ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: تۇرمۇشكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

جان ئوت، جان ئەر...

ئائىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئانچە-مۇنچە كىلىشەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئەر ياكى ئايال بولمايدۇ. ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئانچە-مۇنچە ئەيىپ نۇقسانلىرىمىز بولىدۇ. قىز بالا ئېرىدىن قېيداپ ئۆيگە يامانلاپ كەلسە كۈئوغۇلنىڭ تەڭ تىللىشىپ بەرمەي چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇلۇق ئىكەن. كۈيئوغۇلنىڭ ئانچىكى نۇقسانلىرىنى دەپ قىز بالىغا گەپ ئۈگۈتۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالساق ياكى ئولتۇرغۇزىۋالساق بىر بولسا قىز بالا ئاتا-ئانىسىنى خىجىل قىلدۇرۇپ ئېرىنىڭكىگە قېچىپ بىرىۋالىدۇ، بىر بولسا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ.

تۆۋەندە خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن << جان ئوت، جان ئەر>> دېگەن ھېكايە :

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەر ئايال تۇرمۇش

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 8 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 6749

تۇرمۇش يولى مۇرەككەپ ھەم سىرلىق بولۇپ بۇنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل تالانىت ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇش تەجىربىسى مول كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشۈنۈشى ئاساسىدىكى خاتىرجەملىك  سالامەتلىكنىڭ كاپالىتىدۇر. لىكىن ئەر-خوتۇنلارنىڭ بۇ خىل خاتىرجەملىكنى بۇزىدىغان بىر-بىرىگە بولغان نارازىلىقلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئەرنىڭ نارازىلىقى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەر-خوتۇنلارنىڭ كىلىشەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەر

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 2953
يولدىشىمنى داۋالىنىڭ دەپ ھېرىپ كەتتىم، ئۇ بەك گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. ئاتا-ئانامدىن يىراقتا بولغانلىقىم، يېنىمدا يولدىشىمدىن باشقا ھەمراھىم بولمىغانلىقى ھەم بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىشلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىر ئىمتىھانى (زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئىمتىھانغا)، مەن جۇپلىشىش ئۈچۈنلا بىر يەرگە كېلىدىغان ھايۋان ئەمەس ... دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ سەۋرى قىلدىم. مانا ھازىر بىز توي قىلغىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. مەن ھازىرغىچە شۇ ق.. پېتى تۇرۇپتىمەن. باشقا ئاياللارنىڭ كىچىك ئوماق بالىلىرىنى كۆرسەم، ھەۋەسلىنىپ تۇرالماي قالىمەن. بىر پەرزەنتىم بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن. ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم، يولدىشىم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمان. مەن يولدىشىمنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىرزات ھەكىم سىلىنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىپ يەتتىم. ئۇ ئەسلى ئۇزۇن يىل قولدا لەززەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قاپتىكەن. ئەمدى 35 ياشقا كىرگەن يولدىشىم بەك تۇلا ئىھتىلام بولىدۇ، سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق. مەن نەسىھەت قىلىيۋېرىپ ھېرىپ كەتتىم. سىلىنىڭ ئانانىزىم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى ئوقۇتقان ئىدىم، ھازىر ئانانىزم قىلىشتىن بىرئاز توختىغاندەك.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: توي، قىز، ئانانىزىم

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 9193
ئوخشاش جىنىسلىق ئايال ئىشقىۋازلار ( lesbians ) روھىيتى ئېغىر دەرىجىدە كېسەللەنگەن،  ئاياللىق تەبئىتىنى يوقاتقان ئۆزىدىن ياتلاشقان <<ئەركەك-زەدەك>>لەردۇر. بۇلارنىڭ نۇرماللىقتىن غەيرىلىككە ئۆزگىرىش جەريانىدىكى پىسخىك ئۆزگىرىشى نۇرمال ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدۇ. بۇ يەردە  lesbians -لەسبىيان (ئوخشاش جىنسىلىق ئايال ئىشقىۋازلار) ھەققىدە ئارتۇق توختالماي. لىكىن بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىگە رەسۇللانىڭ << ئاياللار بىلەن ئاياللار، ئەرلەر بىلەن ئەرلەر بىر تۆشەك (ئورۇن، جاي، كارۋات) تە بىرگە ياتمىسۇن >> دېگەن ئاگاھلاندۇرىشىنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈم ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بەچچىۋاز، ئوخشاش جىنىسلىق ئايال ئىشقىۋازلار ( lesbians )

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 27 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 14229

ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىنىڭ كۆپىيىشى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىنمۇ تېز بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھېسسىياتى پاي چېكى بارىرىدىنمۇ ئۆزگۈرۈشچان بولىدۇ؛
ئاياللارنىڭ ئەڭ قاقشايدىغىنى ئەرلەرنىڭ ئۆيىگە قايتماي سىرتلاردا يۈرۈشىدۇر. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى ئەرلەرنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ كۆڭلىنىڭ سىرتتا بولىشىدۇر؛
ئەرلەر قانداق جان بېقىش ھەققدە توختىماي باش قاتۇرىدۇ. ئاياللار قانداق قىلىپ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن توختىماي گىرىم قىلىدۇ؛

[تەپسىلاتى]

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 2527
ئەر-خوتۇن جىنسىي ھېسيات مەسىلىسىدە كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟
مەن توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، لېكىن يولدىشىم بىلەن ھىسيات جەھەتتە كىلىشەلمەي ئاجراشماقچى بۇلۇپ تۇرۋاتىمىز، مىنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يولدىشىمدا دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەسلىھەت سوراپ بۇ ئويۇمنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلىپ باقاي دىگەن.
بىز توي قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرگە بۇلۇش ۋاقتىمىز شۇنداق قىسقا ھەتتا ئىككى مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ، يەنە دائىم مەندە ھىسيات قوزغۇلۇپ بولغۇچە يولدىشىم ئىشنى باشلاپ مىنى بەك بىئارامسىزلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. مەن توي قىلىپ ئەزەلدىن بۇ ئىشنى مەنىلىك ھىس قىلىپ باقمىدىم. ئەكسىچە باغانسىرى بۇ ئىشتىن سەسكىنىدىغان بوپ قالدىم، نۇرغۇن توي قىلغان ئۆزەم دىمەتلىك دوستىلىرىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام ئۇلار بىلەن ئۆزەمنى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنىدىغاندەك ھىس قىلىمەن. بۇ زادى مەندىكى پىسخىك ئاجىزلىقمۇ ياكى يولدىشىمدىكى ئەرلىك ئاجىزلىقمۇ؟ بۇنى 80خالتا تور بېتىدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۈرۈش ئارقىلىق بۇنى ئەرلەردىكى مەنىي بالدۇر كىتىش كىسىلىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنۇڭغا بۇ ئەھۋالنى ئىيتتىم بۇ ئۇققاندىن كىيىن ئۇمۇ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ئالتە ئاي ئەتراپىدا داۋالاندى، بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا بىزمۇ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتتۇق. لېكىن مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش. داۋاملىق قىلىدىغاننى قىلىپ پۇشۇلداپ ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يۇقۇردا ئېيتىقىنىمدەك ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپ بىللە يېتىشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھازىرغىچە ئەر-ئايال ئىككىمىز ئورۇن ئايرىپ يېتىۋاتقىلى 7-8ئاي بوپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇمۇ تەشەببۇسكار بولمىدى. ئاخىرى بېرىپ بىز ئاجىرىشىپ كىتىش باسقۇچىغا بېرىپ قالدۇق. لېكىن مەن بۇنداقلا بەل قۇيۋېتىشنى خالىماي ئۇنى يەنە داۋالىنىشىنى ئويلاپ قالدىم. مەسىلىھەت بەرسىڭىز :

[تەپسىلاتى]

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 13 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 5726