ھەكىملەرنىڭ ئىنسانلار ساقلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېغىزلىق نەسىھەتلىرى



ھەكىملەرنىڭ بىر قارارغا كېلىشىچە، ئادەمنىڭ جان-تېنىگە تۆت نەرسە چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ:
(1) كۆپ يەپ-ئىچىش
(2) كۆپ سۆزلەش
(3) كۆپ جىما قىلىش.
(4) كۆپ ئۇخلاش
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىنسان ئۈچۈن ئاز يەپ، ئاز ئىچىشتىن پايدىلىقراق دورا يوق.
ئادەم كۆپ يېسە، كۆپ ئۇخلىسا يۈزى ساغىرىپ كېتىدۇ،بەدىنى ئاجىزلىشىدۇ، كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ ۋە قاپاقلىرى ئىششىيدۇ.
جىمانىڭ كۆپ بولىشىمۇ ئىنسان ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. بۇنداق ئادەمنىڭ ئەزالىرىدا سۇسلۇق پەيدا بولۇش بىللە، يۈرىكى ئاجىز، مەيدىسى زەئىپ، كۆزلىرى خىرە، چىرايى سارغايغان بولىدۇ.
كىمكى كۆپ سۆزلىسە، بۇنىڭدىن مېڭىگە نۇقسان يېتىدۇ. سەۋدايى بولۇپ تىز قېرىيدۇ.
ھەكىملەرنىڭ ئورتاق پىكرىچە: ئاز يېيىش، ئاز ئىچىش ۋە لايىقىدا ئۇخلاش ئىنسان بەدىنىگە سالامەتلىك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق يول تۇتۇلسا، تاماق ياخشى ھەزىم بولۇپ، بەدەنگە سىڭىدۇ. بەل قۇۋۋەتلىك، كۆز روشەن، كۆڭۈل يورۇق، ئۆزى خۇشخۇي، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى مۇستەھكەم بولىدۇ.
جالىنۇسنىڭ ئېيتىشىچە: كىمكى ئىسسىق ھاممامغا چۈشۈپ، بېشىدىن بەك ئىسسىق سۇ قۇيىۋەتسە كۆزىگە زىيان يېتىدۇ. ئەمما يېڭى سېغىۋىلىنغان سۈتنىڭ ئىسسىقلىقى دەرىجىسىدە ئىسسىق سۇ باشتىن قۇيۇلسا مېڭىگە پايدىلىق ۋە مېڭە قېتىقىنىڭ زىيادە بولۇشىغا يارىدەم قىلىدۇ. باش سۆڭەكلىرىگىمۇ پايدىلىقتۇر.
سوقراتنىڭ ئېيتىشىچە: كىشى قورۇلغان گۆش يەپ،كەينىدىن سۇ ئىچسە، ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ ۋە تائامنىڭ ھەزىم بولىشى قىيىنلىشىدۇ.كىمكى تاماق يەپ دەرھال ئۇخلىسا،ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆزىنى تولىمۇ ئېغىر ھىس قىلىدۇ ۋە مەيدە فەساد بىلەن تولىدۇ. ئادەم ھەر كۈنى ئاز مىقداردا كىشمىش يەپ بەرسە، بەلغەملىك يۆتەل تۈگەيدۇ. كىشمىش بەدەندىكى سەپرانى قوغلايدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ.
ھەكىملەرنىڭ ئورتاق پىكرىچە: تۆت نەرسە ئادەمنىڭ يۈرىكىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ:
(1) سايە يەرگە قاراش.
(2) ئېقىن سۇغا قاراش .
(3) چىرايلىق خەتكە قاراش.
(4) گۈزەل چىرايغا قاراش.
تۆت نەرسە كۆزنى خىرەلەشتۈرىدۇ:
(1) يالاڭ ئاياغ مېڭىش.
(2) دۈشمەن يۈزىنى كۆرۈش.
(3) كۆپ يىغلاش.
(4) قاراڭغۇغا ۋە ئاق نەرسىگە كۆپ قاراش.
تۆت نەرسە ئابروينى تۆكىدۇ ۋە كەيپىياتنى بۇزىدۇ:
(1) يالغان سۆزلەش.
(2) چوڭلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش.
(3) ھەددىدىن ئېشىش.
(4) تەكەببۇرلۇق قىلىش.
تۆت نەرسە ئابروينى زىيادە قىلىدۇ ۋە ياخشى كەيپىيات بېغىشلايدۇ:
(1) ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.
(2) لەۋزىدە تۇرۇش.
(3) ساخاۋەتلىك بولۇش.
(4) ئەل بىلەن ئىناق ئۆتۈش.
ھەكىملەرنىڭ نەقىل قىلىشلىرىچە: ئەقىل مېڭىدە، لەززەت مەيدىدە، كۈچ قولدا، غەزەپ ئۆتتەدۇر. يۈرەك – قاننىڭ ئۆيى، ئۆت – سەپرانىڭ ئۆيى، كۆڭۈل – نۇرنىڭ ئۆيى، تال – بەلغەمنىڭ ئۆيىدۇر.
كىمنىڭ يۈرىكى ساغلام بولسا يۈزى قىزىل، ئۆزى تەندۇرۇست بولىدۇ. يۈرىكى ئاجىز بولسا يۈزى سېرىق بولىدۇ. كىمنىڭ ئۆتى كۈچلۈك بولسا ئۆزى خۇشچاقچاق بولىدۇ.



[Birzat بۇنى 2012-12-19 10:52 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆپ جىما، ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.