ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە مىسالى

كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولغىنىدەك ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم ئادىتىدىن قالغان جىسمانىي ۋە روھىي ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر جەريان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كېتىشى، دورا ئۈنۈمىنىڭ ئاستا بولىشىمۇ بىماردا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچنى سۇسلىتىپ تېخىمۇ پاسسىپ بولغان روھىي كەيپىيات تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خىلى يىللاردىن بىرى كۆپلىگەن ئانانىزىم خۇمارى سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ ھەر خىل ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولغۇچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ.

ئاسارەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكىچە لايىھە تۈزۈپ داۋالاش قىلغىنىمىزدا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىدا ئىلگىرلەش زور بولدى. بۇ خىل داۋالاش لايىھەسىدىن ئانانىزىمغا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلىنىپ قىلىپ قانداق قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بېشى قاتقان ۋە ياكى قالايمىقان دورا يەپ قويۇپ تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلار ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى ياش، ئۈگەنچى تېۋىپ-دوختۇرلارغا پايدىسى يېتىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. بۇ تېمىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئالاي دېسىڭىز چوقۇم 80خالتا بلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك:

" /> ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە - 80 خالتا بلوگى

ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە


ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە مىسالى

كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولغىنىدەك ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم ئادىتىدىن قالغان جىسمانىي ۋە روھىي ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر جەريان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كېتىشى، دورا ئۈنۈمىنىڭ ئاستا بولىشىمۇ بىماردا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچنى سۇسلىتىپ تېخىمۇ پاسسىپ بولغان روھىي كەيپىيات تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خىلى يىللاردىن بىرى كۆپلىگەن ئانانىزىم خۇمارى سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ ھەر خىل ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولغۇچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ.

ئاسارەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكىچە لايىھە تۈزۈپ داۋالاش قىلغىنىمىزدا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىدا ئىلگىرلەش زور بولدى. بۇ خىل داۋالاش لايىھەسىدىن ئانانىزىمغا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلىنىپ قىلىپ قانداق قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بېشى قاتقان ۋە ياكى قالايمىقان دورا يەپ قويۇپ تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلار ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى ياش، ئۈگەنچى تېۋىپ-دوختۇرلارغا پايدىسى يېتىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. بۇ تېمىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئالاي دېسىڭىز چوقۇم 80خالتا بلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك.

جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقل

ئانانىزىم ئادىتى ۋە ئۇنىڭدىن قالغان ئاسارەتلەرنى داۋالاش ھەققىدە قىسقى

شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش

ئانانىزىمدىن قالغان ئاسارەتلەرنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالىغىلى بولامدۇ؟

جىنسىي ئىستەكنى سۈئىي ئۇسۇللار بىلەن قانائەتلەندۈرۈش زىيانلىقمۇ؟

سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زېيىنى بار؟

ئەرلەردىكى نۇرمالسىز دەپ قارىلىدىغان نۇرمال ئەھۋاللار

.................................................................................

تۆۋەندىكىسى بىر بىمارغا تۈزگەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەم :

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن، مەن ئانانىزىم ئادىتىگە خۇمار بولۇپ قالغىلى 7-8 يىلچە بوپ قالدى، مەن بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم ، ھازىر مەندە مەنى تېز كېتىش ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھوزۇرلىنالماسلىق ، جىنسىي ھەۋەس سۇس بولۇش ، زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپ مەنى ئېقىپ كېتىش ، زەكەر يېگىلەپ قىسقا ھەم ئىنچىكە بولۇش، مەنى چىقماي تۇرۇپ زەكەر بوشاپ كېتىش ، كىچىك تەرەتتىن كېين سۈيدۈك تامچىلاش . قىستاش، پۇراش، بىسىمسىز، بەزىدە رەڭگى ساغۇچ ياكى مايلىق كىلىش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىش ، چات ئارىلىق ، تاشاق، دوۋساق يېقىمسىزلىنىش، قارچۇغۇمدا سارغۇچ سىزىقچىلار بار ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش ، بەل-پۇت تېلىش ھەم ئاغرىش ، پۇت قول، بەل ئىسسىماسلىق ، سوغۇق ھېس قىلىش ، ئۇنتىغاقلىق، زىھنى قۇۋۋەت تۆۋەنلەش قاتارلىق جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار. مۇشۇنداق كۆپ ساقسىزلىقنى ياخشىلاپ ساغلاملىقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نىسبەتەن ماڭا تەپسىلىي يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. ئۆزۈم بىلگەنچە بەزى بىر دورىلارنى يەپ باققانمۇ بولدۇم، لىكىن پايدا قىلغاندەك بىرەر ياخشىلىنىشنى ھېس قىلالمىدىم. ماڭا يۇقۇردىكى ئەھۋاللىرىمنى ياخشىلاش ھەققىدە بىرەر ئۈنۈملۈك رېتسىپ يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز!

سۇئال سورىغۇچى بىمارغا ئانانىزىم خۇمارىدىن تەل-تۆكۈس قول ئۈزۈپ، ئانانىزىم ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك توسالغۇلار بىرەر قۇر ھەل بولغاندىن كىيىن جىسمانىي ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويچە چارە كۆرىلىدۇ:

1.ئالدى بىلەن سۈيدۈك يولى، مەزى بېزى، بۆرەك-ئۇرۇقدان قاتارلىق ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالارنى تازىلاپ، توسالغۈلارنى ئىچىش، ياللۇق قايتۇرۇش، خىزمەت فونكىسيەسىنى تەڭشەش ئۈچۈن دورا قىلىنىدۇ. دورا ئىچىش جەريانىدا كۈنىگە ئىمكان بار بىر سائەت بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش(ھېچبولمىغاندا يەڭگىل يۈگۈرۈش ياكى تېز قەدەم بىلەن پىيادە ماڭىدۇ)، دوۋسۇن، چات ئارلىققا مەخسۇس تەييارلانغان دورىلىق مايدا مايلىنىپ ئۈستىدىن شور تۇزنى قىززىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. يېمەك ئىچمەكتە ئىمكان بار سېڭىشلىق، شورپىلىق تاماقلارنى يەيدۇ،ئۇسسۇلۇققا دورىلىق چېچەك ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئىرىتىپ ھەسەل سۈيى تەييارلاپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاچچىق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، تەستە سېڭىدىغان، زىيادە ئىسسىق، قورۇما تاماقلاردىن - پولو، كاۋاپ، توخۇ قوردىقى، كالا گۆشى قوردىقى، لەڭپۇڭ راڭپىزا، ھەر قانداق سوغۇق ئىچىملىك، قېتىق دېگەندەكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ.
2.باسقۇچ: بۇباسقۇچتىكى دورىلار 1-باسقۇچتىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ۋە بەدەنگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە قاراپ تۇرۇپ بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەرتىپلىك تۈزىلىدۇ. مەزى بېزى ۋە بۆرەك فونكىسيەسىنى تەڭشەيدىغان دورىلاردىن ئالدىنقى باسقۇچتا ئىشلىتىپ زۆرۈرىيىتى بولمىغانلىرى قالدۇرۇلۇپ زورۇر بولغانلىرى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدىغان، بۇزۇلغان خىلىت-ماددىلارنى پۇشۇرۇپ تازىلايدىغان، مېڭە، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالار فونكىسىيەسىنى ياخشىلايدىغان، قان تومۇرلارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان دورىلار قوشۇپ ئىشلىتىلىپ بىماردىكى مېڭە زەئىپلىكى ۋە روھىي قۇۋۋەتنىڭ كۈچلىنىشىگە ئاساس سىلىنىدۇ.
بۇ باسقۇچتىمۇ بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بىرىدۇ. زىيادە ئېغىر ئەمگەك،چارچاش، روھىي بىېسىملاردىن يىراق يۈرۈشى، ساياھەت ۋە باشقا ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مېڭىنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىرىلىدۇ. بەدەن ئورۇق بولسا ئەلا سۈپەتلىك خورما، بادام مېغىزى، ئەنجۈر مۇرابباسى، پاقلان گۆشى شورپىسى، دورىلىق چېچەك ھەسەل ياكى جىگدە چېچەك ھەسىلى قاتارلىقلار موھىم ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ. بىمار سېمىزرەك ياكى بەدەن ئېغىرلىق نۇرمال بولسا ياڭاق مۇرابباسى ياكى ياڭاق مېغىزى، ئاپتاۋى قىزىل ئۈزۈم، كەپتە باچكا شورپىسى، سەۋزە مۇرابباسى جىگدە چېچەك ھەسەل دېگەندەكلەر دورىغا يانداشتۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى دورىلارنىڭ ۋاقتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ 1-2 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ.
3. باسقۇچ: بۆرەك، پەي مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەر قايسى كاناللارنىڭ تۇتۇش، چېقىرىش ئىختىدارنى ياخشىلايدىغان ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى باسقۇچى بولىدۇ.
بۇ باسقۇچتىمۇ دورىدىن باسقا قوشۇمچە ئوزۇقلۇقلار ئاساسەن يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك بولۇپ بەل، بۆرەك ئۇدۇلى، دوۋسۇن، ئەرلىك ئەزا ئەتراپى بوزۇغا مېيى، ئالاھىدە تەييارلانغان زەيتۇن مېيى قاتارلىقلاردا مايلىنىپ ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى بىرىنجى باسقۇچتا ئېيتىلغاندەك شور تۇزنى قىززىتىپ مايلانغان ئورۇن ئۈستىگە يېقىلىدۇ. ئەرلىك ئەزا ۋە ئۇرۇقداننى بەكرەك قىززىتىۋېتىشتىن ئىھتىيات قىلىش كېرەك.
4.باسقۇچ: ئانانىزىم ئادىتى سەۋەبىدىن ئەرلىك ئەزا، جىنسىي توقۇلمىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ياكى توقۇلمىلاردا پالەچلىنىش كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن يىتەرلىك قان تولۇپ قايىم بولالمايدىغان، ئەرلىك ئەزا كىچىكلەپ كېتىش، مايماق بولۇپ قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە كۈچسىز بولۇش دېگەندەكلەرگە مەنپەئەتلىك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ سېرتىدىن مۇناسىپ مايدا مايلىنىپ بىرىش، ئۇزۇقلۇقنى تەرتىپلەش بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بۆرەك ۋە ئەرلىك ئەزانى سېمىرتىدىغان،مەنىي كۆپەيتىپ ئۇرۇقنىڭ سانى ۋە ھەركەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ باسقۇچلۇقتىكى دورىلار تەخمىنەن 2 ئاي ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بىمارنىڭ ھەزىم سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالاردا مەسىلە بولسا ئاۋۋال شۇنىڭغا چارە قىلىش ۋە كىيىنكى داۋالاش جەريانىدىمۇ ئىشلىتىۋاتقان دورىلارنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرىنى ئويلىشىپ جانلىق چارە كۆرۈش كېرەك!




[Birzat بۇنى 2013-11-18 01:58 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خۇمار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماxohlan[2014-06-06 01:04 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندىم ياخشىمۇسىز ،مەنمۇ يۇقارقى دوسلارغا ئوخشاش ئانانىزىمغا خۇمار بولۇپ قالغان
3 - 4 ئايچە بولۇپ قالدى ،مەن بۇئشتن ئۆزۈمنى ئاستا ئاستا تارتىۋاتىمەن .لىكىن بەل تىلىپ ئاغرىش
بەدەن جانسىز ،ئۇيقۇ كۆپ ،ئىش خوش ياقمايدىغان ،ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى .شۇڭا سىزدىن قانداق قىلغاندا
بۇ ئەھۋاللاردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلغىلى بولدىغانلىقى ھەققىدە سەمىمى ياردەم سورايمەن .
بىلگىنىڭزنى بىزدەك ھاماقەتلەردىن ئايمىغايسىز.
回复قايتۇرماkarakax[2014-01-27 09:01 PM | del]
ەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئاكا سىز بىلەن پاراڭلاشسام بۇلاتتى .. مەنمۇ شۇ ئانانىزىغا كۇنۇپ لېكىن ھازىر ئۈزۈمنى تاتىۋاتىمەن شۇڭا مۇشنىڭغا قارتا ماڭاياردەم قىلسىڭىز   سىرتتىن مايلايدىغان ماي قاندا ماي
回复قايتۇرماBBBB521[2014-01-26 05:45 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ مەنمۇ ئانالىزىمغا خۇمار بوپ قېلىپ ھازىر ئۈزەمنى تارتتىم ، ئىككى -ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم ئۇرۇق ياللۇغلىنىپ قاپتۇ دىگەن ، ھازىرغىچە ئۇنىڭغا قارتا داۋالاش ئېلىپ بارمىدىم ، شۇڭا قانداق داۋالاش ئېلىپ بارسام بولا ، ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى . ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت ئېشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.