئۇ تەمكىن ئولتۇرۇپ: بالام ئۇ دېگەن كاپىر، دېگەندى. بۇ گەپ كۆڭلۈمنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر بىر يەرلىرىگە سىرلىق بىر ھەيرانلىق سالغان. ھالا مانا بۇگۈن بۇ ھەيرانلىققا جاۋاپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار تۆھپىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەتتا تەركىبى كەمبەغەل دېھقان بولۇپ ئايرىلغان بوۋامنىمۇ ھاياجانغا سالالمىغانلىقىنى چۈشەندىم. ھەر قايسى ئىجتىمائىي توپلارنىڭ تارىخىي دەۋىرلەردىكى قىممەت قاراشلىرىغا زەن سېلىشقا باشلىدىم. كونىلارنىڭ ئىماننى بەلگە قىلغان ئادەمىيلىك ئۆلچىمىنىڭ ھەر قانداق ئۇلۇغ تۆھپە ۋە جۇلالىنىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تارازا ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. ئۇلارنىڭ تاكاممۇل تارازىلىرىنىڭ مالادۇنانى نازۇك ۋە نەپس پۇتبول ھەرىكەتلىرىگە قارىمايلا ئەخلەتخانىدا تۇرغۇزۇپ كۆزىتىدىغانلىقىغا، جېكسۇننىڭ مۇڭلۇق ئاۋازلىرىغا باقمايلا، ئۇنى  ھەزىلەكلەر ۋە تەنتەكلەر بابىدىن بەك بېرى قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەندىم. راست، ستالىن جۇلالىق خىزمەتلىرىدىن ئايرىلغان كۈنى ئۇ زادى قانچىلىك ئادەم؟ پەزىلەت بابىدا ھەتتا بالىلىرىنىڭ نەزىرىگە ئاران چۈشەلىگەن ئەمەت داموللامنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالارمۇ؟ ناپالېئون مەشھۇر ئۇرۇش تالانتىدىن خالى تۇرغىنىدا قەلپ تارازىسىدا قانچە تاشنى باسالار؟  
بىر كۈنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى قويۇق ئائىلىكلەر جايلاشقان بىر قورۇدا قانداقتۇر بىر ئوي بىلەن كېتىپ بېرىپ تاڭخولۇ ئالدىدا تۇرغان 6 -7 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر توپ بالىلارغا دوقۇرۇشتۇم. ئۇلارتاڭخۇلۇنىڭ پاسكىنىلىقى توغرۇلۇق بىر دەم مۇنازىرلىشىپ تۇرۇپ، ئاخىرى يېنىدىكىلا دۇكاندىن يالتىراق خالتىغا چىرايلىق ئورالغان بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ قاياقلارغىدۇر ماڭدى. ئۇلاردا  مۇشۇ يېشىدىلا پاسكىنا ۋە پاكىزلىق ئېڭىنىڭ ئۆرە بولغىنىغا سۈيۈندۈم، تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ بۇ ئېڭى ئوڭۇشلۇق بولسا بارغانسېرى ۋەزىن ئېلىپ قىلىدىغان خىزمەت ۋە ئادەمگىچە كېڭىيىپ ئۇلارنىمۇ پاسكىنا، پاكىز دەپ ئايرىيدىغاندەك بىلىندى. بۇنىڭدىكى قانداقتۇر بىر مۇقەررەرلىك نېمىشقىكىن بوۋامنىڭ ئەندىزىسىنى تەستىقلاپ تۇراتتى. گويا ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەرزدە ۋايىغا يېتىشى كىتابتا بار يا يوق ئىمانلىق ئىمانسىز دېگەن يەرگە ئېلىپ كېلىدىغاندەك ئىدى. كۆز ئالدىمغا ھازىرقى زاماننىڭ كىتابلىرىغا يېزىلغان پاكىزلىق، پاسكىنىلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ياشاۋاتقان ئادەملەر، بېزەلگەن ئئۆيلەر، چىرايلىق زىننەتلەنگەن ئاشخانا، رېستۇرانلار، ئالىي ياتاقلار كەلدى. ئاجايىپ بىر ئورتاقلىقنى ھېس قىلدىم. بوۋام ئۆتمۈش بولۇپ ئەمەس بۈيۈك بىر مۇنازىرچى بولۇپ نامايان بولماقتا ئىدى. شۇئان ئۆز زامانىسىدا چوڭ ھوقۇقدار ۋە زەردار بولۇپ تۇرغان مانجۇنىڭ خانىمى بولۇپ تۇرۇشتىن قېچىپ قۇمۇشلۇقلاردا زور كۈلپەتلەرگە قالغان نۇزۇگۇم بىلەن زامانىمىزدىكى سالاپەتلىك پاھىشىلەر ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق جۇلالىنىشقا باشلىدى. بىلدىم ،قاش- كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، پۇت - قول دېگەندەك ئوبيېكتىپ نەق نەرسىلەرگە قاراپلا ئادەملىككە ھۆكۈم قىلىدىغان ماتېرىيالىستىك تارازا ئەسقاتمامدۇ -نېمە؟ كاللامدا قەدىمكىلەرىڭ پېشانە - تەقدىر ئۇقۇملىرى پىرقىراشقا باشلىدى. تەسەۋۋۇرۇمدا گويا ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى بەگ، بەزىلىرى قۇل، چۆرە بولۇپ روياپقا چىقىدىغاندەك ئىدى. ئۆز ئۆزۈمگە قەدىمكى جەمئىيەتلەردىكى تەبىقە، قۇل -چۆرە بىكارلا پەيدا بولماپتىكەن، دېدىم. راست، زامانىمىزدا تەبىقە، قۇل -چۆرە ئۇقۇملىرىنى تەستىقلايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمە يوقالغىنى بىلەن300- 400 كوي پۇل ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر نېمە قىلىشقا كۆنۈك قۇللۇق ھادىسىلىرى، ئەقىدە ۋە ئىرادىلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشقىچە ئايانمايدىغان بەگلىك ھادىسىلىرى تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمامدۇ. كونىلارنىڭ خاتا قىلغىنى تەبىقىلەرنى پەرقلەندۈرگەندە قان، تېرە دېگەندەك ماتېرىيالىستىك نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالغانلىقى ئوخشايدۇ. شۇنىڭغا كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، تەبىقە تۈزۈلمىسىنى يوق قىلغان روھ بىر مەزگىل ھۆرلۈك، تەڭلىك، كۆيۈم دەپ شۇئار توۋلاپ تۈرلۈك ياشاشلارغا قورسىقىنى كەڭ تۇتۇپ بەگ بىلەن چۆرىنى باراۋەر ھالدا بىر يەرگە قويۇشقا بەل باغلىغان  بولسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەت بايلىق ۋە مۈلۈككە ئىگە بولسىلا بەگ بولالايدىغاننىڭلا ئەركىنلىكىنى پەيدا قىلالىدى. بەگلىك تېخىمۇ مەركەزلىك ھالدا ئاقچا بىلەنلا ئۆلچىنىدىغان بولدى. ئىنسانلار جەمئىيىتى مىسلىسىز دەرىجىدە ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا پاتتى. تاكاممول مەنىۋىيەتكە ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ بەكرەك تەشنا بولدى. تۈرلۈك - تۈرلۈك مەسلەكلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ھېچكىم - ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى. جەڭگە - جېدەل قۇرمىدى. تۈپكى ماھىيەت جەھەتتىن ئادىمىيلىكنى قوغلۇشۇپ تۈرلۈك- تۈرلۈك مىللىي ئۆزلۈكلەرنى تىكلىدى. مىللىي تىل مۇشۇ ئۆزلۈكلەرنىڭ مۇجمەللىكىنى تولۇقلىغۇچى سۈپىتىدە تېخىمۇ  قەدىرلىنىشكە باشلىدى. مىللىي دۆلەتلەر ئارقا -ئارقىدىن باش كۆتەردى. ئەجەبا بۇ قۇتۇپنىڭ ئالدى بىلەن ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت بىر تۇرۇچتىن بىلىپ-بىلىمەي  يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسمىدۇ؟!  بىر كۈنى ئىككەيلەنگە 60 يەشىك مالنى 3 قەۋەتكە ئاچىققۇزدۇم. ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولسىمۇ، بىرسى ئىشقا بولۇمسىزراق ئىدى. يەنە بىرسى تۆت يەشىك مالنى توختاۋسىز ئاچىقىپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۈچ يەشىكتىن يۈدۈپ ئىككى قەۋەتتە بىرھازا ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئاچىقاتتى. شۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن كېيىنلا تۆتەيلەن ئوخشاش شۇ مالدىن 300يەشىكنى 3  -قەۋەتكە ئاچىقتى. بۇ تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە ئۆزى ۋىجىك، شۇنداقلا تۆت يەشىك مال چىرايىدىن قارىغاندىلا ئېغىر كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىرسى بار بولۇپ، ئۇ يەنىلا ھېچكىمدىن قالماي مال ئاچىقماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ غەيرىتى بۇ ئىككى ئادەم ئارىسىدىكى پەرققە نەزىرىمنى ئاغدۇرماي قالمىدى. راست، ئالدىدىكىسى پۇلنى ئوخشاش ئالغاندىن كېيىن ئوخشاش ئىشلىمىسەم بولمايدۇ دېگەندە قەتئىي تۇرالماي ئۆز تېنىنىڭ سېزىمىگە ئەھمىيەت بەردى. كېيىنكىسى تۆت ئادەمنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىنى تەربىيىلەپ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ  ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئەزەلدىن ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەشكە، پرىنسىپسىزلىققا مايىل، ئەمما ھەقىقىي دىن بىر قاتار ئۆلچەملەر بىلەن ئىنسانغا چەك قويىدىغانلىقى ئېنىق. بەدەننىڭ ھەمدەم خىيالىغا بايلىقىنىڭ، يېقىنلىقىنىڭ ئەكسىچە ھەقىقىي دىن ھەممىنى تارازىغا سېلىپ « ماۋۇنى قىل، ماۋۇنى قىلما دەپ قىلنى قىرىق يارىدۇ » دېگەندەك، دىنىي ۋەزلەر بىلەن دوست تارتىشىپ تۇراتتى.  خوش، بىز بۇ دوست تارتىشىشتا بېشارىتى بولۇۋاتقان ئۆزگىچە بىر نەرسىنى ئېتىراپ قىلىمىزمۇ؟ ياكى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تونىلى بىلەن تۇتاشقان قەدىمىي گرىكلەردىن تارتىپ، «خۇدا ئۆلدى» دەپ ساراڭلىق سەۋداسىغا غەرق بولۇپ كەتكەن نىتزشىدەك چېكىتكىچە بولغان يولنىڭ راۋاجلىرى بولۇپ تۆت ئادەمنىڭ ئوخشاش پۇل ئالىدىغانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلماي ئۆز ھالىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھېلىقى بۆلۇمسىزنىڭ مەۋقەسىدە ئۆتىمىزمۇ؟!
بۇ ئىدراكلىرىمغا « ئون كۈنلۈك سۆھبەت »تىن باشلانغان تارىخنىڭ ئىلاھ تىندىنسىيىسىنى تەبىئەتكە ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ تەبىئەتنى ئەقلىي بىلىشكە، تەبىئەتنى ئەقلىي بىلىشتىن ئادەمنى ئەقلىي بىلىشكە، ئادەمنى ئەقلىي بىلىشتىن تەبىئەتنى بارلىق سۇبىيېكتتىن خالىي بىلىشكە، جۈملىدىن ئادەمنى ساپ ماتېرىياللىق مۇقامدا بىلىشكە كېتىۋاتقىنىنى غەيرىي بىر ھېسلىرىمنىڭ ئويچان نەزەرلىرى بىلەن يولۇقتۇردى. راست، ھەرىكەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئىلاھقا بولغان ئىشق مۇھەببەتلىرىنى تەبىئەتكە بەردى. بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى، مۇكەممەل كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادە قىلىش بىلەن خاراكتېرلەندى. كۆزنى ھەل قىلغۇچ ئامىل قىلغان ئۇ نەرسە ھامىنى ئەقەللىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنىڭ تەسىرىدە گۇمان قوزغاپ سەزگۈدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان ئەقلىي كۆز ئاساسىدا گۈزەللىك، مۇكەممەللىك مۇقامىنى ئىزدەش دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلماي قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئەقلىي دەۋر مۇنازىرىلەر بىلەن خاراكتېرلەندى.  شەيئىنىڭ ئۆز تەبىئىتىنى ئەينەن تونۇش، تەبىئەتنىڭ ئۆزىدە بار ئىنتىزاملار بىلەن تۇنۇشۇش ۋە شۇ ئاساستا چۈشەندۈرۈش ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ تۈپ ئەندىزىسى بولدى. ئۇزاق ئەمەلىيەت ئۇنىڭ خورىكىنى بارا - بارا ئۆستۈرۈۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تەپەككۇر ساھەسىدىن ھەتتا روھ، ئەخلاق دېگەندەك شەيئىلەرنى رەسمىي ھالدا سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ئوتتۇرىغا چىققان شەيئىنى شۇ شەيئى پېتىلا كۆرۈش تەۋەسىيە قىلىندى. ئىنسانىي كەيىپلەردىن قانداقتۇر بىر مۇكەمەللىك ئىزدەيدىغان ئېتىقاد ۋە ئۈمىد يوقىدى.  يەر شارى، ئادەم، تاش، كۆمۈر، ئات، ئېشەك ئارىسىدىكى پەرق بايىقى سۈپۈرۈشلەردە بىراقلا ئەخلەتخانىغا چۆرۈلۈپ، ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى نەزەرگە ئالمىغاندا ھەممىنىڭ ئارىسىغا  تەڭلىك قويۇلدى. ئۇلار ئۆزىچە ئەڭ راستچىل ياشايدىغان ئادەملەر ئىدى. ئەمدى تۆت ئادەم ئارىسىدىكى كېلىشىمگە تۇيغۇن بولۇپ مال توشىغان ھېلىقى ئىشلەمچى كەيپىنىڭ مەنىسى قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى خۇددى ئادلېر ئېيتقاندەك: پەقەت ۋە پەقەت ئەينەنلىك قوينىدا ياشىماقنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ چوقۇم ئۇخلاىماي چۈش كۆرگىنى، بۇنداقلار جەزمەن باشقىلارنى تەرك ئېتىدۇ. قىلغان ھەرقانداق ئىشى، مەيلى ئۆزى ئۈچۈن بولسۇن، ياكى باشقىلار ئۈچۈن بولسۇن، بەرىبىر تېتىقسىز ۋە ئەھمىيەتسىز(ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ-ئادلىر    )  ئىدى. بۇ جەھەتتە  ئىنساننى پەقەت ئىجتىمائىيلىقنىڭ بىر كۇزۇرى دەپ بىلىدىغان بىر يول بىلەن،  ئۆرە ماڭىدىغان بىر نېمىنىڭ ئويى بولسىلا بولىدىغان ئىككى خىل خاھىش ئەۋج ئالدى. ئاخىرىدىكىسى نوقتىنەزەرلەرنىلا ئەمەس ھەتتاكى ئەڭ تەبىئىي ئۇقۇملارنىمۇ ئۆزگەرتمەكچى بولۇشتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئادىمىيلىك مۇقامىنى قۇتۇپ قىلىپ ئەمەس، بەلكى كارخانا ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى رۋان يۈرۈشتۈرۈش زۆرۈرىيىتىدە پىرقىراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە قولايلىق يارىتىلغاندەك بولۇپ، جىنسىي ئەركىنلىك ئىدىيىسى ھەممىلا يەرگە يامراپ كەتتى. نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرى كەچلىك بەزمىخانىلارنىڭ قولىدىكى كەسپىي مۇلازىمەت بولۇپ قالدى. بىر مۇنچە دۆلەتلەردە، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى )بەچچىۋازلىق  ) ، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى 8 - 7 ئايلىق بالىنى ئۆلتۈرۈش قانۇنلاشتۇرۇلدى. بىزدە بولسا سۇغۇرتا پۇلى ئۈچۈن ئۆز بالىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدىغان مەخلۇقلار چىقتى.  بىر كۈنى پۇلدار بىرسى تايلاندتا ئەرلىكتىن ساھىپجامالغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ 10 مىڭ كوي تۆلەپ ئۇلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋالغانلىقىنى دەپ رەسىمىنى كۆرسەتكەنىدى. نېمىشقىكىن، شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىم قايتا قوزغىلىپ قالدى. خەقلەرگە بالا تۇغۇپ بېرىپ پۇل تېپىۋاتقان بىر بۆلۈك تۇغۇت ماشىنىلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر يادىمغا يېتىپ، قەلبىمنى زۇلمەت قاراڭغۇسى قاپلىدى.  
ئېيتىمىزكى، بەزىدە بىز قىسمەن ئۇنسۇرلارنىڭ  سېزىم ۋە ئۆز مەيلىچە ھەرىكىتى بارلىقىنى كۆرىمىز ياكى بەزى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆزۇقلۇق تېپىشتۇرىدىغىنىنى، يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىگە ئوخشاش نەرسىنى تۇغۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلاردا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ خىل رول باركى، بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ ماددىي تەبىئىتىدىن ئەمەس. دېمەك، ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدە ماددىي تەبىئىتىدىن ئايرىم بىر تۈپكى ماھىيەت بار. ئۇ مۇشۇ ئۇنسۇردىكى مەنلىكلەرنى )خۇسۇسىيەتلەرنى)جارى قىلدۇرغۇچى نەرسە بولۇپ، ئومۇمەن مۇشۇ سۈپەتتىكى ۋۇجۇتنى بىز روھ دەيمىز.( روھ ھەققىدە- ئىبن سىنا،سودا نەشرىياتى نەشرى) بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى ئىبن سىنا مۇشۇنداق تەلىم بىرەر ئىدى. بەلكىم مۇشۇنداق تەلىم بېرىدىغانلار بولۇپ تۇرغاچقا ئىددىيالىست ئاتالسىمۇ مەنىۋىي قىياپەتلىرىگە تولىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىش بولۇپ باقسۇن ئويلۇشۇپ بىر ئىش قىلارمەن، دەيدىغان ئەمەس بەلكى لەۋزىنى ئىمان جۈملىسىدىن ساناپ  ھەق يول نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى تۇتۇقا تەق تۇرىدىغان، چىرايىدىن نۇر، ئۈستى -بېشىدىن مەرىپەت، ئۇچىسىدىن ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان كېلىشكەن يىگىتلىرىمىز بىزگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، لېكىن 15 يىل مۇنتىزم تەلىم - تەربىيە كۆرگەن مەن ئۇلاردىكى بۇ يارشىملىقلىقنى تاكى ھازىرغىچە ئۆزلەشتۈرەلمەي ئاۋارە. بۇ ھەتتا ئاتا-ئانامنىڭمۇ  مەندەك 15 يىل ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ ھەتتا ئاتا - ئانامنىڭمۇ سۈزۈك ۋە ۋەزىنلىك ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز ئارىسىدا كۆپۈكتەك لەيلەپ قالىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسمىدۇ؟ راست، مىسالەن: كىرئالغۇنى ئالايلى، ماگىزىندا سېتىۋاتقان كىرئالغۇلارنىڭ شەكلى تۈرلۈكچە بولغان بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتى يەنى پرىنسىپى ھەممىسىنىڭ ئوخشاش. رېمونتچى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەر قانداق  ئىپادىلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارغا مۇنداق-مۇنداق تەرتىپتە ئىشلىتىسەن،مۇنداق بولغاندا كاللاڭنى توختۇتۇپ رېمونتچىنى چاقىرىسەن دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خېرىدار ئۇنىڭ شەكلىنىلا بىلىدۇ، ئۇنى ياسىيالمايدۇ. شۇڭا خېرىدارلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىغا يۈرۈش يوسۇنلار بەلگىلىنىدۇ. مەلۇم موھىم ھالقىلارغا نىسبەتەن ئەقىدە تۇرغۇزىلىدۇ، ئەمما كىرئالغۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەكچى بولغان 3- بىر ئادەمگە ھەرقانداق يوسۇن ۋە ئەقىدىلەرگە قارىماي ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆگىنىش تەلىپى قويۇلىدۇ. مۇشۇنداق تۇرسا خېرىدار ۋە رېمۇنتچى ئۈچۈنمۇ كۆز بىلەن كۆرگەننى، قول بىلەن تۇتقاننىلا تونۇيمەن، قالغىنى نۆلگە ھېساب دەپ ھەقىقەتەنمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن سانىلىدىغان ماھىيەت، يوسۇن، ئەقىدە، روھ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسنى توقۇلما دەپ بىراقلا ئۆچۈرۈۋەتسەك قاملىشامدۇ؟ بۇ تەپەككۇرنىڭ قۇيرۇقىنى كەسكەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئوخشىمىغان چىقىش نوقتا، ئوخشىمىغان ھۆكۈملەرنىڭ بولۇشىدا نازۇك رول ئوينايدۇ. ئەمما ھەممە يۇغۇرۇلغان جەمئىيەت قايسىدۇر چىقىش نوقتىنى ئەمەس، بەلكى مۇكەممەللىكنى تۇتۇشى كېرەك. يەنە ئالىلى ئادەم يوقسۇزلۇققا يولۇققاندا، توختا، ھەممە نېمىنى قوياي، ئالدى بىلەن قورسىقىمنى تۇيغۇزاي دېگەندەك تەدبىرنى ئۇدۇم قىلىدۇ. بىراق، بۇ بەزىدە بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۇدۇم بولۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، ھەدەپ نەزەرىيىلەر بىلەن دەلىللىنىپ، ئىشلار مەڭگۈ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكتەك بولۇپ كېتىدۇ. تەدبىر ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە مۇشۇنىڭلىق بىلەن گېلىنى تويغۇزۇپ، ئۇچىسىنى پۈتۈن قىلالىغان بىلەن گال تويغاندىن كېيىنكى دەۋرگە ۋە كۆز -قارنى توق ئادەملەرگە بىكاردىن-بىكار ئورەكلەرنى كولاپ قويىدۇ. مەنىۋى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ.  ئاتا -ئانامنى ۋە مېنى مۇشۇ بىر تەرەپلىمىلىكتە تەربىيىلەنمىگەن دەپ كىم مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقىدۇ؟ دېمىسىمۇ زامانىمىزدىكى قانچىلىك زىيالىنىڭ تۇرمۇشىدىن نان، ماكان، كىيىم-كېچەك تەل بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق تۇرغاندىمۇ ئېتىقاد، دىن، ئىلىم-پەن دېگەنلەرنى ئويلاش كېرەك، دەيدىغان روھ ئىپادىلىنىدۇ؟ شۇڭا ئۇلار ئاتالمىش بىلىملىرى بىلەن نان يەپ، ئىززەت - ئېكراملارغا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ بالىلىرىنىڭ بولۇمسىزلىقىغا ھەيران بولۇۋاتمامدۇ! مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەمەت داموللام كىمۇ؟ بۇلار كىمۇ؟ دۇرست. ھەر قانداق يوسۇن - قائىدە ۋە ئەقىدىلەرگە قارىماي باشقا كەلگەندە كۆرۈش  ئۆگەنگۈچىلەر، ئىلگىرىلىگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، لېكىن ئادەمگە بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش نوقتىسىدا تۇرماي بىر نېمە دېگىلى بولمامدۇ؟ داۋۇتجان ناسىر ئاشۇ جاراڭلىق ئاۋازى بولمىغىنىدا بىز بىلگەندەك ئېسىل ئادەم ئەمەس بۇلار بولغىيتىمۇ؟ بىر ئادەم ھېچكىم قىلمىغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەن ئادەمىيلىك پەزىلىتىنى نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ ئالامتى؟ بىر كۈنى مۇھاجىرلارنىڭ كەمبەغەللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بايلار يۇقىرى دەرىجە ۋە مۇقىم نېمەتلەر بىلەن ئۆتىدىكەن، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: نېمە دېگىنىڭلار بۇ؟ دەپ سورىۋىدى. كەمبەغەللەر:
- ئۇلار خۇددى بىز ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇپ ھەم بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتۇپلا قالماي، ئاللا يولىدا پۇل - مال سەرپ قىلىدۇ ،سەدىقە قىلىدۇ. بىز بولساق پۇل -مال سەرىپ قىلالمايمىز،  ئۇلار قۇل ئازاد قىلىدۇ، بىز ئازاد قىلالمايمىز، دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
    - مەن سىلەرگە بىر نەرسىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ، سىلەر ئۇ نەرسە بىلەن سىلەردىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە يېتىشۋالىسىلەر ۋە كەينىڭلاردىكىلەردىن ئۇ نەرسە بىلەن ئېشىپ كېتىسىلەر، سىلەر قىلغان نەرسىنى قىلمىغۇچە ھېچكىم سىلەردىن ئارتۇق بولالمايدۇ. دېۋىدى، كەمبىغەللەر:    
-شۇنداق قىلسىلا ئىي رەسۇلىللاھ دېيىشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
  -ھەر بىر نامازنىڭ كەينىدىن 33 قېتىم تەسبىھ«ئىنشا ئاللا» تەگبىر «ئاللاھۇ ئەكبەر»، تەھمىد «ئەلھەمدۇ لىللا» ئېيتىڭلار دېدى.
ئاندىن كېيىن كەمبەغەل مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-پۇلدار قېرىنداشلىرىمىز بىز قىلغان نەرسىنى ئاڭلاپ بىزدەك قىلىۋېتىپتۇ، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-ئۇ بولسا ئاللانىڭ پەزىلى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ ،دەپ جاۋاپ بەردى «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى» ئەجىبا ئادەمىيلىككە قابىللىقنى چىقىش قىلماي باھا بېرىش ئىدىيىسى بۇنىڭدا ئىپادە بولماي تۇرۇپتىمۇ
مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە پەيلاسوپى نىتىزىشى گېگېلنىڭ تارىخ پەلىسەپىسى ۋە ئېتىكا قارىشىدا تۇرۇپ كىشىلەرنى تارىخىيلىقنى ۋە ئاتالمىش خرىستىيان دىنىنىڭ تەسلىمچىل ئەخلاقىنى ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ ئۆزىنى ئىززەتلەشنى تەۋسىيە قىلىپ، «خۇدا ئۆلدى » دېگەن مەشھۇر ھۆكۈمگە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ئۇلىنى قويدى. ھاياتنىڭ يۈگىنىنى دوزاخ ۋە جەننەتتىن ئېلىپ ئىرادىگە تۇتقۇزدى. ئەلۋەتتە بۇنى گېتلېرنىڭ ھوقۇق ئىرادىسى يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ تەكەببۇر پورترىتىدىن ئېنىق كۆرىمىز. نىتزىشى ئۆز دەۋرىگىچە ئۇلىشىپ تۇرۇۋاتقان ئەقىدە، ئېتىقاد كۈچىگە توپلانغان ئېنېرگىيىنى ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىرادىسىنى تەگ قىلغان ئىدىيىلىرىگە چىقاردى، ئەمما 80- يىللارغا كەلگەندە سارتىردا بۇ ئېنېرگىيە ئازلاپ، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ئۆزى دېگۈدەكلا قالغاندى. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ سوغاققانلىق بىلەن خۇدا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىنساننى پۇخادىن چىققۇدەك ئەينەن كۆردى ۋە بايان ئەتتى. مەۋجۇتلۇق ھەممىدىن يۈزلۈك، مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مېنىڭ كىملىكىمدىن مۇھىم. نەرسىلەر نەفىسدە مەۋجۇت، ئىنسان نەفىس ئۈچۈن مەۋجۇت دەپ ۋەز ئېيتىپ كېلىپ، ئىنساندا تۇغما تۈپلۈك بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ چاما ئۆزنى ئۆزى روياپقا چىقىرىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقاردى. بۇ نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانلار تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن مەنا نىتىزشىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن رەت قىلىندى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئۆزى مەنا بېكىتىشى پېشانىگە پۈتۈلگەن دېگەن گەپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ گويا ئىنساننى بالا - چاقا، ئۆي - بىسات، ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققان، يوسۇن -قائىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىپ قاق سەنەم قىلىۋېتىپ، سەندە پۈتمەس ئەركىنلىك بار دەپ قولىقىغا ۋەزىنلىك پىچىرلاپ قويدى. غېرىبلىق، يوقسۇزلۇق ئازابىغا بۇ ئەركىنلىككە تۆلىنىدىغان بەدەل دەپ تەسەللى سۆزى ئېيتتى. ئادەم دۇنيادا روياپقا چىقىۋاتقىنىدا ئۇ چۇقۇم ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىشىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم، دەيدىغان مەرتلىك تۇيغۇسىنى تارازا قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسان ھاياتىدىكى تۈگىمەس تاللاشلارنى ئىجتىمائىي مەنىگە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە غايىسى تىرىكلىك ئىدى. لېكىن يۇقىرىدا دېيىلگەن تاش كۆمۈر، ياغاچ ئادەم، ھايۋان، يۇلتۇزلار ئارىسىدا تۇرغان تەڭلىكنىڭ ناھايىتىمۇ پىنھان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يەنە نېمىلا دېگەن بىلەن مۇشۇ گەپلەرگە قوش كېزەك ھالدا ھېچقانداق ئىشتا ۋاي دەپ كەتكىدەك مەنا يوق، قانداق قىلساڭ بولىۋېرىدۇ، دەيدىغان نەزەرىيىنى روياپقا چىقاردى. گەرچە بۇ سارتىرنىڭ نەزەرىيىسى ئەمەس، دەپ ھەرقانچە كاپشىپ باقساقمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سارتىر روھىنىڭ ئىككى شېخى ئىدى، پەقەت ئوخشاش بىر سارتىر روھى خاراكتېرى ئۈمىدۋار ئادەمدە يۇقىرىقىدەك خاراكتېرى، چۈشكۈنرەك ئادەمدە ھازىرقىدەك ئوينى پەيدا قىلماي قالمايتى. بىز يۇقىرىدا 01 قاپاق پىۋىمىزغا شېرىك بولغان ھېلىقى ئوقۇتقۇچىمىزدىن بۇ ئىدىيىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. لايغەزەل تەبىئىي پەن ئاسپىرانتىدىن بۇنىڭ پاجىئەسىنى كۆردۇق. ھەممىدىن قىزىقى شۇكى، بىز يولۇققان رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيىتى تۈپەيلىدىن سارتىرىنىڭ مۇنداق پەلىسەپىسى بولغان، دەپ تۇنۇشتۇرۇپ كەتمىسەكمۇ بىزدىن بىر مۇنچىلار بۇ سەنەمگە دەسسەپ بولدى. سىموئۇن بالىۋېر ئىككىنچى جىنسنى يېزىپ ئىككىنچى جىنسلىققا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقاندا، شەھەرلىرىمىزدە ئوغۇللاردىن پەرقسىز قىزلار، قىزلاردىن پەرقسىز ئوغۇللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. قانداقلا ياشىسا بولىدىغان بولدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ قانداق سەنەم بۇ دېگۈچىلەرگە، ئۆزىنى ئاقلاپ ئاشۇ نەزەرىيىنى دەپ بېرىدىغانلا يېرى قالغانىدى.« يۈز يىل غېرىپلىق »تا ئاجايىپ بىر دەۋرىي ئايلانمىنى ھېس قىلغانىدىم، بەلكىم بۇمۇ قايسىدۇر بىر دەۋرىي ئايلانمىنىڭ مەلۇم بىر ھالقىسىدۇر. دېمىسىمۇ تارىخلار مابەينىدە راستلا ھەممە ئادەم ئۆزى  بىلگىنىچە ياشىغان، ئاندىن ئۆزئارا ئۇچراشقان، ئاندىن خۇلاسە قىلغان، ئاندىن دىن، ئۆرۈپ- ئادەت، يوسۇن- قائىدىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. مانا بۈگۈن بۇ قائىدىلەر چۇۋۇلدى. ئەمدى ھەممە كىم ئۆز مەيلىچە ياشاش تەكىتلەندى. ئەجىبا بۇ يۇقىرىقى دەۋرىي ئايلانمىنىڭ بىر ھالقىسىغا ئوخشىمايدىغاندەك تۇرامدۇ؟

داۋامى بار
مەنبە: قۇمۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى 2003-يىل، 6-سان؛ 2004-يىل 1- سانلىرىدا ئىلان قىلىنغان.



[Birzat بۇنى 2010-06-23 08:11 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماBirzat[2010-06-23 08:46 PM | del]
1-پارچىسىدىن باشلاپ ئوقۇسىلا ياخشى چۈشۈنىلا!!!
回复قايتۇرماsabdax[2010-06-23 08:40 PM | del]
يېرىم سائەت ئۇقۇپ ئاران يېرىمىنى ئۇقۇپتىمەن.  ئەسلىدە خەتنى ئۇنداق ئاستا ئۇقۇمايتتىم لېكىن بۇ مەزمۇنلارنى چۈشۈنەلمەي ، قايتا - قايتا ئۇقۇپ ئاران يېرىمىنى ئۇقۇپتىمەن. ئىشىم چىقىپ قالمىغان بولسا ھەممىسىنى ئۇقۇغان بۇلاتتىم . بۇ ماقالا ھەقىقەتەن مۇرەككەپ مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ ، بۇنى ئادەتتىكى ئادەم ئۇقۇپ چۈشۈنەلمىگۇدەك مەنمۇ بەك ئىنىق چۈشۈنەلمىدىم. ماقالىنى ئۇقۇپ كىتىپ بېرىپ ئابدىقادىر جالالىدىن ئاكام ئىسىمگە كىلىپ قالدى دىسە .   يېزىش ئۇسلۇبى ئوخشۇشىپ كىتىدىكەن ..........  يېزىقنىڭ خاسىيىتى ھەقىقەتەن  بەك چوڭ  دىسە.......
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.