تويدىن كىيىن بالىلىق بولۇشتا ئارسالدى بولماڭ! [تۇرمۇش]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم، سىلىدىن يولدىشىمنىڭ كېسىلى توغرىلىق مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم. مەن ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ 29 ياشتا يۇرتتىن يىراق بىر جايدا توي قىلدىم. يولدىشىم بىلەن ئىلگىرى بىر بىرىمىزگە ئاشىق بولۇشۇپ، بىر قانچە يىل يۈز كۆرۈشمەي توي قىلغان. بىراق، توي كۈنىدىن باشلاپ تاكى بىر ئىككى يىلغىچە يولدىشىمنىڭ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن (بالا ئالدۇرىۋېتىشىڭىز سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق، شۇڭا ھازىرچە بالا بولماسلىقى ئۈچۈن بىللە ياتمايلى دېگەنتى)، بىز ئەر-خۇتۇنلۇق تۇرمۇشنى ئۆتكۈزمىدۇق، ھەتتا ئايرىم ئۆيدە ياتتۇق. مەن توينىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر ئاز ھاياجان بىلەن نىپىز كىيىم كىيگىنىمدە يولدىشىمدىن ئىزا ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن، گەرچە بىرگە بولۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلساممۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىن كەلمىدىم... كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتتى. توي قىلىپ 2 يىلدىن كېيىن بىرگە بولايلى دېگەن ۋاقتىمىزدا يولدىشىم «بولالمىدى». دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: قىزلىق پەردىسى قېلىن ئىكەن، ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتەيلى دېدى. ئوپىراتسىيە قىلىدىغان دوختۇر ئەركىشى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن قوشۇلمىدىم. ئاساسىي سەۋەپنىڭ يولدىشىمدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. يولدىشىمنى داۋالىنىڭ دەپ ھېرىپ كەتتىم، ئۇ بەك گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. ئاتا-ئانامدىن يىراقتا بولغانلىقىم، يېنىمدا يولدىشىمدىن باشقا ھەمراھىم بولمىغانلىقى ھەم بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىشلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىر ئىمتىھانى (زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئىمتىھانغا)، مەن جۇپلىشىش ئۈچۈنلا بىر يەرگە كېلىدىغان ھايۋان ئەمەس ... دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ سەۋرى قىلدىم. مانا ھازىر بىز توي قىلغىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. مەن ھازىرغىچە شۇ ق.. پېتى تۇرۇپتىمەن. باشقا ئاياللارنىڭ كىچىك ئوماق بالىلىرىنى كۆرسەم، ھەۋەسلىنىپ تۇرالماي قالىمەن. بىر پەرزەنتىم بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن. ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم، يولدىشىم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمان. مەن يولدىشىمنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىرزات ھەكىم سىلىنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىپ يەتتىم. ئۇ ئەسلى ئۇزۇن يىل قولدا لەززەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قاپتىكەن. ئەمدى 35 ياشقا كىرگەن يولدىشىم بەك تۇلا ئىھتىلام بولىدۇ، سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق. مەن نەسىھەت قىلىيۋېرىپ ھېرىپ كەتتىم. سىلىنىڭ ئانانىزىم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى ئوقۇتقان ئىدىم، ھازىر ئانانىزم قىلىشتىن بىرئاز توختىغاندەك. باشقىلار يولدىشىمغا «نېمىشقا بالاڭلار بولمايدۇ؟ بەك بولمىسا نەيچە ئارقىلىق ھامىلىلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭلار» دەپ يول كۆرسىتىپتىكەن، ئاياللار توغۇت بۆلۈمىگە باردۇق. دوختۇر ئايال مېنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يولدىشىمنىڭ تەكشۈرتۈشى كېرەكلىگىنى، ئىسپىرما، ھورمۇن قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئىسپىرمىسى ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە نورمال، ئەرلىك ھورمۇن يېتەرسىز... دېگەندەك دىئاگنۇز قويۇلدى. مەن سۇنئى ھامىلىلەندۈرۈشكە قوشۇلمىدىم. چۈنكى بۇنداقتا ئىقتىسادىي چىقىم كۆپ بولۇپ كەتسە، مەن بالا بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئىشلىيەلمىسەم، يالغۇز يولدىشىمنىڭ كىرىمى بىلەنلا بۇ ئائىلىنى قامداش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇنداق ياشاش ئازابلىق بولسىمۇ مەن يەنىلا سەۋر قىلىمەن. ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم: سىلىدىن سورايدىغان سۇئالىم، بۇ يەردە سىلى دېگەن ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دورىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كەپتەر، قۇشقاچ گۆشلىرىنى يېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئەرلىك ئەزا يىگىلەش، مەنى بالدۇر كېتىش، ھىسسىيات بولماسلىقنى تەبىئىي ئۇسۇلدا يەنە قانداق داۋالاش مۇمكىن؟ ئاخىرىدا سىلىنىڭ ئانانىزم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ بىزگە كۆپ پايدىسى بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش، يېڭى توي قىلغانلارنىڭ بىزدىن ئىبرەت ئېلىشى، بالا توغرىسىدا قورقماي ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىش، سىلىگە، ئائىلىرىگە ئوماق ئوغۇللىرى ئۆمەرجانغا ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت تىلەش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئاللاھقا ئامانەت. ھۆرمەت بىلەن: تۇرسۇنئاي



جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تۇرسۇنئاي خانىم. سىلىنىڭ ماڭا ۋە بارلىق ياش تورداشلارغا يارىماس ئىللەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچچىق ئىبرەتلىك ھەم خەيرىلىك تىلەكلەر بىلەن يوللىغان مەكتۇبلىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەيپكە بۇيرىمىغايلا! شۇ تاپتا سىلىگە ۋە ئائىلەڭلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك قۇۋۋەت ئوزۇقلىرىمىز بولمىغان شارائىتتا ھېچقانچە پايدىلىق تەكلىپ بىرەلمەيدىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ ئەرلىرىنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلسىلا:
1.يولداشلىرى ئىيمان -ئىتقادلىق مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەت ھەم مەسئۇلىيتىنى تونۇپ يېتىپ سىلىنىڭ ھەققىلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئانانىزىم ئادىتىدىن قەتئىي قول ئۈزۈشى كېرەك. بولمىغاندا سىلەرنىڭ ئائىلىنىڭ كەلگۈسىگە ۋە ئۇ كىشىنىڭ ھاياتى - ساغلاملىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.
2.سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن قەتئىي پەرھىز تۇتۇپ كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
3. ئەتتىگەن كەچتە ھەر خىل تەنتەربىيە ھەركەتلىرى ئارقىلىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنى ئادەت قىلىشى كېرەك.
4. زەيتۇن يېغىنى تاپالىشىڭىز مومكىن. ئەرلىك ئەزانىڭ خەتنىلىك ئۇچىدىن باشقا ئەتراپىنى ، دوۋساق تەرەپلەرنى قوشۇپ مايلاپ ئاپتاپقا قاقلاپ يېنىك ئۇۋلاپ ، ئىشقاپ بەرسە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا يەنە قايتا ئانانىزىم قىلىپ قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى زۆرۈر. زەيتۇن يېغىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى : Olive Oil خەنزۇچە: ( 橄榄油 (gan lan you
___________________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: توي، قىز، ئانانىزىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما阿不都热和曼[2012-04-12 12:53 AM | del]
1تىلفۇن قىلىڭ  تىۋىپ  15109908815      
回复قايتۇرماoyhan[2012-02-05 00:49 AM | del]
،مەن قانداق قىلسام يولدۇشۇمنى ئۆزۈمگە قارىتالايمەن،   مەنگە        جاۋاپ  سىز  خاتا چۇشەنمەي  مۇنو  چچ  تۇپنڭ قۇشۇڭ   مەن پىسخكا جەھەتتىن  ياردەم قىلاي    303419967
回复قايتۇرمانۇرزىبائاي[2011-02-10 04:07 PM | del]
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىككى دۇنيالىق ئىمان،بەخت-سائادەت  ئاتا قىلسۇن،
回复قايتۇرماmusulman[2010-08-14 12:30 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!مەن توي قىلغىلى 10ئاي بولدى،لېكىن ھازىرغىچە بويۇمدا قالمىدى،يولدۇشۇممۇ،ئائىلسىدىكىلەرمۇ ھەممىسى ئۇقۇمۇشلۇق كىشلەر،لېكىن يولدۇشۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى ياشقا چوڭىيىپ قالغاچ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدۇشۇم ئۇلارغا بىرلا پەرزەنىت بولغاچ ئۆيدىلەر مېنى ھامىلدار بولالمىدى دەپ ئاغرىنىشقا باشلىدى،دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرقانچە قېتىم تەكشۈرۈتتۈم،ئۇرۇقتىن باشقىسىنى تەكشۈرۈتسەم نورمال چىقتى،(ئۇرۇقنى تەكشۈرۈتۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم)يولدۇشۇمنىڭ ئازراق مەزى بېزى ياللۇغى بارئىكەن،بۇ كېسەل بىزنىڭ پەرزەنىت كۆرشىمىزگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسى مايپىنسىلىن دەيدىغان بىرئوكۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مېنى ئۇردۇرۇپ بېقىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ،باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئوكۇلنى ھايۋانلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدىم،ئۇلارغا چۈشەندۈرسەممۇ ئەكىس تەسىرى يوقلىقىنى دەپ تۇرىۋالدى،ھەمدە ئۇنى ئۇردۇرمىسام يىدىفېن (乙底酚)دېگەن ئوكۇلنى بالياتقۇنى ياخشىلايدۇ دەپ ئۇردۇرشۇمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ،شۇ ئوكۇللارنى ئۇردۇرسام بولامدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەت قالايمىقان كېلىۋاتىدۇ،16```20كۈنگىچە ئادەت  كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم،رەنجىمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.