ساقلىققا ئائىت ماقال-تەمسىللەر [ئەدەبىي تەرمىلەر]


سوغۇق كېسەلگە چىندىن دورا ئەپكەلگىچە ئۈلگۈرەر، ئىسسىق كېسەلگە ساندۇقتىكى دورىنى ئالغىچە ئۈلگۈرمەس.

ھەسەل،
يەپ تۇرساڭ بولمايسەن كېسەل.

ھەر كىم قىلسا سەھەردە ناشتا ،
كېسەل تۇرماس ھەر قانداق باشتا.

چىش ئاغرىقىنى كىشى كۆرمەس، چىش ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس.

چىۋىن دېگەن مەينەت نېمە، ئۇ قونغاننى يۇماي يېمە.

تەن ساقلىق — تۈمەن بايلىق.

تەننىڭ ساقلىقى — جاننىڭ راھىتى.

تۇغۇلغان ھېساب ئەمەس، توختىغان ھېساب.

تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز (يالا).

پاكىزلىق ھەسەل، مەينەتلىك — كېسەل.

جان بار يەردە قازا بار.

جان راھىتى تەن بىلەن، تەن ساقلىقى پەم بىلەن.

چۈشتىكى ئۇيقۇ، پادىشاھلىقتىن ئەلا.

چېچەكتە چېكىلمىگەن، قىزىلدا ئۆلەر.

چىش دورىسى ئامبۇر، ئۆپكە دورىسى چامغۇر.

چىش ئاغرىقى سوغۇق، قورساق ئاغرىقى پوق.

دەرد باشقا، ئەجەل باشقا.

دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى ئالۇر، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى (ئالۇر).

ساپ ھاۋا، تەنگە داۋا.

ساغلام تەندە، ساغلام ئەقىل.

ساياھەت قىلساڭ، سالامەت بولىسەن.

سامساق، تېنىم ساق.

سەھەر شامىلى يۈرەككە دەۋا.

قان چىقتى — جان چىقتى.

تۇغۇتتا يا جان چىقىدۇ يا بالا(چىقىدۇ).



[Birzat بۇنى 2010-06-20 04:06 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.