ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: ئەدەبىي تەرمىلەركۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

ئاغرىق ئازابىنى بىر تارتىپ قويدۇم

مېنى بىر قانچە قېتىم چايان چىقىۋالغاندا ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن دۇنيادا مۇشۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئاغرىق يوقتۇ دەپتىكەنمەن، چايان چاققاندىكى ئاغرىق ماۋۇ ئاغرىقنىڭ << قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك>>. راھەت ياشىغان كۈنلۈرۈم يادىمغا يەتتى، 10 يىللىق راھەت بىر قانچە مىنۇتلۇق ئاغرىق ئازابىغا پايلىمايۋاتاتتى، ئۆلۈم يادىمغا يەتتى، سەكرات ئالدىدىكى جان چىققۇچە بولغان بىر قانچە دەقىقىدىكى ئازابتا ، ئىنسان ھاياتىدىكى بارلىق راھەتلىرنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ دەپ كىتابلاردا ئوقىغاندەك قىلغان ئىدىم. مەن تېخى سەكراتقا چۈشمەي تۇرۇپ بۇنچە ئاغرىق كۆرسەم گۆر ئازابى، دەۋزەخ ئازابى دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغلىلى بولمايدىكەن دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتۈپ دەۋزەختىن پاناھ تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم. شۇ ئارىلىقتا 2-3 ئۈچ ئېغىر كېسەللەر جىددىي بۆلىمدىلا جان ئۈزگەن ئوخشايدۇ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بۆرەك، تاش سۇ ئاغرىق دوختۇرخانا

دوختۇرلار ئاغرىققا شىپا، ئۆلۈمگە ئامال ئىزدىگۈچىلەر بولۇپ، تېببىي كەسىپ قەدىمدىن بېرى ئنىسانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان كەسىپتۇر. دوختۇر - بىمارلار ئەزەلدىن ناھايىتى يېقىن - قويۇق مۇناسىۋەتتە، ئۆز - ئارا ھۆرمەت، كۆيۈنۈش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، دوختۇر - بىمارلار ئارىسىدىكى يۇقىرىقىدەك ئىناق مۇناسىۋەت ئاللىقاچان بۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مەنپەت ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ئىگىلىگەن. ھەتتا، گاھىدا ئۆز - ئارا كەسكىن توقۇنىشىدىغان، قارشىلىشىدىغان ئۆز - ئارا زىت مۇناسىۋەت خاراكتېرىنى ئالغان. كىشىلەرمۇ دوختۇر دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشقىنىدا بۇرۇنقىدەك << ئاق خالاتلىق پەرشتىلەر >> دېگەن چىرايلىق نامنى ئېسىگە ئېلىشتىن بالدۇرراق << ئاق خالاتلىق بۆرىلەر >> دەيدىغان ۋەھشىيانە سۈپەت سۆزىنى ئېسىگە ئالىدىغان بولۇپ قېلىشقان...
تېخى يېقىندىلا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن چىقىرىلغان ستاتىستىكىلىق خۇلاسىگە قارىغاندا، %64.7 كىشى دوختۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇي - ئىناۋىتىنى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. % 30.2 كىشى دوختۇرلارنىڭ زىيادە ئىقتىسادىي مەنپەتنى قوغلىشىشى ئۇلارنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى بارغانسىېرى << ناچار >> لىشىپ كېتىۋاتماقتا.
ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ دوختۇرلارنىڭ ئەخلاقى ۋە كەسپىي ئىستېلىدا چېكىنىش بولىۋاتامدۇ ياكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەسىلە بارمۇ ؟

 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: دوختۇر

جېك پوچتىخانىدا ئىشلەيتتى . ئۇ ئادرېسى خاتا يېزىلىپ قالغان خەت–چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئىدى . بىر كۈنى بىر پارچە خەت ئۇنىڭ ئۈستىلىگە قويۇلدى. بۇ بىر موماينىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يازغان خېتىدەك قىلاتتى، كونۋېرت ئۈستىگە ‹‹تەڭرىگە تەگسۇن›› دەپ يېزىقلىق ئىدى. جېك خەتكە ئىنتايىن قىزىقتى ۋە ئېچىپ كۆرۈپ، نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كونۋېرتنى يىرتىپ، خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تەڭرىگە يېزىلغان خەت

ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسىرىماي، ئىچىپ-چىكىپ ئويناپ يۈرسىڭىز، ئانانىزىمدەك بولمىغۇرلۇقلار بىلەن ئەرلىك ھاياتى كۈچىڭىزنى بىر پۇل قىلىپ سۆلىڭىز قالمىغاندا بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان، سىزگە بارلىقىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سىلىپ گاھى ئىچىڭىزگە تىنىپ زەئىپانا بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرسىڭىز، گاھى سەپرالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز - قېنى سىزدىكى ئەرلىك كامالەت، ئۇرغۇپ تۇرغان قۇۋۋەت، ئوتلۇق مۇھەببەتلەر؟ قېنى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۇماق پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدىكى سۈلكىتىڭىز؟!!!
ئاياللىرىڭلارنى ئۇنداق تاشلاپ قويماڭلار، بىچارە مەزلۇمە سۈيى يوق كۆلدەك قاغجىراپ يېرىلىپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭمۇ ياشلىق گۈللىرى تولۇق پورەكلىسۇن، كۈچتۈڭگۈر، پالۋان كەبى ئەرلىرىدىن زوقلىنىپ، پەخىرلىنىپ ياشىسۇن!!! باغرى قانسۇن!!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: 80خالتا بلوگ ئەزالىرىنىڭ نادىر ئىنكاسلىرى

بىزنىڭ بالىلىرىمىز قاچانغىچە بىلىمنى ئالدى بىلەن خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ؟

قايسىدۇر بىر تارىخىي ماتېرىيالدىن قەشقەرلىك بىر ئايالنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى كىمدۇر بىرسىنىڭ پاكىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلغاندا40 نەچچە خۇتۇن ئالغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى نارازلىق بىلەن يازغانلىقى يادىمدا تۇرۇپتۇ. دۇرست، ئۇ كىشىغۇ 40 خۇتۇننى «مانا مەن ئىگە» دەپ تۇرۇپ ئاپتۇ ۋە« ئىگە ئەمەس »دەپ تۇرۇپ سۆزىنى بېرىپتۇ. لېكىن بۇ ئايالنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرى، رېستۇران ۋە دوقمۇش - دوقمۇشتىكى مېھمان- سارايلاردا قانچە خۇتۇن ئېلىپ كەتكەندۇ؟ ھېلىقى ئادەم رەسمىي سورۇنلاردا 40خۇتۇن ئالغانلىقىنى جاكا قىلالىغان بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇنداق گەپنىڭ بىر يەردە چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاق -جالاق يۈرمىگەنمىدۇ؟ دۇرست. ئىنسانلارنىڭ ئىشى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. سەن مەلۇم شەكىلنى خالىمىساڭ، ئۇ يەنە بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋېرىدۇ. ئىجتىمائىي جەمئىيەت تارىخلار مابەينىدە روياپقا چىقارغان روھىيەت ۋە تۇرمۇش مۈكەممەللىكىنى تەرك ئەتسەڭ، ئەجدادلار تېتىغان ئاچچىق  ساۋاقنى ئەۋلادلارنىڭ پىشانىسىگە يازىسەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

مەرھۇم تېبابەت ئالىمى ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنىڭ مۇنداق بىر گېپىنى ئاڭلىغانىدىم:  ياش ۋاقتىمدا يۇرتنىڭ بەرگەن ئاش -تۇزىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن كېرىيىنىڭ يېزىلىرىدا ئۆيلىرىگە ئۆزۈم بېرىپ نۇرغۇن نامراتلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدىم. خالىس قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىم نۇرغۇن. بىر تىيىن پۇلى يوق سەكراتتىكى كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاپ ساقايتتىم. كېيىن ۋەزىيەت يامانلاشتى. بىزلەرگە قالپاق كىيگۈزۈپ كۈرەش قىلغىلى تۇردى. كۈرەش قىلغانسېرى تىللايدىغان ئادەم جىقلاپ كەتتى. ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى دەل مەن داۋالاپ ئۆلۈمدىن بېرى قىلغان نامراتلار بىر سېۋەتكە تېرەك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئۆرۈك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئالما غازىڭى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇنسۇر ئەمگەكچى خەلقنى ئات -ئۇلاغ ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېيىشكە قىستىغان، دەپ شۇئار توۋلاپ، ئۇرۇپ ھالىمنى قويمىدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىدە ھەممە ئۆيلەردىكى ھەدىلەر ئەتىگەندە ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈپ سۇ چاچاتتى. بىز مەكتەپكە ماڭغاندا ھەممە ھويلىلارنىڭ ئالدى پاكىزە سۈپۈرۈلۈپ، سۇ چېچىلىپ بولغان بولاتتى. ئويلىسام بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئادەت شالاڭلىشىپ ياكى ۋاخچىلىشىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا كاللامغا ئاجايىپ غەيرىي بىر تېزما زاھىر بولدى. مومام ئەتىگەندە ناماز ئۆتەيتتى، ھويلا ئارامنى سۈپۈرەتتى. ئاپام ھويلا-ئارامنى سۈپۈرىدۇ، ناماز ئۆتىمەيدۇ. سىڭىللىرىم ھويلا -ئاراملارنىمۇ سۈپۈرمەيدۇ، نامازمۇ ئۆتىمەيدۇ. ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىدۇ. توۋا، بۇ قانداق گەپ؟

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

- بايدا نەچچىلىك ئادەم بار؟ - مەن يېنىمدا كېتىۋاتقان دېھقاندىن سورىدىم.
- نەچچە ئادەم بارلىقىنى نەدىن بىلىمىز ئۇكام، بىز خەقلەرنى ساناپ يۈرمىسەك.
    راست بۇ ئادەم نېمە بىلسۇن، ئۇ پەقەت تاسادىپ پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقان بالىلىرىنىڭ قوي كالىلىرىنىڭ سانىنى، كۆز ئالدىدىكى نەق ئىشنىڭ غېمىنى قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىنى بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتە. ئەمما بۇ گەپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇشۇنداق ئېيتىلامدۇ ياكى ئاشۇ ھاجەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر ئوي راستىنلا ئەھمىيەتسىز نەرسىمۇ؟ ئويلىسا بۇمۇ ئاجايىپ بىر ئىش. قوي، كالا پەقەت ئۆزىنىڭ قورسىقىنىلا ئالىيراق بولغاندا بالىلىرىنىڭ قورسىقىنىلا بىلىدۇ. بۇنىڭدىن خاپا بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى كەڭلىك شۇنچىلىك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، ئۆز  تائىپىسىدا باراۋەردەك قىلغان بىلەن تىك تىزمىدا ھېچنېمە ئەمەس.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: داۋۇت ئوبۇلقاسىم

قېنى تورداشلار، چوڭ ئانا-مومىلىرىمىزدىن ، پىشقەدەملىرىمىزدىن ئاڭلاپ ئېسىمىزدە قالغان ساقلىققا ئائىت ماقال-تەمسىل، ئىديوملارنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقايلى!!!

سوغۇق كېسەلگە چىندىن دورا ئەپكەلگىچە ئۈلگۈرەر،
ئىسسىق كېسەلگە ساندۇقتىكى دورىنى ئالغىچە ئۈلگۈرمەس.

چىش ئاغرىقىنى كىشى كۆرمەس، چىش ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس.
..............................................................................

[تەپسىلاتى]


<<قاراشىپاخانا>>نىڭ ئچكى ئەھۋالى
بۇ قانداق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى؟
لاڭخۇ ئامبۇلاتوريىسىنىڭ جىگەر كېسىلى بۆلۈمىدە يەنە بىر تەييار تاپ ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بارلىققا كەلدى. كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئادەمگە ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرگۈچىنىڭ جىگەر كېسىلى، جىنسىي كېسەللىك، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كېسەل كۆرگەن<<ئۇستا دوختۇر>> ئىكەنلىكى؛ ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ساپ جۇڭگۇ تىبابىتى دورا كاپسۇلىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دانچىسىنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت غەرب تېبابىتى دورا كاپسۇلىنىڭ قېپى قاپلانغان ساختا دورا ئىكەنلىكى؛ قان تومۇرىغا سېلىندىغان ئاسما ئوكۇلنىڭ چەتئەللەردە قورا-تاراغ، ئوق-دورىدىنمۇ قاتتىق تىزگىنلىدىغان، ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئانتىبىئوتىك ئىكەنلىكى ئەلۋەتتە مەلۇم ئەمەس. خوجايىننىڭ ئامبۇلاتورىيىنى قانداق باشقۇردىغانلىقى ۋە تىزگىنلەيدىغانلىقى، دوختۇر،سېستىرالارنىڭ ئۇنىڭ دورىلىرىنى ساتقۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىمارلارغا
تېخىمۇ ئايان ئەمەس.
ۋاڭ خوجايىن كەلدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئاپتۇرى شى جى،ليۇ شيەنگاڭ غوجا ئەخمەت يۇنۇس تەرجىمىسى


    قارىغۇ ، گاس ، گاچا ھالەتتە ياشىسىمۇ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ مول نەتىجىلەرنى يارىتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئامرىكىلىق خېلىن كېللېرنىڭ << كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى Three Days to See >> ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىكى پاك ، سەمىمىي تىلەكلەرنى ئۇقۇيدىغان بولسىڭىز ئىنسان ئۈچۈن كۆزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ۋە ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇققان ، دوست يارەنلەرنىڭ جامالىنى كۆرۈش ،تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ تەسىۋىرلىگۈسىز لەززەت ئىكەنلىكىنى، كۆز رۇشەنلىكىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن زور بەخت ئىكەنلىكىنى ھەم ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن كاتتا نېئمەت ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يىتەلەيسىز .
ئۇ تاسادىپىي مۆجىزە يۈز بېرىپ كۆزى پەقەتلا ئۈچ كۈن ئېچىلسا قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ ، سىز - بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى چىكىپ ھاياتنى سۆيۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەر قاچان سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ . خوش ، ئۇنداقتا نۇرلۇق كۆزلىرىڭىز 80خالتا بلوگىمىزغا يوللانغان تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولغاي!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۆز