سېنگاپور سەھەر بىرلەشمە گېزىتى ساغلاملىق سەھىپىسى خەۋىرى: ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى دائىم ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىينىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، قىسمەن بىمارلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان ئۈچىيى بىئارام بولۇش، چىشى ئاغرىش، كۆكسى چىڭقىلىش، سەمىرىش، ئاق خۇن كۆپىيىش ۋە ھەيز نورمالسىزلىشىش قاتارلىق كسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەنە ئەمچەك راكى، بالياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئاساسلىق رولى تۇخۇم چىقىرىشنى چەكلەش ھەمدە بالياتقۇ بوينى يېپىشقاق سۇيۇقلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىسپىرمىنىڭ ئۆتىشىنى تەسلەشتۈرىدۇ، ياكى بالياتقۇ بېزىنىڭ گلوكوگىن ئىشلەپ چىقرىشىنى ئازلىتىپ، خالتىلىق تۆرەلمىنى ياشىيالماس قىلىپ قويىدۇ، ياكى بالياتقۇ ۋە ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ پائالىيەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىدىن كۆپ قولايلىق، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، ئەمما قايسىلا خىلدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسۇن، ئاياللارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنداقتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيانلىرى ئاساسلىقى ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان ئۈچىيى بىئارام بولۇش، باش ئاغرىش، كۆكسى چىڭقىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى سەل ئېشىپ كېتىش، نېرۋىسى جىددىيلىشىش، كەيپىياتى سۇسلىشىش، ھەيز نورمالسىز بولۇش، تېرىسىدە ئاسانلا قارا داغ ۋە دانىخورەك قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەنە ئەمچەك راكى، بالياتقۇ بوينى راكى، جىگەر بېزى ئۆسمىسى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەيز نورمالسىز بولۇشنى ئادەتتە نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس ھەمدە تۇخۇمدان، بالياتقۇنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر قىزلار ئىچكى ئاجراتما، كۆپىيىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلگەن چاغدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېسە، ئۇلارنىڭ تۇخۇمدىنى، بالياتقۇسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇخۇمدان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا تۇخۇمدانغا كاشىلا قىلىدىغان بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىشنى چەكلەش ئارقىلىق ھامىلىدار بولۇشنى توسايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت يېگەندىن كېيىن، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىشىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشتە ئېھتىيات قىلىش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاساس قىلىش، مېڭە قان تومۇر ياكى يۈرەك تاجىسىمان تومۇرى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ساقايمىغان، دىئابىت كېسى ھەمدە قان تومۇرىدا چاتاق بارلار، 35 ياشتىن يۇقىرى ھەمدە تاماكا چېكىدىغانلار، ھامىلىدار بوپ بولغانلار ياكى ھامىلىدار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلار، جىگەر كېسىلى، ئۈچىيىنىڭ سۆمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ئاياللار ھەرگىزمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېمەسلىكى كېرەك. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان (شەقىقە)، ھەيز ئاز، خامۇشلۇق كېسىلى بارلار زۆرۈرىيىتى بولمىسا ئامال بار يېمەسلىكى كېرەك.
يۇقىرىدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيىنى تونۇشتۇرۇلدى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتمەكچى بولغان ئاياللار ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ بەدەن تەكشۈرۈتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىشى كېرەك. ھەمدە دورىنىڭ چۈشەندۈرىشىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىستىمال قىلىشى، يېيىش ئۇسۇلى ياكى مىقدارىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنىمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
______ 80خالتا بلوگى ئۈچۈن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
80خالتا بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسىتىمىزسىز كۆچۈرۈش كويىدا بولماڭ!